جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1029 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 2

ئۆزتۈرك: بىر كۈنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 859
تۆھپە : 4
توردا: 160
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

         بىر كۈنى



ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك



     تاشلاپ كەتكەن يارەنلەر كېلىپ قالار بىر كۈنى،
كۆزلىرىگە بىزنىمۇ ئىلىپ قالار بىر كۈنى.
        ئۇچراپ قېلىپ نامەرتكە،يەپ قالسا گەر بۇرنىغا،
قەدرىمىزنى ئاز-تولا بىلىپ قالار بىر كۈنى.
   يازدا يامغۇر،قىشتا قار،بوران-چاپقۇن بولىدۇ،
بىز بولمىساق يانىدا،چېنىپ قالار بىر كۈنى.
قىزىل گۈلنى ھەركىمنىڭ پۇرىغىسى كېلىدۇ،
ئۇلار بىزگە ئوخشىماس،قېنىپ قالار بىر كۈنى.
بال تامىدۇ ئاغزىدىن،نەشتىرىنى كۆرسەتمەس،
پىچىقىنى قوينىدىن ئېلىپ قالار بىر كۈنى.
  سۆيگۈ ئەمەس تاتلىق سۆز،چىن ئەقىدە بولمىسا،
بۇ مۇھەببەت ھەر كويغا سېلىپ قالار بىر كۆنى.
يانداش بولۇپ يۈرۈيدۇ،كۈلكە بىلەن كۆز يېشى،
يۈرىكىدە بولمىسا ،تېنىپ قالار بىر كۈنى.
بۇ ئاخىرقى سۆزۈمدۇر،كۈلۈپ ياشا بىر ئۆمۈر،
مۇشۇ يولغا ئىلاھىم،سېلىپ قالار بىر كۈنى...





2012.يىل 3.مارت   قەشقەر


«توختاملىق ياش يازغۇچىلىققا بېكىتىلگەن 11 نەپەر قېرىندىشىمىزغا ھۆرمەت !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 114
تۆھپە : 50
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى مىسىراسى ھەجەپ، قاغىش تىلىگەندەك تەسىرات بېرىدىكەن. كۆڭلۈم يېرىم بولدى.

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 552
تۆھپە : 10
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 14:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭمۇ بىر شېئىرى بولىدىغان« بىر كۈنى »دەپ خېلى جىق يېزىلدىغۇ دەيمەن «بىر كۈنى»لەردىن .

قارغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ قىسىۋال،
چولاقنىڭ شەھرىگە بارساڭ پۈكىۋال.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش