جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 2

مودا قوغلۇشۇش(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  502
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 39
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 20:37:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مودا قوغلۇشۇش

ئېلى ياسىن

بۇ يېزا ناھىيە بازىرىدىن يېراق بولغاچقىمۇ كىرىپ-چىقىشقا خېلى ۋاقت كىتەتتى، شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي سىيتاخۇن ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېشىكىنى ھارۋىغا قېتىپ ناھىيىگە كېرىپ ئويناپ كىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغانىدى،ئۇ بۈگۈنمۇ يامغۇر ياغقىنىغا قارىماي سۈر رەڭ ئېشىكىنى ھارۋىغا قاتتىدە يولغا چىقتى، ئېشەك بۇرۇنقىدەك سېلىق قەدەم بىلەن ئۇزۇن سالپاڭ قۇلىقىنى شىپپاڭشىتىپ مېڭىۋاتاتتى، سىيتاخۇن ئېشىكىنىڭ بۈگۈن تاياق سالمىسىمۇ بىر خىل سۈرئەتتە مېڭىۋاتقانلىقىدىن ئىچىدە خۇشال بولدى، چۈنكى بۇ ئېشەك باشقا چاغدا تازا ئۇرۇپ تۇرمىسا ھېلى سۆڭگىچىنى مايماق چىقىرىپ يول ياقىسىغا چىقىپ توختىۋېلىپ ھېلى يولدا ئۇچۇرغان تېزەكنى پۇراپ بىر ھازا ئاسمانغا قاراپ ئاغىزىنى سەت ئېچىپ تۇرۇۋېلىپ ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋىتەتتى، بۇلۇپمۇ بۇ سۈر رەڭ ئېشەككە يولدا ئېشەك ئۇچۇراپ قالمىسا ياخشى بۇلاتتى، بولمىسا ئۇنى ماڭدۇرماق تۈگۈل باشقۇرماق بەسىي مۈشكۈل ئىدى. سىيتاخۇن ئېشىكىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىدىن رازى بولغان ھالدا خۇشاللىقتا ناخشا توۋلىدى، ئۇنىڭ ناخشا ئېيىتقاندىكى ئاۋازى غەلىيتە چىقسىمۇ ئۇ يەنىلا خۇشال بولغان ۋاقىتلىرىدا  ناخشا ئېيتاتتى. ئۇ مانا ئەمدى ناخشا باشلاپ تۇرىۋىدى خۇددى ئېشىكىمۇ ناخشىسىغا ئاكورت قوشقاندەك ھاڭىراپ جاھاننى بېشىغا كەيدى. ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئېشەكنىڭ ھاڭىرغان ئاۋازى بېسىۋېلىپ ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئاچچىقى كەلدىكى ئېشەكنى قۇلىدىكى تاياق بىلەن ئۈچ-تۆتنى سېلىۋەتتى. ئېشەككە تاياق ئۆتكەن بولسا كېرەك ھاڭىراشتىن توختىدى، سېيتاخۇنمۇ ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرىشتىن يالتىيىپ جىم بۇلۇپ قالدى، شۇ تاپتا يامغۇر توختىماقتا يوق تېخىمۇ ئەدەپكىتىۋاتاتتى. سېيتاخۇن ئېشىكىنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنىڭ تەدرىجى ئاستىلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ ئۇنى يەنە بىرنى سالدى. بورۇن تاياق تەگكەن ھامان يالغانلاردىن بولسىمۇ ئازراق يۈگۈرۈپ سوكىلداپ قۇيىدىغان ئېشەك ئازىر تاياق يېسىمۇ سۈرئىتىنى تىزلەتمەكتە يوق تېخىمۇ ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىۋاتاتتى. سىيتاخۇننىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئېشىكىنى تېخىمۇ قاتتىق سالدى، ئېشەك ئەمدى تاياق يېسىمۇ چورت ماڭغىلى ئۇنىمىدى، ئۇ ھارۋىدىن چۈشۈپ ئارغامچىنى تارتىپ سۆرەپمۇ باقتى ئېشەك يەنە بۇرۇنقى قىلىقىنى چىقىرىپ سۆڭگىچىنى مايماق چىقىرىپ تۇرىۋالدى. سىيتاخۇن ئامال قىلالماي ئېغىر پۇشۇلداپ ئېشىكىگە نەپرەت بىلەن قاراپ ئۆيدە تۈگۈرۋالغان موخۇركىسىنى چىكىپ تۇردى، دەل شۇ ۋاقتتا بىرسى موتسىكىلىت ھەيدەپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇ سىيتاخۇننىڭ قوشنىسى ئىدى:
- سىيتاخۇن نىمە بولدى؟- دېدى قوشنىسى موتسىكىلىتتىن چۈشمەي.
-نىمە بۇلاتتى، ماۋۇ قۇتۇر ماڭغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ،- دېدى سىيتاخۇن ۋە قوشنىسى مېنىۋالغان موتسىكىلتقا سىنچىلاپ قاراپ،-ۋوي، سىلى قاچانلاردىن بۇ تۆمۈر<< ئېشەك>>كە مىنىۋالدىڭلا ؟ ئېشىكىڭلا قېنى ؟
-ۋاي، سىيتاخۇن سېلى قايسى زاماندا قالدىڭلا ؟ ھازىر ئېشەكنىمۇ قاتناش قىلامدۇ كىشى، ئۇ بىرنىمىگە ھەلەپ بەرمىسە تېخى بولمىغان، بىر يەرگە تىزراق باراي دېسە تېخى بارغىلى بولمىغان... سېلىگە دېسەمچۇ ھازىر ئېشەك ئىشلىتىش مودىدىن قالدى،ھەممە ھازىر مانا مۇشۇنىڭغا مېنىۋاتىدۇ، مانا مەن مۇنۇ نەرسىنى ئالغاندىن كېيىن راھەتكە چىقىپ قالدىم دەڭلا،نەگە باراي دېسەم بىردەمدە بېرىپ بۇلىمەن،شامالدەك ماڭىدۇ كاساپەت،ھەي، سېلى تېخىچە مۇشۇ ئېشەكنى ھەيدەپ...
  قوشنىسى شۇنداق دەپ بېشىنى چايقىغىنىچە موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى، موتسىكىلتىنىڭ سۈرئىتى تىز بولغاچقا قوشنىسىنىڭ كۆڭلىكى شامالدا لەپىلدەپ خۇددى سىيتاخۇننى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۈرۈنۈپ كەتتى.
- تۈفى...- سىيتاخۇن قوشنىسىنىڭ كەينىدىن قاغا چىچقاندەك تۈكۈردى،- ھالىنى كۆر پىتلىق قەلەندەرنىڭ... خەپ مەنمۇ ئەتە ئاشۇنداق تۆمۈر<< ئېشەك>> تىن بىرنى ئالمىسام...
سىيتاخۇن ئەتىسى ئالدىمۇ ياكى بىرەر ئايدىن كېيىن ئالدىمۇ ئىشقىلىپ كىيىنكى كۈنلەردە موتسىكىلىت مىنىپ يۈرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ موتسىكىلىت ئالغاندىن كېيىن بازارغا بورۇنقىدىنمۇ بەك قاتىرايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ بۈگۈنمۇ موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ ناھىيە بازىرىغا قاراپ ماڭدى، يېرىم يولغا بارغاندا نىمىشقىكىن موتسىكىلىتى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، ماي تەپكىسىگە بىر ھازا دەسسىدى، بىراق موتسىكىلىتى يەنىلا ئوت ئالمىدى، ئۇ موتسىكىلىتنىڭ نەرىدىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلەلمەي جىلە بولۇپ بېشىنى قاشلاپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز قېشىدا قارا رەڭلىك پىكاپتىن بىرسى پەيدا بولدى
ۋە ماشىنىنىڭ كۆزنىكى ئېچىلىپ قوشنىسى ھىجارىغان ھالدا بېشىنى چىقاردى:
-ۋوي، سىيتاخۇن نىمە بولدىڭلا ؟ چىرايىڭلىدا قان قالماپتىغۇ؟
-ۋاي، ماۋۇ بىرنىمە ماڭماي ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى،- سىيتاخۇن شۇنداق دېگەچ ماشىنىغا بىر ھازا ئەجەپلىنىپ قاراپ قالدى،- ۋوي،سېلى بۇ نەرسىنى نەدىن تاپتىڭلا ئەمدى، موتورىڭلا قېنى؟...
-سىيتاخۇن... ھەي سىيتاخۇن... زامان ھازىر نەدى كېتىپ بارىدۇ؟ سېلى بۇ جاھاندا بارمۇ-يوقمۇ؟ سېلىگە دېسەم ھازىر موتو مودىدىن قالدى، ھازىر راھەت ماشىنىسى بارلارنىڭ مانا مەن ماشىنا ئالغاندىن كېيىن شۇنچىلىك راھەتكە چىقىپ قالدىم.ھازىر نەگە باراي دېسەم بارالايمەن،،يامغۇر، بۇراندىن قورۇقمايمەن خۇددى ئۈيۈمدەكلا... سېلىنىڭ تېخىچە موتو مىنىپ يۈرگىنىڭلا... ھەي... قېنى مۇنداق ئولتۇرماي، ماشىنىڭ ئارقىسىدا سىم سۆرەتكۈچ بار موتۇرىڭلىغا چېتىڭلا، سىلىنى رېمۇنىتخانىغا ئاپىرىپ قۇياي...
شۇنداق قېلىپ سىيتاخۇن موتسىكىلىتنى ماشىنىغا چېتىپ ئۈزى ئۈستىدە ئولتۇردى، قوشنىسى ماشىنىنى سىلىق ھەيدەپ ماڭدى،  يول بۇيى سىيتاخۇننىڭ كۈزى ماشىنىدىن ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئەتىلا ماشىنىدىن بىرنى ئېلىش ئىستىكى تۇغۇلدى<< خەپ، مەنمۇ ئەتىلا بېرىپ ئاشۇ قارا < قوڭغۇز> دىن بىرنى ئالمىسام...>>
شۇ كىچىسى ئۇنىڭ خىيالىغا ھەر خىل رەڭدىكى پىكاپلار كېلىۋىلىپ ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى ، ئۇ تاڭ يۇرىماستىنلا ئالدىراپ شەھەرگە كېرىپ باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ماشىنا سېتىۋالىدىغان يەرنى ئاران تېپىۋىدى بىراق ماشىنىنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ كەينىگە ئۇچۇپ چۈشكىلى قىل قالدى، ۋە ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆيىگە سالپىيىپ قايىتتى،چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ماشىنا ئالغۇدەك ئۇنچە كۆپ پۇل يوق ئىدى...  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eliyasen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 20:47  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  243
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 391
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 08:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم ، ياخشى يېزىپسىز،قەلىمىڭزگە بەرىكەت تىلەيمەن .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  502
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 39
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ يازمامنى ئۇقۇغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، سىزنىڭمۇ ئىجادىيتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش