جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 1

غەربكە ساياھات(ئەسلىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 69
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربكە ساياھەت
ياسىن ئەبەيدۇللا



بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى يەنى 2007-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا سەپەر قىلپ قالدىم، بۇ قىتىملىق بىر ئايلىق سەپىرىمدە غولجىنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرىنى بىر ئېغىز ياخشى دىگەن گەپ بىلەن ئىپادىلىسەم بەكمۇ ئاددى بۇلۇپ قالىدۇ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دوسىتلىرىمغا غۇلجا ۋە غۇلجىدا كۆرگەنلىرىم تۇغىرسىدا سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇلارنىڭمۇ غۇلجىغا بارغۇسى كەلگەنىدى.

سەپەر يۇلىدا

ئۈرۈمچىدىن چۇشتىن كىيىن قوزغالدۇق، ھەتتا ئۈرۈمچىدىن چىققۇچە كەچمۇ كىرىپ قالدى، ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەر ماڭغاندىن كىيىن شىخەنزىگە كەلدۇق دىيىشىتى ئەتراپىمدىكىلەر. دېرىزىدىن دەرەخلەر بىلەن قارىيىپ تۇرغان بىنالار نى غۇۋا كۆردۇم، بۇيەرنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى يۇرتۇم تۇرپان بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارلىقىغا ئۇخشاپ قالىدىكەن دەپ ئويلىدىم. قاراڭغۇلۇقتا ھىچىنمنى ئىلغا قىلغىلى بولمىغاچقا ،يىڭىدىن ئۇچراشقان يەرلەرنى كۆرىمەن دىگەن ئۇيۇمدىن ياندىم. ناھايتتى تەستە كەلگەن ئۇيقۇم ئاپتۇبۇستىكى ۋاراڭ –چۇرۇڭدىن قىچىپ كەتتى،كىشلەر تەلكە داۋانىغا كەپتۇق دىيىشۋاتاتتى. مەن سىرىتقا قارىدىم، ئەپسوس قاراڭغۇلۇقتا ماشنا يۇرۇقى چۇشكەن يولدىن باشقا ھىچيەرنى كۆرگىلى بولمىدى، پەقەت ماشىننىڭ پەسكە قاراپ مىڭۋاتقىنننى بىلگلى بۇلاتتى.

چىڭسىخۇزىدا ئۇتكەن كۇنلەر

سەپەر نىشانى قورغاس ناھىيسىنىڭ چىڭسىخۇزا بازىرى ئىدى، ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق دەيتتى ،خەنزۇچە ئىسمىنى تەرجىمە قىلساق سۈزۇك سۇ ياكى سۈزۈك غول بۇلاتتى، مىنىڭ كۇزىتىشىمچە بۇ بازار خىلى تەرەققى قىلىپتۇ شەھەر رايونى چوڭ بۇلۇپ بىزنىڭ پىچان ناھىيمىزىكى چوڭ بازار لۇكچۇندىن پەرىقىلىق چوڭ ئىدى، بازارلىق ھۇكۇمەت ماتىرىيالدىن قارىغاندا پۇتۇن بازار تەۋەسىدە 18مىللەت بار ئىكەن. بازار ئىچىدە ئايلانغاندا ئۇيغۇرلارنى ئانچە يۇلۇقتۇرمىدىم ،يۇلۇقتۇرغانلىرىم ئاساسەن ئۇيەر-بۇيەردە قارت ئويناپ يۇرگەن ئۇيغۇرلار بولدى،قارىغاندا ئۇلار بىكار ئىدى. يەنە بىر قىتىم بىر چوڭراق كوۋرۇك يىنىدا بىر تاۋۇز تىلىپ ساتىدىغان ئۇيغۇر بۇۋاينى كۆردۇم. بىر تىلم ئالاي دەپ باھاسىنى  سورىغىنىمدا 50تىيىن دەپ بەرگەن جاۋابى مىنى چۆچۆتۋەتتى.مەن بۇنى مو دەپ چۇشىنۋالغانىدىم،لىكىن تىزلا تىيىن دىگەننىڭ فۇڭنى بىلدۇرىدىغانلىقى ئىسمگە ئالدىم ،سەزگۇر بوۋاي مىنىڭ چۆچۆپ كەتكىنىمنى بىلۋالدى.كىيىن مەن زېرىكىپ قالغاندا پات-پات مۇشۇ بۇۋايدىن تاۋۇز سىتىۋالغاچ پاراڭلىشىپ كىلىدىغان بولدۇم.

سۈيدۇڭگە بېرىش

ئۇ كۇنى بىز ناھىيگە كىرمەكچى بولدۇق ۋە بىر تاكسىنى توسۇپ( قورغاسقا بارىمىز) دىسەك (چېگىراغا بارامسىلەر) دىدى (ياق بىز ناھىيەگە كىرمەكچىدۇق) دەپ چۇشەندۇرۇشكە مەجبور بولدۇق، شوپۇر ئاندىن بىزنىڭ مەقسىدىمىزنى چۇشىنىپ (سۇيدۇڭگە بارغۇدەكسىلەر ئۇنداقتا )دىدى شۇنداق قىلپ بىز ناھىيە بازىرىنىڭ سۇيدۇڭگە جايلاشقانلىقىنى بىلدۇق. ئەمما ناھىيە بازىرىغا كىرىپ سۇيدۇڭنىڭ چىڭسىخۇزىدىن ئازراقلا چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ سەل ھەيران بولدۇم. سۇيدۇڭدە ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىكەن.

غەرىپتىكى چېگرا

قورغاس چېگراسى تۇغىرسىدىكى گەپنى ئاڭلاپ چېگرا تەرەپكە بېرىپ باقماقچى بولدۇق، يول يىراق ئەمەس ئىدى، بىر جايدا كىملىكنى تەكشۇردى ، كىملىكمنى تەكشۇرۋاتقان شۇ چاغدا مەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى چېگرا ھالقىش مۇشۇنچە بۇلارمۇ؟ دىگەنلەرنى ئويىلىدىم. چېگرادىكى بازار قورغاسقا كەلدۇق، بۇ بازارمۇ ئوبدانلا تەرەققى قىلغان بۇلۇپ ناھىيەدىن پەرىق قىلمايتتى، چىگراغا كىلىپ سۆرەتلەرگە چۇشتۇق،ئۇ يەردە چەتئەللىكلەر كىرىپ –چىقىپ تۇراتتى. نېرقى تەرەپتە تاغلار كۆرۇنۇپ تۇراتتى. كۆڭلۈمدە تاغنىڭ ئۇ تەرىپى چەتئەل ھە دىگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى. بىر ھىساپتا قازاقىستان بىزگە ھەم چەتئەل ھەم چەتئەل ئەمەس ئىدى.

كۇرەدە سادىر پالۋاننى ئەسلەش

كۇرە بازىرى بىر مەزگىل شىنجاڭنىڭ ھەربىي مەركىزى بولغان ئىلى جىياڭجۇن مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشقان جايى ئىدى. كۇرە سەپىرىمزدە بىز ئاساسلىق بىر قانچە دۆلىتىمىز ئوسلۇبىدىكى ئىمارەتلەرنى كۆردۇق. تۆت چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقىنىمىزدا تىيىپجان ھادى يازغان( پالۋان كەلدى) ناملىق ھىكايە يادىمغا كەلدى. سادىر پالۋان تۇيۇقسىز ئات چاپتۇرۇپ چىقىپ كاللا كىسىش مەيدانىدىن ئايالى شەرۋانىخاننى ئاتنىڭ ئالدىغا ئىلىپ  قۇتۇلدۇرۇپ ماڭدى. ئىسىمدە قىلشچە بىزنىڭ ئىلپبە كىتاپتا سادىر پالۋاننىڭ قۇشىقى بار ئىدى. مەن ئەزەلدىن قۇشاق يادلاشقا كاج ئىدىم. تۇلۇق ئۇتتۇرىدا كىلاسسىك ئەدەبىيات ئۇتكەن چاغدا ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىمىز ماڭا سادىر پالۋاننىڭ قۇشىقى يادلاتقۇزغاندا ، بىر كوبلىتنىڭ ئىككى مىسراسى بىلەن يەنە باشقا كوبلىتىنىڭ ئىككى مىسراسىنى بىر قىلىپ يادلاپ بەرگىنىمدە مۇئەللىم ماڭا باش چايقىغانىدى. شۇ ئىشلار ئسمدە ئىدى.

ھىسامنىڭ ئورۇندۇقى بىلەن كۆرۇشۇش

مىنىڭدىن بىر قانچە كۇن ئىلگىرى شەھەرگە كىرىپ چىققان بۇرادىرىم ھىسام دائىم ئولتۇرىدىغان  بىر ئورۇندۇق بارلىقىنى شۇ يەرگە بارساق چۇقۇم ھىسام بىلەن كۆرۇشەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ مىنى قىزىقتۇرۇپ قويدى.شۇ زامات ھايات نەسىردىن ئەپەندى دەپ تەرىپلىنىدىغان ،غۇلجا چاقچاقچىلىرىنىڭ پىشۋاسى، چىرايىنى قورۇق باسقان بوۋاي-ھىسام ئاكىنىڭ تېلۋىزورلاردا كۆرۇپ قالغان چىرايى يادىمغا يەتتى. بىز بىر كۇنى پۇرسەت تىپىپ شەھەرگە كىردۇق. ئاۋات خەنزۇ بازىرىنى ئايلىنىپ،خۇددى سەنشىخاڭزىنى ئايلانغاندەكلا بولدۇق. ئاندىن ھىسامنىڭ ئورۇندۇقى تەرەپكە ئۇتتۇق، ئەپسوس بىز يىراقتىن قارىغان ھىسم ئولتۇرىدۇ دىگەن ئورۇن قۇرۇق تۇراتتى، دىمەك بۇقىتىم ھىسامنىڭ ئورۇندۇقى بىلەن كۆرۇشكەن بولغانىدۇق.

ئىلى دەريا كۆۋرۇكىدە

بىز سىتالىن كۇچىسدا ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىلى دەرياسى تەرەپكە ماڭدۇق. ئاپتۇبۇس بىزنى كۆۋرۇك يىنىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا چۇشۇرۇپ قويدى. كۆۋرۇك ئۇسىتىدە كىتىۋىتىپ، تۈگىمەس ناخشانى يازغان  تىيىپجان ئىليوف ،ماغدۇر كەتكەندە نى يازغان زۇنۇن قادىرى ۋو ئانايۇرت نى يازغان زوردۇن سابىر قاتارلىق بىر ئەۋلات ئەدىبلىرىنى ئەسلەپ قالدىم، ئازاتلىقتىن بۇيانقى يول ئاچقۇچى ئەدىبلەر ھىساپلىناتتى. ئىلى ۋادىسى ئەدىبلەر بۇشۇكى ئىدى. 40-يىللارنىڭ ئاخىرى 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ يەر زىيالىلار ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي بولغانلىقى بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە ئىدى. شىنجاڭ بۇيىچە ئىقىم مىقدارى ئەڭ كۆپ دەريا- ئىلى دەرياسىنىڭ ئۇسىتىدە كىتىۋىتىپ مۇشۇلارنى ئويلاپتىمەن. ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى دەريا ھىساپلىنىدىغان تارىم دەرياسى لوپنۇرغا قۇيۇلسا بۇ دەريا قازاقىستانغا ئىقىپ كىتەتتى.

سايرام كۇلى بۇيىدا ئات مىنىش

بىر كۇنى سىم-سىم يامغۇر بەزى يىغىپ بەزى تۇختاپ تۇراتتى. بىز سايرام كۇلىگە بارماقچى بولدۇق.يول بۇيى يىشىللىق قارىسا ئادەمنى كۆزى تالمايتتى، راستىنى دىگەندە بىزدەك تۇرپاننىڭ تاقىر تاغلىرىنى كۆرۇپ چوڭ بولغانلارغا نىسپەتەن بۇ مەنزىرە ئادەمدە يىڭىچە تۇيۇلاتتى، يانباغىرلاردا ئوتلاپ توپ –توپ قوي پادىلىرى، ئاتلار ئادەمنى يايلاق ھەققىدىكى گۈزەل تۇيغۇلارغا باشلايتتى.بىر يەرلەردە ئاقىرىپ قازاق ئۆيلىرى ئۇچراپ قالاتتى. بىر بۇرۇلشتىن كىيىن داۋان ئالدىغا كىلىمىز دىگەن جايدا ئاپتۇبۇستىكىلەر چۇرقىرىشىپ كەتتى ،بۇيۇن سۇنۇپ قاراۋاتقانلارغا ئەگىشىپ مەنمۇ قارىدىم، پاھ ! بۇلۇتلار تاغ چۇققىلىرىنى ئاسىتىدا تۇراتتى، تۇمان ئىچىدە گۈزەل مەنزىرە شەكىللىەنگەنىدى، كىمدۇر بىرى بۇلۇتنى ئۆز قولى بىلەن تۇتقانلار بەخىتلىك بۇلىدىغانلىقى تۇغىرسىدىكى ئانىسىدىن ئاڭلىۋالغان ھىكايىسىنى سۆزلەپمۇ ئۈلگۇردى. بىزداۋاملىق ئىلگىرلەپ تەلكە داۋىنىغا يامشتۇق، ھەربىر بۇرۇلۇشتا ئەتراپىمىزدىكى قۇيۇق ھەم رەتلىك قارغايزارلىق ھەيۋەت بىلەن كۆزئالدىمىزدا نامايان بولاتتى. سايرام بۇيىغا بارغىنىمىزدا ھاۋا تىخى ئىچىلمىغانىدى ،ئاپتۇبۇس توختاش بىلەن چۇشۇپ كۆل بۇيىغا يۇگۇردۇم ، سايرام كۆلى ئۆزۇڭ كىچىك دەردىڭ تۇلا دىگەن بۇ مىسرا ئوتلۇق شائىر تەۋپىقنىڭ مانا سايرامغا ئاتاپ يازغان شىئېرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى، سايرام كۆلىنىڭ نېرقى تەرىپى تومان ئىچىدە كۆرۇنمىگەچكە، ئادەمگە چەكسىزلىككە سوزۇلغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى،دىڭىز دىگەن سۆز كاللامدىن كەچتى، بىراق بۇ دىڭىز ئەمەس بىر كۆل ئىدى. كىيىن قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئىجارە بېرىدىغان ئاتلىرىنى ئىلىپ مىندىم. بۇ مىنىڭ تۇنجى ئات مىنىشىم بۇلۇپ دەسلەپ سەل قورۇقتۇم كىيىنچە نەچچە ئايلاندۇرۇپ كىلىپ بۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالدىم. ئات مىنىشتىن ئىبارەت بۇ خاتىرە كاللامغا سىڭىپ قالدى. قىمىزنى ئەزەلدىن ئىچەلمەيتتىم، بىراق بۇ يەردە- سايرام بۇيىدا بىر قانچە چىنە قىمىزنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىۋەتتىم.

ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق

بىزنىڭ ۋاقتىمىز تۇشۇپ قالدى.مەن بۇئارلىقتا كىچىك يېزا داشىگۇغا باردىم، بىراق بۇ يېزا بەكلا كىچىك بۇلۇپ بازىرى 20مىتىر ئارلىققىمۇ سوزۇلمايتتى. قايتىدىغان كۇنى گۇزىگۇدا ھەسەل ئالدۇق، غۇلجىنىڭ ساپ ھەسىلىنى تىتىپ باقماقچى بولغانىدۇق. قايىتقان شۇ كۇنى يەنىلا كەچكۇرۇن يولغا چىقتۇق. سايرامدىن ئۇتكەندە كۇن ئولتۇردى.يېرىم كىچە بىر چاغدا ئاپتۇبۇس توختىدى،چۇشۇپ قارىسام ۋۇتەي زاخۇيتاڭلىرى دىگەن خەت يىزىلغان بىر ئاشخانا ئالدىدا توختاپتىمىز. تاماق ئۇچۇن توختاپتىمىز دەپ بىلدىم.
بۇ قىتىمقى سەپەر تەسىراتلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرىلاشتى. نەچچە يىل كىين بولسىمۇ ئوبدانلا ئەسلەپ چىققىنىم كاللامدا ئورناشقان غۇلجا رىشتىىنىڭ يىپچىلرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلدۇردى. شۇنداق بولسمۇ شۇ چاغدىكى ھاياجانلىق ھىسلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنتۇلغانىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 16:50  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 611
تۆھپە : 114
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ سەپەر خاتىرىسىنى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش سەپەردىن ھاسىلات يىغقان ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. سەپەردە بەركەت بار...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش