جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 972 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 6

ئارقا تام ( پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 203
تۆھپە : 1
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئارقا تام


(پوۋېست)



ماخمۇت يولۋاس





1

−قاچ! سەمەتباي.

−نېمە بولدى؟

−دەرۋازاتاراقلاۋاتىدۇ.

−ئوھۇ... قەرز ئىگىلىرىكەلدى دېگىنە.

−مۇشۇ كۈنلەردە سېنىباشقا كىم ئىزدەيتتى.

−نەگە قاچىمەن؟

−ھاجەتخانىغا.

−ھاجەتخانا؟!... ئۇيەرمۇ بىخەتەر بولماسمىكىن.

−ھەرقانچە بولسىمۇبىرسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپلا ھاجەتخانىسىغا بارماس ئەمدى.

−ئەخمەق خوتۇن! سەنبىلمەيسەن-دە. باشقىلارنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرىشكە ئامراق ئادەملەر نۇرغۇن دەيمەن.

−سوۋۇتۇپ قويۇپتىمۇ!؟

−ئاستا گەپ قىل.دەرۋازىغا قۇلاق يېقىپ تۇرغاندۇ ئاۋۇ خەق.

−ئۇنداق بولسا ئارقاتامدىن ئارتىلىپ باغ بىلەن سازلىققا قاچمامسەن.

−سازغا؟... بۇبولىدىكەن. مەن كەتتىم. قالغان گەپنى ئۆزۈڭ بىل. قەرزنى قايتۇرىمىز. ئەمما، ئازراقۋاقىت بەرسۇن.

−ئوھۇش!... بۇ گەپنىتولا قىلىپ كەتتىمغۇ.

−ئەمىسە، يېڭى بىر گەپتاپمامسەن.

−تاپاي غوجام.

−تاماكامنى ئالدىم-ھە؟

−ئالدىڭ، ئالدىڭ.يەيدىغان نەرسەڭ تۇرسا ئۇ. ھە... بول... دىپەيدەك تۇرماي. دەرۋازا سۇنۇپ كېتەيدېدى. ئوھۇش... تازىمۇ بىر...

ئايالىم دەرۋازاتەرەپكە، مەن ئارقا تامغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئېگىز تامدىن ئۇچۇپ ئۆتتۈممۇ بىلمەيلاقالدىم. پاھ! پۇل تېپىشتا مۇشۇنداق ئۇچىدىغان بولسام-ھە… ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكىكەنتنىڭ بېغىغا چۈشۈپ، دەرەخلىك ئارىسىدىكى يول بىلەن تۆۋەنگە − سازلىققا قاراپيول ئالدىم. ئەتراپى كېلول، قارىياغاچ، كۆك تېرەكلەر بىلەن بۈككىدە چۈمكەلگەنمېۋىلىك باغدا قۇشلار بەس-بەستە سايرىشىپ كېتىپتۇ.سايرايدۇ-دە! جانىۋارلار بىر بىرىگە قەرزدار بولۇپ قالمىغاندىن كېيىن… كۆڭلۈم تازاجايىدا بولمىسىمۇ باغنىڭ پەيزى مېنى يەنىلا ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. ياپيېشىلچىملىق ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈپسۈزۈك سۇلار، رەڭگارەڭ ئېچىلىپكەتكەن ياۋا گۈللەر، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىۋاتقان كېپىنەكلەر…سېنىڭدە ھاياتنى سۆيىدىغان يۈرەك بولسا روھىڭنى ئۇرغۇتۇپ، ۋۇجۇدۇڭنىمېھرى-مۇھەببەتكە لىق تولدۇراتتى. توساتتىن كېلول دەرەخلىرىنىڭ قاراڭغۇدالدىلىرىنىڭ بىر يەرلىرىدىن نازۇك قىزنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرى ئاڭلاندى. ھەي، بۇباغدا مەھەللىدىكى يىگىتلەرنىڭ قايسى بىرى بۇنداق پىچىرلاشلاردىن ھۇزۇر ئالمىغاندەيسىز؟ مانا!… باغنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىن كۈلكە-چاقچاقلار كۆتۈرۈلدى. ھايالئۆتمەي دۇتار، تەمبۇرنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى باغنى سېھىرلەشكە باشلىدى. ئاشۇ سېھىرئىچىدە بۇلبۇللار خۇدىنى يوقىتىپ سايرىشاتتى. «ھەي، ئازاتكاملار پەيزىقىلىۋېتىپتۇ-دە!» دەپ تامىقىمنى چېكىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتىم. مانا، بۇ ھايات! كۈنلەرمۇشۇنداق ئۆتىدۇ.

بۈگۈن ھېلىمۇ قەرزئىگىسىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشتىن خۇدايىم ساقلىدى. بولمىسا، نېمە دەپ بېزىرىپ تۇراربولغىيتتىم. كەلگىنى قايسىكىنا؟ مەن، دەپ ئاۋازىنىمۇ چىقارماس بولىۋالدى. كېلىپلادەرۋازىنى ئۈن-تىنسىز قاققىلى تۇرغان. بۈگۈنكى چوقۇم ھەمرا…

سىزىق! كاساپەت… سىزىپ قويغان سىزىقىدىنئۆتكۈزمەيدۇ-دە! چارت بولۇپ قالارمۇ دېمىگەن ئادەمنى. تۇرسۇن بېلىققۇ ئۈرۈمچىگەكەتكەن. بىر نەچچە ۋاق قۇلاق تىنچ. بەكرىمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا قاققان. بۈگۈن يەنەقېقىپ يۈرمىگەندۇ-ھە؟… ھەي، ھېكايە ئاڭلاشقا ئامراق قېرىنداشلىرىم. يەنە ماۋۇسەمەتباي دېگەن نېمە تازا كاززاپ ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار-ھە؟ بىر نەچچە يېقىنئاغىنىلەر كەينىمدىن ئادەم قورقىدىغان گەپ تېپىپ، مېنى سېسىتىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپيۈرىدۇ. توۋا! قىزىقكەن بۇ خەق. تۇرمۇشتا بىرەرسىگە قەرز بولۇپ قالماي ياشىغىلىبولامدىكىنا؟ ئەڭ بولمىغاندا ياراتقان ئىگىسىگە قەرز بولۇپ قالىمىزغۇ. قەرز بولۇپباقمىغانلار بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى كاتتا ئادەمھېسابلايدۇ. زادى ئادەم دېگەن نېمە؟!… مەنچە بۇ دۇنيادا ياشاپ «ئون تىيىن قەرزىميوق» دېگۈچىلەرنى تازا نورمال ئادەم دېگىلى بولمايدۇ جۇمۇ. بىلگەن ئادەمگەھاياتلىقتا ئانچە-مۇنچە قەرز بولۇپ بېقىشمۇ ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇقھۇزۇرى بار دەڭلار.

ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا،مەن نەق ئۈچ ئادەمگە قەرز. قان قەرز ئەمەس، پۇل قەرز. ئالسا پۇل ئالىدۇ. جانئالامتى… ھەي، ئامال قانچە؟ ئوقەتتىن زىيان تارتىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىم شۇ. يائالدامچىلىق قىلىپ پۇلنى خەجلىۋالغان يېرىم يوق. ئۇلارمۇ يامان ۋاقتىدا قەرزنىسۈيلىگىلى تۇردى. بۇ ھەق. بىراق، شۇ تاپتا قولۇمنى كەسسەممۇ قان چىقمىسا…قىلىدىغان ياخشى گەپلەر تۈگىدى. بېزىرىپ تۇرۇشقا يۈزۈم چىدىمىدى. قاچماي قانداققىلىمەن؟ پۇل تاپقۇچە قېچىپ تۇراي… بۇنداق دەرد ئېيتىۋەرسەم، سەمەتباي تازا بىركۆك نامرات ئوخشايدۇ دەپ ئىچىڭلار ئاچچىق بولمىسۇن. بارلىقىغۇ بار. ئەمما،ئېغىلدىكى ئۈچ باش ئالا ئىنەكنى ساتالمايمەن. ئايالىم شۇ ئىنەكلەرنىڭسۈت-قايماقلىرى بىلەن ئۆينى گۈلدەك بېقىۋاتسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىنەكلەرنىڭ تېگىئايالىم زەيتۇنەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭكى! ئالا كۆڭۈللۈك قىلالمايمەن. «تىل قىلداباغلاقلىق، موزاي قوزۇقتا.» پوق يەپ قالدىممۇ بولدى پېشانەمدىن بىر ئۆمۈر كەتمەيدۇدېگەن گەپ. پاھ!… ۋاھ!… ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارسام ئاستىمغا كۆرپە تاشلاپ«كېلىڭ بالام» دەپ تۇرغىنى بىلەن جاڭگالنىڭ شورى دەڭلا. شور بولا-ھە؟!… بۇرنۇڭنىڭتۆشۈكىدىن ئاستا-ئاستا ئېقىپ كىرىپ ئىچ-باغرىڭنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان شور. پولاتنىمۇچىرىتىۋېتىدىغان شور. بۇ شورغا جاڭگالدىكى يۇلغۇن بىلەن چاتقال قومۇش چىدىمىسا،ئادەم بالىسى چىدىمايدۇ. شۇڭا ئىنەكلەرنى سېتىش خىيالىنى قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن.ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈم ئامال قىلاي…

شۇ خىياللار بىلەنباغدىن چىقىپ، مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۆڭلەردەئېگىز-پەس دەسسەپ پىرقىراپ يۈرۈپتىمەن. دۆڭدە قوي بېقىۋاتقان بىر بوۋاي پاداكالتىكىگە تايانغىنىچە كۆزىنى مەندىن ئۈزمەي قاراپلا قاپتۇ. ھەي، بوۋاي سېنى نېمەئويلارغا سېلىپ قويغاندىمەن-ھە؟

ئالدىمدىن يېنىكيورغىلاپ ئۆتۈپ كەتكەن بوز تورغاي، شىۋاق ئارىسىدىن بىلەي تاشتەك پارقىراپئالدىراش چىقىپ كەلگەن كەسلەنچۈكتىن چۆچۈپ ھاۋاغا پۇررىدە كۆتۈرۈلدى. كۆكتەچىرايلىق سەپ تۈزگەن تۇرنىلار سازلىقتىن، بىنەملىككە قاراپ «قاق، قاق» قىلىپ ئۇچۇپكېتىپ باراتتى. سەپتىن چۈشۈپ قالغان بىر تۇرنا ھەرقانچە ئۇچۇپمۇ قاتارغاقېتىلالماي ئاۋارە ئىدى. تۆۋەندىكى يىكەنلىك ھازىر ئېتىزلىققا ئايلىنىپ كەتكەنبولغاچقا بىر توپ بېلىق ئالغۇچلار قارا سۇلۇق يىكەنزارلىقنى ئىزدەۋاتقاندەكتىنىمسىز ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرۈشەتتى. قويچى بوۋاينىڭ قارا ئىتى ئېگىز دۆڭدەتۇرۇۋېلىپ، ئاشۇ بېلىق ئالغۇچلارغا ھەيۋە قىلىپ بار ئاۋازى بىلەن قاۋايتتى. يەربېغىرلاپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن ئاق تىكەنلىك ئارىسىدا چاشقانلار قۇترايتتى…

2

دۆڭ. دۆڭلەر… شىۋاقھىدى قاپلىغان دۆڭلەر. سېرىق چېچەك ئېچىلغان دۆڭلەر. قويلارنىڭ ماياقلىرى تىللادەككۆرۈنىدىغان دۆڭلەر. ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقىپ، يىراقلارغا قارىساڭ ئۆزۈڭنى راھەتسېزىدىغان دۆڭلەر. بۇ تۇپراقتا ياشىغان كىملا بولسۇن، دۇنيانىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىگەكېتىپ قالسىمۇ بۇ دۆڭلەرنى ھەرگىز ئۇنتالمايدۇ. ئاشۇ دۆڭلەردىكى سان-ساناقسىزقەبرىلەر، تىرىكچىلىك ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ئادەملەرنىيەنىلا ئۆزىگە باغلاپ تۇرىدۇ. قارىماققا ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئايرىلىپكەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، تىنچ تۇرۇپ يۈرىكىڭنى، ۋۇجۇدۇڭنى تىڭشىساڭ ئۇنداقئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسەن. روھلارنىڭ ئەتراپىڭنى چۆرگىلەپ يۈرگەنلىكىنى، سەن بىلەنھەر ۋاقىت بىللە ئىكەنلىكىنى سېزىسەن. خۇددى قۇش ئۇۋىسىنى ئەگىگەندەك، سۇ ئۆزئېقىنىغا يۈگۈرگەندەك…

شۇ تاپتا دادام-ئاپاميادىمغا يەتتى. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە رەھمەتلىكلەرنىڭ تۇپراق بېشىنىيوقلىمىغىنىمغا ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ. بىر غېرىچ يەردە تۇرۇپ-ھە؟!… قەبرىلەرنىئارىلاپ قەبرە بېشىغا كەلدىم. ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن بىر تۈپ جىگدەقاياقتىندۇر ئۇرغان شامالدىن تۇيۇقسىز ئىرغاڭلاپ كەتتى (بۇ بىر تۈپ جىگدىنى دادامرەھمەتلىك يەرلىكىدە ياتقاندا قويغان ئىدىم). يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلدىم.كۆزلىرىم ئېچىشىپ، بوغۇزۇم ئاچچىق بولدى. ئېھ! قەدىردانلىرىم بىز بالىلارنى بېقىپقاتارغا قاتقۇچە كىملەرگە قەرز بولۇپ، ساماندەك سارغايغان بولغۇيتتۇڭلار-ھە؟ ھاياتۋاقتىڭلاردا تىندۇرما بولۇپ كەتكەن ئىچىڭلارنى بىر قېتىممۇ كوچىلاپ باقماپتىمەندېسە…

دۆڭلەردىكى باشلىرىنىكۆتۈرەلمەي يەرگە چاپلىشىپ يېتىپ كەتكەن شور قورايلارنىڭ تۇزلۇق ھىدى دېمىقىمنىئىللىق غىدىقلايتتى. بۇ پۇراق شۇ قەدەر ئۆز ئىدى. بۇ قوراينىڭ پۇرىقىنى ھەر يەردە،ھەر قاچان ئۇنىتالمايمەن. بۇ پۇراق ماڭا مەھەللەمنى، ئاتا-ئانامنى،قېرىنداشلىرىمنى، ئايالىمنى، بالىلىرىمنى، مەڭگۈ قايتۇرغىلى بولمايدىغانبالىلىقىمنى، ئاداشلىرىمنى ئەسلىتىدۇ، سۆيدۈرىدۇ. قەلبىم ئازابقا تولغاندايىغلىتىپ تۇرۇپ كۈلدۈرىدۇ. بۇ پۇراق بىلەن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى تونۇيمەن. بۇ مېنىڭبايلىقىم…

بۇ يەردە ياتقانلارمەھەللىمىزدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەر. بالا چاغلىرىمىزدا مۇنۇ كۆرۈنگەن دۆڭدىلاگۈمبەزلەر بار ئىدى. ھازىر دۆڭلەرمۇ قالمىغىلى تۇرۇپتۇ. بىزدىن كېيىنكىلەرنى كوناگۆرلەرنى ئېچىپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ سۆڭىكىنى بىر تەرەپكە يىغىپ قويۇپ قويىدىغانگەپمۇ-قانداق؟ يائاللا!… جىق ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىپتۇ جۇمۇ. ئادەم قەبرىستانلىققاكەلسىلا ئۆلۈمنى ئويلاپ قالىدۇ. بولمىسا، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك قىلىق چىقىرىپكېتىمىز. ئەمەلىيەتتە ھەر قانچە چاپراقلىساقمۇ ئاخىرى مۇشۇ يەرگە كېلىمىز-ھە؟!…

توختا ئاغىنىلەر. كۈننىقەدىرلىمىسەك، ھاياتلىقنى ئاسرىمىساق بولمىغۇدەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز بىلەن كېتىپ،گۆردىمۇ خاتىرجەم ياتقىلى بولمايدۇ ھەقىچان؟…

بۇلتۇر يەرلىكىدەياتقان ئارۇپكاممۇ ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ خەقلەرنىڭ كېسىكىنى تۆكۈپ، تېمىنىسوقۇپ ئۆمرى ئۆتۈپ كېتىپتىكەن. شۇنچە جان تىكىپ ئىشلەپمۇ قەرزدىن قۇتۇلالماي ئۆلۈپكەتتى دېسە. ھايات ۋاقتىدا ھالىڭ نېچۈك دېمىگەن ئوغلى رەھمەتلىكنىڭ نامىزىنىچۈشۈرۈشنىڭ ئالدىدا جامائەتنىڭ ئالدىغا چىقىپ «دادامدا قەرزى بارلار مېنى ئىزدىسەبولىدۇ، قەرزلەرنى مەن قايتۇرىمەن!» دېۋىدى. ئەل-يۇرت بىردەك «بىز رازى!»دېيىشتى-يۇ. ئەمما جىق گەپ بولدى. تۇپراق بېشىدا مېيىتنى يەرلەپ بولغۇچەقوشنىلىرىدىن بىر نەچچىسى ئارۇپكامنىڭ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرغان بىر تال ئوغلىنىيىراقتىن شەرەتلىشىپ، «ماۋۇ گۇينىڭ دادىسىنىڭ مەھەللىدە كىملەرگە قەرز ئىكەنلىكىنىبىلمەيدىغاندەك…» دەپ قۇلاق يېقىشتى. ئەڭ ياخشىسى قەرز بىلەن كېتىپ قالماي جۇمۇ.قەرز ئىگىلىرى ھەر بىر تۇپراق بېشىغا چىققاندا قەبرەڭگە قاراپ ئالىيىپ قويىدۇ-دە.ئەڭ بولمىغاندا ياتقان يەرلىكىڭنىڭ بېشىغا كەلگەندە پۇتىنى قاتتىقراق بىر نەچچەقېتىم تاپاندىۋېتىپ ئۆتۈپ كېتە…

شۇ كۈنى بىر كۈن ئاچقورساق دۆڭمۇ-ساي، كۆلمۇ-ساز پىرقىراپ يۈرۈپ، كەچكە يېقىن يەنە شۇ باغدىكى يولبىلەن ئۆيگە قايتتىم. ئايالىم بەلگە ئۈچۈن بىر جۈپ كىيىندۈرۈپ قويىدىغان قوشكېزەكقىزلىرىمنى ئۆگزىگە چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ھەي، ئەقىللىق خوتۇن… قىزلىرىممۇ ئارقاتامغا قاراپلا تۇرغان چېغى مېنى يىراقتىنلا كۆرۈپ خۇشاللىقىدا قوللىرىنىپۇلاڭلىتىپ، خاتىرجەم كېلىۋېرىشكە شەرەت قىلدى. قاچاردا ئۇچۇپ ئۆتكەن تامدىنئىنجىقلاپ تەستە چىقتىم. كىيىم-كېچەكلىرىم ئاپئاق توپىغا مىلىنىپ كەتتى. تامدىنقورۇغا سەكرەپ چۈشتۈم-دە، ئۆزۈمنى دەڭسىيەلمەي يىقىلدىم. بىر كۈن ئاچ قالساڭپۇت-قولۇڭدا ماغدۇر قالمايدىكىنا؟… ئوڭدا يېتىپ ئۆگزىگە قارىسام قوشكېزەكلىرىمئېغىزىنى ئالىقىنى بىلەن ئېتىۋېلىپ پىخىلداپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ. شۇ ئارىدا ئالدىغاتارتقان پەرتۇقى بىر تەرەپكە قىيسىيىپ كەتكەن ئايالىم يۇندا چېلىكىنى كۆتۈرۈپئارقا تام تەرەپكە چىقىپ قالدى. مېنى كۆرۈپ «ۋاي، ئانىمەي!» دەپ قولىدىكى چېلەكنىتاشلاپلا يېنىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى.

−بايقىساڭ بولمامدۇ.

−بۇرۇنلا مۇشۇ باغتەرەپكە بىر كىچىك ئىشىك ئېچىپ قويايلى دېسەم ئۇنىماي كەتتىڭ زادى.

−ئوھۇش!… بىردەرۋازىنىڭ دەردىنى تارتالمايۋاتسا نېمە دەيدۇ ئەمدى… قىزلارغا شوتا قويغۇزماي.

−شوتا قويىدىغانقىزلىرىڭ ئەنە ئۆگزىدە تاماشا كۆرۈۋاتىدۇ.

−شۇ بالىلارنىڭئالدىدىمۇ سەتقۇ.

−تولا جېنىمغا تەگمەيتۇر-ھە.

−راستقۇ.

−خوتۇن دېگەن خەقنى…

−ھە، نېمە بوپتۇق؟ تولاچەكچەيمىگىنە، بالىلار كەلدى.

ئايالىم بىلەن قىزلىرىممېنى يۆلەشتۈرۈپ چايخانا سۇپىسىغا ئېلىپ چىقتى. سۇپىدا يانپاشلاپ يېتىپ بىرىنچىبولۇپ قارىغىنىم قازان بولدى. قورسىقىغا ئامراق ئايالىم تۈگمىدەك تۈگۈپ چۆچۈرەقىپتۇ. دىمىغىمغا رەيھان كۆكىنىڭ پۇرىقى گۈپپىدە ئۇرۇلۇشى بىلەن پۈتۈن بەدىنىملاسسىدە بوشاپ كەتتى. بىر قىزىم ئۇيەر بۇيەرلىرىمنى تۇتسا، يەنە بىر قىزىمئارقامغا ياستۇق يۆلىدى. ھەي، مېنىڭ ئامراق پاتەم-زۆھرەلىرىم…

قىزلىرىمنىڭئانىسىنىڭكىدەك چىرايلىق كۆزلىرىگە تويماي قارايمەن. قارىغانسېرى ئاشۇ مەسۇمكۆزلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىمەن. نەچچە يىلدىن بېرى ئاشۇ كۆزلەرنىڭ كۈلۈپتۇرۇشى ئۈچۈن ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ كىرىپ باقتىم… يىقىلدىم. يەنە تۇرۇشۇم كېرەك دەپئويلايمەن. ئەمما، يوللىرىمدا قەدەمدە بىر توساقلار… بەزىدە قەدەمنى قاياققايۆتكىشىمنى بىلمەي قالىمەن. بەلكىم ھاياتلىقنىڭ يولى شۇنداقتۇ!… قورساقتىنئېشىنمايدىغان ئالتە مو يەر… بىر پاتمان قەرز… تاراقلاۋاتقان دەرۋازا… قاچىدىغانئارقا تام… كۈندىن-كۈنگە قولدىن چىقىپ كېتىۋاتقان ساڭا تەئەللۇق نەرسىلەر…شاكىلىقېلىپ، مېغىزى خەقنىڭ بوغۇزىغا تاقاشمايلا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆزلىرىڭنىپارقىرىتىپ قاراپ قېلىشلار… ئاچچىقىلا بار… تاتلىقىنى تاپالماسلار… خوتۇنۇڭنىڭقولىغا قاراپ قالغان بەزەن چاغلاردا، ساڭا چاندۇرماي غادىيىشلىرى…

قىزلىرىمنىڭ يەنەشەيتىنى تۇتتى. بىر بىرىنى نوقۇشۇپ پىخىلداپ كۈلۈشتى. ئۇلار يەنە بالىدە!

−نېمە بولۇشتۇڭ؟−دېدىئاپىسى ئون ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان قىزلىرىغا ئالىيىپ قويۇپ،−قىز بالىمۇ تولاكۈلەمدىغان، سەتلىشىپ.

−سىز كۆرمىدىڭىز ئاپا.دادامنىڭ ئارقا تامدىن ئارتىلغان ھالىتىنى. ئۆگزىدە تۇرۇپ كۆرسە بەك قىزىقبولىدىكەن. ھا… ھا…−دەپ قورسىقىنى تۇتۇۋېلىپ تېلىقىپ قالدى پاتەم.

−ئۆزىنىڭ ئۆيىگىمۇئوغرىدەك چۈشۈپ، تاس قالدى پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغىلى بىچارە دادام،−دەپ كۆزىگەلىققىدە ياش ئالدى زۆھرە. ئاندىن بوينۇمدىن قۇچاقلاپ يۈزىنى يۈزۈمگە چىڭڭىدەياقتى. تۇرۇپلا كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، بوغۇزۇمغا بىرنەرسە قاپلىشىپ قالغاندەكگېلىمدىكى قىرتاق سۇيۇقلۇقنى كۈچەپ يۇتتۇم.

−ھەي، ھەي… بولدىقىلىڭلار،−دېدى سەزگۈر ئايالىم ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتىنى دەرھال ئوڭشىماقچىبولۇپ،−داداڭلار بىلەن ئۆي تۇتۇپ، مەن كۆرگەننى سىلەر تېخى كۆرمىدىڭلار. قېنىتامىقىڭلارنى ئىچىڭلار. تاماقتىن كېيىن ناۋات بىلەن سىنچاي ئىچكەچ داداڭلارنىڭبۈگۈنكى بىر كۈنلۈك تەسىراتىنى ئاڭلايمىز.

−ساڭا ئويۇنبولۇۋېتىپتۇ-دە!−دېدىم قولۇمغا ئەمدىلا ئالغان قوشۇقنى شىرەگە تاققىدە تاشلاپ.

−ئەمدى قايغۇرۇپ جاننىسېلىپ بەرگۈلۈكمۇ،−ئايالىمنىڭ ئاغزى گەپتە، قولى ئىشتا، ئۆزى قازان بېشىداشىپىرلاپ ماڭاتتى،−سەن قېچىپ كەتتىڭ، مېنىڭ دەرۋازىنى ئېچىپ ھەمراغا نېمىلەرنىدېگەنلىكىمنى ئاڭلىساڭ ھەيران قالىسەن.

−يېڭى گەپتىن بىرنىتوقۇغانسەن شۇ.

−بۇداقىسى قالتىسدېگىنە.

−نېمە دېدىڭ؟

−بىز بىلەن بىللەئوقۇغان ساۋاقدىشىمىز كىم ئىدى؟ ئوقۇۋاتقاندا چاچنى گەدەنگىچە قويۇۋالىدىغان…

−قايسى بوپ كەتتا؟

−ۋاي دەريادىن ئالتۇنچايقايدىغانچۇ.

−ھە، ھە… تەلەت.

−تەلەت بىلەن دەرياغائالتۇن چايقىغىلى كەتتى. خاتىرجەم بولۇڭ. بۇدا پۇل تېپىپ كېلىپ قەرزىڭىزنىقايتۇرۇپ بەرمىسە، مانا، مەن قورۇ-جاينى سېتىپ بولسىمۇ قايتۇرىمەن دېدىم. ئەمدى ئۇسىزىق دېگىنىڭىز خېلى ۋاقىتقىچە ئۆيگە ئىزدەپ كەلمەيدۇ.

ئايالىمنىڭ گېپىنىئاڭلاپ كاللامغا نېمىدۇر لىپپىدە كەلدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇنى نېمىشقا ئويلىمىدىم-ھە؟توختا، بولمىغاندا بۇ ئامالمۇ بولىدىكەن! قورۇ-جاي ئاتا-ئانامدىن مىراس قالغان.خوتۇننىڭ ھەققى يوق. ئىنەكلىرى ئەنە ئېغىلدا تۇرىدۇ… تاماق ئىچىپ ئولتۇرۇپ، شۇخىياللار كۆڭلۈمدىن كەچتى. كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى.

−نېمە بولدۇڭ؟−دېدىئايالىم تولا ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈشۈمدىن ئىچى سىقىلىپ،−ئىچىڭگە بىر نەرسە كىرىۋالغاندەكئۇخلىيالمايسەنغۇ؟ يا سازدا بىرەرى بىلەن ئىچ پەش تارتىشىپ قالمىغانسەن؟!

−قەرزدارغا كىم قارايدۇدەيسەن؟

−ھازىر مۇشۇ قەرز بولۇپقالغان ئەرلەر، باي تۇل خوتۇنلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان بىر ئىش چىقتى دەپئاڭلايمەنغۇ.

−مۇشۇ ئاياللارنىڭتاپمايدىغان گېپى يوق ھە؟!

−پېشانىمىزدىلا بارسەمەتباي.

−كىمنى دەيسەنوي؟

−مەھەللىنىڭ بېشىدىكىبۇلاق كۆزنىڭ ئۆيىگە شەدىن چىققان ھېلىقى ئادەمگە يىل ئۆرۈلەي دېدى، كەتمىدى.ئاڭلىساق شۇ ئەر ئۈچ بالىسى بىلەن خوتۇنىنى تاشلاپ كېلىۋاپتىمىش…

−خەق بىلەن نېمەكارىمىز. ئۇيقۇڭنى ئۇخلا! تۈزۈۋاتقان پىلانىمنى يوق قىلدىڭغۇ. نەدە بىر يوق گەپنىتېپىپ…

−پىلان!… قانداق پىلانئۇ؟

−سەن ئۇقمايلا قوي.

−ئوھۇش!… نېمە ئىشىم.ئەتىگەنلىككە بازارغا ۋاق قالماي يەنە… ئۇخلىدىم-ھە. سەنمۇ تولا يوق خىيالنىقىلىۋەرمەي ئۇخلىغىن.

−غېمىڭ بولمىغاندىكىنئۇخلايسەندە.

−ھە، غەم سەندىلا بار.ئاياللارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن.

−ئەر بولماق ئاسانئەمەس.

−خوتۇن بولماق ئوڭايدەيدۇ.

−ئوھۇ!… دەپكەتكەنلىرىنى مانىڭ…

−سەن ساراڭ بىلەن تەڭبولغۇچە ئۇيقۇمنى ئۇخلايچۇ.

ئايالىم ھايال بولمايئۇيقۇغا تەگدى. خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ تاتلىق پۇشۇلداشلىرىنى تىڭشاپ ياتتىم.

3

مەھەللە دوقمۇشىدائەتىگەندە ئۆيلىرىدىن بىر چىقىۋالسا، ئۆيىدىكىلىرىدىن بىرەرى تاماققا چاقىرمىغۇچەكۈن پاتقۇچە پاراڭ سېلىشىدىغان بىر نەچچە چوڭلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھېزىمتۆگە دەيدىغان ئادەم ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا: «پاھ! سىلەر بىلەمسىلەركىن؟…پۇستان يەردە، پالانچى دېگەن باي بولىدىغان…» ئۆتمۈشتە ئۆتكەن بايلار توغرىلىقسۆزلەيتتى.

−مانا، ئىلگىرى ئۆتكەنبايلاردىن، سىيىتاخۇن باي دېگەن بىرى بارمىش. ئۆزى مال-دۇنياسىنىڭ ھېسابىنىبىلمەيدىغان قىلىقسىز باي ئادەم دەيدۇ. ئاشۇ سىيىتاخۇن باي بالا ۋاقلىرىدا بىرنەچچە ئائىلىلىك يۇرتلۇقىغا ئەگىشىپ مۇزداۋان ئارقىلىق قاشقادىن ئىلىغا چىققانئىكەن. ئىلىغا چىققان دەسلەپكى يىلى نېمە قىلىشىنى بىلمەي قېقىندى-سوقۇندى بولۇپيۈرۈپتۇ. جان ساقلاش ئۈچۈن بىر چارۋىدارنىڭ مېلىنى بېقىپتۇ. ئاڭلىسام مۇشۇ سەكسەنبەلدە قويلار بىلەن دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىزىر دارىغانئىكەن. ۋاھ!… خىزىر دارىغان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئالتۇن دېگىنىڭ سۇدەك ئېقىپئۆتكۈدەك. ھوشىنى يىغالىغان ئادەم، قولىنى كېسىپ بولسىمۇ قان قىلسا خۇدانىڭبەرگىنى شۇ…

−ھوي، ھېزىم ئاداش ئاشۇسىيىتاخۇن باينىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ھازىر نەدىكەن زادى؟

− سايۇزغا چىقىپكېتىپتىكەن.

−ئەمدى ئۇنىڭ قانچىلىكىراست، قانچىلىكى يالغان؟ سەن بىلەن بىز ئۇ باي بىلەن بىللە يۈرمىگەندىكىن بىلمەيمىزدە.

−دادام رەھمەتلىكتۈگمىنىنى ھەيدەپتىكەن.

−لېۋىركامغا باينىڭبىرەر تال چوكا ئالتۇنى تەگمەپتىكەنما، ھېزىمكا؟

−ئۇ گاھنىڭ بايلىرىدادامدەك يالاڭتۆشلەرگە ياماق بېرەتتىكەن، ياماق! ھېلىقى تۆشۈكى بار ياماق…

−ھەي، ھەي ئاغىنىلەر.بىر خەقلەردىن ئاڭلايمەن. بىر پادىچى يايلاقتا كونا تاۋاقتىن بىرنى تېپىۋېلىپ،تېرىچىگە ئەرزانلا سېتىۋېتىپتۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئالتۇن تاۋاق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپقېلىپ، سۆزلەپ قاپتۇ. بىچارە…

−ھەيتاڭ؟!…

−كوممۇنانىڭ ۋاقتىدابىزنىڭ ئەترەت ئەمەت باينىڭ جاڭزىسىنى سالا ئېتىز قىلىمىز دەپ تۈزلىگەندە ئەسكىتاملىقتىن نۇرغۇن دۇنيا چىقمىدىمۇ. دېھقانلار بۇلىشىپ كەتكەن. كېيىن ھۆكۈمەت بىلىپقېلىپ ھەممىسىنىڭ قولىدىكىنى يىغىۋېلىپ خەزىنىگە ئېلىپ كەتتىغۇ.

−شۇ بايلىمۇ جىق دەردتارتىپ كەتتى.

−باي بولمىغانمۇ ياخشى.

−نېمىسى ياخشى، نېمىسى؟ساماندەك ساغىرىپمۇ؟

−باي دېگەن كېچىچە غەميەپ ئۇخلىمىغۇدەك…

−ئاشۇ زامانلاردىمۇئەقىللىق، يىراقنى كۆرەر، تىرىشچان ئادەملەر باي بولغان. مانا ھازىرمۇ شۇنداقئادەملەر باي بولۇپ، ئادەملەرنى ياللاپ ئىشلىتىۋاتىدىغۇ… ئوخشاشلا گەپ.

−ئۇنىمۇ دەيسىلەر،بۇنىمۇ دەيسىلەر. ئۇ خەقنىڭ زۇۋىلىسى چوڭ ئۈزۈلگەن ۋاي!…

چوڭلارنىڭ ئەنە شۇنداقبايلار ۋە بايلىق توغرىلىق قىلىشقان ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمنى ئاشۇتەلەيلىك بەندىلەر قاتارىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ كېتەتتىم. دوقمۇشتىن ئۆيگە كەلگۈچەكاللامنى نۇرغۇن خىياللار گادىرماچ قىلىۋېتەتتى. زادى باي بولغان ياخشىمۇ گادايمۇ؟…ھۆكۈمەتقۇ بارلىق پۇقرانى باي قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، ھەر خىل ياخشى سىياسەتلەرنىكۆپلەپ تۈزۈۋاتىدۇ بولمىسا… ماڭىمۇ شۇنداق بىر غايىۋى خەزىنە يولۇقۇپ قالسا نېمىمۇبولۇپ كېتەرمەن-ھە؟ چاتاق! قەرزدار بولۇپ قالغان ياقى يۈرەكتە ماي قالمىدى. مېيىيوق يۈرەك ۋاككىدە يېرىلىپ كېتىدۇ جۇمۇ…

ئادەمنىڭ قولى قانچە قىسقىرىغانسېرى شېرىنخىيالنى شۇنچە كۆپ قىلامدىكىن دەيمەن. تۇرمۇشتا ئاچ-يالىڭاچ قالمىسىلا كۇپايەئەمەستە؟!… بىز باش-ئاخىرىغا چىقالمايۋاتقان مۇنۇ جاھاننىڭ يەنە تالاي غوۋغالىرىبارغۇ. بەزىدە ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ، ئوڭدامغا چۈشۈپ بىر يېتىۋالسام خىيالدىن باشكۆتۈرەلمەي قالىمەن. قانداقتۇر بىر چۆل-جەزىرىدە كېتىۋاتقىنىمدا سىرلىق خەزىنىگەئۇچراپ بىر نېمىلەر بولۇپ كېتىمەن… ھاي، ھاي! نېمىسىنى ئېيتىسىلەر؟!… بۇنداقچاغلاردا ئايالىم گېپىنى ئاڭلىتالماي جىلى بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرى بېشىمدىن ياستۇقنىيۇلۇپ ئېلىپ، ئۆينىڭ قايسى بىر بۇلۇڭىغا پىرقىرىتىپ ئاتقاندىلا، بېشىم تامغا تېگىپئەسلىمگە قايتىمەن. ئۆزۈمنى يولۋاس تېرىسى ئۈستىدە ئەمەس، ئۆڭۈپ ھالى قالمىغانتېكىمەت ئۈستىدە كۆرىمەن. كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىم نەگىدۇرغايىب بولىدۇ. مەرمەر تاشلىق ئايۋان-سارايلىرىم كۆك تاماكىنىڭ ئىسى تولغان توپاتاملىق ئۆيلەرگە ئۆزگىرىدۇ. ئالدىمدا ئاجايىپ ناز خۇلقى بىلەن ئەقىلنى لال قىلىپ،جاننى ئالىقىنىغا ئالىدىغان خېنىملار ئەمەس، بەلكى چىرايلىق كۆزلىرى ئەيىبلەش ۋەكۈندەشلىك بىلەن تولغان ئايالىم پەيدا بولىدۇ. شۇئان ئېسىمنى يىغىپ: «يائاللا!ھازىرقى خوتۇنلارنىڭ ئالدىدا بىر ئىشنى قىلماقتا يوق. ئۇنىڭ خىيالىنىمۇ قىلغىلىبولمىغان» دەپ قالىمەن.

−ھۇيت! سەمەتباي. نېمەبولۇۋاتىمىز؟ بۇ ئۆي سوغ كېلىۋاتامدۇ، ئىسسىقمۇ؟−دەپ كۆينەكلىرىنىڭ ئېتەكلىرىنىيىغىپ، ئالدىمدا تۆگە چۆككەندەك چۆكىدۇ ئايالىم.

ئۇنىڭ خاپا بولۇشلىرىمۇشۇنچە تاتلىق بولمىسا…

−تولا كوتۇلدىما!−دەپئايالىمغا چەكچىيىمەن،−مۇشۇ كۈندە پۇل تېپىشنىڭ خىيالىدا كاللىنىڭ قاتۇرمىغان ساقيېرى قالمىدى. سەن نېمە خىيالدا قالدىڭ ئۆزۈڭ-ھە؟

−ھەيتاڭەي؟!…−ئايالىمكۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە ئۆتۈك مىخىدەك كىرىدۇ،−سەن پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتامسەن ياكىباشقا…

−باشقا؟! نېمە باشقا…

−چەكچەيمە! نېمەسەتلىشىدۇ؟… ئاشۇنداق ئوڭدا ياتساڭ پۇل دېگەننى تازا تاپىسەن. قەرزلەرنىقايتۇرىسەن. سەمەتباي.

−راست دەيسەن.گەپلىرىنى قارا ماۋۇنىڭ… ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا قاراپ قالدىم ئەمەسمۇ. سەن ئۆينىبېقىۋاتىسەن. ھامان بىر كۈنى پېشانەمگە تېگەتتى. ئاتا-ئاناڭ بەرگەن ئىنەكلەرنىڭسۈتى!… شۇڭىمۇ مەن ئۆز ئالدىمغا پۇل تاپاي دېگەن… قىرسىق بېسىپ قالدى… بۇكۈنلىرىممۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. خەپ! ماۋۇنىڭ گېپىنى دەيمىنا…

−ھوي ئەسكى!… بەكچىدىماس ئىكەنسەن. ئاشۇ گەپلەرنى ئىزا تارتماي ئاغزىڭغا ئالدىڭ-ھە. مەن ساڭا بىرەرقېتىم ئۇنداق دېگەن يېرىم بارمۇ؟

−سەن سېرىق ئاسلانئاغزىڭدا دېمىگىنىڭ بىلەن كۆڭلۈڭدە چوقۇم شۇنداق ئويلايسەن.

−سەن كاج بىلەن شۇنچەيىل بىر ياستۇققا باش قويۇپ، بىر جۈپ قىزلارنى تۇغۇپتىمەن-ھە؟ دېگەن گېپىڭنى قارا.توخۇنىڭ پوقى!

−ھە، دېدىم، قانداق؟زادى نېمە دەيسەن؟−ئاخىرى بولالمىغاندا ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ ئايالىمغاھۈرپىيىمەن. مۇشتلىرىمنى تۈگۈپ تاملارنى ئۇرۇپ قويىمەن. (ئۆزۈڭ ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە قايناپ ئالغان ئايالنى ئۇرماق ئۇنداق ئاسان دەمسىلەر؟) شۇنىڭ بىلەنقازاندىكى قىزىق ماينى داغلىغاندەك گاژ-گۇژ قىلىپ قالىمىز.

ئۆي دېگەندەئانچە-مۇنچە جېدەل دېگەننىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى دەڭلار. كۈندە ئامراقلىشىپ كەتسەڭتۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى بولىدۇ دەيسىلەر؟ جېدەل دېگەن بىر ئۆينىڭ تۇز-تەمىنى تەڭشەپتۇرامدىكىن دەيمەن. مۇشۇ خەقلەر: «ۋاھ!… ۋىيەي… ئۇلار دېگەن شۇنداق ئامراقئەر-خوتۇنلار. مۇشۇ ۋاققىچە بىر بىرىگە سەن-پەن دېيىشىپ باققىنىنى بىلمىدۇق.ئەر-خوتۇن دېگەن شۇنداق بولسا…» دېيىشىپ، بىرلىرىگە ھەۋەس قىلىشىپ كېتىدىكەن. نەدەئۇنداق ئىش بولسۇن تۇرمۇشتا؟ ئەگەر شۇنداق ئەر-خوتۇنلار بار دېيىلسە، ئۇلارنىڭتۇرمۇشى چوقۇم نورمال ئەمەس. يا ئەر چاتاق، يا ئايال… ئىشقىلىپ خەق بىلمەيدىغانبىر يېرى بار. بوران-چاپقۇنى بولمايدىغان باھار بارمۇ؟ مۇز تۇتمايدىغان سۇ… قۇشلارجېنىدا بىر بىرىنى چوقۇشۇپ كېتىدىغۇ!؟ ئايالىمنىڭ ئېغزىدىن سائەت چىقىپ كەتتىمۇنېمە؟ ھەي، لېۋى تاتلىق، شۇم ئېغىز…

بىر كۈنى ئايالىم بىرئادەمنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. مېھمان خېلى سالاپەتلىك ئىدى. مەن ئورنۇمدىن چاچراپتۇرۇپ كۆرۈشتۈم. ئايالىم مېھماننى تۆرگە باشلاپ ئاستىغا كۆرپە سالدى. داستىخانراسلاپ چاي قىلدى. چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتىم. يېشى خېلى بىر يەرگە بارغانبولسىمۇ، قان تېمىپ، ئاق قاشتېشىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان يۈزلىرىدىن ياشيىگىتلەردەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمگە ھەيرانمۇ قالدىم. ئىچىمدە، ئۆمرىدە غەمدىدارىنى كۆرگەن نېمە ئەمەس بۇ، دەپ ئويلىدىم. راستتە، غەم دېگەن ئادەمنىڭچىرايىغىلا چىقىدىغان، قاش-قاپاقتىن ئالىدىغان تۇرسا… مېھمان ئۇياق بۇياقتىن پاراڭقىلىپ كېلىپ مەقسەتكە ئۆتتى.

−قاراڭ ئۇكام، نېمىگەكىرىپ قالغاندۇ دەپ ئويلىغانسىز-ھە؟ مەن قارامايدىن كەلدىم. تەكتىم مۇشۇ يەرلىك.سىلەر بىلمەيسىلەر. بىز قارامايغا ئىشچى بولۇپ كەتكەندە كىچىك بولۇشۇڭلار مۇمكىن.بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئارامغا چىقىمەن. تاغام، ھەدەملەر ناھىيە بازىرىدا.چوڭلارغۇ ئۆلۈپ كەتتى. تۇغقان يوقلاپ كېلىپ، كاللامغا بىر ئوي كىرىپ قالدى.ئايلىنىپ كۆرسەم، بۇ مەھەللىنىڭ مۇھىتى بەك ياخشىكەن. بازارغىمۇ يېقىن. ئادەمقېرىغاندا مۇشۇنداق يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزسەدەيمەنغۇ. شۇڭا مۇشۇ ئەتراپتا سېتىلىدىغان قورۇ-جايلار بولسا بىرنى ئېلىپقويايمىكىن دېگەن ئوي بىلەن پىرقىراپ يۈرگەن ئىدىم.

−مۇنداق دەڭ،−دېدىمئىچىمگە تىنىپ. راست گەپ قىلسام، مۇشۇ كۈنلەردە بىرسىنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن سۆزلىرىگەبەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. گەپ دېگەننى قىسقا قىلسا. ھازىردېگەن «مىڭ بىر كېچە» نىڭ زامانىسى بولمىغاندىكىن…

−دەرۋازاڭلارنىڭئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام مۇنۇ سىڭىل ئۇچراپ قالدى،−دېدى ئۇ بىر پەستىن كېيىن.

ئۇزۇن گەپ يەنەباشلاندىمۇ-نېمە؟ دەپ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئايالىمغا قاراپ قويدۇم. نېمەئاتىكارچىلىق بۇ خوتۇنغا، ئۆيگە مېھمان باشلاپ…

− «ئۆيدە يولدىشىڭىزبارمۇ؟» دەپ سورىسام، بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقاي دەپكىرىشىم،−دېدى مېھمان ناھايىتى سىپايىلىك بىلەن سۆزىنى تۈگىتىپ.

ئايالىم ئىككىمىز بىربىرىمىزگە لەپپىدە قارىشىپ قويدۇق. ھەر ئىككىلىمىز بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەكقىلىمىز. كاللىسى بەك سەگەك خوتۇن-دە! چىرايىدا پۇشايمانغا ئوخشايدىغان بىر ئىپادەئۆزىنى غۇۋا كۆرسىتىپ قالدى. مەن ئىچىمگە تىنىپ، يا ئاق، يا كۆك دېمەي ئويلىنىپئولتۇرۇپ كەتتىم… قارامايلىق مېھماننىڭ ئۆزى تونۇمايدىغان بىر ئايالدىن «ئۆيىڭىزدەيولدىشىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغىنى ئەقىلگە سىغمامدۇ نېمە؟ بەڭباش خوتۇننىڭ ھېچ بىرتەپ تارتماي ياتۋاش بىر ئەرنى ئۆيگە باشلاپ كىرگىنى نېمىسى؟… «سەمەتباي ئۆيىنىسېتىۋېتىپ قالارمۇ؟» دەپ چىرايىغا چىقىپ كەتتى بىچارىنىڭ… بۇ مېھمان نېمىشقا شۇنچەساغلام ۋە ياش چىراي؟… مەھەللىدىن نېفىت چىقمىغاندۇ؟ بۇرۇنقى باي سودىگەرلەر سوداقىلىپ بارغانلا يېرىدە، قورۇ-جاي سېتىۋېلىپ، بولسا خوتۇندىن يەنە بىرنى ئېلىپ، بىرمەزگىل تۇرۇپ، يەنە يۇرتقا قايتىپ كېلىپ، يەنە كېتىپ يۈرەتتىكەن. ھېزىم تۆگەشۇنداقراق بىر ھېكايىلەرنى سۆزلىگەن. بۇ مېھمانمۇ شۇ خىل كويدىكى ئادەم ئەمەستۇ؟ھازىر مۇشۇنداق ياش چىراي، ئەمما، يېشى خېلى بىر يەرلەرگە بارغان ئادەملەردىنھەزەر ئەيلەش كېرەك. «كۆتە، ئاناڭنى!» دەيمۇ يا…

ئايالىم چاي قۇيغانبولۇپ، داستىخاننىڭ دالدىسى بىلەن پۇتۇمنى ئاستا تېپىپ قويدى.

شۇ چاغدىلا مېھماننىڭماڭا سەل ئەجەبلىنىپ قاراپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر ئادەم گەپ سوراپ ئاغزىمغاقاراپ ئولتۇرسا خىيالغا كەتكىنىم نېمىسى؟ دەرھال تاماكا تۇتاشتۇرغان بولۇپ ئۆزۈمنىئوڭشىدىم.

−قانداقراق قورۇ-جايئالاي دېۋىدىڭىز؟

مېھمان شۇ زامانجانلىنىپ، ئورنىدىن قىمىرلاپ قويدى.

−مۇشۇ سىلەرنىڭقورۇ-جايدەك بولسىلا بولاتتى.

−مەسىلەنگە،−دېدىمئىتتىك ئايالىمنىڭ كۆزىگە قاراپ قويۇپ،−مۇشۇ جاينى قانچىگە ئالالايسىز؟

−چاقچاق قىلماڭ ئۇكام.

−چاقچاق ئەمەس ئاكا.تۇرۇپلا بىر ئويغا كېلىپ قالدىم دەڭا.

−سىز ساتمايسىزدە.

−بۇنىڭغا بىر نېمەدېگىلى بولمايدۇ. كىم بىلىدۇ. بۇ جاي سىزنىڭ رىزقىڭىزمۇ تېخى. ئويلىمىغان يەردىنئايالىم سىزنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. رىزقى غايىب دېگەن گەپ بارغۇ.

−ئەگەر راستتىنلاساتسىڭىز،−دېدى مېھمان ئايالىمغا خىجالەت ئارىلاش كۈلۈپ قويۇپ،−مۇشۇ بىر چىنەچاينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مۇشۇ يەردە بولۇۋاتقان باھادىن تۆت-بەش تەڭگە ئاشۇرۇپئالىمەن.

ئايالىم مېھمانغاچاندۇرماستىن بىر نەچچە قېتىم مېنى يەيدىغاندەك ھومىيىپ قويدى. بۇ خوتۇننىڭ ياخشىيېرى، جېنى غىرتتىدە چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەر خەقنىڭ گېپىگەئارىلاشمايتتى. ئەشەلىرى كاتتا-دە!… شۇڭا ئۆز بېشىمچى بولۇپ ئۆگىنىپ قالدىممىكىندەيمەن. شۇ تاپتا كاللام يەنە قىزىپ قالدى… قارامايلىق مېھمان بىلەن ئۇنى، بۇنىدېيىشىپ ئولتۇرۇپ، قورۇ-جايىمنى يەتمىش بەش مىڭ سومغا سېتىۋېتىپ قاراپ ئولتۇردۇم.ئايالىم بىلەن ئەمدىلا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن قىزلىرىم ياقىسىنى تۇتقىنىچە، ئاغزىنىئېچىپ، قاراپلا قېلىشتى.

مېھمان شۇ زامانيانچۇقىدىن بەش مىڭ سوم پۇلنى چىقىرىپ ئالدىن زاكىلات بەردى. ھەمدە خوشلىشىپ كېتىپقالدى. مېھمان كەتكەندىن كېيىن ئايالىم، قىزلىرىم بىلەن بولغان دەتالاشلارنى بىرمۇبىر سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. پەقەت ئايالىمنىڭ كەچتە تاماقئەتمىگەنلىكىنى، قىزلىرىمنىڭ خۇيى تۇتۇپ، ھۇجرىسىدىن چىقماي ئولتۇرۇۋالغانلىقىنىدەپ قويساملا بولا…

قارامايلىق دېگەننىڭپۇلى جىق بولىدىغان ئوخشايدۇ. مېھمان ئەتىسى سەھەردىلا تاغىسىنى باشلاپ كېلىپ،توختام يېزىپ، يەتتە باغلام پۇلنى ئالدىمغا قويدى. ئاندىن مەن ئۆي تېپىۋالغۇچەئولتۇرۇپ تۇرسام بولىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپلا كېتىپ قېلىشتى. ھېلىقى پۇلنى قولۇمغائالغۇچە، بارماقلىرىم تىترەپ كېتىپ، نەچچە باغلىمى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. پۇلدېگەننىڭ سۈرى بولىدىكىنا؟!

مۇشۇ كۈنلەردە ھېچقانداق ئىشنى سىر ساقلىغىلى بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزچە ھېچكىم كۆرمىدى، ھېچكىمئاڭلىمىدى دەپ يۈرگىنىمىز بىلەن كىملەردۇر كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە سىرلىق قارايدۇ.كىملەردۇر بىر بىرىگە قۇلاق يېقىشىدۇ. يەنە شۇنداق بىر ئادەملەر بار. مەھەللىدەبىرەرسىنىڭ قىلدەك سىرىنى بىلىپ قالدىمۇ، بولدى. تاپىنى قىزىپ، غىتىلداپ ماڭىدۇ.ماۋۇ كوچىدىكى گەپنى، ئاۋۇ كوچىغا شۇنداق تېز، ئېقىتماي-تېمىتماي يەتكۈزىدۇ-دە،خۇمارى بېسىقىپ، يەڭگىللەپ قالىدۇ… كونىلارنىڭ «تامنىڭمۇ كۆزى بار» دېگىنى بىكارئەمەستە! ئېغىز-قۇلاق يامان…

بىر-ئىككى كۈنئۆتە-ئۆتمەيلا قەرز ئىگىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ھويلىغا كىرىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭچىرايلىرى نۇرلىنىپ، كۆزلىرىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ، گەپ-سۆزلىرى بالدەك تاتلىقلىشىپكەتكەن ئىدى. بۇ گۇيلار ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا كېچە-كۈندۈز پايلاپ يۈردىمۇ-نېمە؟ دەپئويلاپ قالدىم.

راست گەپنى قىلسامقەرزلەرنى بەرگۈچە قوللىرىم تالاي تىترىدى. پۇل ئاستا-ئاستا تۈگەۋاتاتتى.چىرايىممۇ تاتىرىپ كەتكەندۇ. قەرز قايتۇرۇش ھەق بولغان تەقدىردىمۇ تەسكەن. پۇلدە…قولۇمدىكى پۇل ئازلىغانسېرى، نېمە پوق يەپ شۇ قەرزلەرنى ئالغان بولغىيتتىم دەپئۆكۈنۈپمۇ قالدىم. بولمىسا… ھەي…

ھەمرا سىزىق پۇلىنىيانچۇقىغا مەھكەم سېلىپ، دەرۋازىدىن چىقىۋېتىپ ئايالىمغا خۇشامەتكويلۇق بىلەنھىجارىدى.

−يامان ئايالكەنسىز.گېپىڭىزدە تۇردىڭىز. قالتىس!… سەمەتباي ئايالىڭنىڭ پېشىدا ناماز ئوقۇساڭبولغۇدەك…−  لېۋىمنى چىشلەپ كۈلۈپلاقويدۇم. نېمە دېگۈلۈك؟ تۆھپە يەنە ئايالىمغا يېزىلدى.

قەرزلەردىن پاك-پاكىزقۇتۇلۇپ قولۇمدا يىگىرمە توققۇز مىڭ سوم پۇل قاپتۇ. بۇ پۇلغا باش تىققۇدەك بىرەرجاي تېپىش كېرەك بولدى-دە! نېمە دېگەن بىلەن بولغۇلۇق بولدى. تىرىك جان بولغاندىنكېيىن تالادا قالماسمەن… ئارىلىقتا بۇ ئىشتىن ئۇرۇق-تۇغقانلار خەۋەر تېپىپ،ھەممىسى مېنى ساراڭ، ئەقىلسىزگە چىقىرىپ تەرەپ-تەرەپتىن تالاپ كېتىشتى. توۋا!دەيمەن-دە، نەچچە ۋاقتىن قەرزگە بوغۇلۇپ، دەرۋازىدىن چىقالماي قالغاندا بىرەرىھالىڭ نېچۈك دېمەيدۇ. ئەمدى قوپۇپ قاينايدۇ دېسە. بۇمۇ يېقىن ئادەملىرىمىزنىڭئۆزىنى پەردازلاشتىكى بىر يولىمۇ قانداق؟ بەزىدە، مۇشۇ ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق دېگەنئۇقۇمنى تازا چۈشەنمەيمەن.

دەرۋازامنى ئۇلۇغئېچىۋەتتىم. خېلىدىن بېرى قاناتلىرى كەڭرەك ئېچىلىپ باقمىغان دەرۋازا ئېچىنىشلىقغىچىرلىدى… قەرزلەردىن قۇتۇلۇپ خېلىلا يەڭگىللەپ قالغان بولساممۇ، ئەمما-زە، نەچچەكېچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم. جاينى ساتقان كۈندىن تارتىپ، ھەر كېچىسى رەھمەتلىكدادام بىلەن ئاپام چۈشۈمدىن چىقمىدى. روھ دېگەن ئۇلۇغ بولىدىكەن. جىم ياتمايدىكەن.غايىبلارغا ئىشىنىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم.ئايالىم بىلەن قىزلىرىمدا گۇناھ بولمىغاچقا ھېچنېمە بولمىدى. ئەمما، مەنكۆرگۈلۈكنى كۆردۈم. چۈشۈمدە رەھمەتلىك دادامنىڭ ئېلىك پۇتى ساپلىق تاسما قامچىسىنىباش-كۆزۈمدىن قان بۇقۇلداپ چىققۇچە يېدىم. رەھمىتى ئۆزىنىڭمۇ زەنى ئىتتىك ئادەمئىدى. يەنىلا ئانا دېگەن-ھە؟!… رەھمەتلىك ئاپامنىڭ يۇمشاق ئالىقانلىرىپېشانىلىرىمنى مېھىرلىك سىلاپ، ياشلىرىمنى سۈرتەتتى…

ئاتا يوللۇق بىرقوشنىمىز بولىدىغان. ئىلمى بار ئادەم ئىدى. ئۆيىگە كىرىپ ھال-مۇڭ بولدۇم.

−ساڭىمۇ ئامال بولمايقاپتۇ بالام،−دېدى ئۇ ئۇچتەك ئاقارغان ساقاللىرىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ،−ئاتا-ئاناڭئۆزلىرى مىڭ بىر مۇشەققەتتە بىنا قىلغان قورۇ-جاينى ساتقىنىڭغا روھى قورۇنغان گەپ.ئاتا-بوۋاڭدىن قالغان ماكان دېگەن خورىماس بايلىق! ھە… روھ ئۆلمەيدۇ. روھلارنىتىنچلاندۇراي دېسەڭ، قالغان پۇلنى بۇزۇپ-چاچماي، ۋاقتىدا يەر سېتىۋېلىپ ئىككىئېغىز ئۆي بولسىمۇ تىكلەيدىغان ئىشنى قىل. ساتتىڭ پۈتتى. ھازىرچە ئولتۇرۇپ تۇردېگىنى بىلەن ۋاقتى كەلسە بىر كۈندىلا قوغلايدۇ. ئادەمگە ھەممىدىن ماكانسىزلىقيامان. ھە، بالام، شۇنداقمۇ-يا؟… ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا زېمىنغا چۈشۈپ كەپەياساپ ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ئىنسانلار شۇ ماكان ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىمىزغۇ.«ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن گەپ بارغۇ بىزدە. ھە، شۇنداق قىل بالام. پۇل دېگەنپىششىق ئاش. خەجلىنىپ كېتىدۇ.

ئاتا يوللۇققوشنىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كەلدى. ئادەم دېگەن بىر ئىشنىكۆرۈپ، بىر ئەقىل تاپىدىكەن…

نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ،ئايالىم بىلەن قىزلىرىمنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ ئاچچىقلىرى بوشاپقالدى. يەنە، بۇرۇنقىدەكلا كۆيۈنۈشكە باشلىدى. ئەمما، كوچىدىن ھويلىغا كىرسەملا،بۇ ھويلىدىكى ھەممە نەرسە، تاملار، باغلار، گۈللەر، قۇشلار، ئېغىلدىكى ئىنەكلەرماڭا ھومىيىپ قاراۋاتقاندەك قىلاتتى. تېنىم شۈركۈنۈپ كېتەتتى. ئۇياتلىق بىر ئىشقىلىپ قويغاندەك ئۆز-ئۆزۈمدىن شۈكلەپ كېتەتتىم. بەزىدە ئىچىمدىكى بىئاراملىقنىقوغلىماقچى بولۇپ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ باقاتتىم. بىراق، بۇ ناخشاممۇ ئەمەسلا بىرنېمە بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق يەر ئىزدەپ كوچىغا چىقاتتىم. تىڭتىڭلايتتىم.مەھەللە ئىچىدىكى يەرلەرنىڭ باھاسى ئۆرە ئىدى. مەھەللە سىرتىدىراق يەرلەرگە چىقىپكېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. ئەمما، ھەممە ئىشنى قولدىكى پۇل بەلگىلەيدۇ-دە!؟

4

بالا ۋاقلىرىمدا دادامرەھمەتلىك بىلەن سازلىققا چۈشۈپ، تەتىل توشقۇچە چىغىرتماق ئورۇيتتۇق. ئۇ چاغلارداجاھان ئاجايىپ كەڭرى ئىدى-ھە؟ دۆڭلۈكتىن چۈشۈپ، قومۇشلۇققا بارغۇچە كۆپكۆكدېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرغان چىغىرتماقلىق ئىدى. ئاچ كۆك ئېچىلىپ كەتكەن چىغىرتماقگۈللىرى ئۈستىدە ھەرە، كېپىنەكلەر ئۇچۇشۇپ يۈرىدىغان. شۇنچە تاشلىنىپ تۇرغانيەرلەرنى مەھەللىدىكى بىرەرى تۆت تامنى سوقۇپ، قورۇق قىلىپ ئايلاندۇرۇۋالايدېمەيدىغان. ئادەملەر توق ئىدى. گەرچە قورساق تۈزۈك تويمايدىغان چاغلار بولسىمۇ…مانا، ھازىر قورساق توق، كىيىم پۈتۈن. يەنە نېمىشقا شۇنچە ئېچىرقاپ كەتتۇق؟ بۇنەپسى بالا بىزگە قاچاندىن بېرى چاپلاشتى؟ ئويلىسام ئەقلىم يەتمەيدۇ. گەپكەقايتسام، دادام ھارماي چالغا چاپاتتى. مەن شامالداپ قۇرىغان چىغىرتماقلارنى تىرنا بىلەنيىغىپ ئۈنچىلەيتتىم. بەزىدە ئاشۇ ئۈنچىلەر ئۈستىدە راھەتلىنىپ يېتىپ كېتەتتىم.كېيىنچە ئايالىم بىلەن بىر بىرىمىزگە ئوت-كاۋاپ بولۇپ كۆيۈشۈپ يۈرگەنچاغلىرىمىزدىمۇ ئاشۇ ئېگىز ئۆسكەن چىغىرتماقلار ئارىسىدا كۆرۈشەتتۇق. قانمايمۇڭدىشاتتۇق. تۇيۇقسىز قۇچاقلىشاتتۇق. ئايالىم، قولىغا ئېلىۋالغان چىغىرتماقگۈللىرىنى باشلىرىمغا ئېتىپ تۇرۇپ «يېقىن كەلمەڭ ھە؟!…» دەپ، ئاجايىپ ناز قىلاتتى.چىغىرتماقلىقتا مۆكىمۆكىلەڭ ئويناۋاتقان بالىلار بىزنى ماراپ بەك ئاۋارەقىلىدىغان… ئايالىم بىر كۈن ئاۋۋال ئاشۇ چىغىرتماقلىققا تىقىپ قويغان بوغچىسىنىقولتۇقىغا قىسىپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى قوللىرىمغا بېرىپ، ئۆز بەختىنى ماڭاتاپشۇرغان ئىدى. مەن ئۇنى چىغىرتماقلىق ئارىسىدىكى چىغىر يوللار بىلەن ئېلىپقاچقان ئىدىم. بىز بۇنى مۇھەببەت دەيتتۇق. قايران ياشلىق!… چىغىرتماق غولىدەك كۆك،گۈلىدەك پۇراقلىق، ئۇرۇقىدەك قاتقان ياشلىق… ئەمدى بېشىمىزنى تاشقا ئۇرساقمۇمەھەللە، سايلار، سازلىقلاردىن ئۇنداق چىغىرتماقلىقنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئادەمئۆزىدىن نېمە شۇنچە يىراقلاشسا شۇ نەرسە قىممەتلىك ھەم گۈزەل بولىدىكەن…

−بالام، نەچچەيىللاردىن كېيىن بۇ ئەتراپتا ئالىقانچىلىكمۇ يەر قالمايدۇ.

−نېمىشقا، دادا؟

−ئادەملەرنىڭ نەپسىيوغىناپ كېتىدۇ.

−ھە…

ئۇ − يالاڭئاياقبالىلار، دۆڭلەردىكى شور توپىلىق يوللاردا توپا تۈزىتىپ، چاڭلارنى ھۇزۇرلىنىپسۈمۈرىدىغان چاغلار ئىدى. ئەتىگەندە مەھەللىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن ئات، كالا،ئېشەك، قوي، غازلار خالىغان يېرىدە ئوتلايدىغان چاغلار ئىدى. ئۇسساپ كەتسەكخالىغان ئېرىققا دۈم يېتىپ، قانغۇچە سۇ ئىچسەك بولىدىغان چاغلار ئىدى.سازلىقلاردىن خەقلەرنىڭ ئېشەكلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، بوغۇم-بوغۇم قىلىپ تەرگەن بۇغدايباشاقلىرىنى ھويلىدا خامان قىلىپ، ئېشەكلەرگە دەسسىتىدىغان چاغلار ئىدى. بىرەرىئېشىكىمنى ئاق قىلىپسەن، كۆك قىلىپسەن دېمەيدىغان چاغلار ئىدى. يىگىتلەر،قىزلارنىڭ باغلارنىڭ شورا تاملىرىنىڭ يېنىدا، بىرى ئۇياقتا، بىرى بۇياقتا تۇرۇپمۇڭدىشىدىغان چاغلار ئىدى. ئەترەت باشلىقىغا جايلىق يەر دېسەڭ، ئاتتىن چۈشمەيلا«ئاۋۇ يەردىن، ماۋۇ يەرگىچە بىر نېمە قىلىۋال-ھە!» دەپ قامچىسىنىڭ دەستىسى بىلەنكۆرسىتىپ قويىدىغان چاغلار ئىدى…

بىر چاغلاردا ئىگىسىزتاشلىنىپ تۇرغان شور دۆڭلەرنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە پۇل بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى دەيمىنا.بۇرۇن يۈزۈڭدىكى خالدەك ئېنىق بىلىدىغان مەھەللە ئادەملىرىنى ھازىر بىلەلمەيسەن.كىملەر ئۇ؟… ئەنە ئۇ كىملەرنىڭ تۇغۇلمىغان بالىسىغا ئېلىپ قويغان جايلىق يېرىنىئون مىڭ سومغا سېتىۋالدىم. قىپقىزىل پۇلنى بەرگۈچە قوللىرىم تىترەپ كەتتى.ھەرھالدا مەن قوشنا بولىدىغانلار، ئاتا كۆرگەن، ئانا كۆرگەن ئادەملەر ئىدى. شۇڭائۆزۈمنى ئانچە غېرىبلىق ھېس قىلمىدىم. جايلىق يېرىمگە يازنىڭ يېزىدا، پۇلنىڭبارىدا ئۆي سېلىۋالاي دەپ ئىش باشلىدىم. باش قاتىدىغان بىر يېرى ئۇزۇن يىللار ئاقتاشلىنىپ ياتقان بىر يېرىم مودەك بۇ جايلىق يەر دۆڭ ھەم ئازگال ئىدى. ھەممە يەرنىيۇلغۇن، ئاق تىكەن، قورايلار بېسىپ كەتكەن ئىدى. بۇ يەرنى تۈزلىمەي ئۆي سالغىلىبولمايدۇ-دە! بىرىنچى قىلىدىغان ئىش يېقىن ئەتراپتىكى كېسەك خۇمداننىڭ توپا تۈرتۈشماشىنىسىنى ئېلىپ كېلىش بولدى. گۈرۈلدىگەن ئاۋاز چىقىش بىلەن قوشنام ساۋۇر مەزىنئاستا مېڭىپ يېنىمغا كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئادەم تۇنجى بولۇپ ئادەمسىز بۇشورتاڭلىققا جاي سېلىپ، ئۆز ۋاقتىدىلا خېلى كەڭرى زېمىن تۇتىۋالغان ئىدى. ئۆزىمۇناھايىتى دىتلىق ئادەم بولسا كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن مەزىننىڭ ئائىلىسىمەھەللىدىكى ئۇستا بورىچىلاردىن ھېسابلىناتتى. ھەر يىلى قومۇشنى كۆپ ئورۇيتتى.ئۆينىڭ ئالدىدىكى دۆڭلەرگە قومۇشلارنى تاغدەك دۆۋىلىۋېتەتتى. خېلى يىللارغىچەمەزىننىڭ ئۆيى بۇ ئوچۇقچىلىقتا يەككە-يېگانە چوقچىيىپ تۇرغان ئىدى. كېيىن ئەتراپتېزلا مەھەللە بولۇپ كەتتى.

−ھە، سەمەتبايبالام،−دېدى ساۋۇر مەزىن چىرايلىق ياسىتىۋالغان ساقىلىنى ھەۋەس بىلەن سىلاپقويۇپ،−ئۆينى باشلاپسەندە.

−شۇنداق ساۋۇر دادا،سىزگە قوشنا بولۇپ قالىدىغان بولدۇم.

−بەك ياخشى بولدىبالام. مەنمۇ بۇ يەرگە قايسى بىر كەلگۈندى ئۆي سالا دەپ ئەنسىرىۋېدىم دېگىنە.مانا، ئۆز بالىمىزكەنسەن. رەھمەتلىك داداڭنى ئۆز قولۇم بىلەن يەرلىكىگە قويغانئەمەسمۇ مەن.

−باشقا كۈن چۈشۈپجايدىن ئايرىلىپ قالدىم.

−ئاڭلىدىم. ھەممىسىبۇيرۇق بالام.

ئۇ چاققىچە يەنە بىريېڭى قوشنام پازىلكاممۇ بىز تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى. ئېگىز، قەددى-قامىتىكېلىشكەن بۇ ئادەممۇ يات ئەمەس ئىدى. پازىلكام مەن ئېسىمنى بىلگەن چاغلاردىلامەھەللىنىڭ پادىسىنى سازلىقتا باقاتتى. مەھەللىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى بىر ياققاقايرىپ قويۇپ، «پادىچى» دەپلا ئاتايدىغان. يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە سازلىقپۈتۈنلەي دېھقانچىلىق يەرلەرگە ئۆزگەرتىلىپ كەتكەچكە، مال ئوتلىغۇدەك يەر قالمىدى.شۇنىڭ بىلەن پازىلكام پادىچىلىقنى تاشلىدى. مال بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ خېلىچارۋىدار بولۇپ قالدى.

−ھە، ئۇكا، باشلىدىڭ؟

−خۇدايىم بۇيرۇسا.

−ئۆينى قانداق سالايدەيسەن؟−دەپ پازىلكام خېلىدىن بېرى ئۇستىرا تەگمىگەن، يىرىك قارا ساقاللىرىنىتاتىلاپ ھىجارىدى،−ساڭا قارىغاندا ئۇكا بۇ شورتاڭلىقنىڭ ئېپى-جېپىنى بىز ئوبدانبىلىمىز. ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟… شۇنداقتۇ مەزىن ئاخۇنۇم.

−شۇنداق بولماي…بىلىمىز. مانا، مۇشۇ دەسسەپ تۇرغان يەرلىرىمىز بۇرۇن تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ بېدىلىكىنىڭئاخىرى بولىدىغان. ئاڭا قارا بالام، بىزنىڭ جەمەتىمىز پۈتۈن سۈرۈك بىر مەھەللىنىبىنا قىلغان. دادام رەھمىتى دەيدىغان «بىز كەلگەندە بۇ تۆڭگىرەكتە مەھەللە يوق،ئەتراپنىڭ ھەممىسى جاڭگال» دەپ. ئۇ چاغلاردا شەگە كىرىدىغان يول مۇشۇ دۆڭلەرنىياقىلاپ ماڭاتتىكەن. ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە بىر نەچچە دەڭ، جاڭزىلار بارتىكەنمىش…

−سەمەتباينىڭ ئۆيىگەكېلەيلى.

−شۇنىڭ بىلەن ئۆينىقانداق سالىدىغان بولدۇڭ؟ ھە… ھە… ئۇمۇ بولىدۇ. مەنچە مۇنداق قىلساڭ…

−ياق، ياق ئۇنىڭدابولمايدۇ. دۆڭنى ماياققا تۈرسۇن…

قوشنىلىرىم قولىغا بىرتالدىن تاياقنى تۇتۇۋېلىپ، يەرگە جىجىلاپ، ئۆيۈمنى لايىھەلەپ خەرىتىنى سىزاتتى.توپا تۈرتۈش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، بىرى ئاياققا دېسە، يەنە بىرى ماياققادەپ شوپۇرنىمۇ تەمتىرىتىپ بىر يەرگە ئاپىرىشتى.

مۇشۇ جايلىق يەرنىسېتىۋالغاندىن بېرى قالايمىقان چۈشلەرنى تولا كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. يۈرىكىمتۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۆزىچىلا ئەنسىز سوقۇپ كېتەتتى. شۇ تاپتا «ئۆزۈمدىن بىرەر چاتاقچىقمىغاندۇ-ھە؟» دەپ يۈرىكىمنى تىڭشاپ خىيالغا پېتىپ تۇراتتىم. تۇيۇقسىز ساۋۇرمەزىن يېڭىمدىن تارتىپ قۇلىقىمغا جىددىي پىچىرلىدى.

−ئاڭا قارا. تۈرتۈشتىتوختات، ئاۋۇنىڭ ھەققىنى بەردە، يولغا سال!

−نېمىشقا؟ ئىشتۈگىمىسە،−دېدىم ھەيران بولۇپ،−ئادەمنى ئېلەشتۈرىۋەتتىڭلارغۇ زادى.

−گەپنى ئاڭلا بالام.ماۋۇ ئەتراپ سىرلىق يەر بالىلىق قىلما.

−نېمە بولدى؟دېمەمسىلەر.

−ئالدى بىلەن ئاۋۇھايدايدىغاننى يولغا سالمامسەن.

ئاڭغىچە پازىلكام توپائىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئارىدەك قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شوپۇرنىتوختىتىپ بولدى. قوشنىلىرىم جىددىيلىشىپ مېنىمۇ تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇلارنىڭكۆزلىرى ئوتتەك چاقناپ كەتكەن ئىدى. بىر بىرىگە لاپ-لاپ قىلىپ سىرلىق قارىشاتتى.ئۇلار ئۇنداق قىلغانسېرى يۈرىكىم تېخىمۇ ئەنسىز ئېغىپ كەتتى. ھېچ ئىشنىئاڭقىرالمىغان بولساممۇ شوپۇرنىڭ ھەققىنى بېرىپ يولغا سېلىۋەتتىم. توپا ئىتتىرىشماشىنىسىنىڭ قارىسى يۈتۈش بىلەنلا  ئىككىقوشنام تەڭلا تۈرتۈلگەن توپا دۆۋىسىگە قاراپ يۈگۈردى. «ماۋۇ خەققە نېمە بولغاندۇ؟»دەپ يېنىغا باردىم. ئۇلار قوللىرى بىلەن يۇمشاق توپا دۆۋىسىنى كولاشقا باشلىدى.ھەرىكىتى سۇغۇردەك چەبدەس ئىدى. كۆزۈمگە ئۇلار راستتىنلا يوغان ئىككى سۇغۇردەككۆرۈنۈپ كەتتى.

−ساۋۇركا بىر نېمىلەرنىكۆرىدىكەن كۆزلىرىڭ-ھە؟

−پادىنىڭ كەينىدە بىرئۆمۈر يۈرۈپ، كۇمۇتا كىرىپ كەتكەن كۆزلىرىڭگە ئوخشاتقانمىدىڭ.

−ھا… ھا… نېمىسىنىئېيتىسەن؟ ئوھۇي ئۇكا بۇتتەك قاراپلا تۇرىسەنغۇ، سەنمۇ كولىمامسەن.

−نېمىنى؟

− راستتىنلا كۆرمەپتۇ ھويمۇنۇ.

−ھازىرقى ياشبالىلارنىڭ خىيالى جايىدا بولمىسا.

−ھوي نەگە كۆمۈلۈپكەتتا؟

−مەشە، مەشە، مەشەنىكولايلى ساۋۇركا!

−بىرمۇ، ئىككىمۇ؟ پازىلئۇكا.

−بىرغۇ!

بىر چاغدا ئۇلار توپائارىسىدىن ئېغزى ھىم ئېتىلگەن بىر قارا كوزىنى تەڭلا قومۇرۇپ ئېلىشتى.

−دىققەت قىلايلى،−دېدىساۋۇر مەزىن ئالدى-ئارقىسىغا ئالاڭلاپ قاراپ،−تاس قالدى-دە سەمەتباي ئىشنىبۇزغىلى. ئاۋۇ يۇمۇق شوپۇر كۆرمەپتۇ جۇمۇ.

−كېچە-كۈندۈز خۇمدانداتۈتۇجىنى ھايداۋېرىپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدى-دە!

−ئاڭا قارا بالام.ئامىتىڭ باركەن، بايلىق!

−بايلىق!؟…

كاللامغا تۇيۇقسىزھېزىم تۆگىنىڭ خەزىنە توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى كەلدى. شۇ زامان ئىككىسىنىڭ يېنىغامەنمۇ چاپلاشتىم. ئۆچىمىز كوزىنى تەڭ دېگۈدەك كۆتۈرۈپ، تامنىڭ دالدىسىدىكىئازگالغا چۆكتۇق.

−ئالدىن دەپ قويايبالىلار. ئۈچىمىز تەڭ كۆردۇق. ئىچىدىكى نېمە بولسا تەڭ بولىدۇ،−دېدى ساۋۇر مەزىن.

−ئىشقىلىپ جايلىق يەرمېنىڭ،−دەپ غۇدۇراپ قويدۇم.

−بالام ھوي، نېمەبولۇۋاتىسەن؟ ئىچىدىكى بىرەر جەسەتنىڭ كۈلى بولۇپ قېلىپ، خىجالەت بولۇپ قالمايەنە. نېمە دېگەن چىڭ ئېتىلگەن ئېغزى بۇنىڭ.

−چوقۇم بايلىق.

−قېنى ئاچايلى.

−گەپ گەپ بولسۇن.ئۈچىمىزگە تەڭ، قانداق سەمەتباي؟ نېمە چىرايىڭنى كۆكەرتىسەن. ھەممىمىزگە بۇيرۇغانگەپ بالام. بولمىسا…

−ئىچىدە بىر نېمەشاراقشىيدىغۇ!؟

−غۇچچىدە تىللا ئەمەستۇھە!

−ئىنسانغا تىنىشما!

−ساراڭمۇ؟! بايلىقتېپىۋالغاننىمۇ كىشىگە دەپ.

−ئاستا گەپ قىل. سازداپادا بېقىۋاتمايسەن.

−ئەكىلە مەن ئاچاي.نېمە گۆرگە مېيىت ئەكىرىۋاتقاندەك ئاۋايلاپ…

−يائاللا! تاقىلداپكەتكىنىڭنى قارا.

−سېنىڭمۇ يۈرىكىڭئاغزىڭغا قاپلىشىپ تىنالماي قېلىۋاتىسەن ساۋۇركا.

−ئېچىلدى! مانا، كۈچىبار ئادەم باشقىچە بولىدۇ.

−بايقا… ھوي بايقا.

كوزىنىڭ ئېغىزى ئاخىرئېچىلدى. مەن كوزىدىن قويۇق تۈتۈن چىقىپ، چۆچەكلەردىكىدەك دېۋە پەيدا بولامدىكىندەپ ئويلاپ قالدىم. ئەمما، ئۇنداق بولمىدى. قورقۇپ كوزىدىن يىراقلاشماي ئەكسىچەكوزىغا چاپلىشىپ قالدۇق. بايلىق دېگەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئوينىتىۋېتىدۇ-دە!

ساۋۇر مەزىن ئىچىدە بىرنېمىلەرنى ئوقۇپ، كوزىنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن دۈم قىلدى. ئىچىدىن شاراقشىپبىر نېمىلەر يەرگە تۆكۈلدى.

−ۋاي ئاناڭنى،يارماقكەن!

ـــ ھەممىسىلىما؟

−ھەئە!

−ئالتۇنمىكىن دېگەنتىم.

−مەنمۇ نەقلا شۇنداقئويلىغان.

−ماۋۇمۇ پۇلغا يارايدۇبالىلار. مىس يارماقكەن.   

−ئۇنى كىم ئالىدۇ؟

−شەگە كىرگەندەكۆرمىدىڭلارمۇ؟ پوچتىخانىنىڭ ئالدىدا ساپلا مۇشۇنداق كونا زاماننىڭ بىر نېمىلىرىنىيىغىدىغان ئوقەتچىلەر يايما يېيىپ ئولتۇرمامدۇ.

−قانچىلىك بىر نېمەبولا؟!

−ساتقاندا بىلىمىزدە.ئالسا دېگىنە تېخى.

−قاچان ساتىمىز؟

−ئالدىرىمايلى. جىقنەرسىكەن بۇ. بىر يولى كەلسۇن.

−يولى كەلگۈچەئولتۇرامدۇق؟!

−چوڭنىڭ ئەقلى بىلەنئىش قىلايلى پازىلكا!

−مۇشۇ ئەتراپتا يەنەباشقا نەرسە بولۇشى مۇمكىن، چاندۇرماي كولاپ باقايلى،−دەپ ساۋۇر مەزىن ئەتراپقاقاراپ قويدى.

−يەنە نېمەبولماقچىدى؟!−دەپ پازىلكام توپا دۆۋىلىرىگە يېنىشلاپ قاراپ كەتتى،−تۇرمامسىلەر. بۇيەردە ئولتۇرۇۋېرەمدۇ. ماۋۇ ئوقەتنى نەگە جىمىقتۇرىمىز.

−مەن ئۆيگە ئاپىرىپقويمامدىمەن.

−بولمايدۇ. سەمەتبايبالام. بىزنىڭ بۇ مەھەللىدىكى ئادەملەرنى تېخى تازا ياخشى بىلمەيسەن. گەپ چىقىپكېتىدۇ.

−خوتۇن بالىلارغىمۇتىنمايلى جۇمۇ!

−بىزنىڭ ئېغىلغا كۆمۈپتۇرايلى. ھازىر ئۆيدە خوتۇن-بالىلارمۇ يوق دەڭلار. قانداق بالىلار؟

−ئەمىسە… ساناپقويايلى،−دېدى پازىلكام ئىتتىك كۆزۈمگە قاراپ قويۇپ،−قانداق دېدىم سەمەتباي ئۇكا؟

−نېمىنى؟−دەپ ئۆڭدىساۋۇر مەزىن.

−مىس يارماقنى.

−مەن بەش ۋاق نامازئادەم. سىلەرگە قارا سانارمەنمۇ. ماۋۇ پادىچىنىڭ گېپىنى قارا.

−ھوي، مەزىن ئاخۇن.خاتا گەپ قىلدىممۇ؟

−ھە بولدى. سەن خاتاگەپ قىلمايسەن.

−يالغانمۇ؟

ئىككىسىنىڭدەتالاشلىرىغا ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالدىم. بىرى ئاتا يوللۇق، بىرى ئاكا يوللۇقئادەملەر. ئۇلارنىڭ گېپىگە ئارىلاشماي ئۆز خىيالىم بىلەن ئۈن-تىنسىز تۇرۇپ قالدىم.كاللامدا: «بۇ بىر كوزا يارماقنى بۇ يەرگە كىم كۆمۈپ قويغان؟» دېگەن سوئالتىنىمسىز پىرقىرايتتى. بۇ ئىشنىڭ قىزىق يېرى شۇدە…

−سەنچە زادى قانداققىلىمىز ئۇكا؟−دەپ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى پازىلكام،−ئورنىدىن تۇرىۋېتىپ كۆيۈشۈپكەتكەن پۇتلىرىنى ئۇۋىلاپ،−سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب!

−ھە؟

−نېمە خىيال ھوي؟سەندىكى تۈگىمىگەن!؟

−ئەمدى، سانىساقسانايلى. ساۋۇر دادام ئىككىمىزدىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بىزگە قارىغاندا كۆپ نەرسەبىلىدۇ. بىزدىن ياخشى ساقلايدۇ.

−ماۋۇ گەپ بولىدۇ،−دېدىپازىلكام دەرھاللا،−كۆڭۈل دېگەن ئوچۇق تۇرغىنى ياخشى، شۇنداقتۇ؟

−نېمىسىنى ئېيتىسەن؟مەزىن ئاخۇنۇم بىزگە قارىغاندا دىلى يورۇق ئادەم.

−ھەق!

يەردە چېچىلىپ تۇرغانيارماقلارنى قوللىرىمىزغا ئالدۇق. بۇ يارماقلارنىڭ بەزىلىرى پارقىراپ تۇراتتى.بەزىلىرى مايلىشىپ كەتكەن بولۇپ يۈزىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. بىر-بىرلەپ ساناپ،قايتىدىن كوزىغا قاچىلىدۇق. توپتوغرا مىڭ تال يارماق ئىكەن.

− بىرى ئۇياق يە بىرىبۇياق ئەمەس. مىڭ تاللىغۇ بۇ، قىزىقتە. خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟

−توغرا سانىدۇق.

−مىڭ ھە؟!

−مىڭ.

−ئاغزىنى ئېتەيلى!

−توختا-توختا.ئىككى-ئۈچ تال ئېلىۋالاي خېرىدار ئىزدىگەندە كېرەك بولىدۇ،−دەپ ساۋۇر مەزىن تۆتتال يارماقنى قويۇن يانچۇقىغا سالدى.

−ئەمىسە، بىز جىممىدەياتىمىز، خېرىدارنى سەن ئىزدەيسەن جۇمۇ ساۋۇركا!

−بولىدۇ. بۇنداقئىشلارغا خېلى ئېپىم بار.

−قاتتىق پۇللۇق بولۇپكەتسەڭ، بىر يەرگە قاچمايدىغانسەن؟!

−ئاڭا قارا، تېگىمىزدىنباي ئۆتكەن خەق جۇمۇ بىز! گىدىككىنە نەرسىگە ئۆزىمىزنى بۇلغىمايمىز.

− چاقچاق قىلىپ قويدۇم.

−ھەي، سەن پادىچىزە…

−بىرەرى كېلىپ قالمىسۇنيەنە، بولۇڭلار!

−راست!

بىز كوزىنى كۆتۈرۈپ،مەزىن ئاخۇننىڭ ھويلىسىغا غىپپىدە كىردۇق. ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن چوڭقۇر ئورەككولاپ، كوزىنى بىر خالتىغا ئوراپ كۆمدۇق. ئۈستىنى چانمىغۇدەك قىلىپ ياساپ قويۇپ،قايتىپ چىقتۇق. ھەممە يېرىدىن شور ئۆرلەپ پۇرقىراپ تۇرغان، كۆرۈمسىز، ئۈنۈمسىز بۇبىر پارچە زېمىن، ماڭا قاراپ سىرلىق ھىجىيىۋاتقاندەك، قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقاندەك،يەنە تۇرۇپلا ئېچىنىشلىق يىغلاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. يۈرىكىم تۇيۇقسىز ئېغىپ،ۋۇجۇدۇم تىترىگەندەك بولدى. دەرھال ئىككى قوشنامغا قارىدىم. ئۇلار بىر بىرىگەمەھەللىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دۆڭلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنئىدى. تۇرۇپلا ئوڭ كۆزۈم بىلەن سول كۆزۈم ئوخشىماي قالدى. سول كۆزۈمدە چاتاق يوق،ئەمما ئوڭ كۆزۈمگە غۇۋا بىر نەرسە كۆرۈنەتتى. ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدە بىر نېمە مېڭىپكېلىپ ئوڭ كۆزۈم تەرەپنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقامغا كېتەتتى. نېمىلىكىنى زادىلابىلەلمىدىم.

ئىككى قوشنام دۆڭدەپۇتلىرىنى سوزۇپ ئولتۇرۇپ تېخىمۇ قىزىق پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.

−ساۋۇركا مۇنۇئېتىزلىقلارنى بۇرۇن بىر باينىڭ قورۇقى دەيدىغۇ؟!

−يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندادېھقانلار ئۆرۈيدىغاننى ئۆرۈپ، كېسىدىغاننى كېسىپ ئېتىزلىقلارغا ئايلاندۇرغان… شۇچاغدا ئىگىلىرى قورۇقنى تاشلىۋېتىپلا غايىب بولغان ئىكەن.

−ھازىرقى ماۋۇ«بۇتخانا» دەيدىغان دۆڭنىڭ ئەتراپىدا سېپىل بار ئىكەندۇق-ھە. تامنىڭ ئۈستىدە ھارۋاماڭىدۇ دەمدە نېمە؟

−سېپىل دەرۋازىسىئالدىدا بازار بولاتتىكەن. يىراق-يېقىندىن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىپ سودا-سېتىق قىلىپتۇراتتىكەن.

−ئۇرۇشمۇ بولغاندەيدىغۇ!؟

−ياق، ياق! ئۇنى مەنئاڭلىمىدىم. ئەمما دەۋا-دەستۇرلارنى سورايدىغانلارنىڭ سېپىل ئىچىدە يامۇلىبولغانىكەن.

−يارماقلارنى شۇ چاغدا خەجلىگەندېگىنە!؟

−ئۇ كەملەردە سېرىقمايلىق قەغەزدىن ياسالغان گوۋازا پۇللار، يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مىس يارماقلار،ئىشقىلىپ ھەرخىل پۇللارنى ئىشلىتىدىكەنغۇ. ئۆلمەيدىغىنى ئالتۇن-تىللادە!…

−راست، بىر نەرسەئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ ساۋۇركا. مۇشۇ پادا بېقىۋاتقان ۋاقتىمدا ياقا يۇرتلۇق بىرئادەم كېلىپ، نەچچە كۈن مۇشۇ ئەتراپتا نېمىدۇر بىر نەرسە ئىزدىگەن جۇمۇ. ماڭا:«ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئاياغ ئىزى قالغان يەرلەرنى سېغىنىپ، زىيارەت قىلغىلىكېلىۋېدىم» دېگەن ئىدى.

شۇ تاپتا ئۇلار مېنىپۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىشتى. بايلىق دېگەنمۇ قىزىق نەرسە ئوخشايدۇ. بىر ئوبدانتۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە پالاقلاپ ئۆز ئىشى بىلەن يۈرگەن ئادەملەرنى ھەر كويلارغاسالىدىغان. بەزىدە پەدىنى تەڭشەپ، بەزىدە پەدىنى تەڭشىمەي چالىدىغان.

5

ئۆي سېلىش ئۈچۈن جىددىيتۇتۇش قىلغان ئىدىم. جايلىق يېرىمدىكى دۈمچەك دۆڭدىن بىر كوزا يارماق چىقىپ ھەممەئىشنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئادەم دېگەن بەزىدە ئۆزىنى باشقۇرالماي قالىدىكەن.مۇنۇ ئىككى قوشناممۇ بىر تۈزۈك ئادەملەر ئىدى. غەلىتىلا بولۇپ قالدى دېسە…ئەتىسىدىن باشلاپ گۈرجىكىنى كۆتۈرۈشۈپ جايلىق يېرىمنىڭ ئەتراپىنى ئالا قويمايماتكوشلىغىلى تۇردى. بەزىدە ئۈچىمىز خۇددى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭخادىملىرىدەك چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بولاتتۇق. ئاخىرى پازىلكام گۈرجەكنى تاشلىدى.

−يەنە نېمە بولماقچىدى؟دېسەم ئۇنىمايسىلەر-دە! بۇ ئاشۇنداق بىر تاسادىپىي چىقىپ قالغان نەرسە.

−ئەمدى، بالىلار،ھېچنېمە دەپ بولمايدۇ.

−بولدى. سەمەتباي ئۇكا،تولا تاما قىلماي ئۆينى باشلا. ساۋۇركاممۇ نەچچە ۋاق نامىزىنى ئۇنتۇپ قالدى-دە.ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟!

−سەنمۇ ئېتىزغا چۆپ ئورۇغىلىبارمىدىڭغۇ؟

−ھا… ھا… شۇنى دەيمىنا.

تۇرۇپلا يەنە ئوڭ كۆزۈمبىلەن سول كۆزۈم ئوخشىماي قالدى. سول كۆزۈمدە چاتاق يوق. ئەمما، ئوڭ كۆزۈمگە غۇۋابىر نەرسە كۆرۈنەتتى. ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدە بىر نېمە مېڭىپ كېلىپ، ئوڭ كۆزۈمتەرەپنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقامغا كېتەتتى. نېمىلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم.

−بۇ يەرگە ئۆي سالسامقانداق بولا؟

−ھوي، نېمىگە ئۇنداقدەيسەن بالام؟

−ئەمدى شۇ، كۆزۈمگە بۇيەر بىر قىسمىلا كۆرۈنىدۇ دەيمەن-دە.

−ھا… يوق گەپنى قىلمايجايىڭنى سالىۋە!

−ماڭا سېتىپ بېرەمسەنيا؟−دېدى پازىلكام كۈلۈپ كېتىپ،−چوڭقۇرراق يەرلىرىدىن يەنە بىر نېمىلەر چىقىپقالامدۇ تېخى…

−نەچچە يىلدىن بىكارتۇرسا ئالماي، ئەمدى قىزىقىپ قاپسەنغۇ؟

−بىلمىدۇقتە بۇ يەرنىڭسىرىنى. نەچچە يىلدىن ئىككىلىمىز ئەخلەتلىرىمىزنى تۆكۈپ يۈرۈپتۇق، خىسلەتلىكيەركەن ئەمەسمۇ.

−ئالغان پۇلۇمنى ئونھەسسىلەپ بەرسەڭ ساتاي!

−چاقچاق ئۇكا!يارماقنىڭ گېپىگە كېلەيلى، قاچان ساتىمىز ئۇنى ساۋۇركا؟

−نېمە ئالدىرايسەن؟تېخى بازار كۆرگۈدەك بولمىدىم.

−ئالدىرا ساۋۇركا!  

−مەنمۇ شۇ غەمدە!سەمەتباي،شېغىل، قۇم، كېسەكلىرىڭنى توشۇپ، ئەتىدىن باشلاپ ئۆيگە تۇتۇش قىل،يارماقنى دەپ ئۆيۈڭ قېپقالمىسۇن!

بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپئۆي سېلىشقا باشلىدىم. ساۋۇر مەزىن بوش ۋاقىتلىرىدا يارماقنىڭ بازىرىنىتىڭتىڭلاشقا چاپاتتى. بەزىدە پازىلكام ئىككىمىزنى يېنىغا چاقىرىپ:

−تازا خېرىدارى يوق.پۇلغا يارىمايدۇ دېگەنلەرمۇ بار. ھازىرچە ئالدىرىمايلى. ئالدىرىغان شەيتاننىڭئىشى. مۇشۇ پات يېقىندا شەگە كىرىپ چىقىمەن،−دەپ ئۇچۇر يەتكۈزەتتى.

پازىلكام ساۋۇر مەزىنيوق يەردە قۇلىقىمغا يەنە باشقىچە پىچىرلايتتى.

−بايلىق سېنىڭ يېرىڭدىنچىققاندىن كېيىن، مەزىن نېمە دېسە، ھە، دەپ سالپىيىپ تۇرما. مەن بىر نېمە دەۋېرەيدېسەم يەنە. ئۆزۈڭ كۆردۈڭ بەزىدە تازا چىقىشالماي قالىمىز. مەن سەل قوپالراقئادەم. ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ دائىم ئۆلۈك بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم بىر نېمەبىلىدۇ.

ساۋۇر مەزىن پازىلكامئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىمىزنى كۆرسىلا ئەرۋاھى ئۇچاتتى. ئۇ شۇنداق ئۆيگەكىرىپ كەتكەن ھامان يېنىمغا شىپىرلاپ مېڭىپ يېتىپ كېلەتتى.

−نېمە دەيدۇ ئاۋۇپادىچى؟ قۇلىقىڭغا كۇسۇرلاپ كەتتىغۇ.

−بىر دەردى باركەن.

−نېمە دەردى؟

−سىزنى تازا ياخشىكۆرمەيدىكەن، يامان گېپىڭىزنى قىلىپ…

−بىلىمەن. بۇ گۇي ئانچەھۆرمەتلىمەيدۇ ئادەمنى.

−چاقچاق قىلىپ قويدۇممەزىن دادا.

−يوشۇرما بىلىمەن.سەنمۇ ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ كەتمە! پادىنىڭ ئايىغىدا چوڭ بولغان يېتىم ئوغلاق ئۇ.ئۇنى ئىككى پۇللۇق قىلىپ قويغان خوتۇنى. كېرەم ئاتۇشلۇقنىڭ قىزى ئەمەسمۇ. ماۋۇياغاچ قۇلاققا ئاتۇشلۇقلار بېشى دەۋرەپ قېلىپ بېرىپ سالغان ئاۋۇ قىزىنى.

ساۋۇر مەزىن بىر نەچچەكۈن يوقاپ كەتتى. ئۆيىدىن شەھەرگە تويغا كىرىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن. كىمنىڭتويىغا كەتكەنلىكىنى ئۆيىدىكىلەرمۇ بىلمەيدىكەن. پازىلكام:

−مەزىن ئاخۇنكۆرۈنمەيدىغۇ؟ يارماق پۇل بولاپ قالدىمۇ نېمە؟ ئاشۇ قېرى بىزنى قوياپكەتمەس-ھە؟−دەپ قوياتتى.

ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭبەزىدە چاقچاق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەي قالاتتىم.

ساۋۇر مەزىن شەھەردىنچىققان كۈنى مېنى ئاستا شەرەتلىدى. يېنىغا بېرىۋېدىم، ئۇياق، بۇياققا بويۇنداپقارىۋېتىپ، پىچىرلىدى:

−ھېلىقىنىڭ پۇل بولۇپقالىدىغانلىقىنىڭ ئازراق يولى چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. شەدە ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر تۇغقىنىبار دېگىنە. ئاشۇنداق كونا نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىدىكەن قارا. تاپىلاپ چىقتىم،ئۆزى ئىشەنچلىك بالا، بىر يولى بولسا خەۋىرىنى بېرىدىغان بولدى.

−نېمىگە يوقاپ كەتتىكىندېسەم، ئەسلى…

−ھە، ھەرقايسىڭنىڭغېمىنى يەپ. ئاۋۇ گۇيۇڭغۇ ئادەمنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان قوشنا چىقىپ قالدى. بارمۇئۇ؟

−بار. سىزنى ئىزدەپنەچچە كەلدى يېنىمغا.

−دەپ قوي. ئاغزىغا چىڭبولسۇن!

−چاتاق يوق، مەزىندادا!

−ياخشىراق پۇل بولۇپقالسا بولاتتى-دە بالام.

−شۇنى دەيمەن،−دېدىمخۇشال بولۇپ،−ئۆي سالىمەن دەپ تازا قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن. ئازراق بولسىمۇ دالبولاتتى.

−شۇنداق بولماي،ئاۋۇپادىچى نەدىن ئارا چىقىپ قالدى شۇ كۈنى.

−رىزقى غايىب.

−ئۇغۇ شۇ، يارماقنىڭئىشىنى ئايالىڭغا دېمىگەنسەن ھە؟

−ساراڭمۇ مەن!؟ خوتۇندېگەنگە دەيدىغانمۇ گەپ بار، دېمەيدىغانمۇ گەپ بار.

−ئوغۇل بالا!… ئاڭاقارا بالام، ئەر دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك. مۇشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن ئەرلەرسىيگەن-چىشقىنىدىن تارتىپ ھەممىنى خوتۇنىغا دەيدىغان لامزەللىلەردىن بولۇپكېتىۋاتىدۇ. مۇنۇ مەھەللىدە ئاغزىڭغا سەللا دىققەت قىلمىساڭ، ئازراقلا گەپنىئاڭلاپ قالدىمۇ، بولدى. ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسى ھېكايە توقۇيدۇ. بورا توقۇغاندەك…

−بىزمۇ بوش ئادەمئەمەس،−دېدىم ساۋۇر مەزىنگە ئۆزۈمنىڭ ساددا ئەمەسلىكىنى ئۆزۈمچە بىلدۈرۈپ قويماقچىبولۇپ، شۇنداق قىلسام يارماقنىڭ ئىشىدا ئالداپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلىدىم.

ساۋۇر مەزىن كۆزىنىڭقۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ كۈلۈمسىرىدى.

−بىلىمىز سەمەتباي!ئەمما، بالام چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئالدىراپ ياقا يىرتما! تېخى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدائېپى-جېپىنى بىلمەيدىغان ئوقەتتە دۈم چۈشتۈڭ. ئۆزۈڭچە توخۇ بېقىپ… ھە، بوشبولمىساڭ بۇ شورتاڭلىققا نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ئاتا-ئاناڭدىن قالغان جايدىن ئايرىلىپ…

ساۋۇر مەزىننىڭگەپلىرىنىڭ زەربىسىدىن ئۇجۇقۇپ كەتتىم. جامائەتنىڭ ئالدىدا تاتلىق گەپلىرى بىلەنھەرقانداق ئىشلارنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ يۈرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ تىلىنىڭ ئاستىداتىل بارمۇ نېمە؟ بىر كوزا يارماق بىلەن بۇ ئادەممۇ زەھەردەك گەپ قىلىدىغان بولدا!؟ھەي، ئادەم دېگەننىڭ بەزىدە مىجەزى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ…

تۇرۇپلا يەنە ئوڭ كۆزۈمبىلەن سول كۆزۈم ئوخشىماي قالدى. سول كۆزۈمدە چاتاق يوق. ئەمما، ئوڭ كۆزۈمگە غۇۋابىر نەرسە كۆرۈنەتتى. ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدە بىر نېمە مېڭىپ كېلىپ، ئوڭ كۆزۈمتەرەپنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقامغا كېتەتتى. نېمىلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم.

تامچىلار ئالدىراشئىشلەۋاتاتتى. ئۆي دېگەنمۇ بىر توقاي ھەشەم بىلەن پۈتىدىغان نېمىكەن. مۇشۇكۈنلەردە بار-يوققا يۈگۈرۈپ، ھاردۇق يەتكەن ئىدى. قولۇمدىكى پۇلنىڭ توپىسىئاسمانغا سورۇلۇپ بولدى. يېتىشمىگەن يەرلىرىگە يەنىلا ئايالىمنىڭ تىقىشتۇرۇپقويغان پۇللىرى ئەسقاتتى. بۇرۇن ئاتا-ئانامدىن قالغان تەييار ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھېچنېمىنىبىلمىگەن ئىكەنمەن. ئۆي سودىسىدا چوڭلارنىڭ: «داداڭدىن قالغان ئۆيمۇ ياكى ئۆزۈڭسالغان؟» دەپ سورىشىدا گەپ باركەن. ئاخىرى ئۆيمۇ پۈتتى. قارامايلىق مېھماننىڭتاغىسىغا ئۆينى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يېڭى جايىمغا كۆچۈپ كېلىۋالدىم. ئايالىم بىلەنقىزلىرىم چوڭ يول ياقىسىدىكى باغۋارانلىق، ئۆزگىچە پۇراقلىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇپكەلگەچكە، بۇ يېڭى قورۇ-جايغا مېھرى چۈشمىدى. بىر نەچچە كېچە ئۇخلىيالماييىغلىغانمۇ بولدى. ماڭا يەنىلا قېيىدىشىپ قولىنى ئەگرى قىلمىدى. ئايالىممۇئاچچىقىدا ئۆي پۈتكۈچە يېڭى جايغا دەسسەپمۇ قويمىغان ئىدى. ئەمما-زە، جاھانتۇتىدىغان ئايال يەنە باشقىچە بولىدىكەن. نېمە ئامال؟ ئاخىرى سەرەمجان جاھان تۇتۇپئۆگەنگەن ئايالىم كوتۇلداپ يۈرۈپ، ھويلا-ئارامنىڭ ئىشلىرىنى قولىغا ئالدى. بىرھەپتە ئىچىدە ئىككى قىزىمنى كەينىگە سېلىپ، پۇت قويغۇدەك يەر قالمىغان قالايمىقانھويلا-ئارامنى رەتلىدى. تاملارنى ئالا قويماي ئاقارتتى.

6

ھەر كۈنى ساۋۇرمەزىننىڭ ھويلىسىدىن تاش تۇلۇقنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. نېمىدېگەنيانجىپ تۈگىمىگەن كۆپ قومۇش بۇ دەپ قالىمەن. ئۇنى ئاز دەپ بالىلىرىنىڭ DVD نى بارئاۋازدا قويۇۋېلىپ بورا توقۇشلىرى قۇلاق-مېڭەمنى يەيتتى. يائاللا! مەزىننىڭ ئۆيىبولمايلا قالسۇن… تۇرۇپلا ھويلىدا بىر ئىشلارنى قىلىۋېتىپ قايناپمۇ قالاتتىم.ئامال بار ئايالىم بىلەن قىزلىرىمغا كۆڭلۈمدىكى غەشلىكنى چاندۇرمايتتىم. بولمىسا،پېشانەم ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كېتە…

−ۋاي-ۋۇي دادا، قانداقخەق بۇ؟

−ھە نېمە بولدى؟

−ئادەمنى ئارامىداقويمىغان.

−ھەر كىمنىڭ ئۆزىگەيارىشا تىرىكچىلىك يولى بولىدۇ. ھە، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ.

−ھەرقانچە بولسىمۇ…سىزمۇ دادا…

ئەمما قوشنىغىمۇيېتىشكەن ئوخشايمەن. مۇنۇ پازىلكامنىمۇ دەيمەن-دە. ئۆي پۈتكۈچە ماڭا ھېچقانداق بىرقىلىقلىرى بىلىنمىگەن. ئەمدى چىققىلى تۇردى. بىردە ئايالىنى، بىردە كالا-قوي،توخۇ-تۇمانلىرىنى، بەزىدە ھەممىنى ئارىلاشتۇرۇپلا ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەنۋارقىراپ، ھويلىنى بېشىغا كىيەتتى.

−ھوي، جالاپنىڭ كالىسى،بىر يەردە بۇقا قاراپ تۇرغاندەك قاچىسەنغۇ، ئاناڭنى!…

−ھەي، قارا خوتۇن. نېمەقىلىۋاتىسەن؟ ساغمامسەن ساغىدىغىنىڭنى!

−ماۋۇ قانجۇق نېمەغىڭشىۋېرىدۇ. ھېلى بىكا!

بۇنداق چاغلارداقىزلىرىمنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ ئۆلەتتىم. مەن قىزلىرىمدىن، قىزلىرىم مەندىنكۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى. ئاخىرىغا بېرىپ قىزلىرىم پازىلكامنىڭ ھويلىدا يۆتەلگىنىنىئاڭلاپ بولغۇچە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ ئۆيگە بەدەر قاچىدىغان بولدى.

چىدىغۇچىلىقىم قالمىدى.بىر كۈنى كوچىدا پازىلكامنى بىلەكتىنلا تۇتۇپ، چەتكە تارتتىم.

−ھوي، ھوي… نېمە بولدى؟

−ئاغزىڭغا ئىگە بول!

−نېمىگە؟ مەن ھېچكىمگەيارماقنىڭ گېپىنى تىنمىدىم جۇما. مېنىڭ ئېغىزىم ئاچقۇچى يىتكەن قۇلۇپنىڭ ئۆزىدېگىنە ئۇكا.

−مەن ئۇنىڭ گېپىنىقىلمىدىم. سەت تىللىرىڭنى دەۋاتىمەن. بىز قوشنا، خوتۇن-بالىلىرىمنىڭ ئالدىداسەتكەن.

−ھە… ئانچە-مۇنچە…

ـــ راۋۇرۇسلا!

ـ شۇ، بۇرۇن ئاسمىنىكەڭرى يەرلەر بولغاچقا ئۆگىنىپ قاپتىمەن. نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ مېنى قوشنىلارنىڭھەممىسى بىلىدۇ. سەن يېڭى كەلگەچكە بىر قىسىم ئاڭلانغان بىلەن تۆت-بەش كۈن ئۆتسەكۆنۈپ قالىسەن،−دېدى پازىلكام ھىجاراپ، قايناشلىرىمنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويماي.

نېمە دەيمەن؟ كۆنۈپقالدۇق. ھەممىدىن يامان يېرى يامغۇر-يېشىندا بىر-ئىككى كىلو پاتقاقنى سۆرەپلايۈرىدىغان گەپ بولدى. بۇرۇن دەرۋازىدىن چىقساقلا قاراماي يولغا چىقاتتۇق-تە! ھەي…

بىر كۈنى كەچتە ئەمدىلائورۇنغا كىرىپ يېتىپ تۇراتتىم. ئۆينىڭ ئارقا تېمىنى بىرى گۈپۈلدىتىپ ئۇردى.ئورنۇمدىن ئېرىنىپ تۇرۇپ، كىيىملىرىمنى كىيدىم.

−نەگە؟−دېدى ئايالىمياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ.

−بىرى چاقىرىۋاتىدىغۇ.

−جۆيلىۋاتمايدىغانسەن؟مەن ئاڭلىمىدىمغۇ!؟

−ئارقا تامنىئۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەھەللىدىكىلەر ئادەمنى مۇشۇنداق چاقىرىدىغان ئوخشايدۇ.

−بۇ كېچىدە كىمچاقىرىدۇ.

−ئىككى قوشنىنىڭ بېرىدۇھەقىچان.

−ئەرلەرمۇ؟ يا…

−بىللە چىقمامسەن،كۆڭلۈڭ تىنمىسا!

−ئىشقىلىپ دىققەت قىل.بىزنى تازا تەكشى ئەمەس بىر يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدىڭ. ئارقا تامنى ئۇردى دەيسەن.مەن ھېچ بىر ئاڭلىمىدىم،−ئايالىم شۇنداق دەپ قويۇپ، يوتقانغا پۈركۈنۈپ قايتائۇيقۇغا تەگدى.

دەرۋازىنى ئېچىپ كوچىغاچىقتىم. بىزنىڭ بۇ كوچا مەھەللىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوچىسى ئىدى. كوچىنىڭ قارشى تەرىپىدۆڭلەر بىلەن يىراقتىكى قەبرىستانلىققا تۇتۇشۇپ كېتەتتى. دۆڭلەرنىڭ تۆۋىنىئېتىزلىقلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان سازلىق ئىدى. كوچا قاپقاراڭغۇ. ئادەتتىمۇ بۇكوچىنىڭ كېچىسى بەك سۈرلۈك بولاتتى. يىراقتىكى قومۇشلۇقلاردىن ساز بۇقىسى (كۆلبۇقىسى) نىڭ ئاۋازى كېلەتتى. ساۋۇر مەزىننىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك دېرىزىدىنسۇس يورۇقلۇق كوچا تەرەپكە چۈشۈپ تۇراتتى. «تېخىچە ئۇخلىماي نېمە قىلىۋاتقاندۇ بۇمەزىن ئاخۇنۇم؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. ساۋۇر مەزىننىڭ دۆڭلۈك مەيداندىكى قومۇشلىرىسازلىق تەرەپتىن كېلىۋاتقان شامالدا تىنىمسىز شىلدىرلاپ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بىرئەنسىزلىك ئىچىدە سىقاتتى. تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ئەتراپقا زەن سالدىم.

−كىم؟!

ئەتراپ جىمجىت. ئادەمباردەك قىلمايدۇ. تۇرۇپلا ئەت-يېنىم تىكەنلەشكەندەك بولدى. ئۆينىڭ ئارقىسىغاقورقۇنچ ئىچىدە قاراپ قويىمەن. ئۆزۈمگە بىرى ئارقا تامنى ئۇرغاندەك بىلىنىپتۇ-دە،دەپ ئويلىدىم. قايتىپ كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ دەرۋازا تەرەپكە ماڭدىم. شۇ چاغدىلاقاراڭغۇلۇقتىن بىر ئاۋاز كەلدى. بۇ ئاۋاز باشتا ناھايىتى يىراقتىن كەلگەندەك ئاڭلاندى.

−مەن!

−ساۋۇر داداممۇ؟

−ياق!

−پازىلكام ئوخشىمامسەن؟كېچىدە ئادەمنى ئۇخلاتماي نېمە تامنى ئۇرۇپ…

−ياق!

−ئەمىسە كىم سەن؟

−ھۈسىيىن دەڭجا.

− ھۈسىيىن دەڭجا؟!−دەپئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. شۇ چاغدىلا ئۆينىڭ ئارقىسىدا بىر قارا كۆلەڭگەكۆرۈندى. تۇيۇقسىز يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ، پېشانەمدىن مۇزدەك تەر پۇرقىراپ چىقىپكەتتى. مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، «ھۈسىيىن دەڭجا» دېگەن بىرىنى زادىلا ئاڭلاپباقمىغان ئىدىم. بولمىسا، ھېزىم تۆگىنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرىگە قۇلاق سېلىۋېدىم…بەلكىم بىر يەردىن ئېزىپ-تېزىپ كېلىپ قالغان مۇساپىر بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.

−كىمنى ئىزدەيسىز؟

−سەمەتباينى!

−مەندە نېمە ئىشىڭىزبار؟

−قايتۇرۇپ بېرىڭلار! ماڭاقايتۇرۇپ بېرىڭلار!

−نېمىنى؟

−بايلىقىمنى!

−بايلىق؟!… قا… قايسىبايلىقنى؟

−دۆڭدىن چىققان.

−دۆڭ؟ بۇ يەردە دۆڭدېگەن تولا.

−سەن ئۆي سالغان يەردىنچىققان كوزىلار.

−كوزا؟ قارا كوزا!؟

−دەل ئۆزى!

(داۋامى كېيىنكى ساندا)








(ئاپتور توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزا تاشتۆپە كەنتىدە)


مەسئۇل مۇھەررىر: ئەسئەت ئابدۇرېشىت




‹ئىلى دەرياسى› ژورنىلىنىڭ 2012-يىل 2-سانىدىنئېلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zeperi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 00:19  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  512
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 419
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىغىدىن باشلاپ ئوقۇي دەپ قارىسام داۋامى كېيىنكى ساندا دەپ قاراپ تۇرىدۇيا، بۇ  يا ژۇرنال بولمىسا كېيىنكى ساندا ئۇلاپ بېرىمىز دەيدىغان ،ئاۋال ھەممىنى يوللاڭە ئايىغىدىن باشلاپ ئوقۇپ باھا بېرەيلى ،ژۇرنالدا ئېلان قىلغىنىغا قارىغاندا خېلى سەتەڭدەك قىلىدۇ ،ئەتىكى رەڭلىك سورۇننى قويۇپ ئوقۇپ چىقاي -ھە!

مۇنبەردىكى تاققۇ-تۇققا سۆزلەيدىغانلاردىن ھەجەپ زىرىكتىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 629
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نىيەتلىك تەھرىرىدىن بىرسىنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاپ قويدىغىنىغا قاتتىق ئىشىنىمەن،شۇ چاغدا ئوقۇيمەن.

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  253
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 74
تۆھپە : 4
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پوۋېستنىڭ يوللانغان قىسمىنى ژورنالدىن ئوقۇپ داۋامىغا كۆپ تەقەززا بولغانىدىم، مۇنبەردە كۆرۈپ خۇش بولۇپ كىرسەم يەنە شۇ بارى بار، يوقى يوق. ئۇنداق قىلماي داۋامىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز بولمامدۇ زەپەرى؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 158
تۆھپە : 2
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇمۇسلۇق قىلماي ‹‹ئىلى دەرياسى››نىڭ 2-سان مۇندەرىجىسىنى ۋە پوۋېسىتنى تولۇق بىر يوللاپ قويۇڭا زەپەرى !

كۆيمەكتە ئەنە ئاھ، قاردىكى قۇياش
http://kilyang.blogbus.com/  غا مەرھەمەت!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 371
تۆھپە : 17
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ
تەكلىپ دەپ قارىغىنىم ئىملاسىدا ئازىراق مەسىلە باركەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  125
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 130
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئارقا تام» غا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ  ساقلاۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، ئاخىرى يوللانمايدىغۇ،زەپەرى ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش