جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1399 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 0

«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 3
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا



ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستېرانتى)


ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ئەدەبىياتنى دەۋىرلەرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىش كەڭ قوللىنىلىدىغان تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى شۇ دەۋىر بىلەن باغلاپ خاراكتېرلەش، ۋە شۇ يوسۇندا چۈشىنىش، تەھلىل قىلىشنىڭ مۇئەييەن ئىلمىي ئاساسي بار. بىرىنچىدىن، ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەدئىي ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋىرنى چۈشىنىش ۋە بۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشتە ئۇلارنى بىر – بىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلىش ئىلمىي بىر زۆرۈرىيەتتۇر.  يەنە بىرى، بىر پۈتۈن ئەدەبىياتنى مۇئەييەن جەمئىيەت ئىسلاھاتى بىلەن خاراكتېرلەپ دەۋىرگە بۆلۈش بولسۇن ۋە ياكى كالىندار بويىچە مۇئەييەن بىر مەزگىلنى بىرلىك قىلىپ دەۋىرگە بۆلۈش بولسۇن ھەر ئىككىسى تەتقىقاتچىغا ۋە شۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئاتالغۇ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «80后, 80后文学» ئاتالغۇدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنى يەنە «80-يىلىدىن كېيىنكىلەر» دەپ ئاتاشمۇ مۇمكىن. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇنىڭ ئەدەبىياتنى دەۋىرلەرگە بۆلۈپ تەھلىل قىلىشنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

   جۇڭگو ئەدەبىياتى يېڭى ئەسىر كىرىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئىنتايىن جانلىنىپ، ئەنئەنىۋىي ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىدىن باشقا يەنە تورنى سەھنە قىلغان «تور ئەدەبىياتى»، ئىشلەمچىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان «ئىشلەمچىلەر ئەدەبىياتى»، شۇنداقلا قىزغىن ياشلىقنى ئاساسىي تېما قىلغان «80-يىلىلىقلار ئەدەبىياتى»غا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات توپلىرى ئۆزىنى نامايەن قىلىپ جۇڭگو يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردى.

   «80يىللىقلار» دېگەن بۇ بىر دەۋىر ئۇقۇمىنى ئەدەبىياتقا تەتبىقلاش توغرىسىدا ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنى ئانچە ئىتىراپ قىلمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.[1] ئەمما بىز «80-يىللىقلار»نىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئورنىنى قانچە تالاش –تارتىش قىلغانسېرى ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە تەسىرى شۇنچە كۈچىيىپ باردى. ھەتتا «80-يىللىقلار»(80后) دېگەن سۆز ئىلىمىز جەمئىيىتىدە مودا بولغان بولۇپ، 2008-يىلى 4-ئايدا «بەيدۇ»، «گۇگول» قاتارلىق ئىزدەش تورلىرى ئارقىلىق بۇ سۆزنى ئىزدىگەندە، نەتىجىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 39مىليون يۈز مىڭ، 2مىليون 130مىڭ پارچە ئۇچۇر بولغان.[2]  دېمەك، تېخى مەيدانغا كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بۇ ئۇچۇر سۇپىسىدا «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىش چاستوتىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. يەنە بەزىلەر ئاددىيلار قىلىپ، ئىلىمىزدىكى ئاساسىي جەمئىيەتتە يۈزگۈزىلىۋاتقان ئون يىللاپ دەۋىرگە بۆلۈش ئۇسۇلى بولغان «50-يىللار»، «60-يىللار»، «70-يىللار» دېگەنگە ئوخشىغان دەۋىر بۆلۈشكە ئوخشاشلا، ئەدەبىياتنىمۇ تەبىئىيلا «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» دەپ بۆلسە بولىۋىرىدۇ دەپ قارايدۇ.[3]ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسىي بار بولۇپ جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ئادەملەرنىمۇ، جەمئىيەت خاراكتېرىدىن چىقىپ تۇرۇپمۇ بىر قانچە ئەۋلاتقا بۆلۈشمۇ مۇمكىن.

   ئامېرىكىمۇ 1980-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە تۇغۇلغان بىر ئەۋلاتنى « Yئەۋلات»  دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن ئاۋالقىلارنى «ئالدىنقى ئەۋلات» دەپ ئاتاپ، ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنى « Xئەۋلات» دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. «ئالدىنقى ئەۋلات» ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «ھاياتى خىزمەت ئۈچۈن ئۆتكەنلەر» بولۇپ، ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە خىزمەت بىلەن ئائىلە ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ بىر ئەۋلات ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى ياراتقان. « Xئەۋلات» بولسا «خىزمەت ھايات ئۈچۈن» دەپ قارىغانلار بولۇپ، بۇلار شەخىسنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا، قىزىقىشىغا، غايىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۆزى خالىغان خىزمەتنى قىلىش، خالىمىغان خىزمەتتىن ۋاز كېچىش، ھاياتتا ئەركىن ياشاشنى قوغلىشىش ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارالغان. « Yئەۋلات» بولسا، ئالدىنقىلاردىن تېخىمۇ شەخىسنى تەكىتلەيدىغان بولۇپ، ئۆزى ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان ئىشلارنى، ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.[4] مانا بۇ ئوخشىمىغان دەۋىر ئادەملىرىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئايرىشنىڭ ئاددى بىر ئەندىزىسى.

   بېراق جۇڭگو جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، «80-يىل» بىر دەۋىر بۆلگۈچ مەزگىل ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 80-يىل جۇڭگۇ جەمئىيىتدىكى زور بىر قېتىملىق جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. 1978-يىلى پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، «ئىسلاھات»، «ئىشىكنى ئېچىۋىتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، «10 يىللىق قالايمىقانچىلىق دەۋرى» كەلمەسكە كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنلا جۇڭگۇ جەمئىيىتى ساغلام ئىسلاھات دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىقتىساد جانلىنىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ ئىشلىرىدىكى تەرەققىياتقا توسقۇن بولىدىغان خاتا قاراشلار يېڭىلىنىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جانلاندى.

   تەتقىقاتچىلار جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن كېيىنكى ئومۇمىي ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشنى 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ۋە 90-يىللارنىڭ بېشىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ چۈشەندۈرىدۇ.[5]

بۇ ئىككى قېتىملىق ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى، بىرى جەمئىيەتتە 78-يىلىدىن تاكى 80-يىللارنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغىچە بولغان «خاتانى تۈزەش»، «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش مەزگىلى بولۇپ، ئومۇمي جەمئىيەتتە، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى خاتالىقلار پاش قىلىنىپ، ناھەق ئەنزىلەر تۈزىتىلىپ، ئۇۋاللىققا ئۇچرىغانلارنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئىلگىرىكى خاتا بولغان سىياسەتلەر، قاتمال قاراشلار چۆرۈپ تاشلىنىپ، دىققەتنى ساغلام بولغان «ئىسلاھات» يولىغا قارىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە مەنىۋىي مەدەنىيلىك تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى ئون يىللاپ ھۆكۈم سۈرگەن خانىۋەيرانچلىق تۈزۈلۈپ، ھەممە كەسىپ، ھەممە ساھەگە «باھار» كەلدى. ئىقتىساد جانلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تېز سۈرەتتە ئەسلىگە كەلدى. بۇ ئجتىمائىي بۇرۇلۇشنىڭ يەنە بىرى بولسا، 85-يىللاردىن باشلاپ، «ئىسلاھات»نىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ ۋە ئەمەلىيلىشىپ، زامانىۋىيلاشتۇرۇش، سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا ئۇدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش كۆرۈلۈپ، سانائەت بەلباغلىرىنىڭ شەكىللىنىپ، بىر قىسىم رايۇنلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى «ھاللىق سەۋىيە»گە يېتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە جانلىنىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن تۈرلۈك ساھەلەرگە كېرەكلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىشى، 90-يىللاردىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن «بازار ئىگىلىكى» ئىسلاھاتىنىڭ دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنى توغرا نىشانغا باشلاپ، بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان سودا مىخانىزىمىنىڭ تىكلىنىشى، كەسىپلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدىن سانائەتكە ئۆتۈش، خەلقئارا سودىنى جانلاندۇرۇپ، سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئوخشىغان يېڭىدىن – يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن روياپقا كەلگەن ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي بازىسنى مەركەز قىلىپ، كۈچلۈك، باي، قۇدرەتلىك، زامانىۋىيلىققا يۈزلەنگەن دۆلەتكە قاراپ ئىلگىرلەشكە قاراپ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي بازىس بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان مەنىۋىي مەدەنىيەت ئىشلىرىمۇ، ماس قەدەمدە يۈكسىلىپ، مائارىپ «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش»نىڭ ئالدىنقى پەن – تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش بازىسىغا ئايلاندى. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خاتا، قىلىپبازلىق چۆرۈپ تاشلىنىپ، ئىلىمىزدە بۇ قىسقىغىنە ئوتتۇز يىلدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت گۈللىنىشى مەيدانغا كەلدى.

   ئەدەبىيات ئىشلىرىدىمۇ 1976-يىلى باھاردا زىيالىيلارنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى شېئىر ئوقۇش پائالىيىتى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. 1978-يىلى 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن جۇڭگو ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ يېڭى بىر باھارىنى كۈتۈۋالدى. ئەدەبىياتتا قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكى تەكىتلىنىپ، ساغلام بولغان رېئالىزىملىق ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.

   مانا مۇشۇنداق دۆلەت كۈچىيىپ، ئىقتىساد گۈللەنگەن، پاراۋانلىققا يۈز تۇتقان، مەدەنىيەت، مائارىپ سەۋىيەسى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆسكەن، ئۇچۇرلاشقان، بازار ئىگىلىكى دەۋرىدەك ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي شارائىتتا، زور كۆپچىلىكى ئىلىمىزنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئائىلىدىكى «يەككە پەرزەنىت» بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلگەن «80-يىللىقلار» ئۆزگىچە ھايات كەچۈرمىشىگە ئىگە بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاتلاردىن زور دەرىجىدە پەرىقلىق بىر ئىجتىمائىي توپ بولۇپ قالدى. ئومۇمەن، «80يىللىقلار» ئۇقۇمى «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش»تىن كېيىن تۇغۇلۇپ، «ئىسلاھات» قەدىمى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، بازار ئىگىلىكى، ئىستىمال مەدەنىيىتى تەسىرىدىكى، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدىكى تۇرمۇشتىن ۋە مائارىپتىن بەھرىمان بولغان، شەخىسنىڭ قىزىقىشىنى، غايىسىنى تەكىتلەۋاتقان، ئىنتىرنېت بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ئالاھىدە بىر ياشلار توپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياشلار توپى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئۆزىنىڭ قىممەت قاراش جەھەتتىكى ئۆزگىچە يۈزلىنىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە كىرىپ كىلىپ، خىلى كۆرىنەرلىك تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپتىكى ئورنىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىنى ئىپادە قىلماقتا.

   «80-يىللىقلار» ئۇقۇمىغا ئوخشاش جۇڭگو ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسىگە ئىگە. «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمى كەڭ ۋە تار مەنىدىكى ئۇقۇم بولۇپ، كەڭ مەنىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» 1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلۇپ، ئىنتىرنېت ياكى نەشىرىي ئەپكارلاردا ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى نامايەن قىلىپ، قۇرداشلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن ئوقۇرمەنلەر توپىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ۋە ئالاھىدە قىزغىنلىق شەكىللەندۈرىۋاتقان ھەر ساھە (مەيلى تور، مەيلى نەشىرىي ئەپكارلاردىكى، ۋە مەيلى «يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى ياكى ئەمەسلەر، ۋە مەيلى «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»[6]گە قاتناشقان بولسۇن ياكى بولمىسۇن) قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئەدەبىيات ھادىسىسىدۇر. كەڭ مەنىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئاپتۇرلىرىنىڭ ياش قۇرامى جەھەتتىن پەقەت 80-يىللىقلارنىلا كۆرسەتمەستىن بەلكى 90-يىللىقلارنىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە يەنە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بەزى تەتقىقاتچىلار ئاز بىر قىسىم ئۆزى 70-يىللاردا تۇغۇلغان ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى، ئىجادىيەت يۈزلىنىشى يىقىدىن «80-يىللىقلار» بىلەن ئوخشاش خاراكتېرلىنىدىغان ياش قەلەمكەشلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىمۇ «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»غا تەۋە دەپ قارايدۇ.[7] تار مەنىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» بولسا، 1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە تۇغۇلۇپ، «بىخ» ژورنىلى 1999-يىلىدىن بۇيان ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»گە قاتناشقان ۋە شۇ پائالىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئەدەبىيات ساھەسىگە تونۇلغان خەن خەن (韩寒)، گوجىڭمىڭ(郭敬明)، جاڭ يۆرەن(张悦然) قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ياش قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيتىنى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرسىتىدۇ.[8]

   «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» گەرچە شەكىللەنگەن ۋاقتى كېيىنرەك بىر ئەدەبىيات ھادىسىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى. 1998-يىلى «بىخ» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»دىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بارغانسېرى يۈكسەلدى، ئۇلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۇلار ئۈستىدىكى تالاش – تارتىشلار چوڭقۇرلىشىپ مەخسۇسلاشقان تەتقىقاتلارغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. ھەتتا، ئەدەبىياتتا شەكىللەنگەن «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئەدەبىياتتىن ھالقىپ، ئىقتىسادشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەن ساھەلىرىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە قەدەر كىڭەيدى.

   ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ جوڭگۇ جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ تۈرۈتكىسىدە، 80-يىلىدىن كېيىن ناھايىتى تېز ۋە كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈردى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر، ئالاھىدە بۇ دەۋىر بىزدىمۇ «80-يىللىقلار»دەل ئالاھىدە بىر توپ شەكىللەندۈرەلىدىمۇ؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ «80-يىللىقلار»دەك ئالاھىدە ئىجادىيەت توپى مەۋجۇتمۇ؟ بۇ توپ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»غا ئوخشىشامدۇ؟ بۇنداق ئىجادىيەت توپى مەۋجۇت بولسا ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى قانداقراق بولىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يۇقارىقى توپ بىلەن دەۋىرداش ياشلارغا «80-يىللىقلار» دېگەن نامنى تەتبىقلاشقا بولامدۇ؟ ئۇنداقتا قانداق تەتبىقلاش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەر بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمىز ھەل قىلىدىغان مەسىلىدۇر.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدا تاكى بۈگۈنگىچە «80-يىللىقلار» ئۈستىدە تېخى گەپ بولۇنغىنى يوق. «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۈستىدە تېخىمۇ شۇنداق. «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاشتا، بىز ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، مۇئەييەن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا، خەنزۇ ئەدەبىياتىدا جۈملىدىن جۇڭگو ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ھادىسىسىغا قاراپلا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئوخشاش دەۋىرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر دەۋىر ياشلىرى بار، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ «80-يىللىقلار» بولىشى كېرەك ياكى چوقۇم بار دېيشى تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيتىلا بىزگە بۇ نەزىرىيەۋىي ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاش ئاساسىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پارتىيەنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى نىسبىي ماس قەدەملىك ئۆزگۈرۈشلىرىگە كۆرە ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ يەنىمۇ قولايلىق ۋە قاراتمىلىق بولىشى ئۈچۈن «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاشمۇ مۇمكىن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»دىن كىلىپ چىقىشى، ئىجادىيەتتىكى نەتىجىسى، خاھىشى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى دېگەندەك تەرەپلەردىن ھەم زور دەرىجىدە پەرىقلىق، ھەم مۇئەييەن ئورتاقلىق ئاساسىغا ئىگە ئالاھىدە ياشلارنىڭ ئىجادىيەت توپىدۇر.

بۇ يەردە بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەتىبىقلاشتا، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ يېتىلىش جەھەتتىكى قىسمەن پەرىق ۋە ئورتاقلىقىنى چۈشىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. گەرچە 80-يىل ئوخشاشلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش مەزگىلى بولغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ئوخشاشلا «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش»، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە ماكرو ۋە مىكرو ئۆزگۈرۈشلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، رايۇن، ئىقتىساد، مىللىي ئەنئەنە، تىل يېزىق، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسى، بۇ ياشلارنى مەتبۇئات ۋە مىدىيە ۋاستىلىرىدە قوللاش تىپىدىكى ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ پەرىقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «ئىسلاھات دەۋرى» دە يېتىلگەن «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئورنىمۇ پەرىقلىق بولۇپ كەلدى. شۇڭا «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ جۇڭگو ئومۇمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى مەنىسى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەنىسى ھەم مەلۇم تەرەپلەردىن ئورتاقلىققا، ھەم پەرىققە ئىگە.

   بۇ خىل ئورتاقلىق ۋە پەرىقلەر تۆۋەندىكىچە :

   بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاشلا «ئىسلاھات، ئىشىكىنى ئېچىۋىتىش»، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە خىلى زور ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىدا ئۈزلىكسىز زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەھىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. مەركەز «غەرىبى رايۇنلارنى ئېچىش» ئىستىراگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايۇنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت ياراتتى. بىراق، رايۇن پەرقى جۈملىدىن، مۇئەييەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن، ئىچىكىرى رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا، رايۇنىمىزدا يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە ئىقتىسادىي  سەۋىيەسىدە پەرىقلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە بەكرەك گەۋدىلەنگەن «80-يىللىقلار» توپى بىلەن رايۇنىمىزدىكى «80-يىللىقلار» توپىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ۋە ئورنىدا پەرىقلەر كۆرۈلدى. شەرقىي رايۇنلاردىكى بىر قەدەر يۇقىرى تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولغان بالىلارنىڭ مەلۇم تەرەپلەردىكى قىممەت قاراشلىرى، قىزىقىش، يۈزلىنىشلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، رايۇنىمىزدىكى ياشلارنىڭ قىممەت قاراش، قىزىقىش، يۈزلىنىشلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە پەرىقلەر بولىشى مۇمكىن.

   ئىككىنچىدىن، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «80يىللىقلار»غا ئوخشاشلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 80يىللاردىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت، مائارىپتىكى گۈللىنىشتىن بەھرىمان بولغان بولسىمۇ، بىراق رايۇن پەرقى جۈملىدىن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن رايۇنىمىزدىكى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيەسىدىن ئېيىتقاندىمۇ ئىچكىرى رايۇنلاردىن پەرىقلىق بولۇپ كەلدى.

   ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار» جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش، تورلىشىشدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئالدىن بەھىرلەنگۈچىلىرى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتدە بولسا، بۇ ياشلارنىڭ تورلىشىش، ئۇچۇرلىشىش ئەھۋالىدا ۋاقىت ۋە ئومۇملىشىش جەھەتتىن خېلى زور پەرىق ساقلىنىپ كەلدى. ئىلمىزنىڭ 2008-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلغان «22-قېتىملىق جۇڭگو ئىنتىرنېت تورى تەرەققىياتىنى سىتاستىكا قىلىش دوكىلاتى»غا ئاساسلانغاندا، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى جۇڭگو تور ئابۇنتلىرى 253مىليونغا يېتىپ، تور ئابۇنتلىرى كۆلىمى جەھەتتە دۇنيادا 1-قاتارغا ئۆتكەن. شۇنداقلا بۇ تور ئابۇنتلىرى ئىچىدە 30 ياش ياكى 30 ياشتىن تۆۋەنلەر ئاساسىي نىسبەتنى ئىگەللىگەپ، 68.6 پىرسەنت بولغان.[9]  ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ئەدەبىياتىدا مەيدانغا چىققان «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئىنتىرنېت تورىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ئىجادىيەت سەھنىسى قىلغان. تور ئۆزىنىڭ ئۇنۋېرساللىقى، ئۇچۇرچانلىقى، ئېچىۋىتىلگەنلىكى بىلەن ياشلارنى ئۆزىگە ئىنتايىن جەلىپ قىلغان بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ياشلار بۇ زامانىۋىي جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى تور دۇنياسىدىن ئىزدىشىپ، تور دۇنياسىنىڭ بۇ ئېچىۋىتىلگەن سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشتى. جۇڭگۇنىڭ «تور ئەدەبىياتى»مۇ ئالدى بىلەن مۇشۇ ياشلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى يېزىقچىلىق پائالىيىتىدىن تەرەققىي قىلىپ رەسمىي مەيدانغا كەلدى.

   جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ «تور دۇنياسىدىكى ئاكىتىپ ئىشتىراكچى، ئەڭ چوڭ يازغۇچى، ئەڭ چوڭ ئوقۇرمەن» ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. «‹80يىللىقلار ئەدەبىياتى›نىڭ ئالدىنقى ئەدەبىيات ئېقىمى، ئەدەبىيات توپلىرىدىن پەرىقلىنىدىغان بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ ‹تورلاشقان، تورغا يۈزلەنگەن›لىكىدە بولۇپ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تور بولمىغان بولمىسا ‹80-يىللىقلار› بولمىغان بولاتتى. تور ‹80-يىللىقلار›غا نىسبەتەن تەۋەللۇت بولغان تۆشەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر كۆتۈرۈلۈپ چىقىشنىڭ سەھنىسى، يېغىلىش سورۇنى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.»[10].

   ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن «80-يىللىقلار»نى خاراكتېرلەشكە توغرا كەلسە، «تورلىشىش، تورغا يۈزلىنىش» ئۇلارنىڭمۇ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولىشى مۇمكىن. بېراق، بۇ يەنىلا پەرىقلىق بولىشى ئېنىق. چۈنكى، رايۇنىمىزنىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمى ئىچكىرى رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا خىلى كېيىن بولۇپ، «96-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە ئۈرۈمچىگە تۇنجى ئىنتىرنېت يېتىپ كەلدى. 97-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو مائارىپ تورى شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ كەلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تورلار شىنجاڭدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتىرنېت بىلەن ئۇچرىشىشى باشلاندى. 99-يىلىدىكى ئۇيغۇلارنىڭ «ماكانىم» تور بېكىتى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تورلىشىشىنى باشلاپ بەردى.»[11]. دېمەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تورلىشىش قەدىمىمۇ ئىچكىرى رايۇنلاردىن سەل كېيىنرەك بولدى. تاكى 2000-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تور بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇقۇمغا ئايلاندى. بېراق، بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كومپىيۇتېر جۈملىدىن تور بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ئىچكىرى رايۇن ياشلىرىدىن ئازراق بولدى. سەۋەبى، ئىچكىرى رايۇنلاردا مەكتەپلەردە كومپىيۇتېر ئومۇملاشقاندىن سىرىت، ئائىلىلەرگە قەدەر كومپىيۇتېر، تورنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى رايۇنىمىزغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولۇپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ زور كۆپچىلىكى ئائىلىلەردە تورغا چىقىش شارائىتىگە ئىگە. لېكىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، رايۇنىمىزدىكى مەكتەپلەردىمۇ كومپىيۇتېر تېخى بۈگۈنگە قەدەر تولۇق ئومۇملاشقىنى يوق. زور كۆپچىلىك ئائىلىلەر ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپىيۇتېر ۋە تور سېتىۋالالمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ياشلارنىڭ كومپىيۇتېرنى بىلىدىغانلار جۈملىدىن تورغا چىقىدىغانلار جىق بولسا تەخمىنەن يىرىم نىسبەتنى ئىگەللىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، تورغا چىقىدىغان بۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك تورخانىلاردىن تورغا چىقىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ تورلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن ۋە كېيىن بولغان.

   تۆتىنچىدىن، ئائىلە مۇھىتى ۋە ئەنئەنىۋىي قاراشلارنىڭ تەسىرى جەھەتتىن پەرىقلىق بولۇپ، ئىچكىرى رايۇنلاردىكى زور كۆپچىلىك ئائىلىلەردە ئىلىمىزنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە «يالغۇز پەرزەنت» بولۇپ، «80-يىللىقلار»نىڭ زور كۆپچىلىكى ئائىلىدە «كىچىك گۆھەر»، «كىچىك پادىشاھ» بولۇپ كەلگەن. ئائىلىدىكى بۇ ئەتىۋارلىقلار بىر قەدەر ئەركە، تۇرمۇشتا نازۇك، غايەپەرەس، شەخسىيەتچىرەك بولۇپ يېتىلىشىگە سەۋەب بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇيغۇر ئائىلىرىدە بولسا ئادەتتە «كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش» ئومۇمىيلىق بولۇپ، بۇ ئائىلىلەردە بالىلار كىچىكىدىن بىر – بىرىگە يول قويۇشنى، مېھىر – مۇھەببەتنى ئۆگىنىدۇ. تۇرمۇشتا ئىچكىرىدىكى ياشلارغا قارىغاندا، رېئاللىققا يۈزلەنگەن بولۇپ، نازۇك تەبىئەتلىك، ئەركىلەردىن ئەمەس. يەنە بىرى، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»غا قارايدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئائىلىدىكى يالغۇزلۇقنى، غىرىپلىقنى ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇ ياشلار ئائىلىدە «يالغۇز پەرزەنت» بولۇپ ئەتىۋارلانغان بىلەن لېكىن ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەلەملىرى بار. يەنى، ئاتا – ئانىلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرگەنلەردە ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغان باشقا قېرىنداشلىرى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى يالغۇزلۇق، غىرىپلىق تۇيغۇسىغا مەنسۇپ بولغان. لېكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك سەل پەرىقلىق بولۇپ، «كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلە»لەردىكى بۇ ياشلارنىڭ يېتىلىشىدە ئۇلارنىڭكىدەك يالغۇزسىراش، غىرىپلىق تۇيغۇلىرى ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس.

   بەشىنچىدىن، جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقشىغا ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللقلار»نىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن كۆپ پەرىقلىق.

   جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا يۇقارقىدەك سىياسى، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرنۈشلەر سەۋەب بولغاندىن سىرت، يەنە ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى خەنزۇچە «بىخ» ژورنىلى 1999-يىلىدىن باشلاپ «يېڭى تەپەككۈر، يېڭىچە ئىپادىلەش، چىن بولۇش» دېگەن پىرىنسىپ ئاستىدا ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»نىڭ ئېلىپ بېرىلىشى، بۇ پائالىيەتنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا ۋامىڭ قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تەنقىدچى ۋە يازغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنىشى، بۇ پائالىيەتنى يەنە «بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى»، «چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى»، «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «فۇدەن ئۇنۋېرىسىتېتى»، «خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنكەي ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى» قاتارلىق يەتتە داڭلىق ئالىي مەكتەپمۇ بىرلىشىپ قوللاپ، مەزكۇر مۇسابىقىدە ئالدىنقى بولغانلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىشى قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەر ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى نەتىجىسىدە جۇڭگو ئەدەبىياتى سەھنىسىدە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ھادىسىسى شەكىللەندى ۋە بارا - بارا ئىتىراپقا ئېرىشتى.

   جۇڭگودا «80-يىللىقلار» ۋە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمى بۇ پائالىيەتتىن سىرىت يەنە 2000-يىللاردىن باشلاپ، «شېئىرىيەت» ژورنىلى، «يۇلتۇز»، «شېئىرىيەت دولقۇنى»، «دېڭىز بوغۇزى»، «بوشلۇق»، «كۆك يۇلتۇز» قاتارلىق ژورناللاردا ئىزچىل ئېلان قىلغان ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن باغلىنىپ كەتتى. 2004-يىلى 2-ئايدا خەن خەن(韩寒)، چۈن شۇ(春树) لارنىڭ ئامېرىكا «دەۋىر» ھەپتىلىك ژورنىلىدا «جۇڭگونىڭ ‹80-يىللىقلار› ۋەكىلى» سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلدى. [12] بۇ خەۋەرنى جۇڭگونىڭ «جۇڭگو ياشلار گېزىتى»، «جەنۇب شەخىس ھەپتلىك ژورنىلى»، «شاڭخەي ياشلار گېزىتى»، «جۇڭخۇا كىتاب ئوقۇش گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ زورايتتى.[13] ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «80-يىللىقلار» ئەسەرلىرىنى ئېچىۋىتىلگەن سەھنە بولغان تور دۇنياسىدا «ئالما دەرىخى»، «تىيەنيا» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تور بەتلىرىدە، بىلوگىلىرىدا تورداشلار بىلەن ئىزچىل ئورتاقلىشىپ تۇردى. بىر قىسىم نەشرىيات سودىگەرلىرى خىلى بالدۇرلا قول سېلىپ بۇ «سەھنە»دىن ئۈزۈپ چىقىۋاتقان، ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەبلەغ سېلىپ نەشىر قىلدۇردى. خەن خەننىڭ 2000-يىلى نەشىر قىلدۇرغان «ئۈچ قات ئىشىك»(三重门) ناملىق رومانىنىڭ سېتىلىشى مىلىيون پارچىدىن ئاشقان بولسا، گوجىڭمىڭنىڭ «خىيالى شەھەر»(幻城)، «چۈش ئىچىدە گۈل توزىسا كىم بىلۇر»(梦里花落知多少) ناملىق كىتابلىرى 2003-يىلى نەشىر قىلىنىپ، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىشى بىر مىلىيون 200 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ كەتتى. «80-يىللىقلار»دىن چۈن شۇمۇ «بېيجىڭلىق بالا»(北京娃娃) ناملىق كىتابىنى ئىنگىلىزچە نەشىر قىلدۇردى.[14] ئەسەرلىرىنىڭ بۇنداق بازارلىق بولىشىمۇ ئۇلارنى نۇرغۇن «كىرىم»گە ئىگە قىلدى. ھەتتا دۇنيا ئىقتىساد ئىستاستىكا ژورنىلى بولغان «فۇبۇس»تا گو جىڭمىڭ «جۇڭگودىكى داڭلىق شەخىسلەر قاتارى»دا 94-ئورۇنغا تېزىلىپ، ئىقتىسادىي كىرىمى بىر مىليون 600 مىڭ يۈەن دەپ كۆرسىتىلدى.[15] 2004-يىلىغا كەلگەندە، كىتابخانىلاردىكى 10پىرسەنىت كىتاب «80-يىللىقلار»غا تەۋە بولسا، ۋامىڭ، شۈخۇا، سۇدوڭ قاتارلىق بۈگۈنكى دەۋىر داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى جەملەنگەندە 10 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن.[16]

دېمەك، جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»نىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، يۇقىرىدا ئېيىتىلغاندەك «بىخ» ژورنىلىنىڭ ۋاڭ مىڭ قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ باھالىغۇچىلىقىدا «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»نى ئۇيۇشتۇرىشى ۋە جۇڭگودىكى داڭلىق يەتتە ئالىي مەكتەپنىڭ بۇلارنى قوللاپ، مەزكۇر پائالىيەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىشى، تور، ئاخبارات، مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ ئۇلارغا دىققىتىنى بېرىپ كەڭ دائىرىدە تەشۋىقى قىلىش، نەشىرىيات سودىگەرلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىدەك ئىجتىمائىي تۈرتكىلەرنىڭ رولىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.

   ئەمدى بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»غا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئانا تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، خەنزۇ ئەدەبىياتىدا شەكىللىنىپ، ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ زىلزىلىسىدىن ئومۇمەن خەۋەرسىز ياكى بىۋاستە خەنزۇچە يېزىقچىلىق قىلىشتا قىينىلىدۇ. بۇ خىل يەككە تىلدا ئىجادىيەت قىلىش ئۇلارنىڭ يۇقارىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ تەسىرى ۋە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قىلغان.

   يەنە بىرى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، مەخسۇس ياشلارغا ئاتالغان مەتبۇئات يوق. ھەتتا ئىسىمدا «شىنجاڭ ياشلىرى» بولغان ژورنالنىڭ ئۇنۋېرساللىقى، ياشلارغا، ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە قاراتىلغان سەھىپىلىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەمما، كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغىنى، «تارىم»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ۋە ھەر قايسى يەرلىك گېزىت – ژورناللارنىڭ ياشلارغا مەلۇم سەھىپە ۋە نىسبەتنى ئاجراتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما باشقا ئاخبارات ۋاستىلرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتدىكى «80-يىللىقلار»غا دىققىتىنى قاراتقانلىقى، ئۇلارنى قوللىغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. نەشرىياتلارنىڭ بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە، بازارنى ئويلىشىپ، زىيان تارتىشتىن قورقۇپ، «نامى چىقمىغان، سويما»لارنىڭ كىتابىنى چىقىرىشىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80يىللىقلار» پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سېلىۋاتقان ياشلاردىن شارائىت جەھەتتىنمۇ پەرىق قىلىدۇ.

گەرچە ئۇلار يۇقارقىدەك ئىجتىمائىي ئارقا كۆرىنىش سەۋەبىدىن، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»دىن پەرىق قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېتىلىۋاتقان، يېڭىدىن – يېڭى ئىجادىيەتلىرى بىلەن، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولىۋاتقان، ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان ياشلار بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىقات دىققىتىمىزدە بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» ۋە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمى خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى «80-يىللىقلار» ۋە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»دىن پەرىقلىنىدۇ. يەنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80يىللىقلار» - كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئومۇمەن 1978-يىلى پارتىيەنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن تاكى 90-يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە تۇغۇلغان، يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە مەتبۇئاتلىرىمىز ۋە تور ئەدەبىياتى سەھنىسىدە ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىۋاتقان ياشلارنى كۆرسىتىدۇ. تارمەنىدىكى «80-يىللىقلار» ئۇقۇمى بولسا، گەرچە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»گە قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى ئەسىر كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە يېڭى قان بولۇپ كىرىپ كىلىۋاتقان 1980-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بولغان ئون يىلدا تۇغۇلغان بىر تۈركۈم ئۈمىدلىك ياشلارنى كۆرسىتىدۇ. دەل بۇ ياشلارنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا مەيلى مەتبۇئات، مەيلى تور ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىۋاتقان ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»نىڭ ئىچكى مەزمۇنىدۇر.

بىزنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى  بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەبىقلىشىمىز بۇ ياشلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئالاھىدە ئېقىم «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»نى مەيدانغا كەلتۈرگەن ياشلار بىلەن قۇرداش بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى نەتىجىلىرىنى بىر قېتىم باھالاپ چىقىش ۋە ئۇلار ئۈستىدىكى تەھلىللىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئىلھام بېرىپ، كەم تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ تۈرىتكە بولۇشتىن ئىبارەت.




پايدىلانغان ماتېرىياللار :

1. خې جوڭمىڭ :«جۇڭگو ئوبرازى - 20-ئەسىر ئاخىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىسىكىنى تەكشۈرۈش»، مەركىزى تەرجىمە - تەييارلاش نەشرىياتى، 2002-يىل 1-نەشىرى

2. خۇ جىنتاۋ :«پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆز»، شىنخۇا تورى

3. پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپى ماگىستىرانتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى توغرىسىدا سۆھبەت» ناملىق سۆھبەت خاتېرىسىدىن

4. «ئەدەبىيات – سەنئەت تەنقىدچىلىكى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان

5. «كۆزىتىش ۋە مۇلاھىزە» ژورنىلى، 2008-يىللىق 9-سان

5. «جىياڭشى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2009.6

7. «ئەدەبىيات پاراڭلىرى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان

8. «بۈگۈنكى ئەدەبىيات مۇنبىرى» ژورنىلى، 2008-يىللىق 4-سان

9. «شەندۇڭ ئەدەبىياتى»، 2009-يىللىق 7-سان

10 «خۇبېي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى»ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 3-سان

11. شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان

12. «نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىتىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى»، 2008-يىللىق 3-سان





[1]  جىياڭ بىڭ :«‹80يىللىقلار ئەدەبىياتى›نىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى»، «ئەدەبىيات – سەنئەت تەنقىدچىلىكى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان، 40-بەت.


[2]  بى مەن :«ئەدەبىياتنىڭ دەردى ۋە ئەدەبىيات «روھى»نىڭ قايتىشى»، «خۇبېي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى»ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 3-سان، 88-بەت.


[3]  جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ مىدىيەدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 27-بەت.


[4]   جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 27-بەت.


[5]  خې جوڭمىڭ :«جۇڭگو ئوبرازى - 20-ئەسىر ئاخىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىسىكىنى تەكشۈرۈش»، مەركىزى تەرجىمە - تەييارلاش نەشرىياتى، 2002-يىل 1-نەشىرى، 20-بەت


[6]  «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى» - خەنزۇچە «بىخ» ژورنىلى 1999-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيۇشتۇرغان ‹يېڭى تەپەككۈر، يېڭىچە ئىپادىلەش، چىن بولۇش› دېگەن پىرىنسىپ ئاستىدا ئۇيۇشتۇرغان يېزىقچىلىق مۇسابىقە پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تەنقىدچى ۋە يازغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان. كېيىنچە «بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى»، «چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى»، «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «فۇدەن ئۇنۋېرىسىتېتى»، «خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنكەي ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى» قاتارلىق يەتتە داڭلىق ئالىي مەكتەپمۇ بىرلىشىپ، مەزكۇر مۇسابىقىدە ئالدىنقى بولغانلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يېزىقچىلىق پائالىيىتىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچەيگەن. خەن خەن (韩寒)، گوجىڭمىڭ(郭敬明)، جاڭ يۆرەن(张悦然) قاتارلىق «80-يىلىلىقلار ئەدەبىياتى»نىڭ داڭلىق ۋەكىللىرى دەل مەزكۇر پائالىيەتتىن باشلاپ تونۇلغان.


[7]  ۋېي شۈيخۇا :«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى، ياش ۋە كۈلكىلەر بىلەن باسقان ئون يىل»، «كۆزىتىش ۋە مۇلاھىزە» ژورنىلى، 2008-يىللىق 9-سان، 28-بەت.


[8]  يۈەن پىڭ، چى لىنخۇا : «‹روھ سەيلىسى›دىكى مەنزىرە ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئانالىز - ‹80يىلىلىقلار ئەدەبىياتى›ئۈستىدە تىكستلوگىيەلىك تەھلىل مۇمكىنچىلىكى»، «جىياڭشى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2009.6. 126-بەت


[9]  چىن شياۋبو :«تور مۇھىتىدىكى 80يىللىقلار»، «ئەدەبىيات پاراڭلىرى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان، 52-بەت.


[10]  چىن شياۋبو :«تور مۇھىتىدىكى 80يىللىقلار»، «ئەدەبىيات پاراڭلىرى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان، 52-بەت.


[11] پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپى ماگىستىرانتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى توغرىسىدا سۆھبەت» ناملىق سۆھبەت خاتېرىسىدىن.


[12]  شى زىبىڭ، شاۋنىڭنىڭ :«‹80-يىللىقلار›دىن كېيىن ‹90يىللىقلار›پەيدا بولمايدۇ»، «بۈگۈنكى ئەدەبىيات مۇنبىرى» ژورنىلى، 2008-يىللىق 4-سان


[13]  جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 27-بەت.


[14]  جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 28-بەت.


[15]  ۋاڭ مەن :«‹80يىللىقلار›نىڭ شەكىللىنىشىدىكى مەدەنىيەت كونتېكىستى ئۈستىدە تەھلىل»، «شەندۇڭ ئەدەبىياتى»، 2009-يىللىق 7-سان


[16]  شۇچىڭ :«يېزا تېمىسىنىڭ ‹80-يىللىقلار ئەدەبىياتى›دىن چەتتە قىلىشى ئەھۋالى ئۈستىدە تەھلىل»، «نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىتىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى»، 2008-يىللىق 3-سان، 110-،111-بەتلەر.




«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 10-سانىدا ئېلان قىلىنغان.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 20:15  


ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش