جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1399 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 0

شئېىر ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 13:43:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېىر  -ئىجتىمائىلىقنىڭ  مەھسۇلى
                  
              ئەزىز ھېيت  كۈن

         شئېىر ھەققىدە توختىلىشتىن ئاۋال تىل توغىرسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئىنسانلاردا تىل بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئادەملەر باشقا جانلىقلار تۈرىگە ئوخشاش.بەدەن تىلى(چىراي تىلى،قىياپەت ئۆزگىرىشى) ۋە ھەركەت تىلى (ئىما-ئىشارەت ،ھەركەتلىك ئىپادىلەر) ئارقىلىق ئۆز سېزىملىرىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا ئۆز توپى بىلەن ئالاقىلىشىپ كەلگەن.شۇ خىل ئىپا دىلەش ھەرگىزمۇ تىل بولۇش ئۆلچىمى ۋە شئېىر بولۇش ئۆلچىمىگە توشمايدۇ.ئىنسانلاردا تىل بىلەن ئاڭنىڭ بارلىققا كېلىشى ئايرىم-ئايرىم جەريان بولماستىن بەلكى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بىرلا جەرياندۇر.دەسلەپكى ئاڭ ياكى ئوي پىكىر بىر جۈملە تەپەكۇر بىلەن چەكلەنگەنلىكى ئېنىق.ئوينى يەتكۈزۈش ۋاستىسى ( تاۋۇش،تاۋۇشلار تەرتىپى) بولغان مەنا يۈكلەن گەن ئاۋاز ئوي -پىكىرنى بىلدۈردىغان بەلگە بولۇش رولىنى ئوينىغان.مەنىلىك ئاۋاز چىقىرىش بىلەن ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈش ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.ئاڭ دەسلەپتە بىر جۈملە بولغان ، ئۇنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مەنىلىك (تاۋۇش،تاۋۇشلار تەرتىپى) ئاۋازمۇ بىر جۇملىلىك ۋاستە -بەلگە بولۇش بىلەن چەكلەنگەن  بولسا ئۆز تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆز-ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۆي-پىكىرمۇ  ،شۇنداقلا ئۆي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان ۋاستە-تىلمۇ ( تاۋۇش،باغلىنىش،ماسلىشىش جەھەتتە) كۆپەيگەن.ئاڭ بىلەن تىلنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ئايرىم-ئايرىم دەپ تەسەۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىدە بوۋاق چېغىدا ئېيىقلار تەرپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن بىر بالىنىڭ مېھرىۋان بىر ئانا ئېيىقنىڭ مېھرى چۈشۈپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە دۇچار بولماي ئېيىق سۈتىنى ئېمىپ چوڭ قىلىنغانلىقى ،20 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئادەملەر ئوۋ ئوۋلاشقا چىققاندا ئادەمسىمان بىر ئېيىقنى ئۇچىرتىپ ،قاپقان قويۇپ تۇتىۋالغانلىقى ،بىچارە ئېيىق ئادەمنىڭ ئادەمگە قىياپەت جەھەتتە يۈزدە-يۈز ئۆخشى سىمۇ لىكىن ئىنسانى ئاڭغا  ۋە تىلغا ئىگە ئەمەسلىكى ئايان بولغان. ئادەملەر شۇ ئادەمسىمان ئېيىقنى بىر قانچە يىل پەرۋىش قىلغان،تەربىيلىگەن بولسىمۇ شۇ ئادەم ئېيىقنىڭ تىل ئۈگىنەل مىگەنلىكى ۋە ئاڭغا ئىگە بولالمىغانلىقى،ئادەملەر جەمىيىتىگە كۆنەلمىگەنلىكى ،شۇڭا ئۇنى تاغقا-ئېيىقلار ماكانىغا ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھىكايە قىلىنغان.بىز بۇ ھىكايىدىنلا ئەمەس ئەمىليەتتىمۇ بىر ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ قورامىغا يەتكىچە ئادەمنى كۆرمەي ياشايدىغان موھىتتا ئۆسۈپ يېتىلسە ھېلىقى ئېيىق ئادەمگە ئوخشاش ئادەم شەكلىدىكى بىر جانلىق بولۇپ يېتىلىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشىنىمىز.
      لۈشۇن ئەدەبىياتنىڭ كېلىپ چىقىشى بولۇپمۇ تىلنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ،چاڭجىياڭ دەرياسى قىرغىقىدىكى چوڭ كېمىلەرنى سۆرىگۈ چىلەر نىڭ « كۈچەيلى!غەيرەت قىلايلى !» دىگەن مەنىدىكى ناخشىسىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريا نىنى مىسالغا ئالىدۇ.نەچچە يۈز ھەتتا بىر قانچە مىڭ ئادەم سىغىدىغان كىمىنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ سۆرەش-ئىتتى رىشتە ناھايىتى نۇرغۇن ئەمگەكچى ۋە ئادەم يوتىسىدەك توم ھەم ئۇزۇن ئارقانلارنىڭ بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ.كېمىنى سۆرىگەندە چوقۇم مىڭلىغان ئەمگەكچىنىڭ كۈچى بىرلىككە كېلىشى-تەڭ كۈچىيەلەيدىغان بولىشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىكتە ئاۋاز چىققىرىپ شۇ بەلگە ئارقىلىق كۈچ چىقىرىشتا بىرلىككە كېلەلەيدىغان بولغان. شۇ ئاۋازلار بارا-بارا كېمە سۆرىگۈچىلەرنىڭ تارىختا داۋاملىشىپ كەلگەن ناخشىسىغا ئايلانغان.
      ئادەمنىڭ خىيال قىلىشى ئۆزى بىلەن سۆزلەشكىنىدۇر.بىر ئادەمنىڭ سۆزلەش جەريانى بىلەن خىيال سۈرۈش جەريانى تە پەككۇر يۈرگۈزۈش جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشاش .ئوخشىمايدىغىنى سۆزلىگەندە قارشى تەرەپنىڭ (ئاڭلىغۇچىنىڭ) كەيپىياتىنى نەزەردە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.خىيال سۈرگەندە بولسا تەپەككۇر يۈرگۈزۈش قىلچە توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. ئادەمنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ئۆزىگە ئايان بولىشى-ئادەتتىكىدىن بەكەرەك ھاياجانلىنىشى،ۋۇجىدىنىڭ لەرزىگە كېلىشى تاشقى ئوبكىتقا قوزغالغان ئىنكاس تىن ئىبارەت.بۇنداق ئىنكاس ھېسسى-ئوبرازلىق تەپەكۈر بولۇپ،غەزەپلىنىش ياكى سۆيۈنۈش،قايغۇ ياكى شادلىق بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   شئېىر -ئوبرازلىق تەپەككۈر ،يۇقۇرقى بەدىئىلىك پەللىسى يارىتىش توغرا كەلگەندە يىغما تەپەككۇر يۈرگۈزۇپ،سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتگە تويۇنغان شئېىرىي تىل ئارقىلىق روھى ئالەم بىلەن تاشقى ئالەم موھىتىنى قايناق ھەم چوڭقۇر تەسۋىرلەپ ،دەل شەكىل ۋە مۇۋاپىق قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ ،جانلىق شئېىرىي ئوبراز ياكى تەسىرلىك كارتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان تىل سەنئىتى.شئېىردا ھېچ بولمىغاندا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ بىر مۇددۇئا -مەخسەت بولىدۇ.بىر شائىر ياكى بىر ھەۋەسكار ھېچ بول مىغاندا ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن  شئېىر يازغان بولسا ئۇمۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر.
     مۇزىكا بىر خىل تىل،رەسىم بىر خىل تىل،ئۇسۇل بىر خىل تىل .بۇ ئۈچ خىل سەنئەتنىڭ قورالى-ۋاستىسى ئوخشىمايدۇ. ئوخشايدىغان يېرى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئوخشاشلا بىۋاستە مەنا ئىپادىلىمەيدۇ.لىكىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ئۆز ئالدىغا يارىتىلغان،ئەسەردە كۆرۈرمەنلەرگە بېرىدىغان ئوبرازچانلىق،تەسىرچانلىق سېزىمى بولىدۇ.كۆرەرمەنلەر ئاۋال ھوزۇرلىنىش ئالىمىگە ئىختىيارسىز كىرىدۇ.بارا-بارا ئەسەردىكى مەنىنى سېزىشكە،ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.ئەگەر ئەسەر نىڭ كىم تەرپىدىن قانداق شارائىتتا، قانداق ئەھۋالدا ئىجات قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپسا ئەسەردىكى مەزمۇننى  تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈ شىنىدۇ.دېمەك ساپ سەنئەت بولغان يۇقۇرقى ئۈچ خىل سەنئەتمۇ مەنا ئىپادىلەش خاھىشچانلىقىدىن خالى ئەمەس. شئېىريەت سەنئىتى بولسا يۇقۇرقى ئۈچ خىل سەنئەتنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسەملىگەن( كارتىنا-ئوبراز دا  رەسىمگە، ئاھاڭدارلىقتا مۇزىكىغا، كارتىنا سەكراشچانلىقى،ئۇلىنىشچانلىقى بولغان قۇرۇلمىدا ئۇسۇلغا شئېىر يەت ئوخشايدۇ.)يۇقۇرقى ئۈچ خىل سەنئەت دەرھال سەزدۈرەلمەيدىغان مەنادارلىق خۇسۇسىيەتنى دەل شئېىردىن ئىبارەت ئالى سەنئەت ھېس قىلدۇرالايدۇ.شۇڭا ئامىركا ۋە ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنگىلىز تىلى دۇنياسىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرى توماس ئىليۇت « شئېىر دۇنيادىكى مىللەتلەرئوتتۇرسىدىكى تىل توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاپ،كىشىلەر قەلبىنى ئۆز-ئارا تۇتاش تۇرىدۇ.» دەپ ئىنتايىن توغرا ھۆكۈم قىلغان. شئېىرنىڭ ئەڭ ئالى سەنئەت ئاتىلىشى يۇقۇرقى ئامىللارغا ئىگە بولغانلىقىدىن دۇر.ئەدىبىياتنىڭ تىل سەنئىتى دەپ ئاتىلىشمۇ دەل ئالدى بىلەن شئېىريەتنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىدىندۇر.
       بىز شئېىرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ھەرگىز سەل قارىيالمايمىز.شئېىرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى دۇنيادىكى مىللەتلەر شئېىريىتىدە ئورتاقلىققا ئىگە.
              كىچىكىنە بىر تۈگمەن تېشى
              تالقان قىلىپ بارار كېچىنى.
     چىلىنىڭ مەشھۇر شائىرى پابىلۇ نىرودانىڭ « قول سائىتى قەسىدىسى» دىن ئېلىنغان يۇقۇرقى ئىككى مىسرادا سائەت ئىستىرلكىسى ئىنتايىن جايىدا يارقىن سۈرئەتلەپ بېرىلگەن. يۇقۇرقى ئىككى مىسرا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا  يازغان :
          ئالمىدەك يۈرەككە ئالەمچە سۆيگۈ .
دىگەن مىسراسى بىلەن سەنئەتلىك ئىپادىلەش جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە.
     شئېىر سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتىن باشقا قويۇق مىللى خۇسۇسىيەتكە ئىگە.مىللى خۇسۇسىيەت-يالغۇز ۋەتەن ،يۇرت،ماكاننىڭ گۈزەل قىياپەت تەسۋىرىدە ئىپادىلنىپ قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى يەنى  قەشقەر پۇرىقى،ۋە ياكى غۇلخا پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان شئېىرلاردا شۇنداقلا خەلقنىڭ رىئال ئەھۋالى،ئۆرپ-ئادەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئىپادىلەنگەن شئېىرلاردا ،مىللى غورۇر ۋە ئاڭ تەپەككۇر چوڭقۇر ھەم ئىجتىمائىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ يورۇتۇپ بېرىلگەن شئېىرلاردا   ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇمۇ شئېىرنىڭ ئىجتىمائىلىقىدۇر.
    مېنىڭچە شئېىر ئىجتىمائىلىقتىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەنمۇ ياكى شئېىر ئىجتىمائىلىقتىن كىيىن بارلىققا كەلگەنمۇ؟ دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس.شئېىر -ئەسلى ئاڭ تەپەككۇرنىڭ ئۆزىدىن ئىبارەت.ئىجتىمائىلىق -تۇيغۇغا،ئاڭغا سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ.شئېىرنىڭ بارلىققا كېلىش جەرياننى-يارىتىلىش جەرياننى- تۇيغۇ نىڭ،ئاڭنىڭ،شئېىرنىڭ بىر ۋاقىتتا تەڭلا بارلىققا كېلىش جەريانى دۇر.تۇيغۇ-ھەم ئاڭ پائالىيتى ھەم ئىجتىمائىلىقنىڭ ئەڭ مىكرۇ ھالىتىدۇر. شئېىرنى تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى دىيىشمۇ توغرا.شئېىرنى يەنە ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى دىيىشمۇ توغرا.ئىجتىمائىلىق ئۇقۇمى ماكرۇلۇقنى  (پۈتۈنلىشىش،بىر گەۋدىلىشىش)كۆرسەت سىمۇ يەنە مىكرۇلۇق بولغان تۇيغۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تۇيغۇ يەككىلىككە ئىگە بولسىمۇ ھامان بىر ئۈچى ئىجتىمائىلىققا باغلىنىپ تۇرىدۇ.قىسقىسى شئېىر-تۇيغۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 14:33  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش