غەزەل ۋە بىۋاستە تۇيغۇ
ساداقەتجان ھاجى
شۇ تاپتا جۇلانىڭ «ئارۇز ۋەزنىدە شېئىر يېزىش قالتىس ئىش ئەمەس» دىگەن تىمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇدۇم، «ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز.» دىگەن سەۋەبتىن جۇلانىڭ تىمىسىنى ئوقۇيالمىدىم. ئۆمەر مەخمۇدنىڭ «
جۇلانىڭ پىكىرىنىڭ غەزەل يېزىش ئىنتايىن ئاسان دېگەن يېرىدىن باشقا جايلىرىنى قوللاشقا بولىدۇ. غەزەل يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ژانىر. ئۇ شائىرنىڭ تىل بايلىقىنىڭ ئىنتايىن مول بولۇشىدىن سىرىت، كۈچلۈك رىتىم تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، جۇلا ئېيتقاندەك غەزەل ھەرگىزمۇ بىۋاستە (دەقىقە ئىچىدە چاقناپ ئۆچىدىغان) تۇيغۇنى خاتىرلەشكە قادىر ئەمەس. بۇ غەزەلنىڭ ئاجىزلىقى؟» دىگەن ئىنكاسىدىن مەلۇم بولدىكى، تىمىدا غەزەلنىڭ بىۋاستە تۇيغۇنى ئىپادىلىيەلەيدىغانلىقىغا بەزىلەر ئىشەنمەيدىكەن. پىكرىمنى ئىنكاس شەكلىدە يازاي دىدىميۇ، لىكىن ئەسلى تىما مەزمۇنىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمايدىغان تىمىغا ئىنكاسىمنى قىستۇرغۇم كەلمىدى. ۋە ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلارنىڭمۇ، كونكىرىتنى ئىيتسام، غەزەلنىڭمۇ بىۋاستە تۇيغۇنى ئىپادىلەپ يېزىلىدىغانلىقىنى، «چاقماق تىزلىكىدىكى ھىس-تۇيغۇ»نى، يەنى تورداشلىرىم دەۋاتقان «بىۋاستە تۇيغۇ»نى ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا «قەلەم تىزلىكى»دە يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ئايرىم ئىسپاتلاپ بەرگۈم كەلدى.
شائىر ئەلىشىر نەۋايى 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، تۇغۇلۇپلا شېئىر يازدى ۋە تا ھەق ئەمرىگە جان تەسلىم قىلغۇچە شېئىر يازدى دەپ قارىساق، بىر يىلنى 365 كۈن دەپ ھىساپلىساق، ھەم 60 يىلنى 365 كۈنگە كۆپەيتىپ بەرسەك، شائىر نەۋايى جەمئىي 21900 كۈن شېئىر يازغان بولىدىكەن. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ «ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇركلەر» پىروگىراممىسىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىغا بېغىشلانغان ماقالىسىدە، نەۋايىنىڭ «چاھار دىۋانى»غا جەملەنگەن شېئىرلىرىنى 55 مىڭ بىيىت، پارسچە يازغان شېئىرلىرىنى 12 مىڭ بىيىت، «خەمسە»نى 64 مىڭ بىيىت دەپ، سىتاتىسكا قىلغان. ئەمدى بىز بۇ رەقەملەرنى قوشساق، نەۋايىنىڭ ئۆمرىدە ئەڭ ئاز بولغاندا 131 مىڭ بىيىت شېئىر يازغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمدى بىز 131مىڭنى 21900 گە بۆلۈپ بەرسەك، بەك ئازغىنە كەم «6» دىگەن نەتىجىگە ئېرىشىمىز. دىمەك، نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ باقى دۇنياغا سەپەر قىلغان ئاخىرقى كۈنگىچە، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كۈندە 6 بىيىتتىن(12 مىسرا) ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر يېزىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.
ئەمدى يەنە بىر نۇقتىنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى، نەۋايى ھەر خىل ژانىردا 30 پارچىغا يېقىن كىتاب يازغان. ھەر بىر كىتابىنىڭ ئىچىدە شېئىرىي پارچىلار بولغاندىن تاشقىرى، يەنە «لىسانۇت-تەير» ناملىق شېئىرىي كىتابىمۇ بار. بۇنى يۇقارقى ھىساپقا قاتماي تۇردۇق.
خۇلاسە كالام، ئەگەر نەۋايى «چاقماق تىزلىكى»دىكى بىۋاستە تۇيغۇنى «قەلەم تىزلىكى»دە ئىپادە قىلالمىغان بولسا، مەندەك بىر پارچە شېئىرنى بىر يىلدا ياكى ئون يىلدا يازغان بولسا، ياكى بىر كۈندە يازغان شېئىرىنى بىر ئاي، بىر يىل، ئون يىل تۈزەتسە، شۇنچىۋالا كۆپ شېئىرلارنى يېزىپ بولالامدۇ؟ بىز بۇنى «بىۋاستە تۇيغۇنى ئىپادىلەش» دىمەي نىمە دەيمىز؟
كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى «مۇشائىرە» شەكلىمۇ ئەسلىدە شائىرلار ئەنجۈمەنىدىكى نەقمەيدان ئىلھامىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟
شۇڭا كىلاسسىك شېئىريىتىمىز ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى مۇۋاپىق.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى.
★★★★★
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ketmenbay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-3 22:22