ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 13:43
ئەلقىزى خانىم. توغرا ئېيتىسىز. تىزىملىكتىكى كىشىلەر ھە ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇيغۇران:
مەن سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى پىسەنتىمگە ئالمىغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە ۋاقتىم يار بەرمىگەچكە زۆرۈر ئىكەنلىكىنىلا دەپ قويغان. بىر تال ۇرنالنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىر كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىڭىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ «بۇلاقكۆل» ژۇرنىلىدىن بىر نۇسخا قولىڭىزغا ئېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ. شۇندىلا بۇ ژۇرنال ئۈچۈن مېننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ئازراق بولسىمۇ ھۆرمەتلەپ قويىشىمىزنىڭ لازىىملىقىنى چۈشەنگەن بولاتتىڭىز ھەم بۇ گەپنى دېمىگەن بولاتتىڭىز.«تەھرىر» ،«مۇھەررىر» نىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەم بۇ يەردە مالايلىق قىلىپ يۈرمەيدۇ.
شۇ خالس مېھنەتكەش ئۇستازلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق بىر شارائىتنى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھەم مۇشۇ ژۇرنال ئۈچۈن ئەتراپتىكى ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئىزدىنىۋاتقان، ژۇرنالغا ئەجرى سىڭگەن ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭمۇ ئەمگىكىگە ھەم ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن،تۆت سان ژۇرنالدا تىلغا ئېلىنغان تەھرىر ھەيئەت، مۇھەررىر،..ئاتالغۇلىرىنى ئۆزگەرتمەي، ئېلىۋەتمەي ئۆز تەرتىپ ۋە ئىسىملىرى بىلەن بېرىپ قويدۇق. بۇنىڭ ھېچكىمگە تاقىشىدىغان، بىراۋلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ھېچيېرى يوق.