جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 81|ئىنكاس: 6

ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا شامانىزم ئېلاھىيەتچىلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 17:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا شامانىزم ئېلاھىيەتچىلىكى

  
                    ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن


    ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ئىپتىدائىي ئىلاھىيەتچىلىك قاراشلىرىدىن كېيىن تېئىزملىق دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك قاراشلىرى شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى،ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ ئۇزۇن ساقلانغان ئېتىقاد شەكلى شامانىزمدىن ئىبارەت. شامان دىنىنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقى ئارىسىدا قاچان باشلانغانلىقى مەلۇم ئەمەس.ئەمما شامان ئېتىقادىنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى شارائىتىدا ئانىمىزمنىڭ ياخشى ـ يامان روھلار توغرىسىدىكى قاراشلىرىدىن ئۆسۈپ چىققانلىقى،ئۇنىڭ بۇددا ۋە مانىخ دىنلىرى ئۈستۈنلىكنى ئالغانغا قەدەر ئاتەشپەرەسلىك دىنى بىلەن بىللە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانلىقى،ئۇنىڭ سارقىندىلىرى يېقىنقى زامانغىچە داۋاملاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.
    شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى ئالەمنى تەبىئەت ۋە جىن مۇئەككەللەرنىڭدىن ئىبارەت ئىككى قاتلام بويىچە ئىزاھلاش شامان ئىدېئولوگىسىنىڭ ئاساسىدىن ئىبارەت.شامانىزم ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا(جۈملىدىن جەنۇبىي سىبىرىيە)خەلقلىرىنىڭ ئانىمىزملىق قاراشلىرى بويىچە بارلىق جىن ـ مۇئەككەللەرنى ئادەمگە،ئۇرۇق ۋە قەبىلىگە مەنپەئەتلىك ياكى زىيانلىق بولۇشىنى ئۆلچەم قىلىپ،ياخشى ـ يامان تۈرلەرگە ئاجراتتى.ئۇلار ئىنسانى ئۆلچەم ۋە مەركەز قىلغان ھالدا ئالەمنى ئۈچ قاتلامغا ئاجرىتىپ ئىزاھلاشتى.ئاسمان ـ تەڭرىلەر،ياخشىلىق ۋە ساخاۋەتلىك مۇئەككەللەر تۇرىدىغان دەرگاھ بۇلۇپ،ئۇ سىغىنىش، مەدھىيلەش،تىلاۋەت ۋە مۇناجەت ئوبيېكتى ھېسابلىناتتى. يەر يۈزى ـ ئىنسانىيەت ماكانى بۇلۇپ، يەر ئاستى ـ جىن، ئالۋاستىلار دۇنياسى ھېسابلانغانىدى.ئۇلار قارغىش دۇئايى بەد،ئەفسۇن ئوبيېكتى بولغانىدى. شامان ئېتىقادىدا ياخشىلىق،ساخاۋەتلىك تەڭرى، مۇئەككەللەر ئىنسان قىياپەتلىك تەسۋىرلەنگەن، ھۈر ـ پەرىلەر ئوبرازىدا يۈزلىگەن گۈزەل ئەپسانىلەر مەيدانغا كەلگەن. جىن ـ ئاۋاستلار خۇنۈك ھايۋان قىياپەتلىك تەسۋىرلەنگەن،يەتتە باشلىق يالماۋۇز،《 ئالۋاستى 》(ئالقارىسى)، كۆپ باشلىق ئەجدىھا ـ يىلان،قورقۇنچلۇق تىكە ساقال ئالۋاستى ئوبرازىدىمۇ كۆپلىگەن ھېكايە ـ چۆچەكلەرنى توقۇلغان.
    شامان دىنى ئىپتىدائى ئانا ئۇرۇقى ئاخىرلاشقاندىن باشلاپ تېخىمۇ تاكامۇللاشتى. قەبىلىچىلىك مۇھىتىدا بىر پۈتۈن روھىيەت سىستىمىسىغا ئايلاندى.ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى مۇنداق ئىدى.
  1.ئالەمنىڭ يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغاندەك ئۈچ قاتلامغا ئايرىلىپ ئىلاھلاشتۇرۇپ ئىزاھلىغانلىقى؛
  2.مەخسۇس ئىنسان مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۇقىرىدا تەڭرىلەر، تۆۋەندە جىن ـ ئالۋاستىلەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ۋاستىچى ـ قامان (شامان)باخشىلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى؛
  3.شامان باخشىلىرىنڭ ئادەملەر بىلەن جىن ـ ئالۋاستىلار ئارىسىدىكى 《يىغىن》(مەجلىس) پائالىيىتى. شامان باخشىلىرى تەڭرى ئىسمى ئاتالغان مەلۇم كىشى(كېسەل،موھتاج)گە قايسى جىن ـ ئاۋاستىنىڭ ھەتتا يامان ئەرۋاھنىڭ چېپىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش،ئۇنى قارغاش،ياخشى ياكى قۇدرەتلىكرەك باشقا روھلارنى ياردەمگە چاقىرىپ، جاھىل جىن ـ ئالۋاستىغا قارشى ئەفسۇن ئوقۇپ،قۇرال كۆرسىتىپ،ئوت چېچىپ،سېھىرگەرلىك قىلىش؛ئۇزۇنغىچە روھلار دۇنياسىغا ئەۋەتىش؛ماكانسىز ۋە ئىگىسىز قالغان روھلارنى تاختىدىن ياسالغان سۈرەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش؛تۇغۇت،نۇمۇس ۋى گۈزەللىك تەڭرىسى《ئايزىت》غا دۇئالار ئوقۇپ تۇغۇتنى يەڭگىللىتىش؛باشقا كېسەلدىن كېلىپ چاپلىشىۋالغان يامان روھنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۇرۇندايتتى.
  4.شامان باخشىسىنىڭ بىر قاتار سېھرىي دراماتىك ۋە ناخشا ـ ئۇسسۇللۇق،ئەم ـ ئىرىملىك،قائىدە ـ مۇراسىملىق پائالىيەتلەرنى گەۋدىلەندۈردىغانلىقى؛
بۇ بىر نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. شامان باخشىسىنىڭ پۈتۈن پائالىيىتى نوقۇل ئىبادەت ۋە تىلاۋەت بىلەن،روھىي ۋەزمىنلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدىغان دىنىي ئىستىقامەت بىلەن چەكلەنمىگەن. ئۇبىر قاتار دىئالوگ،مونولوگ ۋە دراماتىك پائالىيەتلەر بىلەن ئىپىدائىي دراماتىك سەنئەتنى راۋاجلاندۇرغان.ئۇ قوللىرىغا خەنجەر ،چاچاتقۇ ئوت،داپ ۋە جىڭراتقۇ(ساپايى)ئېلىپ،سۆزلەپ ـ سوراپ،ناخشىلار ئوقۇپ،پىرى پىرقىراپ ئۇسسۇل ئويناپ،ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان.بۇنداق قىلىش كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېڭىنىلا ئەمەس،ئېستېتىك ھېسىياتىنىمۇ قانائەتلەندۈرۈپ،ئازادىلىك ھاسىل قىلغان.ئۇ چالغۇ قۇراللىرى ۋە ناخشا ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى يەنە بىر شەكلىنى تەشكىل قىلغان.
    شامان دىنىدىكى ئەم (ماددىي داۋالاش)،ئىرىم(روھىي داۋالاش) قەدىمكى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقىنىڭ تېببىي تەجربىلىرىگە ئاساسلانغان ھالدا، ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇردى. ئوت، ئىسرىق، دۇتلاش، ھورداش، گۈڭگۈرتتىن ئەملەش، چېچەك ئەملەش، داغماللاش، ئەتىر ئىشلىتىش، قان چېكىش، ئىلغا ئېلىش، تېرىگە ئېلىش، تەرلىتىش، ئىچىنى سۈرۈش،پىرى ئوينىتىش، ئوچۇقداش، يۇمداش، ماسساژ قىلىپ تۇتۇش، تېڭىش ھەتتا كىچىك ئوپىراتسىيە قىلىش قاتارلىقلار شامان ئېتىقادىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تىبابەتچىلىك ئەمەلىيىتى بولۇپ قالغانىدى.
شامان دىنى مۇراسىملار، قۇربانلىق ۋە ئىستىقامەت قىلىش،ھېيىت – ئايەم،پال ئېچىش،يۇلتۇزغا بېقىش چۈشكە جۇرۇش ۋە باشقىلارغا ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن ئېتنىك تۇرمۇشنىڭ شامانىزملىق دۇنيا قاراشنى چۆرىدىگەن ئىدېئولوگىيلىك قۇرۇلما ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. شامان ئېتىقادى خەن سۇلالىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.خەن ۋۇدى كېسەل بولۇپ،داۋا ئۈنۈم بەرمىگەندە، بۇنى شامان باخشىلىرىنىڭ قەستلىشىدىن بولغان دەپ ھېسابلاپ باخشىلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.بۇ ئىش شاھزادىگە تۇتىشىپ، شاھزادە خەن ۋۇدىغا قارشى قۇراللىق ئىسىيان قوزغىغان. پايتەختتە كوچا جەڭلىرى يۈزبېرىپ،كۆپلەپ كىشى ئۆلگەن.ئاخىرى يېڭىلگەن شاھزادە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.خەن ۋۇدى پەرمانى بىلەن جياڭ چوڭ (江充) ناملىق ئەمەلدار تۇتۇپ ئىشلىگەن بۇ ۋەقە تارىختا 《شامان ئاپىتى》ۋەقەسى دەپ ئاتالغان.
     خەن ۋۇدى پەرغانىگە ئەۋەتكەن قوشۇنلارنىڭ باش سەردارى مەشھۇر ئەرشى سانغۇن لى گۇڭلى ھونلارغا تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ھون تەڭرىقۇتى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى.بۇ ئىشقا شۇنداق تەسلىم بولغان سانغۇنلاردىن ۋېي لۇ يىنىڭ ھەسەتخورلىقى ئېشىپ كەتكەن.بىر قېتىم تەڭرىقۇتنىڭ ئانىسى قاتتىق ئاغرىغاندا ۋېي لۇيى بىر باخشىنى سېتىۋىلىپ تەڭرىقۇتنىڭ لى گۇاڭلىنى يېقىن كۆرۈشنى تەڭرىقۇتنىڭ ئۆلگەن دادىسىنىڭ روھى خالىماي قاتتىق غەزەپلەنگەچكە تەڭرىقۇتنىڭ ئانىسى قاتتىق ئاغرىغان،دەپ جوراپ ئاقىۋەتتە لى گۇاڭلىنى قەتلە قىلدۇرۋەتكەن. ۋ.ۋ.رادلوۋ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي،سىبىرىنىڭ غەربىي جەنوبىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ساقلانغان شامانىزم قالدۇقلىرىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى فولكلور قوشاقلىرىنى توپلاپ《شامانىزم ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد》ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى.
شامانىزم دەستۇرى بولمىغان،مۇكەممەل بىرلىككە كەلمىگەن.ئۇ يىراق شەرق،سىبىرىيە،ئورال ـ ئالتاي، ئوتتۇرا مەكىزىي ئاسىيا خەلقلىرىدە يۇقىرىدىكى تۆت ئورتاقلىق ئاساسىدا ھەرخىل مىللىي ۋە يەرلىك ئالامەتلەرگە ئىگە بولغان.ئۇنىڭ بەزى سارقىندىلىرى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيە تارىخىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىغا سىڭىپ كەتكەن، ئۆزلەشكەن.


   《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》كىتابىدىن ئېلىندى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 476
تۆھپە : 5
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ئەسىرىنى يوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتولۇن يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 13:49
مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ئەسىرىنى يوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈ ...

مەن ئىزچىل ئالىمنىڭ ئەسەرلىرنى مۇشۇ مۇنبەرگە توپلاۋاتىمەن.ئەمما باشقىلار قىزغىن ئەمەس!ھەممىمىز تەڭ تىرشسساق،پايدىلندىغانلارغا قولايلىق ياراتساق!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 476
تۆھپە : 5
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:57:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش قىيىن بولغاندىكىن، باشقىلار سوغۇققان مۇئامىلە قىلىۋاتسا كېرەك.  ئەمما يەنىلا يوللاۋىرىڭ. ھەر قېتىم ئوقۇسام، ئىلگىرى ئوقۇپ باقمىغاندەك، يېڭىچە تەپەككۇرغا چۆكىمەن. ھارمىغايسىز.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:59:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتولۇن يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 13:57
بۇ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش قىيىن بول ...

رەھمەت!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 637
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:51:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشۈنۈش ئانچە قىيىن ئەمەس،ئۇ ئىزچىللىق ۋە كاللىدىكى مەسىلە....


مەن ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرە يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 14:51
مېنىڭچە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشۈنۈش ئانچە قىيىن ئەمە ...

توغرا!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش