شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق ئالەمدىن ئۆتتى
9 ^, z/ M, p# m2 G: f
( M3 k2 i. q! s* Xئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بۆشۈكى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، قەدىمى يەكەن دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، كەڭ زىيالىلار ئچىدە بەلگۈلۇك تەسىرگە ئىگە بولغان مائارىپچى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، لىرىك شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق ئەپەندى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ2 -كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
! b" B: c1 W% _مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق 1951-يىلى7-ئايدا يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزا ساڭھويلا كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان، دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1965-يىلى سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1969-يىلى پۈتتۈرۈپ، تومئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىات ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئىلگىرى-ئاخىر تومئۆستەڭ، ئارال ئوتتۇرا مەكتەپ، 4-ئوتتۇرا مەكتەپ، يەكەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى، يەكەن ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، يەكەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا 42 يىل خىزمەت قىلىپ، 2011-يىلى 5-ئايدا شەرەپ بىلەن پىنسىيىگە چىققان. ئۇ، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى.# N+ P, z# H# ~7 i [6 f, d1 t' C
مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق پۈتكۈل ھاياتىدا مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە قانۇن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىشلىرىدا، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتلەردە بەلگۈلۈك تۆھپە قوشقان. ئۇ بىر ئۆمۈر قەلەمنى تاشلىماي شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ھەرخىل ئىجتىمائىي تېمىلاردا نۇرغۇنلىغان لىرىك شېئىرلارنى ۋە زورئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە مۇلاھىزە ماقالىلارنى يېزىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» قاتارلىق ئاپتونوم رايۇنىمىز تەۋەلىكىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، جەمىيئىەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. يىللاردىن بېرى، ئىجات قىلغان شېئىرلىرى ئىچىدىن تاللاپ، «تىنىمسىز سادا» ناملىق شېئىر توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىغان، ئەپسۇس، ئۆمرى قىسقا كېلىپ، كىتابنى روياپقا چىقىرىشقا ئۈلگۈرەلمەي، بۇئالەمدىن بىز بلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. & P/ a. u T3 K) ^: P
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى پۈتكۈل مائارىپچىلار ۋە ئەدەبىيات-ئەنئەت خادىملىرى ۋە يەكەن خەلقى ئۈچۈن ئەڭ زور يوقوتۇش. " B0 C* r! c+ p6 v `
بىزمەرھۇم شائىرئابدۇلئەھەد سىدىق ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئۇرۇق -تۇغقان قىرىنداشلىرى، دوسىت-بۇرادەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز. مىسكىن كۆڭۈللەرگە ئاللاھدىن تەسەللىي، سەۋر-تاقەت تىلەيمىز. مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق قەبرىڭىزدە خاتىرجەم يېتىڭ.
* H4 \# m- m! u% _$ R2 ]9 G6 eتۆۋەندە، مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىقنىڭ شاگىرتى، مەزكۇر تەرجىمىھالنى يازغۇچى مۇھەممەت مۇسا بۇ ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ يازغان مەرسىيەنامىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇمىز.
# N' Q" h- t$ ~
1 [, s* n9 u. {9 x
ئەلۋىدا ئۇستازىم ) N" |1 G- T% q* p6 R3 F7 r
سىزنى ۋاپات بولدى دەپ ئاڭلاپ،
3 N* ?2 O* R- t( m/ D% eمۇسىبەتتە ئېگىلدى بېشىم.
0 i F! ?( ^/ r; N/ {4 q: g( ] ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىدى ھەسرەت، , m; a& ~! s. g# N
كۆزلىرىمدە تۆكۈلدى يېشىم.1 Z* Y; f% d6 { v* v7 s
0 m( T" E# `1 q. f V
0 j- f$ O B, v. X& L ھازا ئاچتى سىزگە تەبىئەت، ; x# x" g4 B, `/ f8 N4 U) B3 \6 S
ھازائاچتى مۇقام دىيارى.2 Z' \2 K2 z& i/ x2 |, l% T
ھازا ئاچتى يەكەن دەرياسى، - k3 k- m& a* V9 U2 e, g2 G
قىش پەسلىگە كۆچتى باھارى., s/ V4 X. X, S& u4 \
2 ^$ e& Y9 {& U! e" l7 E
, K8 w% ^! ]2 C1 L/ U+ F2 v
ئاق باغلىرى سىزگە قارلىق تاغ،
# o* z, z9 T9 I8 s* @! F; Pئاق باغلىرى ئوغۇل-قىزىڭىز./ V; T V' d4 r
سىز كەتتىڭىز باقىي ئالەمگە، ) _8 G; O8 y- j1 w/ b6 F
قالدى بۇندا ئۆچمەس ئىزىڭىز.
0 k6 n/ q, s9 ~ d" ~7 d' I ; _) ]- H% X2 }. x5 j' \- t6 u
7 a( ]2 j: {- Y4 U2 Q# Rئۆتكۈزدىڭىز ھاياتىڭىزنى،
1 I; K5 h2 {; ^. e! w مىللەت ئۈچۈن شامدەك كۆيدۈرۈپ.1 ]# T9 I2 _6 q% h
ئادالەتنىڭ كارۋانلىرىنى،
7 ] u7 o( f0 k6 x0 X ئىستىقبالغا تاتلىق سۆيدۈرۈپ.# R" U; x) h) |* `" ]4 I% J
2 A2 C7 K/ i; @' x5 Bيول باشلىغان ئەلگە بىرئۆمۈر،
* e7 p- U2 S; B1 |2 }1 {. M. h$ u0 dئەڭ مېھرىبان ئۇستاز ئىدىڭىز.& {1 D5 l& _+ \; \: h) [$ `
يۈرەكلەرنى ئۆمىدلەندۈرگەن، 5 w4 k9 r) V3 r* }* A
سېھىرگە باي شوخ ساز ئىدىڭىز.$ }. N6 T, m) @% ^) @8 h
8 |4 z( {! ~. u4 c1 D/ u0 u' ~# z& d
& S8 t' U$ W: V تەگدى بىزگە ئەجەلنىڭ ئوقى، 2 N# \$ k# i" J( _/ W: a3 ]. r* H
قالدۇق بىزلەر ھەسرەتتە-داغدا.0 K# f9 z0 D3 w2 N1 `6 a
ئۇنۇتمايمىز سىزنى مەڭگۈگە،
! R: s; Y! u8 z3 N7 R* k/ Oئارزۇيىگىز چېچەكلەر باغدا.0 R- n4 f( r- D: ?# }5 I; [4 x0 H
# _: R0 O5 s. c2 j( \
2 [! K: @! a/ y5 O: H) A2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 7 z! u! {9 ?& ]+ b/ U/ p* ^
, K1 X6 E1 V/ ?7 p. H/ `7 Lئاپتۇر: يەكەن خەلق رادىئو ئىستانىسى باش تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەرىر " g1 E! X( l, H5 N9 Q
! w) Y6 j: }. q
|