جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 3

ئەدەبىياتشۇناس ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 118
تۆھپە : 4
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەدەبىياتشۇناس ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى



ئىقبال تۇرسۇن



ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى، ئەدەبىي تەنقىد ۋە نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك، سېستىمىلىق ۋە چۇڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئىنىستىتۇتلار ۋە ئاكادىمىيەلەردىكى پىروفېسسور ھەمدە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم تېمىسى، گەۋدىلىك نەتىجىسى ۋە ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى.

شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ۋە نەزەرىيە ساھەلىرىدە ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا شەكىللەنگەن «ئىنىستىتۇت تەنقىدچىلىكى» نىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنى ئىلمىي، ساغلام، توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان ماھىيەتلىك رولىغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

پروفېسسور ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان (1950-  ) ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى تارىخى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى ساھەلىرىدە 30 نەچچە يىلدىن بېرى تىنىمسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس ئىدىيە قاراش، تەتقىقات مېتودى، تەنقىد ئىستىلى ۋە تەنقىد ئالاھىدىلىكىنى ياراتقان ئەدەبىياتشۇناس ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىدۇر.[1] ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتى، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكتىكى ئىلمىيلىك، سەمىمىيلىك، دادىللىق، خالىس ۋە ھەقدالىق پوزىتسىيسى، مىللىي ئەدبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىدۋار، مەسئۇلىيەتچان، يىراقنى كۆرەر ئىلمىي روھى، شۇنداقلا، پىشقان پىداگوكلارغا خاس تەلەپچان، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان خاراكتىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي، ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە چۇڭقۇرلىشىشىغا زور تۆھپە قوشتى.

پروفېسسور ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان 1950-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1973-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1978-يىلىدىن 1982-يىلىغا قەدەر، تيەنجىن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدا خىزمەت قىلغان. شۇ مەزگىللەردىن باشلاپ جۇڭگو ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ يەنە فاكۇلتىت مۇدىرى، فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتىگورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى يۆنىلىشى بويىچە دوكتور يېتەكچىسى، 30 نەچچە يىلدىن بېرى، ئۇنىڭ قولىدا نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار تەربىيىلىنىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، مەملىكەت ئىچى ھەتتا چەتئەللەردىكى ھەرخىل ئورۇنلاردا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئۇنىڭ قولىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تەربىيىلىنىپ چىققان بىرەر يۈزدىن ئارتۇق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات ساھەلىرىدىكى تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇپ مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتىدا ئەدەبىيات تارىخ تەتقىقاتى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ھەمدە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلدى. ھازىرغا قەدەر ئۇ تۈزگەن ۋە يازغان ئىلمىي ئەسەرلەردىن «جۇڭگو يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى»، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (نۇرمۇھەممەد زامان بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈزگەن، خەنزۇچە)، «شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» (كېرىمجان ئابدۇرېھىم بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈزگەن)، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىسى بولغان ۋەكىللىك ئەسىرى «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ باش تۈزگۈچىسى بولغان، تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەردىن «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»، «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى»، «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى»، «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى»، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى»، «چىرايلىق دوست» رومانى قاتارلىقلار بار. ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيسى»، «شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىلى» قاتارلىق دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ۋە ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان.

بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشى تېخى ئەسلىگە كىلىش ھەم قايتا قۇرۇش ھالىتىدە تۇراتتى.

يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يېتەرسىزلىكلىرى ھەمدە يېڭى ئەسىردىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇھاكىمە قىلىش، باھا بېرىش ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن ۋەزىپە ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپلەردىكى ئابلەت ئۆمەر، سالى خۇدابەردى، ئابدۇكېرىم راخمان، ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم قاتارلىق پروفېسسورلار ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى بىر تەرەپتىن جۇڭگو-چەتئەللەرنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىد نەزەرىيىلىرىنى ئۆگىنىپ، بىر قىسىم نادىر نەزەرىيە ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەخسۇس ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك دەرسلىكى بىلەن قوللانمىلارنى تۈزۈپ بۇ ساھەدە سېستىمىلىق دەرسلىك ۋە تەتقىقات بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەردى. شۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇلار ئۆز ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يېتىشىچە، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدىكى ھادىسىلەر، ئېقىملار، ئەدىبلەر ۋە ئەسەرلەرگە ئىلمىي دىئاگنوز قويۇپ، ئوبيېكتىپ، سوغاققانلىق بىلەن ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىقلار، مۇۋەپپەقىيەتلەر، كەمچىلىكلەر ھەم تەجرىبە- ساۋاقلارنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن يەكۈنلەپ كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.

ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىدا ئەنە شۇ ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى سېپىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى بىر گەۋدە قىلىپ ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلىپ كەلگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدا، ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئىستېتىك قاراشلىرى، ياۋروپا-ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەدەبىيات تەلىماتلىرى ۋە تەنقىد نەزەرىيىلىرى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيە ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قاراشلىرى، ئەدەبىيات تەتقىقات ئۇسۇللىرى بىلەن ئەتراپلىق، چۇڭقۇر تونۇشقان ئىدى. بۇنىڭ رۇشەن ئىنكاسى ئۇ مۇشۇ يىللاردا يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان «مودېرنىزىم ئەدەبىياتى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى، 1984-يىللىق 1-سان)، «بەدىئىي زوق ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1986-يىللىق 2-سان) «ئۇيغۇر پروزىسىدىكى تىراگېدىيە ئېڭى توغرىسىدا» (تارىم ژورنىلى، 1990-يىللىق 10-سان)، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە» (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1997-يىللىق 3-سان )، «شىنجاڭ مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىلى» (تەڭرىتاغ ژورنىلى، 2005-يىللىق 5-سان) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا غەربنىڭ مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى، «گۇڭگا شېئىر» ھادىسىسى، ئىجادىيەت مېتودى ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر كۆتىرىلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بىر يېڭىلىق بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا يۇقىرىقىدەك يېڭىلىقلار ھەققىدىكى ئىزدىنىش، غۇلغۇلا ۋە نەزەرىيىۋى تەتقىقاتمۇ جانلىنىشقا باشلىدى.

يېڭى دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي ئىجادىيەت مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نەزەر سېلىپ، سېستىمىلىق، ئىلمىي تەتقىق قىلىدىغان ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكنى ياخشى ئاساسقا ئىگە قىلغانىدى. ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان دەل مۇشۇ ۋەزىيەتتە ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى  ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ كەڭ، مۇكەممەل نەزەرىيىۋى بىلىمى، يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە ئىستىلى بىلەن ئىزدىنىپ، بۇ سەپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى تىكلەش، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىد ئۇسۇللىرىنى يېڭىلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن تا يېڭى ئەسىرگىچە يەنە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۇلتۇز- يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل» (تارىم ژورنىلى، 1995-يىللىق 8-سان)، «ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» (تارىم ژورنىلى، 1997-يىللىق 7-سان)، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خىلمۇ-خىللىققا يۈزلىنىشى توغرىسىدا» (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى، 1998-يىللىق 1-سان)، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 2000-يىللىق 1-سان)، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىلى» (تارىم ژورنىلى 2006-يىللىق 1-سان)، «مېنىڭ قەلبىمدىكى ئابلىز نازىرى» (تارىم 2005-يىللىق 3-سان) قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلدۇردى. ئۇ بۇ ماقالە ۋە ئوبزورلىرىدا ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بولغان زۇنۇن قادىر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇكېرىم خوجا، خالىدە ئىسرائىل قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى تارىخى ۋە ئىستېتىكىلىق نۇقتىسىدىن چۇڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بۇ مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ پىروزا ۋە شېئىرى ئەسەرلىرىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى، ئەنئەنىسى ۋە ئىستېتىك كۆز قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا باھا بەردى. ئۇلارنىڭ تېما، ماتېرىيال تاللاش، ئوبرازنى تەسۋىرلەش، خاراكتىر يارىتىش، بەدىئىي تىل ماھارىتى جەھەتتىكى ئىجادىيەت ئۆزگىچىلىكىنى، ئەدەبىيات ئىدىيىسى ۋە ئسىتىداتىنى كۆپ تەرەپلەردىن كۆرسىتىپ بەردى. 80-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىمى كىرىپ، دەسلەپكى سىناق قىلىنىپ، مودېرنىزىم ۋە گۇڭگا شېئىرلارغا بولغان كۆز قاراشلار ھەرخىل بولىۋاتقان بىر چاغدا ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيە مەنبەسى، ئالاھىدىلىكى ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە قىممىىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەدىب ۋە ئەسەرلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېما، ژانىر، شەكىل ۋە نەزەرىيىۋى سەۋىيىسىنى ئۇنىڭ ئىچكى نازۇك مەسىلىلىرىنى سوتسىئولوگىيىلىك تارىخى ئسىتىتىكىلىق مېتود ۋە پىرىنسىپ بىلەن مۇھاكىمە قىلدى.[2]

ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىللىق تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىنى ئوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي خۇلاسىلىگەندە، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭىچە ژانېرلار، يېڭى تېمىدىكى ئەسەرلەر روياپقا چىقىش بىلەن بىرگە، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ يېڭى نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللار بىلەن راۋاجلىنىش ھالىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. خۇسۇسەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى مەدەنىيەت تەنقىدچىلىكى، ئىنىستىتۇت تەنقىدچىلىكى، قۇرۇلما تەنقىدچىلىكى ۋە مىكرو تەنقىدچىلىكتىن ئىبارەت بىر قانچە خىل ئەدەبىي تەنقىد فورمىسىغا يىغىنچاقلاپ شەرھىلىگەنىدى. [3]

ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكى تاكى 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئومۇمەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەندىزىسى ۋە تەسىرىدە داۋاملىشىپ كەلگەن. ئەدەبىي ئىجادىيەت ھادىسىلىرى ۋە ئەسەرلەرنىڭ تارىخى، ئىجتىمائىي قىممىتىنى، جەمئىىيەت، دەۋر بىلەن ئالاقىسىنى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي رولىنى تەھلىل قىلىشنى ئاساس قىلىپ، بەدىئىي ئىستىتىكىلىق مەدەنىيەت ۋە پەلسەپىۋى قاتلىمىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە ئاجىزلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىمىزنىڭ دەسلەپكى 10 يىلىدا، غەربنىڭ ئەدەبىياتى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىد چۈشەنچىلىرى بىلەن تەنقىد مېتودلىرى ئېلىمىز خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ چاغدىكى بىر قىسىم ياش ۋە ئوتتۇرا ياش قەلەمكەشلەر، جۈملىدىن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى غەربنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەتقىقات مېتودى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنى ئۆز ئىجادىيەتلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلىدى. ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان ئەنە شۇ غەرب ئەدەبىياتىنىڭ يېڭىچە نەزەرىيىسى، ئېقىملىرى، تەنقىد قاراشلىرى ۋە تەنقىد مېتودىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇرى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ھەم كۆپ خىللاشتۇرۇپ باردى. ئۇ ئالدىنقىلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن سوتسىئولوگىيىلىك (جەمئىيەتشۇناسلىق) تارىخى مېتودى بىلەن ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي قىممەت تەتقىقاتىنى تارىخى، مەدەنىيەت ۋە ئىستىتىكىلىق تەتقىقات مېتودىغا، ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى مەدەنىيەت، ئىستىتىك پىسخىكىلىق تەتقىقاتىغا بۇرىدى.

ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتاننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋەكىللىك ئەسىرى، ئۇنىڭ «بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 80-يىللاردا «شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ ئۆز تەتقىقاتىدا باشتىن-ئاخىر ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىنى يادرو قىلىپ مۇشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىپ باھا بېرىش ۋە يەكۈنلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان. ئەدەبىي تەنقىدنى بىر خىل سېستىمىلىق، ئىلمىي تەنقىدكە ئايلاندۇرۇپ ھەر بىر تەتقىقات ئوبيېكتىنى چۇڭقۇر، ئەتراپلىق ۋە ماھىيەتلىك مۇھاكىمە قىلىپ ئۆزىنىڭ يېڭىچە ئەدەبىيات قاراشلىرىنى، تەنقىد چۈشەنچىلىرىنى كونكرىت مۇلاھىزە ئارقىلىق توغرا ۋە جايىدا قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەر بىر مەسىلىلىرىگە ئادىل، خالىس، ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ، ئەدەبىياتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئەنئەنىسى بىلەن تەرەققى قىلىشقا مەسئۇلىيەتچانلىق ھېسسىياتى بىلەن يول كۆرسەتتى.

ئازاد رەھمىتۇللاھ سولتاننىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى ئىلمىي ئەستايىدىللىقى بىلەن تەنقىد ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابىدا روشەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇ بۇ ئىلمىي ئەسەردە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئازادلىقتىن كېيىنكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى تارىخى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك بويىچە ماكرولۇق كۆزىتىش بىلەن مىكرولۇق تەھلىلنى بىرلەشتۈرۈپ ئەتراپلىق، سېستىمىلىق ۋە چۇڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ چىققان. بۇ يېرىم ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىروزا، شېئېرىيەت ۋە دىرامماتۈرگىيە ساھەلىرىدە بارلىققا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ بەرگەن. ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى ئومۇمى تارىخىي جەھەتتىن بايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەينى دەۋر ئەدەبىياتىدا ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيىتى گەۋدىلىك بولۇپ كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن نىمشېھىت، زۇنۇن قادىر، تىيىپجان ئىلىيوپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇكېرىم خوجا، مۇھەممەتجان سادىق، بوغدا ئابدۇللا، خالىدە ئىسرايىل، ئەختەم ئۆمەر، مەمتىلى زۇنۇن، تۇرسۇن يۇنۇس قاتارلىق يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە دىراماتورگلارنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتىنى، ئەسەرلىرىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخى ئورنىنى ئوبيېكتىپ ھەققانىي باھالىغان.[4] «بۇ ئەسەر ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە نىسبەتەن سىستېمىلىق ۋە تارىخىي يوسۇندا تەتقىق قىلىنغان تۇنجى ئىلمىي ئەسەر بولۇپ، تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، نەزەرىيىۋى ئاساسىنىڭ يېڭىلىقى، مۇھاكىمىلىرىنىڭ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇرلۇقى، باھالىرىنىڭ ئىلمىيلىكى، يېزىش ئۇسۇلىنىڭ راۋانلىقى بىلەن ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدە چوڭ تەسىر قوزغىدى، ۋە شۇنداقلا مەملىكەتلىك 5-قېتىملىق تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.» [5]

90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇ يەنە نۇرمۇھەممەد زامان بىلەن بىرلىشىپ «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتابنى، كېرىمجان ئدبدۇرېھىم بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرچە دەرسلىك ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكىدە «ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ كونكرىت ئەسەر ۋە يازغۇچىنى ئۆلچەم قىلىپ ئىستېتىك قاتلامدىن تەھلىل قىلىدۇ. ھەر بىر ئەدەبىي ئەسەرنى ئۇنى يازغۇچىنىڭ تارىخى شارائىت، ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ دەۋر شارائىتىنى نەزەرگە ئېلىپ شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ پىكىر قىلىدۇ.» [6] بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن كىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، مىللىي خاراكتىرى، مىللىي پىسخىك قاتلىمىنى قانداق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئەسەرنىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىي شەكلى، تېما، ئوبراز ۋە ئىجتىمائىي مەزمۇننىڭ قانداق بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى نۇقتىلىق شەرھىلەيدۇ. ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيىۋى قىممىتى بىلەن ئىستېتىك قىممىتى، بەدىئىي جەلىپكارلىقىنى باشتىن-ئاخىر نۇقتىلىق تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئىزچىل تۈردە يېڭى تېما، يېڭى ھادىسىلەر، ئىجادىيەتتىكى يېڭى مەسىلىلەر، يۈزلىنىشلەر ھەققىدە سېستىمىلىق، چۇڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۇسلۇبى ۋە خاسلىقىنى ياراتقان. ئۇنىڭ تەنقىدىدە كۆپىنچە سېلىشتۇرما تەتقىقات، ئۇنۋېرسال شەرھىلەش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت تەنقىدى ۋە ئىستېتىك تەنقىد ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىي تەنقىد قاراشلىرىنىڭ تارىخى مۇساپىسى، نەزەرىيىۋى رامكىسى، ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامانغا ئۆزگىرىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكىمىزدە بۇ بىر چوڭ بوشلۇق ئىدى. بۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى تېخى ئۈنۈملۈك تەتقىق قىلىنمىغان شارائىتتا، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، كۆرسەتكەن تەسىرى، تەنقىد ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىلىرىنى نەزەرگە ئالالماسلىق تولىمۇ تەبىئىي ئەلۋەتتە. مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناسلاردىن ئابلەت ئۆمەر، شېرىپىدىن ئۆمەر قاتارلىقلار ئۇيغۇر كىلاسسسىك ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىدچىلىكى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم قىممىتىنى بالدۇرلا تونۇپ يېتىپ ئۇ جەھەتتە مەلۇم ئاساس سالغان ئىدى. ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىدچىلىكىنى تەتقىق قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتى» دەل بۇ تېمىغا بېغىشلانغان.

دېمەك، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 10 يىلىغىچە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىك قۇرۇلۇشىدا ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى، داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس، پىداگوك. ئۇ، سېستىمىلىق، چۇڭقۇر نەزەرىيىۋى بىلىمى، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ساغلام يۆنىلىشتە تەرەققى قىلىشىغا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيە ۋە تەنقىدچىلىكىگە سالماقلىق تۆھپە قوشقان ئەدەبىياتشۇناس بولۇشقا مۇناسىپتۇر. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا يەنىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشمىز.

ئىزاھات :

[1] ئىقبال تۇرسۇن : «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئدەبىي تەنقىدچىلىكى ھەققىدە تەتقىقات» (دوكتۇرلۇق ئىلمىي دېسىرتاتسىيىسى) 5-بابتىن ئېلىندى.

[2] ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان، نۇرمۇھەممەد زامان : «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001-يىلى نەشرى، خەنزۇچە.

[3] ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان : «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىلى» شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى، 2005-يىللىق 4-سان.

[4] ئازاد رەھمىتۇللاھ سۇلتان : «بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996-يىلى نەشرى.

[5] ئازاد سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم : «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى 2001-يىلى نەشرى، 362-بەت.

[6] ئەكبەر قادىر : «بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل نەشرى.



مەنبە: «قەشقەر ئەدەبىياتى»، 2011-يىللىق 5-سان


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  716
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 67
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 15:22  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 237
تۆھپە : 11
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازات مۇئەللىمنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن سەنئەت ساھەسىگە باشلامچىلىق قىلشى بۇ كەمدىن كەم تېپلدىغان ئالاھىدە ئىستىدات!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئازات سۇلتاننىڭ  يېڭى دەۋر  ئەدەبىياتى دەرسىنى ئاڭلاشقا نائىل بولغان.ناھايىتى جانلىق،يېڭى ئۇسلۇپتا دەرس ئۆتەتى.بەلكىم بۇ،يېقىندا يولغا قويۇلغان ساپا مائارىپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جانلىق ئىپادىلىنىشى بولسا كېرەك....ئابدۈشكۈر مۇھەمەت ئىمىن،شەرپىدىن ئۆمەر،بۇغدا ئابدۇللا ،ئازات سۇلتان،ئارسلان ئابدۇللا..... قىسقىسى ئونۋېرستېت بىر ئالتۇن بۆشۈك ئىدى.ئۇنىڭدىن ئۇزاپ چىققانلار ئالتۇن ئۇۋاقلىرىدۇر،ئەلۋەتتە....ئۇستاز ئازات سۇلتانغا ساغلاملىق ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى نېسىپ بولغاي.ئىجادىيىتى يەنىمۇ كامال تاپقاي.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش