جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1025 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 8

شېئىرىيەت ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 2
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىرىيەت ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە


1. شېئىرىيەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە

شېئىر تەرجىمىسى ئەدەبىي ئەىسەرلەر تەرجىمىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇشەقەتلىك، ئەڭ نازۇك ئىش، بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە جەھەتتىن قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ .

شېئىرىيەت–ئەدەبىيات ژانىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال بارلىققا كەلگەن ژانىر.شېئىرىيەت ژانىرى دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇستەقىل شەكىل بولۇپ شەكىللەنمەي،مۇزىكا ۋە ئۇسۇل بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ، بىللە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئەدەبىيات ژانىرىنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن تۇنجى تارمىقى ۋە ئەسلىي مەنبەسى.

شائىرلار شېئىر يازغاندا ھامان كۈچلۈك ھېسسىي ھەرىكەت، جۇشقۇن روھىي ھالەتتە بولىدۇ.بۇنداق شارائىتتا يېزىلغان شېئىرلار ئوقۇرمەنگە بىۋاسىتە، تېز تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا ئىدىيىۋىلىككە ۋە مۇزىكىلىققا ئىگە بولغان شېئىرىيەت ئۆز تەرجىمانىنى شائىر بىلەن ھەمنەپەس ۋە پىكىرداش بولۇشقا ئۈندەيدۇ. شېئىرىيەت تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەرجىمانلارنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن بۇ سۆزنىڭ چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالايدىغانلىقى تەبىئىي.ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىدىن سۆز قوللىنىش ۋە جۈملە تۈزۈش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شېئىرىيەت ئەسەرلىرىنى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى ۋە شەكىللىرى بىلەن دەلمۇدەل تەرجىمە قىلىش بەكمۇ مۇشەقەتلىك ئىش.ئەگەر سىز تەرجىمە جەريانىدا ئەسلى نۇسخىدىكى شېئىرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى بىلەن بولۇپ كەتسىڭىز

ئۇنىڭ مۇزىكىلىقىدىن چەتنەشكە مەجبۇر بولغاندەك بولۇپ قالىسىز.ئەگەر مۇزىكىلىققا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كەتسىڭىز، ئۇنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى بۇرمىلىغاندەك بولۇپ قالىسىز. شۇ سەۋەپلىك شېئىر تەرجىمىسىدە بەزى كېلىشمەسلىكلەر مەۋجۇت. ئەگەر شېئىرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلىمەن دەيدىكەنسىز، ئەسلى نۇسخىدىكى شېئىرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى توغرا تەرجىمە قىلىپلا قالماستىن، مۇزىكىلىقىنىمۇ ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە كۈچ چىقىرىشىڭىز لازىم.

ئەگەر تەرجىمان شېئىرىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن، جۈملىدىن خەنزۇ،ئۇيغۇر تىللىرىدىكى شېئىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسىدىن خەۋەردار بولمىسا، ئۇنىڭ تەرجىمىسى ئاددىي سۆزلەرنىڭ تىزمىسى بولۇپ چىقىدۇ،خالاس. ئەسلى نۇسخىدىكى شېئىر مىسرالىرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ قانچە بوغۇملۇق سۆزدىن تۈزۈلگەنلىكىنى،قاپىيىلىرىنىڭ نەدە تۇرغانلىقىنى،كۇپلىتنىڭ چېكىنى، تۇراقنىڭ سانىنى بىلىش— تەرجىمان مۇتلەق بويسۇنۇشقا تېگىشلىك قائىدە.بۇ، شېئىرنىڭ مۇزىكىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك شەكىل مەسىلىسىمۇ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

2. تەرجىمىدە مىسرا ھەم بوغۇم مەسىلىسى

شېئىرنىڭ مىسراسى بىلەن بوغۇمى شېئىرنىڭ مۇزىكىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك شەكىل مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەرجىمىدە بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن جەنزۇ تىلىدىكى كونا ۋە يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىرلارنىڭ پەرقلىرىنى  ئوبدان بىلىۋىلىش لازىم.

1.كونا ئۈلگىدىكى شېئىرلار تەرجىمىسىدە

قەدىمدە خەنزۇ تىلىدا بىر خەتلىك ياكى نىر بوغۇملۇق سۆزلەر كۆپ قوللىنىلغان.بىرخېتى بىر سۆز بولۇپ كېلىدىغان كونا شېئىرلارنى بوغۇمىنى، مىسراسىنى ساقلاپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.چۈنكى كونا ئۈلگىدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ مىسراسىنى ساقلاپ، مىسرادىكى بوغۇملارنى بىر ھەسسە كۆپەيتىپ،قاپىيە ئورنىنى ئۆزگەرتمەي تەرجىمە قىلىش ئۇنىڭ مۇزىكىلىقىنى ساقلاشقا،مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇل بويىچە تەرجىمە قىلغاندا 7خەتلىك مىسرالار ئەھۋالغا قاراپ،14–15بوغۇملۇق مىسرالارغا، 5–6 خەتلىك مىسرالار 9–10بوغۇملۇق مىسرالارغا،تۆت خەتلىك مىسرالار 8 بوغۇملۇق مىسرالارغا ئايلىنىدۇ. ئەمدى،4–5–6–7خەتلىك مىسرالار ئارىلاش كەلسە، بىردەك ئون نەچچە بوغۇملۇق مىسرالارغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ماۋزىدۇڭنىڭ «چىڭپىڭيۆ» ئۈلگىسىدە يېزىلغان«ليۇ پەنشەن» دېگەن شېئىرىمۇ شۇنداق ئارىلاش بوغۇملۇق شېئىر:

天高云淡,

望断南飞雁

不到长城非好汉。

屈指行程二万。

بۇ كۇپلىتنىڭ  بىرىنچى مىسراسى4خەت،ئىككىنچى مىسراسس 5 خەت،ئۈچىنچى مىسراسى 7خەت، تۆتىنچى مىسراسى 6خەت. لېكىن تەرجىمىسى بىردەك 15بوغۇمدىن.

سوزۇلۇپ كەتتى بۇلۇتلار كۆكتە ھەريانغا تاراپ،

تۇرنىلار ئۇچتى جەنۇبقا،كەينىدىن قالدىم قاراپ.

يەتمىسەك چاڭچىڭغا، بىزنى يۈرمىگەي يىگىت ئاتاپ،

ئىككى ئون مىڭ چاقىرىم بېسىپتىمىز،باقساق سناپ.

دېمەك، بۇنىڭدا كۇپلېتنىڭ مىسرا سانى تولۇق ساقلىنىپ،ھەر مىسرانىڭ بوغۇم سانى تەخمىنەن بىر ھەسسە كۆپەيتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان شېئىرنىڭ ئىدىيىۋىلىكىمۇ، مۇزىكىلىقىمۇ ئاساسەن تولۇق يەتكۈزۈلگەن، دېيىشكە بولىدۇ.خەنزۇ تىلىدىكى كونا شېئىرلارنىڭ بوغۇم سانىنىڭ بىرھەسسە ئاشۇرۇپ تەرجىمە قىلىنىشىغا مىسال ئۈچۈن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ بەشىنچى بابىدىكى بەزى  شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.راۋاقتىكى خانقىزلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاپتور تەسەۋۋۇر قىلىپ،ھەر قايسى خانقىزغا بىر كۇپلىتتىن شېئىر بېغىشلايدۇ.لىن دەييۈي بىلەن شۆباۋچەينىڭ كەلگۈسى تەقدىرى تەسەۋۋۇر قىلىنغان شېئىردا مۇنداق دېيىلىدۇ:

ۋاھ،دەرىخا،دەستىگاھتىن كەچكىنىڭدىن ئايلىناي،

«تالى مەجنۇن پوتلىسى» نىڭ توزغىنىدىن ئايلىناي.

قاشتاش كەمەر ئىلىنمىشدۇر مۇئەللەقلەپ دەرەخكە،

ئالتۇن سىرغا پېتىپ قارغا ياتقىنىدىن ئايلىناي.

بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى مۇنداق:

可叹停机德,

堪怜咏絮才,

玉带林中挂,

金簪雪里埋。

ھەر مىسراسى 5خەت يەنى 5 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن بۇ شېئىرنى ھازىرقى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا مۇنداق بولغان:

可叹一个象孟母般的贤德,

可惜一个诗道蕴的诗才,

腰中的玉带空在林中高挂,

头上的金簪又被白雪掩埋。

دېمەك،خەنزۇ يېڭى ئەدىبىي تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ھەربىر مىسرانىڭ بوغۇم سانى ئون بىر. ئەمىسە، بىزنىڭ بىر خېتى بىر سۆز بولۇپ كېلىدىغان كونا ئۈلگىدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ بوغۇمىنى بىر ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ تەرجىمە قىلىشىمىز پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق. بەزى كونا شېئىرلارنىڭ خەنزۇچە يېڭى ئەدەبىي تىلغا تەرجىمە قىلىنغاندا، بوغۇمىلا ئەمەس،مىسراسىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. لېكىن، بۇنۇڭلىق بىلەن تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ مىسرا سانىنى كۆپەيتىشنىڭ ھاجىتى يوق. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ5–بابىدىكى مۇنۇ بىر شېئىرنى ئۇنىڭ ھازىرقى خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسى بىلەن سېلىشتۇرۈپ كۆرەيلى. بۇشېئىرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

情天情海幻情深,

情既相逢必主淫,

满言不肖皆荣出,

造畔开端实在宁。

يېڭى ئەدەبىي تىلدىكى تەرجىمە نۇسخىى:

天样广阔深邃的男女之情,

迷离恍惚的使人愈陷愈深。

两个浪荡的人既然相遇,

邪念定会搅动他们的心。

不要说没出息的子孙,

全都出在宁国府。

最初败坏礼教的,

倒应当在宁国府里找寻。

ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىىسى:

ئىشقى ئالەم دېڭىزى بۇ، بۇندا تېرەن ئىىشتىياق،

كەلسە دۈچ قاچماس زىنادىن ئىشقىۋازلار ھەممە ۋاق.

بارچە بىدئەت ئەھلى چىقار دېمىگەي«رۇڭ» قەسرىدىن،

بېشىدۇر «نىڭ» ئوردىسى جەمىكى ئىغۋانىڭ، بىراق.

دېمەك، بۇ سېلىشتۇرمىلاردىن كونا ئۈلگىدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ بوغۇم سانىنى كۆپەيتىپ تەرجىمە قىلىشنىڭ ئاساسى بار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.يىغىپ ئېيتقاندا، كونا ئۈلگىدىكى شېئىرلارنىڭ بىر خېتى بىرلا بوغۇم ئەمەس،بىر نەچچە بوغۇم،بىرلا سۆز ئەمەس،بىرنەچچە سۆز دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇ. تەرجىمىدە بۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش لازىم.

2. يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىرلار تەرجىمىسىدە

يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىرلارنىڭ بوغۇم سانىنى بىر تەرەپ قىلىشتا يۇقىرىدىكى ئۇسۇلدىن باشقىچىرەك ئۇسۇل قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ .خەنزۇ تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدىكى،خەنزۇ تىلى تاق بوغۇملۇق سۆزلەردىن تەدرىجى ھالدا كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلغان.ھازىر خەنزۇ تىلىدا سۆز ئاتالغۇ مەسىلىسىدە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلەنمەكتە. شېئىر تەرجىمىسىدە كونا ئۈلگىدىكى شېئىرلارنىڭ بىرخېتى ئۇيغۇرچىغا بىر نەچچە سۆز بولۇپ تەرجىمە قىلىنسا،يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىرلارنىڭ بىر نەچچە خېتى بىرلا سۆز بولۇپ تەرجىمە قىلىنىشى مۇمكىن. قىسقىسى، تەرجىمىدە خەنزۇ تىلىدىكى بىر خەتنىڭ بىر نەچچە بوغۇم بولۇشىمۇ،بىر نەچچە خەتنىڭ بىرەر بوغۇم بولۇشىمۇياكى بىرنەچچە خەت بىلەن بىر نەچچە بوغۇمنىڭ تەڭداش بولۇشىمۇ مۇمكىن.

لېكىن،خەنزۇ تىلىدىكى ھەر بىر خەتنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر بوغۇمغا تەڭ دەپ قاراشنىڭ ئاساسى يوق. خەنزۇ تىلىدىكى يېڭى ئۈلگىدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى شېئىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدىكى خەتلەرنىڭ مۇقىم سانلىق ئۆلچىمىگە ئەمەس،رېتىم دولقۇنى بىلەن ئاھاڭداشلىق ماسلىقىنىڭ ئالاھىدە تۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا، يېڭى شېئىرلارنىڭ مۇزىكىلىق كۆركەملىكىنىڭ جېنى ۋە جەۋھىرى بولغان رىتىم ۋە بوغۇمغا تەڭ ئېتىبار بەرمەستىن،بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇنىڭ بوغۇم سانىغىلا ئېسىلىۋېلىش شېئىرنىڭ مېغىزىنى تاشلاپ، شاكىلىنى ئېلىش بىلەن تەڭ. يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىرلارنى رىتىمىغا، ئاھاڭدارلىقىغا قاراپ ، مىسرا سانىنى ساقلاپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى شۇنىڭغا بوغۇمى ماس كېلىدىغان شېئىر شەكىللىرى بىلەن تەرجىمە قىلىش لازىم.

3. تەرجىمىدە قاپىيە ۋە رىتىم مەسىلىسى

كونا ۋە يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىش سەنئىتىدە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ.قاپىيە مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭدىمۇ كونا–يېڭى ئىككى تۈرلۈك ئۆلچەمگە ئاساسلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

1.كونا ئۈلگىدىكى شېئىرلار تەرجىمىسىدە

كونا ئۈلگىدە يېزىلغان شېئىرلارنى ئومۇمەن ئالغاندا قاپىيىسىنى ساقلاپ، قاپىيىسى قەيەردە تۇرسا، شۇ يەردە قاپىيىلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان تۈزۈك.بۇ قائىدە بويىچە، ماۋزىدۇڭ شېئىرلىرىنىڭ قاپىيىسى ئاساسەن ئەسلى نۇسخىدىكى ئورنىدا ساقلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن، «شۇيدياۋگىتۇ» ئۈلگىسىدە يېزىلغان «ئۈزۈش» دېگەن شېئىرى ئەسلى نۇسخىدا مۇنداق:

才饮长沙水,

又食武昌鱼。

万里长江横渡,

极目楚天舒。

不管风吹浪打,

胜似闲庭信步。

今日得宽余。

子在川上曰:

逝者如斯夫!

风樯动,

鬼蛇静,

起宏图。

一桥飞架南北,

天堑变通途。

更立西江石壁,

高峡出平湖。

神女应无恙,

当惊世界殊。

ئەسلى نۇسخىدا بۇ شېئىر 鱼,步,殊,夫,图,途,胡,殊 خەتلىرى بىلەن قاپىيىلەشتۈرۈلگەن، چوڭ ئىككى كۇپلېتتىن قۇرۇلغان بۇ شېئىر ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە قىسمەن قاپىيىلەر قوشۇلۇپ، باشتىن–ئاخىرئەسلىي نۇسخا ئاساسىدا ئىشلەنگەن. بۇ شېئىرنىڭ تەرجىمىسى (1964–يىلى نەشرى) مۇنداق:

ھېلىلا چاڭشا سۇيىنى مەن ئىچىپ كەلگەن بۇيان،

بۇندىمۇ يېدىم يەنە ۋۇچاڭ بېلىقىدىن تائام،

ئۈزگىنىمدە بۇ ئۇزۇن چاڭجياڭنى مەن توغرى كېسىپ،

چۈشتى چۇنىڭ كەڭ–پايانسىز ئاسمىنى كۆززگە شۇئان.

مەيلى بوران سوقمىسۇن ۋە مەيلى دولقۇن ئۇرمىسۇن،

سۇ ئۈزۈش ئەلا ماڭا باغ سەيلىسىدىن ھەر قاچان.

پەيزىدىن چۆمدى شۇ دەمدە زەپمۇ راھەتكە بۇجان،

بارچە ئۆتكەن نەرسىلەرنىڭ تەقدىرى شۇنداقمىدۇ !–

دەپتىكەن كۇڭزى قاراپ ئاققان ئېقىنغا بىر زامان.

بارىدۇ دەريادا يەلكەن تەۋرىنىپ،

تۇرىدۇ گۇيشەن بىلەن شېشەن تىنچ،

باش كۆتۈردى جاانلىنىپ يۈكسەك پىلان،

بۇ جەنۇب، شىمال ئارا خەندەك بولۇپ تۇرغان ئېقىن–

ئۈستىگە كۆۋرۈك قونۇپ،يوللار ئېچىلدى كەڭ–راۋان.

قەد كۆتۈرمەكتە بۇ دەريا غەربىدە بىر تاش سېپىل،

بوغۇلۇپ ۋۇشەن تېغىنىڭ يامغۇرى ئۈزۈل–كېسىل.

شۇ ئېگىز تاغ قوينىدا سۇ كۆل بولۇپ تۇتقاي ماكان،

ئېھتىمال، سۇ پەرىسى ھېلىمۇ باردۇر ئامان ،

بەلكى ھەيراندۇر بۈگۈن ئۆزگەرگىنىگە يەر–جاھان.

ماۋزېدۇڭنىڭ بۇ شېئىرى ئەسلى «خەنزۇ تىلىدىكى قاپىيىلىك خەتلەر جەدۋىلى» 汉语同韵字简表نىڭ تۆتىنچى تۈركۈمى بولغان گۇسۇ ( 故苏 ) تۈرى بىلەن يېزىلغان. كونا ئۈلگىدىكى شېئىرلارنىڭ قاپىيىسىنى تېپىش ئۈچۈن مەزكۈر قاپىيىلىك خەتلەر جەدۋىلىدىن پايدىلىنىش لازىم.

ئومۇمەن ئالغاندا، ماۋزېدۇڭ شېئىرلىرىنىڭ قاپىيىسى بەزى تەرجىمە ئۈلگىلىرىدە ئۆزىدىكىدەك ساقلانسا، بەزىلىرىدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇزىكىلىق قائىدىسىگە ئاساسەن قىسمەن قاپىيىلەر قوشۇلۇپ تەرجىمە قىلىنغان.دېمەك، قاپىيىنى ساقلاپ تەرجىمە قىلىش بىلەن بىللە، لازىم بولغاندا قاپىيە ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ، قاپىيە قوشۇشقىمۇ بولىدۇ.بۇ ئۇسۇل شېئىرنىڭ مۇزىكىلىقىغا تەسىر قىلمايدۇ،قايتا مۇزىكىلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

2. يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىرلار تەرجىمىسىدە

بۇ خىلدىكى شېئىرلارنىڭ تۇراق، ئۇرغۇ، مۇزىكىلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا قاپىيىسىنى ساقلاپ تەرجىمە قىلىش لازىم. خەنزۇ تىلىدىكى يېڭى ئۈلگىدە يېزىلغان شېېرلارنىڭ ھەر كۇپلىتى 4 مىسرادىن، ئون مىسرادىن، ھەتتا 30–40 مىسرادىنمۇ تۈزىلىدىغانلىرى بولىدۇ. مۇنداق شېئىرلارنى تەرجىمە قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قاپىيىلىرىنى ساناپ چىقىپ، قايسى مىسرالاردا قاپىيىلاشقانلىقىنى بەلگىلەپ ئېلىش لازىم.  بىر كۇپلېتى 30–40 مىسرا بولۇپ كېلىدىغان شېئىرلارنى تەرجىمە قىلغاندا، بىر خىل قاپىيە بىلەن چىقىرىۋېتىش تەس بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ چوڭ كۇپلېتنى بۆلۈپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلىش مۇمكىن.

بىرىنچى، ئىچكى كۇپلېتلارغا بۆلۈپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى.بۇنىڭدا ئەگەر 40مىسرالىق چوڭ كۇپلېتنى تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال دەسلەپكى ئىككى مىسرانى ئۆز ئارا قاپىيىلەشتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن تۆتىنچى مىسرانى باشتىكى ئىككى مىسراغا قاپىيىلەشتۈرىمىز.ئۇنىڭدىن كېيىن، بەشىنچى، ئالتىنچى، يەتتىنچى مىسرالىرىنى ئۆز ئارا ئىچكى جەھەتتىن قاپىيىلەشتۈرۈپ،سەككىزىنچى مىسراغا كەلگەندە ، ئۇنى باشتىكى ئومۇمىي قاپىيىگە قاپىيىداش قىلىمىز. شۇنداق قىلىپ، مۇشۇ تەرتىپ بىلەن ئىچكى–تاشقى قاپىيىلەر ئارقىلىق كۆپ قاپىيىنىڭ مىسراسىغىمۇ، ئاساسىي قاپىيىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەي،باشتىن–ئاخىر تەرجىمە قىلىپ چىقىمىز. بۇ ئۇسۇل بىلەن 40–50 ۋە ئۇنىڭدىنمۇ جىق مىسرالىق كۇپلېتلارنىڭ ئىنتوناتسىيىسىنى، رىتىمىنى، ۋەزنىنى ساقلاپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ.

ئىككىنچى، كىچىك كۇپلېتلارغا پارچىلاپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى.بۇنىڭدا40–50 مىسرالىق شېئىر تۆت مىسرالىق كۇپلىتلارغا بۆلۈنۈپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.بۇ ئۇسۇل بىلەن تەرجىمە قىلغاندا ئومۇمىي ئىنتوناتسىيە ساقلىنىدۇ. لېكىن، باشتىن–ئاخىر بىر خىل بولۇپ كېلىدىغان ئاھاڭدارلىق ئازىيىپ، ئەسلىي نۇسخىدىكى راۋان بېرىلگەن رىتىم ئاجىزلايدۇ.ئەمما شۇنداقتىمۇ، بەزى سۆزلەرنىڭ قاپىيىسى تېپىلمايدىغان ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىشقا، ۋاقىت جەھەتتە ئۇتۇشقا بولىدۇ.

ئومۇمەن ئالغاندا، قاپىيە بىلەن بوغۇم–شېئىرنىڭ رېتىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل.قاپىيە مەسىلىسىدە قاتتىق بولۇش، كەڭمۇ بولۇش، ئاھاڭدارلىققىمۇ،ئۆز ئارا ماسلىققىمۇ ئېتىبار بېرىش لازىم. قاپىيە ۋە بوغۇم –مەزمۇننى ئىپادىلەشتىكى شەكىل. شېئىر تەرجىمىسىدە قاپىيىگە ئەلۋەتتە كۈچ چىقىرىش لازىم. بىراق، مەزمۇننى بۇزۇپ قويماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك.

خەنزۇ تىلىدا قاپىيە ئاساسەن بىر ھەرپتىن(خەتتىن) تۈزۈلىدۇ. يۇنمۇلىرى ئوخشاش قاپىيىلەر، مەسىلەن،海,来,溉,材 قاتارلىق خەتلەر بىلەن ئاخىرلاشقان قاپىيىلەر توق (ھىم) قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. يۇنمۇلىرىنىڭ ئاساسى تاۋۇشلىرى ئوخشاش قاپىيىلەر، مەسىلەن،门,心,人,清قاتارلىق خەتلەر بىلەن ئاخىرلاشقان قاپىيىلەر ئاچ (كەڭ) قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ.قاپىيە توق بولسا،ئاھاڭدارلىق كۈچلۈك بولىدۇ. قاپىيە ئاچ بولسا، ماسلىق ياخشى بولىدۇ.شۇڭا شېئىر`تەرجىمىسىدە ئاھاڭدارلىققىمۇ، ماسلىققىمۇ ئېتىبار بېرىپ، ئاپتور ئەسلى نۇسخىدا نېمىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولسا ، شۇنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.بۇنىڭدىن تاشقىرى، تەرجىمىدە قاپىيىنىڭ تەبىئىي بولۇشى، سۈنئىي بولماسلىقى لازىم. چۈنكى ، شېئىرىيەتتە توقلۇق بىلەن ئاچلىق (ھىملىق بىلەن كەڭلىك)، ئاھاڭدارلىق بىلەن ماسلىق دىئالېكتىك بىرلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

خەنزۇ تىلىدا كونا ئۈلگىدىكى شېئىرلاردا قاپىيىلەشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە قاپىيىنىڭ شالاڭ–قويۇقلىقى ئۆزىنىڭ قوللىنىلغان ئۈلگىسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. يېڭى ئۈلگىدىكى شېئىر، ناخشا تېكىستى ۋە ئادەتتىكى قوشاقلاردا بولسا ئەركىنرەك بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا تەرجىمە جەريانىدا ئاھاڭدارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك شېئىر جۇشقۇنلۇق بولىدۇ، يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.لېكىن شۇنىمۇ ئېتىپ قويۇش كېرەككى، ماسلىق ئاھاڭدارلىققا ئەمەس،ئاھاڭدارلىق ماسلىققا، ئىدىيىۋىلىك مۇزىكىلىققا ئەمەس،مۇزىكىلىق ئىدىيىۋىلىككە، قىسقارتىپ ئېيىتقاندا، شەكىل مەزمۇنغا بويسۇنۇش لازىم.

شېئىر تەرجىمىسىدە ، ئىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال ئەسلىي نۇسخىدىكى شېئىرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، كۇپلېتىنى، ۋەزنىنى ، بوغۇمىنى، تۇراقنى، قاپىيىسىنى، ئاھاڭدارلىقنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، كۆڭۈلدە مۇزىكىلىق تەسىرات پەيدا قىلىش لازىم.شۇنداقلا مەزمۇنغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتورنىڭ پىكىرخىيالىنى،ھېسسىيات

تۇيغۇلىرىنى بىلىش لازىم.شۇنداق قىلىپ، تەرجىمىدە ئاپتورنىڭ ئوبرازلىق پىكىرى نى ئاددىيلاشتۇرماي، شېئىرنىڭ گۈزەل رەڭدارلىقىنى خۇنۇكلەشتۈرمەي، ئۆزىگە خاس كۈچ–قۇۋۋەت، قىزغىن–قايناقلىقى بىلەن دەلمۇدەل ئىپادىلەش لازىم.

.مەنبە : تەتقىقات ماقالىلىرىمدىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 10:40  


مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 608
تۆھپە : 114
توردا: 98
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:16:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئەپەندىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئاپرىن. بۇ ماقالىدىن نورغۇن ھاسېلاتقا ئىگە بولدۇم. ئەمدى ئاددى بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىدە ئاپتۇردىن بىرقانچە سۇئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ.
   1. شېئرىيەت تەرجىمىچىلىكىدە بىرلەمچى تىلىدىن تەرجىمە قىلىش بىلەن ئىككىلەمچى تىللاردىن قىلىنغان تەرجىمىنى تەرجىمە قىلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك.
   2. تەرجىمە پائالىيتى جەريانىدا تەرجىماننىڭ تىل بىلىمىدىن باشقا تىلشۇناسلىق بېلىملىرىگە ئىھتىياجى چۈشەمدۇ-يوق؟
   3. شېئېىريەت تەرجىمىسى يەككە تىللار (مەسىلەن خەنزۇ تىلى)، پۈكۈلمە تېللار(مەسىلەن: رۇس تىلى) ۋە چاپلىشاڭغۇ تىللار( مەسىلەن: تۈركىي تىللار) ئارىسىدا ئىلىپ بېرىلغاندا تەرجىمان ئاھاڭدارلىق يەنى رېتىم مەسىلىلىرىدە قانداق قىينچىلىقلارغا ئۇچىرىشى مۆمكىن؟
    4. غەرب نىڭ «يېڭىچە شېئىرلار» تېپىدىكى نورغۇن شېئرلار ئاۋال خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياكى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاندىن بۇ تېللارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلق ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغىنىدا تەرجىمىدە ۋە تەرجىماندا قانداق نوخسانلار ساقلىنىشى مۆمكىن؟ بۇ تەرجىمە شېئىرلار چەتئەل تىلىدىن خەۋىرى يوق يەككە تىللىق شائىرلارغا قانداق تۇيغۇ بېرىشى مۆمكىن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 22:10  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  419
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ،نەق گەپلەر دېيىلگەن قىممىتى زور ماقالە بوپتۇ!،ئىدىل ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشى ئۇتۇقلۇق بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 527
تۆھپە : 1
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:18:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئۇستازنىڭ ئېسىل ئەمگىكىگە رەھمەت، قېتىرقىنىپ ئۆگنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان قىممەتلىك يازمىكەن. قوشتاغنىڭ سورىغان سوئاللىرمۇ ئەمەلىي سوئاللاركەن، ئۇستازنىڭ جاۋبىنى كۈتىمىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 2
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشتاغ ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ. باشتا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەنكى،مېنىڭ بۇ يازمام يېڭى مۇنبەر ئۈچۈن يېڭى تېما ئەمەس، كونا مۇنبەردىن يۆتكىلىپ كېلىنگەن كونا تېما.ئەسلى كونا مۇنبەردە تورداشلار ئوقۇپ، ئىنكالىرىنى يازغان ئىدى. سىزنىڭ بۈگۈن يېڭى مۇنبەردە قايتىدىن ئوقۇپ ،ئىنكاس يېزىپ ، سوئاللار قويغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.سىزگەكۆپ رەھمەت.مەن قۇربىمنىڭ يېتىشىچەجاۋاپ بېرىپ باقاي،توغرا بولمىغان جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بېرەرسىز.
1. سوئالغا جاۋاپ:مەن بۇ ماقالىدابىرلەمچى تىلدىن قىلىنغان تەرجىمەبىلەن ئىككىلەمچى تىلدىن قىلىنغان تەرجىمە ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارمىدىم ھەم مۇنداق تەرجىمەلەرنى سېلىشتۈرۈپ باقمىدىم.بۇ سوئالغائايرىم ئىزدىنىپ ،مىساللاركەلتۈرۈپ جاۋاپ بېرىش لازىم دەپ قارايمەن.
2. سوئالغا جاۋاپ:بۇ ماقالىدا بۇ سوئالىڭىز ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىپ باقمىدىم.لېكىن،دىيارىمىزداتىلشۇناس شائىر ۋە شائىر تىلشۇناسلار بار. مەھمۇد زەئىدى ۋە غېنىزات غەييۇرانىلار مانا شۇنداق كىشىلەردۇر.
3 . سوئالغا جاۋاپ: بۇ سوئالدا يىلتىزلىق تىل، پۈكۈلمە تىل، قومۇرۇلما تىل، يېپىشقاق تىل ئاراشېئىر تەرجىمىسىدە رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق مەسىلىسىنى سوراپسىز. مەن بۇ مەسىلىدە ، مەزكۈر ماقالەمدەيىلتىزلىق تىل(خەنزۇ تىلى)بىلەن يېپىشقاق تىل(ئۇيغۇر تىلى)ئارىسىدىكى رېتىم،ئاھاڭدارلىق مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتۈم ،دەپ قارايمەن.پۈكۈلمەۋە قومۇرۇلما تىللار ئارا گەپ بولمىدى.بۇ تىللار ئاراتەتقىقات مېنىڭ بۇ ماقالەمدىكى تەتقىقات دائىرىسىگە كىرمىدى.
4 . سوئالغا جاۋاپ: بۇ سوئالدا تىلدىن تىلغا قىلىنغان شېئىر تەرجىمىسى ھەققىدە سوراپسىز. ھازىر شېئىرلا ئەمەس، ھەممەنەرسەخەلقارالىق چوڭ بىر تىلدىن خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇچىغا ئۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ  ھادىسە تىلدىن تىلغاتەرجىمە، دەپ ئاتىلىدۇ.شېئىرىيەتكە كەلسەك ،ئۇمۇ شۇنداق . مېنىڭچە بۇ خىل تەرجىمىنىڭ ئۈنۈملۈك تەرىپىمۇ، ئۈنۈمسىزتەرىپىمۇ بار.بىرياخشى شېئىرتەرجىمە قىلىنىپ ، ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى تىلغا بارغاندا ناچار شېئىرغا ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن،
بىر ناچار شېئىر تەرجىمە قىلىنىپ تۆتىچى تىلغا بارغاندا ئېسىل شېئىرغا ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.مەسىلە تەرجىماننىڭ سەۋىيىسىگە باغلىق.70 -يىللاردا ئاۋكومداتەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا مەلۇم بىر باشلىقنىڭ شېئىرىنى باشتا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇرچىغاقايتا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئاندىن مەتبۇئاتقا بەرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم.
مەن شۇنچىلىك سۆزلەي، رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 21:45  


مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 95
تۆھپە : 2
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:40:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئاكىنىڭ بۇ قىممەتلىك تەلىمىگىمۇ كۆپ تەشەككۈر ، سالامەت بولغايسىز ...

تامغان تامچە تاشنى تېشەر ...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 608
تۆھپە : 114
توردا: 98
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:56:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئاكىنىڭ سۇئاللىرىمغا ئىرىنمەي بەرگەن جاۋابىدىن سۆيۈندۈم. دېمىسىمۇ مىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىم بۇ بىر پارچە ماقالىدە يەتكۈزۈلمەكچى بولغان مەزمۇندىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. ئەلۋەتتە بىر پارچە ماقالىدە ھەممە گەپنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ. مۆمكىن بولسا ئدىل ئاكا ۋە باشقا شېئرىيەت تەرجىمىچىلىكىگە قىزىقىدىغان، بۇ ھەقتە تەجىربىسى بار ئۇستازلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە شئىرلار ھەققىدىكى بايانلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قلىمەن. ئەمدى يۇقارقى سۇئالنى سورىشىمنىڭ سەۋەبى نەچچە كۈن ئالىدا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرستېتىدا بىر خەنزۇ تەرجىمان بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ زات مەخسۇس غەربنىڭ مۇدىرنىېزىم ئۇسلۇبىدىكى يېڭىچە شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىدىكەن. ئۇ گەپ ئارلىغىدا «نىمىشقىكىن، بىز خەنزۇلار غەرىبنى ، جۈملىدىن ياتلارنى ناھايتى چوڭ بىلىمىز، ئۇلارنىڭ نەرسىسىگە قارغۇلارچە چوقۇنىۋالمىز. ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىرىدە ئۆزىمىزنى ئۆلچەپ خۇددى بىزدە بىرەر ھەقىقى نەرسە يوقتەك، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز، ئەمما تەتقىق قىلىپ بىر يەرگە كەلگەندە غەربىنىڭ ئۇ نەرسىلىرىرىنىڭ بىزگە ئانچە يات نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقايدىكەنمىز» دەپ قالدى. ئۇنداقتا ئەشۇ خىل ئاجىزلىققا ئىگە تەرجىمانلارنىڭ تەرجىملىرىدىن زوق ئىلىپ دۇنياغا بىقىۋاتقان ياشلىرىمىز غەرب يېڭىچە شېئىرىيتى ھەققىدىكى قاراشلاردا ئوخشاش خاتالىقلارغا يول قويۇپ قالدۇقمۇ نېمە؟... دەپ ئويلاپ قالدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 2
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:45:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا ئىشتىراك قىلىپ قىممەتلىك پىكىرلەر يازغان ئەزىزلەر قوشتاغ، ي.م.تۇغيان، ئارغۇ،سەنەۋەر، سىلەرگەرەھمەتلەر ياغسۇن. تېنىڭلار سالامەت بولسۇن،كۆرگىنىڭلار ھالاۋەت بولسۇن.

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 973
تۆھپە : 1
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئاكىمىزنىڭ يۇقۇرقى ماقالىسى ئىلمىيلىكى ۋە ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى يۇقۇرى بولغان ياخشى پايدىلىنىش ماتىريالى بوپتۇ.شئېىرىيەت تەرجىمىسىدىكى تىل قانۇنيەتلىرى ۋە تەرجىمە قانۇنيەتلىرىنى چۈشىنىشلىك،مېغىزلىق،راۋان،دەل،قايىل قىلارلىق شەرھىلەپ بېرىپتۇ.تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىغا نۇرغۇن بىلىم بېرەلىگۈدەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش