جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 1

مۇرات مۇختار: شىئېر ۋە تەھلىل(1-5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 118
تۆھپە : 4
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:58:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇرات مۇختار: شىئېر ۋە تەھلىل(1-5)

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە

رىسالەت مەردان

مەن تاماقنى مەززىلىك ئېتەلەيدىغان ئايالغان ئايلاندىم
ساڭا لەغمەن ھەققىدە جىق ھېكايىلەرنى دەپ بىرەلەيمەن
تاغلارنىڭ بۈيۈكلۈكى ھەققىدىكى گەپلەرنى دەپ ئولتۇرۇپ
مۇلايىم،يۇمران مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلىشقا تىرىشىمەن.

ئۆسكەن ساقاللىرىڭ ماڭا قەھىرلىك مۇھەببەتتەك بىلىنىدۇ
ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا
مەن ھېلىقى سۇئالنى سەندىن سوراپ سېنى كۈلدۈرۈپ سالىمەن
سوپۇن ماغزىپى سۈرۈلگەن يۈزۈڭگە سۆيۈپ قويغۇم كېلىدۇ
تۇرۇبىدىكى سۇلاردەك سەن تامان ئاققۇم كېلىدۇ
ئۈن-تىنسىز مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن باغرىمنى يەرگە تاققۇم كېلىدۇ
قۇياش بىز تەرەپكە ئۆرلىدى،قارا ئۇنىڭ سايىسى كۆڭلۈڭنى خىرەلەشتۈرمىسۇن
ئاي شولىسىدىكى دەملەرگە يەنە بىر نۆۋەت قايتقۇم كېلىدۇ
ئۆيۈمنى دېرىزىسىگە ھېكايىمىزنى ياپقۇم بار
ئىككىمىزنىڭ بۇ دۇنياسىدا سېنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ
تۇغۇلغان كۈنۈڭ ھەققىدە چۆچەك توقۇۋاتىمەن،بىلسەڭ ئەزىزىم
سوۋغا قىلغان گۈلۈڭگە سۇ قۇيۇپ قويدۇم چىن مېھرىم بىلەن
ئايال،مەن بۇ دەمدە سەن ئۈچۈنلا بىر لەرزان ئايالغا ئايلاندىم
سەنلا بىلىسەن،مېنىڭ قايغۇلىرىمنى
بۇقۇلداپ يىغلاپ نېمىلەر ئۈچۈن ۋايىم يەيدىغانلىقىمنى
پەقەت سەنلا بىلىسەن
تۇغۇلغان كۈنۈڭدە
سەن يوق شامسىز كېچىدە سېنى ئەسلەپ بۇ شېئىرنى يازغانلىقىمنى.

    تەڭرىتاغ  ژورنىلى  2010-يىللىق2ساندىن




"تۇغۇلغان كۈنۈڭگە" ناملىق شېئىر توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل



شېئىر  مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆزلىگىنىمىزدە شېئىر تۇرمۇشنىڭ جەۋھىرى،مەركەزلەشتۇرلىشى دېگەن نەزەريىلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز. چۈنكى بۇنىڭدا يەنىلا تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەمەس،ئۇنىڭ شەخستە پەيدا قىلغان ھاسىلاتلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ.
يۇقارقى شېئىرنىڭ ئوقۇغىنىمىزدا بۇ گەپلەرگە ئانچە پىسەنىت قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.چۈنكى شېئىردا بايان قىلىنىۋاتقىنى نەق تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئىدى.يەنى شائىرنىڭ خاس خۇسۇسىي تۇرمۇش  تەجرىبىلىرى ئىدى. يەنە كېلىپ شېئىرنىڭ تىلى تولىمۇ ئاددى،پىكىر ئۇدۇل،ئىستىلىستكا ئاجىز،تىل تەشكىلى قۇرۇلمىسى  ئاددى،يۇقىرى شېئىرى ماھارەتلەر يوق. شېئىرنى بۇنداق ئاددى بايان ئەندىزى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ شائىر بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.
ئەمما مەن شېئىرنى تۇنجى ئوقۇپلا بىر خىل يېقىنلىقنى ،ئىللىقلىقنى ھېس قىلدىم.باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق قارايدىغانلىقنى بىلمەيمەن ھەم قانداق قارىسا ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلدىم.شېئىردا بايان قىلىنغان تۇرمۇش ماڭا پىروزىنىڭ تۇرمۇشچانلىقىنى يادىمغا سالدى.يەنە بىر جەھەتتىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىدا ئامرىكىدا بىر مەھەل گۈللىگەن "ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلا ئېقىمى"شېئىرلىرىنى ۋە شۇ ئېقىمغا تەۋە بولغان ئاننى سېلىستون،سىلۋىيە پىلاس قاتارلىق شائىرەلەرنىڭ ،لوۋىل قاتارلىق  باشلامچىلارنى يادىمغا كەلتۈردى. ئۇلار شېئىرلىرىدا"ئۆزلۈككە ئىشىنىپ ئادەمنىڭ سەخسىيتىگە سادىق بولغان،شېئىرنىڭ كەينىدىكى ئۆزگىچە ئىندۇۋىداللىقنى تەكىتلەپ بەدىئىي گۈزەللىكنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويغان.ماھارەتكە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەن.ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئوقۇرمەنلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلىغان يەر ئۇنىڭدىكى بىئوگىرافىكلىقتۇر. ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلىدىغان تەجرىبە باشقىلارنىڭ بولماستىن شائىرنىڭ بىېاستە،چىن تەجرىبىسى بولغان.ئۇلار ئوقۇرمەلەرنى ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن شائىرنىڭ ئىندۇۋىداللىقىغا بۇراپ،شېئىرنىڭ بىر خىل ماھارەتسىز سەنئەتكە ئايلاندۇرغان.تۇرمۇشتىكى پارچە-پۇرات ھادىسلەرنى شېئىرنىڭ موھىم ماتىريالى قىلىپ تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى سەنئەتكە ئايلاندۇرغان"(ئىدرىس نۇرۇللا " ئەنئەنە بىلەن ئاسىيلىق ئوتتۇرسىدا،تەڭرىتاغ ژورنىلى 2008-يىللىق1-سان)يۇقارقى شېئىرنىڭ بۇ نەزىريەلەرە نەقلا چۈشۈشى مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن رىسالەتنىڭ بۇ ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇنچىغان ،ئۇچرىمىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. سېلىشتۇرما ئەدەبىياتنىڭ پاراللىل تەتقىقات مىتودىدىن قارىغاندىمۇ ئىنساندىكى ماھىيەتلىك ئورتاقلىقلار تۈپەيلى ئوخشىمىغان مىللەت،ئوخشىمىغان جايلاردا،ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئكز ئارا تەسىرلەشمەي تۇرۇپتۇ ،ئوخشاش تىپتىكى ئەسەرلەر ئوخشاپ كېتىدىغان ئىجادىيەت ئەھۋاللىرى  كۆرۈلىدۇ.ئەمما شۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلەيمەنكى رىسالەتنىڭ شېئىرلىرىدا بۇ خىل خۇسۇسى تەجرىبىنى شېئىرغا ئېلىپ چىقىشتىن ئىبارەت خاھىش ئەزەلدىن مەۋجۇت.گەرچە بۇرۇنقى شېئىرلىرىدا ماھارەتكە خېلى ئىتىبار بىلەن قارىغان بولسىمۇ ماھىيەت جەھەتىتىن كۆپ پەرق يوق.
شېئىرغا قايتىپ كەلسەك" مەن تاماقنى مەززىلىك ئېتەلەيدىغان ئايالغا ئايلاندىم"دەپ باشلىنىدىغان بۇ شېئىردا تىلغا ئالغۇدەك بەدىئى ماھارەت يوق.شېئىرنىڭ تىلى خۇدى ھېستياتچانراق سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ نورمال ئاغزاكى تىلىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.نىكاھتىن كىيىنكى"تۇرمۇش"نىڭ پارچە-پۇرات تەپسىلاتلىرى يەنى "تاماق ئىتىش"، "ساقال ئېلىش"،" سوپۇن ماغزىپى" قاتارلىق ئۇششاق دىتاللارغا ئاز-تولا مۇھەببەت سىڭدۈرۈش ئارقىلىق "تۇغۇلغان كۈن"ى بولغان كىشىگە ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلغانلىقى ھەم ئۇنىڭ مەزكۇر شېئىر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. شېئىرى جۈملىلەرنىڭ بايان شەكلىمۇ بەك ئاددى، نەسىرى جۈملە شەكلىدە بولۇپ كۈچلۈك ئىندۇۋىدىداللىققا ئىگە.لىكىن يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ،ئاددىلىقلارنىڭ جەملىنىشى ئوقۇرمەننى بىر خىل چىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ كۈچلۈك ۋە قۇيۇق تۇرمۇش كەيپىياتىغا ئىگە قىلىدۇ.بۇ ئالاھىدە تۇرمۇش كەيپىياتى شېئىرخانلاردا "ئورتاق ھېسيات"شەكىللەندۈرەلەيدۇ.شېئىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى مۇشۇ بولدا كىرەك.ئەمما پۈتكۈل شېئىرنىڭ بۇ خىل ھالەتكە كىرىپ قېلىشى شېئىرنىڭ قىيامىتىدۇر.


مەنىسىزلىك  

ئادىل تۇنىياز

قارامتۇل قار تامچىلىماقتا
ئۆگزە، ئاپتاپ، تنھالىق ئارا.

خىيالمۇ يا كىچىك يىشىللىق
دېرىزەمگە ئېسىلىپ تۇرغان؟

ئېزىپ كەتكۈم كېلەر توساتتىن
چوڭ كوچىدىن، ئۆيدىن، خىزمەتتىن.

بىناكارلىق.
مۈشۈك.
ئادەملەرگە ئارىلاشماسلىق خاتالىقى.

مەجبۇرلايدۇ كىشىلەر توپى
تۇرۇش مومكىن ئەمەستۇر تەنھا.
ساقال ئېلىش خۇشياقمىغاندەك،
خۇشياقمايدۇ ياشاشمۇ ھەتتا.

كارىۋاتلاردا ئايال ئۇيقۇسى.
سېغىن كالا ئەمچەكلىك ئاسمان.
مەن كېچىنىڭ سىرتىدا ھامان.

مەنىسىزلىك مەنىسىمۇ يا
قارامتۇل قار تامچىلىماقتا.

"مەنىسىزلىك" ناملىق شېئىر توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل



شېئىر ئىجادىيتى جەريانىدا شائىر بىلەن ئوقۇرمەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇبىغا ۋەكىللىقك قىلىدۇ.ئەسەر ئۇلارنى تۇتاشتۇرغۇچى.شائىر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ گۈزەللىك قارىشىدا ،ئېستىتىك سەۋىيسىدە پەرق بولغاچقا ،ئۇلار ئوتتۇرسىىدا ھامان بولشلۇق بولىدۇ.شۇڭا شېئىر  ئوقۇش تېگىدىن ئالغاندا زېھىن تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئەمگەن.لىكىن شېئىر كوچىسىغا كىرگەن "ئەخىمەق"لەر بۇ يولدىن ئاسان يالتايمايدۇ.ئۆزىگە يارىشا تەۋەككۇلچىلىق قىلىپ باقىدۇ.بۇ جەرياندا يا شائىر مەغلۇپ بولىدۇ يا ئوقۇرمەن.ئەمما بىر پارچە شېئىرنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى شائىر بىر ،بەھىرلەنگۈچى نۇرغۇن بولغانلىقتىن شېئىرنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى مۇتلەق كۆپ ھاللاردا شائىرغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ.
ئاممىباب شائىر پىكىرنبىڭ ئېنىق، شېئىرى تىلنىڭ جانلىق ،ئۇدۇل ،مۇزىكىلىق تۈسىنىڭ قويۇق بولىشىنى قوغلىشىدۇ.ئاۋانگارتلىق يولىدىكى شائىر ھامان شېئىر پىكىرنى غۇۋالاشتۇرىدۇ، شېئىرى تىلنى يېڭىلايدۇ،ئىجادىيەت جەريانىدا تىل سېھرىگىرىگە ئايلىنىپ ،شېئىرى تىلنىڭ لوگىكىلىق تەرىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،يېڭىچە قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىدۇ. گاھىدا شېئىرى تىلنى مەنتىقىسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك قىلسىمۇ،مەنتىقىسىزلىك ئىچىدە يېڭى مەنە يارىتىدۇ.
يۇقارقى شېئىردا لوگىكىسىزلىق ناھايتى ئېغىر ، تاققا -تۇققا گەپلار بىلەن توشۇپ كەتكەن . قېنى بىز ئاشۇ لوگىكلىسىزلىق ۋە تاققا- تۇققىلىقنىڭ قانداق مەنە يەاراتقانلىقىغا دېھققەت قىلىپ باقايلى.
1.قارامتۇل قار - ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر قانداق سۆزنى بىرىكتۈرۈپ ئوقۇغىلى بولىدۇ. مەسىلە مەنە ئاڭلىتىش ئاڭلاتماسلىقتا. يۇقارقى بىرىكمە فورمال لوگىكىنىڭ قانۇنىيتىگە چۈشمەيدۇ . چۈنكى قار قارا بولمايدۇ. ئەمما شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا ھەر قانداق رەڭدە بولىشى مۇمكىن .بۇ شېئىرى تىلنىڭ ھامان لوگىكىدىن چاتنەپ كېتىدىغا تەرىپى.
2.تامچىلاش- بۇمۇ لوكىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس. تامچىلاش سۈيۈق جىسىملارنىڭ خۇسۇسىيتى.قار تامچىلىمايدۇ. تامچىلىغان چاغدا "قار"لىق خۇسۇسىيتىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.بۇ يەردە بىر ئېنىقلىغۇچى كەم بولىشى مۇمكىن.يەنى بۇ يەردىكى "قار" ئەسلىي ئوبىيكىتنىڭ ئېنىقلىغۇچسى بولىشى ،ئېنىقلانغۇچى چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن .مەسىلەن: قار سۈيى - قارنىڭ سۈيى - قار  ئەمەس .
3.سېغىن كالا ئەمچەكلىك ئاسمان - بۇ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتىلا مىسرا .مۇنداق قارىماقتا ئوخشىتىشتەك قىلىدۇ.سېغىن كالا ئەمچەكلىك ئاسمانغا  ئوخشىتىلغان دېگەندەك.لىكىن ئىككى ئىسىم خاراكتىرلىك بىرىكمە قوشۇمچىسىز ئوخشىتىلغاندا ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى  ئوتتۇرسىغا سىزىق (__ ) قويۇلىشى كىرەك. ئۇلاپلا ئوقۇغاندا تولىمۇ غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن ، شائىر بۇنى بىلمىدىمۇ ياكى قەستەن ئورۇنلاشتۇردىمۇ  بىر نېمە دېمەك تەس.
تاققا- تۇققىلىق
1.شېئىردا سەكرەتمىلىك بەك ئېغىر .مىسرالارنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك.پىكىر ئىزچىللىقى ،مەزمۇن تەرەققىياتى دېگەنلەردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.شېئىر لىققىدە تاققا-تۇققا گەپلەر بىلەن توشقان.بىرىنچى كۇپلېت بىلەن ئىككىنچى كۇپلېتنىڭ ،ئىككىنچى كۇپلېت بىلەن ئۇچىنچى كۇپلتنىڭ بىر-بىرسى بىلەن باغلىنىشى يوق.تۆتىنچى كۇپلىتنىڭ ھەر بىر مىسراسى مۇناسىۋەتى تېخىمۇ يوق.
2.شېئىر مىسرالىرىدىكى تاققا -تۇققا مىسرالارنىڭ ئاريرىم ھالەتتە تىما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،ئەمما ئۇلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ئالاھىدە بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
خۇلاسىگە كىرىش
شائىر شېئىردىكى لوگىكىسىزلىقنى بىلمەيدۇ ئەمەس.ئۇ شېئىرى تىلنى فورمال لوگىكىنىڭ مالايلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان شائىرلانىڭ بىرى .شائىر زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق يازىدۇ .بۇ شېئىردا ئىادىلىمەكچى بولغان تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شېئىرنىڭ ماۋزۇسى "مەنىسىزلىك "بۇنىڭ ئۈچۈن بەك چوڭقۇر ئىزدىنىپ كېتىشمۇ ھاجەتسىز .شائىر پەقەت ئەنە شۇنداق لوگىكىسىز ،مەنىسىز ،تاققا-تۇققا ،سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق گەپلەر  ۋە ئۇشتۇمتۇت كاللىغان كەپ قالغان خىياللار ئاقىلىق تۇرمۇشنىڭ تاساددىپى ،مۇناسىۋەتسىز ،پارچە-پۇرات نەرسىلەردىن تەشكىل تاپقان مەنىسىز بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاخىرىدا "مەنىسىزلىك مەنىسىمۇ يا" دېيىش ئارقىلىق " ئەنە شۇ مەنىسىزلىك تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر مەنىسى بولشى مۇمكىن" دېگەن ئويلىنىش ئوتتۇرغا تاشلايدۇ.
"قارامتۇل قار تامچىلىماقتا " دەپ بىرىنچى مىسرانى ئاخىرغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەنىسىزلىك يەنە داۋام قىلماقتا دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ.


قار  ياغقان ئاخشام

خۇرشىد دەۋران(ئۆبېكىستان)

قار ياغقان ئاخشام
كەزسەڭ شەھەرنى
خىرى-شىرە كوچىلارنى
كەزسەڭ،قوللىرىڭنى يانچۇققا سېلىپ
لەۋلىرىڭدە ئىرىسە قارلار.

ئويلىساڭ يىراقتا قالغان كىمنىدۇر
شۇ قارنى ئويلىساڭ،قەلبىڭ تىترىسە
بولۇپمۇ ئويلىساڭ سەن سۆيگگن قىزنى
بولۇپمۇ ئويلىساڭ ئاناڭنى...

قار توختىمىسا
توختىمىسا قەدىمىڭ
ئۆزۈڭمۇ گويا قار ئۇچقۇنىدەك
سىڭىپ كەتسەڭ تۈننىڭ باغرىغا.
كىمگىدۇر يول بەرسەڭ كىمگىدۇر سالام.
ئەمما ئۆزۈڭ سەزمىسەڭ بۇنى.
قار ھامان توختىماي يېغىۋەرسە جىم
ئازساڭمۇ سەزمىسەڭ ئازغانلىقىنىڭنى...



"قار ياغقان ئاخشام"ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل



ئۆز خىيالى بىلەن ياشاشنى ئىستەيدىغان شائىرلار ھەمىشە تۇرمۇش غايىلىرىنى روھى مەستخۇشلۇق ئىچىدە گۈزەل، رومانتىك شېئىرى مەنزىرىلەر ئۈستىگە قويۇۋالىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزى خالايدىغان ھەقىقى تۇرمۇشى بولۇشى مۇمكىن.ئەمما ئاشۇنداق بىر ھايات ئەمەلگە ئاشقان چاغدا خىيالدىكىدەك گۈزەل تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى خىيالى دۇنياغا نىسبەتەن ئادەم ئۆزى رول ئالغۇچى ھەم كۈزەتكۈچى-ياندىن ھۇزۇرلانغۇچى بولالايدۇ. لىكىن باشتىن كەچۇرۋاتقان چاغدا بولسا ياندىن ھۇزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. گەرچە بىۋاستە ھوزۇرلىنىش مەۋجۇت بولسىمۇ لىكىن ھەرىكەت، تاللاش خىيالدىكىدەك ئۆز ئىختىيارلىقىدە ، چەكلىمىسىز بولمايدۇ.
مەزكۇر شېئىردىكى مەنزىرە گوياكى رومانتىك بىر كىنو كۆرۈنىشى . شېئىرى ئوبراز ۋە موھىت ھەرىكەتچان. ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن كارتىنا چوڭقۇر تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە. رىئاللىقتا تامامەن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. بەلكىم بۇ قارلىق كېچىنى ھەر بىرىمىز باشتىن كەچۇرۇپ باققان بولىشىمىز مومكىن . لىكىن تۇرمۇشتا شېئىردىكىدەك گۈزەل تەسىراتقا ئىگە بولغان بولىشىمىز ناتايىن. سەۋەبى؛ شېئىردىكى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى تاللاش دەخلىسىز ، ئخىتىيارى بولىدۇ، رىئاللىق بولسا توسالغۇ -چەكلىمىلەرگە تولغان.
كەزسەڭ شەھەرنى
خىرە-شىرە كوچىلارنى
كەزسەڭ،قوللىرىڭنى يانچۇققا سېلىپ
لەۋلىرىڭدە ئىرىسە قارلار
...
كىمگىدۇر يول بەرسەڭ ،كىمگىدۇر سالام
ئەمما ئۆزۈڭمۇ سەزمىسەڭ بۇنى.
نەقەدەر گۈزەل كۆرۈنۈش، ئەگەر شائىرنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى بىر دۇنيانى تەسۋىرلەۋاتىدۇ دەپ قارىساق، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ، تەلپۈنىشى سىڭگەن بولىدۇ. مانا بۇ روھى ھالەت شېئىردىكى مەنىۋى ھالەتنى كىڭەيتىدۇ. شېئىرنىڭ  كىشىگە گۈزەل تۇيۇلىشىدىكى يەنە بىر موھىم سەۋەب: دەل شائىرنىڭ شېئىردىكى لىرىك ئوبرازنىڭ لىرىكىسىنى تىڭشىغۇچىنى ئىككىنچى شەخسكە يۈزلەندۈرىشى. شۇڭا شېئىرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن ئۆزىنى شېئىردىكى موھىت ئىچىدىكى بىر پىرسوناژدەك ھېس قىلىدۇ. بىر پارچە شېئىرنىڭ مۇۋاپىقىيتى مەلۇم مەنىدە ئوقۇرمەننى ئۆزى ئىچىدىكى دۇنياغا ئېلىپ كېلەلىشىدۇر.


شېئىرنىڭ تېنى


ئادىل تۇنىياز

ياز پادىشاھى ئالماقتا ئارام
خەزىنىسى كەڭرى ئېچىلغان.

قېرى دەرەخ قوۋزىقى
ھاسىرايدۇ
ئىسسىقتا
ياشىماق تەس.
ۋاقىت سىمىزلىكتىن ھالسىرايدۇ.
كۆرۈنمەس تاپىنىدا بېسىلىپ قالغان
بىر نەچچە تال كۆك ئېچىلغان كاناي گۈلى.

شېئىر يېزىش مەن ئۈچۈن
قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى.

خۇددى نۇرلۇق يىلاندەك ئوت چۆپلۈكتىكى
خۇددى تەنھە يەر يېغىدەك يەر ئاستىدىكى
خۇددى مەخپى ئارزۇسىدەك بىر خەلقنىڭ
يازنىڭ بۇ شامالسىز تىنجىق كۈنىدە
قالمىغان ئۈمىدتىن بۆلەك ھېچنەرسە.

سىلىق،يۇمۇلاق تاش،قاغىلىق،ئاپتاپ
ئېيتىش مومكىن بولمىغان ئازاب.
ئالقىنىدا ئاكاتسىيەنىڭ غورىلاي تۇخۇملىتى پىشماقتا.

شېئىر سۆزلەردىن توقۇلغان
يىشىل چىمەنلىك
سەگىتمەكتە تېنىمنى.

"شېئىرنىڭ تېنى" ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل


شېئىر دېگەن نېمە ؟ دېگەن مەسىلە شېئىرىيەت نەزىريىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شېئىر ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىش شەكىللەنگەندىن تارتىپ نۇرغۇن ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلغان ھەم نۇرغۇن تەبىرلەر بىرىلگەن.لىكىن ئومۇم ئىتراپ قىلىدىغان ئېنىقلىما ئوتتۇرغا چىقمىغان.سەۋەبى ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مىتودىكىسى ئوخشاش ئەمەس.مېنىڭچە بۇ سۇئالنى تەبىرلەشنىڭ موھىم ئاچقۇچى ئۇنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ماۋجۇتلىقىغا قاراپلا "مۇنداق نەرسىكەن"دېيىش ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەيدا بولۇش جەريانى مەسىلىسى.بۇ ھەقتە ماھىيەتلىك ئۇچ خىل مىتوت بار
1.ئادەم مەۋجۇتلىقىنىڭ ماددى كاپالىتى تەىئەتتىن ئىزدەش
2.شېئىر سۇبىكتى -ئادەمدىن ئىزدەش
3.ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىزدەش
بۈگۈنكى نەزىريىۋى قاراشلار ئىچىدە  ئۈچىنچى خىل قاراشنىڭ نوپۇزى يۇقىرراق بولىشى مۇمكىن ( ھېچ بولمىغاندا مېنىڭچە شۇنداق)لېكىن يەنە نۇرغۇن شاخلانما قاراشلارمۇ مەۋجۇت.ئۇلارنىڭ بىرى شېئىر ئامالسىزلىقتىن تۇغۇلىدۇ دەپ قاراش.شائىر ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ.شېئىر يېزىش ئارقىلىق ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
مېنىڭچە بۇ قاراش كەسپى شائىرلارغا ئاز-تولا ماس كېلىشى مۈمكىن.لېكىن ئامالسىزلىق شائىغىلا خاس نەرسە ئەمەس ھەم شېئىر يېزىش ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىمۇ ئەمەس. نۇرغۇن ئادەم شېئىر يازالمايدۇ.لېكىن ئامالسىزلىققا ئۇچراپ تۇرىدۇ. پەقەت شائىرغا نىسبەتەنلار شېئىر يېزىش بىر خىل ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇش يولى بولىشى مۈمكىن.بىز يۇقۇرىقى شېئىرنى مۇشۇ نوقتىدىن كۈزىتىپ باقايلى.
ۋاقىت - ياز
ئۈنۈم- سىقىلىش ( بىر خىل ئامالسىزلىق)
ئىسسىق يازنىڭ  شائىردا پەيدا قىلغان تەسىرى سىقىلىش،ئازاب ،ئامالسىزلىق بولغان. شېئىرغا قارايدىغان بولساق بىرىنچى ،ئىككىنچى،تۆتىنچى، بەشىنچى بۆلەك دەل ئىسسىق يازنىڭ تەسۋىرىدۇر . ئۈچىنچى بۆلەك شائىرنىڭ قۇتۇلۇش يولى ، ئاخىرىقى بۆلەك بولسا ئىرىشكەن نەتىجىدۇر.
«شېئىر يېزىش مەن ئۈچۈن ،قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى » دەيدۇ شائىر. شۇنداقلا مۇشۇ يول ئارقىلىق بۇ ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ."ئۇنىڭ " ئۈمىدتىن بۆلەك ھېچنەرسە قالمىغان بىر تىنجىق كۈن"دىكى قېپقالغان ئۈمىد دەل شېئىر يېزىش يولى ئارقىلىق قۇتۇلۇش ئۈمىدىدۇر.شۇڭا شائىرغا نىسبەتەن
شېئىر
سۆزلەردىن توقۇلغان
يىشىل چىمەنلىك.
بولۇپ شائىرنى شەگىتەلەيدۇ.شۇ ئارقىلىق ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ راھەتكە ئىرىشىدۇ.
خۇلاسە كالام :
"شئىرنىڭ تېنى" نېمە ؟
شېئىرنىڭ تېنى -سۆزلەردىن توقۇلغان يېشىل چىمەنلىك.


سۇ


بۇغدا ئابدۇللا

سۇنىڭ ئۆزى بىر رەھمەت،
قۇچاقلاپ تۇرۇپتۇ ئۇنى تەبىئەت.
ئادىمى بىلىق بولسام ئەگەر،
يۈزىگە لەيلەپ چىقمايتىم ئەبەت.
سۇنىڭ ئۆزى بىر لەززەت،
بولۇپ قالسام ئورنىدا قىسمەت.
چاك-چاك قۇملۇقنىڭ لىۋىگە ئەمەس،
يۈرىكىگە باراتتىم پەقەت.

«سۇ»ناملىق  شېئىردىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىغا قىسقىچە نەزەر



ئىنسانىيەت مەدەنىيتى سۇنى مەنبە قىلىپ شەكىللەنگەن.تارام-تارام تومۇرلار ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى ۋە  داۋاملىشىشىدىكى ئىنىرگىيە بولغان. خۇددى ھىندى دەريا ۋادىسىدىكى ھىندى مەدەنىيتى، نىل دەريا ۋادىسىدىكى مىسىر مەدەنىيتى،خۇڭخې دەريا ۋادىسىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئەمما ، بۇ ئىنىرگىيەنىڭ ئارتىپ كېتىشى ۋە كەمچىل بولۇشى ئوخشاشلا خارابلىق بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. قۇرغاقچىلىق بىلەن توپان بالاسىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا جايلاشقان ئوخشاش تەقدىر ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ۋەھىمىسى.
سۇ بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم مۇناسىۋىتىلا ئەمەس،بەلكى ئىتىقاد، دۇنيا قاراش شۇنداقلا ئىنچىكە پىسخىك تاللاشنى بارلىققا كەلتۈردىغان مۇناسىۋەت.
سۇنىڭ ئۆزى بىر رەھمەت
يەر شارىنىڭ بالياتقۇسىغا جايلاشقان ،دەشت-چۆل باغرىدا يىتىلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن  سۇ مەڭگۈ قېنىپ بولماس تەشنالىق .تولىمۇ بىخىللىق بىلەن مەرھەمەت قىلىنغان سۇ بۇ جايدىكى كىشىلەردە چوڭقۇر رەھمەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگەن.  قۇملۇق زىمىنىدىكى كىشىلەرگە سۇ مۇقەددەس ، سۇ ئىلاھ ،سۇ قۇتقازغۇچى ...سۇنى پاسكىنا قىلماسلىق، يەتتە قېتىم يۇمۇلىسا ھالال بولۇش ...مانا بۇ ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى ،چۆللۈك كىشىلىرىنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئەھكام.
ئۇلار نۇھنىڭ قۇتقازغۇچ كېمىسىنى ،توپان بالاسىنى بىلىشىدۇ،ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقىغا ھەم ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىممۇ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار مەڭگۈ سىرلىق پېتى ، سۇغا بولغان ئىنتىزارلىق  ئەمەلىيەت. ئۇنىڭ رەھمىتى ھەر لەھزە . ئۇلار سۇغا تەشەككۇر ئېيتىدۇكى ،قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىنەزەر لەنەت ئوقۇمايدۇ .ھەتتا سۇ بىلەن مەڭگۈ بىر گەۋدە بولۇپ كېتىشنى ئىستەيدۇ.
ئادىمى بىلىق بولسام ئەگەر،
يۈزىگە لەيلەپ چىقمايتىم ئەبەت.
بۇ يەردىكى "ئادىمى بىلىق"غەربلىكلەرنىڭ "پەرىزات بىلىق"چۆچىكىگە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا،قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇ ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئاجايىپ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيلىك.
  پەرىزات بىلىق سۇ يۈزىگە چىقىش سەۋەبلىك ئېچىنىشلىق تىراگىدىيگە يولۇقىدۇ.ئەگەر سۇ يۈزىگە چىقمىغان بولسا دېڭىز ئاستىدىكى ھەشەمەتلىك ،خاتىرجەم ھاياتىنى ئۆتكۈزۈۋەرگەن بولاتتى دەپ چۈشەنسەك چۆچەكتىكى ئۇلۇغ روھقا ئاسىيلىق قىلغان،ئاندېرسۇنغىمۇ يۈز كېلەلمىگەن بولىمىز.بۇنداق ئويلاش بەكلا گۆدەكلىك . ئۇنىڭدىكى تىراگىدىيە ھەرگىزمۇ پەرىزات بىلىقنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىشتىن ئىبارەت ئاددى ۋەقەدە ئەمەس بەلكى غەرىبلىكلەرنىڭ قىممەت قارىشى ،ئېتىكا قارىشىدا.
غەرب ھەممە تەرىپى غايەت زور سۇ ئامبىرى دېڭىز بىلەن قورشالغان ماكان .ئۇلارغا نىسبەتەن سۇ بىزگە ئوخشاش ئىلاھى قىممەتكە ئىگە بولۇشتىن كۆرە ئۇ بىر ۋەھىمە ،خىرىس . شۇڭا ئۇلار ئۆز تەۋەككۇلچىلىقنى دېڭىز بىلەن كۆرەش قىلىشتىن ،دېڭىزنى بويسۇندۇرۇشتىن باشلىغان.ئەلۋەتتە تەكلىماكاندىن ئىبارەت جەزىرە ئىچىدە سۇغا بولغان تەشنالىق ئىلكىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۇقارقىدەك تەسەۋۋۇر قىلىشى ئورتاق بولغان پىسخك ھادىسە. بۇ باشقا نەرسە ئەمەس .دەل قۇرغاق موھىتتا ئۇزاق مۇددەت ياشاشتىن شەكىللەنگەن   تەشنالىقنىڭ سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىپ چىقىشى .ئۇ تالاي ئەسىرلىك ھاياتلىق تەجرىبىلىرىدىن شەكىللەنگەن پىسخىك مەدەنىيەت.
چاك-چاك قۇملۇقنىڭ لىۋىگە ئەمەس،
يۈرىكىگە باراتتىم پەقەت.
مانا بۇ سۇغا تەشنا قۇملۇق كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ئىستىكى.قېنىشقا ئۈلگۈرمىگەن تەشنالىق خىيال ئارقىلىق قاندۇرۇلۇش ئىستىكىدە بولىدۇ.شۇڭا شائىر دەيدۇ "ئەگەر سۇ بولسام قۇملۇقنىڭ لىۋىگە ئەمەس ،يۈرىكىگىچە باراتتىم"دەپ .
سۇ رەھمەتتۇر ھەم ئاپەتتۇر .مەدەنىيەت سۇ بىلەن باشلانغان ھەم سۇ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.ھەر بىر توپ باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش ئارىلىقىدا ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيتىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ ۋە ئاخىرىدا سۇغا كۆمۈلىدۇ.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 116
تۆھپە : 0
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 17:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەتئەلى بىلەن مۇرات مۇختارنىڭ ماقالىسىنى  بىرلەشتۈرۋەتسەڭلار بوپتىكەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش