دوپپا بايرىمىدىكى ھىسلار
بۈگۈن ‹‹ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى ›› كۈنى ئىدى . بۇ بايرامنى بۇلتۇردىن باشلاپ بىلسەممۇ بىراق تازا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەپتىكەنمەن . بىراق بۇيىل نىمىشقىدۇر چىرايلىق بىر چىمەن دوپپا كىيگۈم ، ئەتلەس كۆينەك كىيىپ ئۇيغۇر جىق مەھەللە كويلاردا ئۇيغۇرچە پاراڭ ، ئۇيغۇرچە كۈلكە -چاقچاقلارغا قېنىپ بۇ بايرامنى تەبرىكلىگۈم كېلىپ قالدى . تولىمۇ ئەپسوس بىراق ئارزويۇم ئەمەلگە ئاشمىدى . بايرامدىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇيغۇرلار مىللىي بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بازارغا بېرىپ ئىزدىگەن بولساممۇ چوڭ - كىچىكلىكى ، سۈپىتى ، گۈل -نوسخلىرى بېشىمغا مۇۋاپىق كەلگۈدەكنى تاپالمىدىم . ئۇدۇل كەلگەننى مۇشۇ قېتىملىق بايرامدا بىر كۈن كىيىپ تۇرۇش ئۈچۈنلا سېتىۋالاي دىسەم ئۇنىڭغا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى . ئاران بىر كىيگەندە ياخشىراقىنى كىيگۈم كېلىدۇ -دە ! ... يەنە كۆپرەك بازار ئايلىنىپ ئىزدەپ كۆرۈشكە شارائىتىم يار بەرمىدى . چۈنكى مەن ئولتۇرىۋاتقان بۇ ئولتۇراق رايون سەل شەھەر سىرتىغىراق جايلاشقان بىر رايوندا ئىدى . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمدىكىدەك دوپپا كىيىشنى كېلەر يىلقى دوپپا بايرىمىغا ئاتاپ قويدۇم . دوپپا كىيەلمىسەمغۇ بىر نۆرى ، بىراق نە ئۇيغۇر بار كوچا -مەھەللىلەرنى كېزىش ، نە ئۇيغۇرنىڭ ناۋاسى ، كۈلكە -چاقچاق ، قاينام -تاشقىنلىقلىرىدىن ھوزورلىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدىم . مەن دوپپا كىيەلمىسەممۇ ئوغلۇمغا بولسىمۇ دوپپا كىيدۈرۈپ قوياي دەپ ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىدا كىيگەن چىرايلىق بادام دوپپىسىنى قولۇمغا ئالدىم . ـ بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ دوپپا بايرىمى ›› ئوغلۇم . كەل دوپپاڭنى كىيگۈزۈپ قوياي ! ئوغلۇم دوپپا كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى . شۇڭا دەرھال ئالدىمغا كەلدى . دوپپا كىيىپ كانىۋاي كۆينەك كىيگەن كىچىك شاھزادەمگە قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم . ئوغلۇم ھەقىقەتەن تولىمۇ ئوماق ئىدى . ـ ئاپا ، بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن نىمىشقا ھەر كۈنى دوپپا كىيىپ يۈرمەيمىز ؟ دەمالاللىققا بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەي مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم . توغرا بىز نىمىشقا ھەر كۈنى دوپپا كىيىپ يۈرمەيمىز ؟ ئەجىبا دوپپا دىگەن توي - تۆكۈن ، نەزىر -چىراقلاردىلا كىيىدىغان مۇراسىم باش كىيىمى ئەمەسقۇ ؟ ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن دوپپىنى بېشىدىن ئايرىماي جاھان سۈرۈپ ئۆتكەنغۇ ؟ دوپپا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھىچقانداق ئىشىمىزغا دەخلى قىلمايدىغۇ ؟ ....تالايلاپ سۇئاللار مېڭەمنى قۇچىۋالدى . ئۆزەم نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ھالسىز تىپىرلىساممۇ مەن دىگەن ئانا ، ئوغلۇمنىڭ مەڭگۈلۈك تەربيىچىسىمەن . شۇڭا ئوغلۇمنىڭ ماڭا سۇئال بەلگىسىنى چاقنىتىپ تىكىلىپ تۇرغان قاپقارا كۆزلىرىگە قارىدىمدە مۇنداق جاۋاپ بەردىم : ـ ئەلۋەتتە كۈندە دوپپا كىيىپ يۈرسەك بولىدۇ ئوماق قوزام . سەن دوپپا كىيىشنى ياخشى كۆرسەڭ ساڭا تېخىمۇ چىرايلىق دوپپىلارنى ئېلىپ بېرەي . بۇندىن كېيىن داۋاملىق دوپپا كىيىپ يۈرگىن بولامدۇ ؟ ـ ئاپا ، ئەمىسە بۇندىن كېيىن سىزمۇ ، داداممۇ كۈندە دوپپا كىيىپ يۈرەمسىلەر ؟ ... نۇرغۇن ئۇيغۇرلار دوپپا كىيمەيلا يۈرىدۇ -ھە ؟ ... مەن سىزگە دىسەمچۇ ئاپا ، ئاۋۇ كەينىمىزدىكى بىنادا ئولتۇرىدىغان دوستۇم قۇدرەتچۇ دوپپا كىيگەن داداشلارنى ، ياغلىق چىگكەن ئاپاشلارنى ‹‹ سەھرالىق تومپاي ›› دەيدۇ . مېنىمۇ شۇنداق دەپ زاڭلىق قىلسا قانداق قىلىمەن ئاپا ؟ ـ بىز دىگەن ئۇيغۇر جېنىم بالام . بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز تارىختىن بۇيان دوپپا كىيىش ، ياغلىق چىگىشتەك ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلاپ كەلگەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ بەزى يۈرۈش - تۇرۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرىۋېلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي خاسلىقىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويىۋاتىمىز . لېكىن بىز ئەنئەنىمىزنى ساقلىشىمىز ، سىلەردەك كىچىك بالىلاردىن باشلاپ ئەۋلاتمۇ -ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك بالام . مىللىي خاسلىق دىگەن ھەرگىز مەتولۇق ئەمەس . ئۇنداق قالايمىقان گەپلەرگە قۇلاق سالما بالام . دوستلىرىڭغىمۇ ‹‹ مەن دىگەن ئۇيغۇر ›› دىسەڭ بولىدۇ . باشقا مىللەتتىكى دوستلىرىڭغىمۇ مەن ئۈگەتكەندەك دەپ بەرسەڭ ئۇلارمۇ چۈشىنىدۇ . ئۇقتۇڭمۇ بالام ؟ ئوغلۇم خۇددى چوڭ ئادەمدەك قوشۇمىسىنى تۈرۈۋېتىپ : ـ ئۇقتۇم ئاپا . لېكىن ئاپا ، دادام سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلامدۇ ؟ مېنى ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇتايلى دىسىڭىزمۇ دادام قوشۇلماي مېنى خەنزوچە مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن تۇرسا ؟...تۈنۆگۈن دادامنى ‹‹ جۈمە نامازغا بېرىپ كەل ›› دىسىڭىزمۇ دادام سىزگە ۋارقىراپ نامازغا بارمىغان تۇرسا ؟... ئوغلۇمنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاخىرلىشىپ بولغىچە يۇمران لەۋلىرى ئۈمچىيىپ ، كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ كەتتى . دىمەك ئوغلۇم چوڭ بولۇپتۇ . ئانىسىنىڭ ئائىلىدىكى ھەسرەتلىرىنى ،ئانا-بالا ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن قىسىنچىلىقلىرىنى سەبىي يۈرىگى ھىس قىلىپ بوپتۇ . دادىسى بىلەن ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن پىكىر ئىختىلاپلىرىنى كۆڭلى تۇيۇپتۇ . مېنىڭمۇ كىرپىكلىرىم نەمدەلدى . شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ بالامنى باغرىمغا باستىم . ـ خاتىرجەم بول ئوغلۇم . داداڭ ئەمىلىيەتتە بەك ئەقىللىق ، ياخشى ئادەم . ھامان بىر كۈنى مېنىڭ گەپلىرىمگە قوشۇلىدىغان بولىدۇ . ئادەملەرنىڭ بەزىدە پىكرى ئوخشىماي قېلىشى نورمال ئەھۋال . كېيىنچە ئاستا -ئاستا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ . ئوغلۇم مەڭزىنى مەڭزىمگە يېقىپ تۇرۇپ چاچلىرىمنى سىلاشقا باشلىدى : ـ ئاپا سىزنىڭ چېچىڭىز بەك چىرايلىق . سىز دوپپا كىيسىڭىز چۇقۇم بەك يارىشىدۇ . يازلىق تەتىلدە قەشقەرگە بارغاندا مەن سىزگە چىرايلىق بىر دوپپا ئېلىپ بېرەي -ھە ! ...مېنىڭ پۇل ساقلاش قۇتامدا جىق پۇلۇم بار . شۇ پۇلنى خەجلىمەي تېخمۇ جىق يىغىپ سىزگە ئۇيغۇرچە جىق -جىق چىرايلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن ئاپا ... ئاھ خۇدا نىملەرنى دەي ، مانا مۇشۇ مېنىڭ ئەمدىلا توققۇز ياشتىن ئاشقان ئوغلۇمنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاۋاتقان چۈچۈك سۆزلىرى ئىدى . ـ ئاپئاق بالام . خۇدايىم ئەقلىڭنى زىيادە قىلسۇن !!! ئوغلۇمنىڭ پىشانىسىگە يېنىش -يېنىش سۆيدۈم . ئۇلۇغ ئاللاھ مېنى مۇشۇ جىگەر-پارەمدىن ئايرىمىسۇن ..... بىردىنلا ئەتىگەننىڭياقى ئالدىراشچىلىقتا ياغلىقىمنى چىگىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كەلدى . دوپپا كىيمىسەممۇ ياغلىق بولسىمۇ چىگىۋالاي دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . كىيىم ئىشكابىمنى ئېچىپ قۇربان ھېيتتا يۇرتقا بارغىنىمدا ئانام ئۆز قولى بىلەن بېشىمغا چىگىپ قويغان چىرايلىق ھاۋارەڭ يىپەك ياغلىقنى ئاۋايلاپ قولۇمغا ئالدىم . ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم . مۈرەمدە دولقۇنلىنىپ تۇرغان چاچلىرىمنى سىلىق تاراپ چاچ قىسقۇچ بىلەن ئەپچىل يىغىشتۇردۇم . ياغلىقنى ئەپچىلگىنە چىگىپ ياتاق ئۆيدىن چىقتىم . يەنە شۇ تاتلىق قوزام ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى : ـ ئاپا ، ياغلىقىڭىز بەك يارىشىپتۇ . سىز ياغلىق چىگىۋالسىڭىز تېخمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز . ـ رەھمەت . جېنىم بالام . .... چۈشتە پولو ئەتتىم . ئوغلۇمنىڭ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىشى بىلەن ئۇنىڭغا سەۋزە قەلەمچە قىلىشنى ئۆگىتىپ قويدۇم . بىرىنى ئىنچىكە ، بىرىنى يوغان ، بىرىنى قىسقا ، بىرىنى ئۇزۇن توغراپ خېلى يامان ئەمەس ئۈگىنىپ قالدى . تاماقتىن كېيىن ئوغلۇمنى ئېنگىلىز تىلى كۇرسىغا ئېلىپ باردىم . ئوغلۇم ئىككى سائەتتەك دەرسكە قاتنىشاتتى . شۇڭا ئوغلۇمنى سىنىپىغا ئەكىرىپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ خەلق مەيدانىغا كېلىپ چەترەك بىر جايدىن بىر ياغاچ ئورۇندۇقنى تېپىپ ئولتۇردۇم . ئالدىمدىن شەنبىلىك ئارامنىڭ ھوزورىنى سۈرۈپ يۈرگەن بەخىرامان كىشىلەرمۇ ، قاياقلارغىدۇر شەنبىلىك تاماشاغا ماڭغان ئالدىراش كىشىلارمۇ ئۆتۈشۈپ تۇراتتى . ئۇيغۇرلار كەمدىن كەم ئىدى . كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈننىڭ نىمە كۈنلىكىنى بىلمەمدۇ ياكى بىلسىمۇ ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمىگەنمۇ ئالاھىدە مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ كىيىنگەنلەر يوق دىيەرلىك ئىدى . بىر چاغدا يانفونۇمغا بىر رەڭلىك ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇرنى ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان بىر دوستۇم يوللىغان بولۇپ ئۈچ ياشلىق قىزىنىڭ ئەتلەس كۆينەك ، چىمەن دوپپا كىيىپ تۇرغان سۈرىتىنى يوللىغان ئىدى. سۈرەتكە قاراپ قەلبىم بىر خىل ئىللىقىنا سېزىمغا تولدى . مەنمۇ ئۇنىڭغا بايرىمىنى تەبرىكلەپ ، ئامانلىق تىلەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم . قىزنىڭ ئوماق سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ يەنە شۇ ئۇنتۇلماس بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمدىن كەچتى . ئېسىمنى بىلسەم ئانام چاچلىرى ئۇزۇن بېشىدىن چىرايلىق گىلەم دوپپىنى ئايرىماي كىيىپ يۈرىدىغان خوشئاۋاز ، چېھرى ئوچۇق ئايال ئىدى . ئاتاممۇ دوپپىنى ئەسلا بېشىدىن ئايرىماتتى . بۇ غەمگۈزارلىرىم ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئانام بېشىدىن ئاق رومىلىنى . ئاتام ئۇچىسىدىن ئاپئاق يەكتىكىنى ئايرىماي بىر خىل نۇر ئىچىدا ياشاۋاتاتتى .....ئەنە ، ئانام ماڭا ئۆز قولى بىلەن تىكىپ كىيگۈزگەن رەڭدار ئەتلەس كۆينەكلەر ، بېشىمغا ئەپچىلغىنا كىيگۈزۈپ قويىدىغان چىرايلىق چىمەن دوپپىلار ...
ئۇيغۇر بار ئەلۋەك مەھەللىلەر ، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى ، كۈلكىسى ، گۇڭۇر -مۇڭۇر تاتلىق پاراڭلىرى ئۈزۈلمەيدىغان چىرايلىق ئانا سەھرالار مەندىن تولىمۇ ، تولىمۇ يىراقتا قالغان ئىدى . بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك كۈندىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە تۇرمۇش گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مېھرى ئىسسىق يۇرتلار ، ئۇيغۇردەكلا ئۇيغۇرلار تولىمۇ ، تولىمۇ يىراقتا ئىدى .....بۈگۈن ھەقىقەتەن ئىچ-ئىچىمدىن ‹‹ ئۇيغۇرسىراپ ›› كەتكەن ئىدىم ....
2012 - يىلى 5 - ماي كەچتە يېزىلدى . ( ئايچىن ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 23:52
|