ئىگىسى: ئەلقىزى

ئەلقىزى: «يازغۇچىلار ئاۋازى!» 9-سان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-5-25 17:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقتىمۇ يەنە قۇسۇر تاپقۇم كەلدى.

باش يېتەكچىلەر: ئازات سۇلتان
                       غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
                      مۇھەممەت ھوشۇر
                      مەتتۇرسۇن ئەلى

سەنئەت يېتەكچىسى: مۇھەممەت ھوشۇر
                              ئەلقىزى
باش مۇھەررىر: تۇرسۇن توختى ئاتاۋۇللا
مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلەر:
                          ئابدۇللا مەتقۇربان
                          ئابدۇسالام مۇھەممەت بەگزات

تەھرىر مۇدىرى: ئابدىشۈكۈر موللەك يۈرچى

مەسئۇل تەھرىرلەر: ئوسمان ئىسمايىل تارىم
                          ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەت
                         زەمىر سەئدۇللازادە
                         نىجات ھاشىم

ھەيئەت تەھرىرلەر: تۇرسۇنجان مەھمۇت
                            ئاينۇر مۇھەممەت
         
سەنئەت نازارەتچىسى:
                              مەسئۇل مۇھەررىر :
                     ئەلقىزى

باش مۇھەررىر: كىۋىر ھېمىت


________________________________________

مۇشۇنچىۋالا ئادەمنىڭ بۇ پائالىيەتتە نېمە زۆرۆرىيىتى؟ تىزىملىكتىكى مۇشۇ ھەممە ئادەمنىڭ  بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بولۇشى ناتايىن. بۇ بىر شەكىلۋازلىقمۇ قانداق؟ يەنە كېلىپ مۇھەررىردىن نەچچىسى، تەھرىردىن نەچچىسى بار ئىكەن. بۇ قانداق گەپ؟ تەھرىر دېگەن نېمە قىلىدىغان ئادەم؟ باش مۇھەررىر نېمە قىلىدۇ؟ تەھرىر مۇدىرى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلەرچۇ؟ ھەيئەت تەھرىرلەرچۇ؟ ئۇيغۇردا دوپپىنىڭ خىلى كۆپ، ئەمدى بۇ دوپپىلارنى بۇ يەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويمىساق قانداق؟ژۇرناللىرىمىزنىڭمۇ مۇندەرىجىسىدە تەھرىر ھەيئەتلەر دەپ بىر تىزىملىك بېرىلىدىكەن، ئازلىرىدا 7-8 ، كۆپلىرىدە يىگىرمە نەچچە. مۇشۇ ئادەملەرنى مۇندەرىجىگە زورمۇ زور تىزىپ قويۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ياكى «تۇرپان» ژۇرنىلىدەك پەقەت ژۇرنالغا ھەقىقىي ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرنىلا يازسا بولىۋېرەتتىغۇ.

ۋاقتى: 2014-5-25 17:24:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئارقىلىق مەكتىپىمىزگە ئاتاپ مەخسۇس سان ئىشلىگەنلىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى!

دىلشات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-5-25 17:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-5-25 19:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرلارمۇ بەك ئېسىل يېزىلىپتۇ ئەلقىزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى شىئېرلارنى تېخىمۇ جۇلالىق كۆرسىتىۋىتىپتۇ. ئەلقىزى ئاۋازىڭىزغا مەڭگۈ كۆز تەگمىسۇن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرىدە توختاخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 19:39  


ۋاقتى: 2014-5-25 22:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كاتتا ئىش بوپتا، ھەممەڭلارنىڭ ئەجرىگە رەخمەت. مۇمكىن بولسا بۇ بىر مىللودىيە سۈپىتىدە ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولسا.

ۋاقتى: 2014-5-26 13:44:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن ،مانا ھازىر ئاڭلاۋاتىمەن..ئۇزۇن بوپتىكەن  تۇنساگۈلنىڭ يىقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى دىلغا ئارام بەخىش مىھنەتسىز ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى ياراتقۇچى ھەسسىلەپ بەرگەي!!!
تۇنسا گۈلنىڭ ئاۋازى مەيلى قانداق بولسۇن ،بۇ ھەقسىز ،مىننەتسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادىمىلىك، تۇنساگۈل يازغۇچىلار تورىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى ئەمەس، ھەم شۇنداقلا  ھەق بىرىپ ئىشلىتىۋاتقان خادىمىمۇ ئەمەسقۇ دەيمەن بىلىشمچە،
بۇ بىر خالىس ئەمگەك، مىننەتسىز ئەجىر  ،ئاڭلىغۇمىز كەلمىسە  قۇلاققا خوش ياقمىسا ئاڭلىماي تىمىغا ئىشتىراك قىلماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ ،ئەمما خالىس ئەمگەك قىلغۇچىنى مەسھىرە قىلىدىغان ھەققىمىز يوق!
تۇنسا گۈلنىڭ شېئىرىنى ئاۋازغا ئېلىش جەريانىدا قانچىلىك ئەرەج تارتقانلىقىنى قايسىڭلار بىلىسەر؟  قارا قىش زىمىستاندا  ئەدىبلەرنىڭ شېئىرلىنى  ئاۋازغا ئېلىش مەيدانىدىن تۈن كېچىدە  ئۆيىگە  قايتىپ كېلىۋېتىپ موتۇدىن يىقىلىپ پۇت قولى سۇنۇپ كەتكەندىكى ئاغرىق ئازابىنى قايسىمىز  بىلىمىز؟

نەچچە ئاي ئورنىدىن تۇرالماي ئورۇن تۇتۇپ ياتقاندا  بىز تارتىشىپ بېرەلىدۇقمۇ؟
ھەر قانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم بەدەل تۆلەشكە  توغرا كېلىدۇ،تۇنسا گۈل مانا مۇشۇنداق بەدەل تۆلىگۈچى..شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك ئازار يىگەنلىكىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالايمەن..
سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىدغىنىم ؛باشقىلارنىڭ بىغۇبار كۆڭلىگە ئازار بىرىشكە ئالدىرىماي چۈشۈنۈشكە تىرىشىپ باقايلى قېرىنداشلار!











  تۇنسا گۈل  سېڭلىم،سىز   مېنىڭ قەلبىمدىكى مەڭگۈ سولماس باھار!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-26 14:02  


ۋاقتى: 2014-5-26 13:58:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



             بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىش بولۇپتۇ. بىرى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرغىلى بولسا؛ يەنە بىرى، مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمگەك سىڭدۈرگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-5-26 16:43:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلگە نۇردىن تون ياپقان ئاۋازدا،
ئەلقىزى روھى بار نازلىق پەرۋازدا.
مۇبارەك بولسۇن ھەدە

ۋاقتى: 2014-5-26 21:33:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىزىنىڭ ئاۋازىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندىم ،كۆز تەگمىسۇن !

ۋاقتى: 2014-5-26 22:04:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يازغۇچىلار ئاۋازى›› 9-سان پروگراممىسىنى ئىشلەشكە كۈچ چىقارغان بارلىق ئەزىزلەرگە ساقلىق، بەخت يار بولسۇن!
بۇ سان پروگرامما ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-27 01:28:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 17:00
شۇنداقتىمۇ يەنە قۇسۇر تاپقۇم كەلدى.

باش يېتەكچىلەر: ئا ...

ھەر بىر ئىشنىڭ مەلۇم سەۋەبى بولىدۇ.سىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى يوقتۇر، ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىكى ئىنى-سىڭىللىرىمىز  ئۈچۈن، ئىنتايىن زۆرۈرىيىتى بار!  

ۋاقتى: 2014-5-27 14:48:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1400231496124.png

تۇنىساگۈل بارات ئەلقىزىنىڭ شەخسىيەتسىز،تىنىمسىز ئەمگىكىگە تەشەككۈر!…
يېقىملىق ئاۋازىڭىز مىڭلىغان قەلبلەرنىڭ ئېستىتىك تۆرىدە ئەلقىزى!…سىزدىن يەنە سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى كۈتىمىز،ئۇتۇق ۋە نەتىجىلىرىڭىزنى قەدىرلەيمىز…بەرىكەتلىك بولۇڭ!…

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-27 15:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 13:43
ئەلقىزى خانىم. توغرا ئېيتىسىز. تىزىملىكتىكى كىشىلەر ھە ...

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم  ئۇيغۇران:
      مەن سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى پىسەنتىمگە ئالمىغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە ۋاقتىم يار بەرمىگەچكە زۆرۈر ئىكەنلىكىنىلا دەپ قويغان. بىر تال ۇرنالنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىر كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىڭىز  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ  «بۇلاقكۆل» ژۇرنىلىدىن بىر نۇسخا قولىڭىزغا ئېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ. شۇندىلا بۇ ژۇرنال ئۈچۈن مېننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنى   ئازراق بولسىمۇ  ھۆرمەتلەپ قويىشىمىزنىڭ لازىىملىقىنى  چۈشەنگەن بولاتتىڭىز ھەم بۇ گەپنى دېمىگەن بولاتتىڭىز.«تەھرىر» ،«مۇھەررىر» نىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەم بۇ يەردە  مالايلىق قىلىپ يۈرمەيدۇ.   
      شۇ خالس مېھنەتكەش ئۇستازلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق بىر شارائىتنى يارىتىپ  بەرگەنلىكىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھەم مۇشۇ ژۇرنال ئۈچۈن  ئەتراپتىكى ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئىزدىنىۋاتقان، ژۇرنالغا ئەجرى سىڭگەن  ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭمۇ ئەمگىكىگە ھەم ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن،تۆت سان ژۇرنالدا تىلغا ئېلىنغان تەھرىر ھەيئەت، مۇھەررىر،..ئاتالغۇلىرىنى ئۆزگەرتمەي، ئېلىۋەتمەي ئۆز تەرتىپ ۋە ئىسىملىرى بىلەن بېرىپ قويدۇق. بۇنىڭ ھېچكىمگە تاقىشىدىغان، بىراۋلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ھېچيېرى يوق.
      

ۋاقتى: 2014-5-27 16:10:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دىلشات ئەپەندىم، سىزنىڭ يېشىڭىز ۋە مەرتىۋىڭىزدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن، سىزنى مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر تورداش سۈپىتىدە قاراپ مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك گەپنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ.
1. سىز ئېيىتقان دېكلىماتسىيەنىڭ زادى قانداق ئۆلچەملىرى بار؟ (بەلكىم سىزمۇ ئۇ ئۆلچەملەرنى تولۇق چۈشەنمەسلىكىڭىز مومكىن، ئەگەر چۈشەنسىڭىز مەيدانغا تاشلاڭ، ئەلقىزىمۇ، بىزمۇ بىلىۋالايلى)
2. قېنى ئېيتىپ بېقىڭا، يازغۇچىلار مۇنبىرى مۇنبەر بولۇپ قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە مۇھەممەت كامال خۇشخۇي، تۇنساگۈل بارات ئەلقىزىدىن باشقا يەنە كىم مۇشۇنداق ئىككى پۇل پايدىسى تەگمەيدىغان مىننەتسىز ئەمگەكنى مۇنبەر داستىخنىغا تۆكەلىدى؟ (ئۆتكەن يىلى مەنمۇ بىر ئىككى ئەسەر ئوقۇپ ئەلقىزىغا ھەمكارلاشسام قۇسۇرچىلار قۇسۇر ئىزدەپ مەن بۇ يولدىن تەزدىم، ئەگەر بىڭسىمىز بولسا بىزمۇ بىر-ئىككى شىڭگىل قوشاقنى ئاۋازلىق ئوقۇپ مۇنبەرگە يوللاپ بېقىپ ئاندىن بىر نېمە دېسەك بولارمىكىن؟ )

ۋاقتى: 2014-5-27 16:12:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات ئەپەندىگە: كونىلاردا »ئاتاڭغا مەسىلىھەت قىل، نەسىھەت قىلما« دەيدىغان گەپ بار ئىكەن، شۇڭا گەرچە يېشىڭىزنى بىلمىسەممۇ سىزنى ئۆزۈمدىن چوڭ بىلىپ ئەر كىشىنىڭ كەڭ قورساقراق بولۇشى توغىرلۇق سىزگە مەسلىھەت بېرەي.
گەپلىرىم ئېشىپ كەتكەن بولسا ئۆزرە سورايمەن، ئاچچىقلىنىپ يۈرمەڭ يەنە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇڭلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 16:18  


باھا سۆز

مۇڭلان ئىنىم، بۇنداق كىچىك ئىسىمدا كىرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ جىنسىنىمۇ بىلمەيدۇ  ۋاقتى: 2014-5-29 12:26 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش