جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 2

تارىخ ھەققىدە ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            تارىخ ھەققىدە
                                                                                                   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
   
         تارىخ ئالدى بىلەن ئىنسانىيەت ھاياتلىق  كۈرەشلىرى تارىخ بۇلۇشى بىلەن بىللە ، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش تارىخدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنى تاكى يېزىق بىلەن ئىپادىلىگۈچە بولغان ئۇزاق زامانلار داۋامىدا تاش ، يېزىق ۋە مىتالدىن ، كاش ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، جۈملىدىن ئەڭ ئىپتىدائىي ئىتقاد ۋە سەنئەت يادىكارلىقلىرىغا « يېزىپ » قالدۇرغان  .      
        مەلۇمكى ، ئىنسان ئۇچۇر قالدۇرغۇچى زاتتۇر . ئەگەر بىز ، يېزىقنى ئۇچۇر دەپ قارىغىنىمىزدا ، ئۇچۇرنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئەگەر ئۇ ساقلىنىپ قالغان بولسا ، ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ بىۋاستە ، بىرىنچى قۇل ، ئەمەلىي ۋە كونكىرىت چۆكمىلىرى ھەرقانداق تارىىچىنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ ھەرىپ بىلەن يازغان تارىخىدىن چىنراق ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە . بۇ ھەقتە بىز مۇنداق قارايمىز :                                                                                                                                         رىنچىدىن  ، تارىخنى ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇنى ياراتقان خەلىقنىڭ تارىخ ئىزى ، تارىخ چۆكمىلىرى ، تارىخ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىپ  مۇھاكىمە قىلىش كېرەك  . ئۇ ، باشقا ۋاستىلىك ، يازما مەلۇماتلارنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان مىزان .          
         ئىككىنچىدىن ، تارىخنىڭ ئۇچۇرى ئۇنى يارارتقان خەلىقنىڭ تۇرمۇش – كەچۈرمىشلىرىدەك ئىزچىللىققا ، سېستىمىلىققا ، مەنتىقىلىققا  ۋە ئەنئەنىۋىيلىككە ئىگە  . ياسالما « پاكىت » لار ياتلىقى  ، ياسالمىلىقى ، تەنھا ۋە تاسادىپىيلىقى بىلەن سىڭمەيدۇ .
        ئۇچىنچىدىن ، ئۇچۇر تارىخ ھېسابلىنىدىكەن ، ھەممە خەلىقنىڭ تارىخى ئوخشاشلا تۇلىمۇ قەدىمدۇر . يازما تارىخى مەنبەلەر يىتەرلىك توپلىنىشى ، يېزىقتىن ئىلگىركى يېزىق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن تامغا – بەلگىلەر روشەنلەشتۈرۈلىشى ، پۈتۈن ئۇچۇر تارىخى ئېتىبارغا ئېلىنىشى لازىم .                  
           ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىنىڭ « قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا  » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elxatrahim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 12:43  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 750
تۆھپە : 114
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىشات، سىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنبىرىمىزگە يوللاپ بەك ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىز، سىزنىڭ تىرىشچانلىغىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» دىن ئېلىنغان يۇقۇرقى ئۈزۈندە يازما تارىختىن باشقا ماددى پاكىت-ئارخىلوگىيلىك دەلىللەرنىڭمۇ ناھايىتى موھىم رول ئوينايدىغانلىقى،قىممىتى بارلىقى ھەققىدىكى ئىلمىي  پىكىر بولۇپ،ئالىمنىڭ پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش