جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 2

مېنىڭ نەزىرىمدىكى شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 118
تۆھپە : 4
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭ نەزىرىمدىكى شېئىر



قاھار نىياز



مەن شائىر ئەمەس، لېكىن شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا شېئىرغا يۇقىرى تەلەپ قويىمەن. مېنىڭ بۇ يازمام شېئىرنىڭ قېلىپلاشقان نەزەرىيىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ شېئىر ھەققىدىكى ئىختىيارى قاراشلىرىم.
شېئىر نېمىشقا يېزىلىدۇ؟ ئۇ بىزگە زادى نېمىلەرنى بېرەلەيدۇ؟ بىر قارىماققا شېئىر بىزگە ھېچنىمە بېرەلمەيدۇ. پەقەت ئوخچۇپ تۇرغان كۈچلۈك ھېسسىياتنىلا ئىپادىلەيدۇ. بىز گۈلنى پۇراپ ھوزۇرلىنىمىز، لېكىن ئۇنىڭدا نېمە مەزمۇن بارلىقىنى دەپ بېرەلمەيمىز. مۇزىكىنى ئاڭلاپ ھاردۇقىمىز چىقىدۇ، شادلىنىمىز ياكى مۇڭلىنىمىز، لېكىن زادى نېمىشقا شۇنداق تۇيغۇغا كەلگىنىمىزنى دەماللىققا ئېيتىپ بېرەلمەيمىز. پەقەت، «بۇ بەك ياخشى مۇزىكا ئىكەن...» دىيەلەيمىز خالاس. شېئىر ئەنە شۇ چىرايلىق ئېچىلغان گۈلگە، يېقىملىق مۇزىكىغا ئوخشايدۇ. ئۇ بىزنى مەلۇم كەيپىياتقا كەلتۈرۈپ، تەسەۋۋۇرىمىزنى قاناتلاندۈرىدۇ. بىز بىلەن جىمجىت مۇڭدىشىدۇ. لېكىن، ئەنە شۇ كەيپىيات ۋە تەسەۋۋۇر ئىچىگە يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلار سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. بىز بۇنى ھېس قىلىپ يېتەلمىسەك شېئىرنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. دېمەك يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىلى ھەرگىزمۇ نەسرى ئەسەرنىڭ تىلىدەك ئوچۇق، قاراتمىلىققا، لوگىكىلىققا ئىگە بولمايدۇ. بۇ تىل ستېرېئولۇق، كۆپ قىرلىق، تۇتۇقراق بولىدۇ. شۇڭا ياخشى يېزىلغان ھەقىقى بىر پارچە شېئىر ئوخشىمىغان كىتابخاننىڭ قەلبىدە ئوخشىمىغان ئىنكاس قوزغايدۇ. ئۇ شېئىردىن ھەر كىم ئۆزى ھېس قىلىپ يېتەلىگەن ياكى ئۆز قەلبىدىكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىدۇ، شۇ ئارقىلىق روھى قانائەتكە ئېرىشىدۇ، خاراكتېرىنى تاۋلايدۇ. ئوچۇق–ئاشكارا تەربىيە، ۋەز–نەسىھەت قىلىدىغان، قەسىدە ئوقۇيدىغان ياكى تەنقىد يۈرگۈزىدىغان شېئىرنى ھەقىقى مەنىدىكى شېئىر دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ۋەزىپىنى مائارىپ تارماقلىرى ياكى ئىجتىمائىي پوبلىستىك تېمىدىكى ماقالىلار ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ ياكى شۇنداق بولۇشى كېرەك. شېئىرغا قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللى ئۆلچەم ئىستېتىك ئۆلچەمدۇر. بۇ ئۆلچەمگە يەتمىگەن شېئىر، مەيلى ئۇ قانچىلىك ئۇلۇغۋار مەزمۇننى ئىپادىلىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەقىقى مەنىدىكى شېئىر ئەمەس.
شېئىرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىچكى قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. ئۇنى باشقا ھېچقانداق بىر پەننىڭ، جۈملىدىن سىياسەتنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ ئۆلچەشكە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە شېئىر ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرى ياكى باشقا پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل مۇناسىۋەت تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل، باراۋەر مۇناسىۋەتتۇر. شېئىرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى ئۇنىڭ پۈتۈنلەي شەخسنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىدە. شۇڭا ئومۇمىي شۇئار خاراكتېرىدىكى قېلىپلاشقان ئىدىيىلەرنى قاپىيىگە تىزىپ تومتاقلا ئىپادىلەش شېئىرغا قىلىنغان ھاقارەت ياكى ھۆرمەتسىزلىك.
ئۇنداق بولسا شېئىردا ئىدىيە، مەزمۇن بولماسلىقى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىز شېئىردىكى مەزمۇننى بىر خىل غۇۋالىق ئىچىدە تەسەۋۋۇرىمىزغا تايىنىپ ھېس قىلىۋاتىمىز. شۇڭا بىر شېئىرنى ئوقۇپلا، ئۇنىڭ ھەربىر مىسراسىنىڭ مەزمۇنىنى (مەنىسىنى) يېشىشكە ئۇرۇنۇش خاتادۇر. شېئىرنىڭ ئۆزىدە بولمىغان مەزمۇننى ئۇنىڭغا يۈكلەش تېخىمۇ خاتا بولۇپ، ئىدىئولوگىيىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر. شېئىردىكى ئايرىم مسىرالار مەلۇم مەنىدىن بېشارەت بەرسە كۇپايە، خالاس.
ئېنىقكى، شېئىر يېزىۋاتقان چاغدىكى شائىر نورمال ئادەمدىن روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. ئۇ لوگىكىلىق تەپەككۇرنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ، ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك. شېئىر يېزىۋاتقان ۋاقىتتىكى شائىر ھېسسىياتى بىلەن ئەقلى گىرەلىشىپ كەتكەن، يۈكسەك بىر ئىلاھى تۇيغۇدا تۇرغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى كەيپىيات ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، قەلەم ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بويسۇنمايدۇ، ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ھېسسىيات قايسى سۆز بىلەن ئىپادىلەنگۈسى كەلسە، شۇ سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭغا چەك قويۇش ياكى بۇنى ئەقىل بىلەن مەلۇم قانۇنىيەتكە سېلىپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش خاتادۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆزى تەرتىپلىك ئەقىل بىلەن تەرتىپسىز ھېسسىياتنىڭ بىرلىكى. ئۇ ئۆز مېڭىسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ سىرىنى دەپ بېرەلمەيدۇ (شائىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قالغان بىر ئىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، نېمىشقا شۇ ۋاقىتتا ئېسىگە كېلىپ قالغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. ھەتتا يوشۇرۇن ئېڭىدا ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان، ئۆزىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا خىيالغا، ھەرىكەتكە سېلىۋاتقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ قانداق چۈش كۆرۈشىنى ئالدىن بەلگىلىيەلەمدۇ؟ مەست بولۇپ قالغاندا نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى دېيىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىيەلەمدۇ؟ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش شېئىر ئەمدى باشلانغاندا، شائىر قەغەز يۈزىگە يەنە نېمىلەرنىڭ چۈشىدىغىنىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، دەپ بەرسىمۇ ئوچۇق دەپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر بۇلار قۇرمۇقۇر ئالدىن بەلگىلىۋېلىنغان بولسا، كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، شېئىر سۈنئىي ياكى جانسىز بولۇپ چىقىدۇ. چۈش، مەستلىك بىلەن شېئىرنىڭ ئورتاقلىقى خېلىلا زور. ئۇنداقتا ھاياجانلانغان ئادەم ئاغزىدىن نېمە چىقسا شۇنى قەغەزگە يېزىپ قويسا شېئىر بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ خۇددى تەبىئەتتىكى ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادەمگە يېقىملىق ئاڭلىنىۋەرمەيدىغانلىقىدەك بىر ئىش. ئەپسۇسلىنارلىقى، خېلى كۆپ ساندىكى ئاۋاز ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ باشقىلارغا قانداق ئاڭلىنىشى بىلەن پەرۋايى پەلەك سايراۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئاۋازى ئەڭ يېقىملىق. شېئىرىيەت ساھەسىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
شېئىرىي تالانت تۇغما بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەر ياش ۋاقتىدىلا ئاجايىپ نادىر شېئىرلارنى يېزىپ تونۇلسا، يەنە بەزىلەر بىر ئۆمۈر شېئىر يېزىپمۇ خەلقنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك بىرەر پارچە شېئىرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. بۇ ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. شېئىرى تالانت تۇغما بولىدۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ تالانت بولسىلا، ياخشى شېئىر يازغىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. تالانتنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، مول بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە شۇ بىلىم قۇرۇلمىسى ئاساسىدا يېتىلگەن توغرا دۇنيا قاراش، كۈزىتىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بىلىم يالغۇز شېئىرىيەت ياكى ئەدەبىيات توغرىسىدىكىلا بىلىم ئەمەس، بەلكى پەلسەپە، تارىخ، ماتېماتىكا، پىسخولوگىيە، تىل، جەمئىيەتشۇناسلىق... قاتارلىق بارلىق ساھەدىكى بىلىمنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ بىلىملەر شائىرنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى شېئىرىيەت ھاياتىدا چوڭقۇر، مول ۋە ئەتراپلىق شېئىرىي تەسەۋۋۇرىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالىدۇ. شائىر بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ شېئىرغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا «شېئىر دېگەن چوقۇم مۇنداق بولۇش كېرەك»دەپ مۇقىملاشتۇرىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ. لېكىن مەيلى قانداق شەكىلدىكى شېئىر بولسۇن، ھەممىسى شېئىرنىڭ ئومۇمىي ۋە تۈپ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنۇشى كېرەك. شېئىردا بېشارەت بېرىلگىنى چوقۇم ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر خىل ئۇلۇغۋار يۈكسەكلىك بولۇشى كېرەك. شېئىردا بېشارەت بېرىلگەن مەنا بىرلا بولۇشىمۇ، كۆپ قىرلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنى شېئىرنىڭ كونكرېت ئەھۋالى بەلگىلەيدۇ. بۇ مەنانىڭ ئوچۇق–تۇتۇقلۇق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شېئىردىكى مەنانى قەستەن تۇتۇقلاشتۇرۇپ، سۆز ئويۇنى قىلىپ، ھېچنىمىنى بىلگىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشمۇ توغرا ئەمەس. ئىلگىرى «گۇڭگا شېئىر»يازىدىغان بىر قىسىم شائىرلار مۇشۇنداق قىلىپ، ئۆزىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ كۆرسىتىشكە ئورۇندى، نەتىجىدە كىتابخانلاردىن ئايرىلىپ قالدى.
شېئىردىكى مەنانىڭ چوڭقۇر–تېيىزلىقى ئۇنىڭ تۇتۇق ياكى ئوچۇقلىقى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. بىر پۈتۈن شېئىرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بىر ئوق، بىر مەركىزى نۇقتا بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى شائىر ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ھەر بىر شېئىردىن شائىرنىڭ سايىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كىتابخانلارمۇ بۇ مەركىزى نۇقتىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا غۇۋاراق بىر خىل تۇيغۇ ئىچىدە سۈمۈرىدۇ. شۇڭا شېئىرىي ئەسەرلەرگە كىتابخان بولۇشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. يەنى كىتابخان ئۆزى ئوقىغان شېئىردىن يېڭى بىر شېئىرنى توقۇيالايدىغان سەۋىيىنى ھازىرلىشى كېرەك. ئۆزىدە بۇنداق شەرتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ، شائىردىن ھەممىنى ئوچۇق–ئاشكارا ئالدىغا تاشلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ماھىيەتتە بىلىمسىزلىكتۇر.
بۇنداق ھورۇن كىتابخانغا ئۇچۇق مەزمۇندىكى شېئىرلار دەماللىققا تېتىپ كەتكەندەك قىلغان بىلەن، بۇ شېئىرلارنىڭ دەۋرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، كلاسسىك شېئىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالىشى بەسى مۈشكۈل.
ئەلۋەتتە، شېئىر بەزى ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا، نوقۇل ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان»دېگەن شېئىرىغا ئوخشاش بىر تۈركۈم شېئىرلار ئۆز دەۋرىدىكى نادان خەلقنى ئويغىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۆز دەۋرىنىڭ زۆرۈرىيىتى نۇقتىسىدىن بۇنداق شېئىرلارنىڭ يېزىلىشى نورمال ئەھۋال. لېكىن بۇ شېئىرنىڭ چوقۇم مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شېئىرنىڭ بىز تەكىتلەۋاتقان ئەسلى قانۇنىيىتىگە تەدبىقلىغاندا، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ياز تۈنى»ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى شېئىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
شېئىردا قاپىيە، تۇراق، رىتىم ۋە ئاھاڭدارلىق بولىدۇ. لېكىن، بۇ قېلىپلىشىپ قالغان ئۆلۈك نەرسە ئەمەس. بىر كۇبلىت شېئىرنىڭ نەچچە مىسرادىن تەركىب تېپىشى، بىر مىسرانىڭ نەچچە بوغۇمدىن تۈزۈلۈشى ۋە باشقىلار كونكرېت شېئىرغا قاراپ، شېئىرنىڭ ئىچكى رىتىمىغا قاراپ بەلگىلەنسە بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان شېئىردا چوقۇم مۇئەييەن ئىچكى رىتىم، مۇزىكىدارلىق بولىدۇ. بۇ رىتىم، مۇزىكىدارلىق تاشقى ھادىسىۋىي نەرسە بولماستىن، بەلكى شېئىرىي مەنا بىلەن چەمبەرچاس گىرەلىشىپ كەتكەن ئورگانىك تەركىبى قىسمىدۇر. قارىماققا تاغىن–باغدىن تىزىلىپ قالغاندەك، ئالدى–كەينىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنگەن مىسرالار ئېھتىمال ناھايىتى زىچ ئىچكى رىتىمغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. شېئىردىكى مۇزىكىدارلىق ۋە رىتىم مۇزىكا بىلەن ناھايىتى زور ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ. شېئىردىكى ھېسسىيات ۋە تۇيغۇ رەسىمدە ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات ۋە تۇيغۇ بىلەنمۇ كۆپ جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا شېئىر، مۇزىكا ۋە رەسىمنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىسىلا ئوخشىمايدۇ. بىر پارچە شېئىرنى مۇزىكا قىلىپ چېلىش ياكى رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقىش تامامەن مۇمكىن.
بەزىدە بىر كۇبلىت شېئىر بىر مىسرادىن تۈزۈلىشىمۇ، بىر مىسرا بىر سۆزدىن تۈزۈلىشىمۇ مۇمكىن. بىر كۇبلىت ئۇزۇن–قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان يەتتە–سەككىز مىسرادىن تۈزۈلىشىمۇ مۇمكىن ھەم سۆزلەر خالىغان مىسرالاردا قاپىيداش كېلىشى مۇمكىن. بۇنى شېئىرنىڭ ئىچكى رىتىمى بەلگىلەيدۇ، ھېسسىياتنىڭ قانداق تەرىزدە ئېتىلىپ چىقىشى بەلگىلەيدۇ.
شېئىرنىڭ ماھىيىتى شېئىر تىلىنىڭ ماھىيىتىنى بەلگىلىگەن. شېئىرىي تىل باشقا ھەرقانداق يېزىلمىنىڭ تىلىغا ئوخشىمايدۇ. شېئىر ئوقۇغاندا سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى لوگىكىلىق، ئەقلى باغلىنىشنى ئاساس قىلماي، ھېسسىيات باغلىنىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. چۈنكى، سۆزلەر شېئىر ئىچىگە كىرگەندە، ئۆزىنىڭ يەككە تۇرغان ھالەتتىكى مەنىسىنى يوقىتىپ ياكى قىسمەن يوقىتىپ، شېئىرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا بويسۇنغان ھالدا يېڭى مەنىلەرنى ئالىدۇ، سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجىلىك ياكى گرامماتىكىلىق باغلىنىش يوقىلىدۇ. دەل شۇ مېنۇت ياكى دەقىقىدىكى تۇيغۇ سۆزلەرنىڭ يېڭى مەنىسىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شائىر ئۆزى تەۋە مىللەتنىڭ تىلىنى ئەڭ زور دەرىجىدە بېيىتقۇچى ۋە راۋاجلاندۇرغۇچىدۇر.
شائىر بىر نەرسىنى يېشىپ چۈشۈندۈرمەيدۇ، ئۇ ئۆتمۈشنى بايان قىلغۇچى ئەمەس، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىمۇ ئەمەس. شائىر پەقەت ئىپادىلىگۈچى، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگۈچى خالاس.
شائىر ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى گۈزەل، قىممەتلىك نەرسىلەرنى ساقلاپ قالالىسا، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان قەدىمىي، مىللى روھنى ساقلاپ قالالىسا، ئىنسان قەلبىنىڭ تېخى بايقالمىغان سىرلىرىنى قېزىپ چىقالىسا، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
شېئىرنى ھەقىقىي سۆيگەن ئادەم ھاياتنى، ئۆزىنى سۆيىدۇ. شېئىرنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. شېئىر ئۈستىگە ئالالمايدىغان ۋەزىپىلەرنى ئۇنىڭغا يۈكلىمەيدۇ. شېئىر ئەنە شۇنداق ھەم قېلىپقا چۈشىدىغان ھەم قېلىپقا چۈشمەيدىغان بىر ساھە. بىر قارىماققا بىزگە ھېچنىمە بېرەلمەيدىغان، بىر قارىماققا بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان ساھە.
بىر دەۋردە شېئىر ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتسە ياكى يوقالسا، ماددىيەتكە بولغان چوقۇنۇش باش كۆتۈرىدۇ. ئىنساننىڭ تەبئىتى بۇزۇلىدۇ ياكى ئەسلىدىن يىراقلىشىدۇ. قىسقىسى، گۈزەللىك، مۇھەببەت دەپسەندە قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ ئاز–تولا شېئىر ئوقۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شېئىرغا بولغان ھۆرمەت ماھىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ قەلبىگە، ئىنسانىي ماھىيىتىمىزگە قىلىنغان ھۆرمەتتۇر.

ئاپتور: «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە

«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 348
تۆھپە : 20
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ژۇرنالدىن ئوقۇغاندا ئاپتورغا ئاپىرىن ئېيتقانىدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن بۇرادەرلەر  مۇشۇنداق قىممىتى بار ماقالىلەرنى ئوقۇمىغانلىقىنىڭ «پايدىسى»نى كۆرىۋاتىدۇ، شېئىرىيىتىمىز بارغانسىرى پاخاللىشىپ كىتىۋاتىدۇ. ئازغۇن شائىرچاقلار كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى زىيىنىنى مۆلچەرلەش تەس!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش