يارسىز ياشاش
كامىلجان ناسىر(دىلداش)
يارسىزمۇ ياشىدىم يەنە بىر قېتىم،
يارسىزمۇ تۈگىدى ئۆمۈر تامچىلاپ.
ھەسرەتلەر گېلىمنى بوغۇپ تۇرسىمۇ،
كۈلپەتلەر تاغ بولۇپ باسسا قانچىلاپ.
ھەممىدىن ئايرىلدىم، ھەممىدىن يەنە،
تۈگىدى مۇھەببەت، كۈتۈشۋە ھىجران.
ھەممىدىن ئايرىلىپ چىدىدىم، چۈنكى،
ئۆزۈمدىن ئايرىلىپ باقمىدىم ھامان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 08:36