مۇقەددىمە
-مۇھەببەت-
ئۈنگەنتىڭ قەلبىمگە شۇنچە بى تىۋىش، بىلمەيمەن بىخلاندىڭ قاي كۈن،قايسى ئاي؟ تىلسىملىق قوينۇڭغا كىرگەندە شۇڭغۇپ، ئېشىپتۇسىتاجىڭ مۆلچەردىن تالاي.
كەتكەندەماڭدىڭمۇ قۇياشنى ئېلىپ، كۆزۈمگەبەئەينى زۇلمەت تىقىلدى. پۇرسەتمۇ بەرمىدىڭ«خەير!»دېيىشكە، چاقماقلار چېقىلدى،تاغلار يىقىلدى... ※※ ※※ ※※ تۇغۇم بېلەن ئۆلۈم ھاياتلىق ئارغامچىسىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئىككى نوقتا.بۇ ئىككى نوقتا ئارىسىدىكى ئارلىق –ھاياتلىق مۇساپىسى.ھاياتلىق مۇساپىسىدە تالاي ئۆتەڭ-بىكەتلەر،دوقال –ئۆزەكلەر تولۇپ ياتقان بولىدۇ.ھەر بىر بېكەت،ھەر بىر ئۆزەك كۈلكە-يىغا،شاتلىق-ازاپ،سۆيۈنۈش-ئۆكۈنۈش،غەلبە-مەغلۇبىيەت،ئىلگىرلەش-چېكىنىش،ئېرىشىش-يوقۇتۇش،ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش...قاتارلىق قوشكېزەك قىسمەتلەردىن ئۆرە بولىدۇ.بىربېكەتتىن باشقا بېكەتلەرنىڭ ئورنى،يېتىپ بېرىش ۋاقتى،سەۋەپ-نەتىجىلىرى ئاساسەن ئېنىق.بۇ بېكەت-ئۆتەڭلەر كىشىنى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇپ،جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ.ئەمما بىربىكەتنىڭ ئورنىنى ئەل مىساقتىن باشلاپ ھىچكىم بىلەلمىگەن،بۇندىن كېيىنمۇ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس.ئەجەپلىنەرلىكى بۇ بىكەتكە ھىچكىممۇ بۇرۇن بېرىشنى خالىمايدۇ.ھەتتا بېكەت بوسۇغىسىغا دەسسەپ بولغانلارمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىرمىشىدۇ.بۇ-ئۆلۈم بېكىتى.بۇ بېكەت ئىچىدە ھاياتلىق مىنۇبۇسىدىن چۈشكەن كىشىنىڭ ئىسمى پانى ئالەم تىزىملىكىدىن باقى ئالەم رىسالىسىگە يۆتكىلىدۇ.ئاخىرقى بىكەت توغۇرسىدا ھەممە ئادەم ھىسسى بىلىشكە ئېگە.ئۇ بېكەت ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئەقلى بىلش دەرىجىسىگە كۆتىرلىدۇ. يىراق قەدىمدىن ھازىرغىچە،دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن-بۇچېتىگىچە،بەگ-پادىشاھ،ئالىم-ئۆلىمالاردىن ئاددى ئاۋام-پۇقراغىچە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق ئاخىرقى بېكەت ئىچىگە كىرمەسلىك(ئۆلمەسلىك)نىڭ ئامالىنى تىپىش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر ناھايىتى كۆپ بولغان:قەدىمقى مىسىر پادىشاھى پىرئەۋن،دۇنياغا مەشھۇر ئىمپىراتۇر،داڭلىق ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەييىن(ئالىكساندىرماكىدونىسكى)،جاھان ئەركىسى چىڭگىزخان...لارمۇ ئۆز دەۋىرلىرىدە«ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى»نى ئىزدەپ،تالاي-تالاي ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپبارغان،تۈمەن-تۈمەنلەپ يوللارنى باسقان،دەريا-دەريا قانلارنى ئېقىتقان.لىكىن شۇنچە كۈچەپ،زوروقۇپ كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرى،ئۇرۇنۇشلىرى ھىچنىمىگە ئەرزىمەي ئاخىردا ئامالسىز «قازاغا رىزا» بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. زامان تەرەققى قىلىپ ھازىرقى ئۇچۇردەۋرىگە قەدەم قويدى.شۇنداقتىمۇ تېخى بۆگۈنگە قەدەر ئۆلۈم بېكىتىگە مەڭگۈ ئېلىپ بارمايدىغان بىرەر خىسلەتلىك «ئابېي ھايات»دورانىڭ مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئاتىمىزئادەم ئەلەيھىسسالام،بوۋىمىز نوھ پەيغەمبەردەك ھاياتلىق زۇۋىلىسى ئەڭ چوڭ ئۈزۈلگەنلەرنىڭمۇ ئۆمۈر يوپۇرمىقى بەرگىدىن ئۈزۈلگەن.دىمەك ئۆلۈم قىسمىتى ئەلمىساقتا ئىنسانىيەت ئالىمى ئۈچۈن جاكارلانغان ئورتاق ھۆكۈمنامە.بۇ ھۆكۈمنامەنىڭ ھېچقانداق قوشۇمچە ماددىلىرى،ئېتىبار-كەچۈرۈملىرى بولمايدۇ.پىدىيە-بەدەل ئارقىلىق قۇتۇلۇشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۆلۈم بېكىتىگە كىرىش گەرچە ھەممەئادەمگە ئورتاق بولسىمۇ كىرىش ئۇسۇلى، ئۆچرەتتىكى ئىلگىر-كېيىنلىك تەرتىپى ئوخشىمايدۇ. ※※ ※※ ※※ چىنگىز ئايتماتۇپنىڭ «بوتاكۆز»پوۋىستىنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە سائەت ئاللا بۇرۇن ئون ئىككىگە يىقىنلاپ قاپتۇ.شۇنداق قىلىپ بۆگۈن ئاخشاممۇ يەنە ئەسەرلىرىمنى ئاققا كۆچۈرۈش،كىتاپ ئوقۇش بىلەن بەش-ئالتە سائەت ۋاقىتنى ئۇستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپتىمەن.ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم.ئەتراپنى، قاراڭغۇغا تېخىمۇ ۋەھىمىلىك تۈس بېرىپ جىمجىتلىق قاپلاپ كېتىپتۇ.نەزىرىمنى كۆككە ئاغدۇرسام زىمىنغا تەلمۇرۇپ جىلمىيىپ تۇرغان يۇلتۇزلارمۇ مەيلىمنى تارتىشقا ئاجىز كەلدى.چىققىنىغا تېخى بىر نەچچە كۈن بولغان قىياق شەكىللىك ئايغا قارىسام ئۇمۇ خۇددى قونالغۇسىغا بېرىپ بولغان ھارغىن يولۇچىدەك ئولتۇرۇشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىۋىتىپتۇ. ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ،كۈندىلىك خاتىرەم بىلەن ئازراق «دەرت-مۇڭ»بولغاندىن كېيىن ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم.ئەپسۇس، بۆگۈنمۇ ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس.ئەمىسە نىمىش قىلاي؟نىمىش قىلاتتىم،يەنىلا خۇشاللىق-شاتلىقلىرىمغىمۇ ھەمشىرىك بولۇپ ئالقىش ياڭراتقان، ئازاپ-قىسمەتلىرىمگىمۇ تەڭ ئۆكۈنۈپ بىللە قايغۇرۇپ كېلىۋاتقان سادىق دوستۇم،دىلكەش ھەمراھىم قەلىمىم بىلەن سىردىشاي: - سۆھبىتىمىزنى قەيەردىن باشلايمىز؟ - ئايدىن باشلايلىمىكىن!چۈنكى سىزئاينى بەك ياخشى كۆرىسىز ئەمەسمۇ؟ - ئايدىن؟!دۇرۇس،ئايدىن باشلايلى. راست،مەن يۇپيۇمىلاق تولۇن ئاينى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن.ئۇنىڭدا شۇنداق بىر خۇسۇسىيەت بار:ئۇنىڭغا قايسى تەرەپتىن قارىسا ئۆز نازاكىتىنى،سۆلەت-سۆلكىتىنى ئوخشاشلا نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ.باشقا شەكىلدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر تەرەپ ئىپادىلىگەن ماھىيەت-خاراكتىرنى ئىككىنچى بىر تەرىپى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ،ھەتتا خۇنۇكلەشتۇرۈپ قويىدۇ. ئاي ھەققىدە خىيال قىلىۋىتىپ«قىيامەت» رومانىدىكى مۇنداق بىر ئابزاستنى ئەسلەپ قالدىم:«...تۇلۇن ئاي يۈزىدە كۆرىنگىنى داغ ئەمەس،بەلىكى بىر جۈپ بۆرە ئەكبەرە بىلەن تاش چاينارنىڭ سىياقى.زەن قويۇپ قارىسا بىر بۆرىنىڭ ئۇزاپ كېتىۋاتقانلىقىنى،يەنە بىر بۆرىنىڭ كۆككە تەلمۈرۈپ نالە-پەريات قىلىپ ئىلاھتىن بىر نەرسە سوراۋاتقانلىقىنى ئايرىۋالماق تەس ئەمەس.ئاستا-ئاستا يېراقلاپ كېتىۋاتقىنى ئەكبەرە،ئىلاھىغا تېۋىنىپ سۆيۈملۇك جۈپتى ئەكبەرەنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تىلەۋاتقىنى تاشچاينار...» -ئاۋۇ كىم،ياكى ئۇمۇ ئايمۇ؟! -قايسى؟-مەن قەلىمىمنىڭ سۇئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم ۋە ئۇ كۆرسەتكەن ياققا نەزەر ئاغدۇردۇم.ئۇ ماڭا كۆڭۈل ئەلبۇمۇمدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان،يۈزى تولۇن ئايدەك يۇپيۇمىلاق،قەلىب كۆكىمدە ئايدەك نور تۆكۈپ تۇرغان بىر سىمانى كۆرسىتىۋاتاتتى.مەن ئۇنى قاراپلا تونۇدۇم،ئۇ سەنئېدىڭ... (1) ئۇنى ماششىندىن كۆتۈرۈپ تىز قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىردىم.تىز قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىكى بۇرۇتىغا خەت تارتىپمۇ ئۈلگۈرمىگەن نۆۋەتچى دوختۇر ئېرەڭسىزلىك بىلەن تاشقى كېسەللەر بۆلىمىگە ئېلىپ چىقىشىمنى بۇيرىدى.تاشقى كېسەللەر بۆلىمى دوختۇرخانا ياتاق بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئېدى.پەشتاقتىن چىقىپ ئىككىنچى قەۋەت كارىدورىغا قەدەم قويۇشۇم بىلەن تەڭ بېشىم قېيىپ،پۇتلىرىم كالامپايلىشىپ،قەدىممىنى زادىلا يۆتكىيەلمىدىم.ئۇ ئىككى قولىنى مۆرەمدىن ئارتىلدۇرۇپ،كۆكرىكىمدە بېشىنى قويۇپ،يېرىم ھۇشسىز ھالەتتە ياتاتتى.مەن ئۈچ-تۆت يەردە توختاپ دېگۈدەك ئۇنى تاشقى كېسەللەر بۆلىمىگە ئېلىپ كىردىم.دوختۇر:«ياندىكى ياتاققا ئېلىپ چىقىڭ»دەپ بېشى بىلەن بۆلۈمنىڭ سول تەرىپىدىكى ياتاقنى ئىما قىلدى.مەن ئۇنى جىگەر كېسىلى بىلەن داۋالىنىۋاتقان تونۇشۇم مەمەتجان نورمەتنىڭ ياردىمىدە 206-ياتاقتىكى 17-كارۋاتقا ياتقۇزدۇم.ئارقامدىنلا نوۋەتچى دوختۇر مەمەتجان تۇرسۇن تاشقى كېسەللەر بولىمىنىڭ مۇدىرى ئابلىز تۇردىنى باشلاپ كىردى: -بۇ كىم بولىدۇ؟ -مېنىڭ ئايالىم. -نىمە بولدى؟ -موتودىن يىقىلىپ چۈشتى. -قانداق چۈشتى؟ -دۈم چۈشكەن ئوخشايدۇ. ئۇ بارغانسىرى ئاسماقچىلاپ سوراشنىداۋاملاشتۇردى: -موتۇنى سىز ھەيدىگەنمۇ؟ -ھەئە. -قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ -سائەت تۆت يېرىملەردە بولغان ئىش. -ئۇنداقتا،-دېدى ئابلىز دوختۇرسائىتىگە قاراپ،-يېرىم سائەتچە بوپتۇ-دە،قەيەردە چۈشۈپ كەتتى؟ -پىشنا يولى ئېغىزىدىن300 مېتىرئەتراپىدە ماڭغاندىن كېيىن. -پىشنا تەرەپكە كېتىۋاتقانمىدىڭلار؟ -ياق،گۇما تەرەپكە چىقىۋاتاتتۇق. -پىشنا يولى بىلەن ساغان ئارلىقىدىكى دولەت تاش يولىدا بولغان ئىش دەڭ،ماي يول ئۈستىگە يىقىلىپتۇ،شۇنداقمۇ؟ -شۇنداق. -سىز ياتاققا كىرىش رەسمىيىتى بىجىرىپ چىقىڭ،بىز تەكشۈرۈپ كۆرەيلى. «ياتاققا كىرىش رەسمىيىتى»دېگىنى پۇل تۆلەپ چىقىڭ،دېگىنى ئېدى.مېنىڭ يانچۇقۇمدىن شۇ تاپتا كۆپ بولسا 30 كوي چىقاتتى.سەل جىددىيلىشىپ قالدىم.پۇل ئالماي كىرسەم رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىشى ناتايىن ئېدى.پۇل سوراي دېسەم ئەتراپىمدا پۇل سورايدىغان بېرەرسى يوق.شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئاڭلىغان:«پالانىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسا پۇل تاپشۇرمىساڭ ياتاققائالمايمىز،دەپ،پۇل ئېلىپ كەلگۈچە داۋالىمىغانكەن ئۇنداق بوپتۇ،پۇستانىنى تۆلىگەن پۇلۇڭ تۈگىدى،دەپ، دورا-ئوكۇلنى توختىتىۋەتكەنكەن مۇنداق بوپتۇ»دېگەندەك گەپلەرئېسىمگە كېلىپ تېخىمۇ جىددىيلەشتىم. قانداق قىلىش كېرەك؟شۇ ئەسنادا كاللامغا بىرئەقىل كەلدى:باياتتىن يولدا كېلىۋاتقاندا ماشىنىدىكى بۇمەرەمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىشىمگە ياردەملەشكەن ناتونۇش ئەمما ئەڭ يىقىن دوستلارمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك،دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزۈپ ئۆلگۈرگەن ئايالىنىڭ مەسلىھەتى بويىچەئايالىمنىڭ زىبۇ-زىننەت بويۇملىرىنى ئېلىپ يانچۇقۇمغا سېلىۋەتكەن ئېدىم.«قېنى ئاۋۋال باراي،پۇل تۆلىمىسەڭ زادى ياتاققا ئالمايمىز،دەپ دەپ تۇرىۋالسايانچۇقۇمدىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى رەنىگە قويارمەن...» رەسمىيەت بىجىرىدىغان يەردەبەختىمگە يارىشا ئايالىمنىڭ ئەڭ يىقىن ئىككى دوستىنىڭ بىرى،ئايالىمغا ئىسىمداش بۈمەرەم ئولتۇرۇپتۇ(بۇيەرگە يىقىندىلا يۆتكىلىپ كەلگەن بولسا كېرەك).ئۇنى كۆرۈپ يېرىم سائەتتىن بۇيان توپلىشىپ قالغان ئەلىمىم،بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ تۇرغان يىغابومبام بىراقلا پارتىلاپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم.ئۇمۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەيگاڭگىراپ قالدى: -نىمە بولدى؟ -بۇمەرەم،بۇمەرەم... -بۇمەرەم،بۇمەرەمگە نىمە بولدى؟ -موتودىن يىقىلىپ چۈشتى. -نىمە؟قاچان؟! -يېرىم سائەت ئالدىدا. -قېنى ئۇ قەيەردە؟ -ئۈستۈنكى قەۋەتتە ياتقۇزۇپقويدۇق،ياتاققا كىرىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بەرسىڭىز. -قايسى كارۋاتتا؟ -6-ياتاق17-كارۋاتتا. -سىز چىققاچ تۇرۇڭ،مەن ئېلىپ چىقاي. -پۇل... -بولدى مېڭىۋىرىڭ،ئەتە ئەتتىگەندەتۆلەرسىز. مەن زىممىمدىكى ئېغىر بىر يۈك ئېلىۋىتىلگەندەك خېلى يىنىكلەپ قالدىم. ياتاققا چىققىنىمدا ئۇ تېخىچىلاتەكشۈرلىۋاتقان ئىكەن. -باش قىسمى ئازراق سىلكىنىپ كېتىپتۇ،ئەنسىرگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس.خاتىرەجەم بولۇڭ بىر تال ئوكۇل سالساق ھۇشىغا كېلىدۇ. -بالىنى ئېلىپ قالامسىز،ئەمدى بىزقايتايلى،-دېدى شۇ ئەسنادا بىزنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ قويغان شوپۇر يىگىت.مەن قىزىمنى قۇچىقىمغا ئالدىم.ھاياتقا كۆز ئاچقىنىغا توققۇز ئايمۇ بولمىغان بۇ بالا ھېلى ئانىسىغا،ھېلى ئەتراپتىكىلەرگە ئەنسىزلىك ئىچىدە قارايتتى. -خوش ئەمىسە مەن قايتاي! شوپۇر يىگىت ياتاقتىن سىرتقاماڭدى.مەن ئۇنى ئۇزىتىپ ئىشىك تۈۋىگە چىقتىم.«ئۇ كىراغا قانچە پۇل ئالاركىن،«قار ياغقان»بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قىسماقنى بەتلەپ بولدى ھە قاچان،دېدىم ئىچىمدە ئۆز-ئۆزۈمگە. -كىراغا قانچە پۇل بەرسەم بولىدۇ؟ -بولدى،پۇل بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. -ئۇنداق دېسىڭىز بولماس،-دېدىم يانچۇقۇمدىكى پۇلنى ئالغاچ،-بارىمۇ مۇشۇكەن،ئاز بولسىمۇ بۇ ئوتتۇز كوينى ئېلىڭ. -مەن تەكەللۇپ قىلمىدىم،ئىنساننىڭ بېشىغا بۇنداق كۈن ھەمىشە كەلمەيدۇ،بۇ مېنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمىم بولۇپ قالسۇن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆپكەم ئۆرلىدى:«توۋا،پۇل ئۈچۈن نى-نى ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان بۆگۈنكى جەمىيەتتىمۇئىنسانپەرۋەرلىكىنى،مېھرى-شەپقەتنى پۇل ئۈستىگە قويالايدىغان ساپدىل،خالىس نىيەتلىككىشىلەر يەنىلا تۈگەپ كەتمەپتۇ...» -ماقۇل ئەمىسە،رەھمەت سىزگە دېدىممەن ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ،-ئىسمىڭىزنىمۇ سورىماپتىمەن،ئىسمىڭىز؟ -ماخمۇتجان. -رەھمەت ماخمۇتجان،بۇياخشىلىقىڭىزنى خۇدايىم بۇيرىسا چوقۇم قايتۇرىمەن،-دېدىم ئۇنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭسىقىپ. شۇ ئەسنادا بۇمەرەم قەي قىلدى.مەن ئۇنىڭ قېشىغا يۈگرەپ كېرىپ بېشىنى يۆلىدىم.ئۇ يەنە قان ئارلاش قەي قىلغان ئېدى. -ھەي،سەل چاتاقتەك تۇرىدۇ،-دېدى ئابلىز دوختۇر،-موتودىن چۈشۈپ كەتكەن جايدىمۇ قەي قىلغانمۇ؟گەپ قىلغانمۇ؟ئورنىدىن تۇرغانمۇ؟... بۇ سۇئاللار مۇشۇ خاتىرىنى يېزىشتىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن سورالغان،بۇندىن كېيىنمۇ يەنە تالاي قېتىم سورىلىدىغان ئوخشاش بىرخىل سۇئالنىڭ تۈنجى قېتىم سورىلىشى ئېدى. (2) 1998-يىلى 5-ئاينىڭ4-كۈنى(دۈشەنبە). بۆگۈن ئەتتىگەندىن باشلاپلا تەبىئەتنىڭ ئەلپازى بۇزۇق بولۇپ،توختىماي بوران چىقىپ كىشىگە بىرخىل ۋەھىمەتۇيغۇسى بېرىپ تۇراتتى.مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالدىنقى كۈنى قىلىشقان مەسلىھەت بويىچە ئەتتىگەندە ئىدارىغا كىرىپ ئىشخانا مەسئۇلىمىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن،ئۇدۇل ئايالىم بۇمەرەم ئىشلەيدىغان مەكتەپكە چىقتىم.بىز مەكتەپتىن بىللە ئۆيگە كېلىپلا بۆگۈن پىشنىدا(باجامنىڭ ئۆيىدە)بولىدىغان تويغا كىرىشنىڭ تەييارلىقىغا تۇتۇندۇق.تەييارلىقمۇ ئۇزاققا قالماي پۈتتى.مېڭىش ئالدىدا ئۇ مېنى ھوجرا ئۆيىمىزگە چاقىردى: -بۇياققا كىرىڭا! -خوش خانىم،نىمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن ؟ -بىر تەلىۋىم بار،ئېيتسام ماقۇل دەمسىز! -نىمە تەلەپ ئۇ؟ -ماقۇل دەپ بولۇڭ ئاندىن ئېيتاي. مەن ئۇنىڭ بىلەن قەستەن چېقىشتىم: -ئاۋۋال ئاڭلاپ ئاندىن بىر نىمەدەي،ئالدىنىپ قالماي يەنە. -بوپتۇ ئەمىسە،-دېدى ئۇ كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ.ئۇ تۆت-بەش كۈندىن بىرى مۇشۇنداق كۆڭلى سۇنۇق،ئانچىكىم بىرئىشلارغىمۇ كۆز يېشى قىلىدىغان،كەم سۆزبولۇپ قالغان ئېدى.سەۋەبىنى خېلى كوچىلاپ سورىساممۇ «تاڭ ئۆزۈممۇئۇقمايمەن،يىغلىماي دېسەممۇ ئۆزۈمنى ھىچ تۇتالمىدىم»دېگەن ئېدى.ئۇنىڭ كۆز يېشى قىلغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى: -چاقچاق قىلدىم،قېنى ئېيتە،قانداق تەلىۋىڭ بولسا ماقۇل بولدۇم. -بولدى،ئەمدى ئىېيتمايمەن. -جۇگۇ-جۇگۇ ئېيتقىنچۇ! ئۇ كۈلۈپ سالدى: -مەرھابانى بىرگە ئېلىپ كىرەيلىچۇ! -شۇ گەپمىدى،ھەر ئىككىمىزكىرگەندىكىن ئېلىپ كىرسەك بولىدىغۇ، -سىز قوشۇلغان بىلەن ئانام(مېنىڭ ئانامنى دېمەكچى ئېدى)قوشۇلمايدۇ.مەن دېيەلمەيمەن،سىز ئانامنى ماقۇل كەلتۈرسىڭىز! ئانامنى تەسرەك ئۇناتقىلى بولاتتى،شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بەردىم. -رەھمەت سىزگە،خۇدايىم مىڭ ياشقاكىرەرسىز! -ماڭا ياخشى تىلەك تىلەۋاتامسەنياكى قاغاۋاتامسەن؟ -بىلمىدىڭىزمۇ؟ -«مىڭ ياشقا »دېگىنىڭدىن قاغاۋاتقانلىقىڭنى بىلدىم. -كەچۈرۈڭ،ئەسلى يۈز ياشقا دىمەكچى ئېدىم. ئۇ ھويلىغا چىقىپ، سۇپىدىكى بۆشۈكتە ياتقان قىزىمىز مەرھابانى قۇچىقىغا ئېلىۋىدى باغ تەرەپتىن چىققان ئانام سورىدى: -بالىنى ئېمىتىۋىتىپ ماڭاي دەملا؟تېخىى بايا سىلەر كېلىشنىڭ ئالدىدىلا سۈت ئېمىتىپ ئۇخلاتقان ئېدىم. ئۇ ماڭا قارىۋىتىپ دېدى: -ئېلىپ كىرەيلى،دېگەن. -پىشنىغاما؟ ياق،قالسۇن مەن بېقىپ تۇراي،ئارلىق خېلى بار،قاتناش دېگەن ئېگىز-پەس مېڭىپ ساق ئادەمنىمۇ كېسەل قىلىپ قويىدىغان نىمە. -ئىككىمىز كىرگەندىكىن ئېلىپ كىرەيلى،-دېدىم مەن،-ئەگەر كەچ قالساق ئەنسىرەپ قالارمىز. -كەچ قالساڭلارمۇ ئەنسىرمەڭلا،مەن يىغلاتماي بېقىپ تۇراي. -ماقۇل دەڭ،ئېلىپ كىرەيلى،-دېدىممەن يەنە،-تويغا باشقا تۇققانلارمۇ يىغىلىدۇ،بېقىپ،ئوينىتىپ ئېلىپ چىقايلى. -ھەي،قويۇپ ماڭغان بولساڭلا ياخشى بولاتتى،بوپتۇ،يولدا بەك دېققەت قىلىڭلار،ئادەم بار يەردە ئېغىزىغا بىر نەرسە سالماڭلار،خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت! بىز يولغا چىقتۇق.ئانام كەينىمىزدىن خۇددى بىز ئۇزاق بىر سەپەرگە يولغا چىققاندەك خېلى بىر يەرگىچەئەگىشىپ چىقىپ،خۇدادىن ئامان –ئېسەن قايتىپكېلىشىمىزنى تىلەپ،بىزنىڭ قارىمىز يۈتكىچە قاراپ تۇردى. -ئانام بىزنى كىچىك بالا كۆرىۋاتامدۇ-قانداق،-دېدىم مەن بىردەم ماڭغاندىن كېيىن. -كىچىك بالا كۆرمىسىمۇ غەم قىلىدۇ،-دە،ھەممىسى ئورۇنلۇق گەپلەر. (3) بىز بېكەت دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغاكېلىپ توختىشىمىز بىلەن تەڭ بىكەت ئىچىدىن ئۇنىڭ ھاممىسى ۋە ئىككى تاغىسىنىڭ ئايالى چىقتى. -ماشىنا يوقمىكەن؟-سورىدى بۈمەرەم ئۇلاردىن. -ماشىنىغۇ باركەن،ئەمما سائەت بىريېرىمدە ماڭىمىز،دەيدۇ. -بىر يېرىمدە؟-مەن سائىتىمگەقارىدىم،تېخى سائەت ئەندىلا ئون بوپتۇ،ما ئىشنى قاراڭ. شۇ گەپلەرنى قىلىشىپ تۇراتتۇق قېشىمىشزغا باجامنىڭ شوپۇرئىنىسى پەيدا بولۇپ قالدى: -جىددى بىر ئىش بىلەن چىقىۋىدىم،قارىسام بۇيەردە تۇرىشىپلا،تويغا ماڭغان بولسا ئالغاچ كىرىپ كېتەي،دەپ كېلىۋىدىم. -بىز ھازىر ماشىنىنىڭ گېپىنى قىلىشىپ تۇراتتۇق،ئۇنداقتا مەن موتۇنى مۇشۇ يىقىن ئەتراپتا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيى بار،شۇ ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقاي،ئاندىن ماڭايلى. -سىلى موتۇنى ئېلىپ كىرسىلە بولمامدۇ،-دېدى ئۇنىڭ چوڭ تاغىسىنىڭ ئايالى. -تەييار ماشىنا تۇرسا،-دېدىممەن. -كەچتە چىققىلى بىر نەرسە تاپقىلى بولماي قالسا،ئىككەيلەن موتو بىلەن يورۇقتا قايتىپ چىقارسىلە. -ياخشى مەسلىھەت بولدى،ئېلىۋىلىڭ،-دېدى بۈمەرەممۇ،-ئاچامغا ئىسپىراپكا ئالىدىغان ئىشمۇ بارغۇ. ئۇ يولدا كەلگىچە خوتەن مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان ئاچىسى بۇخەلچەمنىڭ تويغا رۇخسەت ئالغىلى سىنىپ مۇدىرىنىڭ قېشىغا بارغاندا،سىنىپ مۇدىرى«تويغا بەرگەن رۇخسەتنى مەكتەپ ئىتراپ قىلمايدۇ،ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ كېسەللىك ئىسپىراپكىسىنى توغۇرلاپ ئېلىپ كېلىڭ»دەپ رۇخسەت بەرگەنلىكىنى،شۇڭا ئۈچ كۈنلۈك ئىسپىراپكا تېپىپ بېرىشىمنى ئېيتقان ئېدى. -بۇمۇ راست،ئۇنداقتا مەن موتۇداماڭاي. مەن موتۇدا ماڭدىم.باشقىلارماشىنىغا چىقتى. (4) داستىخاندىن بىكار بولۇپ بىردەم شامالداي دەپ سىرىتقا چىقىپ تۇراتتىم ئۇ كەينىمدىن چىقىپ بولدى: -بۇ يەرگە چىقىۋاپسىزغۇ؟ -بىردەم شامالدايمىكىن دەپ. -مېڭىڭ كىرىپ كېتەيلى،ھويلىدا ئولتۇرۇڭ. -بىردەم ھاۋالىنىپ كىرەي،سەن كىرىپ كېتەۋەرگىن. -سىز بۇيەردە يالغۇز قالسىڭىز،مەنكىرىپ كېتەلەمدىم. -ھىچقىسى يوق. ئۇ كىرىپ كېتىپ بىردەمدىلا يەنەچىقىپ بولدى: -ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر ئۆيدە ئادەممۇ يوق ئىكەن ھەم سالقىن ئىكەن،ياستۇق تاشلاپ بېرەي بىردەم يېتىۋالامسىز؟ -بولدى، مەن بىردەم مۇشۇ يەردە ھاۋالىناي،سەن كىرىپ تويغا ياردەملەشكىن. -سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كىرىپ كېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن. -بۇ يەردە تۇرىۋاپسىلەرغو،-دېدى بۇخەلچەم شۇ ئەسنادا ھويلىدىن چىقىپ.بۇخەلچەمنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ بولغىچەگۇما تەرەپتىن كىرگەن ماششىنىدىن قېيىن ئاتام چۈشتى.بىز ھەممىمىز بىللە ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق. (5) ماشىنا توختايدىغان جايغا گۇماغا ماڭىدىغان ماشىنىنىڭ بار-يوقلىقىنى كۆرۈپ كەلگىلى كەتكەن بىرسى چوڭ ئاپبۇستىن بىرسى بارلىقىنىڭ ئەمما لىق تولغۇدەك ئادەم بولسا ئاندىن ماڭىدىغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى. -مەن ماڭغاچ تۇراي دادا،-دېدىم مەن قېيىن ئاتامغا،-سىلى بىلەن ماڭغاچ تۇرامدۇق يا؟ -مەن باشقىلار بىلەن بىرگە چىقاي،ئىككىمىز بىللە ماڭساق ئاياللارلا قىپ قالىدىكەن. -بوپتۇ ئەمىسە مەن ماڭاي. مەن موتوغا ئوت ئالدۇرۇپ مېڭىشقا تەرەددۇت قىلدىم.ئەتراپىمدا مېنى ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن چىققان ئۇرۇق-تۇغقانلار بارئېدى. -ھەممىلىرىگە خوش ئەمىسە. -خوش. -خوش ،قاتتىق قۇرۇق ماڭدىلا. -خوش خۇداغا ئامانەت! -... -مەنمۇ موتودا ماڭغاچ تۇراي،-دېدى بۇمەرەم مەن موتۇنى قوزغاشقا تەمشىلىۋاتقاندا. ئۇنىڭ سۆزىگە قېيىن ئاتام قوشۇلمىدى: -بىز بىللە ماشىنىدا ماڭايلى. ئۇنىڭ چوڭ تاغىسىنىڭ ئايالىمۇ قېيىن ئاتامنىڭ گېپىنى قۇۋەتلىدى: -بىزنى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كېتەمدىلا،كىرگۈچە بىر ماشىنىغا پاتقاندىكىن چىقىشىمىزدىمۇ بىر ماشىنىغا پاتارمىز؟ -شۇنداقلىقىغۇ شۇنداق لېكىن... مەن ئۇنىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلىپ گەپكە ئارلاشتىم: -مەيلى،ئىككەيلەن بىرگە ماڭايلى،ھازىر چىقىپ دوختۇرخانىدىن بۇخەلچەمگە ئىسپىراپكا ئالىدىغان ئىشمۇ بار. -بوپتۇ ئەمىسە. بۇمەرەم ئۆي تەرەپكە ماڭدى. -نەگە؟-دېدى قېينى ئانام،-ئەمىسە موتۇغا ئولتۇرمامسەن؟! -بالىنى ئېلىۋالاي. -نىمە،بولمايدۇ،بالىنى بۇلار ئېلىپ چىقسۇن،سەن مېڭىۋەر. -ئېلىپ ماڭاي،ماشىنىنىڭ قاچان مېڭىشنى بىلگىلى بولمايدۇ. -ماشنىمۇ ئۇزۇن قالماي ماڭار،-دېدى قېيىن ئاتام،-سىلەر مېڭىۋىرىڭلار، بالىنى بىز ئېلىپ چىقايلى. -قانداق قىلىمىز؟-ئۇ «بىللە ئېلىپ ماڭايلى دەڭ»دېگەن مەنىدە ماڭا بۇرۇلدى.مەنمۇ «ئېلىپ ماڭايلى»دېمەكچى ئېدىم لېكىن ئوڭايسىزلاندىم: -مەيلى قالسا قالسۇن. -ياق،ئۆزۈم ئېلىپ ماڭىمەن،بالام ئەمگۈسى كېلىپ يىغلاپ قالىدۇ! -ۋاييەي،-دېدى كىچىك تاغىسىنىڭ ئايالى،-بىز بىر يېرىنى چىشلەپ ئۈزىۋالمايلى يەنە،ئېلىپ ماڭسۇن. -بالام،قالسا بولماسمۇ،-قېيىن ئانام ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا دېدى،-ئۇنىڭ ئۈستىگە شامال چىقىۋاتىدۇ،بالا يېلىڭ ئىكەن،ئۆپكىسىگە سوغۇق ئۆتۇپ قالمىسۇن يەنە. -شامالنى دادىسى توسايدۇ. -بوپتۇ ساڭا گەپ توشىمىغۇدەك. ئاخىر بىز بالىنى ئېلىپ ماڭدۇق. (6) -قانداق قىلىمىز،دېسەم «قالسا قالسۇن »دەيسىزغۇ،-دېدى ئۇ يولغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا رەنجىگەن تەلەپپۇزدا،-ئىلىپ ماڭايلى،دەمدىكىن دېسەم مېنى ئەسكى قىلىپ. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن قەستەن چېقىشتىم: -ئەمىسە مەن ئەسكى بولامدىم؟سەن ئەسكى بولساڭمۇ ئۆز بالىسى-دە. -قويىڭە سىزنى،كىرگەندىمۇ يالغۇزكىردى،يەنە يالغۇز چىقىپ كەتمىسۇن دەپتىمەن.مەن سىزگە چىدىمايدىكەنمەن لېكىن سىز-زە،... -چاقچاق قىلىپ قويدۇم،مەنمۇئەسلىدە شۇنداق دېمەكچى ئېدىم لېكىن ھەممىسى قالسۇن،دەۋاتقاندا،«ئېلىپ ماڭايلى»دېيىشكە ئوڭايسىزلاندىم. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۇمانمۇئاستا-ئاستا تارقاپ كەتتى.بىز يولدا توختىماي پاراڭ قىلىشىپ ماڭدۇق.ئۇ خۇددى بىز ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ كېتىپ ئەمدى تېپىشقاندەك مەندىن كۆپ نەرسىلەرنى سوراپ كەتتى.سورىغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بالىمىزنىڭ كەلگۈسى توغۇرسىدا ئېدى: -يېڭى يىلدىن باشلاپ مەرھاباغا ئاتاپ ئايدا يۈز كويدىن پۇل ئامانەت قويايلىمۇ؟ -ماقۇل. -سىزنىڭچە بالىمىزنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتارمىز؟ -ئۇنىڭغا تېخى خېلى ۋاقىت بارغۇ؟ -شۇنداقتىمۇ ھازىردىن باشلاپ ئويلاشماي بولمايدۇ. -باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى كۆزدە تۇتىۋاتقانسەن؟ -ھەئە. -ناھىيە ئىچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتارمىز. -خەنزۇ مەكتەپتىمۇ؟ -ياق،ئۇيغۇر مەكتەپتە. -خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ بىراقلاخەنزۇ تىلى ئۆگەنسە بولمامدۇ؟ -ئاۋۋال ئانا تىلنى ئۆگەنسۇن،خەنزۇ تىلىنىمۇ ئانا تىلغا بىرلەشتۈرۈپ ئاستا-ئاستا ئۆگىنەر،-دەپ جاۋاپ بەردىم ئۇنىڭ سۇئالىغا.بۇنداق جاۋاپ بېرىشىمدە تېخى يىقىندىلا ئوقۇغان بىر ماقالىدىكى مۇنداق بايانلار كاللامغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئېدى:«ئىنسان ئۈچۈن ئەۋلاتتىن –ئەۋلاتقا مىراس قالىدىغان بايلىق ئانا تىل.ئاناتىل بولىدىكەن ۋەتەن،مىللەت بولىدۇ.مىللەتنىڭ ئۆمۈر ئۆلچىمىنى ئۇنىڭ تىلى بەلگىلەيدۇ.دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك ۋە سېھرى كۈچ ئانا تىدا بولىدۇ.ئىنسان ئانا ئەللىيىنى تۇنجى بولۇپ ئەنە شۇ ئانا تىلدا ئاڭلايدۇ»(«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 1992-يىلى 1-سان). -ھازىرغىچە بازار ئەتراپىدىن بىرەرئۆيلۈك يەر ئالالمىدۇق.بالا مەكتەپكە كىرىدىغان ۋاقىتقىچە ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالساق بولاتتى. -تېخى بەش-ئالتە يىل ۋاقىت بار،بالىمىزنىڭ ئۆمرى بولسا بىر گەپ بولار. -بەش ئالتە يىل دېگەن كۆزنى يۈمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ...... (7) بىز پىشنا يولىدىن قاغىلىق-گۇما تاش يولىغا چىقتۇق.مەن سائىتىمگە قارىدىم.ئۇ سائەتكە قارىغانلىقىمنى كۆرۈپ سورىدى: -سائەت قانچە بوپتۇ؟ -تۆت يېرىم. -مۇشۇ يولغا قانچىلىك ۋاقىتتا چىقىپتۇق؟ -يېرىم سائەتتە. -دوختۇرخانىغا يەنە يېرىم سائەتتەكىرىپ بولالارمىزمۇ؟ -بولارمىكىن. -دوختۇرخانىدىكىلەر ئىشتىن چۈشكىچە ئۈلگۈرگىدەكمىز. -يېرىم سائەت قالغاندا كىرىدىغان ئوخشايمىز. -بالا بەك تۆۋەنگە چۈشىۋالدى موتونى توختاتسىڭىز،ئۈستۈن ئېتىۋالسام. بايا ئۇ مەرھابانى ئۇخلاپ قالدى،دېگەن ئېدى.ئۇنى ئويغىتىۋەتمەسلىكنى نەزەردە تۇتقان ئوخشايدۇ.مەن ئاۋۋال موتۇنى خوتتىن چىقىرىپ،ئوتنى ئۆچۈردۈم.موتۇ ئۆز ئىنىرتسىيىسى بويىچە خالاستايدا 50-60 مېتىر ماڭغاندىن كېيىن،پىيادە نورمال مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ تىزلىكىچىلىك ھالەتكە كەلدى.«ئىمكان قەدەر سىلىق توختاي،بولمىسا ئۇ ئويغىنىپ كېتىدۇ».ئاۋۋال سول پۇتۇمنى يەرگە ئېلىپ،ئوڭ پۇتۇمنى تورمۇزغا ئۇزاتتىم.بىز بۇ ۋاقىتتا پىشنا يولى ئېغىزىدىن ئىككى-ئۈچ يۈز مىتىردەك يېراقلاپ بولغان ئېدۇق.شۇ ئەسنادا ئۇ بىر مىدىرلىغاندەك قىلىپلا «ۋاي!»دېدى.ئۇنىڭ ئايىغىدىن تاپ-تۇپ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.مەن تورمۇزغا شاققىدە دەسسسەپ يەرگە چۈشتۈم.ئارلىقىمىز ئىككى-ئۈچ مىتىرچە كېلەتتى.مەن ئۆرە چۈشكەن بولسا كېرەك،دەپ ئويلىغان ئېدىم،لېكىن ئۇ دۈم ھالەتتە سوزۇلۇپ ياتاتتى.قىزىمىز ئوڭدىسىغا ئانىسىنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئېدى.مەن قىقىراپ يىغلاۋاتقان قىزىمىزنى ئانىسىنىڭ ئاستىدىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ باش-كۆز،ئۇستىخانلىرىغاقارىدىم.ئۇنىڭ مەڭچىلىك يېرىمۇ زىدە بولمىغان ئېدى.بۈمەرەممۇ ئاستا تۈگۈلۈپ قوپۇپ ئولتۇردى.ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئېدى. -بالىنىڭ بىر يېرى زىدە بوپتۇمۇ؟ -ياق،سېنىڭ قەيىرىڭ ئاغرىيدۇ؟يەرگە قەيىرىڭ چۈشتى؟ -قۇلىقىم،قۇلىقىم ئاغرىيدۇ،-دېدى ئۇ ئوڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ.مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا سىنچىلاپ قاراپ باقتىم ئەمما قۇلىقى ساپ-ساق تۇراتتى. -ئەكىلىڭ،بالا بەك يىغلاپ كەتتى،بىر ئېمىتەي. ئۇ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئېمىتتى.بالا يىغىدىن توختىدى.ئۇ قىزىمىزنى ئېمىتىۋىتىپ كۆزىنى ئاچماستىن ئەسنەك تۇتىۋاتقان ھالەتتە بېشىنى ھېلى ئوڭ تەرەپكە،ھېلى سوڭ تەرەپكە تاشلايتتى. -مېنى بوشراق قورقۇتۇپ كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ،قەيىرىڭ بەك ئاغرىيدۇ؟ -مانا،-ئۇنىڭ كۆزى «لاپ»بىرئېچىلىپلا يەنە يۈمۈلۈپ قالدى. -موتۇدا ئولتۇرالامسەن،دوختۇرخانىغا ئېلىپ باراي. -ئولتۇرالايمەن،-ئۇ شۇنداق دەپلا قان ئارلاش قەي قىلدى.بۇرنىدىنمۇ ئازراق قان كەلدى.بۇنىڭ بىلەن جىددىيلىشىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم.تۆت ئەتراپىمغا قارىسام يىقىن ئەتراپتا ھاياتلىقتىن ئىز-نىشان يوق.دۇنيادا خۇددى مۇشۇ ئۈچىمىزلا قالغاندەك ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم يالغۇزلۇق،غېرىپلىق ھىس قىلدىم.بىردەم يىغلاۋاتقان قىزىمنى بەزلىسەم،بىردەم ئۇنىڭ ئېغىز بۇرنىنى سۇرتكەچ «كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ!مېنى قورقۇتماي بىر ئېغىز گەپ قىلساڭچۇ!...»دەپ ئۇنىڭغا يالۋۇراتتىم.ئۇ پەقەت:«مانا،ماقۇل»دەپلا بېشىنى ھىلى ئوڭغا،ھېلى سولغا تاشلاپ ئولتۇراتتى. -يولنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ قوياي،بىردەم يېتىۋالامسەن؟ -ماقۇل. مەن ئاۋۋال قىزىمنى يولنىڭ سىرتىدىكى بوش توپا ئۈستىدە ياتقۇزۇپ قويۇپ، ياتىدىغان يەر تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، كېلىپ بۈمەرەمنىڭ قولتىقىدىن يۆلىدىم.ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يولنىڭ سىرتىغاچىقتى.مەن ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئاۋۋال بوش توپىنى يىغىپ ياستۇق ياسىدىم،ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قول ياغلىقىمنى سېلىپ،ئۇنى شىغىل ئارلاش بوش توپا ئۈستىدە ياتقۇزۇپ قويدۇم. -بالا بەك يىغلاپ كەتتى،ئۇنى قۇچىقىڭىزغا ئېلىڭ. مەن قىزىمىزنى قۇچىقىمغا ئالدىم،ئۇنىڭ يىغىسى توختىدى.ئەمما بۇمەرەم توختىماي قەي قىلغىلى تۇردى.شۇ ئەسنادا مېنىڭ پۈتۈن ئېسۇ-يادىم بىرەر قاتناشتا ئېدى.قاتناش كەلسە بۈمەرەمنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسام بولاتتى.تىت-تىت بولۇپ كۆزۈم تېشىلەي دېگەندە خوتەندىن قەشقەرگە ماڭغان ئاپتۇبۇس بولسا كېرەك،گۇما تەرەپتىن چوڭ بىر ئاپتۇبۇس باردى.ئۇنى توسمىدىم.چۈنكى مەن ئۇنى گۇما دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارماقچى ئېدىم.ئارقىدىنلا قاغىلىق تەرەپتىن ماي توشۇيدىغان بىر قارا ماشىنا كەلدى.بۇ ماشىنىنى توسىغان بولساممۇ پەرۋاسىزلا ئۆتۈپ كەتتى.ئۇزاق ئۆتمەي گۇما تەرەپتىن يەنە بىر ئاق رەڭلىك كىچىك ماشىنا باردى.ئۇنى توسىغان ئېدىم،ئىككى قېتىم توختاپ،يەنە مېڭىپ ئۈمۈتنى ئۈزگىنىمدە ئەللىك مىتىرچە يىراقلىققا كېتىپ بولۇپ ئاندىن توختىدى.مەن قىزىمنى كۆتۈرۈپ يۈگرەپ بېرىپ،ئەھۋالنى قىسقىچە ئېيتىپ،بۈمەرەمنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم. -مەن پىشنىغا توي يۆتكىگىلى ماڭغان،ئەسلى تۆت يېرىمدا كىرىپ بولماقچى ئېدىم،-دېدى ئۇستام سائىتىگەقاراپ،-ھازىر ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتىن ئون مىنۇت ئۆتۈپ كېتىپتۇ،باشقا ماشىنا توسىغان بولسىلا. -ئۇستام ئۇنداق دېمەي ئەكىرىپ بەرسىلە،-دېدىم مەن يېلىنىپ،- شۇ تاپتا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن! -ئەكىرىپ بەرسەمغۇ بولاتتى،دېدىمغۇ،ۋەدىگە ۋاپا قىلمىسام بولماس. -توينى قەيەردىن يۆتكەيدىلا؟ -ئابدۇكېرەم ھاپىزنىڭ ئۆيىدىن. -مەن شۇ كىشنىڭ ئوغلى بىلەن باجانبولىمەن.بىزمۇ شۇ ئۆيدىكى تويغا كىرگەن. -ئابلىكىم بىلەن باجاما؟ -ھەئە. -سىلىنىڭ ئاياللىرى بۇخەلچەمنىڭ سىڭلىسىما؟ -شۇنداق. -ئاپلا،يۆتكەپ بېرەي. ماشىنىدا شوپۇر يېنىدا ئولتۇرۇپ بارغان بىر ئايالدىن باشقا ئادەم يوق ئېدى.ئۇستام ئۇ ئايالدىن سورىدى: -سىلى مۇشۇ يەردە قېلىپ،ماشىنا توسۇپ كىرىپ كەتكەچ تۇراملا ياكى بىللە كىرىپ كېتەمدۇق؟ -بۇ يەردە تۇرسام تىزراق ماشىنا كېلەمدىكىن يا... مەن ئۇ ئايالدىن ئۆتۈندۈم: -سىلىمۇ بىللە كىرگەن بولسىلا،مەن يالغۇزلۇق تارتىپ قالىدىغان ئوخشايمەن! -ماقۇل. شوپۇر ماشىنىنى ياندۇرۇپ كەلدى.مەن بۈمەرەمنى يۆلەپ ماشىنىغا چىقاردىم.ماشىنىدىكى ھىلىقى ئايال بالامنى قۇچىقىغائېلىپ،بۈمەرەمنىڭ بېشىنى بىر تىزى ئۈستىگە قويۇپ ئېلىپ ماڭدى.مەن ماشىنىنىڭ كەينىدىن موتۇنى ئېلىپ ماڭماقچى بولۇپ،موتو قېشىغا كەلدىم.موتۇغا ئوت ئالدۇراي دەپ تۇرىشىمغا بۈمەرەم يىقىلغان جايدا چۈشۈپ قالغان ئۇنىڭ بىر پاي ئايىغىغا كۆزۈم چۈشتى.ئاياغنى قولۇمغا ئالسام،ئاياغنىڭ يېنىدىلا موتۇنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان ئادەم دەسسەيدىغان تۆمۈر ئۆزەڭگە تۇراتتى.مەن شۇ ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ موتودىن نىمە سەۋەپتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئېدىم.«ھادىسىنىڭ سەۋەپكارى مۇشۇ تۆمۈر ئىكەن-دە،ئۇ موتو پەسلىگەندە ئەمدى توختىدى،دەپ ئويلاپ،ئۆزەڭگە تۆمۈرگە كۈچەپ دەسسەپ،بالىنى بىر دەڭسەپلا ئۈستۈن ئېتىپتۇ.تۈۋىدىن سۇنۇپ ،ئۈزىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆزەڭگە كۈچەپ دەسسىگەندە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپتۇ.بۇمەرەم تۆمۈر سۇنىشى بىلەن ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىشقا ئۈلگۈرمەي يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.پۇتىدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بولغاچقا ئىنىرتسىيە تەسىرىدە تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئوڭ يانچە يەرگە يىقىلىپتۇ...» (8) -ھەي،-دېدى ئابلىز دوختۇر ۋەقەنىڭ جەريانىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن خۇرسىنىپ،-يىقىلغاندىن كېيىن گەپ قىلغىنى ھەم قەي قىلغىنى ياخشى بولماپتۇ.ئېھتىمال مېڭىسىگە قان چۈشكەن ئوخشايدۇ.ئەگەر شۇنداق بولسا يۇقۇرقى ئىككى خىل ئەھۋال كېسەلگە پايدىسىز. -بالىلىرىنى ئېلىپ قالاملا،-دېدى شۇ ئەسنادا ناتونۇش بىر ئايال قىزىمىز مەرھابانى ماڭا ئۇزىتىپ،-مەن كېسەل يوقلاپ كېلىۋىدىم،ھازىر قايتماقچى ئېدۇق. ئەندى قىزىمىزنىڭ قورسىقى ئاچقان بولسا كېرەك قەغىشلىك قىلشقا باشلىدى. -ئېمىزگە ئېمەمتى؟ -ئېمەتتى،ئېلىپ ماڭماپتىكەنمىز. -ھەي،كىچىك بالىسى بارلار بولسابىر ئېمىتىپ بەرگەن بولسىمۇ،-دېدى كىمدۇ بىرى. مەن يەنە يالغۇزلۇق تارتىشقا باشلىدىم.بالىنى بەزلىسەم ئانىسى تاشلىنىپ قالاتتى،ئانىسىنىڭ قېشىغا كەلسەم بالا يىغلايتتى. -رەنجىمەي بىرسىلىرى تۇتۇپ تۇرغان بولسىلا!مەن تىلىفۇن بېرىپ تۇغقانلارنى چاقىرىۋالسام! -ئەكەلسىلە مەن بېقىپ تۇراي،-ئۇ ياتاق،بۇ ياتاقتىن كىرىپ جۇغلىشىپ قالغان كېسەل باققۇچىلاردىن بىرسى قىزىمنى قۇچىقىمدىن ئالدى. ئادەمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاۋۋال دوستلىرى ئېسىگە كېلىدىكەن.مەن ئاۋۋال ئۇستازىم،ئاكا بۇرادىرىم،شائىر مۇھەممەت كامال خۇشخۇينىڭ ئۆيىگە تىلىفۇن ئۇردۇم،ئادەم يوق.ئىككىنچى قېتىم ئاكا بۇرادىرىم،شائىرغوجامۇھەممەت قابىزنىڭ ئۆيىگە ئۇردۇم،ئادەم يوق.ئۈچىنچى قېتىم...،تۆتىنچى قېتىم...تۆت ئۆينىڭ ھىچقايسىسىدىن سادا قايتمىدى.تىلىفۇننى قويۇپ ياتاققا يۈگۈردۈم.ئۇنىڭ ئېغىز بۇرنىنى سۈرتىۋىتىپ يەنە تىلىفۇن قېشىغا چۈشتۈم.يەنە ھىچ قايسى ئۆيدىكى تىلىفۇندىن سادا چىقمىدى.ئەمدى تېلىفۇننى چوڭ ئۆي(قېيىن ئاتامنىڭ ئۆيى)گە ئۇردۇم.ئۇ ئۆيدە پەقەت كىچىك بالىلارلا قالغان ئېدى. -ۋەي! -كىم؟ -نور ئىلىجان،-تىلىفۇننى بۇمەرەمنىڭ ئون ياشلىق ئىنىسى ئالدى. -دادام چىقتىمۇ؟ -ياق. -چىقسا ئېيتسىلا،پىشنىدىن چىققىچە ئاچىلىرى موتودىن يىقىلىپ چۈشتى،ھازىر دوختۇرخانىدا، دوختۇرخانىغا چىقسۇن. -ماقۇل. ئۈچىنچى قېتىم تىلىفۇن بەرگىلى چۈشكىنىمدە دوختۇرخانا ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا قەلەمداش ئاكا بۇرادىرىم غوجامۇھەممەت قابىزنىڭ ئايالى،مۇشۇ دوختۇرخانىدىكى تاشقى كېسەللەر بۆلىمىنىڭ ناركوز سىستىراسى بىلىقىز ئاچام بىلەن ئۇچراشتۇق.ئۇمېنىڭ چىرايىم،ئۈستى-بېشىمغا قاراپلا چۆچۈپ كەتتى: -نىمە بولدى؟ مەن بولغان ئەھۋالنى قىسقىچىلا ئېيتتىم.گەپ ئۈستىگە دوستۇم شائىر غوجامۇھەممەت قابىزمۇ كەلدى.ئۇلار ئەھۋالنى ئۇقۇپ ياتاققا چىقىپ كەتتى.مەن مەرھاباغا پاراشۇك،ئېمىزگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بازارغاماڭدىم... (9) سائەت سەككىز بولدى.دوختۇرلا تېخىچە كۈزىتىپ داۋالاش باسقۇچىدا تۇراتتى.ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئەھۋالى بارغانسىرى يامانلىشىشقا باشلىدى.بىردەم نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشسا،بىردەم چىشى كىرىشىپ،پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قالاتتى.قىزىتمىسى ئۆرلەپ 40-41 سىلسىيە گىرادۇسقا چىقىپ كېتەتتى.گېلىگە جۇغلىشىۋالغان بەلغەم پات-پات بەلغەم تارتىش ماششىنىسى ئارقىلىق تارتىلاتتى.كىسلاروت ئارقىلىق نەپەسلەندۈرۈش ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرلىۋاتاتتى... -دوختۇرلار ئىشخانىغا كىرەيلى! تاشقى كېسەللەر بۆلۈم مۇدىرىنىڭ چاقىرىشى بىلەن تاشقى كېسەللەر بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى.ئۇلار ئون- ئونبەش مىنۇتلاردىن كېيىن قىېيىن ئاتام بىلەن ئىككىمىزنى ئىشخانىغا چاقىردى: -كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئېگىلىرى سىلەرمۇ؟ -شۇنداق. -«ئاغرىقىنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا»دېگەن ماقال بارغۇ،شۇڭا گەپنى ئوچۇق ئېيتايلى،-دېدى ئابلىزمۇدىر،-كېسەلنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكى ئاساسەن مۇقۇملاشتى.كېسەلنى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەمسىلەر ياكى بىز بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ،تېخىمۇ تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ داۋالاپ باقىمىزمۇ،سىلەردىن مۇشۇنى ئۇقماقچى؟ -قانداق قىلىمىز،-دېدى قېيىن ئاتام ماڭا قاراپ. -ئەگەر يۆتكىمىسە بىز ئامال قىلالمايمىز،دېيىلسە يۆتكەيلى. -بىز ئۇنداق دېيەلمەيمىز،بۇنى ئۆزەڭلار بەلگىلەڭلار. -يۆتكېگىنىمىز مۇۋاپىق بولسا يۆتكەيلى،يۆتكىمەي مۇشۇ يەردە داۋالاتقىنىمىز مۇۋاپىق بولسا مۇشۇ يەردە داۋالاپ قويۇشسىلا! -ھەرئىككىسىنىڭ پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرىپى بار.مۇشۇ يەردە بىز داۋالايلى،دېسەك،بىز پەقەت كۈزىتىپ داۋالىيالايمىز.ئوكۇل بىلەن مېڭىگە چۈشىدىغان قاننى تىزگىنلەپ،مىقتارىنى ئازايتىشقا ئامال قىلالايمىز.ئەمما مېڭىگە چۈشۈپ بولغان قانغا ئامالىمىز يوق.ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەڭلار،دەيلى دېسەك ئارلىق ئۇزۇن،يولدا كىرگۈچە ماشىنا سىلكىپ،مېڭىگە چۈشىدىغان قاننىڭ مىقتارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋىتىپ كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ قىلىشى مۇمكىن.ئەمما بارغىچە بەرداشلىق بېرەلىسە ئوپراتسىيە قىلىپ مېڭىگە چۈشكەن قاننى ئېلىۋىتەلەيدۇ.شۇڭا ئۆزۈڭلار تاللاڭلار. -سىلى قايسىسىنىڭ ئۈنۈمى زورراق دەپ قارىسىلا شۇ بويىچە قىلايلى،-دېدى قېيىن ئاتام،-كېسىپ بىر نەرسە دەپ بەرگەن بولسىلا! ئابلىز مۇدىر ئاپتۇنۇم رايۇندىن ۋەزىپە بىلەن كەلگەن ئىككى خەنزۇ دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن جاۋاپ بەردى: -ئەگەر سىلىق،تىز ماڭىدىغان ئالى دەرىجىلىك ماشىنا تاپالىساڭلار ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ باققىنىڭلارنىڭ ئۈنۈمى زورراق بولامدىكىن. بىز ئۇرۇق تۇغقانلار قايتا-قايتامەسلىھەت قىلىش ئارقىلىق بۈمەرەمنى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەش قارارىغا كەلدۇق.مەن ناھىيىلىك تەمىنلەش كوپىراتىۋىنىڭ «SANTANA»ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان تۇغقىنىمىز ئابدۇللانىڭ قېشىغا باردىم: -بولىدۇ،يۆتكەپ بېرەي،-دېدى ئىنىم ئابدۇللا كېلىش مۇددىئايىمنى ئۇقۇپ،-سىز دوختۇخانىغا بارغاچ تۇرۇڭ،مەن باشلىقىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ ھازىرلا يېتىپ باراي. مەن دوختۇرخانىغا بارغاندا ھەممەيلەن جاۋابىمغا ئىنتىزار بولۇپ تۇرۇشقان ئېدى: -قانداق بولدى؟ -ھازىر كېلىدىغان بولدى. مېنىڭ كەينىمدىنلا قېيىن ئاتاممۇ ياتاققا كىرىپ دېدى: -ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدىكى مېڭە كېسەللەر دوختۇرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق،ئۇ دوختۇر يەنە بىر كەسىپدىشى بىلەن پىكىرلىشىپ،ئەگەر ئۇ قوشۇلسا،ئىككىسى مۇشۇ يەرگە چىقىپ ئوپراتسىيە قىلىپ قويىدىغان بولدى.يەنە ئون مىنۇتتىن كېيىن جاۋاپ بەرمەكچى. كۆڭلۈم ۋاللىدە يورىدى.«ئېلاھىم قوشۇلغاي!...» سائەت دەل توققۇز بولغاندا تېلىفۇن چىقتى: -ۋەي،ئابلىز مۇدىرما؟ -شۇنداق،مەن شۇ. -مەن مىجىت،كۆرەش چىقىشقا قوشۇلدى.لىكىن بىر گەپ:بىز چىقساق كېسەلنىڭ ئېگىسى ئوپراتسىيە ھەققى،ئېلىپ چىققان ماشىنا كىراسىنى بېرەلەمدۇ-يوق،ئەگەر ئۇيەرگە چىقىپ بولۇپ گىجىڭلىشىپ قالىدىغان ئىش بولسا بىز چىقمايلى،چىقالمايدىكەن دەپ قويسىلا! تېلىفۇندىكى گەپلەر ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئابلىز دوختۇر بىرنىمە دېگۈچە قېيىن ئاتام تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى: -مەن كېسەلنىڭ دادىسى، خاتىرەجەم بولۇپ چىقىۋىرىشسىلە!قانچە پۇل كەتسە مەيلى،بىز ھەرقايسىلىرىنى تولۇق رازى قىلىمىز. -ئەمىسە ھازىرلا ئابلىز مۇدىرغائىككى مىڭ كوي ئۆتكۈزۋىتىپ،ئاندىن ماڭا تېلىفۇن قىلسىلا! بىز ئابلىز مۇدىرغا ئىككىمىڭ كوي پۇلنى بەردۇق.ئابلىز مۇدىر مىجىت دوختۇرغا تېلىفۇن ئالدى: -ۋەي،مەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.سىزدەرھال يولغا چىقسىڭىز،قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى. -ماقۇل ئەمىسە،يەنە يېرىم سائەت ساقلاڭلار،مەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ سايمان پونكىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئوپراتسىيىگە كېتەرلىك ئايرىم نەرسىلەر بار،ئاشۇنى ئالالىسام ئاندىن ئاخىرقى جاۋابىنى بېرەي. -ماقۇل. مەن ئەندى يېرىم سائەت-پەقەت ئوتتۇز مىنۇت ۋاقىتنىڭ تىزراق ئۆتىشىنى كۈتىۋاتاتتىم.كۈتكەنسىرى ۋاقىت ئاستا-بەكمۇ ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى.بۇنداق ئىنتىزارلىق پەيتلىرىڭدە ۋاقىتنىڭ نەرقى تۆۋەنلەپ ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالاركەن.قولۇڭدىن كەلسە بىرەر سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىپ تىز-تىز ھەيدىگۈڭ،ماۋجۇتلۇق ئالىمىدىن-زامان قوينىدىن سىقىپ چىقارغۇڭ كېلىدىكەن.ئەپسۇس،ئامال قانچە... يېرىم سائەت ۋاقىتمۇ ئۆتتى.بۇ يېرىم سائەت ۋاقىت خۇددى ئۆلۈم مەيدانىغا ئېلىپ ماڭغان جىنايەتچىدەك سۆرىلىپ،ئاستامېڭىپ ئۆتتى.ھەممىمىز «سائەت توققۇز يېرىم بولدى،ئەمدى تېلىفۇن چىقىدۇ»دېگەن مەنىدە بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق.لېكىن ھىچ سادا يوق.توققۇزدىن ئوتتۇزبەش...،قىرىق،قىرىق بەش...،ئەللىك ئۆتتى.تولۇق ئونمۇ بولدى.بىر نەچچە كۆز تىلىفۇنغا تىكىلىپ تۇرىۋەرگەچكە تېلىفۇن كۆزلەرنىڭ نۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي بارغانسىرى كىچىكلەپ،ئۈستەلگە چاپلىشىپ كېتىۋاتاتتى...ياق ئۇ ئادەمنىڭ تەقەززالىق،زارىقىش ھىسلىرىدىن بىخەۋەر جانسىز ماششىنا ھالىتىدە قېتىپ تۇراتتى. جىددىيلىك يەنە ئەۋجىگە چىقتى.بىزبىر نەچچە قېتىم تېلىفۇن ئۇرغان بولساقمۇ ئۇلانمىدى.چاقىرغۇسىنىڭ نومۇرىنى بېسىۋىدۇق لام-جىم سادا بولمىدى.كۆڭلۈمدە ھەرخىل ۋەھىمىلىك خىياللار غەليان كۆتۈرۈپ تاقەت قىلغۇسىز دەرىجىگە كېلىپ قالدىم.نىمە قىلىشىمنى،نىمە ئويلىشىمنىمۇ بىلمەي،ئۇنىڭغا قاراپ گاراڭ ھالەتتە قېتىپ تۇراتتىم.ۋاقىتنىڭ-ھارغىن كالىنىڭ قەدەملىرىدەك بارغانسىرى ئاستا رېتىمدا ئۆتىۋاتقېنى ئۆتىۋاتقان ئېدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈ*ركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 02:35
|