1982-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كولۇمبىيىلىك يازغۇچى گارسىيە ماركۇز 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى مېكسىكا پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە كېسەل سەۋەبىدىن، 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ كۈنى كولۇمبىيە زوڭتۇڭى مىكرو بىلوگ ئېلان قىلىپ: ‹ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ كولۇمبىيىلىك› دەپ كۆرسەتتى. شۇ كۈنى يەنە مېكسىكا زوڭتۇڭى گارسىيە ماركۇزنى ‹زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچى ئىدى› دەپ تەرىپلىدى. (مەنبە: بەيدۇ تورى)
گارسىيە ماركۇز خاتىرىسىگە
غېرىبلىق ئىلكىدە قالسا بىر ئەسىر،
بىز سېنى قايتىدىن ئالىمىز يادقا.
بىز ئۈچۈن بۇ بەلكىم ئەبەدى بىر سىر،
نېمىلەر جەم بولار ئۇشبۇ ھاياتقا.
پولكوۋنىك تەنھالىق ئىچىدە قالدى،
ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا يازمىغاچقا خەت.
كېتىپسەن ۋە بەلكىم ۋاقتىڭمۇ تالدى،
ئەڭ سۈزۈك غېرىبلىق ئچىدىلا كەت.
ئۇيغۇرمەن سەن مېنى بەلكىم بىلمەيسەن،
بىراقكى ھەممىمىز سۆيەتتۇق سېنى.
بۇ يولدىن ئەمدى سەن قايتا كەلمەيسەن،
ھەممىمىز ياش تۆكۈپ دېسەكمۇ ‹قېنى؟›
2014-يىلى 18-ئاپرېل شەھىرى لەنجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-18 11:34
|