جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 1

شۇنچىلىك سېغىندىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  748
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شۇنچىلىك سېغىندىم. ئوماق كۈلكىلىرىڭ ۋۇجۇدۇمنى سىماپ كەبى ئېرىتىپ،چۈشلىرىمنى بۇزۇپ قويدى.
  تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىمدا سېغىنىشىمنىڭ ئەستىلىكلىرى مەۋج ئۇرۇپ، ئارمانلىرىم گىرۋەكلىرىدە ياتار جىلمىيىپ.  تۈن قوينىدا ياقا يىرتقان تەنھا خىياللىرىم، سۈپ-سۈزۈك ھەسرەتلەردە ياتار تولغىنىپ. سۆيۈلگەن ۋاقىت قوينىدا چېچەكلىگەن ئاداققى دەملەر، ئاتەش لەۋلەردە مەست بولۇپ، تاتلىق تاتلىق ئەسلىمىلەردە ۋىلىقلىماقتا.  
  شۇنچىلىك سېغىندىم. سۆيۈش ئۈچۈن ئىنتىلگەن ئارمانلىرىمدا ، ۋىسال كۈنلىرىنىڭ قانلىق ئىزناسى سىمىلداپ، تەلمۈرگەن كۈنلىرىمگە ئاقماقتا ئاستا. ئۆمچەيگەن لەۋلىرىمگە شۇڭغۇغان ھىجران كۈلكىسى، كۈتۈش دوقاللىرىدا تۇرىدۇ تىترەپ. سەنسىز مۇڭغا پاتقان كۆيۈشلىرىم ، چەكسىز ئىزتىراپلاردا مايلىماقتا قاغجىرىغان خىياللىرىنى ساڭا تېۋىنىپ.
  شۇنداق سېغىندىم. زارىققان كۈنلىرىمگە شاھىد بولغان چۈچۈك ئەسلىمىلىرىم، دومسايغان ۋاقىتلارغا نەرە تارتماقتا. يول-يوللارغا سىرغىپ چۈشكەن سېغىنىشىم، مەيىن شامالدا مەست بولۇپ قاپتۇ. ئۇنتۇلغان دەقىقىلەر تىترەڭگۈ نەپەسلەرگە پارە بەرمەكتە.    قىيسايغان ئۈمىد شولىسى ،ۋىسال تۈنلىرىگە ئوت ئاچماقتا. كۆيىۋاتقان سېغىنىشىم تەلپۈنگەن قاراقلاردا تۇرار ئېسىلىپ.
  شۇنداق سېغىندىم. تاتلىق تاتلىق سېغىنىشىم ۋىسال قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلار دولقۇن ياساپ.
شۇنداق سېغىندىم. ھەر بىر دەقىقەم ئوماق دەملەرگە تەلپۈنمەكتە.

مەنبە: خاتىرەمدىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 117
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:26:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىشنىڭ رەڭ،بوياقسىز ئىپادىلىنىشى...

ئادەمنىڭ خار، ئازابقا دۇچار بولىشى ۋاقتىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلغانلىقىدىندۇر...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش