ئانا يۇرت سۆيگۈسى
رەشىدە مۇھەممەد مېھرىگىياھ
ئورنى يوق
كۆڭلۈم مېنىڭ ئالەمچە كەڭ ، بىۋاپانىڭ ئورنى يوق ،
دەردۇ –پىغان بولسا مەيلى ،كەيپى –ساپانىڭ ئورنى يوق .
بۇ بېشىم ئۆزۈمگە دۆلەت غەملىرىم ئالەمچە بار ،
بىلگىن مېنى ئالدايدىغان مېھرى –ۋاپانىڭ ئورنى يوق .
مەپتۇن بولۇپ تالى –مەجنۇن ئەككەي بۇلاققا بوينىنى ،
مەنپەئەت قىلمايدىغان جەۋرى –جاپانىڭ ئورنى يوق .
تۈنلىرى ئىبلىسقا دەرس بەرگەنلەر بار بىدارى بوپ ،
قارىساڭ پەرىشتىدەك يۈرگەن زىبانىڭ ئورنى يوق .
مېھرىگىياھ تەنگە داۋا ئۆزگىدىن كۈتمەس شىپا ،
بىر ئۆمۈر دىشۋارى كەتمەس پاش –پانانىڭ ئورنى يوق .
ئانا يۇرت سۆيگۈسى
غېرىپنىڭ قولىنى تۇتقان غېنىنىڭ قوللىرى باشقا ،
پېقىر -مىسكىن ئۈچۈن بەرگەن سېخىينىڭ پۇللىرى باشقا .
ئەنە كۆرگىن سۈرةن –شاۋقۇن ساياهةت بەزمىلەر بۇدەم ،
ئاۋامنىڭ غېمىنى يىگەن ئەزىزنىڭ كۈنلىرى باشقا .
مېنىڭغۇ قۇت شەرەپ شاندىن ئاتاقلاردىن تامايىم يوق ،
لېكىن خەلقىم ظأزى تذتقان ساظادةت گۈللىرى باشقا .
مۇھەببەت ئىشقى داۋاسى قىلىش مەندىن يىراق بولسۇن ،
ئانا يۇرتچۈن كۆيەر قەلبىم يۈرەكنىڭ كۈيلىرى باشقا .
ظېلىمچۈن خەستە باشىمنى قىلاي قۇربان تۈمۈنمىڭ رةت ،
كأيةي مةيلى ئاقاي مەيلى ۋەتەننىڭ سۇلىرى باشقا .
راستمۇ
سەھەرنىڭ بۇلبۇلى سايراپ ئاۋازى پۈتكىنى راستمۇ ؟
كۆڭۈللەر بېغىدىن ھەتتا ناۋاسى يۈتكىنى راستمۇ ؟
تىلەكلەر بوپ نىچۈن قاخشال يۈرەكنىڭ يامغۇرى كەتتى ،
باھاردا جۈت بۇلۇپ قاتتىق مۆلدۈرنىڭ چۈشكىنى راستمۇ ؟
ئۆيىگە مېھرىنى تۆككەن ئايالنىڭ كۆزلىرى ياشلىق ،
ھايالىق دەپتىرىن ياپقان سەتەڭنىڭ كۈلگىنى راستمۇ ؟
سېھرىدىن قېلىنىپ جادۇ سېزىمنى يوقۇتۇپ جىسمىڭ ،
تىرىكتەك تۇرغىنى بىلەن روھىڭنىڭ ئۆلگىنى راستمۇ ؟
ئۈمۈتنىڭ ئۇچقۇنى يانغىن ياسالماي بىر نوۋەت ھەتتا ،
يېشىڭدىن ئۆچكىنى راستمۇ ،دىلىڭدىن كۆچكىنى راستمۇ ؟
ئىلتىجا
يۈرمۈدۈم تەڭرىم بىلىسەن تائەت -ئىبادەتتىن يىراق ،
ھەم بولمۇدۇم ھازىرغىچە جەبرى-مۇشەققەتتىن يىراق .
شۇنچە سادىق بولدۇم نىگارغا جان پىدا قىلدىم ھامان ،
ۋە لېكىن كۆڭلۈم بولالماس دەشنۇ-ئاھانەتتىن يىراق .
شۇنچە مېھنەت شۇنچە ئەجرىم كەتتى نەلەرگە ئۇچۇپ ،
بۇ بېشىم ھېچ بولمىدى قايغۇ -نادامەتتىن يىراق .
زارىقىپ كۈتتۈم باھارنى ئۇنىڭدىن ھىچ ئۈزمەي ئۈمۈد،
بولمىغاچ بۇ ھالىم پەقەت خارلىق -ئاسارەتتىن يىراق .
رەھمىتىڭدىن قوغلىنىش ھەم بولمۇسۇن قىسمەتلىرىم ،
چۈنكى ئەمەسقۇ ئۆزۈڭ ئەدلۇ-ئادالەتتىن يىراق .
جىسمىمدا مەۋجۇت بىر ئىرادە كۈچ بېرىپ تۇرار ھامان ،
قىلمىغايسەن مېنى ھەرگىز بەخت-سائادەتتىن يىراق .
ئىلتىجارىم يەتكەي پەقەت ئى ئۇلۇغ رەببىم ساڭا ،
قىلمىغىن مېھرىنى ئەمدى مېھرى -مۇھەببەتتىن يىراق .
بىلسۇن
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا كۆيگەن مېنى يىگانە دەپ بىلسۇن ،
كېچىلەر ئاھۇ -زار قىلغان مېنى بىگانە دەپ بىلسۇن .
پۈچەك ئىقبالدا زەر- ياقۇت يېتەر سۆيمەككە يۇرتۇمنى ،
ۋۇجۇدى كۈلگە ئايلانغان مېنى پەرۋانە دەپ بىلسۇن .
زىمىن كۆرپەم ،يېپىنچام كۆك ، تەكىيىم تاغ يۆلەنمەككە ،
ئانا دەريا بۆلەنمەككە مېنى مەستانە دەپ بىلسۇن .
ۋەتەندە شاھى -سۇلتانمەن ھەسەت قىلمايمەن بايلارغا ،
باھا بەرمەككە ئۆز مەيلى مېنى دىۋانە دەپ بىلسۇن .
بېرەرگە ھەر دەقىق تەييار تۈمەن باشىنى بۇ مېھرى ،
مۇھەببەت ئالىمى ئىچرە مېنى دۇردانە دەپ بىلسۇن !
خىيانەتنى يېپىپ كەلدىڭ
ئېسىمدىن لالە باغىمنى خازان قىلغانلىرىڭ كەتمەس ،
ئاتەشلىك ئوت يۈرەگىمنى يېرىپ تىلغانلىرىڭ كەتمەس .
بىراق كۆڭۈل دىگەن ئازغۇن گۈزەل چېھرىڭگە ئالدانغان .
جۇلالىقسەن ئۆزۈڭ گۈلدەك بويۇڭ يىپەك خېنىم ئەتلەس .
ئاداۋەتنى يامان دەيدۇ لېكىن بۇ دىل كۆيەر ئوتتا ،
زەھەر تامغان لېۋىڭ ئەستە ئۆمۈرۋايەت ئىزى ئۆچمەس .
قاچانكى دىل ئاسارەتتە ،يوقاپ قەدرى ئىتائەتتە ،
يولى تاردۇر مۇشەققەتتە كۈنى بىر كۈن كۈلۈپ ئۆتمەس .
خىيانەتنى يېپىپ كەلدىڭ دىلىم چەكتى پىغان پەرياد ،
بىراق مېھرى ئەۋەل ئاخىر ھالاللىقنى تەرك ئەتمەس .
قاراقلاردىن ئېقىپ ئەگىز ،كېلىپسەن ئەمدى بەك ئەنسىز ،
بىلىپ قالغىن يۈرەك ھەرگىز زەئىپ روھتىن ئۈمۈد كۈتمەس .
يۈرەك ھارغىن لېكىن ئويغاق قىلالماس بەنت ئۇنى ئەپسۇن ،
شۇڭا ئەمدى ئىگىزدەمەن ئانارىمغا قولۇڭ يەتمەس .
نەپرىتىم كەلدى
(بىر قىزنىڭ بايانى )
كىشىنىڭ ھەققىگەسۇنغان قولۇڭغا نەپرىتىم كەلدى ،
ھەقىقەت ئىزىدىن تانغان يولۇڭغا نەپرىتىم كەلدى .
نېسىۋە تۇرسىمۇ ياندا قانائەت قىلمىدىڭ ئەسلا ،
ھالاللىق لەۋزىگە تۇزكور خۇيۇڭغا نەپرىتىم كەلدى .
باھارنى سۆيمىدىڭ دىلدىن ئۇنىڭسىز قاينىدى بەزمەڭ ،
بىلەمسەن شۇ قەدەر تەمسىز كۈيۈڭگە نەپرىتىم كەلدى .
خىيانەت لوڭقىسى ئىچرە سولاشقان جىلۋىسىز گۈلنى ،
يۈرەكلىك گۈل قىلىپ قىسقان بويۇڭغا نەپرىتىم كەلدى .
يېنىڭدا تۇرسىمۇ گۈلدەك ئەقىدەڭ دىلبىرى مىسكىن ،
ئۇنى قان يىغلىتىپ قىلغان تويۇڭغا نەپرىتىم كەلدى .
مۈمكىن ئەمەس
جەزبىدارمەن ئۆتمۈشۈمگە ئوخشۇشۇم مۈمكىن ئەمەس ،
بولغاچ مەدەت ماڭا خەلقىم قورقۇشۇم مۈمكىن ئەمەس .
شۇنچە يارقىن بىر گۈزەل تاڭ بالقىتىپ چاچماقتا نۇر ،
ئاۋارە بوپ توسما يولۇم توختۇشۇم مۈمكىن ئەمەس .
بولدى بەس بولدۇم بىزار ئەللەيلىرىڭنى نېرى تارت ،
بەزلىمە سىيلاپمۇ كەتمە ئۇخلۇشۇم مۈمكىن ئەمەس .
توۋلۇغۇم كەلدى ئەجەپ بارچە ئاۋازىم ئەۋجىدە ،
خوشلۇغۇڭچۈن ئۆز –ئۆزۈمنى بوغۇشۇم مۈمكىن ئەمەس .
سەن مېنى كۈيلە دىمە مەندىن ھەم كۈتمە ئۈمۈد ،
بۇ بەختنىڭ قوشۇقىغا قوشۇشۇم مۈمكىن ئەمەس .
ئوغلۇمغا
كۆزى زۇمرەت كەمەرىڭنى ھەمىشە بەلگە باغلاپ تۇر ،
كۆڭۈل قەسرىڭ تۆرىگە ھەق ، ھۆرى - غىلماننى باشلاپ تۇر .
بەخت بىلگىن قېرىنداشچۈن كۆيۈشنى ،بەخش ئېتىشنى ھەم ،
رەقپ باغرى ئۈچۈن ئەمما ئازاپ دارىنى راسلاپ تۇر .
ئۆمۈر باغىڭ كۆكەرگەن بىل ئۇلۇغلارنىڭ دۇئاسىدا ،
قانات قاقساڭ مەگەر كۆكتە يەنىلا ھەقنى يادلاپ تۇر .
ئەجىر -تۆھپە قىلىپ تۇرغىن تامامى جان بەھىر ئالسۇن ،
ئەقىل -باشىڭ زايە قىلما ئۇنى پەرۋىشلە ئاسراپ تۇر .
ئۈمۈد بىرلە ياشاپ ئۆتكىن دىلىڭ ئويغاق سۈزۈك بولسۇن ،
بۇلاق بولغىن ،ئەزىزلەنگىن ئەبەتكە كۆكتە پارلاپ تۇر .
قىزىمغا
سىياقىڭ گۈلدە شەبنەمدۇر باھارىم كۆركى ھۆسنىڭدە ،
تىلەگىم سەندە گۈل ئاچقاي ھاياتىم زوقى كۈلكەڭدە .
ياشاركەن كىشى بىئارمان ئىلىمگە بولسا ئىخلاسى ،
ھاياتنىڭ قىممىتى بىلگىن ئىلىمنىڭ باغى -گۈلشەندە .
ھەسەتنى دىلدا خار قىلغىن ،روھى -جىسمىڭنى پاك قىلغىن ،
ئۇنۇتما روھى بۇلغانغان قالاركەن بەكمۇ تەس كۈندە .
سېنىڭدە پىكرۇ - ئەس ھالىم ،تەسەددۇق بۇندا مىڭ جانىم ،
ھىدايەت تاپقۇسى قەلبىڭ ئەقىدەڭ مىۋە بەرگەندە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 17:52