«ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە 8-نۆۋەتلىك يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېقىندا چاقىرىلىدىغان مەملىكەتلىك «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنى»غا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ تەكشۇرۇپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى ۋە 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى كوئېنلۇن مېھمانخانىسىدا«ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى جاڭ جەن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمى ئۇنۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ ۋېي، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شېڭتەن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن غەيرەت ئاسىم، ئېركېش قۇرمانبەك قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن نەشريات، ژۇرناللارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى،ھەر مىللەت ئەدىب، مۇتەخەسىس،يازغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 35 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىكى، ئاساسلىق تەجىربىلەر،نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر،ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدىبىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش،تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچۈيتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدىبىياتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى تەكلىپ، پىكىرلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆھبەت،تەكلىپ ۋە پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى.يىغىندا ئالدى بىلەن جاڭ جەن شۇجى بۇ قېتىمقى تەكشۇرۇپ – تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەقسىدى،جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدىبىياتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى قەدەم –تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شېڭتەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومغا ۋاكالەتەن بۇ قېتىمقى تەكشۇرۇپ – تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ سۆز سۆزلىدى. رەئىس ئازات سۇلتان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ۋاكالەتەن نۆۋەتتىكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدىبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن ئىمىن ئەخمىدى، شەمىس قۇمار،مەمتىمىن ھوشۇر،دەنبىي،جاڭ خوڭچاۋ،ئېركېش قۇرمانبەك،ئەخەت تۇردى،جاۋ گۇاڭمىڭ، تىلەك ئىبراھىم قاتارلىقلار نۇقتىلىق سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد،تەكلىپ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. يىغىنغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ تەكشۇرۇپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپىسى ئۈرۈمچى، ئالتاي، قەشقەر،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ.





|