جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 8

تۇراقلىق ئىبارىلەرۋە ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 2
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 19:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى

قىسقىچە چۈشەنچە

خەنزۇ تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارە يەنى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسىگە ئىدىئوم 成语 ، تەمسىل惯用语، ماقال 谚语، ھېكمەتلىك سۆز 格言 ياپتا سۆز歇后语 قاتارلىقلار كىرىدۇ.خەنزۇ تىلىدىكى俚语 ۋە 俗语ئاتلغۇلىرىنى يۇقىرىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ  تۈرلىرى ھېساپلىنىدىغان بەش ئاتالغۇ بىلەن ئالماشتۇرۇۋەتمەسلىك لازىم. چۈنكى 俗语(ئاتا سۆزلىرى) ئاغزاكى تىلدا تارقالغان ئاممىباب سۆز–جۈملىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەزىدە俚语,谚  (قېلىپلىق سۆزلەر) ۋە ئادەتتە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىدىئوم成语  لارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 俗语نىڭ 俚语دىن پەرقى شۇكى، ئۇ ئاغزاكى تىلدا كۆپ ئشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدىكى «نەقىل»، «ئەقلىيە»، «مەسەل»دېگەن سۆزلەرنى يۇقىرىدىكى سۆزلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك لازىم چۈنكى،«نەقىل»باشقىلارنىڭ سۆزىدىن كۆچۈرۈۋېلىنغان سۆزلەرنى يەنى كەلتۈرۈلگەن نەقىللەرنى(引语) كۆرسىتىدۇ. «ئەقلىيە» پەند–نەسىھەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى ھەم بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «مەسەل»(寓言)بىر ئىشنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئىبارەت ئېلىش ھەققىدە سۆزلەنگەن سۆز ياكى يېزىلغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ.

تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى مىللەتنىڭ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ھەمدە خىلمۇ–خىل ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇلنىڭ يىغىنچاقلانغان ئىپادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇراقلىق ئىبارىلەر تەرجىمىسىدە ئىمكانقەدەر ئەسلى نۇسخىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاش تەلەپ قىلىنىدۇ .شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن ئەينەن تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم .تىلدىكى تۇراقلىق تەركىبكە خاس بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنى ئادەتتىكى ئاددىي سۆزلەم تەرىقىسىدە بىر تەرەپ قىلىشقا، خەتمۇ–خەت تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ .

تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا تىلنىڭ، تەپەككۈرنىڭ،چىنلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈش لازىم. تەپەككۈرنىڭ ئاساسى–چىنلىق، ھەر خىل تىللار– تەپەككۈرنىڭ تۈرلۈكچە قورالى، پوستى. تەپەككۈر بىر تۇتاش ھەمدە ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ئوخشاش بولىئىنسانلارنىڭ تىلى مەيلى قانداق بولسىمۇ، ھامان بىر خىل ئەمەلىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.شۇڭا، تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنى تەرجىمە قىلىش تەس بولسىمۇ، ئۇنى تەرجىمە قىلىش تامامەن مۇمكىن ، دەپ قارىلىدۇ .

خەنزۇ–ئۇيغۇر تىللىرىدا مەنسى ئوخشاش، ئىپادىلەش ئۇسۇلىمۇ بىردەك بولۇپ كېلىىغان تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى بار. مەسىلەن:

ئازنى دەپ كۆپتىن قۇرۇق قالماق                   贪小失大،

ئاستىدىكى ئېتىنى ئالتە ئاي ئىزدىمەك               骑着驴寻驴

تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالماق            抓了芝麻丢了西瓜

قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە                         胳膊折了往袖里

ئەمما، پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇنداق بىرىكمىلەر ئىككى تىلدا ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ .شۇڭا، ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن توغرا بىر تەرەپ قىلىش لازىم .

ئەينەن تەرجىمە ئۇسۇلى

تەرجىمە تىلىنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ۋە خاتا چۈشەنچە بېرپ قويماسلىق شەرتى ئاستىدا تەرجىمىدە ئەسلى نۇسخىدىكى تۇراقلىق بىرىكمىلەرنىڭ ئوخشىتىش ئوبرازلىرىنى، مىللىي تۈس ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ تەرجىمە قىلىش لازىم .

ئىدىئوملارنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا مىساللار:

يېگوڭنىڭ ئەجدىھانى ياخشى كۆرۈشى    叶公好龙

دەلمۇدەل تاقابىل تۇرماق               针锋相对

تىلى تۈزۈك، دىلى بۇزۇق               口是心非

ئىسمى–جىسمىغا لايىق                  名副其实ت

تەمسىللەرنى ئەينەن تەرجىمە قىلمىساللار:                                                                     

  پارتىزانلىق قىلماق                            打游击

ئۇستىلىق قىلماق                         耍花招

دۇمبالىماق                                  打棍子

كاۋاك ئىزدىمەك                            钻空子      

سۆرەلمىلىك قىلماق                          磨洋工

قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك قىلماق               走过场

ئارقىغا تارتماق، كاشىلا قىلماق                拉后腿

پو ئاتماق                                 吹牛皮

كوكۇلىسىدىن تۇتماق                       抓辫子

ماقالنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا مىساللار:

سەيگە قاراپ تاماق ئىچ،بويغا قاراپ كىيىم پىچ看菜吃饭,量体裁衣

نەگە بارساڭ شۇ يەرنىڭ ناخشىسىنى ئېيت    到什么山,唱什么歌

قوشۇمىنى تۈرسىلا،كۆڭۈلگە ئەقىل كېلىدۇ         眉头一皱心来

يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىغا كىرمەي تۇرۇپ، بالىسىنى تۇتالمايسەن 不入虎穴,焉得虎子

شيۇسەي ئۆيدە تۇرۇپمۇ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ 秀才不门全知天下事

دەرەخنىلا كۆرۈپ، ئورماننى كۆرمەسلىك                 只看见树木,不看见林

ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا مىساللار:

ئادەم تەبىئەتنى يېڭىدۇ                      认定胜天

ئىش ئادەمنىڭ ئىلكىدە                      事在人为

تۈجۈپىلەپ ئىشلەش                                   精耕细作

                  بىلىم–كۈچ                               知识就是力量              بىلگەننى ئېيتماق، قالدۇرماي  ئېيتماق 知无不言,言而不尽

بار بولسا تۈزەت، يوق بولسا ساقلان             有则改之,无则加免

تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ئىچىدە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش بىر قەدەر ئوڭاي. شۇڭلاشقا، ئۇنى ئەينەن تەرجىمە قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئۇ تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ، ھېكمەتلىك سۆزگە ئوخشىشى، مەلۇم دەرىجىدە قاپىيىلىشىپ كېلىشى لازىم.

ياپتا سۆزلەرنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا مىساللار:

ياپتا سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىشتا مىللىي ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ تەرجىمە قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. چۈنكى ، ياپتا سۆزلەر خەنزۇ تىلىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى بىر خىل ئالاھىدە شەكىل بولۇپ، ئۇنىڭ مىللىي تۈسى ئىنتايىن قويۇق.

سېۋەتكە سۇ ئۇسقاندەك، ھەممىسى بىكارغا كەتمەك  竹篮打水—落了一场空

نوغۇچتا ئوت پۈدىگەندەك، ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ           擀面杖吹火—一窍不通 پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئاتقاندەك، ئۆز بېشىنى ئۆزى يېمەك飞蛾扑火—— 自取灭亡

كالا توشقان قوغلىغاندەك، كۈچىنى چقىرالماسلىق      老牛追兔子—有劲使不上

يول بويىدىكى ئىستولبىدەك، چەتتە تۇرماق         大路上的电杆——靠边站

ياغاچ كۆزئەينەك تاقىغندەك، ھېچنېمىنى كۆرەلمەسلىك    木头眼睛——看不透

يۇقىرىدىكى بىرىكمىلەر–مەنىداش ياپتا سۆزلەرگە كىرىدۇ . تۆۋەندە ئاھاڭداش ياپتا سۆزلەرگە مىساللار كەلتۈرىمىز. تەرجىمىدە ئاھاڭداش ياپتا سۆزلەرنىڭ ئىككى تەرىپىنى تەڭ چىقىرىش لازىم. ئىمكانقەدەر، تىرناقنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي مەنىسىنى چىقىرىشقا تىرىشىش لازىم .

قەھرىتان سوغۇقتىكى تۇرۇپتەك، قېتىپ(تەسىرلىنىپ) قاپتۇ腊月里的萝卜—冻(动)了心

تۆت سەر پاختىدەك، ئاتقۇچىلىقى(ئېيتقۇچىلىكى ) يوق 四两棉花—弹(谈)不上

چاشقان تارازىغا چىققاندەك، ئۆزىنى ئۆزى دەڭسىمەك(داڭلىماق)老鼠爬秤钩—自己秤(称)自己

كۆزنەكتىن كاناي چالغاندەك، تاۋۇشى(نامى) پۇر كەتمەك 穿户口吹喇叭—鸣(名)声在外

يامغۇردا چىققان قۇياشتەك، يالغان ئېچىلماق(ھىجايماق)下雨出太阳—假晴(情)

ماس تەرجىمە ئۇسۇلى

ماس تەرجىمە ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. بىرىنچى، بەزى خەنزۇچە تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزئارا ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن:

ئۆي ئۆزۈمنىڭ دېمە،ئۆي كەينىدە كىشى بار.           隔墙须有耳,窗外岂无人  

    ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە .                               入乡随俗   

ئۆزىنى چاغلىماسلىق.                             自不量力

بېشى پىلدەك، ئايىقى قىلدەك.                     虎头蛇尾

كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشىدۇ                 挖坑自陷

ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك–پوك                       做贼心虚

ئىككى سەككىز ئون ئالتە                            半斤八两

تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلماق                    小题大做

پۇت تېپىشمەك                                    勾心斗角

ئالەمدە بىر                                       举世无双

تىكىشى توختىماسلىق                              反复无常

ئىككىنچى، بەزى خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىدە ئوخشىتىش قوللىنىلمايدۇ. ئۇلاردا مىللىي تۈس ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكنى ساقلاش مەۋجۇت ئەمەس.ئۇلارنىڭ مەنىسى خېتىدىلا بولىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش خېلى ئوڭاي. مەسىلەن:

بىمەنە سەپسەتە                      不经之谈

قىن–قىنىغا پاتماي كەتمەك            欢天喜地

گەپ تېگىدە گەپ بار                话里有话

يوققا چىقماق                         化为乌有

كېيىن كەلگەن تۆرگە چىقىپتۇ          后来居上

ئوچۇق–يورۇق                       光明磊落

خەنزۇ تىلىدىكى بەزى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىدە ئوخشىتىش مەنىسى بولمايدۇ.لېكىن تەرجىمە قىلغاندا، ئۇيغۇر  تىلىدا ئوخشىتىش بىلەن كەلگەن شۇنداق بىرىكمىلەر ئۇچراپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مۇۋاپىق ئوخشىتىش سۆزلىرى بار بىرىكمىلەر بىلەن تەرجىمە قىلىش لازىم.

كۆرمىگەنگە كۆسەي تاڭسۇق                            少见多怪

بىر چالمىدا ئىككى پاختەك                              一举两得

تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن                      物以类聚

قىل سىغمايدۇ                                          千正万确

قىلدىن كەتسەڭ، قىرىقتىن كېتىسەن             差之毫厘,谬以千里

ئۈچىنچى، خەنزۇ–ئۇيغۇر تىللىرىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىدە قوللىنىلىدىغان ئوخشىتىشلار بەزىدە بىر–بىرىگە زادى يېقىن كەلمەي قالىدۇ.تەرجىمە قىلغاندا مەنىسى تولۇق چىقماي ، مەزمۇنغا تەسىر يېتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا كونكرېت كونتېكىستنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇيغۇرچىدىكى ئۇنىڭغا مەنە جەھەتتىن ئوخشايدىغان سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلغان تۈزۈك. مەسىلەن:

穿一条库دېگەن تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى شۇ پېتى تەرجمە قىلىنسا ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى چۈشەنمەتدۇ. شۇڭا، بۇنى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئېغىز–بۇرۇن يالاشماق» دېگەەك ئىبارە بىلەن تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 老鼠尾巴上害疥子,出脓不多دېگەن ياپتا سۆزدە ئادەمنىڭ بېخىللىقى، پىششىقلىقى ئىپادىلىنىدۇ.ئەگەر بۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ «چاشقاننىڭ قۇيرۇقىغا چىقان چىقسا ، ئۇنىڭدىن ئانچە يىرىڭ چىقمايدۇ»دەپ تەرجىمە قىلساق، چۇۋالچاق، ،چۈشىنىكسىز بىر نېمە بولۇپ چىققان بولار ئىدى. شۇڭا، بۇنى «چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغاننىڭ ئۆزى»، «بېخىل بېسىپ يەيدۇ» دېگەندەك ماقاللار بىلەن تەرجىمە قىلىش لازىم. بۇنداق تەرجىمە قىلغاندا، شەكىل ھەر خىل بولسىمۇ، مەزمۇنى ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ.

土埋半截دېگەن سۆزنى «يېرىم بەدىنى توپىغا كۆمۈلدى» دەپ تەرجىمە قىلساق، ئوقۇرمەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەن بولاتتى.شۇڭا،«بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان»، «بىر پۇتى يەردە، بىر پۇتى گۆردە» دېگەندەك ماقاللار بىلەن تەرجىمە قىلىش لازىم. تۆۋەندىكى بىرىكمىلەرنىڭ تەرجىمىسىمۇشۇنداق ھەل قىلىنغان. مەسىلەن:

قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى   近朱者赤,近墨者黑

مەرتنى مەيداندا كۆر                                       疾风知劲草   

ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا                               有志不在年高

جىننىڭ قەستى شاپتولدا                                 醉翁之意不在酒

مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى

ئەگەر تەرجىمىدە يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولماي قالغاندا، ئەسلىنۇسخىدىكى بىرىكمىنىڭ ئۇسلوبىنى قۇربان قىلىپ، كونتېكىستنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن ، ئەسلىنۇسخا ئىدىيىۋىي مەزمۇنىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ تەرجىمەقىلىش لازىم.

خەنزۇ تىلىدىكى بەزەن بىرىكمىلەرنىڭ خەت مەنىسىگە قارايدىغان بولساق، لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندەك كۆرىنىدۇ ياكى چۈشىنىشكە بولمايدۇ.مەسىلەن، 南来北往,胡说八道 دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى خەت مەنىسىگە قاراپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ.مۇنداق سۆزلەرنى كونتېكىستتىكى مەنىسىگە قاراپ، لوگىكىلىق جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ تەرجىمە قىلىش لازىم. بۇ ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىنغان بىرىكمىلەرگە قاراپ باقايلى:

قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر       不管三七二十一

باشقا كەلگەنگە كۆنۈپ، نائىلاج            硬着头皮

نەس باسماق، پالاكەت باسماق                   倒霉

يىپىدىن يىڭنىسىغىچە                       一五一十

ئەيش–ئشرەت                           花天酒地

شوخ، كەپسىز                             调捣蛋皮

خۇپسەنلىك قىلماق                            装蒜

خەنزۇ تىلىدىكى بەزىبىر تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى خەت مەنىسى جەھەتتىن لوگىكىغا ئۇيغۇن، ئېنىق مەنە بىلدۈرىدىغان بولسىمۇ، ئەينەن تەرجىمە قىلغاندا باشقا مەنە بېرىپ، ئەسلى نۇسخىنىڭ مەنىسى بۇرمىلىنىپ كېتىدىغان بولسا، مەنەن تەرجىمە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش لازىم. مەنەن تەرجىمە بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان بىرىكمىلەرگە مىساللار:

سەتلىشىپ قالماق، يۈزى قىزىرىپ قالماق                        碰一鼻子灰

ئوچاق بېشىدىن، خوتۇنىنىڭ قېشىدىن كەتمەسلىك           守着娘娘庙

قۇرۇق ھىجايماق                                        皮笑肉不笑

سېرىق تال ۋاقىت، ئۈزۈكچىلىك مەزگىل                    青黄不接   

ئەستايىدىللىق بىلەن، راستىنى ئېيتىپ                       一本正经

خەنزۇ تىلىدىكى ياپتا سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىشتا بەزىدە ئۇنىڭ ئىككى بېسلىق ۋە كۆچمە مەنىلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ، دەل ئەسلى نۇسخىدەك چىقىرىش تەسكە چۈشىدۇ.شۇڭا، مۇۋاپىق سۆز تېپىلمىسا، كونتېكىستنىڭ مەنىسىگە قاراپ، مەنەن تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم.   

对新药业,老实说,我是擀面杖吹火—一窍不通。。。

بۇ يەردىكى ياپتا سۆز ئوخشىتىش ۋە كۆچمە مەنىلىك سۆزدىن تەركىب تاپقان. ئۇنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا ، مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن « ھېچنېمىنى ئۇقمايدىغان قارا قۇرساق ئادەممەن» دەپ تەرجىمە قىلىش لازىم. تۆۋەندىكى ئىبارىمۇ شۇنداق ئۇسۇل بىلەن تەرجىمە قىلىنغان.

گەپنىڭ راستىنى ئېيتىپ قوياي              打开天窗说亮话

بەزى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مەسەلگە ئوخشاش كېلىش مەنبەسى بولىدۇ. لېكىن بۇنداق بىرىكمىلەر ئۇزاق قوللىنىلىپ ئاساسىي مەنىسى، كېلىش مەنبەسى ئۇنتۇلغانلىقىن ، پەقەت مەلۇم تۇراقلىق مەنىگە ئىگە تىل تەركىبى تەرىقىسىدە قوللىنىلىدۇ. تەرجىمىدە مۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا ، مۇۋاپىق كېلىدىغان ماس سۆزلەر تېپىلىپ قالسا، كونتېكىستكە ماسلاشتۇرۇپ مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلىنى قوللانغان تۈزۈك. مەسىلەن:

ئورۇنسىز غەم–ئەندىشە                           杞人忧天,多余的

مەجبۇر بولماق، ئىلاجىسىزشۇنداق قىلماق                逼上梁山

قاتمۇقات توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتمەك، سۈرۈپ–توقاي قىلماق   过五关,折六将

مۈشكۈل ئەھۋالدا قالماق                               四面楚歌

پۈتۈن كۈچ–قۇۋۋىتى بىلەن                         九牛二虎之力

ھېچقانچە كۈچ ئىشلەتمەيلا                            不费吹灰之力

ئىخچام تەرجىمە ئۇسۇلى

تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا قىسقارتىپ، ئىخچاملاپ، يىغىنچاقلاپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە، بارلىق تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىش لازىم دېگەنلىك ئەمەس. قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىشنىڭمۇ مەلۇم يولى بار.

بىرىنچى، خەنزۇ تىلىدا بەزىدە بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىرىكمىلىرى قوشلاپ كېلىپ، ئستىلىستىكىلىق جەھەتتىن ئاھاڭداشلىقنى كۈچەيتىش، شەكىلنى چىرايلىق كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا، بۇنداق سۆزلەرنى جۇپ–جۇپى بىلەن قالدۇرماي تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىككىسىنىڭ بىرىسى ئېلىنسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن 取之不尽,用之不竭 دېگەن تۇراقلىق ئىبارە ھامان بىللە قوللىنىلىدۇ. بۇ بىرىكمىنى « ئالغانغا تۈگىمەيدىغان، ئىشلەتكەندە خورىمايدىغان» دەپ يۈرمەيلا، «پۈتمەس–تۈگىمەس» دېگەن سۆز بىلەن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىش لازىم, ياكى بولمىسا، « تۈگىمەس، پۈتمەس، خورىماس » دېگەن ئۈچ سۆز قايسىسى ئېلىنسىمۇ مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن:

  真有沉鱼落雁之容,闭月羞花之貌    دېگەن بىرىكمىدىكى ئىككى ئوخشىتىش بىللە قوللىنىلىپ، چىرايلىق تەسۋىرىي سۆزگە ئايلانغان. بۇ ئىبارىلەر ئىككى خىل ئوخشىتىشتىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، مەنە جەھەتتىن تەكرارلىنىپ كەلگەن. 沉鱼 (بېلىق چۆكۈپ)، 落雁 ( غاز قونۇپ)،闭月 (ئاي يۈزىنى بېسىپ)، 羞花(گۈل ئۇيىلىپ) دېگەن سۆزلەر نازىنىنىڭ چىرايلىق، كېلىشكەن قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ.ئەگەر ئۇيغۇرچىغا بۇ ئىككى ئىبارىنى قوشلاپ، ھەممە ئوخشىتىشلىرىنى ئەينەن چىقىرىپ يەرجىمە قىلساق،تەرجمە نۇسخىسى چۇۋالچاق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ، ئىپادىلەشكە تەسىر يەتكەن بولاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنى « ئاي يۈزىنى بېسىپ، گۈل ئۇيىلىدىغان كۆركى بار »دەپ تەرجىمە قىلىپ، يېرىمىنى قىسقارتىپ، ئىخچاملاپ تەرجىمە قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىككىنچىى، خەنزۇ تىلىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى بەزىدە تۆت خەتتىن بىرىكىپ كېلىپ، ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ئىككى جۇپ سۆز ھامان مەنە جەھەتتىن قايتىلىنىپ، ئىستىلىستىكىلىق تەرەپتىن چىرايلىق تۈس قوشىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق ئۇسۇل ئۇچرىمايدۇ. مەسىلەن،贪官污吏 دېگەن ئىبارە – جۇپ سۆزلۈك بىرىكمە. بۇنىڭدا贪官 بىلەن 污吏بىرلا كىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغاندا « پارىخور ئەمەلدار » دەپ ئالسىلا كۇپايە. ئەگەر بۇنى « پارىخور ئەمەلدار، خىيانەتچى مەنسەپدار »دەپ تەرجىمە قىلساق، بەك چۇۋالچاق بولۇپ، مەنىسىمۇ خىرەلىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىر مىسال، 暴风骤雨 دېگەن ئىبارە暴风  ۋە 骤雨دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان، بۇ ئىككىسى بىرىكىپ، بىرلا猛烈 دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدۇ. شۇڭا، بۇ تۆت خەتلىك ئىبارىنى قىسقارتىپ « بوران » ياكى « بوران–چاپقۇن »دەپ تەرجىمە قىلساقمۇ، مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە بولىدۇ . بۇنى «دەھشەتلىك بوران، قاتتىق يامغۇر » دەپ تەرجىمە قىلساق، بىلدۈرىدىغان مەنە چېچىلىپ، سۆزنىڭ كۈچى قالمايدۇ . شۇنداقلا، 铜墙铁壁 دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنىمۇ بىرلا ئوخشىتىش دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنى « مىس سېپىل، تۆمۈر تام » دېمەي، « پولات ئىستىھكام » دېسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

بەزىبىر جۇپ سۆزلۈك بىرىكمە بولۇپ كېلىدىغان تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى تەرەپلىرىنىڭ بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان كونكىرېت مەنىلىرى بولىدۇ. بۇنى تولۇق چۈشىنىپ، ياخشى پەرىقلەندۈرۈش لازىم. مەسىلەن 违法乱纪 دېگەن ئىبارىدە   法律ۋە 纪律دېگەن مەنىلەر بار. بۇلار– بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى تۈرلۈك نەرسە. تەرجىمىدە بۇخىل تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنى قىسقارتىپ ئېلىشقا بولمايدۇ.بۇنى «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزامنى بۇزماق » دەپ تەرجىمە قىلىش لازىم. ئەگەر بۇ ئىبارىنى « قانۇن–ئىنتىزامنى بۇزماق » دەپ ئالساق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى، ئادەمنىڭ ئىنتىزامنى بۇزۇشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.ھەر قانداق كىشى ئۆز ھەرىكىتى بىلەن قانۇننى بۇزالمايدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدۇ. يەنە بىر نەچچە مىسال كەلتۈرەيلى:

长吁短叹 بۇ بىرىكمىدىكى长吁  بىلەن 短叹 قوشۇلۇپ بىرلا مەنىنى ئاڭلىتىدۇ. ھېچقاچان « ئۇزۇن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، قىسقا خۇرسىندى » دېگەن گەپ بولماستىن، « ئاھ ئۇردى » ياكى «ئۇلۇغ كىچىك تىندى » دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ. يەنە بىر مىسال،断子绝孙 دېگەن تۇراقلىق ئىبارە « بالىلىرىڭ تۈگەپ، نەۋرىلىرىڭ قۇرۇپ كەتكۈر » دەپ تەرجىمە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ مىسالدا « نەسىل »، « ئۇرۇق–ئەۋلات » ھەققىدە سۆز بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ سۆز 啊Q正传  نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىدا « نەسلىڭ قۇرۇغۇر » دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

指手画脚 دېگەن بىرىكمىدىكى بىلەن 画脚 ئەمەلىيەتتە بىرلا ئوبرازنى بىلدۈرىدۇ، يەنى سۆزلىگەندە قول–پۇتنى كەلسە–كەلمەس ھەرىكەتلەندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ سۆز « قول شىلتىپ » دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى مىساللارغا قاراپ باقايلى:

  مۇغەمبەر                               油头滑脑

يۈزە تەسۋىرلىمەك                          轻描淡写

باش ئايلانماق                              头昏脑胀

ياغلىما سۆز                                 花言巧语

كۈكۈم–تالقان بولماق                      粉身碎骨

خەنزۇ تىلىدىكى تەكرارلىنىپ كېلىدىغان ئىبارىلەرنىڭ تەكرارلانمىغان تۈپ سۆزىنى ئېلىپ تەرجىمە قىلىش لازىم. چۈنكى شۇ تۇراقلىق ئىبارىنىڭ ئاساىي مەنىسى ئۇنىڭ تەكرارلانمىغان تۈپ سۆزىدىن تۇغۇلغان. دېمەك ، بۇ خىل تەرجىمىمۇ ئىخچاملاپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىغا ياتىدۇ. تۆۋەندىكى تەكرار ئىبارىلەرنى تەرجىمە قىلىشتا ئۇنىڭ تۈپ سۆزىنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلسىلا بولىدۇ،

曲曲折折                                曲折   

马马虎虎                                马虎

恭恭敬敬                                恭敬

吞吞吐吐                                吞吐

空空洞洞                                空洞

干干巴巴                                干吧

ئەگەر بەزىبىر تەكرار ئىبارىلەرنىڭ تەكرارلىنىش ئۇسلۇبىنى ھەم شۇ ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەپ كۆرسەتمەكچى بولساق، ئۇنىڭ تۈپ سۆزىدىن تەرجىمە قىلىنغان مەنىسىنىڭ ئالدىغا سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنىڭ قوشۇمچىلىرىنى قويۇپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:

       پاك–پاكىز                           干干净净

  قۇپ–قۇرۇق                            空空洞洞

ئوپ–ئوچۇق                      清清楚楚

ئاپ–ئاشكارە                     赤赤裸裸

لېكىن، بۇ ئۇسۇل بىلەن ھەممە تەكرار ئىبارىلەرنى تەرجىمە قىلىۋېرىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنى كونكىرېت كونتېكىستنىڭ مەنىسىگە قاراپ، باشقىچىمۇ ئۇسۇللار بىلەن تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن،曲曲折折 دېگەن سۆزنى بەزىدە  «ئەگرى»، «قىڭغىر»، بەزىدە «ئەگرى–بۈگرى» ، «ئەگرى–توقاي» دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

–تەتقىقات ماقالەلىرىمدىن تاللانمىلار

  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 19:48  


مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 287
تۆھپە : 4
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 20:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېدىل ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەخمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 20:44  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 748
تۆھپە : 13
توردا: 138
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 20:49:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ئەجىرلىرىڭىزدىن سۆيۈنۈپ، پايدىلىنىپ كىلىۋاتىمىز ئىدىل ئاكا. رەھمەت سىزگە!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 379
تۆھپە : 1
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئاكىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن سۆيۈندۈم. ئىدىل ئەپەندى ئەزىز تەنلىرى سالامەت بولغاي!

ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 2
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئۇكىلىرىم ئاينۇرى، سائادەت، بۈركۈت، سىلەرنىڭ چىن كۆڭۈلدىن چىققان ئىزگۈ تىلەكلىرىڭلارغاتەشەككۈر!سىلەرگەساپ ئەقىل، ساغلام بەدەن يار بولسۇن !،

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  223
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 128
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غىلاجىدىن ئاكىنىڭ بىزنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قوللىنىشچانلىغى كۈچلۈك بولغان قىممەتلىك بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىگىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن.

ئاسمان، سەن تونۇمىساڭ تونۇما مېنى،
لېكىن كۆز يېشىڭدىن تونۇيمەن سېنى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 171
تۆھپە : 2
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك تەرجىمىگە يېڭى كىرىشكەنلەر ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بىلىملەر ئىكەن.ئىدىل ئاكا،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 1
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك تەتقىقاتلىرڭىز بىلەن بىزگە ئوزۇق بېرىۋاتىسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 2
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك ئىنى–سىڭلىلىرىم ئارغۇ ،ئابلىكىم شەمى ، ئاق گۈل، سىلەرگە رەھمەت، ئاق ئېدىلدەك ئاق كۆڭلۈڭلاردىن قايناپ چىققان ياخشى تىلەكلىرىڭلارغا تەشەككۈر! سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش