پورەكلەپ ئېچىلسا بېغىمدا رەيھان
تۇرنىسا رەھىم
ھەسرەتلەر باغرىدا تولغۇنۇپ ئۇزاق،
يېرىمجان بېلىقتەك ئاقتىم سۈيىڭدە.
قەلبىمدىن تۆكۈلۈپ ئازابىم سىم-سىم،
يامغۇردەك سىڭمەكتە مۇڭلۇق كۈيىمگە.
خىيالەن ئالدىمدا بۇلىسەن زاھىر ،
كۆزلىرىڭ چاقنايدۇ يۇلتۇز سىياقتا.
مەستخۇشلۇق ئىلكىدە كۆزۈمنى ئاچسام،
يۈرىكىم كۆيىدۇ ھىجران پىراقتا.
ئاھ ئۇرسام جۈر بولۇپ قەلبىم مۇڭىغا،
قۇشلارمۇ تىڭشايدۇ ئۇچۇشتىن توختاپ.
گۈللەرنىڭ بەرگىدە تامچە تامچە ياش،
چاقنايدۇ تاڭدىكى شەبنەمگە ئوخشاپ .
ئىنتىزار قەلبىمدە باقسام يولۇڭغا،
كوچامدا ئاقماقتا دەريا سېغىنىش.
سەبدەگۈل رەڭگىدە سۇلغۇن چىرايىم.
ئۆرتەيدۇ دىلىمنى ئاچچىق خۇرسىنىش.
ئالدىمدا تۇرغىنى كۆز يەتمەس قىرغاق،
باغرىغا چىللايدۇ سۆيۈملۈك ئارمان.
ۋىسالنىڭ بەرگىنى قىلسام سەيلىگاھ،
پورەكلەپ ئېچىلسا بېغىمدا رەيھان ...
2012-يىلى 3-ماي