كۆرۈش: 2073|ئىنكاس: 33

تۇغلۇق: سىيىت نوچى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا دائىر بەزى مەلۇماتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىيىت نوچى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا دائىر بەزى مەلۇماتلار

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

سىيىت نوچى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئۆزىنىڭ مەردانە جاسارىتى، راۋاب چېلىش ۋە قوشاق توقۇشتىكى ماھارىتى ھەم غەيرەت-شىجائىتى، شۇنىڭدەك، سۇيىقەستلىك ئۆلۈمى بەدىلىگە تارىختا ئۆچمەس ئىبرەتلىك ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن پالۋان ۋە سەنئەتكار بولۇپ، مېھنەتكەش خەلقىمىز ئۇنى يىللاردىن بېرى مۇھەببەتلىك ھەم ھەسرەتلىك ھېسسىياتى بىلەن ياد ئېتىپ كەلگەن. خەلق داستانى «سىيىت نوچى»نىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ھازىرغىچە ئوقۇلۇپ كېلىشى يۇقىرىدىكى قارىشىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. بىراق، بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نىسبەتەن كېچىكىپ قولغا ئېلىنغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ سەۋەب ۋە ئەينى دەۋر رېئاللىقىدىن ئايرىپ مۇھاكىمە قىلىشتەك سۇبيېكتىپ سەۋەب تۈپەيلىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىيىت نوچى ھەققىدىكى بەزى قەلەم تەۋرىتىشلەردە بىر قىسىم مۈجمەل نۇقتىلار روشەن كۆزگە چېلىقماقتا. بۇ ئاساسلىقى سىيىت نوچىنىڭ ھايات شەجەرىسىنى بايان قىلىش، ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە پاجىئەلىك قىسمىتىگە باھا بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. تۆۋەندە مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىش جەريانىدا يولۇقتۇرغان سىيىت نوچىنىڭ ئارخىپىغا دائىر بەزى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

1

مەن «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان ــــ بەشكېرەم» ناملىق كىتابىمنىڭ «بەشكېرەم پەرزەنتلىرى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە» دېگەن بابىغا ماتېرىيال توپلاش مەقسىتىدە ئانا يۇرتىمىز تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى مۇناسىۋەتلىك جايلاردا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىككى قېتىم ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولدۇم. بۇ جەرياندا ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە 2001-يىلى 8-ئايدا تۇنجى قېتىم بارغىنىمدا ئۇچتۇرپان شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم كىشىلەر، يەنى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەپ پېنسىيەگە چىققان زىياۋۇدۇن ھاجى، ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يازغۇچى ئىمام مۇھەممەد قاتارلىقلاردىن سىيىت نوچىنىڭ ئەسلىدە قەشقەر بەشكېرەملىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم پۇرسەت چىقىرىپ بۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدا مۇھەممەد قازى ئەيسانىڭ «خەلقپەرۋەر باتۇر سىيىت نوچىنىڭ ھايات-ماماتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلار» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. مەن بۇ ماقالىنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق يېزىلغان ئىلمىي ئەسەر بولغانلىقىدىن سۆيۈندۈم ھەم ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە بەشكېرەم تەۋەسىدىكى پېشقەدەملەردىن سىيىت نوچىنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ كۆردۈم. نەتىجىدە بەزى پېشقەدەملەر ئەينى دەۋردىكى يۇرت ئاقساقاللىرىدىن سىيىت نوچى بەشكېرەملىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بايلا كەنتىدە ئۆتكەن دەپ ئاڭلىغانلىقلىرىنى؛ يۇرتلار ئارا چېلىش بولغان كۈنلىرى يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ سىيىت نوچىنىڭ باتۇرلۇقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىدىغانلىقلىرىنى ئەسلەپ بېرەلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ بۈگۈنكى يۇرتىمىزنىڭ بايلا كەنتىدىكى كىملەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرەلمىدى. ئەمما بايلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 97 ياشلىق بوۋاي ياسىن ئىبراھىم (ئازادلىقتىن ئىلگىرى مائارىپ خىزمىتى بىلەن، كېيىن پۇل مۇئامىلە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان) 2003 يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بەشكېرەم يېزىلىق باغۋەنچىلىك پونكىتىنىڭ كادىرى سىدىق كېرىم بىلەن بىللە ئۆيىگە بېرىپ قىلىشقان سۆھبىتىمىزدە ئۆزىنىڭ ئەقىل-ھوشى جايىدا ھەم تەندۇرۇسلۇق ھالىتى بىلەن ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «1937-يىللىرى مەن بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ مەركىزى قازئېرىقتىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتىم. بىر كۈنى ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇپەتتىشلىرى خىزمەتلىرىمىزنى تەپتىش قىلغىلى چىقتى. بەشكېرەم تارماق ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى غولام قادىراجى ئۇلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى چۇمبۇستىكى بىر باينىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، مەكتەپ مۇدىرى ئىككىمىزنىڭ ئۇلارنى شۇ ئۆيگە باشلاپ بارىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، داستىخان تەييارلىقىنى ئۆزى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سورۇنغا مەنمۇ قاتنىشىپ قالدىم. داستىخان تۆپىسىدە بىرەيلەن سىيىت نوچى ھەققىدە گەپ ئېچىپ ئۇنىڭ باتۇرلۇقى، راۋاب چېلىپ قوشاق توقۇشتىكى ماھىرلىقى، ئاچچىق قىسمەتلىرى ھەققىدە كۆرگەن بىلگەنلىرى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ ئارىدا غولام قادىراجى سىيىت نوچىنىڭ تەكتى بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ بايلا كەنتىدىن بولۇپ، مېنىڭمۇ بايلىلىق ئىكەنلىكىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ كىشى مەندىن سىيىت نوچىنىڭ باشقا تۇغقانلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈۋىدى جاۋاب بېرەلمىدىم. ياندۇرقى ھەپتىسى ئۆيگە كەلگەندە دادامدىن سورىسام، ئۇ: ‹سىيىت نوچى دېگەن ھېلىقى مەمەت تەۋەڭنىڭ ئوغلى توختى قاغىنىڭ بالىسىغۇ-شۇ!› دەپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاب بەردى. مەن يەنىمۇ كوچىلاپ سورىۋىدىم، ئۇ يەنە: ‹مەمەت دېگەن ئىسمى، تەۋەڭ دېگەن لەقىمى بولۇپ، ناۋاي ئەۋلادىدىن؛ بازاردا تەۋەڭگە ناننى ئېلىپ بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتىدىغان بولغاچقا، ‹مەمەت تەۋەڭ› دەپ ئاتىلىپتىكەن. ئۇ كىشى قازا قىلغاندا مەن خېلىلا كىچىك ئىدىم. مەمەت تەۋەڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن توختى قاغا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن شەھەرگە كىرىپ ناۋايلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئىككى ئاجىز بىر تۇغقىنى بولۇپ، كىملەرگە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ھۈسەيىن مۇپتاخۇنۇم ئوبدان بىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، توختى قاغا ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ ھەم بالىلىرى يۇرتنى تەرك ئەتمىگەن. توختى قاغىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بالىلىرى ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشتى. سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇلارمۇ توزۇپ كەتتى. ئۇچتۇرپانغا قاتنايدىغان ياسىن تۆگىچىنىڭ ئېيتىشىچە، توختى قاغىنىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا ئۇچتۇرپاندا ناۋايلىق قىلىدىكەن. ھازىر ئۆلۈك تىرىكلىكى نامەلۇم› دەپ گەپنى ئۈزدى. دادام توختى قاغىنىڭ بىر تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ‹ئوبدان بىلىدۇ› دېگەن ھۈسەيىن مۇپتاخۇنۇم بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ مۇپتىسى بولۇپلا قالماستىن، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شەرىئەت قانۇنچىسى بولغاچقا، بەگلىكنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋە قوشنا بەگلىكلەردىن كەلگەن شەرىئەتكە دائىر چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان ئۆلىما ئىدى. شۇڭا دېگەن ۋاقىتتا كۆرۈشەلمەي قالغان ئىدىم. كېيىن بۇ ئىشلارمۇ ئۇنتۇلۇپ قالدى».
مەن ياسىن ئىبراھىمنىڭ سىيىت نوچى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈمدە بۇ ھەقتىكى تولۇقلىما ماتېرىياللارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىزدەپ تەتقىق قىلىپ بېقىش ئارزۇسى  كۈچەيدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 14-، 15-، 16-كۈنلىرى ۋە 12-ئاينىڭ 1-، 2-، 3-كۈنلىرى يەنە ئۇچتۇرپان، ئاۋات ناھىيەلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغىنىمدا بۇ ھەقتىمۇ خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ كۆردۈم ھەم توپلىغان ماتېرىياللارنى تۆۋەندىكىچە رەتلەپ قويدۇم:
سىيىت نوچىنىڭ ئاكىسى مۇساخان (ئۇ كىشى ئادەتتە ئاشۇنداق ئاتالغان) نىڭ ئۇچتۇرپان شەھىرى قاراباغ كوچىسى قاشبويى مەھەلىسىدە ئولتۇرۇشلۇق كېلىنى سارىخان مۇسا (بەشكېرەم چۈگۈلۈك مۇسا ياغاچچىنىڭ قىزى، ھازىر 71 ياش) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، سىيىت نوچىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى توختى مۇھەممەد، تەكتى قەشقەر بەشكېرەمدىن ئىكەن، ئۇلارنىڭ جەمەت لەقىمى «قاغا» بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد ناۋايلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ دەسلەپ بەشكېرەمدە، كېيىنچىرەك قەشقەر شەھرىدە تىرىكچىلىك قىلىپ جېنىنى جان ئەتكەن. توختى مۇھەممەد نىڭ مۇساخان، سىيىتئاخۇن، مۇھەممەد خان ۋە زورىخان قاتارلىق تۆت پەرزەنتى بولغان. مۇساخان قەشقەردىكى چېغىدىلا كوزىچى ياربېشىلىق پاتمىخان بىلەن توي قىلغان ۋە تۇرسۇنخان مۇسا، ئابدۇرېھىم مۇسا دېگەن ئىككى بالىسى بولغان. مۇساخان ناھايىتى كۆيۈمچان ئادەم بولۇپ، ئىنىسى سىيىت نوچىغا تولىمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن ھەم كېيىنچە ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەينى دەۋردىكى قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ياقا-ياۋاندىن كەلگەن ئېگىز-پەس ئادەملەردىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە بىر قىسمى ـــ كوزىچى ياربېشىدا ۋە ناۋايلار ئارىسىدا پۇت تىرەپ-باش كۆتۈرۈپ تۇرالىشىنى سىيىت نوچىنىڭ ئوتتۇرىدا بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلەنگەن ئىكەن.
يازغۇچى ئىمام مۇھەممەد ئۆزىنىڭ «سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا» ناملىق رومانى (مەزكۈرنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن نەشر قىلىنغان. شۇ ناملىق رومانى نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغان ــ ئا) غا ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا ئەينى دەۋردە سىيىت نوچى پاجىئەسىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەزرەتلىك ياسىن توقامچى: «سىيىت نوچىنى ئىت پوقى مەھەلىسىدە ئاتقان. مەن شۇ چاغدا ئون سەككىز ياشتا ئىدىم، سىيىت نوچىنى ئاتقاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. ئۇنىڭ جەسىتى ھەزرەتتىكى بىر بېدىلىككە قويۇلغان. تۇپراق بېشىدىن يانغان جامائەت ئۇنىڭ ئۆيىگە پەتىگە كىرگەندە ئانىسى توختىخان ئاچا:

سىيىت نوچىنى كۆردۈڭلارمۇ؟
نەم بېدىلىككە كۆمدۈڭلارمۇ؟
سىيىت ئاخۇندەك بىر ئوغۇلنى
يەنە بىر يەردە كۆردۈڭلارمۇ؟!...

دەپ، بوزلاپ يىغلاپ، جامائەتنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەن. سىيىت نوچى سۇيىقەست بىلەن ئېتىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاكىسى مۇساخان 40 كۈنگىچە كۆكرىكىنى نەم يەرگە يېقىپ ھازا تۇتقان. 40 كۈندىن كېيىن بالا-چاقىسىنى ئېلىپ ئۇچتۇرپانغا كەتكەن» دەپ مەلۇمات بەرگەن ئىكەن.
دەرۋەقە، مۇساخاننىڭ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كېلىنى سارىخان مۇسانىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، سىيىت نوچىنىڭ دەردىدە زىيادە كۆپ ئىچ ئاغرىقى تارتىپ، تولا يىغلاپ يېتىپ قالغان توختىخان ئاچا ئۆرە بولالماي، ئوغلىنىڭ «قىرىقى» توشماستىنلا ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان. قوشلاپ كەلگەن بۇ ئاچچىق قىسمەتكە چىدىيالمىغان مۇساخان 1926-يىلى ئايالى پاتمىخان بىلەن بىللە ئىككى بالىسى ــ تۇرسۇنخان بىلەن ئابدۇرېھىمنى كاجۇغا سېلىپ، ئېشەككە ئارتىپ، قاقشال يولى ئارقىلىق غۇلجىغا سەپەر قىلغان. ئۇلار ئۇچتۇرپان تەۋەسىگە كەلگەندە، سىيىت نوچىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى بەزى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. ئاتا كەسپى ناۋايلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1936-يىلى 70 يېشىدا ئۇچتۇرپاندا قازا قىلغان. سىيىت نوچىنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد خان مۇساخاندىن كېيىنرەك ئىلىغا چىقىپ كەتكەن. سىڭلىسى زورىخان قەشقەردە ياتلىق بولغان. ئەمما پەرزەنتلىك بولمىغان ئىكەن.
مۇساخان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىزى تۇرسۇنخان بىلەن ئوغلى ئابدۇرېھىم شىر («شىر» ئۇنىڭ لەقىمى ـــ ئا) ۋارىسلىق قىلغان.
تۇرسۇنخان دەسلەپ قاسىمھاجى دېگەن ئۇچتۇرپانلىق كىشى بىلەن توي قىلىپ بىر پەرزەنتلىك بولغان. قاسىمھاجى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئابلا ھاجىم دېگەن كىشىگە ياتلىق بولۇپ تۆت پەرزەنتلىك بولغان. بۇ ئايال 1994-يىلى 2-ئايدا 77 يېشىدا ئۇچتۇرپاندا قازا قىلغان. ئوغلى پىدا مۇھەممەد  ئابلا (ھازىر 59 ياشتا) بىلەن ئەسەت ئابلا (ھازىر 49 ياشتا) ئىككىيلەن ئۇچتۇرپان شەھىرىدە موزدۇزلۇق بىلەن تىرىكچىلىك قىلماقتا.
ئابدۇرېھىم شىر دادىسى مۇساخاندىن 14 يېشىدا يېتىم قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ناۋايلىق ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاساسەن نىمكار ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ بويى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان، گۈرەنلىك، ئەمما ئارتۇق گۆشى يوق، تاغىسى سىيىت نوچىغا ئوخشاش كۈچتۈڭگۈر(ئەينى دەۋردە سىيىت نوچىنى كۆرگەنلەر سېلىشتۇرۇپ شۇنداق سۈپەتلەيدىكەنمىش ـــ ئا) بولۇپ يېتىلگەن ھەم بىر قېتىملىق ياغاچ كۆتۈرۈشتە جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇپ «شىر» لەقىمىگە مۇيەسسەر بولغان. 1954-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كەسپىي ئاشپىزى بولغان. 1960-يىلى ئۇ تەكتى بەشكېرەم چۈگۈلۈك ياغاچچى مۇسا ئوسماننىڭ قىزى سارىخان بىلەن توي قىلىپ يەتتە پەرزەنتلىك بولغان. ئۇلاردىن بەشەيلەن  قاتارغا قوشۇلغان بولۇپ، چوڭ ئوغلى ئابدۇغېنى (ھازىر 48 ياش)، ئۈچىنچى ئوغلى سىيىت ئاخۇن (ھازىر 39 ياش) ھۈنەر-تىجارەت بىلەن مەشغۇل. ئىككىنچى ئوغلى مۇساجان (ھازىر 43 ياش) ناھىيەلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدا، چوڭ قىزى ھەنىپىگۇل (ھازىر 33 ياش) ئاچا تاغ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە، كىچىك قىزى پاتىگۇل ياركۆۋرۈك يېزا بەشكېرەم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ. سارىخان مۇسانىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېھىم شىر ئىككىنچى ئوغلىغا دادىسى مۇساخاننىڭ ئىسمىنى، ئۈچىنچى ئوغلىغا تاغىسى سىيىت نوچىنىڭ ئىسمىنى تەۋەررۈك قىلىپ قويغان ئىكەن.
ئابدۇرېھىم شىر 1984-يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ، 1994-يىلى 6-ئايدا 72 يېشىدا ئۇچتۇرپاندا قازا قىلغان. ئايالى سارىخان، يەنى يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگۈچى ئايال پەرزەنتلىرى ئارىسىدا مېھماندەك ياشاۋاتىدۇ.

2

مەن «سىيىت نوچى»دىن ئىبارەت خەلق داستانىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ھەقىقىي تارىخىي  شەخس ـــ سىيىت نوچىنىڭ تەقى-تۇرقى ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلارنى ئاڭلىدىم:
يازغۇچى ئىمام مۇھەممەد بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە ئۇ ئۆزى توپلىغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن مۇنداق دېدى: «مەن سىيىت نوچىنى ئۇچتۇرپاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنى زىيارەت قىلغىنىمدا كونا كارۋانچىلاردىن مۇھەممەد سادىق تۈگمەنچى (2002-يىلى 105 يېشىدا قازا قىلغان) سىيىت نوچىنى كۆپ قېتىم كۆرگەنلىكىنى ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ كېلىپ: ‹سىيىت نوچىنىڭ بويى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان، كەڭ گەۋدىلىك، ئاق سېرىق، دېڭىز كۆز، ئەمما يېقىملىق ئادەم ئىدى› دەپ مەلۇمات بەرگەن».
ئاۋات ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى، پېشقەدەم يازغۇچى مۇھەممەد  ئوسمان ئەمرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە مۇنداق دېدى: «ئانام ھاشىخان موللا ئىبراھىم (1993-يىلى 106 يېشىدا قازا قىلغان) ناھايىتى ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئاقسۇ ئاۋاتقا دائىر نۇرغۇن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان. بىر كۈنى ئۇ بەزى مەشھۇر ئادەملەر ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ: ‹ئىلگىرى سىيىت نوچىنىڭ داڭقىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق، ئاز ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايكۆلدە بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق ھەم ئۇ ئاۋاتقا كەلگەندە نۇرغۇن ئادەم كۆرگىلى چىقتۇق. ئۇ كىشى ئېگىز بوي، كۆك كۆز، سېرىق بۇرۇتلۇق ئادەم ئىكەن› دەپ مەلۇمات بەرگەن».
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ياش شائىر دىلشات ساھىت بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىمىزنىڭ بىرىدە ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۆيىمىز قەشقەر شەھىرىنىڭ ئارا يار كوچىسىدا بولۇپ، مەھەلىمىزدە ئىلگىرىكى ۋەقەلەرنى زىرىدىن زەۋىرىگىچە سۆزلەپ بېرەلەيدىغان پېشقەدەملەر كۆپ ئىدى. ئۇلار مەسچىت ئالدىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەن ئىشلارنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ، گاھىدا روھلىنىپ، گاھىدا مۇڭلىناتتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدىم. بىر قېتىم ھېسامىدىن مۇئەززىن دېگەن كىشى (1993-يىلى 96 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن) سىيىت نوچى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ: ‹بويى بىر مېتىر سەكسەندىن ئاشىدىغان، ئۆڭى ئاق، كۆزى كۆك، سېرىق بۇرۇتلۇق، كۈچتۈڭگۈر ئادەم ئىدى› دەپ مەلۇمات بەرگەن».
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سىيىت نوچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۈچ ئادەمنىڭ مەلۇماتى ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، بۇ خەلق باتۇرىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدىمىزدا ئەينەن نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ.

3

قانداقلا بولمىسۇن، تىللاردا داستان بولغىدەك شۆھرىتى ۋە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك سىرلىق ھەم پاجىئەلىك قىسمىتى بىلەن ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى دەھشەتلىك داۋالغۇتۇپ دۇنيادىن كەتكەن خەلق باتۇرى سىيىت نوچىنىڭ  پۇشتىدىن بىرەر ئەۋلادى قالغانمۇ-يوق؟ قالغان بولسا قەيەردە ۋە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان؟ بۇ خېلى كۆپ ئادەم قىزىقىدىغان بىر مەسىلىدۇر. مەن بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى خىل مەلۇماتنى ئۇچراتتىم:
بىرى، سىيىت نوچى ئاخىرقى قېتىم ئۇچتۇرپاندىن قايتىشتىن ئىلگىرى تەكتى بەشكېرەملىك داۋۇت تاقىچىنىڭ قىزى ھۈسنەرىخان دېگەن ئايالنى ئەمرىگە ئالغان ھەم ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بىلەن قەشقەرگە قايتىپ ھېلىقى پاجىئە بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن بىرەر پەرزەنتى قالغانلىقى مەلۇم ئەمەس، دېگەن مەلۇمات. بۇ مۇھەممەد قازى ئەيسانىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان  ماقالىسىدىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەن سىيىت نوچىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە ئۇنىڭ جىيەنى ــــ ئابدۇرېھىم شىرنىڭ ئايالى سارىخان مۇسا سىيىت نوچىنىڭ داۋۇت تاقىچىنىڭ قىزى ھۈسنەرىخان بىلەن تويلاشقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما پەرزەنتى بار ياكى يوقلۇقى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇر ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ جەھەتتە يازغۇچى ئىمام مۇھەممەد نىڭ ئېيتقىنىمۇ ئاساسەن ئوخشاش.
يەنە بىرى، سىيىت نوچى ئىلگىرى ئايكۆللۈك بىر ئايال بىلەن تويلاشقان ھەم ئۇنىڭدىن بىر پەرزەنتلىك بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى توختى بولۇپ، بۇ ئىسىمنى سىيىت نوچى ئۆزى قويغان، دېگەن مەلۇمات. ئاۋاتنىڭ بەشئېرىق يېزا قۇمئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىمام بارات، ياسىن بارات ئاكا-ئۇكا ئۆلىمالار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە ئىلگىرى ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مۇنداق دېدى: «سىيىت نوچى جاھان كېزىپ ئايكۆلگە كېلىپ بىر مەشرەپكە قاتنىشىپ قاپتۇ. ئىلگىرى ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بىرى ئۇنى ئۇسسۇلغا تارتىپتۇ. سورۇندا ئاقسۇ نوچىسى ئاق سوپى ئۇنى مەنسىتمەستىن: ‹ماۋۇ ماكانسىزنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلىنى قاراڭلار!...› دەپ غۇدۇڭشىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سىيىت نوچى چاندۇرماستىن ئۇسسۇل ئوينىغاچ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر پەشۋا بىلەنلا ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى چاپلىۋېتىپتۇ. كۈتۈلمىگەن بۇ زەربىدىن يىقىلغان ئاق سوپى سالۇكلىرىغا ئىشارەت قىلغان ئىكەن ئۇلارمۇ تەڭ كېلەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن ئاقسوپى ھەم سالۇكلىرى تەرەپ-تەرەپتىن سالغا تاشلاپ باغلىۋاپتۇ ھەم كۆرەڭلىگەن ھالدا: ‹قانداق، سەن نوچىمىكەنسەن ياكى مەنمۇ؟› دەپ ھەيۋە قىپتۇ. پۇت-قوللىرى چەمبەرچاس باغلانغان سىيىت نوچى قىلچە تەمتىرىمەستىنلا: ‹راست، سەن ھەقىقەتەن قىلتاق قۇرۇشتا نوچىكەنسەن!› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. مەشرەپ سورۇنىدىكى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا قاتتىق خىجىل بولغان ئاق سوپى دەرھال سىيىت نوچىنى ئۆز قولى بىلەن يېشىپ، ئەپۇ سوراپ، ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ دوست-بۇرادەر بولۇشۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىيىت نوچى ئايكۆلدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا ئايكۆللۈك بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن بىر بالىسى بولۇپ ئىسمى توختاخۇن ئىكەن. بۇنىڭغا دەلىل شۇكى، ئاشخانا ۋاقتىدا (1958-يىللىرى) بىز ئايكۆل بازىرىدا قاۋۇل، ئەمما دەلدۈش بىر ئادەمنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالاتتۇق. ئۇ ناۋايلارنى كۆرگەن چاغلىرىدا: ‹ياغ يەپ كەت!› دەپ بىر-ئىككى ئېغىزدىن ۋارقىراپ قويۇپ جىمىپ كېتەتتى. بىز ئۇنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرسەك بازاردىكىلەر: ‹بۇ سىيىت نوچىنىڭ ئايكۆللۈك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى توختاخۇن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى قاۋۇل، چەبدەس، كۈچلۈك يىگىت بولۇپ، خېلى قاتقان نوچىلاردىنمۇ يانمايتى. 20 ياشلارغا كىرگەن مەزگىلىدە بىردىنلا مۇشۇنداق دەلدۈش بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇقساق ئاۋاتقا شاڭيۇ بولغان ھاشىر بەگ ئۇنىڭغا سارنىڭ مېڭىسىنى يېگۈزۈۋەتكەن ئىكەن› دەپ ئىزاھات بەرگەن». بۇنىڭدىن باشقا، بەشكېرەم يېزىلىق باغۋەنچىلىك پونكىتىنىڭ كادىرى سىدىق كېرىم ئىككىمىز ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پىنسىيۇنېرى مۇھەممەد  كەنجى (ھازىر 75 ياش) بىلەن 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە مۇنداق دېدى: «مەن 1961-يىلى ئاقسۇنىڭ ۋالىيسى مامۇت ئىسلامغا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەنىدىم. كۈزدە مۇئاۋىن ۋالىي سەلىمە تالىپنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۆزىنىڭ ماشىنىسىدا بىللە ئېلىپ بېرىپ كۆرسەتمە بېرىشى بىلەن ئەرزىيەت ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغان ھېيت قاسىم ئىككىمىز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە چۈشتۈق. تەكشۈرۈپ قارىساق، قېرىلار ۋە يېتىم -يېسىرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەر ھالدا خېلى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما روھىي كېسەللەرگە ئاجرىتىلغان راسخۇتنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي، تۇرمۇشى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئىكەن. شۇڭا بىز بۇ يەردىكى خىزمەتنى دەل مۇشۇ تەرەپنى تەرتىپكە سېلىشتىن باشلىدۇق. روھىي كېسەللەر ياتىقىغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەۋاتسام ناھايىتى يوغان، گەۋدىلىك، قارا ماتاق بىرى مېنى گۈرىنى بىلەن ئۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ‹بۇ كىم؟› دەپ سورىسام باشقىلار: ‹كۇچالىق جۇماق ساراڭ شۇ!› دېيىشتى. شۇ چاغدا قاڭشارلىق، مەڭىز سۆڭەكلىرى چىقىپ قالغان، ئوتتۇرا بوي، ئەمما مۇشتۇمى يوغانراق بىر يىگىت يېنىمدا پەيدا بولۇپ: ‹ئۇرايمۇ؟› دېدى. مەن: ‹ئۇرە!› دېدىم. ئۇ كېلىشتۈرۈپ بىر پەشۋا ئۇرسا جۇماق تىك موللاق چۈشتى. ئۇ ئەتىسى مەن بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشۈپ: ‹ئەمدى سېنى ھېچكىم ئۇرالمايدۇ. ئىككىمىز دوست بولايلى› دېدى. مەن ماقۇل بولدۇم. شۇ ئەسنادا جۇماق كېلىپ يەنە ماڭا ھۈرپەيدى. بۇنى كۆرگەن ھېلىقى يىگىت يەنە ئۇنى تارتقۇشلاپ تۇرۇپ: ‹بۇنى باغلاپ قويايمۇ؟› دېدى. ‹ماقۇل!› دېسەم ئۇنى شۇئان باغلاپ قويۇپ كەلدى. قارىسام ئۇنىڭدا ھېچقانداق كېسەل يوقتەك ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن ‹ئىسمىڭ نېمە؟› دەپ سورىغىنىمدا ئۇ: ‹توختى› دېدى. ‹ئۆزۈڭ نەدىن؟› دېسەم ‹قۇمباشتىن› دېدى. ‹داداڭ كىم؟› دەپ سورىسام ئۇ: ‹سىيىت نوچىنىڭ بالىسىمەن› دېدى. مەن بىر ئاز ھەيران بولۇپ: ‹سىيىت نوچى قەشقەردە تۇرسا؟› دېسەم ئۇ: ‹دادام قەشقەر - ئۇچتۇرپان ئارىسىدا يۈرۈش جەريانىدا قۇمباشلىق بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن مەن تۇغۇلۇپتىكەنمەن. دادام ئۆزى ماڭا چوڭ دادامنىڭ ئىسمىنى قويۇپتىكەن› دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن پات-پات ئەھۋاللىشىپ تۇردۇم. ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىسام ئۇ كۆزلىرىنى ئالايتىپ باش چايقايتتى. مەنمۇ بەك زىغىرلاپ كەتمەيتتىم. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ‹سېنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭ مۇشۇنداق جايىدا تۇرۇپ، نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ؟› دەپ سورىسام، ئۇ: ‹ھەي!..ئانىنىڭ دەردى!› دەپلا كۆزلىرىنى ئالايتتى. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىسام، ئۇ: ‹مەن ساق، پەقەت بەك سوغۇقتا ياكى ئاسماندا سار قانات كىرىپ ئەگىگەن چاغدا ئۆزۈمنى باشقۇرالمايمەن. قۇمباش بىلەن ئايكۆل ئارىلىقىدا يۈرگەن ئىدىم. بىر كۈنى شەھەرگە كىرسەم مېنى مۇشۇ يەرگە ئەكىرىپ قويۇشتى› دېدى ھەسرەتلىنىپ. يەنە بىر قېتىمدا ئۇنىڭدىن ‹توختاخۇن، نەچچە ياشقا كىرگەنسىلەر؟› دەپ سورىغىنىمدا ئۇ: ‹مەمىتاخۇن، 40 نى باغلاپ قويسا تۇرمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئاشتىم، 50 كە بارمىدىم› دېگەن ئىدى. مەن بىر ئايلىق خىزمەتنى تۈگىتىپ، كونىشەھەر ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنى تەرتىپكە سېلىشقا كەتتىم. بۇ جەرياندا باشقىلاردىن ‹توختاخۇننىڭ ئانىسى زاتى كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ؟› دەپ سۈرۈشتۈرسەم، ئۇلار: ‹بىزمۇ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىدۇق. ئەمما ئانىسىنىڭ ئۇنى يامان كۆرۈپ قېلىپ، سارنىڭ مېڭىسىنى يېگۈزۈۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق› دەپ جاۋاب بېرىشتى. سەل كېيىنچىرەك بۇ ئەھۋاللارنى سىيىت نوچىنىڭ ئاكىسى مۇساخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم شىرغا  ئەينەن يەتكۈزگەن ئىدىم. 1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق جەريانىدا ئۇمۇ يوقلاشقا بارالمىدى. شۇڭا توختاخۇننىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى ئۇقالمىۇق». بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر شەھىرىدىكى پېشقەدەملەر سىيىت نوچىنىڭ توختى ئىسىملىك بىر ئوغلىنىڭ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ قاۋۇل ھەم بەردەس ئادەم بولغانلىقىنى ھېكايە قىلىشاتتىكەن. جۈملىدىن، شائىر دىلشاد ساھىتمۇ ھېلىقى ھېسامىدىن ئاخۇن دېگەن كىشىدىن «سىيىت نوچىنىڭ توختى دېگەن بىر ئوغلى بار ئىكەن» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنسا سىيىت نوچىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بىر ئوغلىنىڭ بولغانلىقى؛ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدە سۇيىقەست بىلەن نابۇت قىلىنغانلىقتىن، بىر ئۆمۈر خار-زارلىقتا قالغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم  بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-15 12:02:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنىڭ شىر يۈرەك ئەزىمەتلىرى تارىخ يارتىدۇ، قەلبى ئويغاق ئاقىللرى تارىخ يازىدۇ.

ۋاقتى: 2014-5-15 14:07:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھىم ئۇچۇر ئىكەن، ئىزدەنگۈچىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىمىز !

ۋاقتى: 2014-5-15 15:42:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تۇغلۇق ئەپەندى... بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىق ئۇچۇر بوپتۇ،. قوللىرىغا دەرت كەلمىسۇن....
كىشىلەر مەرھۇم ئابدۇرېھىم شىر بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى سىيىت ئاخۇننى سىيىت نوچىىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ دىيىشىدىكەن.... پۇرسەت تېپىپ ئۇلارنىڭ رەسىمنى بۇ يەرگە يوللاپ قوياي..  سىيىت نوچى پورتىترىتىنى سىزغۇچىلارغا ئۆرنەك بولار..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 20:22:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىد ئەپەندى، مەندىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم رەسىمى بار ئىدى. سىزمۇ يوللاڭ، مەنمۇ يوللاي، سىيىت نوچىنىڭ جىيەنى مۇساجانغا ئېيتىپ قويۇڭ. بۇ ماتېرىياللارنى ھازىرچە توردىن كۆرۈۋالسۇن. تېلېفۇن قىلسا ھەم بولىدۇ. مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇم: 13579321959 . سىز ئارقىلىق ئۇچتۇرپاندىكى يارەنلەرگە سالام!

ۋاقتى: 2014-5-16 00:05:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇخلۇق ئەپەندق  رەخمەت  سىزگە ، شۇنداق ياختۇرۇپ ئۇقۇپ  چىقتۇم  قەلىمىڭىزگە قەلەم  تۇتقان  قوللىرىڭىز دەرت  كورمىسۇن  .سىز يوللىماكچى  بولغان  سۇرەت لەرگە  ئىنتىزارمەن!

ۋاقتى: 2014-5-16 00:50:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ، ياخشى بىر تىمىنى يوللاپسىز قېرىندىشىم، ھەمبەھىرلىۋالدىم .

ۋاقتى: 2014-5-16 03:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 20:22
ئۈمىد ئەپەندى، مەندىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم رەسىمى بار ئ ...

سالام، قۇتلۇق ئاكا..سالامىڭىزنى سىيىت نۇچى جەمەتىدىن مۇساجان ئاكىغا ھەم ئۇچتۇرپاندىكى ئەدىب ئىمام مۇھەممەد ئاكىغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ بۇ سەمەرىلىك ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ سىزگە تەشەككۈرىنى يوللىدى...ئىشلىرىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي..

ئىمام مۇھەممەد ئاكا      :18799953233
مۇسا ئابدۇرېھىم شىر:       13779416625

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-16 09:39:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمىد ئەپەندىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ، سىيىت نوچىنىڭ بۈگۈنكى تۇغقانلىرىدىن مۇسا ئابدۇرېھىم شىرغا، «سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى، پېقىرنى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، مەزكۇر تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشىمغا سەۋەبچى بولغان ئاتاقلىق يازغۇچى ئىمام مۇھەممەد قاتارلىق يارەنلەرگە خەۋەر قىلغىنىغا، ئۇلارنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى يوللاپ بەرگىنىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-16 09:42:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزىقۇت ئەپەندى، مەرد ئەپەندى ۋە تۆرىبەگ قىزى قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ رىغبىتىگە تەشەككۈر! ئىنشائاللاھ، مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى چوقۇم يوللاپ بېرىمەن!

ۋاقتى: 2014-5-16 17:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تۇغلۇق ئاكا،.. ئىمامىكامنىڭ تۈزىتىشىدە سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا ئالغان خوتۇنى ھۆسنەرخان كەنجى تاقىچىنىڭ سىڭلىسىكەن. ئۇ كىشى يېقىنقى زامانلارغىچە ئۇچتۇرپاندا باركەنتۇق. كەنجى تاقىچى نىكاھلاپ بەرگەنىكەن. داۋۇت تاقىچىنى ئۇچتۇرپاندىكىلەر بىلمەيدىكەن. بۇ كىشى بەشكىرەمدە ياشاپ ئۆتكەن بولغىيمىدى؟..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-5 13:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمىد ئەپەندى، ئىمام مۇھەممەد ئاكا ئېيتقان كەنجى تاقىچى مەن ماقالەمدە قەيت قىلغان داۋۇت تاقىچىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھۆسنارخان داۋۇت تاقىچىنىڭ قىزى، كەنجى تاقىچىنىڭ سىڭلىسىدۇر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-10 13:07:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
C:\Users\nebi akam\Desktop\siyit noqiga dair rasimlar

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-10 13:08:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
C:\Users\nebi akam\Desktop\siyit noqiga dair rasimlar

ۋاقتى: 2014-7-10 13:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەتقىقات ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، لېكىن، مېنىڭچە سېيت نوچى بىر بەدىئىي ئوبراز، ئۇنىڭ قىممىتى تىپىكلەشتۈرۈلگەنلىكىدە، داستاننى ھەر قېتىم ئوقۇساق، بۇ ئەسەرنىڭ بەدىئىي كامالىتىنى ھىس قىلالايمىز. سېيت نوچى ئوبرازىغا ئەينى دەۋىردىكى زۇلۇم ۋە نادانلىقنىڭ تىراگىدىيىسى مۇجەسسەملەنگەن. بەدىئىي ئەسەردىن تۇرمۇش چىنلىقى ئىزدەش يىلانغا پۇت سىزغاندەكلا ئىش بولامدۇ قانداق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش