جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1379 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 2

« قۇلىقىڭنى تارت» توغرىسىدا( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 228
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:45:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       « قۇلىقىڭنى تارت» توغرىسىدا

                                                   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

           بۇ – ئىغاڭلاتسا يوپۇرماقلىرىدىن گۈل تۆكۈلىدىغان ، تىكەنلىك دەرەختىن باشقا ھېچنەرسە يىلتىز تارتالمايدىغان مەدەنىيەت چۆللۈكىدىكى ھازىرقى زامان ئەپسانىسى. . .

         بۇ – يۈرىكى زەرگەرنىڭ ئېرىتىش ئوچىقىدا سۇغا ئايلىنىپ ، يالجىراپ تۇرغان چوغقا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ، نىگاھىنى ساختا تەكەللۇپ يوپۇرماقلىرى بىلەن بېزەندۈرۈپ تۇرغان شۆھرەت قەھۋەخانىسىدا ئۇقۇلغان كېچىلىك ناخشا. . .

          بۇ ئەتىرگۈل بەرگىگە سېغىز تۇپراق چاڭ توزانلىرىدىن لاك سۈركەلگەن ، ئەقىل – ﯻدراك ئەينىكىگە ھودۇققان تەلۋىنىڭ ئېغىر مۇشتىدىن دەز كەتكەن ، قىرائەتچى قارىينىڭ كۆز قىرى مۇقەددەس كىتاب سەھىپىلىرىدىن لېپاپىغا قاچىلانغان ، ئاقچىنىڭ ۋەزنىگە سىيرىلىپ كەتكەن تومۇز ئاپتىپىدىكى غەلىتە رىۋايەت. . .

        بۇ ‹‹ كېچىسى قەتلى قىلىنىپ ، كۈندۈزى ھازا ئاچقان ›› ھىيلىگەر بەگزادىنىڭ قارا قەلبىدىن تامغان قارا بوتقىدا بويالغان ھېلىلە ياغلىقىنى كۆزىگە تاقىۋالغانلىقىنى ئۇنتۇلغان سەبىينىڭ قاتىلغا ئەگىشىپ ، ياقا يىرتىپ ۋارقىرىغان ھاماقەت نالىسى . . .

        بۇ – يوپۇرماقلىرىنى بوران سوققان ، قوۋزاق پوستىنى ئېشەك غاجىلىغان ، تۈۋىنى سەلەپنىڭ قارا سوقماقلىرى بوشاتقان پەرۋىشسىز دەرەخنىڭ بىگۇناھ يولۇچىنى بېسىۋېلىپ ، ئادا قىلماقچى بولغان پىغانىدىن چىققانلىق غۇرۇرى . . .

       بۇ – بىر ئاپەت ، ھاقارەت ، ئاچلىق ، قورقۇش گىردابىدا تەمتىرەپ ھودۇققان بەختسىز ئەرۋاھنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان خۇبىن تىرىك چۈشىدىكى مەجنۇن پىرىسىدەك ئەسەبىي چۈش . . .

         بۇ – رۇستەمنىڭ ئۆز دادىسى زالنى تونۇۋېلىشتىن ﯻلگىركى ، ئۇنىڭ كۆكسىگە قاداپ قويغان بەھەيۋەت خەنجىرى. . .

          بۇ – گۈل بىلەن نەۋرۇزنىڭ يۈزلىرىگە زەنجىر تور تاقىۋالغان دەقىقىلەردە بىر بىرىگە قارشى شىلتىشقان قىلىچلىرىنىڭ ئىدراكسىز ساداسى . . .

           بۇ خۇرسىنىغانلىق يىغا ، ھاقارەتلىك نالە ، شۇنىڭدەك قاقاقلاپ ئاڭلانغان كۈلكە ، ئۆز ئۆزىنى قايتا بىلىشنىڭ جىمجىت سۈكۈناتى . . .

         مەن ئويلايمەن :ساغلام بەدەندىن ساغلام ئەقىل تۇغۇلىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ نادىر گەۋدىسى بىتابلىق خەستەلىكتىن خالىي ئەمەس !

        مەن ئويلايمەن : بۇزۇلغان مۇھىتتىن بۇزۇقلۇق ئۆمىلەپ چىقىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ نادىر گەۋدىسى بىتابلىق خەستەلىكتىن خالىي ئەمەس!

          مەن ئويلايمەن : بۇزۇلغان مۇھىتتىن بۇزۇقلۇق ئۆمىلەپ چىقىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ ﯻللىق قوينىدا يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان كېسەل سۇغۇرلار يوق ئەمەس ! مەن ئويلايمەن : ئەقىلنىڭ بىر قانىتى ۋىجدان ، يەنە بىر قانىتى ئار نومۇس . مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل ئىگىلىرى پاك ۋىجدانىنى ئۇلۇغلاپ ، ناپاك قاباھەتنى قامچىلاشنى ئىنسانى بۇرچ دەپ بىلىدۇ .                                      بۇنداق ئۆتكۈر ئەقىل ئىدراك مۇنبىرىدە سۇيىقەست ئۇستىكاسىنىڭ ، ھىيلە يىلىملىرىدا يەملەنگەن زىيانكەشلىك دەۋالىرىنىڭ ‹‹ئادالەت مۆھىرى ›› بىلەن پېچەتلىنىپ ، بەر قارار تېپىشىدىن ئىبلىسنى خۇشال قىلىدىغان پاجىئەلەرنىڭ چىقماسلىقىغا يەنە ئەقىل ﯻدراك ، ئادىل ۋىجدان ، ﯻزگۈلۈككە بولغان ﯻشەنچ – ﯻماندىن باشقا قايسىبىر قۇدرەت كاپالەت بېرەلەيدۇ ؟ ! ئادىشىپ ﯻشىنىپ قېلىش خۇددى بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتە ، بىۋاسىتە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ﯻشىنىشتەك بەرقارار بولمىسىمۇ ، ھەر ھالدا كۆڭۈلدىن كۆزگىچە دولقۇن چېچىپ تۇرىدىغان ﯻشەنچتۇر . بۇ ﯻنساندا بولۇپ تۇرىدىغان بىلىش جەريانىدىكى ھەقىقەتكە يانداشقان غەيرىي ھەقىقىي ھادىسە . ئۇ ئۆز ئۆزىنى ﯻنكار ۋە سالاۋات قىلىشقا تەييار بولغان ‹‹ سۆيۈملۈك ئادىشىش . ›› مەن گىرىكلار دارغا ئېسىۋاتقان سوقراتىنى ، قۇندۇز ھاكىمى دارغا ئاسقان مەشرەپنى ، بۇرھانىدىن خوجا چاپقان ئەرشىنى ، تاز مەزۇن بوغۇزلىغان ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز خەلقىدىن چىققان دۈشمەنلەر ياتلارغا ئالدىنىپ قەتلى قىلغان ، دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن . بىر زامانلاردا خەنزۇلار ئالدىدا ۋاڭ جىڭۋىي ئەمەس ، بەلكى لۈشۈن ئەپەندى مىللەت خاﯻنى دېيىلگەنىدى . كېيىنچە ئويغانغان جامائەت لۈشۈن جىنازا يۇپۇغى ئۈستىگە ‹‹ مىللەتنىڭ ئەرۋاھى ›› ( مىللەتنىڭ روھى ) دېگەن يوغان ئۈچ خەتنى يېزىشتى . يېقىندىلا قىرغىز – ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ كالتە توقۇنۇشلىرىدا ، ئۆز خەلقىگە ھاي بەرگەنلىكى ئۈچۈن چىڭغىز ئايتماتوفنى ئۆز مىللىتى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ‹‹ مىللەت خائىنى ›› دەپ ۋاقىراشمىدىمۇ ؟ مانا بۇلار ، بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتە سىنالمىغان ، كۈزىنىڭ ھېچقانداق شاھىتلىقى ، مەنتىقىنىڭ ھېچقانداق غەيرىي زىددىيەتلىك ئىزچىللىقى ، سۆز ھەرىكەتنىڭ ھېچقانداق ئۆز ئۆزىگە مەسئۇلىيىتى بولمىغان قارا كەلكۈنى بولماي نېمە ؟

        دەرەخنى ئۇنىڭ ئۆز شېخىنى سايە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ بىر بىردىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋەيران قىلىش مۇمكىن بولغىنىدەك ، ئەقىلنىمۇ گەپ سۆز بىلەن ، تەپەككۇرنىمۇ يالغان ياۋىداق بىلەن بىلەن شاخ شېخىدىن كەسلىۋېتىش مۇمكىن ﯻكەن ! ھەيرانمەن : شەيتانمۇ ھاۋا ئانىمىزنىڭ كۆزىگە ئەمەس ، قۇلىقىغا يالغان ياۋىداق سۆزلەپ ، قۇلاقنى كىرلەشتۈرۈپ ‹‹ تۇنجى گۇناھ ›› غا باشلىغانىدى . شۇ يىراق ئەلمىساقتىن بىرى ئاداشقانلارنىڭ كۆپى كۆزدىن ئەمەس ، قۇلاقتىن كەتكەن ! بۇ قارىغۇ قۇلاق ، بۇ تەمىنى سىزىدىغان تىلى ، قاتتىق يۇمشاقنى سىزىدىغان چىشى ، چوڭ كىچىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئېغىز بوشلۇقى يوق قۇلاق زەررىدىن تاكى ئالەمگىچە بولغان ھەممە نەرسىنى شۇ پېتى يالماپلا ئەقىل تەختىگە يانداشتۇرۇپ قۇيىدۇ . قۇلاق تۈپەيلى يېقىلغان ئوت ، ئېتىلغان ئوق ئازمۇ ؟!

        ئويلاپ قالدىم : قولۇڭنى تارت ، تىلىڭنى تارت ، نەپسىڭنى تارت ! دېگەنلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم ، كۆپ كىتابلاردىن تەكرا ر ئوقۇدۇم ، ‹‹ قۇلىقىڭنى تارت ›› دېيىش بىزگە ، مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلىرىگە قالغان ئاچچىق ھېكمەتنامە بولسا كېرەك . . . ‹‹ قۇلىقىڭنى تارت ›› ! شۇ چاغدىلا ﯻبلىس توزىقى ، كىشىلىك كىرلىرىدىن پاكلانغان ﯻنسانى ئەقىل بۈركۈتنىڭ ھەقىقەت دۇردانىلىرى چېقىنداپ تۇرغان ئىجادىيەت گۈلزارىغا قاراپ سۈزۈك تەپەككۇر ، يەڭگىل بەدەنلىرى بىلەن ئازادە پەرۋاز قىلالايدۇ . بۇنىڭسىز ئىللەت بوتقىسىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس . . .! مانا بۇ ، نەملىرى ئاياغلاشقان قەلبىمدىن تىزىلغان ئاخىرقى قەترىلەر . . .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 240
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:45:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   نوقۇل ئىلھامدىن تامچىغان ئابى بىلەن تەپەككۇر  چوڭقۇرلىقىدىن تامچىغان ئابى- زەمزەمنىڭ پەرقى نىمە دېگەن زور ھە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 240
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇنىڭ بۇ «خەلق» دىگەن غەزىلىنى دېكلىماتسىيە قىلسام ھېلىمۇ كۆزلىرىمدە ياش لىغىلدايدۇ...  :

خەلق دىسەم باغرىم تولۇر، سۆيگۈم تولۇر، زېھنىم تولۇر،
خەلق دېسەم چەككەن جاپا، كەچمىش-مۇشەققەت ئۇنتۇلۇر.

كائىنات ئالەم ئارا گۆھەر دېسەڭ- گۆھەر زىمىن،
بۇ زىمىننىڭ جەۋھىرىنى ئىزلىسەڭ ئۇ خەلق بولۇر.

خەلق قۇتۇپ يۇلتۇز يەنە خەلق ئاداسەت ئۆلچىمى،
بولدى خەلق تەھرىرى تارىخ ئەمدى ھەق تاپقاي غۇرۇر.


يەنە ئىككى مىسراسىنى ئەسلىيەلمىدىم...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش