جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 2

ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 58
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھمەت
ھېكايە
ماھىرە ئوبۇلقاسىم
(1)
يانفۇننىمنىڭ مۇڭلۇق مۇزۇكىسى بۇ ئىجارىغا ئالغان يىگىرمە كۋادرات خانەمنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم،—دەپ سالام قىلدىم مەن يانفۇننىمىنى قولۇمغا ئىلىپ،
—ھەدە، بۇ مەن...—قارىشى تەرەپتىن كېلىن سىڭىلنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ سالىمىمغا سالاممۇ  قايتۇرماي مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى،
—چوڭ ئۆيدە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ نېمانداق گەپ قىلماي يىغلاۋىرىسىز؟...—يۈرۈگۈم جىغىدە قىلدى–دە، دەقىقە ئىچىدە كۆڭلۈمگە يەتمىگەن ئىشلار يىتىپ كەتكەن ئىدى، —دادام بىلەن ئاپاملارغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ باللار ئاماندۇ؟...— ئۇنىڭ يىغىسى مېنىمۇ  جىددىلەشتۇرۇپ، يۈرۈگۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ، پۇت–قوللۇرۇم لاغىلداپ تىتىرەپ كىتىۋاتاتتى. بىرتەرەپتىن ئىنىمنىڭ ئالدىدا  تۇرىدىغان ياشىنىپ قالغان دادام بىلەن ئاپامدىن ئەنسىرگەن بولسام؛ يەنە بىرتەرەپتىن ئىنىم  بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغۇلىدىن ئەنسىرەيتتىم.
—ياق ھەدە، ئۆي ئىچى تىنىچلىق، —دېدى ئۇ،  لېكىن يىغىسىنى يەنىلا توختىتالمايۋاتاتتى.
—ئەمىسە نېمە بولدى؟ مېنى ئەنسىرتىپ نېمانداق يىغلاۋېرىسىز؟— مېنىڭ بىردىن ئاچچىقىم كەلدى–دە، تەلەپپۇزۇمۇ قوپاللىراق چىقىپ كەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ يىغىسى  بىرەر شۇملۇقدىن دىرەك بىرىپ تۇراتتى.
—سىز ھېلىقى ناھىيىدىكى دىنن ئىشلىرى ئىشخانىسىدا  ئىشلەيدىغان ھاپىز كادىرغا نېمە دېگەنتىڭىز؟—دېدى ئۇ  يىغىدىن سەل توختاپ پوسوققىدە،
—نېمە؟ ئۇ ھاپىزغا نېمە دەپتىمەن؟ — بۇ «تۇلۇمدىن توخماق» چىققاندەكلا  سورالغان سۇئال مېنى بىردىنلا تۇمان دېڭىزغا ئاپىرىپ تاشلىغان ئىدى. ئۇ ھاپىزغا نېمە دېگەن بولغۇيتۇم؟ دېگەن سۇئال چاقماق تېزلىگىدە كاللامدا پەيدا بولغان بولىسىمۇ، لېكىن ئىسىمغا ھېچنىمىنى ئالالماي تىڭىرقاپ قالغان ئىدىم،    —«توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال»دېگەندەك مەن ھاپىزنىڭ چۈشىگە كىرىپ قالمىغاندىمەن؟ —مەن تىرىكىپ قالدىم، چۈنكى  ئۇ ھاپىز دېگەن ئىسىم مىڭ يىلدىمۇ بىرەر قىتىم خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى.  
—ئۇ ھاپىز دېگەن دىنى ئىشلار كادىرى  دادامنى چاقىرتىپ، ۋاقىراپ–جاقىراپ  شۇنداق قاتىق ھەم قورقۇنۇشلۇق گەپلەرنى قىلىپ دادامنى بەكلا قورقۇتىۋېتىپتۇ، دادام بۇ ئاقەرەتكە   چىدىماي يىغلاپ ماڭا تېلېفۇن قىلىپتۇ،...—كېلىن سىڭىل ئىسەدەپ يىغلاپ  باش–ئۇچى يوقلا سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى سۇغۇق بولۇپ، ماڭا تاپا–تەنە قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى،  
— ۋۇي، ئۇ ھاپىز ئىلىشىپ قالمىغاندۇ؟ بىكاردىنلا ئۇ سىزنىڭ دادىڭىزنى ئاقەرەتلەيدىغان  نېمە ھەققى باركەن؟ دادىڭىز نېمەگە قورقۇدىكەن؟  مەن گىپىڭىزگە ھېچبىر چۈشەنمدىمغۇ؟ تولا زەردەمنى قايناتماي،   ھاپىزغا نېمە دەپتىمەن تەپسىلى چۈشەندۇرۇڭە؟ ئاسمان ئۆرۇلۇپ چۈشكەن تەغدىردىمۇ بوي ئىگىزلەر تىرىۋالىدۇ...— مېنىڭ رەسمى ئاچىغىم كەلدى–دە، كېلىن سىڭىلگە ۋاقىراپ سالدىم،
—ھاپىز كادىر، —كېلىن سىڭىل بىردەم توختىۋېلىپ، يىغىسىنى سەل بېسىپ سۆلەشكە باشلىدى، — دادامغا، «سېنىڭ ھېلىقى چىچىنى پاخپايتىپ ئاتتۇرۋېلىپ،  گىدىيىپ يۈريدىغان  مۇئالىم قۇداڭ سىڭىلىڭ، ناھىيلىك كومىتېتقا باستۇرۇپ كىرىپ: ‹سەن خەق، ھوقۇقۇڭدىن پايدىلىنىپ، ھەج تاۋاپقا بارمىز دېگەنلەردىن پار ئىلىشىدىكەنسەن. باھار يىزىسىدىكى مۆمىنناخون ئىنىمنىڭ قېيىن ئاتىسى بولاتتى، ئۇ ئادەم نەچچە يىلدىن بىرى ھەرەمگە بىرىپ ھەج تاۋاپ قىلىمەن  دەپ سەن پارخورلارغا پار بىرىپ تويغۇزالماپتۇ. بۇ يىل يەنە پارنى ئاز بەردىڭ سېنىڭ ئورنىڭغا پارنى جىق بەرگەنلەرنى ئەۋەتىمىز دەپ مۆمىنناخوننى ھەج قىلىشقا تىزىملاشماپسەن، مۆمىنناخون ماڭا زار–زار يىغلاپ شۇنداق دېدى. سەن خەقنىڭ گىلى يوغىناپ ھەددىڭدىن ئىشىپ كىتىپسەن. مەن سەن خەقنىڭ ئۈستدىن ئاپتۇنۇم رايۇنغا ئەرىز قىلىپ، سەنلەرنى سولىتىۋىتىمەن. مېنىڭدە سەنلەرنىڭ پار يىگەن ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار بار،...» دەپ پۈتۈن ناھىيلىك كومىتېتىنىڭ ئىچىنى بېشىغا كىيدى...   —كېلىن سىڭىل توختىماي سۆزلەۋاتاتتى. بۇ ئىش ماڭا شۇنداق قاتىق ئاڭلاندىكى، تۈيۈقسىزدىن مېنى بىرسى  ئېگىز ياردىن غۇلىتىۋەتكەندەك لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. دەرمانسىز قوللىرىم بىلەن يانفۇنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم، —داداممۇ  بۇ نېمە گەپتۇ دەپ گاڭگىراپ، ‹ئۇ قىزىمنىڭ قېيىن ئاچىسى پىنسىيەگە چىقىپ ئۇرۇمچىگە كەتكىلى بىر ئىككى ئاي بولدىغۇ...› دەپتىكەن، «شۇ كىتىشىنىڭ ئالدىدا بىزنى شۇنداق قارلاپ قىلا ئەسكىلىكنى قىلدى.» دەپ دادامغا كۇچىنىڭ بىرىچە ۋاقىراپتۇ. ئۇ يەنە، « ئۇ قۇداڭ سىڭلىڭ بىلەن سەن بىزدەك پارتىيە ۋە ھوكىمەتنىڭ پاك–دىيانەتلىك رەھبەرلىرىگە قارا چاپلاپ تۆھمەت قىلدىڭ، بۇ ئىشىنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى ھەر ئىككىلىڭ ئۈستىڭگە ئىلىشىسەن. مانا مۇشۇ ۋەجىدىن سېنى ھەجىگە بىرىشتىن قالدۇردۇق.»...—كېلىن سىڭىل سۆزلىگەنسىرى بېشىم يوغۇناپ، ئىچىم ئىلىشىپ، بەدىنم تىككەنلىشىپ، كۆزلۇرۇمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلاتتى،—«ئۇ پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىر خەلىق ئوقۇتقۇچىسى. شۇڭلاشقا ئۇ ئايالنى ناھىيلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتېت تەكشۇرەۋاتىدۇ، سەنمۇ قىچىپ قوتىلالمايسەن. ماڭا چىق! بەزىرىپ ئولتۇرماي كۆزۇمدىن يوقال!» دەپ ئەسەببىلەرچە ۋاقىراپ دادامنى ئىشخانىسىدىن چىقىرۋېتىپتۇ...— مەن لاغىلداپ تىتىرەيتىم، قولاقلىرىم ۋاڭشىپ،  ئۆزۇمنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك بىرخىل ھالەتتە قىتىپلا قالدىم،—كېلىن سىڭىل يىغلاپ تۇرۇپ يەنىلا توختىماي سۆزلەۋاتاتتى،—دادام، «بۇ ھەدەڭنىڭ نېمە قىلغان قىلىقى، بىر ئوقۇتقۇچىمۇ شۇنداق ساپاسىز، كام ئەقىل بولامدۇ. ئۇ بۇ ئىشىنىڭ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ قىپتۇ،  ئەمدى مەن تۇگەشتىم. ھەج قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن، ساقچىلار قاچان كىلىپ مېنى تۈتۈپ كىتەركىن دەپ ۋەھىمە ئىىچدە ئولتۇرمەن.» ...ھاپىز كادىر...
—مېنىڭ سەپرايىم سەكسەنگە چىقتتى. ھاپىزغا بولغان نەپىرتىم  ئاشقانسىرى، كېلىن سىڭىلنىڭ ھەربىر قىتىم «ھاپىز كادىر» دەپ ئاتىشى نېرۋامغا جاقىلداپ تېگىپ، روھي ھالىتىم خاراپلىشىپ كىتىۋاتاتتى.  — نېمانداق «ھاپىز كادىر، ھاپىزكادىر...» دەۋېرسىز؟ «كادىر» دېگەن قايسى زامان دېكى گەپ ئۇ، بۇ قايسى زامان، سىز ھېچبولمىاندا تولۇق ئوتتۇرنىى پۇتۇرگەنغۇ؟ ئۇ ھاپىزدېگەن ناھىيلىك دىن ئىشلىرى ئىشخانا خادىم. —«ئېشەكتىن ئالالمىساڭ كۇچۇڭنى، ئۇر تۇقۇمنى» دېگەندەك، كاللام چىچىلىپ، ئارلىقدىن بۇ گەپنى چىقىرىپ، كېلىن سىڭىلگە زەھەردەك تېگىش قىلدىم.
—دادام شۇ «ھاپىز كادىر» دەيدىكەن، — كېلىن سىڭىلنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ ئاۋازى بوشاپ كەتكەن ئىدى.
—بولدى، ئەزمىڭىزنى ئىزىپ سۆزلەۋەرمەڭ، مەن ئۇختۇم، سۈرۈشتە قىلىمەن،—مەن كېلىن سىڭىلنى سىلكىۋېتىپ تېلېفۇننى قويۋەتتىم. لېكىن پۈتۈن پەدىنىم  گويا توك سوقىۋەتكەندەك زىڭىلدايتتى،  يۈركۈمدە ئاچچىق ئازاپ ھوكۇم سۇرەتتى. گىلىمنى بىرسى بوغۋالغاندەك  نەپەس ئالالماي قىنىلاتتىم.  
مەن بىرخىل گاراڭ ھالەتتە تۆت تامغا قاراپ ئولتۇراتتىم.  بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىغانسىرى ئىچىم تىتىلدايتتى.   «بۇ زادى نېمە ئىشتۇ...» مەن ئۆز–ئۆزۇمدىن سۆرايتتىم. «توۋا » دەپ چىمچىلاق قولۇمنى چىشلەپ  ئۆزۇمنى يوقاتقان ھالدا خىلىغىچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇردۇم. چىچىلىپ كەتكەن خىياللىرىمنى يىغىشقا تىرشاتتىم. مەن شۇ تەرىقىدە بىردەم ئولتۇرۇپ سەل ئىسىمغا كەلدىم–دە،  ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر سىركاي ئاچچىق چاي دەملەپ ئىچتىم.    شۇنىڭ بىلەن بېشىمنىڭ ئاغرىقى سەل قويۇپ بەردى، كاللاممۇ سەل سەگەكلىشىپ ئىسىمغا بىر ئىش كەلدى.

(2)
مەن غۇلجىنىڭ Aناھىيەسىدىكى مىللى ئوتتۇرا مەكتىبدىن  پىنسىيگە چىقىش تەييارلىقىنى كۆرىۋاتقان  كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. كېلىن سىڭىل ماڭا تېلېفۇن قىلىپ، —ھەدە، دادامنىڭ ھەجىگە بىرىپ تاۋاپ قىلىش ئارزۇسى بولغاچقا، ئۇزۇن يىللىدىن بىرى  دېھقانچىلىق قىلىپ پۇل يىغقان ئىدى.  لېكىن بىرقانچە يىلدىن  بىرى ھەج قىلىشقا تىزىملىتالمىدى. ناھىيلىك دىن ئىشلىرى ئىشخانىسىگە تولا كىرگەن بولسىمۇ، پەقەت ھەل قىلالمىدى.  دادام بۇ يىل  69ياشقا كىردى، 70ياشقا كىرسە ھەجىگە بىرىشقا رۇخسەت قىلمايدىكەن. ناھىيلىك دىن  ئىشلىرى ئىشخانىسىدا بىر ھاپىز دېگەن كادىر ھەج قىلدىغانلارغا مەسئول ئىكەن. دادام سىزنى ناھىيەدە بولغاندىن كىيىن،   شۇ ھاپىزكادىرنى  تونىيدۇ،  بىر يول مېڭىپ بەرسە بوپتىكەن دېگەنتتى،... — بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمنى قاتتۇردى. چۈنكى بىر ئادەمنى ھەجگە ماڭدۇردىغانغا يول مېڭىش مېنىڭ قولۇمدىن ھەرگىز كەلمەيتتى. بۇ كىچىكىنە ناھىيەدە، ناھىيە تەۋەسىدە  ئىشلەيدىغان باشلىق، خىزمەتچىلەرنى بارماق بىلەن  سانىۋالغىدەكلا تۇرسا،  كىمنى –كىم تۇنىمىسۇن. ئەپسوس  ئۇلارنىڭ بىزدەك ئاددى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھېچقانداق پايدا، مەنپەئەت  مۇناسىۋەتتە بولمىغاچقا، ئادەتتە ئۇدۇل كىلىپ قالساقمۇ بىر–بىرمىزگە قاراشماي ئۆتۇپ كىتەتتۇق. مەن مۇشۇلارنى خىيالىمدىن كەچۇردۇم–دە،
—مەن ئۇ ناھىيلىك دىن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ھاپىزىنى  تۇنۇغىنىم بىلەن،  ئادەتتە ئۇدۇل كىلىپ قالساقمۇ سالاملاشمايمىز. شۇنداق بولسىمۇ قېنى بىر ئۇرۇنۇپ كۆرەي. لېكىن دادىڭىز مېنىڭدىن چوڭ ئۈمىد كۇتمىسۇن، —مەن بۇ ئىشىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىغا بىشارەت بىرىپ،  كېلىن سىڭىلگە شۇنداق مۇجىمەل جاۋاپ بەردىم.  ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن ئاغرىپ قىلىپ ناھىيلىك دوختۇرخانىغا باردىم.  تەكشۇرتۇش ئۈچۈن نۇمۇر ئىلىشقا ئۆچۇرەت تۇرۇشۇمغا، ئارقىمدىنلا  شۇ ناھىيلىك دىن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ھاپىزمۇ كىلىپ  مېنىڭ ئارقىمدا نۇمۇر ئىلىشقا ئۆچۇرەت تۇردى.  شۇنىڭ بىلەن كېلىن سىڭىلنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرى بىردىن ئىسىمغا كىلىپ قالدى. لېكىن ھاپىز ماڭا قارىماي سىڭايان تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ، مەن بىردەم ئويلانغادىن كىيىن، تولىمۇ تەشۋىش ۋە خىجەلەت ئىچىدە زورغا  ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ،
—سىز باھار يىزىسىدىكى مۆمىنناخون  دېگەن دېھقاننى تونۇمتىڭىزكىن؟—دەپ سورۇدۇم،
—ئۇ كىمكىنا؟ تازا ئىسىمدە يوققۇ،—دېدى ھاپىز بىرخىل تەككەببۇر تەلەپپۇزدا،
—ئۇ مۆمىنناخون دېگەن دېھقان ھەج قىلمەن دەپ تىزىملىتىشقا سىزنىڭ ينىڭىزغا كىرىپتىكەنغۇ؟—دېدىم مەن ئاۋازىمىنى سىلىقتىن سىلىق چىقىرىپ ئۇنىڭ ئىسىغا سىلىپ،
—ھە، ھېلىقى ئادەمكەندە،  ئۇ سىزنىڭ نېمىڭىز بولاتتى؟ — ھاپىز مېنىڭ چىرايمغىمۇ قاراپ قويمايتتى.  ئۇنىڭ تەلەپپۇزى بىردىن قوپاللاشتتى.
—ئىنىمنىڭ قېيىن ئاتىسى بولاتتى. ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇپ قويغان بولسىڭىز، ئۇ ئادەم سىزدىن بەكلا رازى بولغان بولاتتى. —دېدىم مەن، قاملاشمىغان خوشامەت كۈلكەمنى زورغا كۈلۈپ،—ھاپىز مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلىماسقا سىلىپ، باشقا ياقلارغا قاراپ تۇراتتى. رۇشەنكى ئۇ مېنى كۆزىگە ئىلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ چاكىنا ھەركىتى يۈرۈكۈمگە زىق بولۇپ سانجىلغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۆزۇمگە ھاي بىرىپ،  — ئۇ ئادەمنىڭ ھەج قىلىش ئېتقادى بەكلا كۇچلۇك ئىكەن...
  — ۋاى –ۋۇى، نېماندا گىپىڭىز تولا،  ئۇ ئادەمنىڭ شەرتتى توشمايدۇ،—ھاپىز شۇنداق دەپ گىپىمنىڭ بىلىگە تەپتى. ئۇ مەندىن بىزار بولغاندەك، قاپاقلىرىنى تۇرۇپ ئىشتىك مېڭىپ ئىككىنىچى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. ھاپىزنىڭ بۇ سوغۇق، ھاكاۋۇر ، مۇئامىلىسىدىن مەن ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.  ھەمدە مېنى مەڭسىتمىگەنلىكى ماڭا  بەكلا ھار كەلگەن ئىدى. «ئۆزۇمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، ئەسكى پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن» دېگەنگە ئۇخشاش، كۆتۇمنى قىسماي ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى دېگەنلىكىمىدىن پۇشيمان قىلىپ، نەچچە كۈنگىچە چىۋېن يەۋالغاندەك يۈردۈم. ھەم بۇ ئىشنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنىمۇ بىلىپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشىنى كېلىن سىڭىلگە دېيىشىدىن خىجەلەت بولۇپ، گەپ قىلمىدىم.
كىيىنكى كۈنلەردە مەن پىنسىيەگە چىقىش ۋە ئۇرۇمچىگە كىلىش ئاۋارچىلىقى بىلەن بۇ ئىشىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن.  توۋا، « ئىش قىلىپ بالادا قالدىم، ئالدى– كەينىمدە تاپا–تەنىدە قالدىم » دېگەندەكلا ئىش بولدىغۇ بۇ.  مەن خىيال قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئىچىمگە بىر قورقۇنچىلىق كىرىۋېلىپ ئولتۇرالماي قالدىم. «بۇ ھاپىز دېگەن بىلەن مېنىڭ ھېچقانداق ئۆچ–ئاداۋېتىم بولمىسا؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئاق يەردىن ماڭا بۇنداق تۆھمەت چاپلايدىغاندۇ؟!  نېمە ئۈچۈ بۇنداق يالغان گەپلەرنى توقۇپ ماڭا قارا سانايدىغاندۇ؟ مۇددىئاسى زادى نېمىدۇ؟! مەن ئويلىغانسىرى بۇ ئىش ماڭا بەكلا سىرلىق تۇيۇلاتتى. بۇ ئىشتا بىرەر ھيلى–مىكىر بارمۇ قانداق؟! بۇ خىيال كاللامدىن كىزىپ ئۆتۇشى بىلەن يۈرگۈم ئەنسىز سىلىپ كەتتى. ‹غوجامنىڭ غۇجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورسى› دەپتىكەن، ئۇ ھاپىزىنىمۇ باشقۇردىغان غۇجىسى باردۇ!» مەن ئۆز–ئۆزۇمگە شۇنداق دەپ مەدەت بەردىم–دە، دەس ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تېلېفۇن خاتىرەمدىكى تېلېفۇن نۇمۇر تىزىملىكى ئارقىلىق ناھىيەدىكى خىزمەتداشلىرىمغا، دوسىتلۇرۇمغا تېلېفۇن قىلىپ يۈرۈپ، تولۇمۇ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق، ناھيلىك كومىتېت دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى  مۇختەر دېگەن باشلىقنىڭ نەق دىنى ئىشلارنى باشقۇرىدغان باشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەم ئۇنىڭ  تېلېفۇن نۇمۇرىنىمۇ تاپتىم.  مەن كۆپمۇ ئويلانمىدىم، چۈنكى شۇ مىنۇت شۇ سىكىنۇتلاردا بۇ تۆھمەت خۇدىدى مۇشۇك يەر تاتلىغاندەك ئىچىىمنى تاتىلاۋاتاتتى. خورلۇق  ئازابىدا كۆزۇمگە ھېچنمە كۆرۇنمەيتتى.
—ئەسالامۇئەلەيكۇم مۇختەر باشلىق،—دېيىشىم بىلەن ئۆپكەم ئۆرۇلۇپ كۆزلۇرۇمگە پەقەت ئىگە بولالمىدىم. شۇنچە غەيرەت قىلساممۇ، ياشلىرىم مۇنچاق–مۇنچاق توكۆلىشكە باشلىدى،
—ۋەي، سىز كىم؟ نېمىشقا يىغلايسىز؟ زادى نېمە ئىش بولدى؟— تېلېفۇنىڭ ئۇ تەرىپىدىن مۇختەر باشلىقىنىڭ جىدىلەشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى،
— مە...ن، مەن، ناھىيلىك مىللى ئوتتۇرا مەكتەپتىن پىنسىيەگە چىقان ئوقۇتقۇچى  × × ×  بولىمەن — مەن يىغلاپ ئىسەدەپ تۇرۇپ ئۆزۇمنى تونۇشتۇردۇم–دە، دۇدۇقلاپ، تەنتىرەپ يۈرۈپ  مەخستىمنى ئۇختۇردۇم. مۇختەر باشلىق جىممىدە گىپىمىنى ئاڭلاۋاتقاچقا، گۇپۇلدەپ سىلىۋاتقان يۈرۈگۈم ئورنىغا چۈشتتى،  — شۇنداق باشلىق بۇ ماڭا شەك–شۇبىھىسىز چاپلانغا تۆھمەت. رۇشەنكى ھاپىزنىڭ ماڭا بۇنداق تەپتارتماي قارا سانىشتا چۆقۇم بىر مۇددىئاسى بار،  بۇ ئىشنى چوقۇم ئىنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىپ بىرىشىڭىزنى ئۆتۇنىمەن... — مەن توختىماي يىغلايتتىم، گەپلىرىم بارغاسىرى ئىشتىكلىشىپ پىلىموتتەك تېز چىقاتتى. چۈنكى بۇ تۆھمەت ماڭا ئاجايىپ ئېغىر كەلگەن ئىدى، — مەن بىر خەلىق ئوقۇتقۇچىسى، ئەلەۋەتتە مەندە شۇنچىلىكمۇ ساپا، شۇنچىلىكمۇ ئۇقۇم يوقمىدۇ؟ مەن سىلەرنى پاكىتسىز پارخور دەيدىغانغا ھەددىم بارمۇ؟ سىلەر پارخور بولساڭلارمۇ پارتىيە ئىنتىزامى، دۇلەت قانۇنى بارغۇ.  توۋا «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپتۇ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپتۇ » دېگەندەكلا ئىش بوپتۇ ... ئۇ ھاپىز چوقۇم مېنى ھەمدە قۇدىمىز مۆمىنناخۇن ئاكانىمۇ ئاقلىسۇن، ئۇ دېگەن بىر ياۋاش، ئاق كۆڭۈل مۆمىن دېھقان ، ئۇنداق ئاقرەتنى ئۆمۇردىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ھەج قىلمەن دەپ شۇنچىلىك زور ئۈمىدلەر بىلەن، ھەج تاۋاتقا بولغان چىڭ ئېتقادى بىلەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا كىرسە، شۇنداققمۇ ئاقارەتلەپ، دەككىسىنى بىرىپ چىقىرۋېتەمسىلەر؟ مەن بۇ ئىشنى ئىنىقلاپ بىرتەرەپ قىلمىسام ئۆزۇمنى ھەرگىز كەچۇرمەيمەن...—ئاخىرغا كەلگەندە ئىچمدىكى ئاچچىىق بىلەن ئەلەم پىنھان بولۇپ ئىتىلدى. ئۆزۇممۇ بىلمىگەن ھالدا جاۋۇلداپ قايناپلا كىتىپتىمەن.  
—بولدى ئۆزىڭزىنى بېسىۋىلىڭ، قاينىماڭ، مەن مەخسىتىڭىزنى ئۇقتۇم. بىزنىڭ ناھيلىك كومىتېت ۋە ھوكومەت بولۇملىرىدىكى مەلۇم مەسئوللىرىمىز ئىچىدە، پارتىيە ئىنىتىزامى، دۇلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىدىغان ناچار ئىستىللار ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەگەر سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىز راسىتلا بولسا، مەن بۇ ئىشنى بۈگۈنلا ئىنىقلاپ، ئاق–قارىنى ئايرىپ سىز رازى بولغىدەك بىرتەرەپ قىلمەن. خاتىرجەم بولۇڭ، «ھەق–ناھەقنىڭ ئارلىقى تۆت غىرىچ»دەپتىكەن. ئۇ ئادەمنى باھار يزىسىدا  ئسمىنى مۆمىنناخۇن دېدىڭىزمۇ؟—مەن مۇختەر باشلىقىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ كەيپىياتتىم بىرئاز تۇراقلاشتتى،  —شۇنداق —دەپ جاۋاپ بەردىم...
(3)
يانفۇننىمنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىسى ياڭراپ بۇ يىگىرمە كۋادرات خانەمنىڭ جىمقتلىقىنى يەنە بۇزدى.
—ئەسسىالامۇئەلەيكۇم ھەدە ، —يانفۇننى قولۇمغا ئىلىشىم بىلەن قارىشى تەرەپتىن كېلىن سىڭىلنىڭ خۇددى كۈلۈپ تۇرغان قوياشتەك  خۇشخوي ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن سالىمىغا سالام قايتۇرغىچە، ئۇ قۇشقاچتەك سايراپلا كەتكەن ئىدى. —خوش خەۋەر ھەدە، تۈنۈگۈ مەن سىزگە تېلېفۇن ئۇرغاندىن كىيىن، دادامنى ناھىيدىكى مۇختەر دېگەن بىر باشلىق چاقىرتىپ، «سىز باھار يىزىسىدىكى مۆمىنناخون بولامسىز؟ مەن ھەممىنى ئىنىقلىدىم.  ھەممە گەپ يالغان ئىكەن. بىزنىڭ دىن ئىشلىرىغا  مەسئول خادىم، ئۇ ئوقۇتقۇچىغا  مەخسەتلىك تۆھمەت چاپلاپتۇ. ھەممە ئىش ئايدۇڭلاشتتى. بىز بۇ ئىشنى چوقۇم قاتىق بىرتەرەپ قىلىمىز.  ھاپىزىنىڭ  سىزندىن يولسىزلىق بىلەن ئالغان پۇلنى ۋە باشقا نەرسىلىرىڭىزنى  ئۆزۇڭىزگە قايتۇرمىز.  سىزنىڭ  ھەرەمگە بىرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشقا  پۈتۈنلەي سالاھىتىڭىز  توشۇدۇ. رەسمىيەت بويۇنچە تۆلەشكە تىگىشلىك پۇلنى تۆلەپ، ئەتىدىن تارتىپ   ھەجىگە تاۋاپ قىلىش تەربىيەلىنىش كۇرسىسىغا قاتنىشىڭ ...» دەپتۇ، ھەدە ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۆتۇپ كەتتى. ئۇ ھاپىز دېگەن سىزگە تۆھمەت چاپلاپتىكەن، بىز ئۇخماستىن سىزنىڭ دىلىڭىزنى ئاغىرتىپ قويۇپتۇق.  ھەدە رەخمەتسىزگە...— كېلىن سىڭىل ماڭا قايتا–قايتا رەخمەت ئىتىپ مەندىن كەچۇرۇم سوراۋاتاتتى.« ‹مونىكى بارنىڭ خۇددىكى بار›  دېگەندەك، ئەسلى ھاپىزنىڭ خۇددىكى بار ماڭا شۇنداق تۆھمەت چاپلاپتىكەندە؟ توۋا، ئاللانىڭ مۇقەدەس ماكانىغا بارمەن دېگەنلىەردىنمۇ قۇرقماي پار ئالدىكەن ھە! ئاللانىڭ غەزىبدىنمۇ قورۇقمايدىغان بەندىلەر باركەن ھە! » دېگەنلەر  كاللامدىن كىزىپ ئۆتۇتتى.
—دادىڭىزغا ئاق يول تىلەيمەن.—مەن تولۇمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىمدىن مۇشۇ گەپنى ئاران دېيەلىدىم–دە،  يانفۇننى قويۋىتىپ،  «ئۇھ» دەپ چوڭقۇر ئۇلۇق–كىچىك تىندىم. شۇ بىر تىنىق بىلەن ئىچ–قارنىم بوشاپ، كۈڭلۈمدىكى تۇمان كۆتۇرۇلۇپ كۆز ئالدىم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى.
            

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 629
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئاسان ھەل بوپتۇ-ھە!

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 58
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقى بولغان ۋەقە، قۇدىمىزنىڭ ھەجىگە بىرىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالغىنىمغا،مەن ھازىرغىچە ھەيران، بەلكىم بۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش