ئېيتىلمىغان ناخشا
كۆككە بېقىپ ئاھ چەكسەم جىنىم،
چەككەن ئاھىم ساڭا يەتتىمۇ؟
كەتكىنىڭدە قېشىمدىن يىراق،
بۇ سىيماھىم دىلدىن كەچتىمۇ؟
يۈرىكىڭگە قېتىۋال مېنى،
يۇلتۇز بولاي ھەر كۈنى ئاخشام،
بىلسەڭ جىنىم مەن سېنىڭ ئۈچۈن،
ئېيتىلمىغان بىر مۇڭلۇق ناخشاڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 15:56