كۆرۈش: 1249|ئىنكاس: 6

ھەزرەتئەلى مىكرو ئوبزۇرلىرى(1-12)، شېئىر تەھلىللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 456
تۆھپە : 1
توردا: 206
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەتئەلى مىكرو ئوبزۇرلىرى(1-12)

ئەتىرگۈل

ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم

قۇبۇل قىل!
مېنىڭ ساڭا بېغىشلىنىشتىن باشقا ئامالىم يوق
ھەمدە بۇ مېنىڭ خۇشاللىقم
ۋە ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان
قۇبۇل قىل!
باھار بىزگە ئاسىيلىق قىلىشنىڭ ئالدىدا
جىمجىتلىق جىمجىتلىق بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدا
قۇبۇل قىل!
مەن سېنى تىكەنلىرىم بىلەن خۇشپۇراقىلىققا تولدۇرىمەن...!

«ئەتىرگۈل»ناملىق  شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل

شېئىر تىلىنىڭ قورامىغا يىتىشى نوقۇل تىل سۇبىستانسىيسىگە باغلىق ئەمەس.ئۇ ئۈستقۇرۇلمىنىڭ بىر تەركىبى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۈستقۇرۇلما سۇبىيكتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچانلىقىغا ،ئىجادچانلىقىغا باغلىق.ناۋادا سۇبىيكىت ئۇنى(تىلنى)ھېچقانداق ئاكتىپلاشتۇرماي پەقەت ئۇزاقتىن بۇيان كۆنگەن شەرتلىك رىفلىكىس ۋە تۇراقلاشقان  ئادەت تۈپەيلى ئىشلىتىدىكەن شۇ چاغدا تىلنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوبىيكېتتا ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلمايدۇ.شۇڭا سەنئەت ئۆزگىچىلىكنى (ماكرو جەھەتتىن ئادەتنى بۇزۇشنى ، مىكرو جەھەتتىن بۇزۇش ئىچىدە ئۆلۈكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى)نىشان قىلغان بولىدۇ.ئۆزگىچىلىك بۇزۇش ئىچىدە بولىدىغانلىقتىن ھەم ئۆزلۈكتە ئەكىس ئېتىدىغانلىقتىن ئۆزلۈكنىڭ شولىسى بولغان شېئىر چىن مەنىسىدىن خۇسۇسىيلىققا تويۇنغان بولىدۇ.ئەمما شېئىر بۇ خىل ئالاھىدىلىك چاستوتىسىنىڭ كۆپىيشى ئۆزگىچىلىكنى خىرەلەشتۈرىدۇ.شۇڭا بىلىملىك شائىرلار شېئىرنىڭ مەنە دائىرسىنى ،قاراتمىلىقىنى كىڭەيتىش موھىمى ئۆزگىچىلىكنىڭ خىرەلىشىشى ،يوقاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خۇسۇسىيسىزلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى سىناق قىلغان.ھەم بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن،شېئىرنى خۇسۇسىيلاشتۇررۇش ھەرگىزمۇ شېئىردىكى ئەسلىدىكى خۇسۇسىيلىقنى يوقىتىۋەتمەيدۇ،ئۇ بەلكى بىر خىل شەكىل ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيسى بولۇپ كۆرۈنۈشنى ئۆزگەرتىدۇ.بۇ خىل شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيسى زىيادە كۈچىيىپ كەتسە شېئىر تەبئىيلىكىنى يوقىتىدۇ،مىخانىكلىشىپ كېتىدۇ.شۇڭا شېئىر تىلىنىڭ قورامىغا يېتىشى نوقۇل شەكىلدىن ئىبارەت تاشقى ئامىلغىمۇ باغلىق ئەمەس.شېئىرنى ھەر جەھەتتىن يېڭىلاش،ھەقىقى ئېستېتىك ئۈنۈم بەرپا قىلىش ئۈچۈن شېئىر سۇبىيكتى ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرشى ،ئىجادىيەت ئىنىرگىيەسىنى ئەركىن قويۇپ بېرىشى كىرەك.بۇ ئىىرگىيە دەل تىل سەنئىتى دەپ ئاتالغان شېئىر تىلىنى بەرپا قىلىدۇ. يەنى ئوبىيتىپ تەجرىبىلەرنى ئىچكى دۇنياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ،تاشقى ھادىسىلەرنى «ئۆز»لەشتۈرىدۇ. ئۆز دۇنياسىغا بويدۇندۇرىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئىنىرگىيە سۆزلەرنىڭ تەبئىي مۇناسىۋىتىنى قالايمىقان قىلىپ ،ئەسلىدىكى تۇرغۇن مەنىسىنى كىڭەيتىدۇ،
1. ئەتىرگۈل - شېئىر سۇبىيكتىنىڭ «قوبۇل قىل» دەۋاتقىنى ھەرگىزمۇ خۇش پۇراقلىق ،يارقىن بەرگىلىرى بار گۈل ئەمەس.بەلكى «سۆيگۈ»دىن ئىبارەت .چۈنكى ئەتىرگۈل سۆيگۈنىڭ تۇراقلاشقان سىموۋلىدۇر. گەرچە شائىر ئادەتنى بۇزۇپ تاشلىيالمىغان بولسىمۇ«قوبۇل قىل»دىن ئىبارەت پىئىل ئارقىلىق سۆيگۈدىن ئىبارەت ئابىستىراكىت نەرسىنى ئەتىرگۈلدىن ئىبارەت ئوبىيكتىپ نەرسىگە باغلاپ ئىپادىلىگەن .مانا بۇ شېئىر تىلى بولىدۇ .ئادەتتىكى تىل بولسا بىۋاستىلىككە ئىگە بولۇپ ، مەنە بىۋاستە يەتكۈزۈلىدۇ.
2.«قوبۇل قىل»نىڭ سۇبىيكتى ئوبىيكتىپ نەرسە بولماستىن ئابىستىراكىت نەسىلەردۇر. يەنى «مېنىڭ ساڭا بېغىشلىنىشتىن باشقا ئامالىم يوق(ئاشقىلىق)،ھەمدە بۇ مېنىڭ خۇشاللىقىم (ۋىسال ئارزۇسى)،ۋە ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان.)بۇ مىسرادىكى بىرىكمىلەرنىڭ ئورنى قالايمىقانلاشتۇرۇلغان . ئورنىغا يۆتكىگەندە «ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان ئاخىرقى بېكىتىم» بولىدۇ.بۇ يەردە يېشىپ چىقىشقا تىگىشلىك ئىككى مەسىلە بار .بىرى «ئۇ»دېگەن ئالماش،يەنە بىرى «ئاخىرىقى بېكەت».«ئۇ» «قوبۇل قىل»دېگەن ھەرىكەتنىڭ ئوبىيكتى بولغان قىزمۇ ،ياكى سۆيگۈنىڭ ئۆزىمۇ؟ جاۋاب شۇكى ؛ «قوبۇل قىل»دېگەن پىئىل ئىككنچى شەخىسكە  خىتاپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئوبىيكتى ئىككىنچى شەخىس. «ئۇ»نى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئوبىتكى بولغان قىز دېسەك ،ئۇ ھالدا بۇ يەردە «سەن»ۋە «ئۇ»دىن ئىبارەت ئىككى شەخىس پەيدا بوپ قالىدۇ .شۇڭا بۇ يەردىكى «ئۇ »ئالمىشى ئەتىگۈلنىڭ سىموۋلى بولغان سۆيگۈنى كۆرسىتىدۇ. ئاخىرىقى بېكەت بولسا مۇشۇ سۆيگۈ بىلەن ئۇچرىشىشىدىغان ئاداققى نىشان.
3.ھەر نەرسىنىڭ پەسلى بولىدۇ .لىكىن ئۇ پەيتى كەلگەندە ھېچنىمە قارىماي ئۆتۈپ كېتىدۇ .بۇ پەيتنى تۇتمىغانلار ئۇچۈن پەسىللەرنىڭ يۈزسىزلىكى ئاسىيلىقى بولىدۇ. مۇھەببەتمۇ ھەم .شۇڭا شائىر شېئىر ئوتتۇرا قىسمىغا دەل جايىغا كەلتۈرۈپ مۇشۇ پىكىرنى تاشلايدۇ . «قوبۇل قىل»شۇندىلا «مەن سېنى  تىكەنلىرىم بىلەن خۇش پۇراقلىققا تولدۇرىمەن» گۈلنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ،جەلىپكار بولىشى ئۇنىڭ مەلۇم مەنىدە تىكىنى بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ قارىلىدۇ .ئوخشاشلا بىر ئايالنىڭ تېخىمۇ گۈزەل،تېخىمۇ جەلىكار ،مۇكەممەل بولىشى بىر ئەر بىلەن بىرگە بولىشىدۇر. شۇندىلا ئۇ ئايال ھەقىقى بەخىتكە چۈمگەن بولىدۇ ھەم سۆيگۈمۇ ھەقىقى خۇش پۇراقلىققا تولغان بولىدۇ.
سۆيگۈدىن ئىبارەت بۇ ناخشىنى تالاي كىشىلەر توۋلاپ كەلدى.ھەر قانداق ناخشىنى ئېيتىۋەرسە ئاخىر شاۋقۇندەك ئاڭلىنىدىغان،بىزارلىق بەخىش ئېتىدىغان بولىدۇ.شۆيگۈ ناخشىسىنىڭ مەڭگۈ ياڭراپ تۇرىشى ئۈچۈن ئۇنى يېڭىلاپ تۇرىشىمىز كىرەك.

ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى

ئۆمەر مەخمۇت


سۇغا
مۇۋاپىق نىسبەتتە توپا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمەن،

ئاۋال كۆزدىن باشلاش كىرەك.
كۆزىنى كېچە بىلەن ئويىمەن،
ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىغا
مېنى سۆزلەيدىغان تىل چىقىرىمەن
بەلكىم
كېچە بىلەن تىل ئارىسىدا ئاجىزلىقىم ساقلىنىپ قالىدۇ.
شۇڭا، ئۇ جايدا تەنھالىق بولىدۇ.
ئاندىن كۆزلىرنىڭ ئۈستىگە
ھەسەن-ھۈسەن ياسايمەن.
پۈتكەن جايلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن ،
باغرىمغا چىڭ باسىمەن.

دەل مۇشۇ جايغا كەلگەندە
مېنى يارىتىشقا باشلايدۇ.

"تەڭرىتاغ'ژورنىلى 2009-يىللىق-4-سانىدىن

«ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى»ناملىق شېئىر ئۈستىدە تەھلىل

تەپەككۇرنىڭ ئارىلىق باسقۇچلىرىدىن بولغان ھۆكۈم كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇ ئەنئەنە بىر مىللەت توپىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان توپلانغان ھاياتلىق سەرگۈزەشتىلىرى  تەجىرىبىلىرى، ئىتىقاد چۈشەنچىلىرىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۇيغۇرلار تالاي ئەسىرلەر بۇيانىدا  ئىسلام دىنىي چەمبىرىكى ئىچىدە ياشاپ ، ئۆزىگە خاس بولغان ئىسلام دىنىي تەپەككۇر ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن.دىنىي تەپەككۇر بىر تەرەپتىن قويۇق مىستېتىك تۈسكە ئىگە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ناھايتى كۈچلۈك سەزگۈرلۈككە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئۆز موھىتىدىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە دىنىي تەپەككۇر يېقىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن.ناۋادا، كۈزىتىلگۈچىنىڭ ماھىيتى تولۇق ئىگىلەنمەي،دىنىي سەزگۈرلۈككە تايىنىپلا شەيئىگە ھۆكۈم چىقارغاندا ئەقلى يەكۈن ناتوغرا چىقىدۇ .بۇ دىننىڭ ياكى دىنى تەپەككۇرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس .بەلكى تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچىدىكى مەسىلە.تەپەككۇر ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئىدىلوگىيە سىستىمىسدا كېلىپ چىققان پاجىئە ۋە قالايمىقانچىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس.
ياش شائىر ئۆمەر مەھمۇتنىڭ«ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى»ناملىق شېىئىرى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئېنتىرنىت ساھەسىدە زور تالاش تارتىش ۋە غولىغۇلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇن قەلەمكەشلەر ،ئوقۇرمەنلەر شائىرنى ئوچۇقتىن ئوچۇق «كاپىر»قاتارىغا چىقىرىۋىتىشتى. بۇ  خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەلۋەتتە  ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە يېڭى  ۋەقە  ئەمەس . شاھ مەشرەپتىن تارتىپ،ئابدۇقاردىر داموللا،يېقىنقى يىللاردىكى پەرھات تۇرسۇن قاتارلىقلامۇ بۇ خىل ئەھۋاللارنى باشتى كەچۈرگەن.ئەمسە، بۇ شېئىر راستىنلار شۇنداق كۇپۇرانە شېئىرمۇ ؟
مېنىڭچە بۇ شېئىردا ھېچقانداق دىنىي ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ھەم كۇپۇرلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق(بۇ نوقتا ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يىشىپ چىقىلىدۇ) .بۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىدىكى دىنىي تەپەككۇر بىلەن سەنئەت تەپەككۇرىدىكى ئاجىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. نېمە ئۈچۈن شۇنچە غۇلىغۇلا پەيدا بولىدۇ؟
سۇبىيكتىپ سەۋەب؛
1.بەدىئىي تەپەككۇر ئاجىزلىقى-ئۇيغۇرلار تىپىك سەنئەت مىللىتى ھېسابلانسىمۇ،ئىستېتىك بەھىرلىنىشنى ئاساسىي يادرو قىلغان.ئالماشتۇرۇشقا سەل قاراپ،تەپەككۇرىنى يېڭىلىمىغان،شۇڭا يېڭى ئوتتۇرغا چىققان شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى،ھەزەم قىلىشى قىيىنلاشقان.بىر قىسىملاردىكى ئاجىز تەپەككۇر شېئىرنىڭ خاراكتىرىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋەتكەن.بۇنىڭ يەنە بىر تۈ*ركۈم مەيدانى ئاجىز كىشىلەر ئەگەشكەن،ۋە بۇ خىل خاتا چۇشەنچىنى جامائەت چۈشەنچىسىنى ئايلاندۇرغان.
2.ئېستىتىك ساپا-ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىنىش ئەھۋالى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئېستىتىڭ ئېڭىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئېڭى ئاجىز.يېڭى ئىجادىيەت پىرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ،يېڭى ماھارەت يىتىلدۈرۈشكە سەل قارايدۇ.نەتىجىدە يېڭىچە تەپەككۇر شەكلى ،يېڭىچە پىرىنسىپلار بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرگە قارىتا كۈچ ماغرۇرىنىڭ يەتمىگەنلىكىگە ئىقرار قىلغۇسى كەلمەي. كۆزىنى يۇمۇپ ، ئۆزى بىلگەن تەرەپكە بۇراىغان.
ئوبىيكتىپ سەۋەب
1.شېئىرنىڭ ماۋزۇسى-شېئىرنىڭ ماۋزۇسى «ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى »بولۇپ،ياراتقۇچى دىنىي قاراش بويىچە ئاللاھنى كۆرسىتىدۇ.ئۇدۇل مەنىسى« ئاللاھنىڭ ياراتقۇچىسى» بولىدۇ.ئىسلام دىنى قارىشىدا كۈللى مەۋجۇداتنى ئاللاھ ياراتقان،ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى يوقتۇر. شۇڭا  بۇنداق دىيىش كۇپۇرلۇق بولىدۇ  .
2.شېئىردىكى پىسخىل تەجرىبىنىڭ بىرىنچى شەخىس تىلى بىلەن بايان قىلىنىشى- بۇ خىل بىرىنچى شەخىس، خۇسۇسىيلاشقان شەكىلدە بايان قىلىش شائىرنى شېئىرغا تەۋە بولمىغان ئىدىيەنىڭ ئىگىسىگە  ئايلاندۇرغان.
3. شېئىردىكى سۇ ۋە توپا – ئنسانلارنڭ يارالمىش ئەپسانىلىرىدە(جۈملىدىن قۇرئان قىسسىللىرىدە،ھەدىسلەردە)ئاللاھنىڭ ئادەمنى لايدىن ياراتقانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ.شېئىردىكى بايانچىنىڭ «سۇغا مۇۋاپىق نىسبەتتە توپا ئارىلاشتۇرىمەن»دېگەن مىسراسى تەبئىيلا ئوقۇرمەنلەرگە يارالمش ئەپسانىسىنى ئەسلەتكەن.ئەپسۇسكى ئوقۇرمەنلەر سۇ ۋە توپىنىڭ باشقا مەنە قاتلىمىنى تېپىپ چىقىشتىن بىراقلا ۋاز كەچكەن.
يۇقارقىدەك سەۋەبلەر شېئىرنى ئۇدۇل دىنىي پەتىۋانىڭ سوتىغا سۆرەپ كىرگەن.
ئەمدى بىز شېئىرنى ئىنچىكە يوسۇندا ئانالىز قىلىشقا باشلايمىز . بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شېئىردىكى نىگىزلىك  تومۇرلارنى  تېپىپ چىقىمىز.
1- تومۇرـــ سۇ
2- تومۇرـــ توپا
3- تومۇرـــ كۆز
4- تومۇرـــ كېچە
5- تومۇرـــ تىل
6- تومۇرـــ ئاجىزلىق
7- تومۇرـــ ھەسەن-ھۈسەن
شېئىردا شېئىرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ھەم مەنە قاتلىمىنى تەشكىل قىلغۇچى يەتتە تومۇر بار.بىز مۇشۇ  يەتتە تومۇرنىڭ رولى ۋە ئىچكى مەنىسنى يېشىپ چىقساق شېئىردا ئوقۇرمەنلەر چالۋاقىغان ئىدىيەنڭ بار يوقلىقى ھەم ئەسلىي مەنەنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
بىرىنچى تومۇر،ئىككنچى تومۇر-بىز شېئىرنڭ بىرىنچى مىسراسىغا يانداشقان ئاساستا بۇ ئىككى تومۇرنى ئۇلاپ چۈشىنەيلى.
شېئىردىكى بايانچى كونكىرىت توپا بىلەن سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ نېمە قىلماقچى. ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئورنىغا قويۇپ ئادەم ياسىماقچىمۇ ياكى ئاددى ئىنسان ئورنىدا لاي ھەيكەل ياسىماقچىمۇ؟
بىز سۇنىڭ ئېقىشچان،ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى« ئىدىيە»گە،«توپا»«تەن»گە سىموۋل قىلىنغان دەپ ئانالىز قىلايلى.«تەن»بىلەن«ئىدىيە»نىڭ قوشۇلىشى پائالىيەتچان ئادەم يەنى تەپەككۇرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.بۇ تەپەككۇر ئىگىسى شائىردۇر(ئۆزىدۇر)  شېئىردىكى بايانچى شائىرنى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى تومۇر-كۆزـــ«ئاۋال كۆزدىن باشلاش كىرەك»بۇ يەردىكى كۆز قەلب (كۆڭۈل)دۇر.تىلىمىزدا «كۆڭۈل كۆزى»دېگەن سۆز بار،جالالىدىن رۇمىينىڭ« كۆزۈڭنى يۇم ،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل»دېگەن مەشھۇر سۆزى بار.دېمەك،شېئىردىكى بايانچى شائىرنىڭ(ئۆزىنىڭ) قەلبىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان.قەلب ھەممىنى كۆرىدۇ.كۆز قەلب بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن قەلبنىڭ رولىنى ئېلىپ چىققان.
تۆتىنچى  تومۇر-كېچەـــــبۇ بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزدا ناھايتى ئايدىڭ مەسىلە،يەنى كۈندۈز-قۇياش بەختىيارلىققا؛كېچە،قاراڭغۇلۇق،ئازابقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.«كۆزىنى كېچە بىلەن ئويىمەن» دېگەنلىك قەلبنى ئازابقا تولدۇرۇش مەنىسىنى ئىپادىلىگەن.
بەشىنچى تومۇر-تىل ــــ بايانچىنىڭ شېئىردىكى قايسى ماكان-زاماندا تۇرىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش بەك موھىم،شېئىرىي تىلدىكى جۈملىلەرنىڭ گىرامماتىكىلىك مەنىسىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى،شېئىردا بايان قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن زامان، تاماملانغان شەكىلدە ئەمەس بەلكى ،كەلگۈسى زامان ،تاماملانمىغان شەكىلدە يېزىلغان.يەنى ئارزۇ-ئىستەك خاھىشى بار.« ئاندىن ، ئۇنىڭ ئاستىغا مېنى سۆزلەيدىغان تىل چىقىرىمەن »،(مېنى سۆزلەيدىغان تىل دېگەن بۇ بىرىكمە بىزگە شائىرنىڭ ئۆزىدىن بىشارەت بېرىدۇ) ئازابقا تولغان قەلبنىڭ ئاستىغا ئۇنى سۆزلەيدىغان تىل چىقىرىش دەل ئىچكى دۇنيانى تىلغا كۆچۈرۈش مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنى تىل سەنئىتىگە ئايلاندۇرۇش بولۇپ،ئۇنىڭ يارىتىۋاتقان نەرسىسى ئادەم بولماستىن بەلكى سەنئەت-شېئىردۇر.بۇ يەكۇننى پەيدىنپەي يەنىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىمىز.
ئالتىنچى تومۇر-ئاجىزلىق ــــ « كېچە بىلەن تىل ئارىسىدا ئاجىزلىقىم ساقلىنىپ قالىدۇ»كېچە-ئازاب ،تىل ئازابنى ئىپادىلىگۈچى ۋاستە،لىكىن سەنئەت قارىشىدا تىل ئىچكى دۇنيانى،ئىنساندىكى ئازابنى مۇكەممەل ئىپادىلەپ بىرىشكە قادىر ئەمەس،شۇڭا تىلنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇردىغان شائىرغا نىسبەتەن بۇ خىل مۇكەممەلسىزلىك ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ.لىكىن ئۇ تىلنىڭ بارىلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئاجىزلىقنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ،تەپەككۇر يۈزگۈزىدۇ،ئۈزلۈكسىز سىناق ئېلىپ بارىدۇ(شېئىر يازىدۇ)«شۇڭا بۇ جايدا تەنھالىق بولىدۇ».
يەتتىنچى تومۇر-ھەسەن-ھۈسەن ــــــ ھەسەن-ھۈسەن-گۈزەللىكتۈر.ئىچكى دۇنيانى تىلغا كۆچۈرلىشىلا كۇپايە ئەمەس،سەنئەت بولغانىكەن گۈزەللىككە ئىگە بولىشى كىرەك، شۇڭا ئۇنىڭ بىزەكلىرىگە ئىتىبار بىلەن قاراش كىرەك.« پۈتكەن جايلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن ، باغرىمغا چىڭ باسىمەن»بۇ بىر پارچە ئەسىر پۈتكەندىن كىيىنكى سەنئەتكارنىڭ خۇشاللىقى، روھى ئازادىلىكى. ئۆز روھى دۇنياسىنىڭ خاتىرىسى بولغان بىر پارچە سەنئەت ئەسىرى پۈتكەندىن كىيىن ،ئۇ سەنئەتكارنىڭ شەخسەن ئۆزىگە تەۋە بولمايدۇ،بەلكى مىليۇنلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا تاشلانغان بولىدۇ.ئوقۇرمەنلەر بۇ ئەسەردىن ئوخشىمىغان ئاپتۇرنى ھېس قىلىشىدۇ،ئۇنىڭغا مەنە قوشىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ شائىرلىق كىملىكىنى ئۆزى پۈتتۈرگەن ئەسىرى بېرىدۇ ،شۇ مەنىدىن « دەل مۇشۇ جايغا كەلگەندە مېنى يارىتىشقا باشلايدۇ.».
خۇلاسە ـــــ ئوقۇرمەنلەر دىنىي كۇپۇرلۇققا سۆرەپ كىرگەن شېئىردىن مۇنداق خۇلاسە چىقىدۇ.
1. ياراتقۇچى-شائىر (شېئىر ياراتقۇچى)
2.ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى-شېئىر(شائىرغا يېڭى كىملىك‹شائىرلىق كىملىكى› ئاتا قىلغۇچى)
شېئىردا بىر سەنئەتكارنىڭ بىر پارچە  ئەسەرنى قانداق يېزىش ، قانداق تاماملاش جەريانى شۇنداقلا سەنئەت توغرىسدىكى قارىشى شېئىرىي تىل بىلەن ناھايتىي ماھارەتلىك بايان قىلىنغان.


ئەسلىمە

جاسارەت تاش

كۆزۈمگە خائىنلىق قىلغاندا ئۇيقۇ،
ئوبرازىڭ كاللامدا قۇرىدۇ بەزمە.
خوشلاشقان چاغدىكى تاتارغان چېھرىڭ،
تېيىلغاق يوللارغا چاچىدۇ نەزمە.

ئۆتمۈشنى تەپەككۇر پېچىدە تاۋلاپ،
يېقىملىق ئىسمىڭنى چىقىمەن ئايرىپ.
ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ھىجران شامىلى،
سۇندۇرار سەۋرنىڭ شېخىنى قايرىپ.

ئىيۇننىڭ دەسلەپكى يامغۇرلۇق تۈنى،
ناخشاڭنىڭ روھىنى كەلگەندە باشلاپ.
سۈكۈتلۈك كەپىدىن چىقار تۇيدۇرماي،
مۇھەببەت زاھىدلىق تونىنى تاشلاپ.

پەسلىدىن ھالقىغان قارلىق دالىدا،
شېرىن چۈش كۆرمەكتە ئاياغ ئىزلىرىڭ.
سەن بەرگەن ھارارەت ئوتنىڭ تەپتىدە،
ئىللىتار ئەتىنى ئوغۇل-قىزلىرىڭ.

رومانتىك ھېسقا باي ئۆسمۈرلۈك ھىدى،
ھەسرەتلىك ياشلىققا بېغىشلار ئارام.
كەچكۈزدەك مۇڭلانغان غېرىب ئەسلىمە،
باھاردەك دىللاردا ئەيلىنەر داۋام.

«ئەسلىمە»ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە باھا

ئەسلىمە-ئەسكە ئورنىغان ئۆتمۈش.ئۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكى ۋە خۇش ھىدى.ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھېسيات ۋە ئۇنتۇلماس كەچمىشلەر سىڭگەن.ئۇ كۆرۈنۈشكە ئىگە بولمىغان مەۋجۇتلۇق.ئۇنى تىل ئارقىلىق رېتىملىق تەسۋىرلەپ چىقىش شېئىرنى بارىلىققا كەلتۈرىدۇ.
يۇقارقى شېئىرنى قورامىغا يەتكەن بىر پارچە لىرىكا دېيىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭدا ھەقىقى لىرىك شېئىردا بولۇشقا تىگىشلىك ئامىلللار ۋايىغا يەتكەن.
1.ھېسسىي تەجرىبە-ھېسيات تىلنى ئۇستىخان قىلغان شېئىرنىڭ تومۇرىدا ئېقىپ يۈرگەن قان.بۇنىڭدىن ئايرىلسا ئۇنىڭ لىرىكىلىقى تۇگەيدۇ . ئەمما      ئۇنىڭ   سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىشى پىشىپ-يىتىلىپ  ،جۇغلىنىپ ، تەجرىبە ھالىتىگە ئۆتكەندە يۈز بېرىدۇ . مەزكۇر لىرىكىدا بايان قىلىنىۋاتقىنى بۈگۈندە تۇرۇپ ، ئۆتمۈشنى ئەسلەش       ، كەلگۈسىگە قاراش: ئۆتمۈشتىكى كەمتۈكلۈكنى كەلگۈسىدە ئەۋلاد زەنجىرى  ئارقىلىق تولدۇرۇشتىن ئىبارەت ئارزۇ-ئىستەك.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشتىكى خاتىرىلەرنىڭ قوزغىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىنىرتسىيە كۈچىنىڭ نەتىجىسى. شېئىرنىڭ كىشىگە شۇ قەدەر يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلىشى ھېسسى تەجرىبىلەرنىڭ زىيادە توقۇلمىلاشتۇرىۋىتىلمىگەنلىكى،  چىن، سەمىمىي ئوتتۇرغا چىققانلىقىدۇر.
ئۆتمۈشنى تەپەككۇر پىچىدە تاۋلاپ،
يېقىملىق ئىسمىڭنى چىقىمەن ئايرىپ.
بۇنداق كەچۈرمىش ھەر كىمنىڭ ھاياتىدا بار.دېمەك بۇ تەجرىبىگە ھەممە كىشى پىششىق.ناۋادا ئۇ بەك توقۇلمىلاشتۇرىۋىتىلسە،كىشىگە ئوڭايلا ساختا تەسىر بېرىدۇ.كۆپ ھاللاردا شېئىر توقۇلما تەسەۋۋۇرغا ئېھتىياجىلىق بولسىمۇ،ۋاقتى كەلگەندە توقۇلما قىلماسلىق كىرەك.توقۇلما قىلمايمۇ گۈزەل،يارقىن كەيپىيات  ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. موھىمى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوبىيكىتنىڭ خاراكتىرىگە دېھقەت قىلىش كىرەك.
2.مەنزىرە-لىرىكىنىڭ مەنبەسى رىئاللىقتىن كېلىدۇ . شائىرنىڭ روھى دۇنياسىدا تاۋلىنىدۇ. شۇڭا لىرىكا مەنزىرە، كۆرۈنۈش ۋاستىسىگە باغلانغان بولىدۇ. شېئىردىكى ئەسلىمىلەرمۇ ئۇنتۇلماس مەنزىرىلەر بىلەن سىڭىشكەن . لىرىك ھېسياتنىڭ يوشۇرۇن ئاڭغا چۆكۈپ كەتمەي، ئۇزاق مۇددەت قوزغىلىپ تۇرىشى رىئاللىقتىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شېئىردىكى «خوشلاشقان چاغدىكى تاتارغان چېھىر»،«ئىيۇننىڭ دەسلەپكى يامغۇرلۇق تۈنى»،«سۈكۈتلۈك كەپە»،«قارلىق دالا» قاتارلىق كۆرۈنۈش ۋە مەنزىرىلەر ھاياتلىق زىمىنىدىكى دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەردۇر.ئۇلار لىرىكا سۇبىيكتىنىڭ خاتىرىسىدە مەڭگۈ  ئۇنتۇلماس ،دېڭىزدەك چوڭقۇر كۇرۇسقا ئىگە. سەممىي ھېسيات بىلەن يۇغۇرۇلغان مەنزىرىلەر  ئوقۇرمەنلەرنىڭ رومانتىك كەچمىشلىرىنى قوزغىتىدۇ.ئەمما لىرىكا نوقۇل سۇبىيكتىپ تەسرات سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقماسلىقى كىرەك .ئۇنداق بولغاندا شېئىرنىڭ مەنە بوشلۇقى تارىيىپ كېتىدۇ. ئۇنى موھىت بىلەن بىرلەشتۈرگەندە ،لىرىكىنىڭ ماھىيەتلىك چوڭقۇرلىقى ئېشىپ،زېمىنى كىڭىيدۇ.بەلگە خاراكتىرىگە ئىگە بۇ مەنزىرە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستىتىك ئېڭىدا سۈرەتكە ئايلىنىپ، لىرىكىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
3.رېتىم- رېتىم ھەر قانداق لىرىك ئەسەرنىڭ موھىم بولغان ئىپادىلەش ۋاستىسى.بولۇپمۇ شېئىر،مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىدە تېخىمۇ موھىم.ئۇنىڭ ئىستىمال ۋە شەكلەن مەنىسى مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە تەكرارلىنىش-قالايمىقان بولماسلىق.مۇئەييەن تەرتىپكە ئىگە قىلىنىش.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ بىر خىل گۈزەللەشتۈرۈش ۋاستىسى. ئەمما  شېئىردىن ئىبارەت بۇ شەنئەت شەكلىدە سۆزلەرنى مۇئەييەن تەرتىپكە سېلىپ، تەكرارلاپ قويۇش كۇپايە ئەمەس، بەلكى ئېستىتىك كىچمىشلەرنى ھېسيات، تەسەۋۋۇر، موھىت، لىرىك ئوبراز قاتارلىق بەدئىي  ۋاستىلەر بىلەن يۇغۇرۇپ ئىپادىلىگەندىلا ئاندىن يۇقارقىدەك گۈزەل شېئىرنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
مەزكۇر شېئىرنىڭ رېتىمى ناھايتى تەرتىپلىك،قانۇنىيەتلىك.موھىمى رېتىم قۇرغاق سۆزلەر باياۋىنىدا ئەمەس ،بەلكى چوڭقۇر،ئۇنتۇلماس كەچۈرمىشلەرنى ئاساس قىلىپ گۈزەل شېئىرىي تىل بىلەن يارقىن شېئىرى دۇنيا،مەنىۋىي موھىت ھاسىل قىلغان.بۇ ئېستىتىك دۇنيا ساختا خام- خىيال دۇنياسى بولماستىن،ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلەيدىغان ھەم ئۇنى لەرزىگە سالالايدىغان دۇنيا بولغان.


غەزەل

ئابدۇراخمان ئابدۇكىرىم

نېتەي قەلبىم بولۇپ گۈلخان مېنى مەيگە راۋا قىلدى،
راۋا قىلدى پەرى-ئول كىم، لېۋىگە ئوت لاۋا قىلدى.
قاچان غەمناكلىرىم ئۆلگەن مېنىڭ ئۇشبۇ مۇھەببەتتىن،
ئۆلەي، رەببىم ئارا يەككە مېنىڭ قەلبىم داۋا قىلدى.
ئۇنى سۆيمەكلىكىم بەرھەق بولۇپمىش لەۋلىرىم ئاتەش،
نېچۈن مىڭ غەش دىلىمدا، كىم مېنى ياردىن جۇدا قىلدى.
ئايا زۇلتاپ قەدەھنى ئال، ساڭا رەببىڭ يېشى بىرلە-
سېلىپ تەشۋىش، پۇچۇق جامغا شارابنى خوپ ئاتا قىلدى.

«غەزەل»ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە باھا

بۇ  قىسقا شېئىرغا  ئۇيغۇر ئىدىلوگىيسىنى  مىڭ يىللاپ  ئىگىلەپ كەلگەن تەسەۋۋۇپ پىرىسلانغان  ھالەتتە  سىغدالغان . غايىپقا  مۇھەببەت  باغلاش  ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمۇ غايىپلىققا ئايلىنىش ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ ئۇزاق ئەنئەنىسى ۋە شېئرىيەتتىكى ئىستىتىك غايىسى . مەزكۇر شېئىر ئاشۇ ئۇزۈلۇپ  قالغان شېئىرىيەت ئەنئەنىسىنى  داۋاملاشتۇرغان ھەم تىل جەھەتتىن  يېڭىلانغان .گەرچە بۇ  يېڭىلاش ئۈزۈل-كىسىل بولمىسىمۇ ،يەنى شەكىل،   لىكسىكا ،ئىستىلىستىكا جەھەتتىن كىلاسسىك ئەنئەنىنى پارچىلاپ تاشلىيالمىغان بولسىمۇ ، ئەنىئەنىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىش ، ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان ئەنئەنىسىنى ئۆز "گېن"ى بويىچە  ئىزچىللاشتۈرۈش مومكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە كىلاسسىك شائىرلار بىلەن  چاغداش شائىرلارنىڭ ئىدىلوگىيە سېستىمىسىدا غايەت زور  بۇرۇلۇش بولغان ، دۇنيا قاراشلىرى ،ھايات چۈشەنچىلىرى ،تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار تۈپتىن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ،ئەمما سەنئەتنىڭ ئېستىتىك پىرىنسىپىنى تۇتقا قىلىپ داۋاملاشتۇرۇشقا  تامامەن   بولىدۇ .شۇنداقلا بۇ ئەنئەنىنىڭ ئىپادىلەش ئوبىيكتىنى كىڭەيتىپ، كىلاسسىك شەكىل ئارقىلىق بۈگۈنكى مەۋجۇتلىقنى ،گۈزەل تەبىئەتنى ۋە ھەر قانداق تىمىنى ئىپادىلەشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە ،مەزكۇر شېئىرنىڭ مۇئەللىپى تەسەۋۋۇپچى  ئەمەس، ئەمما شېئىرنىڭ ئېستىتىك پىرىنسىپىنى تۇتقا  قىلىپ كونا  تىمىنى يېڭىچە  تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش شائىرلىقنىڭ يەنە بىر يولى.بىز شېئىرنىڭ نەسىرى يەشمىسىگە ئىرىشىپ باقايلى .
بىرىنچى بىيىت -  قەلبىم  ئىشق ئوتىدا  ئوت  بولۇپ كۆيمەكتە .  بۇ ئوت  مېنى  ھارارەتنى  بېسىقتۇرغۇچى  مەيگە مۇپتىلا  قىلدى
بۇ يەردىكى ئىشىق تەسەۋۋۇپچىلار قارىشىدىكى ئىلاھى ئىشىق( ساماۋى ئىشىق) مەي بولسا كەيپىيات .يەنى ئىشىقتىن مەسىت بولۇشتۇر .
ئىشىق دەردىدە  لەۋلىرىم ھەم ئاتەش بولدى ،كۆيۈپ چۇچۇل بولدى .لىكىن ئۇ پەرىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن  (ئول پەرى كىم)
)مەۋھۇماتقا  ئىشق  باغلاش ۋە ئىشق ئوتىدا كۆيۈش(
...
تۆتىنچى بىيىت - ھەي زۇلتاپ  ،قەدەھنى  ئال .
سېنىڭ بۇ  ئازابىڭغا  خۇدامۇ ياش تۆكتى ھەم  كۆز  ياشلىرىنى  بىر  جامغا  لىق  تولدۇرۇپ ،ساڭا ئاتا قىلدى.
شېئىر  تۆتىنچى بىيىت ئارقىلىق  يۇقىرى  پەللىگە يەتكەن .تەسەۋۋۇپتىكى  شائىرنىڭ غايىپقا ئايلىنىش ،خۇدا بىلەن  بىرلىشىشتەك ئىسىتىك غايىسى  رىئاللاشقان . قانداق  رىئاللاشقان  دېگەندە خۇدانىڭ يېشىنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزى بىلەن  بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان.
شېئىر كىلاسسىك ئەنئەنىنىڭ ئىدىيە ،  شەكىل ، ئىستىتىك غايە قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە . ۋەھالەنكى «غەزەل»دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ شېئىرنىڭ بىيىتى تۆت.ئارۇز نەزىريىسى بويىچە بولغاندا بەش بىيىتتىن كەم بولماسلىقى كىرەك . لىكىن بۈگۈنكى كۈندە، بولۇپمۇ ھەممە يېڭىلىنىۋاتقان،ئەنئەنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ئەمەس بەلكى ھەممىنىڭ ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىشى ئاساسىي مىلودىيەگە ئايلانغان كۈندە بۇنداق ئۆلچەمنى قويۇپ تۇرىۋىلىشنى ئاقىلانىلىق ئەمەس.شېئىردا شائىرنىڭ  دېمەكچى بولغىنى تۆت  بىيىت بىلەن ئاخىرلاشقانىكەن ،ئۇنىڭ ئاخىرىغا ياكى ئارىلىقىغا زورلاپ گەپ قىستۇرۇش  ھاجەتسىز.
ئوقۇۋاتقان شېئىرلىرىمىزدىن نېمىنى كۈتۈيلى ئۇ مەڭگۈ كۈتكەنلىرىمىزنى تولۇق  بىرەلمەيدۇ. پەقەت لەھزىلىك قىممەت مەۋجۇت.ئۇنى ئۇزاققىچە قىممەتكە ئىگە قىلىش،قىلالماسلىق ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىدىكى ئىش.

قىز قەلبىدە ياشىماق

رەخىم ياسىن قاينامى

ئايغا باقاتتىم ،
قەبرەم ئايدا بولسا دەپ .
كۈنگە باقاتتىم ،
كۈن تەپتىدە كۆيسەم دەپ .

تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكەن شۇ يولدىن ،
چېچەكلەر ئەگىشەر كەينىڭدىن ئاپا .
خىيالەن قىزىڭدەك مېھىرلىك باققىن ،
ئۇچراپ قالسا ئۇ قىز ناۋادا .

ئېھتىمال .مەن ئۆلگەن ئۇ كۈنلەر ،
قوللىرىدا بىر دەستە گۈل ،
ئۇچرىتارسەن قەبرەمدە ئۇنى

ئاڭلا ، ئاپا
ئاي ئىدى ئۇ قىز .
قەلبىمدىكى كۈن ئىدى ئۇ قىز .
دىل بېغىمدا گۈل ئىدى ئۇ قىز .
يوشۇرۇن پىراقتا كۈل ئىدى ئۇ قىز

كۆز يېشىمدەك دەريا بويىدا
مەن ئۆلگەندە .....دېگىن بۇنى توي .
ئاق كىيىملىك مەيۈس پەرىزات .
سوراپ قالسا كىم بولىسىز دەپ ،
كۆز يېشىڭنى يوشۇرۇپ تەمكىن
مەن رەخىمنىڭ ئاپىسى دەپ قوي .

ئاسمىنىمدا ئاي ئىدى قىز .
روھىمىدىكى كۈن ئىدى ئۇ قىز .
بېغىمدىكى گۈل ئىدى ئۇ قىز .
ھىجرانىمدا كۈل ئىدى ئۇ قىز .

«قىز قەلبىدە ياشىماق›› ناملىق شېئىردىن ھوزۇر

مەن قاينامىنى توردا تونۇدۇم دېسەم سەمىمىي گەپ قىلغان بولىمەن .گەرچە ژورناللارنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ شېئىرغا ئاز -تولا ھەۋەس پەيدا بولۇشتىن ئىلگىركى كىتاپ –ژورناللاردىن بەكمۇ خەۋەردار ئەمەس ئىدىم .كىيىن ئوقۇتقۇچىمنىڭ تەسىرىدە بۇ ساھەگە ئشتىياق شەكىللەندى . نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇش ئىستىكىدە بولغان بولساممۇ جىق  توسالغۇلار بار ئىدى .ئالىي مەكتەپكە كىلىپ كۈتۈپخانىدىكى ، قىرائەتخانىدىكى دۆۋە -دۆۋە كىتابلارنى ،ژورنال توپلاملىرىنى كۆردۈم، بۇ چاغدا بۇ كىتابلارغا قاراپ «غىققىدە» بولۇپ قالدىم ، قايسىسىنى ئوقۇشنى بىلەلمىگەندەك  ... .قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارنى بىر -بىرلەپ ۋاراقلاپ چىقىشنى ئويلاپ قالدىم ،لىكىن ۋاراقلاپلا قويغىلى بولمايتى ،ياقتۇرغانلىرىمنى ئالدى بىلەن كۆرۈپ چىقىۋاتاتتىم . ئاشۇنداق ۋاراقلاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاينامىنىڭ سۈرىتى ۋە تەرجىمھالى بىرىلگەن بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . بۇ چاغدا قاينامى بىلەن ئاللىبۇرۇن < بىر قازاننىڭ تۇز تەمىنى تېتىيدىغانلار > دىن بولۇپ قالغان ئىدۇق .تېتىملىق شېئىرلىرى بىلەن ئۇسسۇزلىقىمىزنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان قاينامىي خېلى بۇرۇنلا دېھقىتىمگە سازاۋەر بولغان ئىدى ،شۇڭا بۇ شېئىرلار مېنى تىزلا ئۆزىگە تارتتى . شېئىرغا كىرىشتىن ئاۋال ئۇنىڭ قەلبىدىكى شېئىر ۋە شائىر توغرىسىدىكى پىچىلاشلىرىنى ئوقۇپ باقتىم ؛ «ھاياتلىقنىڭ ئىچكى رېتىملىرىدا ئۆز مەنىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن ،ھېس -تۇيغۇ ئالىمىدىلا يۈز بىرىدىغان كۆرەشلەردە يارىلانغان بىھوش تىنىنى سۆرەپ تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىۋاتقان ئاشۇ بەندە دەل شائىرنىڭ ئۆزىدۇر .ھالبۇكى تەڭرىنىڭ شائىرغا ھەدىيە قىلىدىغىنى ئابىھايات بولماستىن شېئىر بولۇپ چىقىدۇ». بۇ قەلبىدە جاھانغا پاتقۇسىز ئارزۇ -ئارمانلىرى پۇرۇقلاپ قايناۋاتقان 25ياشلىق قاينامىنىڭ شېئىرىيەت ئالىمىدىن سىرغىپ چىققان بىر تامچە ئىدى .خالاس .
شائىرنىڭ ئاشۇ يېشىغا قانات سۆرەپ كىتىۋاتقان ھەر كىمنىڭ شائىرنىڭ دۇنياسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن -نۇرغۇن ئىستەكلىرى ،ھاياجانلىرى ،تەلپۈنىشلىرى ،سەرگۈزەشتىلىرىمىز شۇنداقلا ئازابلىرىمىز بار ئىدى. شائىرنىڭ كۆز ئالدىمدىكى <شېئىرلار > نامىدىكى بىرىنجى شېئىرى«قىز قەلبىدە ياشىماق ..»مېنى دەل ئاشۇنداق تۇيغۇ ئورتاقلىغىغا باشلاۋاتاتتى

ئايغا باقاتتىم ،
قەبرەم ئايدا بولسا دەپ .
كۈنگە باقاتتىم ،
كۈن تەپتىدە كۆيسەم دەپ


ئاتتەك چاپچىپ يۈرۈشلىرىمىز ئۆزىنى پىنھان ئەيلىگەندەك ، بىر قارىماققا مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغاندەك ، ئاجايىپ بىر سەۋدالارغا مەپتۇن بولغاندەك ئىدۇق . غەملەر تولىمۇ جەلىپكار ئىدى ،«ئاي » «غەم » بۇ ئىككى سۆزنىڭ نىمىشقا قاپىيداش بولۇپ قالمىغانلىقىغا ئاغرىناتتۇق (ئاغرىناتتىم ) ئايسىز غەملەرنى تەسەۋۋۇر قىلغاق تەس ئىدى . ئايدىن مۇستەسنا بولساقمۇ بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋىرەتتۇق .غەملىرىمىز ئاي بىلەن قوشۇلۇپ ئەبەدىي گۈزەللىك بېغىشلايدىغاندەك ئىدى .
ھالبۇكى شائىرنىڭ«غەم » ىگە تولىمۇ چوڭقۇر ئازاب سىڭگەندەك قىلاتتى ، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئاي جىمجىتلىقنىڭ سىموۋلى بولۇپ قالغان ئىدى . پانىي شائىرغا خەيىر لىك ئېلىپ كەلمىگەندەك ئۇ ئۆز تىنىنىڭ بۇ تەڭسىز دۇنيادا قېلىشىغا نارازىدەك قىلاتتى . ئۇ ئايغا بېقىپ ئەبەدىي جىمجىتلىققا ئىرىشىنى ، ئاشۇ يەردە مەڭگۈ خاتىرجەم«ئارام ئېلىش» نى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ قەلبىگە ئازابنلار يەنىمۇ سىغدىلىۋاتاتتى . بۇ كېچە ئىدى
بىر پارچە شېئىردىن ئوقۇرمەن ئۆز تۇيغۇ كەچۈرمىشىنىڭ كىچىككىنە ئىزناسىنى ئۇچىرتىپ قالسا ئۇ شېئىرنىڭ ھەممە پاخپاق يەرلىرىنى كەچۈرۋىتىشكە رازى بولىدۇ ،ھالبۇكى بۇ شېئىر ماڭا قاتمۇ -قات لەززەت بېغىشلاۋاتاتتى ، بۇ پەقەت ماڭىلا تەۋە لەززەت ئىدى .
20نەچچە يېشىڭدىكى ئارزۇ -ئارمانلىرىڭنى ،ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىڭنى پەقەت شائىرنىڭ قەلبى بىلەن سىزىپ چىقالايسەن . لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭ شائىر بولۇشۇڭ ،ئۆزۈڭ ئارخىكتور بولۇشۇڭ كىرەك .
شائىرنىڭ دەرد -ھەسرىتى پەقەت كېچىگىلا مۇجەسسەملەشكەن ئەمەس . ئۇنىڭ ھەر بىر لەھزىسى گوياكى ئۇنىڭغا ئازابلا بېغىشلاۋاتاتتى .
بىر قىز شائىرنىڭ قەلبىدە قوياشقا سىموۋل بولۇپ قالغان ئىدى .قىز شائىر قەلبىنى يورۇتقۇچى ئىدى . لىكىن يوروتالمايۋاتاتتى ،ئەكسىچە قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىۋەتكەندەك .... بۇ يەردە غايەر زور ،كۈچلۈك بىر توسالغۇ بار .بۇنى قوياش كۆيدۇرەلمەيتى .شۇڭا شائىرنىڭ كۈنلىرى <غەم>لا ئىدى . دەيمەنكى غەمدىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەستەك ...ئەڭ ئېغىر غېمىنى ھەل قىلالمايۋاتاتتى ، تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتاتتى.ھەممىدىن بىزار بولىۋاتاتتى .جىمجىتلىققا ئۆزىنى ئاتقۇسى ، ئۆز قەبرىسىنىڭ جىمجىتلىقنىڭ سىموۋلى بولغان ئايدا بولۇپ قېلىشىنى ، كۈن تەپتىدە كۈل بولۇپ كىتىشنى خىيال قىلۋاتاتتى .

تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكەن شۇ يولدىن ،
چېچەكلەر ئەگىشەر كەينىڭدىن ئاپا .
خىيالەن قىزىڭدەك مېھىرلىك باققىن ،
ئۇچراپ قالسا ئۇ قىز ناۋادا .

بۇ رىئاللىق ئەمەس . ئەمما شائىرنىڭ تۇيغۇ ئالىمىدە بۇلۇپ ئۆتكەن رەسمي رىئالىق . بۇ سەل غەلىتە گەپتەك تۇيۇلىدۇ. بەلكىم مەن بۇ يەردە رىئاللىق دېسە كۆز ئالدىغا كالتۈرگىلى بولىدىغان مەۋجۇتلۇقنى نەزەردە تۇتۇپ رىئاللىق ئەمەس> دېگەندىمەن ،ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ھەقىقى باشتىن كەچۈرۈلگەن تۇيغۇ كەچۈرمىشى ئىكەنلىكىنى ، قىسقىسى ،ئۇنىڭ ھەقىقىي بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ  رەسمىي رىئاللىق دەۋالغاندىمەن .بەلكىم بۇ ئانچە زۆرۈر ئەمەستۇ.
شائىر شۇ ئۆمرىدە تالاي -تالاي يوللارنى بېسىپ ئۆتكەندۇ . بەلكىم بىر قىز بىلەن ئۆتكەندۇ ، بەلكىم ناتونۇش بىر سى بىلەن ئۆتكەندۇ ، بەلكىم ئۆزى يالغۇز ئۆتكەندۇ ، ئۇ يولدىن ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنىپ ئۆتكەندۇ ، كۈلۈمسىرەپ ئۆتكەندۇ ،ئاڭسىز رەۋىشتە ئۆز ھالىغا ئۆكۈنۈپ ،كۈلۈمسىرەپ ئۆتكەندۇ .ئىشقىلىپ بۇ يەردە شائىرنىڭ خىيالىغا تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكەنلىكى كەلدى . ئادەمنىڭ ھاياتىدا بۇنداق يوللاردىن نۇرغىنى بولىدۇ ، لىكىن ھەممىسى بۇنداق ئەسلىنىپ تۇرمايدۇ . بۇ يەردە شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا نىمە ئۈچۈن چېچەك كېرىپ قالدى ؟ ئۇ يولدا چېچەك بار بولغىيمىدى؟   نىمىشقا گۈل ياكى باشقا نەرسە كىرمەيدۇ ؟ چۈنكى چېچەك مىۋە بىرەتتى .گۈل پۇراپ قويۇشقىلا ئەرزىيتى .بۇ يەردە شائىرنىڭ < باغۋەن >بولغۇسى كىلىۋاتقاندەك قىلاتتى .
شائىر نەقەدەر ئۇلۇغ كىشى -ھە . ئۇ ئاپىسىنى ئويلىدى . ئۇ ئازابنىڭ بىر ئۈچى بولغان <ئاپا > سىنى ھەممىدىن موھىم بىلدى . بۇ يەردىن چۆچەكلەرسىمان تەسىرلىك بىر كۆرۈنىشنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردۈم . <ئاپا ، تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكەن شۇ يولدا ناۋادا مەن سۆيگەن شۇ قىز نى ئۇچرىتىپ قالساڭ ،خىيالەن <قىزىم > دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ مېھىر بىلەن بېقىپ قويغىن > نىمە ئۈچۈن مېھىرلىك بېقىپ قويىدۇ ؟ بۇ شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئاددى ئەمما بەكمۇ گۈزەل بىر ئارمىنى ئىدى .

ئېھتىمال .مەن ئۆلگەن ئۇ كۈنلەر ،
قوللىرىدا بىر دەستە گۈل ،
ئۇچرىتارسەن قەبرەمدە ئۇنى.

«كەلگۈسى»نى كۆرۈۋاتىمىز . شائىر ئۆلۈپ كەتتى .ئەمما ئۇ« ھازىر» دا يەنىلا ھايات .ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى چاغلارنى شائىرانە ئەلەملىك قەلبى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ .چۈنكى شائىرنىڭ باشتىكى ئارزۇ -ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى .. چۆچەكلەرسىمان خىيالى ،تەسەۋۋۇرلىرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى . تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكەن يولدا ئاپىسىنىڭ كەينىدىن چېچەكلەر ئەگەشمىدى ... ئاپىسىمۇ خىيالەن «قىزىم » دەپ مېھىرلىك باققۇدەك قىزنى ئۇچراتمىدى ..........
شائىر پەقەت ئۆزى ئۆلسىلا بۇ ئۆچرىشىش ئەلگە ئاشىدىغاندەك ئويلىدى . شۇ چاغدىلا قوللىرىدا دەستە گۈل كۆتۈرگەن قىز بىلەن«ئاپا » ئۇچىشاتتى . لىكىن بۇ يەر شائىرنىڭ قەبرىسى ئىدى . بۇنداق ئۇچرىشىش بەكلا ئازابلىق بولاتتى .
شائىر ئەمدى ئاپىسىغا قېيداۋاتقاندەك قىلاتتى .

....
ئاڭلا ، ئاپا
ئاي ئىدى ئۇ قىز .
قەلبىمدىكى كۈن ئىدى ئۇ قىز .
دىل بېغىمدا گۈل ئىدى ئۇ قىز .
يوشۇرۇن پىراقتا كۈل ئىدى ئۇ قىز .

شائىرنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كۈل بولۇپ كەتتى . قەلبىم ئۆرتەندى ... شۇ قەدەر ھېسداشلىق قىلغۇم كەلدى . گەرچە بۇ قىسمەتلە مېنىڭ بېشىمغا كەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما مېنىڭمۇ سۆيگۈ ئالىمىمدىمۇ < ئايدەك ،قەلبىمدىكى كۈندەك ،دىل بېغىمدىكى گۈلدەك ، يوشۇرۇن پىراقتا كۈل... >دەك قىز بولۇپ ئۆتكەن ئىدى .شائىرنىڭ سۆيگۈ تىراگىدىيسى يۈز بىرىپ بولغان ئىدى . ئۇ باشقا نىمىمۇ ئامال قىلالىسۇن ؟
شائىر ئەڭ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشىنى پىچىرلاۋاتاتتى ...

مانا ئەمدى
كۆز يېشىمدەك دەريا بويىدا
مەن ئۆلگەندە .....دېگىن بۇنى توي .
ئاق كىيىملىك مەيۈس پەرىزات .
سوراپ قالسا كىم بولىسىز دەپ ،
كۆز يېشىڭنى يوشۇرۇپ تەمكىن
مەن رەخىمنىڭ ئاپىسى دەپ قوي .

ئۇ پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز ،تۈگەشكەن ھالەتتە ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ،ئەڭ تاتلىق ئارزۇسى بەرباد بولدى . مانا ئەمدى ، مەن ئۆلگەندە ...دېگىن بۇنى توي > ئۇ نىمانچە قىېيدىغاق . لىكىن بۇ قىېيداشنىڭ ئىچىگە تولىمۇ چوڭقۇر ئامراقلىق ، تولىمۇ پاكىز بىر مۇھەببەت سىڭگەن ئىدى .« كۆز يېشىڭنى يوشۇرۇپ تەمكىن ، مەن رەخىمنىڭ ئاپىسى دەپ قوي .» بۇ ئۇنىڭ 20نەچچە ياشلىق ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تىراگىدىيەلىك سەرگۈزەشتىلەرنىڭ بىرىنجىسى بولۇشى مومكىن . ئۇ ھېلىمۇ شائىر بوپ قاپتىكەن . ئۇ مۇ شۇ ئارقىلىق قەلبىدىكى ئازابلارنى« قەلب سۈيى» بولغان شېئىر ئارقىلىق ئاز -تولا بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىگەندۇ ؟
شائىر قەلبى يەر پوستىغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئاستىدا زەمزەم كەبى سۇلارمۇ ، تىلنى ئېچىشتۇرغىدەك قىرتاق ،تۇزلۇق سۇلارمۇ بار ، بۇ سۇلار شائىر قەلبىدىكى تۇيغۇ تامچىلىرىدىن ھاسىل بولىدۇ . شائىر قەلبىدىكى تۇيغۇ تاتلىق بولىدۇ ، قىرتاق بولىدۇ . مۇبادا بۇ تامچىلار قەلبكە پاتمىغۇدەك دەرجىدە سىغدالغان ۋاقىتتا بۇلاق سۈيى يەر پوستىنىڭ بوش ،ئېتىلىپ چىققىش ئىمكانىيتى بولغان قاتلاملىرىنى بويلاپ يەر ئۈستىگە چىققىنىغا ئوخشاش شائىر قەلبىدىكى تۇيغۇ تامچىلىرىمۇ چىڭ سىغدالغان ۋاقىتتا ئاشۇنداق يوللار بىلەن شېئىر بولۇپ چىقىدۇ .
ھەر قانداق بىر پارچە شېئىرنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر ھېكايە مەۋجۇت . شېئىر كەينىدىكى بۇ ھېكايىگە ئەسلىدە شائىردىن باشقىلار چېقىلماسلىقى كىرەك ئىدى .ئەمما بارلىق ئوقۇرمەن تولىمۇ باشباشتاق ئىدى .ئۇلار چېقىلىشقا بولمايدىغان ھەممە نەرسىگە خالىغانچە چېقىلاتتى ،ھالبۇكى ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش بىلەن ھوزۇرلىناتتى .مۇشۇ تاپتا مەنمۇ ئۆزۈم خالىغانچە بىر ھېكايە توقۇۋالغان ئىدىم . ھېكايەمنىڭ ئاخىردا شائىر ئەلەم ئىچىدە كىمگىدۇر پىچىرلاپ مۇنۇلارنى دەۋاتاتتى ....

ئاسمىنىمدا ئاي ئىدى قىز .
روھىمىدىكى كۈن ئىدى ئۇ قىز .
بېغىمدىكى گۈل ئىدى ئۇ قىز .
ھىجرانىمدا كۈل ئىدى ئۇ قىز .
ئەمدى بۇ ھېكاينى داۋاملاشتۇرسام بولمايدۇ ، چۈنكى ھېكايە مۇشۇنداق ئاخىرلىششى كىرەك .

خىيالىمدىكى مۇقاملىرىمنىڭ ئۇپۇقسىمان تەرەننۇملىرى

(شۇ ناملىق شېئىرلاردىن پارچە)

يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس


1
تولىمۇ لەرزان، قەدىمكى مەنزىرىلەرنى ئەسلەتكۈچى تەرەننۇم، بەلكى دېڭىزدىن يەلكەن دولقۇنلىنىپ كېلەر جانىم ئارا،
مەشتەك قىزىق تېنىمدىن چېچىلغان ھاياجان، كىرپىكىمدە چوغلار تاراملاپ تونۇر دۇدلىنىپ كېلەر جانىم ئارا.
ئاتمىش يىل بۇرۇنقى سەھرادا، فېۋرالنىڭ قارلىق كۈنىدە تولغاق يېگەن ئانام ئاسمانى مۇسەببا ھازىر،
ئاتمىش ياشلىق بوۋاق بۆشۈكىدە  ئەللەيسىمان مۇڭلار رەببى قېرى ئاقساقال ئاينى يۇلۇپ كېلەر جانىم ئارا.
بىر ۋاپا ئەھدىدە، بىۋاپالىق ۋەسلىدە شەپقەت قىلماق بۇرچى تاغدىن ئېغىر، قۇملۇقتەك دېمىق تەقدىر تۇتۇق،
دىۋىلەر توزاڭى يىلىمدەك چاپلاشقان، كۇمۇت، چىۋىندەك چېقىشقان ئەدەپ بۇژغۇنلىنىپ كېلەر جانىم ئارا.
ھېلىمۇ شۈكرى، شەپقەت ۋە ھىممەتكە مەجبۇر تەقدىرىمدە مەن تەلپۈنگەن تىرىلدۈرگۈچى بىر موقام قاپتۇ،
ئېھتىمال، تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتسەم غېرىپ جىنازام كېزىپ قەبرەمدىمۇ غۇر-غۇرلىنىپ كېلەر جانىم ئارا.

«نەپەس ۋەزىن»لىك شېئىرلار ئۈستىدە قىسقىچە باھا

ئالىملار، پەيلاسوپلار كۈللى مەۋجۇداتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇشقان. قارىماققا نۇرغۇن نەرسىلەر يەنىلا مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنىدۇ.لىكىن بۇ سىرىتقى كۆرۈنىشتىكى ھادىسە.ئىچكى ماھىيەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇناسىۋەت ھامان بايقىلىدۇ.بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ھادىسىلەر سۈپىتىدە يۈسۈپ ھۆسەيىننىڭ«نەپەس ۋەزىن»لىك شېئىرلىرىنى چوقۇم تىلغا ئېلىشقا ھەم  تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە. لىكىن ھېچكىم بۇ ھادىسىگە ئىرەنشىپ كەتمىدى.كىشىلەر بۇ شېئىرلارنى سەنئەت نوقتىسىدىن چۈشىنىپ بېقىشقا زادىلا ئۇرۇنمىدى.بەلكى سىرىتقى شەكلىگە قاراپلا« غەلىتە مەخلۇق»قاتارىغا چىقىرىۋىتىشتى.ئەڭ ھەيران قالارلىقى شېئىرىيەت ساھاسىدە يېڭىچە شېئىرلار بارىلىققا كېلىشى بىلەن دوراپ،تەقلىد قىلىپ ۋاشاڭ قىلىۋىتىدىغان شائىرلار پەيدا بولمىدى ،ياخشى بولمىغان تەرەپلىرىنى يېڭىلاپ،ئىجادى  داۋاملاشتۇرىدىغان ئىجاكار تېخىمۇ چىقمىدى.بۇ ۋەزىن مەخسۇس يۈسۈپ ھەسەيىنگە خاس نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئۇيغۇر سەنئەتچىلىكىدە بولۇپمۇ شېئىرىيتىدە ئەنئەنە دەپ جان بېرىدىغان بىر تۈ*ركۈم كۆزى ئوچۇق قارىغۇ ساداقەتمەنلەر مەۋجۇت،ئۇلار كۆزىگە سىغمىغان ھەر قانداكلىكى نەرسىنى ھاقارەت بىلەن زاكىسىدا ئۇجۇقتۇرۋىتەلەيدۇ.ھېچ بولمىغاندا،ئەجدادلارنى،ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ ۋەھىمە پەيدا قىلالايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىز قورقۇپ كېتىمىز.نەتىجىدە ئۇيغۇر شېئىرىيتى يېڭىلىمىغۇچىلار،ئەسلى ئىزىدا ماڭغۇچىلارنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ كەتكەن.يېڭىلىق يارىتىش،شەيئىلەر،ھادىسىلەر ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشقا تايىنىپ يېڭى نەرسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىجادكارلىق يولىغا ماڭىدىغانلار تايىنلىق.
يۈسۈپ ھۈسەيىننىڭ «نەپەس ۋەزىن»ى «نەپەس گۇمپىسى» بىلەن باغلىنىشلىق.قارىماققا شېئىر بىلەن گۇمپىنىڭ مۇناسىۋىتى بەك يىراق.لىكىن ئىچكى باغلىنىش بار.گۇمپا توغرىسىدامۇنداق بىر مىسالنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.بەلكىم «شاۋلىن پۇتبۇلچىلىقى»دېگەن فىلىمنى كۆرگەن بولىشىڭلار مومكىن،فىلىمدا گۇمپىنى پۇتبۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسى مەزمۇن   قىلىنىدۇ. فىلىمدە يەنە باش پىرسوناز مونولۇگىدىن بېرىلگەن مۇنداق گەپ بار. «كىشىلەر گۇمپا دېسە جەڭگى-جىدەل قىلىش دەپ چۈشىنىدۇ.بۇ كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسىدىن پەيدا بولغان،ئەمەلىيەتتە گۇمپا بىر تۈرلۈك سەنئەت».«نەپەس ۋەزىن»لىك شېئىرلار دەل مۇشۇ ئىچكى باغلىنىش ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان.گۇمپا بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.بۈگۈنكى سەنئەت پىسخولوگىيسى پېنىمۇ سەنئەتنىڭ داۋالاش رولى بارلىقنى ئىتراپ قىلىدۇ ھەم مۇۋاپىق ۋاقىتتا يولغا قويىدۇ.
«نەپەس ۋەزىن»لىك شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى مىسراسى ناھايتى ئۇزۇن،كىلاسسىك ئەنئەنە ئاساسىغا ئىگە.قاپىيسى غەزەل شېئىرى شەكلىنىڭ قاپىيە تۈزۈلىشى بىلەن ئوخشاش.كىلاسسىك تىل قولىنىلغان(كىلاسسىك شائىرلار كۆپرەك ئىشلەتكەن ئەرەپ،پارىس تىل تەركىبى يۇقىراق)ھەجىمى ئاساسەن 3- 8بىيىت ئەتراپىدا. پەلسەپىۋى مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۈرگەن. شېئىرلار شائىرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ئەكىس ئېتىشى.شېئىرلارنىڭ مەنە قاتلىمى شائىرنىڭ تىل ئىشلىتىش ۋە دۇنيا قارىشىدىكى ئالاھىدىكىلەر تۈپەيلى بىر قەدەر گۇڭگا. چۈنكى، شائىرنىڭ دۇنيا قارىشى،پەلسەپىۋى سېستىمىسىدا سۇبىيكتىپلىق ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ ،شېئىرلىرىدىمۇ سۇبىيكتىپلىق،گۇڭگالىق ئېغىر،بۇ گۇڭگالىقنى شائىرنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. شېئىرلارنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى ۋەزىن ئالاھىلىكى.يەنى ئارۇزمۇ ئەمەس، بارماق ۋەزىنمۇ ئەمەس،چاچمىمۇ ئەمەس بەلكى نەپەسنى ئەركىن،ئاستا قويۇپ بېرىش، ئۇزاققا سوزۇلغان نەپەس رېتىمىدىن بارىلىققا كەلگەن يېڭى ۋەزىن شەكلى«نەپەس ۋەزىن»ىدۇر.شېئىرلاردا قاپىيە خېلى كۈچلۈك بولۇپ،شېئىردىكى مۇزىكىدارلىق ئاساسەن شېئىردىكى قاپىيە،رادىفلاردىن كېلىدۇ.
مەرھۇم شائىرىمىز يۈسۈپ ھۈسەيىننىڭ ئىددىيسى،  ئىددىيسى ئەكىس ئەتكەن ماقالىلىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ۋە بىر تۈ*ركۈم سۆھبەت ماقالىلىرىدىن  ئايانكى يۈسۈپ ھۈسەيىن شەيئىلەر ئوتتۇرسىدىكى بىر پۈتۈن باغلىنشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئۆز  تەسەۋۇرنى باغلىنشچانلىققا ئىگە قىلىپ سەنئەتكە ئىجادىي ھالدا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنىدىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى تۇنجى گۇمانتارلىق خاھىشىغا ئىگە يەكتا شائىر ۋە پەيلاسوپتۇر. فىرانسىيە سىموۋۇلىزىمنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى مەشھۇر ۋەكىلى چارلىز بودلېر شېئرغا تەبىر بېرىپ « بىر-بىرىگە يات شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت قۇرۇش» دەپ ئېيتىدۇ. ئەلۋەتتە، شەيئىلەر ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقنى ئىجادىي تەسەۋۋۇرلار بىلەن قسقارتىپ ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇپ بىر گەۋدىلىككە ئىگە قىلىش مۇئەللىپنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى .بۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە، ناھايتى رۇشەن گەۋدىلىنىدۇ.
«نەپەس گۇمپىسى»بىر خىل گۇمپا بولۇش سالاھىيتى بىلەن نەپەس ئورگانلىرىنىڭ فونكىسىيسىنى كۈچەيتىپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.«نەپەس ۋەزىن»لىك شېئىرلارمۇ ئۇزۇن-ئۇزۇن مىسرالار ئارقىلىق نەپەسنى ئۇزاققا سوزۇپ،ئۆپكىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرىدۇ.بۇ «نەپەس گۇمپىسى»بىلەن«نەپەس ۋەزىن»ىنىڭ ئورتاق تومۇرى.
سەنئەتنىڭ رولى ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەممىمىز ئۇنىڭ ئېستىتىك رولىنى، ئۇنىڭدىن باشقا بىلىش رولى،تەربىيلەش رولى قاتارلىق روللىرىنى تىلغا ئالىمىز.لىكىن «نەپەس ۋەزىن»لىك شېئىرلاردىكى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئادەتتە سەنئەتنىڭ رولى قاتارىدا تىلغا ئالمايمىز.يۈسۈپ ھۆسەيىن تەنھەرىكەتنىڭ ئالاھىدلىكىنى سەنئەتكە تەدبىقلاپ،سەنئەتتە يىڭى قىممەت،يېڭى فونكىسيە پەيدا قىلدى.مانا بۇ «نەپەس ۋەزىن»ىنىڭ جەۋھىرى.مانا بۇ ھەقىقى ئىجادكارلىق.بۇ خىل فونكىسىيە ئۇيغۇر شېئىرىيتىگە كىرگەن يېڭى قان ھېسابلانسمۇ ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلمىدى.مېنىڭچە«نەپەس ۋەزىن»لىك شېئىرلار يېڭى ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن بەزىبىر نۇقسانلاردىن خالى ئەمەس.شەخسەن مەن شېئىرىي تىلدا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىسلاھ قىلىش كىرەك دەپ قارايمەن.شائىر پەلسەپە،تارىخ ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللاغۇچى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن شېئىردا ئۇقۇم،ئاتالغۇ خاراكتىرىدىكى شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىستىمالدىن قېپ قالغان قەدىمكى سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ.بۇ خىل تىل ئىشلىتىش پەقەت يۈسۈپ ھۈسەيىنگە خاس.باشقا شائىرلارنىڭ چىقىپ ،يېڭىچە تىل بىلەن يېزىشى بۇ ۋەزىننى تېخىمۇ پىشۇرىدۇ.
ھازىرغىچە بارىلىققا كەلگەن«نەپەس ۋەزىن»ىدىكى شېئىرلار پەقەت يۈسۈپ ھۆسەيىنگە تەۋە.دېمەككى مەزمۇن دائىرسى چەكلىك.بۇنى تېخىمۇ كىڭەيتىشكە بولىدۇ.شۇڭا يۇقارقىدەك بەزى چەكلىمىلىكلەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ،كىشىلەرنى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نوقۇل ئىستېتىك زوق ئۈچۈن شېئىر ئوقۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي قارىشىنىڭ ئورنىغا ،شېئىر ئارقىلىق ئۆز ھاياتىغا ،ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت يېڭى مەزمۇننى قېتىش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە شائىرلارغا،ئوقۇرمەنلەرگە،شۇنداقلا بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشىگۈچى ئوبزورچىلارغا مۇھتاج.
شائىر،پەيلاسوپ يۈسۈپ ھۆسەيىن بىزگە مۇشۇنداق بىر قىممەتلىك نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.ئۇنىڭ قىممىتى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن تېخىمۇ جارى بولىدۇ.بۇ شېئىرلار مەلۇم مەنىدە شائىرنىڭ ئۆزىنى ئەمەس ،ئوقۇرمەنلەرنى مەقسەت قىلغان.قېنى قايسى شائىر «نەپەس ۋەزىن»ىگە ئۆزىنى بېغىشلىيالايدۇ؟ قېنى قايسى ئوقۇرمەن بۇ شېئىرلارنى ئوقۇپ ۋايىغا يەتكۈزەلەيدۇ؟
شۇنداق بىر شۈبھە باركى،ئۇيغۇر شائىرلىرى كىم يۇقىرى ۋاقىريالىسا شۇلارغا ئەگىشەرمىكىن؟
ۋەھالەنكى ،يۈسۈپ ھۈسەيىن تولىمۇ جىمجىت،داۋراڭسىز ياشىغان ئادەم.ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ئادەم چىقارمۇ؟

ئىھ نۆلدىن تۆۋەن مىنىڭ بايانىم
                  ئەزھەربەگ (تور نامى)

ئۇنتۇشقا تېگىشلىك كىشلەر ئۇنتۇلۇش كېرەك
ئۇلار ھەققىدە رىۋايەت  سۆزلەنمەسلىكى كىرەك،
ئەي سېنىڭ بايانىڭ ،!
ئىستاكاندىكى مۇزلۇق سۇدەك تېتىماقتا
ئىشكاپىمغا قاتار -قاتار تىزىلغان كىتابلار
ۋەقەلىك سۆزلەر ساڭا ،
كېچىدە يالغۇز يول ماڭغان ئايالدەك
لوگىكىلىق خاتالىقلىرى ئالدىدا
ئۆزىنىڭ غەمكىنلىكىنى ئېلان قىلارماڭا،

سېنىڭ تۇرۇۋاتقان نۆلدىن تۆۋەن ئاشۇ ھالىتىڭ ،
مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدىكى سەنئەتچىدەك،
يۈزۈڭنى سىلاپ ئۆتكەن سەلكىن شامال
گىلادىياتۇرنىڭ بىھۇش بولغان چۈشىدەك،
كوچىلاردىكى ئاددى ئاۋام خەلقنىڭ
"بۇ كىتابنىڭ نامىزىنى ئۇقۇۋىتەيلى جامائەت"
دېگەن چوقان ئاۋازى ،
سېنى ئويغۇتالمىغاندەك،
ئىھ سۆيۈملۈك سەن!

ئەي مېنى ئوقۇغۇچى ،
ئۇنتۇشنىڭ نەقەدەر قىيىن ھەم  راھەت ئىكەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟
ئۆتمۈش دېگەن سۆزنىڭ تارىخ دېگەن سوز ئىكەنلىكىنىغۇ، بىلىدىغانسەن؟
كىشلەر ئۇنتۇدۇق ،ئۇنتۇيالىدۇق  دەپ تەنتەنە قىلىشماقتا ،
كۈلۈشلەردىكى كىنايە ئارلاش مەسخىرىلەر  ئۇلارنى مەس قىلماقتا،
ئىھ نۆلدىن تۆۋەن مېنىڭ ھالىم ،
قامۇستىكى "ۋەتەن" دېگەن خەت نىمە دېگەن ئۇلۇغ ھە،

كەل ئەزىزەم !
مۇزدەك سۇغۇق ئىچكەچ كىتابتىكى گرامماتىكىلىق خاتالىقلارنى تۈزەيلى ،
بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قەھۋە ئىچىش زىيانلىق ،
باش تەھرىرنىڭ  قەھۋەنى دەملەپ قۇيۇپ تەھرىرلىگەن كىتابى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟
"سەككىز ياشلىق بالا دادىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەچ تاتلىق ھېسسىيات بىلەن  ئېھتىلام بولدى" دەپتۇ  كالۋا ئاپتۇر ،
قايسى كۈنى خوتەنلىك تاشچى ھاجىمغا 300مىليون يۈەنلىك تاش چىققانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟!
"ئامەت "  سوزى بىلەن "ئېھتىلامنى" نىمىشقا ئالماشتۇرۇپ قويدىكىنە؟!
نۆلدىن تۆۋەنگە دەل كەلگەن پاراللىل سىزىق .
ئەدەبىيات دەرسلىكىدە سۆزلەنگەن ئاخىرقى دەرس ئەمەسمۇ؟

يېزىلغان كىتابلارنىڭ تەھلىلى نىمە دېگەن كۆپ ؟
خاتالىقنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايۋاتقان ئاپتور
قەلەمدىكى بىمەنە پىرسۇناژلار،
يىغلاۋاتقان كىتاپ.
جەننەت ھەققىدىكى يالغان بايانلار،
ئىھ، نۆلدىن تۆۋەن مېنىڭ بايانىم ،
كۈتۈش بىلەن ئۆتۈۋاتقان كۈنلەر،
سىلەرگە تەلمۈرگەن كۆزلەر ،
خىجىللىقتىن يەرگە قارىغان يۈزلەر،
بىزنىڭ قولىمىزدىكى كىتاپ ئەمەسمۇ؟
«ئېھ،نۆلدىن تۆۋەن مېنىڭ بايانىم»ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل
مەزكۇر شېئىر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن تورداشلارنىڭ ناھايتى ئېغىر ئەيىپلەشلىرىگە ئۇچرىدى .«شېئىرى تىلنى خورلاشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى»،»«قىپقىزىل جۆيلۈش»،«شېئىردەكلا شېئىركەن»دېگەندەك مازاق ئىتىشلارغا ئۇچرىدى.شېئىرنىڭ تۈرلۈك مىزانلىرى،قائىدە-قانۇنلىرى بارلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز.لىكىن شېئىرىيەت ئىستېتىكىسىدا گۈزەللىك بەرپا قىلىشنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسى يوق.قانداق ماھارەت،قانداق شەكىلنى قوللىنىشتىن قەتئىنەزەر شېئىردا سەنئەتلىك شەكىللەنسە كۇپايە.
مېنىڭچە،شېئىردا مۇنداق ئۈچ خىل  سەنئەت بار؛
بىرىنچى؛ قوراشتۇرمىچىلىق - ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتسىز ،باشقا-باشقا تەجىربىلەر بايانىنى بىر  يەرگە ئەكىلىپ  قوراشتۇرما گۈزەللىك يارىىتىش . يەنى بۇ خىل گۈزەللىك يارىتىشنى«پۇرۇچ قونچاق»گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش بىلەنمۇ تەققىسلاشقا بولىدۇ. شېئىردا ئۈزۈك تەپسىلات ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،ھەر بىر ياكى بىر قانچە مىسرادا  بىردىن  يۆتكىلىش بار . بۇنداق كۆپ سەكرەتمە ھاسىل قىلىش شېئىرنى مەنتىىقىسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش خەۋىپىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ.لىكىن مەنە شېئىرى مەركەزدىن يىراقلاپ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىدۇ .شېئىرى مەنە سىتىرولۇققا ئىگە بولىدۇ.لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرى ماھارەت ناھاتى كۈچلۈك بولىشى كىرەك.مەزكۇر شېئىردا ئەنە شۇ خىل قوراشتۇرمىچىلىك ئالاھىدىلىكى روشەن گەۋدىلەنگەن.
ئىككىنچى؛ نەسىرىلەشتۇرۈش-بىۋاستە تەجىرىبىنى ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى قىلغاندا، شۇنداقلا  ئۇنى كەيپىياتنىڭ ،ھېسياتنىڭ  رېتىمىغا ئەگەشتۈرۈپ، ئەركىن قويۇۋەتكەندە ،شېئىرنىڭ نەسىرى تۈسى قويۇقلىشىدۇ .ئامرىكا«ئۆزىنى ئاشكارىلاش ئىقمى»شېئىرىيتىنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى شېئىرنى نەسىرىلەشتۈرۈش بولغان. نەسىرىلەشتۈرۈشنى شېئىرى تىلغا قىلىنغا ئاسىيلىق دېگىلى بولمايدۇ ،چۈنكى نەسىرى شېئىر ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ھازىرمۇ ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە بولۇپ تۇرىشى ئۇ خىل قاراشنىڭ تولىمۇ ساددىلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ ،بۇ خىل شەكىل شائىر ھېسياتىنىڭ ئېھتىياجى تەرىپىدىن كېلىپ چىققان.
ئۈچىنچى-ئۆزلەشتۈرۈش  -شېئىردا  ھەرقاندا بىر ماھارەت  ۋاستىنىڭ قوللىنىلىشى نورمال ئىش. جۈملىدىن  ئۆزلەشتۈرۈش(ھەزىم قىلىش مەنىسىدىكى ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەس،ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىكى دۇناسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يەنى本色化 )ماھارىتى شېئىرىيەتتە دائىم قوللىنىدىغان بىر ماھارەتتۇر.ئەمما دەماللىققا  نورمالسىز ھېس قىلدۇردىغىنى ئادەتتىن  چىقىش .زىيادە ئۆزلەشتۈرىۋىتىش.« نۆلدىن تۆۋەن» لىك ،سوغۇقلۇقنىڭ بىشارىتى كەيپىاتنىڭ تۆۋەن بولىشىدۇر.شېئىردا ھەممە نەرسە شائىرنىڭ ئۆز دۇناسى نوقتىسىدىن كۈزىتىلگەن ھەمدە شۇنداق باان قىلىنغان .
تەكىتلەپ ئۆتۈش كىرەككى،   تەنقىدى نوقتىدىن كۈزەتكەندە  شېئىرى تىل ئانچە تاۋلانمىغان ،پەردازلاش ئۇنتۇپ قېلىنغان . سەنئەت تېخنىكا ،ماھارەت دېگەن مەنىلەرگە تەڭداش بولۇپ ، تەجىربىلەرنى پەردازلىماي ،بىۋاستە كۆرگەزمىگە ئېلىپ چىققاندا گۈزەللىك ۋايىغا يەتمەي قالىدۇ .

دېرىزىدىن كېچىگە قاراش
ئادىل تۇنىياز

قاراشمۇ بىر سىر...
ئەتىرگۈلمەن
شامال قاراڭغۇ.

بىر پارچە شېئىر ھەققىىدىكى ھەرقانداق بىر تەھلىل ياكى خۇلاسە قويۇق ئېھتىماللىق تۈسىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇنداقتا، بىز يۇقارقى قىسقا شېئىرنىڭ مەنا قاتلىمىنى ئېھتىماللىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.
1. ماۋزۇ-ماۋزۇ كۆپىنچە ھاللاردا تېكىستنىڭ ئىخچام يەشمىسى ياكى مۇھىم  يىپ ئۇچى بولىدۇ. مەزكۇر شېئىرنىڭ ماۋزۇسى شېئىرنىڭ يەشمىسى بولۇشتىن كۆرە يىپ ئۇچى بولۇش خاراكىتىرىگە ئىگە. يەنى، تېكىستنىڭ مەنا قاتلىمىغا كىرىش ئۈچۈن ھازىرلانغان شەرىت-شارائىتتۇر. « دېرىزە» ، " كېچە" ، " قاراش" تىن ئىبارەت ئىككى ئىسىم، بىر پېئىلنىڭ نورمال سىنتاكسىسلىق بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن تۇراقسىز بىرىكمە. شائىرنىڭ دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ كېچىگە قارىشىدىن ئىبارەت ئوبېكتىپ ۋە سوبېكىتىپ پائالىيەت جەريانى.
2. تېكىست-شائىر ماۋزۇدا بىشارەت بېرىپلا تېكىستنى سېھىرلىگەن. ماۋزۇدىكى بىشارەت ۋە كونتىكىستقا ئاساسەن تېكىستىكى سۆزلەرنىڭ يۇشۇرۇن مەنىسى ۋە مەنا قاتلىمىنى تېپىپ چىقىشنى شېئىرخانلارغا قالدۇرغان.
1) ئەتىرگۈل+مەن-بۇ بىرىكمىگە ئېھتىماللىق مەنا يۈكلەش ئۈچۈن چوقۇم ماۋزۇدا كۆرسىتلگەن بىشارەتكە مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇ يەردە ماۋزۇدىكى " دېرىزە" دېگەن سۆز ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. شائىر ئۆزىنى " ئادەم" ئەمەس " ئەتىرگۈلمەن" دەيدۇ. تەسەۋور قىلىشقا بولىدۇكى شائىر بولسا دەل دېرىزە ئالدىدا، گۈل ھەركۈنى  دېرىزە ئالدىدا  سىرىت بىلەن يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. گۈلگە نىسبەتەن سىرىتمۇ قاراڭغۇ. ئەمما، ئۇ شامالنى سېزىدۇ. شۇڭا، شائىر بۇ يەردە ئۆزىنىڭ دېرىزە ئالدىدىكى مەۋجۇتلقىنى گۈلنىڭ ھالىتىگە تەققاسلىغان.
2) قاراڭغۇ+ شامال-يەنە ماۋزۇدىكى بىشارەتكە تاينىمىز. ۋاقىتنىڭ كېچە ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنغان. ئادەمنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە نىسبەتەن ھەممە نەرسە قاراڭغۇ، قاراڭغۇلۇق كۆرگىلى بولماسلىقتۇر. ئەمما، باشقا سەزگۈلەر رول ئويناۋېرىدۇ. دېمەك، شائىر گۈلگە ئوخشاش شامالنى سېزىدۇ.
كۆرۈش سەزگۈسىگە نىسبەتەن دېرىزە سىرتىدىكى پۈتكۈل تەبىئەت قاراڭغۇ. مۇشۇ پىكىر يۆنىلىشى بويىچە بولغاندا شېئىردىكى ئىككىنجى مىسرا " شامال قاراڭغۇ" ئەمەس " تەبىئەت قاراڭغۇ" دېيىلسە ناھايىتى روشەن ۋە ئوبېكتىپ بولاتتى. لېكىن، بۇ شېئىرىي تىل بولمايتى. شائىر بۇ گەپنى شېئىريى تىلغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق تەپەككۇر يۈرگۈزگەن: تەبىئەت قاراڭغۇ بولغان شارائىتتا تەبىئەت قوينىدىكى ھەممە نەرسە قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، شامالمۇ تەبىئەت قوينىدىكى ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن قاراڭغۇدۇر.
3) قاراش+سىر-قاراشنىڭ سىرلىقلىقى دەل كۆڭۈل كۆزىدە قاراش بىلەن ئوبېكتىپ كۆزدە قاراشنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىغا قارىتىلغان.
3.خۇلاسە-شېئىردا شائىر ئوبېكتىپ سەزگۈنىڭ (ئوبېكىپ كۆزنىڭ) ئاجىزلىقى ۋە تۇيغۇنىڭ( ئىچكى سەزگۈنىڭ) توسالغۇسىزلىقىنى نامايان قىلغان ھەم كېچىنىڭ تۇيغۇدىكى سۈرىتىى سىزىپ چىققان.

ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىنىڭ خاتىرىسى

لانىستون خوگېس (ئامرىكا)

تىنچ،
سوغۇق دەريا
تەلمۈرمەكتە سۆيۈشلىرىمگە.


«ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىنىڭ خاتىرىسى»ناملىق شېئىر توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل


شېئىردا ئۆلۈۋىلىش ئويىغا كەلگەن بىر شەخىسنىڭ پىسخىك ھالىتى ئەكىس ئەتكەن.لىكىن ئۆلۈۋىلىشنىڭ سەۋەبى،نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات يوق.ئۆلۈۋىلىش ئۇسۇلى ئايدىڭ.ئەمما شېئىردىكى پىسخىكا يۈز بېرىۋاتقان ماكان ئېنىق ئەمەس.گەرچە شېئىردا «دەريا»دەپ ئېلىنغان بولسىمۇ،بۇ ئۆلۈۋىلىش ئالدىدىكى نەق مەيدان ئەمەس.بەلكى ئۆلۈۋىلىش شەكلى تاللانغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئېڭىدا ئەكىس ئەتكەن مەنزىرە .مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ بىر پىسخىك مەيدان .تېكىستنىڭ مەنە قاتلىمىنى يېشىپ چىقىش ئۈچۈن بىز بايانچىنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئاساس قىلغان ئاساستا ،تېكىستتىكى سۆزلەرنىڭ پىسخىك مەنىسىسنى تېپىپ چىقايلى .
1. تىنچ، سوغۇق-بۇلار شېئىرىي تېكىستتىكى تەڭداش بۆلەكلەر بولۇپ،دەريانىڭ سۈپىتى،لىكىن بۇ ھەرقانداقلىكى دەريانىڭ سۈپىتى بولالمايدۇ.ئۇ پەقەت ئۆلۈۋىلىش خىيالىدىكى بايانچىنىڭ پىسخىك ئىڭىدىكى دەريانىڭلا سۈپىتى.ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق سۈپەتلىنىدىغانلىقىغا كەلسەك،بۇ ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
دەريا ئېقىشچان بولىدۇ.لىكىن شېئىردا«تىنچ» دەپ سۈپەتلىنىدۇ.ئۆلۈۋالغۇچىغا نىسبەتەن ھاياتنىڭ مەنىسى قالمىغان.دەريا ئېقىشچانلىقى بىلەن "دەريا "دېگەن مەنىگە ئىگە بولىدۇ.لىكىن ئۆلۈۋالغۇچىغا نىسبەتەن ھەممىنىڭ مەنىسى يوقالغان.شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدىكى دەريامۇ تىنچ ،ھەرىكەتسىز دەريا .
سوغۇق دېگەن سۈپەت بۇمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش.چۈشكۈنلەشكەن كىشىگە نىسبەتەن ھاياتتا جۇشقۇنلۇق،قىزغىنلىق قالمىغان بولىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ھەممە نەرسە سوغۇق ،دەريامۇ تىنچ ھەم سوغۇق.
2. تەلمۈرۈش-شېئىرنى بىر قەدەر مۇرەككەپلەشتۈرىدىغىنى دەل مۇشۇ پىئىل.دەريا قانداقسىگە ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ سۆيۈشىگە تەلمۈرىدۇ؟
ئۆلۈۋىلىشنىڭ شەكلى خىلمۇ-خىل بولىدۇ.شېئىردىكى ئۆلۈۋالغۇچى بارلىق ئۆلۈۋىلىش شەكلى ئىچىدە دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋىلىشنى تاللىدى،دەريادا ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل تارتىش كۈچى مەۋجۇت.ئۇ دەريادا ئۆلۈۋىلىشنى تاللىغانىكەن دەريا ھەر قاچان ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە تەلمۈرىدۇ.
سۆيۈش- سۆيۈش پىئىلىنى ئىككى مۇمكىن .
1. بايانچى دەريانى ئۆلۈۋىلىش مەيدانى قىلىپ تاللىدى،دېمەك ،دەريا بىلەن ئۆلۈۋالغۇچى ئۇچرىشىدۇ.ئۆلۈۋالغۇچىغا تەلمۈرگەن دەريا ئۇنىڭ «ۋىسال»ىغا يېتىدۇ(سۆيۈشىگە ئىرىشىدۇ)
شۇڭا ئۇنىڭ سۆيۈشىگە تەلمۈرىدۇ.
2. ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ دەرياغا سەكرىگەندىن كىيىن سۇ بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى كۆرۈنىشى بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئۆلۈۋالغۇچى دەرياغا سەكرىگەندە سۇنى «سۆيۈپ»ئۆتۈپ،ئاستىغا چۆكىدۇ.
«خاتىرە»ھەققىدە قوشۇمچە ئېھتىماللىق
1.خاتىرە- شائېنىڭ ئاشۇنداق بىر خىليالغا كەلگەن چاغدىكى تۇيغۇلىرىنىڭ خاتىرىسى بولۇشى مۇمكىن .
2. خاتىرە-شائىر ئۆلۈۋىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى شائىرلىق نوقتىسىدىن سەنئەتلىك ئىپادىلەپ قويغان بولىشى مۇمكىن .

خوشلىشىش
خۇرشىد دەۋران(ئۆزبېكىستان)

مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن،
يامغۇردەك ئەمەس
يامغۇر يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
شامالدەك ئەمەس
شامال يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن
مۇھەببەت كەبى...

«خوشلىشىش»ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە باھا

مەزكۇر شېئىرنى تۇنجى ئوقۇغان ۋاقتىمدىلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ھەم يادقىمۇ ئېلىۋالدىم.گاھىدا سورۇنلاردا ئوقۇپمۇ قويدۇم.ئىشقىلىپ شېئىرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ناھايتى چوڭقۇر ئىدى. مەن >خوشلىشىش>، < ئايرىىش> تېمىسىدىكى نۇرغۇن شېئىرلارنى ئوقۇغان.ئۇلارىن ناھايتى ئازابلىق كەچۈرمىش،ئىچىگە سىغماي پارتىلاپ چىققان ھاياجان،پىغانلىق ھېسىيات گۈپۈلدەپ تۇراتتى.بۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇش كىشىنى ھەقىقەتەن  تەسىلەندۈرەتتى.ئەمما بۇ شېئىردا نە ئازابلىق كەچۈرمىش،نە چوڭقۇر ھاياجان، نە پىغانلىق ھېسيات كۆرۈنمەيتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشلىۋىتىلىپ ، ئايرىلىشتىن ئىبارەت ئاخىرىقى ھۆكۈم ناھايتى كەسكىن ھالدا بىۋاستە ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.شېئىرنىڭ كىشىگە تەسىر قالدۇردىغان يېرىمۇ مۇشۇ بولسا كىرەك.
شېئىردا ئايرىلىش قارارىغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلەر تىلغا ئېلىنىغان.ئۇلار ئازابلىق بولسۇن،گۈزەل بولسۇن ياكى ھەر ئىككىلىسى بولسۇن بەرىبىر شېئىرنىڭ ئارقىسىدىكى مەخپى ھېكايىلەر. لىكىن بۇ ھېكايىلەر پۈتۈنلەي ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىغا قالدۇرۇلغان.
ئايرىلىش ئۇچراشماسلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.يامغۇر،شامال ئۆتۈپ كېتىدۇ،لىكىن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.«مۇھەببەت كەبى ئايرىلىش»بولغان تەقدىردىمۇ قايتا ئۇچرىشىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.موھىمى بۇ يەردىكى ئايرىلىش بىر خىل ئىچكى جەھەتتىكى ئايرىلىش يەنى مۇھەببەت رىشتىسىنى ئۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت روھى ئايرىلىش بولغان.بۇنداق بولغاندا ئۇلار قايتا ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ سۆيگۈ ئورتاقلىقى بولمىغان ناتونۇشلاردۇر، ئۈزۈل-كىسىل ئايرىلىشتۇر.
شېئىرنىڭ تىلى ناھايتى ئاددى.دەبدەبىدىن خالى . شۇنداقتىمۇ  ئىپادىلەشتىكى ئىخچاملىق،ئۆزگىچىلىك ئارقىلىق شېئىر كىشىگە ناھايتى يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ .

مەنە سەپىرى

ئادىل تۇنىياز

ئاپئاق تام
تامدىكى يولدا
ھاشا چۈمۈلىسى سارغۇچ مېڭىپ،
ئىگىز چۈشتىن كىيىنگە
كەلمەكتە كېرىپ.

توختىدى بېرىپ،
توختاش نوقتىسى
مەنىسىزلىك.

«مەنە سەپىرى» ناملىق شېئىرنىڭ قىسقىچە تېكىست تەھلىلى

①ئاپئاق تام-ئىنساننىڭ ھاياتلىق ئېڭى ئەسلى خەت يېزىلمىغان بىر پارچە ئاق قەغەز.ئۇنىڭدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ۋە تەجىرىبىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇچۇرلار يوق.تەبئى ئىقتىدار توسقۇنسىز كۈچ كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.شېئىردىكى «ئاپئاق»دېگەن سۈپەت دەل ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھاياتلىق ئېڭىنىڭ سۈپىتىدۇر.ۋەھالەنكى،ئىنساننىڭ ھاياتلىق سەھنىسىگە تۆرىلىشى –ئۆزىدىن تاشقىرى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭدىكى تەبئىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراشقا باشلايدۇ.قارشىلىق شەكىللىنىدۇ.جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەشكىلى تەركىبىي بولغان دىن،ئەخلاق قاتارلىق ئامىللار ئۇنىڭ تەبئىي ھەرىكىتىنى،ئىقتىدارىنى چەكلەيدۇ.دېمەك،ئىنسان تۇغۇلغاندىن كىيىن ،تۇغۇلۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەركىن ھەرىكىتىدە «تام»شەكىللىنىدۇ.بۇ «تام»دەل ئىنساننى ئىجتىمائىي تەرتىپكە سالغۇچى كۈچلەردۇر.
② تامدىكى يول-«تام»نىڭ كەسمە يۈزى ئىنسانىيەت جەمىيتىدۇر.چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندائىنساننى تەرتىپكە سالغۇچى كۈچلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنساننىڭ ھاياتلىق كۆرىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.ھەر بىر ئىنسان ھاياتلىق كۆرىشىنىڭ تەسىرلىنىشى ،بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىنىشى ئىنسانىيەت جەمىيتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.شۇڭا ئىنسانىيەت جەمىيتى دەل ئاشۇ تامنىڭ كەسكە يۈزىدۇر. ھەر بىر ئادەم ئاشۇ «تام»دا ھەرىكەت قىلغۇچى.ئۆز ھاياتلىق يولىنى ئىزدىگۈچى.«تامدىكى يول»ھەر بىر ئادەمنىڭ تاللاش يولىدۇر.
③ ھاشا چۈمۈلىسى – ھاشا –مەجبۇرىيەت ،ئالۋاڭ ،جەجبۇرلانغان ئەمگەك. چۈمۈلە –ئىنسان. ھاشا چۈمۈلىسى – ئىنساننىڭ تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئارتىپ تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىشى . چۈمۈلىگە تەققاسلىنىشى ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ بىھۇدىكلىكىگە قارىتىلغان.ئىنساننىڭ تەبىئەت ئالدىدىكى ئاجىزلىقى  سۈپەتلەنگەن. لىكىن شۇنداقتىمۇ  بوشاشماي ،بوي بەرمەي ئۆز مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن يەنىلا كۆرەش قىلشتەك روھى كۆزدە تۇتۇلغان.
④ سارغۇچ مېڭىش- سېرىق رەڭ ئاخىرلىشىشنىڭ ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن ،مەسىلەن؛تەبىئەت كۈز پەسلىدە سارغۇچ رەڭگە كىرىدۇ.ئۇلار ئاخىرلىشىش پەسلىگە كىرىدۇ.سارغۇچ مېڭىش ماھىيەتتە تۇغۇمدىن ئۆلۈمگە مېڭىش ھەرىكىتىدۇر.بۇ ھەر قانداق مەۋجۇداتنىڭ  ھاياتلىق ھەرىكىتىدۇر.مۇقەررەر يولدۇر.
⑤ ئىگىز چۈشتىن كىيىن-
چۈشتىن كىيىننىڭ ئاشۇرما سۈپەتلىنىشى قاراڭغۇلۇقتىن بىشارەت بېرىدۇ.قاراڭغۇلۇققا مېڭىش يورۇقلۇقتىن ئايرىلىش ،مۇنداقچە ئېيتقاندا ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ.
⑥توختىدى بېرىپ- ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلىشىى .
⑦توختاش نوقتىسى –ئۆلۈم .ئۆلگەندە ھەرىكەت تاماملىنىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ھاشا –مەجبۇرىيەتلەردىن قۇتۇلىدۇ.
⑧مەنىسىزلىك – ئىنسان ھاياتىنىڭ بىھۇدىلىكى .ھېچنىمىنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقى ،ھەممىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ،ئىنساننىڭ يۇقلۇقتىن بەرپا بولۇپ يەنە يوقلۇققا قايتىپ كېتىدىغانلىقى .ھاياتلىق ماھىيتىنىڭ يوقلۇق ،مەنىسىزلىك ئىكەنلىكى ،ھاياتلىقتىكى بارىلىق تىرىشچانلىق ،ھەرىكەتنىڭ ،تىرىشچانلىقنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پەلسەپىۋى پىكىر ئىپادىلەنگەن.
⑨ئومۇمىي خۇلاسە-ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى مەنە ئىزدەس سەپىرى مەنىسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.



دۇنيا ئەسلى بىر پىيالە غەم

ئەزىزى

دۇنيا ئەسلى بىر پىيالە غەم،
ئۇنى ئىچىپ ياشايمىز ھەممە.
ئىچىپ-ئىچىپ قانغانلار كېتەر،
قانمىغانلار تولدۇرار يەنە.

« دۇنيا ئەسلى بىر پىيالە غەم»ناملىق شېئىرنىڭ مەنە قاتلىمىغا كىرىش

ھايات ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا نۇرغۇن سىر-ئەسرارلارغا تۇتۇلىمىز.پەقەت شۇ نەرسە ئەيدىڭ بولۇپ تۇرىدىكى ،ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يارىغا دەرد-ھەسرىتى، غېمى بار.كىمنىڭ ئالدىغا بارساڭ شۇنىڭ غېمى يوغان.دۇنيا شۇنچىلىك ،تۇغۇم ،ئۆلۈم ئارىسىدىكى بۇ قىسقا مۇساپىدە قانداقتۇر نەرسىگە تەلمۈرۈپ ئۆتىسەن، ئىرىشكىنىڭدە قانائەت قىلمايسەن.كونىلار دەيدۇ«ئالتە كۈنلۈك دۇنيا بۇ »دەپ .بۇ بەلكىم ھاياتنى قەدىرلەش مەنىسىدە ئېيتىلغان بولسا كىرەك.ئەمما ھايات قانچىلىك قىسقا بولىشىدىن قەتئىنەزەر بىز ياشاۋاتقان دۇنيالىق ئەنە شۇنداق غەملەرگە تولغان.ئۇ ھەر بىرىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ،ئادەمنىڭ كۆپىيشى دۇنيادىكى غەمنى ئازايتالمايدۇ.چۈنكى دۇنيادىكى غەم ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى غەم ،شۇڭا ئۇ ئادەم بىلەن ئوڭ تاناسىپ .ئىنسان ئۆزىدىكى ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ھەل قىلالمايدۇ.مانا مۇشۇ ھەل قىلالماسلىق غەم –ئەندىشىلەرنى تۇغىدۇ.ئىنسان بۇ غەملەرگە داۋا ئىزدەپ ،ئۇنى سىرىتقا ئاشكارلايدۇ،شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆز غېمىنى تارتىپلا قالماستىن باشقىلارنىڭ غېمىنىمۇ تارتىدۇ.ھەممىمىز غەم بىلەن نەپەسلىنىمىز.بىزنىڭ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان كۈنىمىز ،نەپەستىن توختىغان كۈنىمىز ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانغان ۋاقتىمىزبولىدۇ.ھاياتلار يەنە داۋاملىق غەم ئىچىدە ياشايدۇ.
شۇ بىر نوقتىغا دېققەت قىلىش كىرەككى،غەم ھاياتلىقنىڭ بىر قىسمى ئەمەس بەلكى بىر پۈتۈن گەۋدىسى،ھاياتلىقنىڭ ئومۇتقىسى.لىكىن ھاياتلىققا خۇشالىقلار ،بەختىيار كۈنلەر بولىدۇ.ئەمما ئىنسانندىكى تەبئىي قانائەتسىزلىك ئلارنى ئۇزاققا بارغۇزمايدۇ.شۇڭا ھاياتتىكى بارلىق خۇشاللىقلار ئۆتكۈنچى بولىدۇ. بىز دەيمىز «ھاياتقا بەخت ئىزدەپ،خۇشاللىق ئىزدەپ كەلدۇق »دەپ.مانا بۇ بىزنىڭ ئۇنىڭدىن ھەر زامان ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ ،ھېچكىم « ھاياتقا غەم ئىزدەپ ،دەرد-ھەسرەت ئىزدەپ،بەختسىزلىك ئىزدەپ كەلدىم »دېمەيدۇ.مانا بۇ ئۇنىڭ ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈ ھەمراھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.


شىئېر ۋە تەھلىل(1-5)

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە

رىسالەت مەردان

مەن تاماقنى مەززىلىك ئېتەلەيدىغان ئايالغان ئايلاندىم
ساڭا لەغمەن ھەققىدە جىق ھېكايىلەرنى دەپ بىرەلەيمەن
تاغلارنىڭ بۈيۈكلۈكى ھەققىدىكى گەپلەرنى دەپ ئولتۇرۇپ
مۇلايىم،يۇمران مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلىشقا تىرىشىمەن.

ئۆسكەن ساقاللىرىڭ ماڭا قەھىرلىك مۇھەببەتتەك بىلىنىدۇ
ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا
مەن ھېلىقى سۇئالنى سەندىن سوراپ سېنى كۈلدۈرۈپ سالىمەن
سوپۇن ماغزىپى سۈرۈلگەن يۈزۈڭگە سۆيۈپ قويغۇم كېلىدۇ
تۇرۇبىدىكى سۇلاردەك سەن تامان ئاققۇم كېلىدۇ
ئۈن-تىنسىز مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن باغرىمنى يەرگە تاققۇم كېلىدۇ
قۇياش بىز تەرەپكە ئۆرلىدى،قارا ئۇنىڭ سايىسى كۆڭلۈڭنى خىرەلەشتۈرمىسۇن
ئاي شولىسىدىكى دەملەرگە يەنە بىر نۆۋەت قايتقۇم كېلىدۇ
ئۆيۈمنى دېرىزىسىگە ھېكايىمىزنى ياپقۇم بار
ئىككىمىزنىڭ بۇ دۇنياسىدا سېنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ
تۇغۇلغان كۈنۈڭ ھەققىدە چۆچەك توقۇۋاتىمەن،بىلسەڭ ئەزىزىم
سوۋغا قىلغان گۈلۈڭگە سۇ قۇيۇپ قويدۇم چىن مېھرىم بىلەن
ئايال،مەن بۇ دەمدە سەن ئۈچۈنلا بىر لەرزان ئايالغا ئايلاندىم
سەنلا بىلىسەن،مېنىڭ قايغۇلىرىمنى
بۇقۇلداپ يىغلاپ نېمىلەر ئۈچۈن ۋايىم يەيدىغانلىقىمنى
پەقەت سەنلا بىلىسەن
تۇغۇلغان كۈنۈڭدە
سەن يوق شامسىز كېچىدە سېنى ئەسلەپ بۇ شېئىرنى يازغانلىقىمنى.

    تەڭرىتاغ  ژورنىلى  2010-يىللىق2ساندىن




"تۇغۇلغان كۈنۈڭگە" ناملىق شېئىر توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل



شېئىر  مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆزلىگىنىمىزدە شېئىر تۇرمۇشنىڭ جەۋھىرى،مەركەزلەشتۇرلىشى دېگەن نەزەريىلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز. چۈنكى بۇنىڭدا يەنىلا تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەمەس،ئۇنىڭ شەخستە پەيدا قىلغان ھاسىلاتلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ.
يۇقارقى شېئىرنىڭ ئوقۇغىنىمىزدا بۇ گەپلەرگە ئانچە پىسەنىت قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.چۈنكى شېئىردا بايان قىلىنىۋاتقىنى نەق تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئىدى.يەنى شائىرنىڭ خاس خۇسۇسىي تۇرمۇش  تەجرىبىلىرى ئىدى. يەنە كېلىپ شېئىرنىڭ تىلى تولىمۇ ئاددى،پىكىر ئۇدۇل،ئىستىلىستكا ئاجىز،تىل تەشكىلى قۇرۇلمىسى  ئاددى،يۇقىرى شېئىرى ماھارەتلەر يوق. شېئىرنى بۇنداق ئاددى بايان ئەندىزى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ شائىر بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.
ئەمما مەن شېئىرنى تۇنجى ئوقۇپلا بىر خىل يېقىنلىقنى ،ئىللىقلىقنى ھېس قىلدىم.باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق قارايدىغانلىقنى بىلمەيمەن ھەم قانداق قارىسا ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلدىم.شېئىردا بايان قىلىنغان تۇرمۇش ماڭا پىروزىنىڭ تۇرمۇشچانلىقىنى يادىمغا سالدى.يەنە بىر جەھەتتىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىدا ئامرىكىدا بىر مەھەل گۈللىگەن "ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلا ئېقىمى"شېئىرلىرىنى ۋە شۇ ئېقىمغا تەۋە بولغان ئاننى سېلىستون،سىلۋىيە پىلاس قاتارلىق شائىرەلەرنىڭ ،لوۋىل قاتارلىق  باشلامچىلارنى يادىمغا كەلتۈردى. ئۇلار شېئىرلىرىدا"ئۆزلۈككە ئىشىنىپ ئادەمنىڭ سەخسىيتىگە سادىق بولغان،شېئىرنىڭ كەينىدىكى ئۆزگىچە ئىندۇۋىداللىقنى تەكىتلەپ بەدىئىي گۈزەللىكنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويغان.ماھارەتكە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەن.ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئوقۇرمەنلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلىغان يەر ئۇنىڭدىكى بىئوگىرافىكلىقتۇر. ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلىدىغان تەجرىبە باشقىلارنىڭ بولماستىن شائىرنىڭ بىېاستە،چىن تەجرىبىسى بولغان.ئۇلار ئوقۇرمەلەرنى ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن شائىرنىڭ ئىندۇۋىداللىقىغا بۇراپ،شېئىرنىڭ بىر خىل ماھارەتسىز سەنئەتكە ئايلاندۇرغان.تۇرمۇشتىكى پارچە-پۇرات ھادىسلەرنى شېئىرنىڭ موھىم ماتىريالى قىلىپ تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى سەنئەتكە ئايلاندۇرغان"(ئىدرىس نۇرۇللا " ئەنئەنە بىلەن ئاسىيلىق ئوتتۇرسىدا،تەڭرىتاغ ژورنىلى 2008-يىللىق1-سان)يۇقارقى شېئىرنىڭ بۇ نەزىريەلەرە نەقلا چۈشۈشى مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن رىسالەتنىڭ بۇ ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇنچىغان ،ئۇچرىمىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. سېلىشتۇرما ئەدەبىياتنىڭ پاراللىل تەتقىقات مىتودىدىن قارىغاندىمۇ ئىنساندىكى ماھىيەتلىك ئورتاقلىقلار تۈپەيلى ئوخشىمىغان مىللەت،ئوخشىمىغان جايلاردا،ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئكز ئارا تەسىرلەشمەي تۇرۇپتۇ ،ئوخشاش تىپتىكى ئەسەرلەر ئوخشاپ كېتىدىغان ئىجادىيەت ئەھۋاللىرى  كۆرۈلىدۇ.ئەمما شۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلەيمەنكى رىسالەتنىڭ شېئىرلىرىدا بۇ خىل خۇسۇسى تەجرىبىنى شېئىرغا ئېلىپ چىقىشتىن ئىبارەت خاھىش ئەزەلدىن مەۋجۇت.گەرچە بۇرۇنقى شېئىرلىرىدا ماھارەتكە خېلى ئىتىبار بىلەن قارىغان بولسىمۇ ماھىيەت جەھەتىتىن كۆپ پەرق يوق.
شېئىرغا قايتىپ كەلسەك" مەن تاماقنى مەززىلىك ئېتەلەيدىغان ئايالغا ئايلاندىم"دەپ باشلىنىدىغان بۇ شېئىردا تىلغا ئالغۇدەك بەدىئى ماھارەت يوق.شېئىرنىڭ تىلى خۇدى ھېستياتچانراق سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ نورمال ئاغزاكى تىلىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.نىكاھتىن كىيىنكى"تۇرمۇش"نىڭ پارچە-پۇرات تەپسىلاتلىرى يەنى "تاماق ئىتىش"، "ساقال ئېلىش"،" سوپۇن ماغزىپى" قاتارلىق ئۇششاق دىتاللارغا ئاز-تولا مۇھەببەت سىڭدۈرۈش ئارقىلىق "تۇغۇلغان كۈن"ى بولغان كىشىگە ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلغانلىقى ھەم ئۇنىڭ مەزكۇر شېئىر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. شېئىرى جۈملىلەرنىڭ بايان شەكلىمۇ بەك ئاددى، نەسىرى جۈملە شەكلىدە بولۇپ كۈچلۈك ئىندۇۋىدىداللىققا ئىگە.لىكىن يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ،ئاددىلىقلارنىڭ جەملىنىشى ئوقۇرمەننى بىر خىل چىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ كۈچلۈك ۋە قۇيۇق تۇرمۇش كەيپىياتىغا ئىگە قىلىدۇ.بۇ ئالاھىدە تۇرمۇش كەيپىياتى شېئىرخانلاردا "ئورتاق ھېسيات"شەكىللەندۈرەلەيدۇ.شېئىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى مۇشۇ بولدا كىرەك.ئەمما پۈتكۈل شېئىرنىڭ بۇ خىل ھالەتكە كىرىپ قېلىشى شېئىرنىڭ قىيامىتىدۇر.


مەنىسىزلىك  

ئادىل تۇنىياز

قارامتۇل قار تامچىلىماقتا
ئۆگزە، ئاپتاپ، تنھالىق ئارا.

خىيالمۇ يا كىچىك يىشىللىق
دېرىزەمگە ئېسىلىپ تۇرغان؟

ئېزىپ كەتكۈم كېلەر توساتتىن
چوڭ كوچىدىن، ئۆيدىن، خىزمەتتىن.

بىناكارلىق.
مۈشۈك.
ئادەملەرگە ئارىلاشماسلىق خاتالىقى.

مەجبۇرلايدۇ كىشىلەر توپى
تۇرۇش مومكىن ئەمەستۇر تەنھا.
ساقال ئېلىش خۇشياقمىغاندەك،
خۇشياقمايدۇ ياشاشمۇ ھەتتا.

كارىۋاتلاردا ئايال ئۇيقۇسى.
سېغىن كالا ئەمچەكلىك ئاسمان.
مەن كېچىنىڭ سىرتىدا ھامان.

مەنىسىزلىك مەنىسىمۇ يا
قارامتۇل قار تامچىلىماقتا.

"مەنىسىزلىك" ناملىق شېئىر توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل



شېئىر ئىجادىيتى جەريانىدا شائىر بىلەن ئوقۇرمەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇبىغا ۋەكىللىقك قىلىدۇ.ئەسەر ئۇلارنى تۇتاشتۇرغۇچى.شائىر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ گۈزەللىك قارىشىدا ،ئېستىتىك سەۋىيسىدە پەرق بولغاچقا ،ئۇلار ئوتتۇرسىىدا ھامان بولشلۇق بولىدۇ.شۇڭا شېئىر  ئوقۇش تېگىدىن ئالغاندا زېھىن تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئەمگەن.لىكىن شېئىر كوچىسىغا كىرگەن "ئەخىمەق"لەر بۇ يولدىن ئاسان يالتايمايدۇ.ئۆزىگە يارىشا تەۋەككۇلچىلىق قىلىپ باقىدۇ.بۇ جەرياندا يا شائىر مەغلۇپ بولىدۇ يا ئوقۇرمەن.ئەمما بىر پارچە شېئىرنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى شائىر بىر ،بەھىرلەنگۈچى نۇرغۇن بولغانلىقتىن شېئىرنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى مۇتلەق كۆپ ھاللاردا شائىرغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ.
ئاممىباب شائىر پىكىرنبىڭ ئېنىق، شېئىرى تىلنىڭ جانلىق ،ئۇدۇل ،مۇزىكىلىق تۈسىنىڭ قويۇق بولىشىنى قوغلىشىدۇ.ئاۋانگارتلىق يولىدىكى شائىر ھامان شېئىر پىكىرنى غۇۋالاشتۇرىدۇ، شېئىرى تىلنى يېڭىلايدۇ،ئىجادىيەت جەريانىدا تىل سېھرىگىرىگە ئايلىنىپ ،شېئىرى تىلنىڭ لوگىكىلىق تەرىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،يېڭىچە قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىدۇ. گاھىدا شېئىرى تىلنى مەنتىقىسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك قىلسىمۇ،مەنتىقىسىزلىك ئىچىدە يېڭى مەنە يارىتىدۇ.
يۇقارقى شېئىردا لوگىكىسىزلىق ناھايتى ئېغىر ، تاققا -تۇققا گەپلار بىلەن توشۇپ كەتكەن . قېنى بىز ئاشۇ لوگىكلىسىزلىق ۋە تاققا- تۇققىلىقنىڭ قانداق مەنە يەاراتقانلىقىغا دېھققەت قىلىپ باقايلى.
1.قارامتۇل قار - ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر قانداق سۆزنى بىرىكتۈرۈپ ئوقۇغىلى بولىدۇ. مەسىلە مەنە ئاڭلىتىش ئاڭلاتماسلىقتا. يۇقارقى بىرىكمە فورمال لوگىكىنىڭ قانۇنىيتىگە چۈشمەيدۇ . چۈنكى قار قارا بولمايدۇ. ئەمما شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا ھەر قانداق رەڭدە بولىشى مۇمكىن .بۇ شېئىرى تىلنىڭ ھامان لوگىكىدىن چاتنەپ كېتىدىغا تەرىپى.
2.تامچىلاش- بۇمۇ لوكىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس. تامچىلاش سۈيۈق جىسىملارنىڭ خۇسۇسىيتى.قار تامچىلىمايدۇ. تامچىلىغان چاغدا "قار"لىق خۇسۇسىيتىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.بۇ يەردە بىر ئېنىقلىغۇچى كەم بولىشى مۇمكىن.يەنى بۇ يەردىكى "قار" ئەسلىي ئوبىيكىتنىڭ ئېنىقلىغۇچسى بولىشى ،ئېنىقلانغۇچى چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن .مەسىلەن: قار سۈيى - قارنىڭ سۈيى - قار  ئەمەس .
3.سېغىن كالا ئەمچەكلىك ئاسمان - بۇ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتىلا مىسرا .مۇنداق قارىماقتا ئوخشىتىشتەك قىلىدۇ.سېغىن كالا ئەمچەكلىك ئاسمانغا  ئوخشىتىلغان دېگەندەك.لىكىن ئىككى ئىسىم خاراكتىرلىك بىرىكمە قوشۇمچىسىز ئوخشىتىلغاندا ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى  ئوتتۇرسىغا سىزىق (__ ) قويۇلىشى كىرەك. ئۇلاپلا ئوقۇغاندا تولىمۇ غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن ، شائىر بۇنى بىلمىدىمۇ ياكى قەستەن ئورۇنلاشتۇردىمۇ  بىر نېمە دېمەك تەس.
تاققا- تۇققىلىق
1.شېئىردا سەكرەتمىلىك بەك ئېغىر .مىسرالارنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك.پىكىر ئىزچىللىقى ،مەزمۇن تەرەققىياتى دېگەنلەردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.شېئىر لىققىدە تاققا-تۇققا گەپلەر بىلەن توشقان.بىرىنچى كۇپلېت بىلەن ئىككىنچى كۇپلېتنىڭ ،ئىككىنچى كۇپلېت بىلەن ئۇچىنچى كۇپلتنىڭ بىر-بىرسى بىلەن باغلىنىشى يوق.تۆتىنچى كۇپلىتنىڭ ھەر بىر مىسراسى مۇناسىۋەتى تېخىمۇ يوق.
2.شېئىر مىسرالىرىدىكى تاققا -تۇققا مىسرالارنىڭ ئاريرىم ھالەتتە تىما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،ئەمما ئۇلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ئالاھىدە بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
خۇلاسىگە كىرىش
شائىر شېئىردىكى لوگىكىسىزلىقنى بىلمەيدۇ ئەمەس.ئۇ شېئىرى تىلنى فورمال لوگىكىنىڭ مالايلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان شائىرلانىڭ بىرى .شائىر زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق يازىدۇ .بۇ شېئىردا ئىادىلىمەكچى بولغان تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شېئىرنىڭ ماۋزۇسى "مەنىسىزلىك "بۇنىڭ ئۈچۈن بەك چوڭقۇر ئىزدىنىپ كېتىشمۇ ھاجەتسىز .شائىر پەقەت ئەنە شۇنداق لوگىكىسىز ،مەنىسىز ،تاققا-تۇققا ،سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق گەپلەر  ۋە ئۇشتۇمتۇت كاللىغان كەپ قالغان خىياللار ئاقىلىق تۇرمۇشنىڭ تاساددىپى ،مۇناسىۋەتسىز ،پارچە-پۇرات نەرسىلەردىن تەشكىل تاپقان مەنىسىز بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاخىرىدا "مەنىسىزلىك مەنىسىمۇ يا" دېيىش ئارقىلىق " ئەنە شۇ مەنىسىزلىك تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر مەنىسى بولشى مۇمكىن" دېگەن ئويلىنىش ئوتتۇرغا تاشلايدۇ.
"قارامتۇل قار تامچىلىماقتا " دەپ بىرىنچى مىسرانى ئاخىرغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەنىسىزلىك يەنە داۋام قىلماقتا دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ.


قار  ياغقان ئاخشام

خۇرشىد دەۋران(ئۆبېكىستان)

قار ياغقان ئاخشام
كەزسەڭ شەھەرنى
خىرى-شىرە كوچىلارنى
كەزسەڭ،قوللىرىڭنى يانچۇققا سېلىپ
لەۋلىرىڭدە ئىرىسە قارلار.

ئويلىساڭ يىراقتا قالغان كىمنىدۇر
شۇ قارنى ئويلىساڭ،قەلبىڭ تىترىسە
بولۇپمۇ ئويلىساڭ سەن سۆيگگن قىزنى
بولۇپمۇ ئويلىساڭ ئاناڭنى...

قار توختىمىسا
توختىمىسا قەدىمىڭ
ئۆزۈڭمۇ گويا قار ئۇچقۇنىدەك
سىڭىپ كەتسەڭ تۈننىڭ باغرىغا.
كىمگىدۇر يول بەرسەڭ كىمگىدۇر سالام.
ئەمما ئۆزۈڭ سەزمىسەڭ بۇنى.
قار ھامان توختىماي يېغىۋەرسە جىم
ئازساڭمۇ سەزمىسەڭ ئازغانلىقىنىڭنى...



"قار ياغقان ئاخشام"ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل



ئۆز خىيالى بىلەن ياشاشنى ئىستەيدىغان شائىرلار ھەمىشە تۇرمۇش غايىلىرىنى روھى مەستخۇشلۇق ئىچىدە گۈزەل، رومانتىك شېئىرى مەنزىرىلەر ئۈستىگە قويۇۋالىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزى خالايدىغان ھەقىقى تۇرمۇشى بولۇشى مۇمكىن.ئەمما ئاشۇنداق بىر ھايات ئەمەلگە ئاشقان چاغدا خىيالدىكىدەك گۈزەل تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى خىيالى دۇنياغا نىسبەتەن ئادەم ئۆزى رول ئالغۇچى ھەم كۈزەتكۈچى-ياندىن ھۇزۇرلانغۇچى بولالايدۇ. لىكىن باشتىن كەچۇرۋاتقان چاغدا بولسا ياندىن ھۇزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. گەرچە بىۋاستە ھوزۇرلىنىش مەۋجۇت بولسىمۇ لىكىن ھەرىكەت، تاللاش خىيالدىكىدەك ئۆز ئىختىيارلىقىدە ، چەكلىمىسىز بولمايدۇ.
مەزكۇر شېئىردىكى مەنزىرە گوياكى رومانتىك بىر كىنو كۆرۈنىشى . شېئىرى ئوبراز ۋە موھىت ھەرىكەتچان. ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن كارتىنا چوڭقۇر تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە. رىئاللىقتا تامامەن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. بەلكىم بۇ قارلىق كېچىنى ھەر بىرىمىز باشتىن كەچۇرۇپ باققان بولىشىمىز مومكىن . لىكىن تۇرمۇشتا شېئىردىكىدەك گۈزەل تەسىراتقا ئىگە بولغان بولىشىمىز ناتايىن. سەۋەبى؛ شېئىردىكى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى تاللاش دەخلىسىز ، ئخىتىيارى بولىدۇ، رىئاللىق بولسا توسالغۇ -چەكلىمىلەرگە تولغان.
كەزسەڭ شەھەرنى
خىرە-شىرە كوچىلارنى
كەزسەڭ،قوللىرىڭنى يانچۇققا سېلىپ
لەۋلىرىڭدە ئىرىسە قارلار
...
كىمگىدۇر يول بەرسەڭ ،كىمگىدۇر سالام
ئەمما ئۆزۈڭمۇ سەزمىسەڭ بۇنى.
نەقەدەر گۈزەل كۆرۈنۈش، ئەگەر شائىرنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى بىر دۇنيانى تەسۋىرلەۋاتىدۇ دەپ قارىساق، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ، تەلپۈنىشى سىڭگەن بولىدۇ. مانا بۇ روھى ھالەت شېئىردىكى مەنىۋى ھالەتنى كىڭەيتىدۇ. شېئىرنىڭ  كىشىگە گۈزەل تۇيۇلىشىدىكى يەنە بىر موھىم سەۋەب: دەل شائىرنىڭ شېئىردىكى لىرىك ئوبرازنىڭ لىرىكىسىنى تىڭشىغۇچىنى ئىككىنچى شەخسكە يۈزلەندۈرىشى. شۇڭا شېئىرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن ئۆزىنى شېئىردىكى موھىت ئىچىدىكى بىر پىرسوناژدەك ھېس قىلىدۇ. بىر پارچە شېئىرنىڭ مۇۋاپىقىيتى مەلۇم مەنىدە ئوقۇرمەننى ئۆزى ئىچىدىكى دۇنياغا ئېلىپ كېلەلىشىدۇر.


شېئىرنىڭ تېنى


ئادىل تۇنىياز

ياز پادىشاھى ئالماقتا ئارام
خەزىنىسى كەڭرى ئېچىلغان.

قېرى دەرەخ قوۋزىقى
ھاسىرايدۇ
ئىسسىقتا
ياشىماق تەس.
ۋاقىت سىمىزلىكتىن ھالسىرايدۇ.
كۆرۈنمەس تاپىنىدا بېسىلىپ قالغان
بىر نەچچە تال كۆك ئېچىلغان كاناي گۈلى.

شېئىر يېزىش مەن ئۈچۈن
قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى.

خۇددى نۇرلۇق يىلاندەك ئوت چۆپلۈكتىكى
خۇددى تەنھە يەر يېغىدەك يەر ئاستىدىكى
خۇددى مەخپى ئارزۇسىدەك بىر خەلقنىڭ
يازنىڭ بۇ شامالسىز تىنجىق كۈنىدە
قالمىغان ئۈمىدتىن بۆلەك ھېچنەرسە.

سىلىق،يۇمۇلاق تاش،قاغىلىق،ئاپتاپ
ئېيتىش مومكىن بولمىغان ئازاب.
ئالقىنىدا ئاكاتسىيەنىڭ غورىلاي تۇخۇملىتى پىشماقتا.

شېئىر سۆزلەردىن توقۇلغان
يىشىل چىمەنلىك
سەگىتمەكتە تېنىمنى.

"شېئىرنىڭ تېنى" ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل


شېئىر دېگەن نېمە ؟ دېگەن مەسىلە شېئىرىيەت نەزىريىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شېئىر ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىش شەكىللەنگەندىن تارتىپ نۇرغۇن ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلغان ھەم نۇرغۇن تەبىرلەر بىرىلگەن.لىكىن ئومۇم ئىتراپ قىلىدىغان ئېنىقلىما ئوتتۇرغا چىقمىغان.سەۋەبى ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مىتودىكىسى ئوخشاش ئەمەس.مېنىڭچە بۇ سۇئالنى تەبىرلەشنىڭ موھىم ئاچقۇچى ئۇنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ماۋجۇتلىقىغا قاراپلا "مۇنداق نەرسىكەن"دېيىش ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەيدا بولۇش جەريانى مەسىلىسى.بۇ ھەقتە ماھىيەتلىك ئۇچ خىل مىتوت بار
1.ئادەم مەۋجۇتلىقىنىڭ ماددى كاپالىتى تەىئەتتىن ئىزدەش
2.شېئىر سۇبىكتى -ئادەمدىن ئىزدەش
3.ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىزدەش
بۈگۈنكى نەزىريىۋى قاراشلار ئىچىدە  ئۈچىنچى خىل قاراشنىڭ نوپۇزى يۇقىرراق بولىشى مۇمكىن ( ھېچ بولمىغاندا مېنىڭچە شۇنداق)لېكىن يەنە نۇرغۇن شاخلانما قاراشلارمۇ مەۋجۇت.ئۇلارنىڭ بىرى شېئىر ئامالسىزلىقتىن تۇغۇلىدۇ دەپ قاراش.شائىر ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ.شېئىر يېزىش ئارقىلىق ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
مېنىڭچە بۇ قاراش كەسپى شائىرلارغا ئاز-تولا ماس كېلىشى مۈمكىن.لېكىن ئامالسىزلىق شائىغىلا خاس نەرسە ئەمەس ھەم شېئىر يېزىش ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىمۇ ئەمەس. نۇرغۇن ئادەم شېئىر يازالمايدۇ.لېكىن ئامالسىزلىققا ئۇچراپ تۇرىدۇ. پەقەت شائىرغا نىسبەتەنلار شېئىر يېزىش بىر خىل ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇش يولى بولىشى مۈمكىن.بىز يۇقۇرىقى شېئىرنى مۇشۇ نوقتىدىن كۈزىتىپ باقايلى.
ۋاقىت - ياز
ئۈنۈم- سىقىلىش ( بىر خىل ئامالسىزلىق)
ئىسسىق يازنىڭ  شائىردا پەيدا قىلغان تەسىرى سىقىلىش،ئازاب ،ئامالسىزلىق بولغان. شېئىرغا قارايدىغان بولساق بىرىنچى ،ئىككىنچى،تۆتىنچى، بەشىنچى بۆلەك دەل ئىسسىق يازنىڭ تەسۋىرىدۇر . ئۈچىنچى بۆلەك شائىرنىڭ قۇتۇلۇش يولى ، ئاخىرىقى بۆلەك بولسا ئىرىشكەن نەتىجىدۇر.
«شېئىر يېزىش مەن ئۈچۈن ،قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى » دەيدۇ شائىر. شۇنداقلا مۇشۇ يول ئارقىلىق بۇ ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ."ئۇنىڭ " ئۈمىدتىن بۆلەك ھېچنەرسە قالمىغان بىر تىنجىق كۈن"دىكى قېپقالغان ئۈمىد دەل شېئىر يېزىش يولى ئارقىلىق قۇتۇلۇش ئۈمىدىدۇر.شۇڭا شائىرغا نىسبەتەن
شېئىر
سۆزلەردىن توقۇلغان
يىشىل چىمەنلىك.
بولۇپ شائىرنى شەگىتەلەيدۇ.شۇ ئارقىلىق ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ راھەتكە ئىرىشىدۇ.
خۇلاسە كالام :
"شئىرنىڭ تېنى" نېمە ؟
شېئىرنىڭ تېنى -سۆزلەردىن توقۇلغان يېشىل چىمەنلىك.


سۇ


بۇغدا ئابدۇللا

سۇنىڭ ئۆزى بىر رەھمەت،
قۇچاقلاپ تۇرۇپتۇ ئۇنى تەبىئەت.
ئادىمى بىلىق بولسام ئەگەر،
يۈزىگە لەيلەپ چىقمايتىم ئەبەت.
سۇنىڭ ئۆزى بىر لەززەت،
بولۇپ قالسام ئورنىدا قىسمەت.
چاك-چاك قۇملۇقنىڭ لىۋىگە ئەمەس،
يۈرىكىگە باراتتىم پەقەت.

«سۇ»ناملىق  شېئىردىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىغا قىسقىچە نەزەر



ئىنسانىيەت مەدەنىيتى سۇنى مەنبە قىلىپ شەكىللەنگەن.تارام-تارام تومۇرلار ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى ۋە  داۋاملىشىشىدىكى ئىنىرگىيە بولغان. خۇددى ھىندى دەريا ۋادىسىدىكى ھىندى مەدەنىيتى، نىل دەريا ۋادىسىدىكى مىسىر مەدەنىيتى،خۇڭخې دەريا ۋادىسىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئەمما ، بۇ ئىنىرگىيەنىڭ ئارتىپ كېتىشى ۋە كەمچىل بولۇشى ئوخشاشلا خارابلىق بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. قۇرغاقچىلىق بىلەن توپان بالاسىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا جايلاشقان ئوخشاش تەقدىر ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ۋەھىمىسى.
سۇ بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم مۇناسىۋىتىلا ئەمەس،بەلكى ئىتىقاد، دۇنيا قاراش شۇنداقلا ئىنچىكە پىسخىك تاللاشنى بارلىققا كەلتۈردىغان مۇناسىۋەت.
سۇنىڭ ئۆزى بىر رەھمەت
يەر شارىنىڭ بالياتقۇسىغا جايلاشقان ،دەشت-چۆل باغرىدا يىتىلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن  سۇ مەڭگۈ قېنىپ بولماس تەشنالىق .تولىمۇ بىخىللىق بىلەن مەرھەمەت قىلىنغان سۇ بۇ جايدىكى كىشىلەردە چوڭقۇر رەھمەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگەن.  قۇملۇق زىمىنىدىكى كىشىلەرگە سۇ مۇقەددەس ، سۇ ئىلاھ ،سۇ قۇتقازغۇچى ...سۇنى پاسكىنا قىلماسلىق، يەتتە قېتىم يۇمۇلىسا ھالال بولۇش ...مانا بۇ ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى ،چۆللۈك كىشىلىرىنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئەھكام.
ئۇلار نۇھنىڭ قۇتقازغۇچ كېمىسىنى ،توپان بالاسىنى بىلىشىدۇ،ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقىغا ھەم ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىممۇ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار مەڭگۈ سىرلىق پېتى ، سۇغا بولغان ئىنتىزارلىق  ئەمەلىيەت. ئۇنىڭ رەھمىتى ھەر لەھزە . ئۇلار سۇغا تەشەككۇر ئېيتىدۇكى ،قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىنەزەر لەنەت ئوقۇمايدۇ .ھەتتا سۇ بىلەن مەڭگۈ بىر گەۋدە بولۇپ كېتىشنى ئىستەيدۇ.
ئادىمى بىلىق بولسام ئەگەر،
يۈزىگە لەيلەپ چىقمايتىم ئەبەت.
بۇ يەردىكى "ئادىمى بىلىق"غەربلىكلەرنىڭ "پەرىزات بىلىق"چۆچىكىگە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا،قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇ ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئاجايىپ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيلىك.
  پەرىزات بىلىق سۇ يۈزىگە چىقىش سەۋەبلىك ئېچىنىشلىق تىراگىدىيگە يولۇقىدۇ.ئەگەر سۇ يۈزىگە چىقمىغان بولسا دېڭىز ئاستىدىكى ھەشەمەتلىك ،خاتىرجەم ھاياتىنى ئۆتكۈزۈۋەرگەن بولاتتى دەپ چۈشەنسەك چۆچەكتىكى ئۇلۇغ روھقا ئاسىيلىق قىلغان،ئاندېرسۇنغىمۇ يۈز كېلەلمىگەن بولىمىز.بۇنداق ئويلاش بەكلا گۆدەكلىك . ئۇنىڭدىكى تىراگىدىيە ھەرگىزمۇ پەرىزات بىلىقنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىشتىن ئىبارەت ئاددى ۋەقەدە ئەمەس بەلكى غەرىبلىكلەرنىڭ قىممەت قارىشى ،ئېتىكا قارىشىدا.
غەرب ھەممە تەرىپى غايەت زور سۇ ئامبىرى دېڭىز بىلەن قورشالغان ماكان .ئۇلارغا نىسبەتەن سۇ بىزگە ئوخشاش ئىلاھى قىممەتكە ئىگە بولۇشتىن كۆرە ئۇ بىر ۋەھىمە ،خىرىس . شۇڭا ئۇلار ئۆز تەۋەككۇلچىلىقنى دېڭىز بىلەن كۆرەش قىلىشتىن ،دېڭىزنى بويسۇندۇرۇشتىن باشلىغان.ئەلۋەتتە تەكلىماكاندىن ئىبارەت جەزىرە ئىچىدە سۇغا بولغان تەشنالىق ئىلكىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۇقارقىدەك تەسەۋۋۇر قىلىشى ئورتاق بولغان پىسخك ھادىسە. بۇ باشقا نەرسە ئەمەس .دەل قۇرغاق موھىتتا ئۇزاق مۇددەت ياشاشتىن شەكىللەنگەن   تەشنالىقنىڭ سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىپ چىقىشى .ئۇ تالاي ئەسىرلىك ھاياتلىق تەجرىبىلىرىدىن شەكىللەنگەن پىسخىك مەدەنىيەت.
چاك-چاك قۇملۇقنىڭ لىۋىگە ئەمەس،
يۈرىكىگە باراتتىم پەقەت.
مانا بۇ سۇغا تەشنا قۇملۇق كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ئىستىكى.قېنىشقا ئۈلگۈرمىگەن تەشنالىق خىيال ئارقىلىق قاندۇرۇلۇش ئىستىكىدە بولىدۇ.شۇڭا شائىر دەيدۇ "ئەگەر سۇ بولسام قۇملۇقنىڭ لىۋىگە ئەمەس ،يۈرىكىگىچە باراتتىم"دەپ .
سۇ رەھمەتتۇر ھەم ئاپەتتۇر .مەدەنىيەت سۇ بىلەن باشلانغان ھەم سۇ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.ھەر بىر توپ باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش ئارىلىقىدا ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيتىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ ۋە ئاخىرىدا سۇغا كۆمۈلىدۇ.





idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1425
تۆھپە : 0
توردا: 233
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 15:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەتئىلىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئۆزۈم قۇرغان مەخپىي ئىبادەتخانەمنى چۆكتۈرگۈچى
مېنى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلغۇچى
مېنى يۇلۇپ يەرگە ئاتقۇچى _
نىڭ ئ

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 456
تۆھپە : 1
توردا: 206
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 17:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كۈزىتىشىمچە ھەزرەتئەلىدە شېئىرىيەت ئوبزۇرچىلىقىغا باشقىچە مېھىر-مۇھەببەت بار، مەن ماقالىلىرىدىن  ئۇنىڭ تەپەككۈردىكى ۋە تەھلىلدىكى ئۆزگىچىلىكىنى، تىلنى ناھايىتى ئاياپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئەگەر ئۇ بۇ مىكرو ئوبزۇرلىرىنى كېڭەيتىمەن دىسە، تامامەن ھۆددىسىدىن چىقىپ كىتەلەيتى، لىكىن ئۇنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىخچاملىققا مايىل قەلىمى بۇنىڭغا يول قويمىغان. مەن ھەزرەتئەلىنىڭ باسقۇسى قەدەملىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.  

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1187
تۆھپە : 0
توردا: 747
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 16:34:00 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ھەزرەتئەلى مىكرو ئوبزۇرلىرى(1-12)، شېئىر تەھلىللىرى

       مەن بۇ ئوبزۇرلارنى ئوقۇپ مۇئەللىپ ماڭا شىريەت قەسىرنىڭ ئىشكىنى ئېچىپ بىرۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم.ئوبزۇرلارنىڭ قىسقا ،ئىخچام يېزىلغېنىغا قارماي مۇئەللىپنىڭ قەلمى شېئرنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرغىچە يىتىپ بارالىغان.شىئىرى تەھلىلى ئىلمى،ئەتراپلىق،چۇڭقۇر،دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق،نەزىريىۋى ئاساسلار يىتەرلىك،  ھۆكۇم مەنتىققىلىق،ئەقلىغە مۇۋاپىق بولغان. مەن بۇ ئوبزۇرلارنى ئوقۇپ شائىردىكى شىئىرى تۇيغۇ بىلەن قايتا ئۇچراشقاندەك،شىرىيەت ئىلاھى بىلەن سۆھبەتتە بولۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. ئىنشا ئاللا،مۇئەللىپ بۇ سەھبەتنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغان ئىكەن.بۇنىڭدىن تولمۇ سۆيۇندۇم.چۇنكى بىزدە شئىريەت ئوبزۇرچىلقى ئاجىز بىر ھالقائىدى. پاسىبانسىز ،ھسسى قوبول، ئەقلى باغاشلارسىز قالغان شىئرى ئىماگلار ئاجايىپ تىرەن پىكىرلەرنى قۇچاقلاپ شىريەت چوللىردە تىنەپ-تەمتىرەپ يۇرەتتى.بۇ ئوبزۇرلار بۇ نوقتنى بىزگە تولۇق ئىسپاتلار بىلەن  ئىسپاتلاپ بەردى.ھەم بۇ ئوبزۇرلارنىڭ مۇئەللىپى بولغان ھەزرەت ئېلى ئۆزنىڭ بۇ ساھاگە پۇختا تەييارلىق ۋە ھازىرلانغان تولۇق شەرت بىلەن كىرىپ كەلگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بەردى،بۇ ساھا مۇئەللىپكە مەرھابا دەپ قۇچاق ئاچقۇسى.
       دەر ھەقىقەت،شىريەت ئۇبزۇرچىلقى بىزدە ھەقىقەتەنمۇ بىر ئاجىز ھالقا ئىدى.بۇ ساھادە ھازىرغىچە ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىپ،شىريەت ئىلاھى بىلەن بىمالال سۆھبەت قۇرۇپ كىلەلىگەن، بىرەر نامايەندىنى تىخچە ئۇچراتقىنىمىز يوق. شىريەت ئوبزۇرچىلقى بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان،بۇنى ئۆزگە كەسىپ قىلىپ تاللىغانلار يوق دىيەرلىك.بۇ ھەقتىكى ئەمگەكلەرئاساسەن   ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسلەرنىڭ مەھسۇلى.يىزىلغان ئوبزۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەسىرات تىپىنى ئالغان ئوقۇرمەن تەسىراتى.قارسام ھەزرەت ئېلىنىڭ مۇشۇ ساھاگە نىسبىتەن خېلىلا قىزقىشى  مۇھاببىتى،ھەم تالانتى باردەك قىلدۇ.شىريەت ئوبزۇرچىلقىنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىپ تاللىسا تامامەن بولغۇدەك. شۇڭا تىخىمۇ تىرشىپ،قەلمىنى تىخىمۇ پۇشۇرۇپ،پىكرى قۇۋتىنى تىخمۇ ئاشۇرۇپ،تور دۇنياسىدىن چىقىپ،ھەرقايسى مەتبۇھات يۇزدىكى شىريەت دۇنياسىغا سەپەر قىلشىنى،شىريەت ئوبزۇرچىلقىمىزدىكى بۇشلۇقنى تولدۇرۇشقا تگىشلىك تۆھپسنى قۇشۇشنى ئوممۇت قىلمەن ھەم شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا تامامەن ئىشنىمەن.

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  599
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 454
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 15:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن! زور ئۇتۇقلار سىزنى كۈتكۈسى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1267
تۆھپە : 0
توردا: 290
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 16:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھەزرەت ئەلى مىكرو ئوبزور ئىجادىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشى بولۇشى سۈپتى بىلەن نەزىرىمدە ھۆرمەتلىك ئىنسان. لېكىن ئابدۇراخمان ئابدۇكىرىم زۇلتاپنىڭ شېئىرىغا ئېلىپ بارغان تەھلىلىدە ئىلمىيلىك كەمچىل ھەم پىكىرلىرى بىر بىرىنى رەت قىلىدۇ.

بىرىنچىدىن، مۇئەللىپ بۇ ئوبزۇرىنى «بۇ  قىسقا شېئىرغا  ئۇيغۇر ئىدىلوگىيسىنى  مىڭ يىللاپ  ئىگىلەپ كەلگەن تەسەۋۋۇپ پىرىسلانغان  ھالەتتە  سىغدالغان » دېگەن جۈملە بىلەن باشلىغان. گويا بۇنىڭلىق بىلەن بىر پۈتۈن تەسەۋۋۇپنى مۇشۇ سەككىز قۇر شېئىر بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ، دېگەن ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. يەنى ئوبزۇر مۇئەللىپى شېئىرنىڭ بىرىنچى بېيىتىنى نەسرى يوسۇندا چۈشەندۈرگەندە «بۇ يەردىكى ئىشىق تەسەۋۋۇپچىلار قارىشىدىكى ئىلاھى ئىشىق( ساماۋى ئىشىق) مەي بولسا كەيپىيات .يەنى ئىشىقتىن مەسىت بولۇشتۇر»  دەپ كۆرسەتكەن. ۋەھالەنكى، شېئىر مۇئەللىپى مېنىڭ بىلىشىمچە تەسەۋۋۇپچى ئەمەس، (بۇنى ئوبزۇر مۇئەللىپىمۇ «ئەلۋەتتە ،مەزكۇر شېئىرنىڭ مۇئەللىپى تەسەۋۋۇپچى  ئەمەس» دەپ تەن ئالغان ) شۇنداقلا خۇداغا نىسبەتەن ئاشقلىق دەۋاسى قىلغانمۇ ئەمەس. بىر شېئىردا تەسەۋۋۇپ ئەكس ئەتكەن دەپ دەۋا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شېئىر مۇئەللىپى تەسەۋۋۇپ تەرىقىتىدىكى كىشى بولۇش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ شېئىردا ئوبزۇر مۇئەللىپى ئېيتقاندەك «ئىلاھىي ئىشق» مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە شېئىرىي ئىلھام بىلەن ياندىشىشلا مەۋجۇت. ھالبۇكى ئوبزۇر مۇئەللىپى شېئىر ئاپتورىنىڭ تەسەۋۋۇپچى ئەمەسلىكىنى تەن ئالغانۇ، لېكىن شېئىرنى زورىقىپ تەسەۋۋۇپ نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغان.

ئىككىنچىدىن،ئوبزۇر مۇئەللىپى «شېئىر  تۆتىنچى بىيىت ئارقىلىق  يۇقىرى  پەللىگە يەتكەن .تەسەۋۋۇپتىكى  شائىرنىڭ غايىپقا ئايلىنىش  رىئاللاشقان . قانداق  رىئاللاشقان  دېگەندە خۇدانىڭ يېشىنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزى بىلەن  بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان» دەپ يازىدۇ. گويا ئوبزۇر مۇئەللىپى بۇ يەردە تەسەۋۋۇپشۇناسلاردەك نامايان بولىدۇ ۋە   «تەسەۋۋۇپتىكى  شائىرنىڭ غايىپقا ئايلىنىش» ىنى ئىجاد قىلىدۇ. ھالبۇكى تەسەۋۋۇپتا «شائىرنىڭ غايىپقا ئايلىنىش» دەك بۇنداق بىمەنە ئاتالغۇ مەۋجۇت ئەمەس. ھەتتا  «خۇدا بىلەن  بىرلىشىشتەك ئىسىتىك غايىسى» دىن ئىبارەت مۈجمەل قاراش تەسەۋۋۇپقا چاپلانغان بۆھتاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە ئوبزور مۇئەللىپى «شائىرنىڭ غايىپقا ئايلىنىش  رىئاللاشقان» دەپ قارىسىغا ھۆكۈم چىقارغان. «خۇدانىڭ يېشىنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزى بىلەن  بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان» دېگەن سۆزلىرى تەسەۋۋۇپتىكى «فەنا»، يەنى «يوق بولۇش، بارلىقىنى ئۇنۇتۇپ خۇدا بىلەن بىرلىشىپ كېتىش» تىن ئىبارەت تەسەۋۋۇپتىكى «ئىلاھى ئىشق» تەلىماتىغا تۈپتىن خىلاپ؛ چۈنكى تەسەۋۋۇپتا خۇدا بىلەن بىرلىشىش پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خۇداغا ئاشق بولۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇكى، ھەرگىزمۇ «خۇدانىڭ يېشىنى ئىچىش» تىن ئىبارەت ھېچقانداق بىر مۇتەسەۋۋىپ بېشىدىن كەچۈرمىگەن ھەم بېشىدىن كەچۈرۈش تەلەپ قىلىنمايدىغان، جۈملىدىن مەۋجۇت ئەمەس بىر ھالەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇڭا ئوبزور مۇئەللىپىدىن تەسەۋۋۇپىي ئاتالغۇ ھەم تەسەۋۋۇپىي چۈشەنچىلەردە بۇنداق يېنىكلىك بىلەن كەسكىن ھۆكۈم چىقارماسلىقنى ۋە قارىسىغا تەسەۋۋۇپتا يوق چۈشەنچىلەرنى بىمەنە ئىبارىلەر بىلەن ئىزاھلىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىز تىلىمىزغا ئىھتىيات بولايلى (قالغىنىغا ئاللاھ ئالىم).

ئۈچىنچىدىن، ئوبزور مۇئەللىپى «ۋەھالەنكى «غەزەل»دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ شېئىرنىڭ بىيىتى تۆت.ئارۇز نەزىريىسى بويىچە بولغاندا بەش بىيىتتىن كەم بولماسلىقى كىرەك . لىكىن بۈگۈنكى كۈندە ،بولۇپمۇ ھەممە يېڭىلىنىۋاتقان،ئەنئەنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ئەمەس بەلكى ھەممىنىڭ ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىشى ئاساسىي مىلودىيەگە ئايلانغان كۈندە بۇنداق ئۆلچەمنى قويۇپ تۇرىۋىلىشنى ئاقىلانىلىق ئەمەس.شېئىردا شائىرنىڭ  دېمەكچى بولغىنى تۆت  بىيىت بىلەن ئاخىرلاشقانىكەن ،ئۇنىڭ ئاخىرىغا ياكى ئارىلىقىغا زورلاپ گەپ قىستۇرۇش  ھاجەتسىز.» دەپ جاكارلىغان. بولۇپمۇ «ئەنئەنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ئەمەس بەلكى ھەممىنىڭ ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىشى ئاساسىي مىلودىيەگە ئايلانغان كۈندە بۇنداق ئۆلچەمنى قويۇپ تۇرىۋىلىشنى ئاقىلانىلىق ئەمەس» دەپ ئۆز پىكىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان. مەسلىھەتنىڭ ياخشىسى شۇكى، ئوبزور مۇئەللىپى ئەنئەنىنى بۇنداق ئۆچ كۆرمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەنئەنىنى ھەممىنىڭ ئىھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تېخى ئاساسىي مىلودىيەگە ئايلانغىنى يوق. بىز باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ياراتقۇچىنىڭ ئەزىزلىشىگە ئېرىشكەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۈمەت بولۇش بىلەن ئەزىزلەنگەن كىشىلەرمىز. بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەنئەنىلىرىمىز ئۇ دۇنيا ھەم بۇ دۇنيالىق تەقدىرىمىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. شۇڭا ئوبزور مۇئەللىپىنىڭ بۇنداق جار سېلىپ يۈرىشى ئەنئەنە ۋە زامانىۋىيلىق ئوتتۇرىسىغا پىتنە - پاسات پەيدا قىلىدۇ. يەنە ئوبزور مۇئەللىپىنىڭ غەزەللگە بولغان پوزىتسىيەسى ئىلمىي ئەمەس. غەزەل تېخى زامانىۋىيلىققا ماسلىشالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغىنى يوق.
مەن ھەزرەت ئەلىنىڭ مىكرو ئوبزۇر ژانىرىدا ئىزدىنىپ رويابقا چىقىرىۋاتقان ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپتىم بىلەن ھەزرەت ئەلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجەدىيەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش