جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1363 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 8

بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قانچە يېڭى يۈزلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 6
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قانچە يېڭى يۈزلىنىش

ئايسىمە ئىدىرىس  ئامانگۈل ئىمىن
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە نوقتىلىق قىلىپ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرى ۋە مەزمۇن قاتلىمىدا يۈز بىرىۋاتقان بەزى يېڭى يۈزلىنىشلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى؛ يېڭى يۈزلىنىش؛ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىك ئەدەبىيات؛ ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتى.


ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرى ۋە ئىچكى ئامىلى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ توختىماستىن ئۆزگىرىش ياسايدۇ. ئۆزگىرىش- دەل ئەدەبىياتنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى جانلىق ئىپادىلىنىشى. ھەر بىر دەۋردە شۇ دەۋرنىڭ ئەدەبىياتى بولىدۇ. كونا ئەدەبىيات شەكىللىرى خاراپلاشسا يېڭى ئەدەبىيات شەكىللىرى پەيدا بولىدۇ ۋە گۈللىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ دەسلەپتە «ئوغۇزنامە»، «ئوماي ئانا»،«تۇمارىس»، «شىراق» قاتارلىق ئەپسانە- رىۋايەتلەر پەيدا بولغان بولسا، كېيىنچە «ئۇر توقماق»، «ئالتۇن كەش»، «ياغاچ ئات» قاتارلىق رېئاللىق تۈسى قويۇق بولغان نادىر خەلق چۆچەكلىرى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭغا ياندىشىپ خەلق قوشاقلىرىمۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ بولۇپ قوشۇلدى. ئوتتۇرا ئەسىردىن ھالقىغان يازما ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داستانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچتى. ناۋايى داستانچىلىقتا «خەمىسە»نى چاقناتقاندىن كىيىن، كىيىنكى دەۋرلەردە ناۋايى  داستانلىرىغا  تەقلىت قىلىنغان داستانلارمۇ، مۇستەقىل يېزىلغان داستانلارمۇ بارلىققا كەلدى. داستانلار  رومانتىزىمدىن رىئالىزىمغا قاراپ يۈزلىنىپ «رابىيە- سەئىدىن»، «غازات دەر مۇلكى چىن» (چىن مەملىكىتىدىكى جەڭ)، «نۇزۇگۇم»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» قاتارلىق مۇنەۋۋەر داستانلار يېزىلدى. ئەڭ مۇھىمى ئەدەبىياتتا ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىياتنىڭ چەك چېگرىسى ئاجرىتىلىپ، يازما ئەدەبىيات خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئوزۇقلىنىپ ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇكەممەل ئۇل ھازىرلىدى.  بۇ خىل ھالەت دەل بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. لېكىن، غەرپلىشىش شامىلىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلېرىنىڭ   ئائىلىلەرگىچە يامرىشى ئەدەبىياتتا يېڭى بىر تەرەققىيات ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل غەيرى تەرەققىيات بىر قارىماققا ئەدەبىياتنىڭ چەتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك قىلسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئەدەبىياتقا يېڭى بىر تەرەققىيات يولىنى ئاچتى. ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى كېڭەيتتى. ئۇنى ئاۋامغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ ئەدەبىياتنى پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانغا ئايلاندۇردى. بۇ خىل ئۆزگىرىشنى ئەڭ دەسلەپ ئامرىكا ئەدەبىياتشۇناسلىرى بايقىغان بولۇپ ئۇلار بۇ خىل ئۆزگىرىشنى «ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىدى. چۈنكى، دەۋر تەرەققىياتى ئەدەبىياتنى قەغەز ۋاستىسى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئىپادىلەشتىن كىشلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاللىقاچان يۈزلەنگەن ئېلىكتىرونلۇق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىغا كۆچۈشنى تەقەززا قىلدى. ئەلۋەتتە جاھان ئەدەبىياتىنڭ  بىر ھۈجەيرىسى سۈپىتىدە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرشىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ بۇ خىل يۈزلىنىشتىن خالى بولالمىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەنئەنىۋىلىككە قاتتىق چوقۇنىدىغان، زامانىۋىلىققا ئىنتىلىدىغان ئۆزگىچە خاراكتىرنى ساقلاپ قالغان بىر ئەدەبىيات بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن جاھان ئەدەبىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، ئۆزىدە يېڭى دەۋرگە خاس بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ياسىدى.يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە ئىچكى ئەھۋالىدا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە:
1. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆڭۇل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان، توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان ئەدەبىيات. ئۇ ئەنئەنىۋى تون بىلەن زامانىۋى دەۋردە  باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا كۆز تىكىپ، دۈنيا ئەدەبىياتى بىلەن ماس قەدەمدە  مېڭىشنى ئىزدەپ ئاخىرى ئېلىكتىرون دەۋرىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن خىرىس ۋە تەقەززاسىدىن خالى بولالمىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئاستا-ئاستا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىدى. بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرگە زوق بېرىش  ئالاھىدىلىكى ئەدەبىياتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. يەنى ئەدەبىيات كىنو، تور، سەنئەت بىلەن بىرلىشىپ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرى كۈچلۈك زامانىۋى ئەدەبىياتقا ئايلاندى. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئەدەبىياتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىگە قاراپ يۈزلىنىشى بىر مۇھىم ئۆزگىرىش.  بەزىلەر كۆڭۈل ئېچىش  خاراكتىرىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرگە ئاتا قىلىدىغان ئالىجاناپ روھى ۋە يۈكسەك ئىدىيەسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىشىدىن ئەنسىرىشى مۈمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ زورۈرىيىتى يوق. قەدىمددىن ھازىرغىچە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئەزەلدىن كۆڭۈل ئېچىش روھى كەم بولۇپ باقمىغان. مەسىلەن: بىزدىكى مەشرەپ سورۇنلىرىدىكى ھەر خىل بېيت- قوشاق ئېيتىشىشلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى. شۇڭا بىز كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىنى ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ئېلمېنېتى دەيمىز. ئەدەبىياتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى ھەققىدە مەشھۇر خەنزۇ يازغۇچىسى جاڭ شەنلىياڭ «مەن ئەسەرنى ئويۇن ئۈچۈن يازىمەن، ئەگەر مەن يېزىپ بولسام ئويۇنمۇ ئاخرلىشىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئاستا يېزىشىم كېرەك»① دەيدۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ ئەدەبىياتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىك يۈزلىنىشى مەملىكەت خاراكتىرلىك چوڭ يۈزلىنىش. بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىك يۈزلىنىشنى   تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىدىن روشەن ھىس قىلالايمىز:
1) ئەدەبىياتنىڭ كىنولىشىشى: بۇ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىيات ئاساسى ئېقىمىنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى بۇرۇلىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يلىلىرىدىن بۇيان كىشىلەر ئەدەبىياتنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى 20-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدا ئەدەبىيات قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ، كىتابلار ئاز بولسىمۇ كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. كېچە- كېچىلەپ كىتاب ئوقۇيدىغانلار، يېڭى كىتابقا تەشنا بولۇپ كىتابخانىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەت بولۇپ كىتاب سېتىۋالىدىغان ھالەتنى دائىم ئۇچراتقىلى بولاتتى. ياخشى كىتابلارنى  ئۆتنە يېرىم قىلىپ ئوقۇش ئادەتلىرىمۇ بار ئىدى. بۇنى شۇ دەۋردىكى گېزىت -ژورناللارنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىدىنلا بىلگىلى بولىدۇ.
   20-ئەسىرنىڭ 90- يىللارغا كەلگەندە كىنو- تېلىۋىزىيەنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇشقا باشلىدى. كىشىلەر سائەتلەپ كىنو، تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشكە  رازى بولدىكى، كىتاب ئوقۇشقا مىنۇت ۋاقتىنى ئاجرىتىشتىقىمۇ ئېرىنىدىغان بولۇپ قالدى.  بۇ خىل يۈزلىنىش كىنو تېلىۋىزىيە سودىگەرلىرىنىڭ بازىرىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ كىنولىشىشقا قاراپ ماڭدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەرلەر ،مەسىلەن: « قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، «ئاماننىساخان»، «غېرىپ سەنەم»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «داپ»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ساراڭ»، «موللا زەيدىن»، «بۇ چۈش ئەمەس»، «ۋاپادارلىق»، «دولان ياشلىرى»...قاتارلىق ئەسەرلەر  ئاساسى جەھەتتىن كىنو قىلىپ ئىشلەندى. نۇرغۇن خۇسۇسىي فىلىم ئىشلەش مەركەزلىرى، ئۆمەر قادىرغا ئوخشاش مەخسۇس سىنارىيە يازغۇچىلىرى بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە يېڭىدىن نۇرغۇن كىنو- تېلىۋىزىيە سىنارىيەلىرى يېزىلىپ بۇ سىنارىيەلەر كىنو، تېلىۋىزىيە تىياتىرى شەكلىدە خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەسىلەن: «ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، « يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى»، « تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»، « ناخشا ئېيتالايدىغان ياڭيۇ»، « يىراق يېزىغا مۇھەببەت»، « مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات». تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەدەبىياتنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىپ، خەلقىمىز ئۆز يازغۇچىلىرىمىزنى تېلىۋىزور ئارقىلىق تونۇيدىغان، يېڭى ئەسەرلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تېلىۋىزوردىن بىلىدىغان بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىنو- تېلىۋىزىيەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، ھەر خىل تېلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەدەبىياتنىڭ كىنولىشىشىنى تېزلىتىپ، ئەدەبىيات   ۋاستىلىك  يول بىلەن كەڭ  تارقالدى.
2) ئەدەبىياتنىڭ تورلىشىشى
ئېنتىرنېت تورى- زامانىۋىلىقنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىسى. ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغۇچى ئېلىكتىرونلۇق كۆۋرۈك. مانا مۇشۇ كۆۋرۈك 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سېلىنغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارقىلىشىغا يەنە بىر يېڭى يول ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تورلىشىش قەدىمى باشلاندى. ئۇيغۇر يېزىقى كومپىيوتىرغا ئومۇملىشىپ ئەڭ دەسلەپ «ئىزدىنىش» تور بېتى ئېچىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيياتىغا ئورۇن بەرگەندىن باشلاپ، 2005-يىللىرىغا كەلگەندە «گۈلىستان»، «بەرقى»، «ئەسىرىم شىئېرىيەت مۇنبىرى»، «چۈشتاق شىئېرىيەت مۇنبىرى» قاتارلىق مەخسۇس ئەدەبىيات تور بېكەتلىرى ئۇنىڭدىن سىرت مەخسۇس خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، كىلاسسىك ئەدەبىياتى تور بەتلىرى قۇرۇلدى. مەخسۇس تور ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى مەيدانغا كەلدى. ئەڭ يېڭى ئەدەبىيات ئۇچۇرلىرى تور ئارقىلىق تارقىلىشقا باشلىدى. داڭلىق ئەسەرلەر، يېڭى ئەسەرلەرگە قارىتا توردا مۇنازىرىلەر قىزىيدىغان بولدى.   ئامانگۈل ئەزىز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ئەخمەتقان ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ ئېلكىتابلىرى ئىشلەندى. يەنە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»غا ئوخشاش كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئىلكىتابىمۇ ئىشلىنىپ خەلقنىڭ بۇ خىل ئەسەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشىغا ئوڭايلىق يارىتىلدى. يەنە تېخى «بۆرە ئانا» (توختى ئايۇپ)، «مەھمۇد كاشغەرىي» (پەرھات جىلان) ، «قۇم باسقان شەھەر» (مەمتىىمىن ھوشۇر )...قاتارلىق   كۆپلىگەن رومان، پوۋېسىت ۋە ھېكايىلەر  ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلىنىپ توردا  تارقىتىلدى. يېقىنقى بىر ئىككى يىل ئىچىدە يەنە « شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»، «مىسرانىم » ئەدەبىيات تورى، «چوغلان»، « ئاق بۇلۇت» قاتارلىق تەسىرى بىر قەدەر زور ئەدەبىيات تور بەتلىرى قۇرلۇپ ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا زور پايدىلىق شارائىتلارنى تەمىن ئەتتى.
3) ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىشىشى
ئەدەبىيات ئەسلىدىنلا سەنئەت بىلەن قوش كېزەك. ئەدەبىياتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسى سەنئەت بىلەن تۇتاشقان بولۇپ ئەدەبىياتنىڭ گۈزەللىك خاراكتىرى دەل ئۇنىڭ سەنئەتلىك خاراكتىرىدىن كەلگەن. ئەمما، ھازىر بىز دەۋاتقان ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىشىشى دىگىنىمىز ئەدەبىياتنىڭ خەلق بىلەن ئۇچرىشىش  جەھەتتە سەنئەت شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىشى بولۇپ ئاساسلىقى ئەدەبىياتنىڭ ناخىشا تېكىستى، ئىتوت تېكىستى، ھەر خىل سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ تېكىستلىرى، ئېلان تېكىستلىرى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن نامايەن بولىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەدەبىياتنىڭ تېلىۋىزىيەلىشىشنى تەقەززا قىلدى، شۇنداقلا تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھەر خىل سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ توختىماي مەيدانغا چىقىشى ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئىلگىرىكى كىتاب بىلەنلا تارقىلىدىغان ئەنئەنىۋى شەكىلدىن ئېلىكتىرون دەۋرىدىكى ئەڭ ئىلغار بولغان ئىپادىلەش شەكلىگە ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ تارقىلىشىدا يەنە بىر يول كۆپىيىپ، كىشىلەر ئەدەبىيات بىلەن باشقىچە يول بىلەن، يەنى ناخشا ئاڭلاش، سەنئەت كېچىلىكلىرىنى كۆرۈش، ئېلان دەۋرىدىكى سەنئەتلىك يول بىلەن بەرپا قىلىنغان ئېلانلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇچراشتى. بۇ خىل ھادىسە نۇرغۇن يازغۇچى- سەنئەتكارلارنى ئەدەبىياتنىڭ مەخسۇسلاشقان يېزىقچىلىق ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى، نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇختەر بۇغراغا ، مەخمۇت ھېيت مەھدىگە ئوخشاش  مەخسۇس ناخشا تېكىستى ھەم سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ سىنارىيىسىنى يازىدىغان، ئابلىكىم كەلكۈن، ئابدۇكېرىم ئابلىزلارغا ئوخشاش جەمئىيەتتتىكى تۇرلۈك ھادىسىلەرنى ھازىر جاۋاپلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ئىتوت يازغۇچىلىرى، مەخسۇس ئېلان تېكىستلىرى يازىدىغانلار مەيدانغا كەلدى. بۇ خىل مەخسۇسلىشىش ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىشىشىنى تېزلىتىپ، كىشلەرنىڭ ئەڭ قولايلىق ھەم يەڭگىل يول بىلەن ئەدەبىياتقا يېقىنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  ئەدەبىياتقا يېڭىدىن- يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇپ، ئەدەبىياتنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىدەك خاراكتىرىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.
2. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتى»نىڭ مەيدانغا كېلىشى
ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتى- ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان، بارلىق ئەر- ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئاياللار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەدەبىياتنى ۋاستە قىلىپ، ئاياللىق ئاڭ ئۈستىدە ھەقىقىي ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋى ئاياللار ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، ئەر ئاياللار باراۋەرلىكىنى تۇرغۇزۇش، كۆپ خىللاشقان، ماس قەدەملىك تەرەققىياتقا ئىگە، يېڭى مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش توغرىلىق ئىزدىنىدۇ. مۇشۇ نەزەرىيە بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتى خېلى بۇرۇندىنلا بارلىققا كەلگەن. دەۋر بويىچە ھىساپلىغاندىمۇ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتىنىڭ ئىزنالىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھادىسىلەرگە  ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن ھەم بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدىنىلمىگەن .  ئەمما   يېڭى ئەسىرگە كەلگەندە  غەرپ ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئايال يازغۇچى شائىرەلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنىڭ كۆپ  تەكىتلىنىشى، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ يۈزلىنىشى... قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتىنىڭ رەسمىي مەيدانغا چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. 90-يىللارغا كەلگەندە يېڭى دەۋردە  يېتىشىپ چىققان خالىدە ئىسرائىل قاتارلىق ئايال يازغۇچىلار  ئەسەرلىرىدىكى ئاياللار ئوبرازلىرى ئارقىلىق  ئاياللارنىڭ بۈگۈنكى ئورنى، رولىغا قايتىدىن نەزەر سېلىپ، ئاياللىق ئاڭ، ئاياللىق روھ ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى پەردىسى ئېچىلدى. 2004- يىلى 9- ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلىپ ئايشەم ئەخمەت، خالىدە ئىسرائىل، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، تۇرسۇنئاي يۇنۇس، تۇرسۇنئاي ساقىم، نۇرىيە ئىلاخۇن قاتارلىق ئون ئايال ياغۇچى- شائىرەگە «تۆھپىكار ئانا ئەدىپ»، يەنە رىزۋانگۈل يۈسۈپ، چىمەنگۈل ئاۋۇت، زوھرەگۈل ئابدۇۋايىت قاتارلىق ئون ياش ئايال ياغۇچى- شائىرەگە «تۆھپە» مۇكاپاتى بېرىلگەندىن كىيىن، ئايال يازغۇچى- شائىرلارغا ۋە ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتى ھادىسىلىرىگە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭمۇ دىققىتى  تارتىلىپ، ئاياللارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان، باشقا ئەسەرلەردىكى ئاياللار ئوبرازىنى كۆپ تەرەپلىمە تەھلىل قىلىدىغان، ئاياللارنىڭ ئانىلىق، خوتۇنلۇق، كېلىنلىك، خىزمەتچىلىك نوقتىسىدىن جەمئىيەتتىكى ئورنىغا قايتىدىن نەزەر سېلىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا قايتىدىن باھا بېرىدىغان ھالەت شەكىلللەندى. ئايال يازغۇچى شائىرەلىرىنىڭ كۆپىىشى، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تەتقىقاتچى ئازات رەھمىتۇللا  سۇلتان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۇلتۇز- خالىدە ئىسرائىل»،  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدىن مەرھۇم تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئەيسا جامى «ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر پىروزىسىدىكى ئورنى»،«ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچى شائىرلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش»، خەلچەم رىشىت «ئايتۇلۇن، قىيىن تۇغۇت، مىللەتنىڭ تەقدىرى» قاتارلىق ماقالىلارنى يازدى.  ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسىدىن ئارزىگۈل تۇراپ، گۈلشەن بەسىر، «تارىم» ژۇرنىلىدىن سارەم ئىبراھىم قاتارلىقلارمۇ  ئۇيغۇر ئايال يازغۇچى- شائىرەلەرنىڭ ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلدى. 2008- يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن گۈلجامال مەمتىمىن  ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتى ئۈستىدە سېستىمىلىق ئىزدىنىپ، «تارىم» ژۇرنىلىدا ئارقا- ئارقىدىن ماقالا ئېلان قىلىپ، ئۇنى فرانسۇزچە ئاتالغۇ بىلەن «فېمىنىزىملىق ئەدەبىيات»(feminisim)(女性主义文学) دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇنجى بولۇپ ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيەسىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ باشلىنىشى ئۇيغۇر ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى يول ئېچىپ بېرىپ، ئايال يازغۇچىلارنى نىمىنى يېزىش نىمىنى يازماسلىق ھەققىدە قايتىدىن ئويلاندۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە ئايال يازغۇچى- شائىرلار قوشۇنى20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە كۆپەيدى. ئايال يازغۇچىلارنىڭ رومان- پوۋستلار توپلاملىرى، شىئېرلار توپلاملىرى ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلىندى. «كىروران»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق گېزىت -ژۇرناللار مەخسۇس ئايال يازغۇچى -شائىرەلىرى ئۈچۈن سەھىپە ئاجراتتى. ھازىر قارايدىغان بولساق ھەر بىر يېڭى سان گېزىت- ژورنالدا   ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇچراتقىلى  بولىدۇ. دېمەك بۇ خىل ھادىسە 20-ئەسىرنىڭ90-يىللىرىغىچە ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلمىگەن بولۇپ، «ئاياللىق ئاڭ ئەدەبىياتى»نى يېڭى ئەسىر  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەرنىڭ بىرى  دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز نۆۋىتىدە ياشىرىۋاتقان ئەدەبىيات، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، دەۋر قەدىمى بىلەن تەڭ تەرەققي قىلىشنى ئىزدەۋاتقان ئەدەبىيات بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرقىدەك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن  باشقا يەنە ئۆزلەشتۈرمە خاراكتېرلىك دىداكتىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى، خاتىرە شەكىلدىكى ئەدەبىيات (ساياھەت خاتىرىسى، زىيارەت خاتىرسى، سۆھبەت خاتىرسى) نىڭ  ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن  ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشى، ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ راۋاجلىنىپ، كىشىلەرنى ھەرخىل ئەدەبىيات نەزەرىيەلىرى بىلەن ۋاختىدا ئۇچراشتۇرۇپ، يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتنىڭ يۆنۈلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىىپ مېڭىشى قاتارلىق ئىلگىركى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى يۈزلىنىشلەرگە قەدەم قويدى. بۇ خىل يۈزلىنىشلەر ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا  يېڭى يول ئېچىپ بېرىپ،  ئەدەبىياتنىڭ ئەزەلدىن ئىنسانىيەت بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلالايدىغان ئىجتىمائى خاراكتېرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگۈسى!

摘要:本文章注重论述当代维吾尔文学的表现方式和内质正在发生一些趋势性变化。
关键词:当代维吾尔文学,新趋势,娱乐性文学,女性意识文学.
ئاپتورلار :  يەكەن 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تىل ئىنىستىتوتىنىڭ 2010-يىللىق تىلشۇناسلىق  دوكتۇرانتى 阿曼古丽。依明:中央民族大学2010年级博士研究生

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 6
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:38:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا«قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 13:03:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام كۆيۈمچان ئۇستاز! مەن بۇ ماقالىدىن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم!  ئامان بولغايلا!

مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 237
تۆھپە : 11
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئىگەللىۋالدىم!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 237
تۆھپە : 11
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:09:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئىگەللىۋالدىم!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 3
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 19:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە، مەزكۇر ماقالىنى ژورنالدىن كۆرۈپلا ئوقۇپ چىقىپ سۆيۈنگەن ئىدىم. مۇنبىرىمىزدە كۆرۈپ تېخىمۇ خۇش بولدۇم. بەزى ئىلمىي ژورناللارنى كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز تاپالمايدۇ. بۇ يەرگە يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى.
ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئاكىمۇ ئالدىنقى يىلى ئۆزى ئىشلەۋاتقان «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمى ژورنىلى»دىن مۇناسىۋەتلىك بەزى ماقالىلەرنى تەلەپلەرگە ئاساسەن مۇنبەرگە يوللاپ بىزنى بەك خۇش قىلغانىدى. مەن ئىلىمنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇق، ئاشكارا تارقىتىلىشىنى كۆرۈشنى دائىم ئۈمىد قىلىمەن.
ماقالىدىكى بىر تەرەپ : يەنى «ئاياللىق ئەدەبىيات _ فېمەنىزىم»نى بىز تەتقىقاتچىلار بەك كۆتۈرىۋىتىپ بارامدۇق قانداق دەپ ئويلاپ قالىمەن. مەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش»نى ئوقۇغاندىن كېيىن ئايال يازغۇچىلىرىمىز بىلەن ئەر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يازغانلىرىدا ئۇنچە بەك ئىنىق چەك - چىگرا، ئالاھىدىلىكمۇ يوقتەك ھېس قىلدىم. ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرىنىڭ بىر قىسىم ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاندىمۇ ئەرلەرنىڭ ئوخشاشلا ئاياللارنىڭ قەلبىنى ئاجايىپ نازۇك ئىپادە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى تەستىقلىدىم. شۇڭا مۇشۇنداقراق بىر پىكىرگە كىلىپ قىلىۋاتىمەن. «ئاياللىق ئەدەبىيات _ ئايال ھەقچىلىك _ فېمەنىزىم» دېيىلىۋاتقان بۇ تۈر ھەققىدە دەيدىغانلىرىم مۇشۇ. پىكىرىم چولتا بولۇپ قالغان ياكى تېخى بەزى تەرەپلەرنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن بولسام ئۆزىرىلىكمەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 6
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم رەشىت، سەمىمى بايانلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم. توغرا، بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇسا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئەسەرلىرىدە پەرق يوقتەك ھىس قىلىنىدۇ، مەنمۇ باشتا شۇنداق قارىغان ئىدىم. ئەمما، ئىنچىكىلەپ قارىغاندا ئاياللارنىڭ ئاياللىق دادىللىقى بىلەن ئەدەبىياتقا كىرىشىنىڭ ئۆزى بىر «ئايالھەقچىلىق''بولسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى كۈزىتىش، تىل ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلىرىدە ھەتتا تېما تاللاش، تېمىنى ئىپادىلەش،ھىسسىياتقا كىرىش قاتارلىق تەرەپلىرىدە يەنىلا زور پەرقلەر بار. مەن بۇنى يېقىندا يەنە مەلۇم بىر ماقالامدا شەرھىلەشكە تىرىشىۋاتىمەن. يەنە ئەخلاق مەسىلىلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە، سىز دىگەن ئوىشاشلىقلار بەلكى ئەدەبىياتنىڭ ئۆتۈشۈشچانلىقدىن، بەدىئى تەربىلىنىشتىن كەلگەن بولىشى مۈمكىن، ئەمما يەنىلا پەرق ئىنچىكە، شۇڭا بۇ ھەقتە يەنە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. سىزنىڭمۇ بىللە ئىزدىنىپ ەۇمانى قاراشلىرىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.،  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  614
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 169
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 19:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مېنىڭچىمۇ  ئايسىمە  ھەدىمىزنىڭ  دېگىنىنىڭ  ئاساسى بار.
       بىز «ئاياللىق ئاڭ ئەدبىياتى(  ئاياللىق ئەدەبىيات،فېمەنىزىم)»نى  تەتقىق  قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمئىيىتىمىزگە  نېمە  دەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچكى دەردلىرىنى ،ئەرلەردىن  نېمىنى تەلەپ قىلىۋاتقانىقىنى بىلەلەيمىز.
    بىر ۋاقىتتا نۇزۇگۇمنىڭ   نىدالىرىغا قۇلاق  سالمىغانغا پۇشايمان قىلدۇققۇ!( روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپتا)
    يەنىلا  ئىزدىنىش كېرەك، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەربىيلىشىمىز  كېرەك.

تارىخنىڭ  چۆلىدە چىچەكلىسە قۇم،
ئاخىرقى ئاقكەپتەر چىشلەيدۇ چۇقۇم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 340
تۆھپە : 10
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر يازغۇچلار بىلەن ئايال يازغۇچلارنىڭ ئەسەرلىرىدە مەنچە پەرق بار.پەرقنى ئىنچىكە روھىي كەچۈرمۈش تەسۋىرى،قەلىب دىئالۈگ،ئۇلانما بايان،كۆزىتىش نۇقتىلىرى تەرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇردىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش