يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 710|ئىنكاس: 7

ۋاپايى: گارسىيا ماركۇز خاتىرىسىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1982-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كولۇمبىيىلىك يازغۇچى گارسىيە ماركۇز 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى مېكسىكا پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە كېسەل سەۋەبىدىن، 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ كۈنى كولۇمبىيە زوڭتۇڭى مىكرو بىلوگ ئېلان قىلىپ: ‹ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ كولۇمبىيىلىك› دەپ كۆرسەتتى. شۇ كۈنى يەنە مېكسىكا زوڭتۇڭى گارسىيە ماركۇزنى ‹زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچى ئىدى› دەپ تەرىپلىدى. (مەنبە: بەيدۇ تورى)
گارسىيە ماركۇز خاتىرىسىگە
غېرىبلىق ئىلكىدە قالسا بىر ئەسىر،
بىز سېنى قايتىدىن ئالىمىز يادقا.
بىز ئۈچۈن بۇ بەلكىم ئەبەدى بىر سىر،
نېمىلەر جەم بولار ئۇشبۇ ھاياتقا.
پولكوۋنىك تەنھالىق ئىچىدە قالدى،
ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا يازمىغاچقا خەت.
كېتىپسەن ۋە بەلكىم ۋاقتىڭمۇ تالدى،
ئەڭ سۈزۈك غېرىبلىق ئچىدىلا كەت.
ئۇيغۇرمەن سەن مېنى بەلكىم بىلمەيسەن،
بىراقكى ھەممىمىز سۆيەتتۇق سېنى.
بۇ يولدىن ئەمدى سەن قايتا كەلمەيسەن،
ھەممىمىز ياش تۆكۈپ دېسەكمۇ ‹قېنى؟›

2014-يىلى 18-ئاپرېل شەھىرى لەنجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 11:34  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-18 12:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىر قىلىڭ

ۋاقتى: 2014-4-18 12:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە شىئىر بوپتۇ . مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي.

ۋاقتى: 2014-4-18 14:02:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرسىيىڭىز يۈرەكنى ئەزگۈدەك چىقىپتۇ.
ئەل ئۈچۈن كۆيگەنلەر ھامان ئەلنىڭ قەلبىدە يادلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2014-4-18 16:41:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئادەم ئىدى.

ۋاقتى: 2014-4-18 20:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىر قىلىڭ!

ۋاقتى: 2014-4-18 20:44:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
17-چېسىلامۇ؟ 18-چېسىلامۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 10:43:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن مېكسىكىدا راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش