جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1379 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 2

توزىغان غۇنچە(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  825
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 53
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توزىغان غۇنچە(ھېكايە)
-ئىپارە   !
-ھە، مەن –سېستىرا قىزنىڭ چاقىرىشى بىلەن نۆۋەت كۈتۈپ ئۇلتۇرغان ئىپارە دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
-تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى،دوختۇر سىزنى چاقىرۋاتىدۇ.
-ئىپارە ماغدۇرسىز ئاياغلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئىشخانىغا كىردى ،ئىشخانىدا چاچلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن،دوغلاققىنا كەلگەن كۆزئەينەكلىك دوختۇر بىردە ئىپارەگە بىردە قولىدىكى دىئاگىنۇز قەغىزىگە قاراپ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارىتتى :
-قىزىم ئۆيدىكىلىرىڭىز بىللە كەلمىدىمۇ؟
-دوختۇر  بىرلا ،مومام بار ئىدى ،ئۇ يۇرتتا قالدى ،بۇ يەردە ئۇرۇق-تۇققىنىم يوق،قانداق ئىش بولسا ئۆزۈمگە ئۇدۇللا ئېيتىۋىرىڭ،كېسىلىم بەك ئېغىر شۇنداقمۇ؟-شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭ قانسىز لەۋلىرى تىترەپ كەتتى.
-قىزىم ،قەيسەر بولۇڭ،ھەرگىز ئۈمۈتسىزلەنمەڭ سىز داۋالىنىشىڭىز كېرەك.
-ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىمىكەن؟ئىپارەنىڭ دېمى سىقىلىپ كۆزچاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى.-زادى قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دوختۇر؟
-سزبۇرۇنلابىلەمتىڭىز؟كېسىلىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا داۋالانمىدىڭىز؟-دوختۇرنىڭ يوغان قارا كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.
-بىلەتتىم ،بىېر ئاي بۇرۇنلا ئۆزۈمنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىمنى بىلگەن،ئەمما بۇنچە تېز تەرەققى قىلىشىنى زادىلا ئويلىماپتىمەن-ئۇ تۆكۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان كۆز ياشلىرىنى دوختۇردىن يۇشۇرۇپ تام تەرەپكە قاراپ تۇرۋالدى.ۋە مىڭىشقا تەمشەلدى-ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدۇ.ئەمدى قالغان ئۆمرۈمنى بولسىمۇ خوشال ئۆتكۈزەي.خەيىر-دوختۇر ئۇنىڭ كەينىدىن گەپكە ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ-يەنە توختاپ بېشىنى ھەسرەت بىلەن چايقاپ قويدى.
شۇتاپتا ئىپارەنىڭ بارلىق سەزگۈلىرى تورمۇزلانغانىدى،ھەتتا ئەتراپىدىكى قايناق ھاياتقا قارىغۇدەك ھەپسىلىسىمۇ يوق ئىدى،پەقەت كاللىسىدا بىرلا ئۇقۇم ھۆكۈمران.ئۇ بولسىمۇ ‹ئۆلۈم›! ‹ئاھ خۇدا!بۇ نېمانچە قۇرقۇنۇچلۇق سۆز ھە؟مەن قاراڭغۇلۇقتىن قورقىمەن.ئەمما پات يىقىندا يەنە قاراڭغۇلۇققا قايتىمەن،روھسىز تېنىم قاراڭغۇ گۆرگە مەڭگۈلۈك مەھكۈم بولىدۇ...بۇنىڭدىن 22يىل بۇرۇن بىچارە مومام مېنى ئاشۇنداق قاراڭقۇلۇقتىن تېپىۋالقانىكەن،مۇشۇ كۈنگە كېلىپ كېلىپ- چىقىشىمنى ،ئەسلىمنى ،ئاتا-ئانامنى بىلمەيمەن،بۇ دۇنيادا خۇددى ماڭا ‹ئاتا›‹ئانا›دېگەندەك سۆزلەر ئەسلا مەۋجۈت ئەمەستەكلا بىلىنىدۇ.چۇنكى مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇ ئىككى سۆزنى ئاتاپ باقمىغان.كىچىلكىمدىن باشلاپ بالىلارنىڭ‹ كەلگۈندى، يىتىمەك› دېگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم .بىچارە مومامنىڭ  مېنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ ‹جېنىم قوزام،سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكەن،مەن سېنىڭ موماڭ –ئۆز موماڭ›دېگەنلىرى ھېلىمۇ قۇلىقىمنىڭ تۇۋىدە.كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام  مېنى كىمدۇ بىرى يېرىم كېچىدە،بۇ شەھەردە تىكەندەك يالغۇز ياشايدىغان بۇ موماينىڭ ئىشگى ئالدىغا قويۇپ قويغانىكەن.نىمىشقىمۇ ئاشۇ كېچىسى ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟شۇ چاغدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ،دۇنيانىڭ، تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق غەم-غۇسسىلىرى،خوشاللىق-ئازاپلىرىنى تېتىمايلا كەتكەن بولاتتىم.ئاھ خۇدا،ئۆلۈم!بۇ سۆز نېمانچە دەھشەتلىك ھە!تۇرمۇش ئىنسانلارنى ھەر كويلارغا سالسىمۇ،كۈلدۈرۈپ تۇرۇپ يىغلاتسىمۇ،ھاياتنىڭ قىزىقىدىن،رەڭدارلىقىدىن قىسقىسى ھايات مېھرىدىن كەچمەك قانداق تەس ھە؟›
يانچۇقىدىكى يانفوندىن چىقىۋاتقان يىقىملىق مۇزىكا ئۇنىڭ تېخى ئاخرلاشمىغان خىيللىرىنى ئۈزۈپ قويدى-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم-دەپ تېلفۇننى ئالدى ئۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ
-ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام،نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ بولدۇم،نىمىشقا ئالمايسەن؟نەدە سەن؟-ئاۋازىدىن قارشى تەرەپنىڭ تازا ئاچچىقى كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى...
-مەن ...ئاڭلىماپتىمەن...
-نېمە تىلىڭنى چاينايسەن؟سەن زادى نەدە؟
-مەن مەكتەپ...ياق ...ھەئە مەكتەپتە...
-نېمە ماشىنلارنىڭ ئاۋازى بۇ ...ئادەمنى تولا ساز قىلما ۋا...زادى نەدە سەن؟
-مەن ..مەن بازارغا چىققان ...
-ئىپارە تولا مېنى تېرىكتۈرمە.بىردەم مەكتەپتە دەيسەن بىردەم بازاردا دەيسەن،يا ئاشناڭ بىلەن كۆرۈشكىنى چىققانمىدىڭ؟
ئىپارە گە يەنە يىغا ئولاشتى‹ئاھ جېنىم غەيرەت شۇ تاپتا ھالىمنى بىر بىلسەڭ كاشكى ›
-نېمە ؟گاچا بولۇپ قالدىڭمۇ؟گەپ قىلە ھە؟
-غەيرەت سەن بىلەن كۆرۈشكۈم با كېلەلەرسەنمۇ؟-نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز غەيرەت بىلەن كۆرۈشكۈسى كېپ قالدى.
-ھازىر ئازراق ئىشىم بار،بىر سائەتتىن كېيىن باراي.
-ھە ماقۇل-دېدى ئىپارە يىغىدىن ئۆزىنى ئاران بېسىۋىلىپ.
-ئەمسە قالايمىقان يەرلەردە يۈرمەي مەكتەپكە تېز قايىت ،بىر سائەتتىن كېيىن بارىمەن .
-ماقۇل.
-ئىپارە بۈگۈن غەلىتىلا بولۇپ قاپسەن،ئىشقىلىپ ماڭا يۈز كېلەلمىگۈدەك بىرەر ئىش قىلىپ قالغىنىڭنى بىلىپ قالماي،ئۆزۈڭنى سوراپ دەرھال مەكتەپكە قايىت-دېدى ئۇ قايتا جىكىلەپ.
ئىپارە ئېغىر ئۇھ تارىتقىنىچە كۆز چاناقلىرىغا كېلىپ قالغان ياشنى كىرپىكلىرى ئارىسىغا يۇشۇردى.بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئېغىر ئۇھ تارتىشى ئەمەس،غەيرەت بىلەن مۇھەبەتلەشكەن بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇ غەيرەت ئېلىپ كەلگەن بەخىت شارابىنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىپ تالاي قېتىم تاتلىق كۈلگىنىنى ساناپ بېرەلمىگەندەك،ئوخشاشلا،غەيرەتنىڭ گۇمانخورلىقى،خاتا چۈشۈنۈشى نەتىجىسىدە،قانچە قېتىم ئېقىر ئۇھ تارىتقىنىنى زادىلا بىلمەيدۇ.
  ئەينى چاغدا ئىپارەنى نۇرغۇن يىگىتلەر قوغلاشقان.ئەمما ئاشۇ يىگىتلەر ئارىسىدا پەقەت غەيرەتلا ئۇنىڭ قەلىب تارىلىرىنى ھەقىقى چىكەلىگەن.ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت تارىخى ئاجايىپ،بەلكىم تەغدىر دېگەن شۇنداق بولىدىغاندۇ،ئۇلار ئىنتىرنىت تورىدىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا تونۇشقان،چىراي ،بەدەن ئۇچراشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئالدى بىلەن قەلبى ئۇچراشقان ،بىر بىرىنى تونىغان،چۈشەنگەن،ھەم بىر بىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ بىربىرىنى تاللىغان.،ئاقكۆڭۈل غەيرەت،ئىپارەنىڭ ئازاپلىق ئۆتمۈشىگە ناھايىتى ئېچىنىدۇ،ۋە شۇنچە جاپالىق شارائىتتىمۇ قىچە ۋايسىماي باتۇرلارچە ياشاپ كەلگەن ئىپارەگە ئچ-ئىچىدىن قايىل بولىدۇ،دېمىسىمۇ ئىپارە تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ،ئوتتۇرا مەكتەپنى غەلبىلىك تاماملاپ،يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان.دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان ،ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ بىر تەرەپتىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان،ھەتتا ئاشخانىلاردا،تاللا بازارلىرىدا ئىشلىگەن.
-بۈگۈندىن باشلاپ ساڭا مانا مەن ئىگە دەيدۇ  غەيرەت قەتتى ئاھاڭدا-ئىشلەش توغرا كەلسە مانا مەن ئىشلەيمەن،بۇندىن كېيىن سېنى ھەرگىز جاپا تارتقۇزمايمەن...
  ئىپارە ھاياجانلاندى،يۈرۈگىدە ئىسسىق بىر ئېقىم كۈۋەجىدى،مۇشۇ ياشقىچە ئۇنىڭ ھاياتىدا مومىسىدىن باشقا ئادەم ئۇنىڭغا بۇنچە كۆيۈنۈپ باقمىغانىدى.غەيرەت دېگىنىنى قىلدى،ئوقۇشتىن سىرت قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا،ماشىنا يۇيۇش ئورۇنلىرىدا جاپالىق ئىشلىدى.ئۇ شىنجاڭ قاتناش ئالى تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندە بولسا،ئۆز تەسەۋۇرىدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ئىپارەنى كۆرۈپ ھەيران قالغان،دېمىسىمۇ ئىپارە ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل قىز ئىدى،بەللىرىدە سويلاپ تۇرغان قاپقارا تەبىى دولقۇن چاچلىرى،قوشما قاشلار ئاستىدىكى قويۇق ئۇزۇن كىرپىكلەر ئۇراپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرى،ئىلىپتەك بۇرنى جىنەستىدەك لەۋلىرى،كۈلگەندە كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدىقان بىر جۇپ زىنىقى غەيرەتنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى.ئەۋرىشىم بەدىنىگە خويمۇ خوپ كەلگەن ئۇزۇن مايسىرەڭ يوپكىسى،ۋە قاشتىشىدەك سۈزۈك تېرىسىگە ياراشقان ئاق كوپتىسى،ئۇنى ياپيىشىل مايسىلار ئارا ئەركىن پەرۋاز قىلۋاتقان ئاپئاق كېپىنەككە ئوخشىتىپ قويغانىدى.غەيرەت ئۇنىڭ جامالى ئالدىدا ئەيمەندى.مۇشۇ گۈزەل قەددى قامەتنىڭ،بىر قارىغان كىشىنى ئەيمەندۇردىغان مۇشۇ جادۇ كۆزلەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپلىقى، ھەققىدە ئارىسالدى بولدى،ئىپارە غەيرەتنىڭ ئاددى- ساددا ،سەمىمى تۇرقىدىن ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ئەمما مېھرىبانلىق يىغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ھەممىنى بىلدى،‹-مېنى دەپ كۆپ جاپالارنى چەكتىڭ،-دېدى ئۇ شەھلا كۆزلىرىنى غەيرەتكە تىكىپ ئ.ەمما سەل تارتىنىپ تۇرۇپ،قىزلارغا خاس نازاكەت بىلەن-رەھمەت ساڭا غەيرەت›ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بېشىنى ئاستا غەيرەتنىڭ مۆرىسىگە قويدى.
غەيرەت ئۆز بەختىدىن مەسىت بولدى.ئۇلۇغ ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىغا مىڭ بىر تەسەننا ئېيتىپمۇ ئۈلگۈردى،چۈنكى ئىپارە گۈزەل بولۇپلا قالماي بەلكى،ئۆز جامالىغا تولىمۇ ماس ھالدىكى نازۇك تەبىيىتى،ئۇياتچان كەمسۆزلىكى ،كەمتەرلىكى ،ئومۇمەن قىزلاردا كەم تېپىلىدىغان خۇلقى ئۇنى ‹چىرايلىقنىڭ قىلىقى سەت ›دېگەندەك قارشلاردىن مۇستەسنا ھالدا مۇكەممەل گۈزەللىك دەرىجىسىگە يەتكۈزگەنىدى.غەيرەتمۇ ئۇنى خۇددى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايىتتى،ھەتتا ياخشىراق يەيدىغان نەرسە تاپسىمۇ ئۆزى يىيىشكە قىيماي ئىپارە گ قىسىناتتى .ئەنە شۇنداق ئۇلارنىڭ كۈنلىرى بەخىت ئىلكىدە ئۆتۈشكە باشلىدى .غەيرەتكە قاراپ ھەۋەس قىلدىغانلارمۇ ھەۋەس قىلدىغانلارمۇ ئۇخشاشلا كۆپ ئىدى .
‹‹غەيرەت قىز دوستۇڭ بەك چىرايلىقكەن جۇمۇ،تەلىيىڭ بار ئىكەن -››دەيىتتى ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى ،بۇنداق چاغدا ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنەتتى ،ئەمما خۇشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى،كىيىنكى چاغلاردا ئۇ ئەل –ئاغىنىلىرىنىڭ بىۋاستە ھالدا ئىپارەنى ماختاشلىرىدىن بارا بارا بىزارلىق ھىس قىلىشقا باشلىدى.خۇددى ئاغىنىىرى ئۇنى مازەك قىلۋاتقاندەك ،ئىپارەنىڭ ئۇلار بىلەن قانداقتۇر غەيرەتتىن يۇشۇرۇن مۇناسىۋىتى باردەك ،بىر خىل رەشىق ئوتى ئۇنى قىينايىتتى .بارابارا ئۇلارنىڭ ‹‹مۇھەبىتىڭ ساھىبجامالنىڭ ئۆزىكەن جۇمۇ،خۇددى بىر پىيالە چايغا قوشۇپ ئىچىۋەتكۈدەكلا››دېگەندەك گەپلىرى،دائىملا ئىپارە بىلەن ئۇرۇشىشىغا سەۋەب بولۇشقا باشلىدى.
‹‹-گىرىم قىلماي يۈر دەيىتتى ئۇ ئىپارەگە ئالىيىپ –ياسىنىپ نىمىش قىلاتتىڭ؟تاپىدىغان ئادىمىڭنىمۇ تېپىپ بولدۇڭ ،ياكى باشقا بىرەرىنى تاپقۇڭ بارمىتى؟››
‹‹-بازارغا يالغۇز چىقما ،ئىشىڭ بولسا مانا مەن بىللە ئەچىقىمەن...››
  ئەنە شۇنداق ،ئىپارەنىڭ بارلىق ئەركىنلىكى غەيرەت تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا بوغۇلۇشقا،كۈلكىلىرى ئازلاشقا،تولغان ئاق يۈزلىرى سارغىيىشقا باشلىدى.كۈندەشلىك رەشىق ئوتى غەيرەتنى گوياكى بىر ساراڭغا ئايلاندۇردى.ئۇ ئىپارەدىن ھېچبىر پاكىتسىز گۇمانلىناتتى ،سوغۇق تېگەتتى ،ھەتتا بەزىدە ئىپارەگە قول تەككۈزۈپمۇ سالاتتى ،بۇنداق چاغلاردا ھەممىدىن بەكرەك ئازاپلىنىدىغان ئادەم يەنىلا غەيرەت بولاتتى.‹‹بىچارە ئىپارەنىڭ تارىتقان دەرىتلىرى ئازمۇ؟ئۇنى نىمىشغا يەنە ئازاپلايمەن؟بۇ چىرايلىق كۆزلەرگە كۆز يىشى ياراشمايتىغۇ؟مەنمۇ ئادەممۇ؟››ئۇ قىلغۇلۇقنىڭ ھەممىنى قىلىپ بولۇپ كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەنە شۇنداق سوراققا تارتىشقا باشلايىتتى-دەئىپارەنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ قايتا –قايتا ئەپۇ سۇرايىتتى.‹‹جېنىم ئىپار مېنى كەچۇرگىن،ئەسلى ساڭا قول تەككۈزمەسلىكىم كېرەك ئىدى ،سېنى ئۇرغان قوللىرىم سۇنۇپ كەتسۇن ...جېنىم نېنى ئۇ مېنى تىللا ،لېكىن بۇنداق ئىچىمنى ئەزمە،جېنىم سېنى ئۆزھاياتمدىنمۇ بەكرەك سۆيىمەن ،پەقەت ساڭا مەندىن باشقا ئادەم قارىمىسا، ئسمىڭنىمۇ مەندىن باشقا ئادەم تىلغا ئالمىسا دەيمەن،نىمىشقىمۇ بۇنچە گۈزەل بولۇپ قالغان بولغۇيتۇڭ...››
  كۈنلەر شۇخىل رېتىمدا تەكرارلىنىشقا باشلىدى.‹‹قەدىرلەش-گۇمانلىنىش-ئۇرۇشۇش –كەچۈرۈم سوراش››-ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مانا مۇشۇ تۆت خىل ھالقا ھەر  كۈنى دىگۈدەك ئالمىشىپ تۇردى .پەقەت بىرلا ئۆزگۈرۈش-ئىپارەنىڭ ئەزەلدىنلا ئاجىز بەدىنى تېخىمۇ ئاجىزلاپ ،دائىملا بېشى قايىدىغان،بۇرنى قانايدىغان بولۇپ قالدى.
                             *****************************
-نېمىشقا غەيرەتنى چاقىرمايسەن؟نىمىشقا ئۇنىڭغا دىمەيسەن ئاداش-دېدى دوستى رەيھانگۈل كېسەل كارۋىتىدا ھالسىز ياتقان ئىپارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
-ياق ئاداش –ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى زەئىپ چىقىۋاتاتتى –ئۇنى ئەنسىرەتكۈم يوق ،ئۇ مىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ،ئۇ بۇنى ئاڭلىسا چوقۇم بەك ئازاپلىنىدۇ.ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ئۇنىڭ ئازاپلانغان ھالىتىنى كۆرگۈم يوق.بىلەمسەن رەيھان ،ئۇ مېنى ھەممە نەرسىدىن ئەممە كىشىدىن قىزغىنىدۇ،بىچارە،كېچە-كۈندۇز دەردىمدە پۇچۇلىنىپ يۈرىدۇ،ئۆزى قوپال ئەمما كۆڭلى بەك يۇمشاق –ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك تاتلىققىنە كۈلۈپ قويدى.
-سەن دېگەن گۈزەل پەرىشتە تۇرساڭ،سېنى ھەرقانداق ئادەم ياخشى كۆرىدۇ-دېدى رەيھانگۈل دوستىنىڭ يۇزىنى ئامراقلىق بىلەن جىملەپ
-ياق ئاداش چېكىدىن ئاشقان نەرسە ھامان ياخشىلىققا ماڭمايدىكەن...گۈزەللىكمۇ شۇ،غەيرەتنى ئەنسىزلىككە سالغانمۇ دەل مۇشۇ چىرايىم ...بۇنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ...-ئۇ شۇنداق دېگەچ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى...ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى ،ئاخىرى تېلىفۇندىن چىققان يىقىملىق مۇزىكا ئاۋازى جىمجىتلىقنى بۇزدى.تېلىفۇن ئۇرغان غەيرەت ئىدى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم غەيرەت ،قانداق ئەھۋالىڭىز؟-دېدى گۈلچېھرە ئاۋازىنى يىقىملىق چىقىرىشقا تىرىشىپ .
-ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام جېنىم ياخشى تۇردۇڭمۇ؟قاچان قايتىپ كېلىسەن ؟سېنى سېغىنىپ ئۆلەيلا دېدىم.-غەيرەتنىڭ ئاۋازى ناھايىتى  مەيۈس ئىدى،ئىپارەنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەك بېسىپ بۇرۇنلىرى ئېچىشتى ،خۇددى بوغۇزىغا قاتتىق بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدى.
-ئىپار...ئىپار...ۋەي ...ۋەي...گەپ قىلە...
-...
قارشى تەرەپتىن سادا كەلمىگەنلىكتىن غەيرەت تېلفۇننى ئۈزىۋىتىپ قايتا ئۇردى،ئىپارەنىڭ مۆرىلىرى ۋە تېلفننى تۇتقان قوللىرى تىترەپ كەتتى.ئىپارە ئۈچ كۈن بۇرۇن مەكتەپتە تۇيۇقسىز يىقىلىپ قېلىپ بالنىسقا كىرىپ قالغانىدى ،ئۇ غەيرەتنىڭ ،كېسىلىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇنىڭغا ‹‹مومام ئاغرىپ قېلىپ يۇرىتقا كەتتىم ››دەپلا قويغانىدى.تېلىفۇن توختىماي سايرىماقتا،يانفۇن كۆزنىكىدىن ئۆزىگە كۈلۈپ قاراپ تۇرۋاتقان غەيرەتنىڭ سۈرىتى ئۇنى تېخىمۇ ئازاپلىماقتا ئىدى...
  ئارىدىن بىر-قانچە كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى ،دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە،گەرچە ئىپارەنىڭ كېسىلىدە ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈش كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ئەمما بەدىنىگە خېلىلا ماغدۇر كىرىپ قالغانىدى.ئۇ بۇگۈن ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ كەتتى.بالنىسىتنىڭ دەرىزىلىرىنى ئېچىپ تاڭ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن كۆكسىنى تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى ،يازنىڭ جانلارغا ھۇزۇر مەيىن شامىلى ئۇنىڭ كېسەل ئازابىدىن سارغىيىپ جۈدىگەن ئەمما گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان روخسارىنى يەڭگىل سۆيۈپ ئۆتتى ...
-ئاھ سەھەر!مەرھابا ساڭا...سېنى يەنە كۆرەلىگىنىمدىن خۇشالمەن –ساپ ھاۋايىڭدىن نەپەسلىنىش نەقەدەر ھۇزۇر ھە!-تۇيۇقسىز ئۇنىڭ لەۋلىرى تىترەپ كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى-ئاھ غەيرەت ،بىچارە  ئاشىغىم ...مەندىن ئاغرىنغانسەنمۇ؟بىمەنە گۇمانلارنى قىلىپ  ئۆز گۇمانلىرىڭدىن ئۆزۈڭ ئازاپلىنىپ يۈرگەنسەنمۇ؟...
-ئىپارە-رەيھانگۈلنىڭ ئاۋازى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى –بەك سەھەر تۇرىۋاپسەنغۇ ئاداش !
-رەيھا ن...ئاداش ...مەن غەيرەتنى ...غەيرەتنى بەك سېغىنىپ كەتتىم –ئۇنىڭ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلگەن ياشلىرى ئالدىدا رەيھانگۈلمۇ ئۆزىنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىدى.
-قانچىلىك ئۆمرۈم قالغىنىنى بلمەيمەن ئاداش –دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ئىپارە تىترەڭگۈ ئاۋازدا-ئۇنى كۆرمىگىنىمگە بىر ئاي بولدى .ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ئۇنى بىر كۆرۋالغۇم بار ،ماڭا ياردەم قىلالارسەنمۇ؟
-ئۇنداق دېمە ئاداش ،سەن ياخشى بولۇپ كېتىسەن تېخى غەيرەت بىلەن توي قىلىپ بالىلىق...
-ياق...ياق ...كۆڭلۈمنى ياسىما –دېدى ئىپارە ئېسەدەپ تۇرۇپ –مەن ئۆلۈپ كېتىمەن ئاداش بىلىمەن ساناقلقلا كۈنۈم قالدى...-مېنىڭ ئاق كوپتام بىلەن مايسىرەڭ يوپكامنى تەييارلاپ بەرگىن،بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىمەن. تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىكىگە ئوخشاش ياسىنىپ ئۇنىڭ بىلەن خەيىرلىشىمەن ...مەن بۈگۈن چوقۇم چىرايلىق بولۇشۇم كېرەك،ئۇنىڭ قارچۇقلىرىدا ئىپارەنىڭ ئەڭ گۈزەل سىماسى قېتىپ قالسۇن...
                                                            ****************
-شۇنداقمۇ جېنىم سەن راستىنلا قايتىپ كەلدىڭمۇ؟-تالاي كۈنلەردىن بۇيان ئۆزىنى مۇھەبەتنىڭ ئاجايىپ قاقاس چۆللۈكلىرىدە تاشلىۋىتىپ ئىز دېرەكسىز يوقالغان مەھبۇبىسىنىڭ بۈگۈن تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۇنىڭغا تېلفۇن بېرىشىدىن ئۇ ھەم گاڭگىرىدى ھەم ناھايىتى ھاياجانلاندى.-ماقۇل ،ھازىرلا بارىمەن.
  خەلىق باغچىسى .ئۇلار تۇنجى قېتىم مانا مۇشۇ يەردە كۆرۈشكەن ،ئەتراپىدا بىر بىرىنى پاترۇشكىلاپ كېتىبارغان ئاشىق مەشۇقلار  ...گۈزەل ياز ئاتا قىلغان يىشىل لىباسقا ئورالغان تەبىئەت،،قىسقىسى ھەربىر تال گىياھ  ئۇنىڭغا شۇ قەدەر سۆيۈملۈك كۆرۈنمەكتە ئىدى...ئەنە ئۇلار يانمۇيان ئۇلتۇرغان ياغاچ ئورۇندۇق ،ئەينى چاغدا ئۇلارمۇ ئەتراپىدىكى ئاشۇ ئاشىق- مەشۇقلاردەك شېرىن پىچىرلاشقان ،خۇشال كۈلۈشكەن،بەخىت  پەيزىنى سۈرۈشكەن،مانا ئەمدىچۇ؟ئىپارەنىڭ كىرپىكلىرى يەنە نەمدەلدى ‹‹ئاھ جېنىم غەيرەت،سېنىڭدىن پەقەتلە ئايرىلغۇم يوق ساڭا قىيمايمەن،لېكىن..لېكىن..ماڭا نېمە ئامال ؟ئۆزىنىڭ پات يىقىندا ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى بىلىپ ،ياشىماقتىنمۇ تەس ئىش بامۇ بۇ جاھاندا؟...››يىراقتىن ناھايىتى غۇۋا كۆرۇنگەن بىر سۆيۈملۈك گەۋدىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى جىغىلداپ كەتتى. غەيرەت بارا-بارا ئۆزىگە يىقىنلاپ كەلمەكتە ...ئەمدى ئۇنىڭ پۇت قوللىرىدا جان قالماي گەللىرى قۇرۇشقا باشلىدى .
-ئىپارە!-ئاشىقلق سېغىنىش ئوتلىرى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان غەيرەت-ھىچنىمە دېمىدى پەقەتلا ئىپارەنى بارلىق مېھرى-مۇھەبىتى بىلەن باغرىغا مەھكەم باستى.خۇددى ئىپارەنى بەدىنىنىڭ ئايرىلماس بىر ئەزاسى قىلىۋىلىشنى ئويلاۋاتقاندەك بىر ھازاغىچە شۇ تەرىقىدە تۇردى ،پەقەت ئىپارەنىڭ مۆرىلىرىنىڭ يىنىك تىترەۋاتقىنىنى سەزگەندىلا،ئاندىن ئۇنى باغرىدىن ئاجرىتىپ ئۇنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە تىكىلدى ...
-نېمە بولدۇڭ ؟نىمىشقا يىغلايسەن ئىپار؟-دېدى ئۇ ئىپارەنىڭ مۆرىلىرىدىن تۇتۇپ
-غەيرەت مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟
-نېمىلارنى دەيدىغانسەن ئىپارە...سەن ئۈچۈن ئۆلىمەن-ئىپارە دەرھال ئۇنىڭ ئېغىزىنى بارمىقى بىلەن توستى –يامان بولىدۇ غەيرەت ئۇنداق دېمە...
-ئىپارە،نېمە بولدۇڭ –دېدى غەيرەت ئىپارەنى ئەزەلدىن كۆرۇپ باقمىغاندەك سەپسېلىپ قاراپ –بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟چىرايىڭ بۆلەكچىلا تۇرىدىغۇ؟
- ياق ئۇنداق ئەمەسقۇ-دېدى ئىپارە كۆزلىرىنى غەيرەتنىڭ كۆزلىرىدىن ئېلىپ قاچۇرۇپ يىغلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتىۋىلىپ –كۆزۈڭگە شۇنداق كۆرىنىۋاتقان گەپ.
-ئائىلەڭدە بىرەر ئىش بولدىمۇ يا ؟نىمىشقا مان بىلەن ئالاقىلاشمايسەن ؟نىمىشقا مېنى بۇنچە ئەنسىرتىسەن؟ئويلاپ باقە بىر ئاي ...بىر ئاي يوقاپ كەتتىڭ.بۇ كۈنلەرنى سەنسىز قانچىلىك تەستە ئۆتكۈزگىنىمنى بىلەمسەن؟مەكتىپىڭگە نەچچە ئىزدەپ باردىم ،خەۋىرىڭنى ئالالمىدىم...تېلىفۇنۇڭ دائىملا ئېتىق...-غەيرەت سۆزلىگەنسىرى ھاياجانلانماقتا ئىدى-ماڭا چۈشەندۈرگىن ئىپارە...قەلبىمدە نۇرغۇن تۈگۈن بار،شۇ تۈگۈنلەرنى يەشكىن قەلبىمنى تەسكىن تاپقۇزغىن ،سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
-....-ئىپارە زوۋان سۈرمىدى.پەقەت توختىماي ئېغىر ئۇھ تارتاتتى.
-ئىپارە گەپ قىل دەيمەن ،بىر ئېغىز بولسىمۇ مەيلى ،مېنى بۇنداق بۇرۇقتۇرما قىلما بولامدۇ-تاقەتسىزلەندى غەيرەت.
-غەيرەت ،بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك بەخىت بولمايدۇ،ئەگەر بىر كۈنلەردە.-ئىپارەنىڭ كۆزلىرى يەنە لىققىدە ياشقا تولدى-ئەگەر بىر كۈنلەردە سەندىن ئايرىلىپ كەتسەم .سەن ئۆز تۇرمۇشۇڭنى باشقىدىن باشلا بولامدۇ؟
ئاڭلىغانسىرى گاڭگىراپ قېلۋاتقان غەيرەت ئىپارەگە بىر ھازا تىكىلىپ قالدى.قاتتىق ئەلەمدىن مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ كەتتى –كۆڭلۈڭدە باشقا بىرى بار توغرىمۇ؟
ئىپارە زۇۋان سۈرمىدى،پەقەت ئۈن-تىنسىز ياش تۆكەتتى.
-گەپ قىلە ئىپار ،بۇ نېمە گەپ ماڭا چۇشەندۇر!-غەيرەت ئىپارەنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىشكە باشلىدى –زادى نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇ ئامىلە قلىسەن؟نىمىشقا؟
يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ بىر جۈپ ياشقا قىزىقسىنىپ قاراشقا باشلىدى.
-غەيرەت بىز ئايرىلىپ كېتەيلى .مېنى ئۇنتۇپ كەتكىن ...
-نې..نېمە –بۇ گەپتىن غەيرەت كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ كەتتى ،خۇددى بېشىغا تۇيۇقسىز كالتەك تەگكەن ئادەمدەك كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى..
-مېنى ئۇنتۇپ كەت غەيرەت ،ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى ئۇنتۇپ كەتكىن –ئۇنى تۇيۇقسىز يۆتەل قىستاپ كىيىن قۇرۇق ھۆ قىلىشقا باشلىدى،چىرايى سارغىيىپ كۆزلىرى ئىلىشىپ كەتتى...
-ئىپار ...ئىپار...-غەيرەت جىددىيلەشتى-نېمە بولدۇڭ؟مىجەزىڭ يوقمۇ؟ سېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن...
-ياق –ئىپارە غەيرەتنى ئىتتىرۋەتتى-ھاجىتى يوق -،ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ ھالسىز چىقىۋاتاتتى،-كېرىكى يوق ھازىرلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.مەندىن ئەنسىرمە...
كاللىسىدىن غىل-پال ئۆتكەن قۇرقۇنۇچلۇق گۇماندىن غەيرەتنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترەپ كەتتى-ھايۋان!-يۇزىگە تەگكەن بىر شاپىلاقتىن ئىپارە ئەندىكىپ كەتتى ...ئەمما ئۆزىنى خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى‹مەندىن نەپرەتلەن غەيرەت،ھەتتا ماڭا ئۆچ بوپ كەتكىن ،›
-كەت غەيرەت كەت ...مەندىن يىراق تۇر –ھاسىراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى ئىپارە-مېنىڭ ساڭا بېرەلەيدىغىنىم پەقەتلا ئازاب،مېنى ئۇنتۇپ كەت ..،بەختىڭنى تاپقىن...بۇ دۇنيادا ساڭا مەنسۈپ بولالمايمەن...
-ئاھ خۇدا –غەيرەت خۇددى نېرۋىسىدىن ئاداشقان كىشىدەك بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە جايىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى –ئىپارىم دەپ ئەتىۋارلىغىنىمنىڭ ،سېنى قەدىرلەپ سۆيگىنىمنىڭ مۇكاپاتىمۇ بۇ ؟-ئۇنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر جانسىز ئىدى ،خۇددى يەرنىڭ تېگىدىن چىقىۋاتقاندەكلا.
  ئىپارە بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ ،ئاستا قەددىنى رۇسلىدى.ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ماڭدىيۇ-يەنە توختاپ كەينىگە قارىدى،غەيرەت شۇ پەدىسىدە بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە ئەيتاۋۇر بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى.
-خەيرى خوش غەيرەت ،ئامان بولغىن...-ئۇنىڭ ئاۋازىنى پەقەت ئۆزىدىن باشقا ئادەم ئاڭلىيالمايىتتى.،ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ يۈرۈپ كەتتى.باغچىدىكى يالغۇز ئورۇندۇ ق ۋە بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە ھەسرەت بىلەن ياش تۆكىۋاتقان غەيرەتتىن ئۇ بارا بارا يىراقلاپ كەتتى...
  ئىپارە پۇت-قوللىرىنىڭ ھالسىزلىنىپ كېتىبارغىنىغا قارىماي پىيادە ماڭدى،غەيرەت بىلەن ئۇنتۇلماس ئەسلىملەرنى قالدۇرغان كوچىلارغا تويماي قارىدى‹‹ئىنسان ئۈچۈن ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشمۇ بىر چوڭ بەخىتكەن دېسە-دېدى ئۇ ئۆز –ئۆزىگە،بۇرۇن نۇرغۇن بۇيۈك ئارزۇ –ئارمانلىرىم بولىدىغان،ھازىر بولسا مۇشۇ ساپ ھاۋادىن بىر نەچچە ئاي ياق بىر نەچچە كۈن ھىچ بولمىسا بىرەر سائەت،ياكى بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ ئۇزۇنراق نەپەس ئېلىۋىلىشنى ئويلايمەن.ئەمما...-كۆز ياشلار يەنە يۇزلەرنى سۆيۈپ ئۈلگۈردى-غەيرەت...جېنىم غەيرەت...››-ئۇنىڭ يۈرەكلىرىنىڭ رېتىمى تېزلىشىپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى...بۇرنىدىن ئىسسىق بىر نەرسە ئېقىپ چۈشتى –سومكىسىنى سىلاشتۇرۇپ يان تېلفۇنىنى تاپتى-يۇ قولىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى...
                        **********************************
   مەكتەپ رەھبەرلىكى ئىپارەنىڭ كېسىلىگە ناھايىتى كۆڭۈل  بۆلدى.ۋە ئەھۋالنى ئوبلاسىتلىق مائارىپ ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلدى .نەتىجىدە شەھەر بويىچە كەڭ كۆلەمدە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.جەمىيەتتىنىڭ ھەر ساھەلىرىدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بۇ توزۇش ئالدىدا تۇرغان ياش غۇنچىنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلدى ،ئېچىندى.ھەم ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يىتىشىچە ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشتى.
-كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسىلا ئاشۇنداق يوقسۇل يىتىم يىسىر،ئاجىز-بىچارىلەرگلەرگىلا  كېلەمدىغاندۇ؟ ۋاي ئاللا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىمۇ زە...
-نېمە بولدۇڭ ئاپا –دېدى غەيرەت ئىشىكتىن كىرە –كىرمەيلا توختىماي ۋايساشقا باشلىغان ئاپىسىغا قاراپ ھەيران بولۇپ-بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
-بۇگۈن ئىدارىگە ئىئانە توپلاش توغرىلىق بىر ئۇختۇرۇش كەپتىكەن شۇنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمەن.تېخى  22ياشلىق ئوقۇغۇچى قىزكەن دېگىنە،ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولوپ قاپتۇ...ئەھۋالى بەك ئېغىركەن ،ۋاي .ئېسىت ۋاي ئېسىت ،ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان قىزكەن دېگىنە بالام...
-ۋاي خۇدايىم راستىنلا بەك ئېچىنىشلىق بوپتۇ –دېدى غەيرەت ئۆز تەبىئىتىگە خاس ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قىزغا ئېچىنىپ-قۇلجىلىقمىكەن ئاپا؟
-ياق بالام ،ئاقسۇدىنكەن،ئاتا ئانىسىمۇ يوق يىتىم قىزكەن ،مۇشۇ بىرىنجى سىفەندە ...-غەيرەت ئاپىسىنىڭ كەينىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىمىدى ...ئۆزىگە تولىمۇ تونۇش ئەھۋاللارنى ئاڭلىغانسىرى گاڭگىراشقا ،كاللىسىغا قورقۇنۇچلۇق ۋە ئازاپلىق بىر كۆلەڭگە سايە تاشلاشقا باشلىدى،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئختىيارسىز ئۇرنىدىن تۇرۇپ كەتتى.گەپكە ھېچ قولاشماي قالغان لەۋلىرىنى تەستە ئۆمەللەپ بارلىق غەيرىتىنى يىىغىپ تۇرۇپ سورىدى :
-ئاپا، قىزنىڭ ئىسمى نېمىكەن؟
ئۆز ئىشىغا بەنىت بولغان ئانا بالىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە دېھقەت قىلمىدى
-نېمىتى ،بەك چىرايلىق ئىسىم تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا تۇرىدۇ...ھە ئىپارە...
-ئىپارە !-بۇ ئىسىم بىلەن تەڭ غەيرەتنىڭ بېشىدا چاقماق سوققاندەك تاغلار غۇلىغاندەك سېزىم پەيدا بولدى.كۆز ئالدىغا ئىپارەنىڭ ھېلىقى كۈندىكى جۈدىگەن سارغايغان چىرايى كەلدى. بىر يېرىم ئايدىن بۇيان ئۆزىنى قىيناپ كېلىۋاتقان سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە بىردىنلا جاۋاب تېپىلغانىدى.ئۇ ھەممىنى چۈشەندى،ئەمما ئەنە شۇنداق جاۋابقا ئېرىشىدىغىنىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسا ،ئۇ بىر ئۆمۈر بۇرۇختۇرما بولۇپ ئۆتۈشكە رازى ئىدىكى بۇ خىل رىئاللىقنى مەڭگۈ قوغلاشماس ئىدى...تۇيۇقسىز بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى...
   ئۈچ كۈندىن بۇيان ئىپارە ئاش-تاماقتىن پۈتۈنلەي قالغانىدى.ئەزەلدىنلا ئاق يۈزى،تېخىمۇ ئاقىرىپ لەۋلىرى گەز باغلاپ يۈز قوۋۇزغىلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىدى.ئۇنىڭ بىر يىنىدا 80ياشلاردىن ھالقىغان مومىسى يەنە بىر يىنىدارەيھانگۈل ۋە باشقا ساۋاقداشلىرى كارىۋاتنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقانىدى.ھەممە كۆزلەر نەمدەلگەن بالنىسنى ئېغىر سۈكۈت ۋە بىر خىل قايغۇ قاپلىۋالغانىدى،تۇيۇقسىز بالنىسىت ئىشىگى يەڭگىل چېكىلدى،ھەممىنىڭ دېھقىتى ئىشىككە مەركەزلەشتى.قولىدا بىر دەستە چوغدەك ئەتىرگۈل كۆتۇرگەن غەيرەت ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى –ئاپئاق كىرلىكلەر ئارىسىدا دولقۇنسىمان چاچلىرىنى ئەركىن قويىۋىتىپ ،كۆزلىرىنى قىيا ئېچىپ ياتقان ئىپارەنى كۆرۈپ ئۇ كەينىگە سەلتۈنۈپ كەتتى،پۇت-قوللىرى ئىختىيارسىز تىترەپ ئۇنىڭغا بويسۇنمايۋاتاتتى...
  ناھايىتى يىنىك قەدەملەر بىلەن ئىپارەنىڭ كارۋىتىنىڭ يىنىغا كەلدى-تۇرقىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشقا تىرشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىنى بولاتتى.تىترەۋەتقان قوللىرى بىلەن ،ئىپارەنىڭ چىكە چاچلىرىنى سىلىدى-ئىپارە ...نىمىشقا ؟نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟-ئۆز ئختىيارىغا بويسۇنماي تۆكۇلىۋاتقان ياشلار ئۇنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرى ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولاتتى.
-غەيرەت ،يىغلىما –دېدى ئىپارە ناھايىتى زەئىپ ئاۋازدا.
-مەن خاتا قىلدىم مەن ھەممىگە ئەيىپلىك،سېنى ئازاپلىدىم-غەيرەت ئىپارەنىڭ كارۋىتى بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ  ئىپارەنىڭ قوللىرىنى يۈزىگە سۈرتۈپ ،بوغۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى.ساۋاقداشلىرىمۇ بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۈن-تۈنسىز ياش تۆكۈشتى.
-ماڭا كۆيۈندۇڭ،مېنى ئاسرىدىڭ،مەن ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدىڭ-ئىپارەنىڭ نەپسى ئىتتىكلەپ ھاسىراپ كەتتى.-ئەمما غەيرەت، ماڭا ئىشەنمىدىڭ مەندىن گۇمانلاندىڭ...
-بولدى سۆزلىمىگىن ،ئىپارە مەن گۇناھكار ...كۆزى ئۇچۇق قارىغۇ ئىكەنمەن ،سېنى مۇشۇ كۈنگە قېلىشىڭغا مەن سەۋەپچى ...
-ياق غەيرەت ئۇنداق دېمىگىن،بۇ تەغدىر .مەن سەندىن رازىمەن.غەيرەت شۇنىڭغا ئىشەنگىن بۇ ئۆمرۈمدە سېنىلا ياخشى كۆردۈم،ساڭا يۈز كېلەلمىگۈدەك ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم .
-بىلىمەن جېنىم بىلىمەن-غەيرەت ئەمدى ئچ-ئىچىدىن ئىزىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-يىغلىما جېنىم ساڭا ياراشمايدۇ-دېدى ئىپارە بارغانسىرى يۇمۇلۇپ كېتبارغان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ، لەۋلىرىنى ئاران مىدىرلىتىپ-ساڭا ئېيتىپ قويىدىغىنىم، ‹‹ئۆز سۆيگىنىگە ئىشەنمىگەن ئاشىق، ئۆز سۆيگۈسىگە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ››...بەخىتلىك...ئىپارەنىڭ نەپسى قىيىنلاشتى –بەخىتلىك بول...غىن-ئىپارە يەڭگىلغىنە ئىككى خىرتىلدىدى-دە بېشى يانغا قىيسىيىپ قالدى.قاپقارا قويۇق كىرپىكلەر مەھكەم جىپىسلاشتى.
-دوختۇر ،دوختۇر...-غەيرەتنىڭ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىشى بىلەن تەڭ ياتاقتا يىغا-زار ،قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى...ئىپارە بولسا ئەتراپىدىكى ھەممە ئىشلاردىن بىخەۋەر ھالدا لەۋلىرىنى چىڭ يىمىرىپ ،سۇس تەبەسسۇم قىلغىنىچە ،مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.ئۇنىڭ ئاپئاق كىرلىكلەر ئارىسىدىكى گۈزەل رۇخسارى خۇددى بۇلۇتلارنى يېرىپ چىققان ئون بەش كۇنلۈك تولۇن ئاينى .ئەسلىتەتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلبەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-13 00:10  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 794
تۆھپە : 0
توردا: 137
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 03:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىدىن بىر-قانچە كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى ،مەكتەپ رەھبەرلىكى ئىپارەنىڭ كېسىلىگە ناھايىتى كۆڭۈل  بۆلدى.ۋە ئەھۋالنى ئوبلاسىتلىق مائارىپ ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلدى .نەتىجىدە شەھەر بويىچە كەڭ كۆلەمدە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.،

ئائىلەڭدە بىرەر ئىش بولدىمۇ يا ؟نىمىشقا مان بىلەن ئالاقىلاشمايسەن ؟نىمىشقا مېنى بۇنچە ئەنسىرتىسەن؟ئويلاپ باقە بىر ئاي ...بىر ئاي يوقاپ كەتتىڭ.بۇ كۈنلەرنى سەنسىز قانچىلىك تەستە ئۆتكۈزگىنىمنى بىلەمسەن؟مەكتىپىڭگە نەچچە ئىزدەپ باردىم ،خەۋىرىڭنى ئالالمىدىم...


مۇشۇ ئىككى باياندىن بىرگە تۇرۇڭ!

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  909
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 21:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
--- ئىپارە شۇ ئىپارەدەك  بولغان  بۇلسا  نىمۇ  دېكەن ياخشى  بوللاتى  ھە

ئادەم بولغانئىكەن ياشاشنىڭ  مەقسىتىنى بىلىش كېرەك ئۇ يەپ ئېچىش ئۈچۈنلا ياشىسا ئۇنىڭ ھايۋان بىلەن پەرىق ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش