ئوتتۇز ئالتە پارچە شېئىر
( بۇ شېئىرلارنى ئايرىلىش ئالدىدىكى 36 بايقۇشقا بېغىشلايمەن )
(1)
ئاق جاڭگال بۇلۇتتەك جىمجىت.
تۈكلىرىڭنى يوق قولىمىزدا سىلايمىز،
نېۋرونلارنىڭ يا ئوقى ئەي ئاق تۈلكە !
(2)
تېرەڭنىڭ ئاستى چىمەنزار، ئۈستى كېچە.
(3)
قېلىچنىڭ سايىسىدا ئەمەس
جاناننىڭ يۈرىكىدە ئەمەس
پەيتسىز رومكىدا ئەمەس
سەن بارماقچى بولغان يەر
(4)
كۈيلەرنىڭ سىرى كىچىك شارچەڭدە ئىدى، ئۇنى يېيىپ ھەممىگە يوشۇرۇن قىلدىڭ.
كىچىك شارچەڭ شەربەتنىڭ بارمىقىدا ئىدى، ئۇنى سۈمۈرۈپ ھەممىگە مېيىپ قىلدىڭ.
(5)
جەڭگاھتىكى ئاخىرقى ئەرۋاھ،
چۈش كۆرىۋاتقان پېتىنقى ئەينەك.
(6)
- سەۋەپ بولغاچقا نەتىجە بولامدۇ ؟
- ياق.
- نەتىجە بولغاچقا سەۋەپ بولامدۇ ؟
- ياق.
- سەۋەپ نەتىجە ئارىسىدا مۇناسىۋەت يوقمۇ ؟
- ياق.
(7)
(8)
كۆزىمىز قاغا بويىقىڭنى يۇتساق،
ھەسرىتىڭ ئىپار قولىمىزنى سۇنساق.
(9)
ياڭاقلىق، ئېنىقسىزلىق، سېرىقلىقتىن ياسالغان بىر چىتلاق
شىۋىرلاپ تۇرغان بىر كۆلگە ئايلانغۇچە
بىر كۆزەتكۈچى ئۆلتۈرۈلدى
(10)
بىرىنچى قېتىم سۈركىگەنىدى ھېچنىمە چىقمىدى،
ئىككىنچى قېتىم سۈركىگەنىدى ھېچنىمە چىقمىدى،
ئۈچىنچى قېتىم سۈركىگەنىدى ھېچنىمە چىقمىدى،
تۆتىنچى قېتىم سۈركىگەنىدى ھېچنىمە چىقمىدى.
ئۇ چىراقنى چۆرىۋېتىپ قايتىشنى ئويلىدى، شۇندىلا
ھېلىقى دېۋىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.
(11)
بۇ ئاۋازلار بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى ياكى تارقىلىپ كېتىۋاتقان گازلاردىن تەركىپ تاپقان بىر پارچە بۇلۇتنى ئەمەس، بەلكى بىر قارا ئۆڭكۈرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
(12)
كائىناتنىڭ بولۇمسىز چاڭگىسىدا تۇخۇم بېسىپ ياتقان قانداق جەۋھەر ئۆزۈڭ ؟
(13)
خۇرۇچلارنى قانداق قاقلايمىز،
ھاۋانچىمىز ئېتەكسىز تۇرسا ؟!
خۇرۇچلىرىڭمۇ بوزلانسۇن.
(14)
كۈلرەڭ ھەسەن-ھۈسەن ئېگىلدى،
ئېگىلىش - قونالغۇ.
كۈلرەڭ ھەسەن-ھۈسەن ئېگىلدى،
ئېگىلىش - توسالغۇ.
(15)
مۆجىزە
(16)
ئەي ، مېتافىزىكىدىكى دات !
(17)
چېھرىڭ ئانار، زىنىقىڭ ئانار دانىسىدەك چوڭقۇر تۆكۈلەر.
(18)
ئاتىلار ئورمىنىدا بىر دەرىخىمىز يوق
بىزنىڭ دەرىخىمىز باشقا بىر يەردە
ئۇ يەرنىڭ قەيەرلىكىنى بىلمەيمەن
(19)
قاراڭغۇ ئۈستەلدىكى مەلۇم مەرۋايىت.
(20)
ناخشا ئېيتساڭ جىنەستىلەر لېۋىڭگە تىزىلىپ ئولتۇرىشار،
ئۇسسۇل ئوينىساڭ كېپىنەكلەر پەرۋازى چاۋاك .
(21)
نىگارا قۇببەڭگە باش ئۇرغىنىمدا،
مەن جەنۇپقا سەپەر قىلغان بۈركۈتمەن.
نىگارا قىزىل ئاي دولقۇنىنى ئۆرلەتسە،
قوڭغۇراقنى جىرىڭلاتقان تىلدۇرمەن.
قارا، قۇرتۇم نېمانچە ئوماق،
قارا، گۈلۈڭ ئۇنى يېمەكتە.
قارا، يالپۇز تىترىمەكتە،
قارا، قۇدۇقتىكى پاقاڭ ئويدا...
نىگارا بىر ئاز يامغۇردىن كېيىن،
قوينۇم سېنىڭ قوغلانغۇسى ئۇۋاڭدۇر.
(22)
ئۇنىڭ كۆزىدە بىر جۈپ گۈل بار، ھەر گۇگۇمدا ئېچىلىدۇ.
ئۇنىڭ كۆزىدە بىر تال شەبنەم بار، ھەر باھاردا تۆكۈلىدۇ.
(23)
كەل، تۇماندىن تۇمار ياساپ بوينۇڭغا ئېسىپ قوياي.
(24)
بارلىق خەستىلەرنى ياغاچ تۇڭغا قاچىلاپ دېڭىز ئاستىغا كۆمۈپ قويدۇم، بىر كۈنى ئۇنى سۈزۈپ ئېلىپ خۇش تەمىدىن بەھىرلىنىمەن.
(25)
ئۇ بورىنىڭ تىمتاسلىققا چۈشكەن ئاۋازىنى ياقتۇرىدۇ.
ئۇ تەڭگىنىڭ مايغا چۈشكەن تەمىنى ياقتۇرىدۇ.
ئۇ يەلكەننىڭ تاشقا چۈشكەن سايىسىنى ياقتۇرىدۇ.
ئۇ ساھىلدىكى ئورۇندۇق.
(26)
ئىچ مايماق تاش بىلەن كۆل يۈزىگە
نېمىلەرنى يازدىڭ ؟
تۇڭگان يېزىقى-
مېنىڭ نىگارىم.
(27)
ئاۋۋال
مۇسەللەس يالىغان ئاۋۇ پەلەمپەيلەرنى چېقىۋەت
ئاندىن
ماۋۇ تەگسىز كاتەككە چىققىن
(28)
ئىشىكتىن كىرگەندەك كۆرىنىدىغان سومكا
ئۇنىڭ ئەتراپىدا
روھىم ئايلانماقتا
(29)
چالا پىشۇرۇلغان قەھۋە ئاڭلىنىسەن،
چىڭقى چۈشى بار ئاشۇ ۋاننىدا.
(30)
سول قانىتى يارىلانغان لاي قۇش
پىشماقچى بولار
ئىبراھىمنى كۆيدۈرگەن ئوتتا
(31)
بۇ ئۆلۈم چېركاۋى. بۇ يەردە ئىبادەت قىلغۇچىمۇ، ئىبادەت قىلىنغۇچىمۇ يوق، پەقەت ئىبادەتلا بار.
(32)
سىل چاپىنىڭ چۈشكۈن ھەم تۆشۈك،
ئۇنى رېئاللىقتەك ئەپچىل كىيىۋال.
(33)
ساپما كەش يىرتىلدى ۋە ياكى تەقدىر،
زۇلمەتكە باققىنە ئەي ئاپتاپپەرەس.
چۆكمەكتە تىلىڭغا كېچىسى قەدىر،
كەل، ئۆلۈم سۈيىدە ھىدلان بىر نەپەس.
(34)
ئەگەر زىندانىم يورۇق بولغان بولسا
سەن يەنىلا پەيدا بولارمىدىڭ؟
ئەگەر زىندانىم قۇرۇق بولمىغان بولسا
سەن ئىچىمگە تولارمىدىڭ ؟
(35)
يۇلتۇزنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۋېلىش
يولنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۋېلىش
ئوتنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۋېلىش
(36)
بىز مۇھەببەتنى كۆرۈپ يەتتۇق
ئۇنىڭ قانداق بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى
بىز ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتتۇق
ئۇنىڭ قانداق بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى
بىز ھاياتنى كۆرۈپ يەتتۇق
ئۇنىڭ ھەم قانداق بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 13:11