جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 3

«ھايات كومېدىيەسى» ھەققىدە ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 885
تۆھپە : 1
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:04:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھايات كومېدىيىسى» ھەققىدە
   
         ئەزىز ھېيت كۈن
                                                
  «تارىم»ژورنىلىنىڭ 1990-يىللىق3-سانىغا غاپپار تەۋەكۈلنىڭ «ھايات كومېدىيىسى»ناملىق پوۋېستى بېسىلدى.بۇ پوۋېستنى زور ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى ئىخچام شەكىل بىلەن يورۇتۇپ بېرىش جەھەتتىكى ياخشى ئىزدىنىش دېيىشكە بولىدۇ.
      ھېسسىي بىلىش جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ كومېدىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە مۇرەككەپ ئىجتىمائى رىئاللىقتىكى ھەددىدىن زىيادە ساددىلىقنىڭ قۇلى بولغان «مەن»نىڭ سەرگۈزەشتىسىگە ئاۋال كلىدۇ.كېيىن ئېچىنىدۇ.ماھايەت ياكى بىلىش جەھەتتىن ئېيتقاندا ،بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىتاپخان ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رىئاللىق بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان رىئاللىقنى سېلىشتۇرۇپ،ئەسەرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقىغا ئۇيغۇن بولماي قالغانلىقىنى  بايقىماي قالمايدۇ.ئاپتور ئەكس ئەتتۇرگەن ئىجتىمائى رىئاللىقنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسى قانداق؟بۇ مەسىلىگە ماھايەت جەھەتتىن جاۋاپ بېرىشكە توغرا كەلسە،ئىجتىمائى رىئاللىقنىڭ تۈپ يىلتىزى بولغان مىللى ئاڭغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.دېڭىز سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى تەكشى بولمىغاندەك ھەر قانداق مىللەت ئېڭىنىڭ يۈكسەكلىك دەرىجىسى كونكىرېت ئادەملەر روھىدا ئوخشاش بولمايدۇ.شۇ سەۋەپتىن ھەر بىرمىللەت ئىچىدە ئاڭۇ جەھەتتە ئارېستوتىل ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئادەملەر بولۇش بىلەن بىللە يەنە دونكىخوت ۋە ئا (كىيۇ  )  چە روھقا ئىگە ئادەملەرمۇ بولىدۇ.شۇ نوقتىدىن ئالغاندا،«ھايات كومېدىيەسى»نىڭ قەھرماننى «مەن»نىڭ پروتو تىپى رىئال تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت.«مەن» دۆتلۈك.ئەخمەقلىق جەھەتتە دونكىخوت ۋە ئا (كىيۇ)  دىن كېيىن قالمايدۇ.ئۇنداق «مەن»لەر بۇرۇن بولۇپلا قالماستىن،ھازىرمۇ بىمالال ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.                                      
     بىزگە مەلۇم،تۇرمۇشتا بىر ئادەم سەۋەپسىز ئالىم ياكى كالۋا بولۇپ قالمايدۇ.ئۇنىڭ تەبىئي ۋە ئىجتىمائى ئامىللار بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى بىزگە ئايدىڭ.لېكىن پوۋېستا باش قەھرمان «مەن» نىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن.ئاپتور ئېچىپ بەرمىگەن بۇ نوقتا يەنى «مەن» نىڭ «مەن»بولۇپ قېلىش سەۋەبى ئەمىليەتتە كىتاپخانلار ئەڭ قىزىقىدىغان موھىم نوقتىدۇر.پوۋېستنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىتاپخان «مەن» نىڭ ھەم كۈلكىلىك ھەم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قېلىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟«مەن» نىمىشقا شۇنداق ئادەم بولۇپ قالدى؟دېگەنلەرنى ئەلۋەتتە ئويلاي دۇ.ئاپتور دەل شۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشى،«مەن» نىڭ خاراكتېرىنىڭ  شەكىللىنىش سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.سېرۋانتس دونكىخوت خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى ئىسپانىيە جەمىيىتىنىڭ تارىخىدىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش كۆرۈنۈشىدىن ئىزدەيدۇ.دونكىخوتنىڭ رېتسارلار ھەققىدىكى رومانلارنى كۆپ ئوقۇپ،رىئال دۇنيادىن كىتاپ دۇنياسى ئىچىگە كىرىپ ئېلىشىپ قېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى،كىتاپ قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى قارغۇلارچە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى دونكىخوت خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى قىلىدۇ.لۈشۈنمۇ ئا (كىيۇ)نىڭ روھى غالبىيەتچىلىك خاراكتېرىنى يېرىم مۇستەملىكە،يېرىم فېئىوداللىق جوڭگو جەمىئىيتىدىن ئىزدەپ روھى غالبىيەتچىلىكنىڭ يۇقۇرى قاتلام ئەكسىيەتچىلىرىدىن يۇققانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
         پېرسۇناجلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى مەيلى كىلاسسىك يازغۇچىلار بولكسۇن ياكى ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرى بولسۇن،ئۆز ئەسەرلىرىدە ئومۇمەن كۆرسىتىپ ئۆتكەن.بۇ،ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مىزان.ئەمما «ھايات كومېدىيەسى»دە ئاپتور بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغان.                                       
        «ھايات كومېدىيەسى» دە «مەن» نىڭ پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-سىنىپىغىچە ئوقۇغانلىقى ئېيتىلغان.شۇ ئەھۋال ئۇنىڭ «مەن» بولۇپ قېلىش سەۋەبى بولالامدۇ؟ بۇنداق قاراش دېسەك تولىمۇ بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر.مېنىڭچە ئۇ پەقەت بىر پۈتۈن سەۋەپنىڭ بىرلا ئامىلى بولالىشى مۇمكىن.ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئائىلە تەربىيىسىگە ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەپ بولغانمۇ دېسەك »مەن» نىڭ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىدىن قارىغاندا،بۇمۇ سەۋەپ بولالمايدۇ. چۈنكى «ئادەم مەخسەتلىك ياشىمىسا ھايۋاندىن پەرقى بولمايدىغانلىقىنى » چۈشەنگەن دادىنىڭ ئۆز ئوغلىنى تەربىيلىمەسلىكى،ياخشى يولغا باشلىماسلىقى،ئۆز ۋارىسىنىڭ قەلبىگە ئەقىل نۇرىنى چاچماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.ئەسەردە «مەن»بىلەن ئۇنىڭ دادىسى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى قىلىپ قويۇلغان.رىئاللىق نوقتىسىدىن ئالغاندا،ئۇنداق ئەقىللىق بىر دادا ئۆز ئوغلىنى ئۆزىگە ئوخشاش ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا «مەن»نىڭ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى،ئوچۇق ئېيتقاندا،»مەن»نىڭ ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن پۇل توپلاش خىيالى سەۋەپچى بولغانمۇ؟ئەسەردە ئۇنداق خىيالنىڭ «مەن»گە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېيتىلمىغان.چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا،ئىجتىمائى ھادىسىلەر ئۇنىڭ «مەن» بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغانمۇ ؟بۇ تەرەپ ئەسەردە پەقەت تىلغا ئېلىنماي قالماستىن،»مەن» بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز قىلىپ قويۇلغان.ئادەمنىڭ جەمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە كەسپى تەرپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى مۇقەرەر.«باشقىلارنىڭ دىيىشىچە،مەن ھۈنەرنى خېلى ياخشى قىلىدىكەنمەن.» دېگەن سۆزلەردە »مەن» نىڭ ئەقىللىقلىقى ئاشكارلىنىدۇ.شۇنچىلىك ھۈنەر قىلالايدىغان بىر ئادەم تۇرمۇشتا  خوتۇن ئېلىشنىمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىدە دۆت بولامدۇ؟ ئۇ باشقا سەييارىدە ئەمەس ئادەمزات دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ئادەم تۇرۇقلۇق،ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىئىيەتنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنمەسلىكى ،بىلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟يەنە كېلىپ ئۇ ئەما،گاس گاچا بولمىسا؟يۇقۇرىدىكى تەرەپلەر «مەن» خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنىڭ تاشقى ئامىللىرى ئىدى.بۇ جەھەتلەردە ئاپتور ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىگەن.                  
          ئۇنداقتا «مەن» خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنىڭ ئىچكى ئامىلى كۆرسىتىلگەنمۇ؟ئەسەردە بۇ ھەقتىمۇ ھېچقانداق بىشارەت يوق.ئەمدى تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۆتەيلى!         
   ئەگەر »مەن» تۇغما دۆت بولغان بولسا ،ئۇنىڭ شۇنداق بولۇپ قېلىشىغا ئۇنىڭ فىزىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەپچى بولغان دېيىشكە بولاتى.ئەمما ئەسەردە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىشارەت يوق.پىسخىك ئۆزگىرىش سەۋەپچى بولغانلىقىمۇ ئېيتىلمىغان.چۈنكى ئەسەردە »مەن» نىڭ نېرۋىسىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ،قاتتىق روھى زەربىگە يولۇققانلىقى ياكى ھەددىدىن زىيادە چارچاش،ھاياجانلىنىش نەتىجىسىدە نورمال پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانلىقى ئېيتىلمىغان.موھىت سەۋەپچى بولغانمۇ،دېيىشكە توغرا كەلسە،مەن ئادەم يوق جاڭگالدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى تۇغۇلۇپلا چۆلگە كېتىپ،ئادەملەردىن بىراقلا ئايرىلىپ قالغان ئەمەس.ئۇ ئادەملەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سەھرادا چوڭ بولغان.ئەگەر بۇ ئەسەردە «مەن» نىڭ ئۆزگىرىشىگە  يۇقۇرقى ئامىللارنىڭ بىرەرى سەۋەپ بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسا،ئۇ ھالدا »مەن»نىڭ مەكتەپ ھەم ئائىلە  تەربىيسىنىڭ ياكى جەمىئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرماسلىقى قانۇنيەتلىك بولغان بولاتى.ئۇ چاغدا «مەن»خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ئايدىڭلىشىپ،ئۇ ھەقتە ھېچكىمدە گۇمان تۇغۇلمايتى.ئەسەردە كۆرۈلگەن بۇ سەۋەنلىكلەر ئاخىرىدا مۇنداق ئىككى چوڭ سەۋەنلىكنىڭ كۆرۈلىشىگە سەۋەپچى بولغان.  
                     بىرى: «مەن» دە خاراكتتېر خاسلىقىنىڭ بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.مەسىلەن ئەسەردە »مەن»بىردەم كالۋا ئادەم قىياپىتىدە سۆزلىسە،يەنە بىردەم دانىشمەن ئادەم قىياپىتىدە سۆزلەيدۇ.بەزىدە تەدبىرلىك ئادەم سۈپىتىدە گەپ قىلسا،بەزىدە ئىش ئۇقمايدىغان بەغرەز ئادەم سۈپىتىدە گەپ قىلىدۇ.«مەن» نىڭ تۇپراق بېشىدا دادىسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ئالدىدا قىلغان سۆزلىرى،كىيىن ئىسلاھات جەريانىدا جايلاردا ئۆزگىرىش بولماي پەقەت ئادەملەرنىڭ  سۆزلىرىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى،«خوتۇن ئالسا ئۇرۇپ تۇرمىسا بولمايدىكەن...» دېگەن سۆزلىرى ۋە «ئۆزۈمنى سۇغا تاشلىسام خەق كۆرۈپ قالىدۇ...»دېگەن سۆزلىرى يۇقۇرقى پىكرىمىزنى دەلىللەيدۇ.                                    
    يەنە بىرى: ئەسەردىكى »مەن» ئوبرازىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولماي قالغانلىقىدۇر.مىللى ئالاھىدىلىك ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئومۇمى يىغىندىسى ئىكەنلىكى ئېنىق.ئەسەردە »مەن» نىڭ ئۆيلەنگەندىن كىيىن ھۈنەر قىلىش ئۈچۈن ئۆز مەھەللىسى ۋە خوتۇنىنى تاشلاپ باشقا يەرگە كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.ئۇ پەقەت »مەن»نىڭ ئوبرازىنى قەستەن خۇنۈكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىغان.كېيىن «مەن»نىڭ ئايالىنىڭ ئاجىرشىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ شوپۇر بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغاندا ،«مەن» ئۆيلىنىش ھەققىدە مەسلىھەت بولغاندا ھېچقانداق چۈشەنچىدە بولمىغىنىدەك،بۇ ئىشتىمۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق ھېسسىياتتا بولمايدۇ.بۇ ئىشلار رىئاللىققا يات توقۇلمىدىن ئىبارەت.«مەن» نىڭ ھەرەمگە بېرىش مەخسىتىدە  پۇل توپلاش ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلىقى ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ بىردىن-بىر يىپ ئۇچى قىلىنغان.قارىماققا مۇشۇ يىپ ئۇچى »مەن»نىڭ »ھايات كومېدىيەسى»نىڭ ئىجتىمائى سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلگەندەك تۇيىلىدۇ.بىراق ئەمىليەتتە «مەن»ئۇنچىۋىلا ئىتائەتمەن ئادەم ئەمەس.ئەكسىچە بىر ئىشقا پەرۋاسىز قارايدىغان ئادەم.شۇ نوقتىدىن ئالغاندا ،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەقىدە باغلىشى ،ھەتتا ئۆمۈر بويى شۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.«مەن» نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنتۇپ كەتكەندەك«ھەرەم بېرىش» ئارزۇسىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدىغان ئادەمدۇر.قارىماققا ئاپتور شۇ يىپ ئۇچى ئارقىلىق »مەن» نىڭ دىننىڭ زەھەرلىشىگە،زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان.ئەمما ئەسەردىكى بايانلاردىن ئۇنداق مەخسەتنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇ ئەسەردىلكى ئەمىلىي ئەھۋالدۇر.»مەن» ئوبرازى يۇقۇرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك،بۇ دۇنياغا ئۇقۇشماي تۇغۇلۇپ قالغان،ھەممىدىن خەۋەرسىز ئۆتكەن،ھېچقانداق تەبىقىگە مەنسۇپ بولمىغان،قىسقىسى بۇ دۇنيا بىلەن چىقىشالمايدىغان بىر ئادەم.ئەگەر بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقى ھېساپقا ئېلىنمايدىغان بولسا ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش كۆرىنىشىنىڭ ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلغۇچى قايسى مىللەتنىڭ تۇرمۇشىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلگىلى بولمايدۇ.                        
ئاپتورنىڭ تەقلىد قىلغان ئەسىرى بىزگە خېلى ئۇزۇندىن بېرى تونۇشلۇق  بولغان فرانسىينىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئالبېت كېماسنىڭ «يىگانە ئادەم»ناملىق پوۋېستىدۇر.«يىگانە ئادەم» دىمۇ «مەن»نىڭ تىلى ئارقىلىق «مەن» ئوبرازى يارىتىلغان.ئالبېت كېماس ياراتقان «مەن» سۆيگىنىنىڭ مۇھەبەت ئىزھار قىلىشىغا پەرۋا قىلمايدىغان،ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرمايدىغان،ئۇقۇشماي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ،ئۆلۈمگە بۇيرۇلغاندىمۇ غەم قىلمايدىغان ،ئىنسانلىق ھېس-تۇيغۇسىدىن مەھرۇم بولغان ،ئومۇمەن مەنىسىز ياشاپ ئۆتكەن بىر ئادەمدۇر.ئالبېت كېماس بۇ دۇنيانى «مەنىسىز دۇنيا» دېگەن مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىگە ئاساسەن «مەن » ئوبرازىنى ياراتقان.رىئاللىق نوقتىسىدىن ئالغاندىمۇ بۇ قاراش بۇرژۇئازىيە جەمىئىيىتىدە چوڭقۇر ئىجتىمائى مەنبەگە ئىگە.2-دۇنيا ئۇرىشىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن غەرپ جەمىئىيىتىدە چۈشكۈنلىشىپ،چىقىش يولى تاپالماي گاڭگىراپ ئۆتكەن ئادەملەر ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان. ئەسەردىكى «مەن» دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋەكىلىدۇر.   
               ئەمما « ھايات كومېدىيەسى» دىكى »مەن» چۇ؟ ئۇ رىئال تۇرمۇشىمىزدا مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ،ئۇ تەرەپ ئېچىپ بېرىلمىگەن.ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ يېڭىچە ئەسەر يارىتىش ياخشى ئىش.ئەمما ئۇ نوقۇل ھالدىكى يېڭىلىق يارىتىش بولماستىن ،بەلكى ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان ،ئۆزىمىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان يېڭىلىق بولىشى كېرەك.ئەدەبىي ئەسەرنى ساتېرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىش بولمىغۇر خاراكتېرنىڭ ماھايەتلىك تەرەپلىرىنى ھەجۋىي قىلىشنى مەخسەت قىلىدۇ.بولمىسا،ئۇ شەكلەن ساتېرا  بولۇپ قالىدۇ.«ھايات كومېدىيەسى» شۇنداق ساتېرا بولۇپ قالغان.                     
  «ھايات كومېدىيەسى» دە كۆزگە چېلىقىدىغان روشەن بىر ئامىل ئەسەردە تەتۇر تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.ئۇ ئۇسۇل ئىپادىلەش جەھەتتىكى بىر يېڭىلىق ھېساپلىنىدۇ.«مەن» نىڭ ئۆز ئوغلى ئۆلگەندىن كېيىن «قاتىل مەن!....»دېيىشى يۇقۇرقى نوقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.   
        ئومۇمەن ئالغاندا،بۇ ئەسەردە يۇقۇرقىدەك سەۋەنلىكلەر كۆرۈلگەن.بىز ئاپتورنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ كىتاپخانىلارنى سۆيۈندۈرەلەيدىغان ياخشى ئەسەرلەرنى  ئىجات قىلىشىغا تىلەكداشمىز.  
  
    ««تارىم» 1992-يىللىق 3-ساندا ئىلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 23:11  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 885
تۆھپە : 1
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 يىل ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان بۇ ئوبزورنى يوللاشتىكى مەخسەت غەرپ ئەدەبىياتىغا تەقلىد قىلىش،دوراش،غەرپ ئەدەبىياتى ئۆلچىمىنى قارغۇلارچە كۆچۈرۈپ كېلىش ئەينى ۋاقىتتا ھىكايە،پوۋېست ئىجادىيىتىدە كۆپ كۆرۈلگەن بولسا بۈگۈنكى كۈندە شئېىريەتتە شۇ ھالەتنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقى....،ھازىر يېڭىلىق دەپ ئاتىۋالغان بىر قىسىم شئېىرلارنىڭ پۈتۈنلەي غەرپ شئېىرلىرى ئۇسلۇبىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقىنى سەزدۈرۈش ئۈچۈندۇر......

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 208
تۆھپە : 5
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى يىللاردا بۇ ئوبزورىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق سۈيۈنگەن ھەم سىزگە بولغان قائىللىقىم ئاشقان ئىدى. شۇ تاپتا ئوقۇپ سىزگە ئامەت تىلىدىم. ئەدىبىياتىمىز ئۈچۈن تۆككەن تەرلىڭىز يۈرەكلەرنى سۈيۈندۈرۈپ كەلمەكتە سىزگە نۇسرەت تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 885
تۆھپە : 1
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرپ ئەدەبىياتىغا تەقلىد قىلىشلا ئەمەس ،غەرپ ئەدەبىياتىنىڭ شئېىريەت ئۇسلۇبىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش بىر قىسىم شئېىرلىرىمىزدە ئەينەن كۆرۈلدى.بۇ جەھەتتە  ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتى نوقتىسىدا تۇرۇپ توغرا تەھلىل يۈرگۈزۈش موھىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش