كۆرۈش: 2628|ئىنكاس: 50

نازىنە باتۇر روزى: دادامنى ئەسلەپ(ئەسلىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                           دادامنى ئەسلەپ
                  (مەرھۇم دادام باتۇر روزىنى ئەسلەپ يېزىلغان ئەسلىمە)
                                            نازىنە باتۇر روزى

ھايات دېگەن بەك ئۇزۇن ھەم بەك قىسقا، بەك كۆڭۈللۈك ھەم بەك ئازابلىق جەريانكەن، ئۆز ۋاقتىدا دادامنىڭ قولىدا قىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاق مانا ئەمدىلىكتە ئۇنى ئەسلەپ ئەسلىمە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئاپامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مەن تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان چاغلاردا دادام ھەركۈنى ئاپامغا:« بالىمىزنىڭ ئىسمىنى تەڭرىقۇت قويىمەن» دەيدىغان بولۇپ، بۇ گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن،بىراق مەن ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلمىغاچقا،ئۇ دەماللىققا ماڭا نېمە دەپ ئىسىم قويۇشنى بىلەلمەي قېلىپ، ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىقىپ ئۇزاق ئايلىنىپ كىرگەندىن كېيىن ماڭا «نازىنە»دېگەن بۇ چىرايلىق ئىسىمنى قويۇپتۇ، ھەر قېتىم دادامدىن ماڭا نېمىشقا بۇ ئىىسمنى قويغانلىقىنى سورىسام دادام :«بالام، ساڭا ئەسلى نازىنىن دەپ ئىسىم قويغۇم بار ئىدى، بىراق چاقىرىش سەل ئەپسىز بولۇپ قالغۇدەك دەپ سەل ئاددىيلاشتۇرۇپ نازىنە دەپ قويغان»دەپ چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. بىراق، قىزىقارلىق يېرى شۇكى،كىچىك چېغىمدا دادام دائىم چېچىمنى ئوغۇللارنىڭكىدەك ياسىتىپ قوياتتى، كىيىم ئېلىپ بەرسىمۇ ماڭا ئوغۇللارنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ بېرەتتى. قارىغاندا ئۇنىڭ راستتىنلا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغۇسى بار بولسا كېرەك.
  كىچىكىمدىنلا دادام ئاپام بىلەن بىر ئۆيدە ئۇزاق تۇرۇپ باقمىغان ئىدىم، ئۇلار ئۈرۈمچىدە، مەن كورلىدا بولغاچقا، چوڭ ئاپاملارنىڭ پەرۋىشى بىلەن چوڭ بولدۇم، دادام بىلەن ئاپامنى پەقەت تەتىل ۋاقىتلىرىدىلا كۆرەلەيتتىم،يازلىق تەتىل ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك، دادام ئاپام ئۈچىمىز يەكەنگە باردۇق، بىر كۈنى بازار ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ دادام يولدىن ئۆتۈپ ماڭا ماروژنى ئەكېلىپ بەرمەكچى بولدى، دادام يولدىن ئۆتۈپ بولغاندا، مەنمۇ دادامنىڭ كەينىدىن بارماقچى بولۇپ يولدىن ئەمدى ئۆتۈۋاتسام بىر ئېشەك ھارۋىسى كېلىپ مېنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى، يۈز كۆزلىرىم بىردەمدىلا ئىششىپ كەتتى، دادام يۈگۈرگەن پېتى كېلىپ ھارۋىكەش بوۋاينى ئەيىبلەپ كەتتى، كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ياشتا چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى بولغاي يولىغا راۋان قىلدى،ئاندىن مېنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپاردى.دادام ئېغىزىدا بەك ئىپادىلىمىگىنى بىلەن ماڭا بەكلا كۆيۈنەتتى، ماڭا زەررىچە خىيىم-خەتەر يېتىشىنى خالىمايتتى.  
  باشلانغۇچ چاغلىرىمدا ئۆگىنىشىم ياخشى بولغاچقا دادام مەندىن بەك سۆيۈنەتتى،كېيىن باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزغا چىقتىم، تولۇقسىزغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا  كورلا شەھىرى بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىمنى بىلگەن چېغىدا قەۋەتلا خۇشال بولغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىدىكى كۈلكىنى كۆرگەن چېغىمدا شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كېتەتتىم، ھېچبولمىغاندا دادام سۆيۈنگۈدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئىدىم. تولۇقسىز چېغىمدا، ماتېماتىكىدا بىرئاز قىينىلىپ قالدىم، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ تەبىئىي پەنگە قارىغاندا ئىجتىمائىي پەندە بەكرەك ئارتۇقچلىقىم بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم، بىر كۈنى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا 50ئېلىپ قېلىپ، شۇنچىلىك چۈشكۈن ھالەتتە ئۆيگە قايتتىم، ئىشىكتىن كىرسەم ئۆيدە دادام ئولتۇراتتى، ئۇ دائىم مۇشۇنداق ئالدىن خەۋەرمۇ قىلىپ قويماي تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالاتتى، مەن ئۇنىڭغا ئەركىلەپ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن دادام كۆڭلى تۇيغاندەكلا يېقىندىن بۇيان مەكتەپتە ئىمتىھان ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقىنى سورىدى، مەن راستچىللىق بىلەن ئۇنىڭغا دېدىم، دادام كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا :«سەنغۇ باتۇر روزىنىڭ ھېچيېرىنى دورىمىدىڭ، داداڭنىڭ ماتېماتىكىغا ئۇستىلىقىغا، سېنىڭ ماتىماتىكا ئۇقمىغىنىڭ قىزىق ئىشتە، قېنى، ئىمتىھان قەغىزىڭنى چىقىرە، مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي»دېدى-دە، ماڭا ھەممە مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ يېشىش يوللىرىنى ئۆگىتىپ قويدى. دادام شۇنچىلىك سوغۇققان ۋە سەۋرچان ئىدىكى، مەندىكى ئەندىشە ۋە چۈشكۈنلۈكمۇ بىردەمدىلا قاياقلارغىدۇر غايىب بولاتتى.
  تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مەن مۇئەللىمنىڭ رىغبەتلىشى ئاستىدا ئۇلتاش لوڭقىسىنى تالىشىش ئىنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم، مۇسابىقىدە 1-لىككە ئېرىشىپ، ئۇلتاش لوڭقىسىغا ئېرىشتىم، بۇ نەتىجىدىن ئۆزۈممۇ بەكلا ھەيران قالدىم، چۈنكى مەن ئىنگىلىزتىلى بىلەن ئۇچراشقىلى تېخى بىر يىلمۇ بولمىغان ئىدى، مۇسابىقىگە ئاز قالغان بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى تىرىشچانلىقىم بىلەن لوڭقىغا ئېرىشتىم، بۇ مەن ئۈچۈن بەكلا تۇيۇقسىز بولدى، ئۆيگە قايتىپلا دادامغا تېلىفون قىلدىم، دادام ماڭا :«بالام، سېنىڭ تىل ئۆگىنىش جەھەتتە ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىڭ بولسا كېرەك، تىرىشقىن بالام، مەن ساڭا ئىشىنىمەن»دېدى، مەن خۇشال ھالدا تېلىفوننى قويۇۋەتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە مەن ئىنگىلىزتىلىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدىم، كېيىن مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر ئىنگىلىزتىلى ئېغىزتىلى مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم، مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن مەن مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم، كەينى-كەينىدىن شەھەرلىك، ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق مۇسابىقىلەرنى تۈگۈتۈپ تۇرسام تېلىفون كەلدى، قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم، مېنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە تاللانغانلىقىمنى، يەنە ئون كۈندىن كېيىن پايتەختكە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئېيتتى، مەن يەنىلا ئىشىنەلمەي تېلىفوننى قويدۇم، ئۆيگە شۇنچىلىك خۇشال قايتتىم، ئاپامغا بولغان ئىشلارنى دېدىم، بىراق 5600يۈەن تەييارلىشىمىز كېرەك ئىدى، بېرىپ كېلىش خىراجەتلارنى ئۆزىمىز چىقىراتتۇق، ئاپام دادامغا تېلىفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتى، دادام ئىنتايىن كەسكىن ھالدا:« چوقۇم بېرىشى كېرەك، مەن پۇلنى راسلاپ ئەۋەتىپ بېرىمەن، بارمىسا قەتئىي بولمايدۇ»دېدى. مەن چىقىم سەۋەبىدىن بارماسلىقنى ئويلاشقان ئىدىم، بىراق دادام قەتئىي قوشۇلمىدى. ماڭا بىر ئەتلەس كۆينەك ۋە دوپپا ئەۋەتىپ، شۇلارنى كىيىپ چېچىمنى ئۆرۈپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمنى تاپىلىدى. مەن بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن شۇ كىيىملەرنى كىيدىم، قەلبىمنى چەكسىز مىللىي ئىپتىخارلىق قاپلىغان ئىدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گەرچە ئۆزۈم ئۈمىد قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، بىراق قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمىدىم، داداممۇ ماڭا :«قىزىم، مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى مۇھىم ئەمەس، جەريانى مۇھىم، سەن شۇنچىلىك تىرىشتىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1206 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشتى، سەن شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى 3 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بالام، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ نەتىجە. ئۈمىدسىزلەنمە، بوشاشما»دېدى. مېنىڭ شۇ مۇسابىقىگە قاتناشقىنىم دادامنىڭ مەندىن پەخىرلىنىشىگە سەۋەب بولدى، نەگىلا بارسا مېنىڭ قىزىم بەك ئەقىللىق، بەك باتۇر دەپ مېنى ماختاپلا كېتەتتى.
  ھەر قېتىم تەتىل بولغان چاغلاردا مېنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇراتتى، دادام مېنىڭ شەخسىي ساياھەت يېتەكچىم بولۇپ، مەيلى نەگىلا بارمايلى، ماڭا شۇ جاينىڭ تارىخىنى، ۋەكىللىك شەخسلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. دادام بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنۈمدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشەتتىم ھەمدە دادامغا بولغان قايىللىقىم كۈنسېرى ئېشىپ باراتتى.
  تولۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئۇ دائىم مەندىن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى سورايتتى. گەرچە ئۆزى شۇنچىلىك ئالدىراش بولسىمۇ، مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى. 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەن يەنىلا ئىلگىرىكىدەك خۇشال ھالدا مەكتەپكە ماڭدىم، كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسەم، بىزنىڭ بىنانىڭ ئالدىغا كورلىدىكى يازغۇچى –شائىرلار، قەلەمكەشلەر، ھەممىسى يىغىلىپتۇ، مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆيگە كىردىم، ھەممەيلەننىڭ كۆزىدە ياش، بۇ نېمە بولغىنى، كاللامدا نۇرغۇنلىغان سۇئاللار... بىراق ماڭا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى، چوڭ ئاپامدىن سورىدىم، چوڭ ئاپام ماڭا :«دادىڭىز قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ،كورلىغا ئەكېلىپ داۋالايدىكەن ، ھازىر يولدا كېلىۋاتىدۇ.»دېدى، مەن شۇ ھامان ئىچىمدە :«دوختۇرخانىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئۈرۈمچىدە تۇرسا نېمىشقا بۇ يەرگە ئەكېلىدىغاندۇ»دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا، ئاپامنىڭ يېقىن دوستى مېنى سىرتقا ئەپچىقىپ بىر ئاشخانىغا ئاپاردى، ئەمدى تاماقنى يەي دەپ تۇرسام ،«بالام نازىنە، بۇ گەپنى سىزگە دېمىسەم بولمايدۇ، ئاپىڭىزغا قانداق دېيىشنى بىلەلمىدۇق، سىزگە ئاۋۋال دېيىشنى قارار قىلدۇق، دادىڭىز.... ئۈرۈمچىدە قازا قىپتۇ... ھازىر جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن كورلىغا ئەكېلىۋاتىدۇ، يەرلىكىنى يەكەندە قويۇدىكەنمىز، سىلەرنى ئېلىپ يەكەنگە ماڭىدىكەن ماشىنا ... »دېدى.... ئاھ خۇدا.... بۇ زادى نېمە ئىش ؟! دادام تۈنۈگۈن ئاخشام تېخى ئاپام بىلەن تېلىفونلىشىپ ئۇكام ئىككىمىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سورىغان ئىدىغۇ، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئىدىغۇ؟ نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق بولىدۇ؟ نېمىشقا ......؟!
  يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپسېلىپ قالدى، ئاغزىمدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ چىقمايتتى، كۆز يېشىم توختىماي ئېقىۋاتىدۇ، بىراق ئاپامغا قانداق دەرمەن...؟ دېمىسەم مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر... ئۆيگە قايتىپ كىرىپ يەكەنگە مېڭىش ئۈچۈن كىيىملىرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم.... شۇ كىچىككىنە يۈرىكىم شۇ تاپتا مۇجۇپ ئاغرىۋاتاتتى.... مېنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دادام مېنى تاشلاپ كەتتى..... كېيىنكى كۈنلىرىم قانداق بولار.... مەن ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم قېلىپ قانداقمۇ ياشارمەن......
   يېرىم كېچە بولغاندا ، دادامنىڭ مېيىتى قاچىلانغان ماشىنا ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ توختىدى، مەن ، ئاپام ، تاغام، كىچىك ئاپام، ئەسقەر ياسىن داداملار ماشىنىغا چىقىپ يەكەنگە يول ئالدۇق.... ئاھ تەڭرىم... بۇ نېمە كەلگۈلۈك..... دادامنىڭ مېيىتى كۆز ئالدىمدىلا تۇرىدۇ.... ئۈستىگە يېپىلغان ئەديال دادامنىڭ يۈرەك سوقىشىغا ئەگىشىپ گاھ كۆتۈرۈلۈپ گاھ پەسلەۋاتقاندەك.... دادام ماڭا قاراپ بىر نېمىلەرنى دەۋاتقاندەك.... قاراڭغۇلۇقتا شۇنداق كۆپ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى.... مېنى پەپىلەپ چوڭ قىلغان شۇ قوللار، پىشانەمگە مېھرى بىلەن سۆيگەن شۇ ئېغىزلار...ھاياتنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا باش ئەگمەي مەغرۇرانە دەسسەپ كەلگەن شۇ قەدەملەر...ئۆزىگە شۇنداق ياراشقان، ئەمما تۇرمۇشنىڭ جاپالىرىدا قىرو باسقان شۇ چاچلار...مەن يۆلەنگەن ،ئائىلىمىزنى ھەممىدىن قوغداپ كەلگەن شۇ كەڭ گەۋدىلەر... ئەمدى شۇ ئاق لاتىلارغا ئورالدى.... جانسىز ھالدا ئالدىمىزدا تۇرماقتا... كۆزۈم خىرە ئۇيقۇغا كېتىشى بىلەن ، دادامنى ماڭا قاراپ گەپ قىلىۋاتقاندەك كۆردۈم... ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەۋاتقىنىنى زەن سېلىپ ئاڭلاش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشتىم..بىراق ئامال بولمىدى... دادامنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەك ئەيىبلەيمەن... بىزنى قانچە كۆرگۈسى كەلگەن بولغىيتى... ئۇ چاغدا ئۇكام ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن ئىدى...
  يەكەنگىمۇ باردۇق، مىشا يېزىسىغا كەلگەن چېغىمىزدا ، يەكەندىكى ئەركىن ئاۋۇت دادام باشلىق ئىككى ئۈچ يۈزدەك كىشى ئالدىمىزغا كېلىپ تۇرۇپتۇ... مەن ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئەركىن دادامغا ئېسىلىپ ئېسەدەپ يىغلىدىم... ئەمدى مەن پەقەت دادامنىڭ ھاياتلىقىدىكى قەدىناس ئاغىنىلىرىدىنلا دادامنىڭ سىيماسىنى غۇۋا كۆرەلەيتىم... چىمدۇدىكى چوڭ ئۆيگە باردۇق... ماشىنىدىن قانداق چۈشۈپ ، ئۆيگە قانداق كىرگەنلىكىمىزنى بىلمەيمەن... شۇنچە كۆپ ئادەم... شۇنچە كۆپ يىغا ئاۋازى... مەن يەنىلا شۇ ئۆيدىن دادامنى ئىزدەۋاتاتتىم... بىراق تاپالمايتىم... مېيىتنى يۇيۇش ئۈچۈن ئەكىرىپ كەتتى... مەن يۇيماستىن ئىلگىرى بىر كۆردۈم... ئاپاممۇ كىرىپ كۆردى، ئارقىدىنلا ئايلىنىپ كەتتى...دورىلارنى ئىچۈردۇق... ئۇ نەپەس يېتىشمەي شۇنچىلىك قىينىلىۋاتاتتى....
   دادامنىڭ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆيگە ئوقتەك ئېتىلىپ كىردىم، دادام شۇنچىلىك چىرايلىق ، كېلىشكەن ئىدىكى، جاھاندا ئۇنىڭدەك كېلىشكەن ئەردىن يەنە بىرى بولمىسا كېرەك... چىرايى تېخىمۇ نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى..... مانا بۇ مېنڭ دادامنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قالدى....يەتتە نەزىرىنى يەكەندە قىلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم... سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم ، ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا شۇنچىلىك ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قاراۋاتاتتى... زورىغا بېسىپ تۇرغان كۆز يېشىمنى، ئىككىنچى سائەتتىن چۈشكەندە يېقىن دوستلىرىمنىڭ يېنىمغا كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، «ئەھۋالىڭ قانداق ئاداش؟»دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن بولىشىغا قويۇۋەتتىم... سىنىپتا بىزنىڭ يىغا ئاۋازىمىزدىن باشقا ئاۋاز يوق ئىدى...
  15 ياش ، مېنىڭ جاھاننىڭ غەم-ئەندىشىلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا بالىلىقنىڭ قوينىدا ئەركىن ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىم ئىدى، ئۇ مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى... كېيىنكى كۈنلەردە ھە دېسىلا ئۆينىڭ ئىشىكىگە قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم،دادام ئىلگىرى قانداق تۇيۇقسىز كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق خەۋەرمۇ بەرمەي كېلىپ قالىدىغاندەك ئۈمىد بىلەن قارايتىم.. بىراق يوق... مەكتەپتىن قايتىپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، ئىشىكنى دادام ئاچارمۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن كىرەتتىم..بىراق يوق... يولدا كېتىۋاتقىنىمدا، ماڭا بەرگەن شۇ ئەركىلەتمە تەخەللۇسى بىلەن « ھەي، غورتەك، كەينىڭگە قارا»دەپ چاقىرىدىغاندەك پات –پات ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارايتتىم..بىراق يوق...نەدىن ئىزلىسەممۇ يوق... ئاخىرى شۇ مەۋھۇم دۇنيارىمدىن قايتىپ چىقتىم... بۇنداق كېتىۋېرىش مەن ئۈچۈن ، ئائىلەم ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى... ئاپامنىڭ ماڭا قاراپ ، ئۇكامغا قاراپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ، يۈرىكىم لەختە-لەختە بولۇپ كېتەتتى...
مەن بۇ ئۆيگە تۈۋرۈك بولۇشۇم كېرەك... مەنمۇ تۈگىشىپ كەتسەم قانداق بولىدۇ... ئاپام قانداق بەرداشلىق بېرىدۇ... داداممۇ مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە... بارا-بارا ، مەن ئۆزۈمنى رۇسلىۋالدىم، پەقەت ۋە پەقەت ئۆز تېنىمنىلا رۇسلىدىم... ئىلگىرىكىدەك  مەيۈس ، روھسىز يۈرمەيدىغان بولدۇم..بىراق  قەلبىم تېخى رۇسلانغىنى يوق... مەن پەقەت شۇ يۈرىكىمگە ئېھتىياتسىزلىقتىن تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىمەن خالاس، بىر تېگىپ كەتسەم، شۇ تۈگىمەس ياشلىرىم يەنە بۇلدۇقلىغان بۇلاق سۈيىدەك توختىماي ئېقىشقا باشلايدۇ....بىراق ئۇنچە كۆپ ياش تۆككەننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئەگەر يىغلىغانلىرىمغا دادام قايتا تىرىلىپ قايتىپ كەلگەن بولسا ئىدى... ئۇ چاغدا قانچىلىك يىغلىسام مەيلىتى...بىراق ئەجەل شۇ، تەغدىر شۇ... بۇنىڭغا ھېچقايسى بەندىنىڭ ئامالى يوق....
   مانا بىردەمدە يەتتە يىل بولۇپ ئېشىپتۇ..   ئۇكاممۇ چوڭ بولۇپ يىگىت بولاي دېدى، مەنمۇ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن... ئاپاممۇ ئۇكام ئىككىمىزنى يەتتە يىل يالغۇز بېقىپ كۆپ جاپا چەكتى، بولۇپمۇ ئۇكامنى بېقىش جەريانىدا كۆپ جەۋر جاپالارنى تارتتى... ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ مېھرىبان ئانامنىڭ تېنىنى سالامەت ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي!
   بىز يەنە نېمە كۈنلەرگە دۇچ كېلىمىز، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، بىراق ئۆزۈمگە ئىشەنچىم باركى، ئاپامنى ،ئۇكامنى ياخشى باقىمەن، دادامنىڭ يوقلىقىنى ھەرگىز چاندۇرمايمەن.. دادام كىچىك چېغىمدا ماڭا ئوغۇلبالىنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ بېرىپ ، مېنى ئوغۇلبالىدەك ياساپ قويۇشىدا ئەسلى بىر ھېكمەت بار ئىكەن، ئۇ مېنىڭ گەرچە قىز بولۇپ تۆرەلگەن بولساممۇ ئوغۇللارغا خاس مەردانىلىك ، قەيسەرلىك بىلەن ھەرقانداق ئىشلارغا باش ئەگمەي ياشىشىمنى ئۈمىد قىلغان بولسا كېرەك...دادا، خاتىرجەم بولۇڭ... نازىنە باتۇر دېگەن ئىسمىمغا لايىق ياشايمەن!!!
  

(بۇ ئەسلىمىنى پەقەت دادام بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىم ئاساسىدا يازدىم، دادام بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتلىرىم بەك ئاز بولغاچقا مەزمۇنى ئانچە كۆپ چىقمىدى، بىراق يەنە داۋاملىق يازىمەن، ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى ژۇرنالدا ئېلان قىلىشىم مۇمكىن... ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەيىبكە بۇيرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن... )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نازىنە.ب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 15:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-17 23:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇپ چىقىپ،  كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى.
يىتۈك شائىرىمىز، مەرھۇم باتۇر روزىنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز!


باتۇر قايتتى تۇپراققا
(شائىر، مەرھۇم باتۇر روزىغا)

قەھرىمان روزى ئەرچىن


باتۇر
قاناتسىز قۇش؛ ئىچىدە ئۇچقان.

باتۇر
تۆكۈلدى غەزەلدەك تۇپراققا پەۋەس.

باتۇر
ئۇچۇپ كەلگەن يەركەندىن.

ئۈمىدنىڭ يۈكىنى ئارتىپ مىڭ پاتمان
قايتتى يەركەنگە.

قېتىپ قالدى قارا بۇرۇتتا
ئەركەك مۇقاملار.

باتۇر روزى
قۇياشتا كۆزى.

بۇرۇتلۇق باتۇر
تۇپراقتا ياتۇر.

‹‹ئېگىك نۇردىن توقۇلغان تاغار››
ئاق باغلاپ بېلىگە، ھەسرەتتە يىغلار.


مەنبە: «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 23:39  


ۋاقتى: 2014-4-17 23:37:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



            ناھايىتى سەمىمىي يېزىپسىز. بەزى جايلاردا كېلىشكە تېگىشلىك سۆزلەر چۈشمەي قاپتۇ. بىر قېتىم تۈزىتىۋەتسىڭىز ئېلان قىلىشقا يارىغۇدەك. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-4-17 23:50:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-4-18 00:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
   
        باتۇر روزىنىڭ باتۇر قىزى نازىنە،ئەسلىمىڭىزنى كۆرۇپ بەكمۇ سۆيۇندىم!
  تېخىمۇ تىرىشىڭ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆراچار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 00:32  


ۋاقتى: 2014-4-18 00:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق سېغىنىشلىق ئەستىلىكلەر مەڭگۈ كىشى كۆڭۈلدىن چىقمايدۇ.ھەر ۋاقىت كۆڭۈلنى تاتلاپ تۇرىدىكەن.دۇنيادا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشنىڭ چەكسىز ئازابىنى پەقەت ئۆز بېشىغا كەلگەن كىشىلا چوڭقۇر ھىس قىلالايدۇ.سىڭلىم نازىنە غەيرەتلىك ياشاڭ،ئىسسىق قوللىرىم بىلەن قوللىرىڭىزنى چىڭ سىقتىم.شۇ تاپتا مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ‹‹قېنى›› ناملىق غەزىلىنىڭ نەچچە كوپلىتى يادىمغا كەچتى.

‹‹بۇ ئۆلۈمنىڭ زۇلمىتىدىن قوۋمۇ قېرىنداشلار قېنى،
بىللە ئۆسكەن تەڭتۇش،يارۇ بۇرادەرلەر قېنى؟››

بارچە مەخلۇق بىر يېنىپ ئۆچكەن گويا يۇلتۇز ئېرۇر،
بىپايان تىلسىم جاھان بۇ،باغۇ گۈلشەنلەر قېنى؟

ياخشى ئۆتكەن يارۇ ھەمراھ ھەر كۆڭۈل ئىززەت تېپىپ،
بارمىدۇ مۇنچە گۈزەللىك،ئۇندىن ئەۋزەللەر قېنى؟
..............

ۋاقتى: 2014-4-18 01:01:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم نازىنە  يەنىمۇ غەيرەتلىك ياشاڭ،

ۋاقتى: 2014-4-18 01:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمىڭىزنى ئوقۇپ يۈرەك يارىلىرىم قاناپ كەتتى نازىنە...دەل يەتتە يىل بۇرۇن مەنمۇ ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان ئىدىم. ئاللاھ ئىگەم بارلىق ئاتىلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغىلى نىسىپ قىلسۇن.
ئاتامدىن ئايرىلىپ 38-كۈنى يازغان شېئىرىم ئىدى:


ئەلۋىدا جېنىم ئاتا


مەزمۇتقىنە تۆۋرۈكۈم غۇلاپ چۈشتىغۇ مېنىڭ،
ئىسىلغىنە كەپتىرىم يىراق ئۇچتىغۇ مېنىڭ،
غېرىپسىنىپ سېنىڭسىز ئىچىم پۇشتىغۇ مېنىڭ،
قاناتىمدىن ئايرىلىپ بېشىم چۈشتىغۇ مېنىڭ،
چىدالمىدىم ياش تۈكۈپ ئۈنۈم پۈتتىغۇ مېنىڭ،
بىخارامان،شات كۈلگەن كۈنۈم يۈتتىغۇ مېنىڭ.

سېنىڭ بىلەن تەڭ كەتتى بارچە شاتلىق جان ئاتا،
قانداق ياشاي سېنىڭسىز،يۈرەك باغرىم قان ئاتا،
ئۇل قەلبىمنىڭ تۆرىدە تاجۇ-تەختىم،خان ئاتا،
بېرەلمىدىم بەرداشلىق،بىر كەينىڭگە يان ئاتا،
لېكىن قايتىپ كەلمەيسەن ماڭىمۇ ئايان ئاتا،
بۇلبۇل كەبى سايرىغان كۈيۈم ئۆچتىغۇ مېنىڭ.

بارلىغىڭدا يۈرەك توق،ئەركىن ئۇچار قۇش ئىدىم،
قۇچىقىڭدا ئەركىلەپ ھەركۈن شۇنچە خۇش ئىدىم،
پاك مىھرىڭدىن سۈيۈنۈپ ھەتتاكى بىھۇش ئىدىم،
مىنى تاشلاپ كەتكىنىڭ بولسىكەن بىر چۈش دىدىم،
ئامال يوقكەن تەغدىرگە ئىختىيارسىز خوش دىدىم،
جۇت-شىۋىرغان ۋاقىتسىز گۈلۈم ئۈزدىغۇ مېنىڭ.

روھىم چىقىپ كەتكەندەك قالدىم بۇندا تەمتىرەپ،
قانداقلارچە ياتقانسەن مەندىن ئۇندا ئەنسىرەپ،
بۇ ئۆمرۈڭدە ئۆتكەنتىڭ بىزلەر ئۈچۈن غەملايەپ،
دىمەپتىمەن بارىڭدا چالا قاپتۇ نۇرغۇن گەپ،
ئەمدى ئېيتاي دىسەممۇ تېپىلمايدۇ بىرەر ئەپ،
پۇشايماندا قالدىمغۇ بۇ قىسمەتتىن ۋايىم يەپ،
چىدالمىدىم كەتمىگىن،ياكى مېنى ئېلىپ كەت،
زەپىراڭدەك سارغىيىپ خۇنۇم ئۆچتىغۇ مېنىڭ.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 01:07  


ۋاقتى: 2014-4-18 08:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..........
قان يىغلاپ كۆزۈمنىڭ نۇرلىرى ئۆچتى،
ئەسلەيمەن سۈيۈمدە ئاققانلىرىڭنى.
قەۋرەڭدە خاتىرجەم ياتقىم ئەي دادا،
پۈركەيمەن گۈللەرگە ماڭغان يولۇڭنى....لېرىكا

ۋاقتى: 2014-4-18 09:11:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى يېزىلىپتۇ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا يارىغۇدەك، تېخىمۇ تىرىشىڭ، سىزمۇ دادىڭىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ داڭلىق ئەدىپ بولۇپ يىتىشىپ چىققايسىز.

ۋاقتى: 2014-4-18 11:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزلىرىمگە يىغا ئۇلاشتى نازىنە، يېقىنلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ دەردىنى ئايرىلىپ باققانلارلا بىلىدۇ ،مەرھۇم ئاتىڭىزنىڭ ،ئاتىلىرىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن،ئاتىڭىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغىنىڭىز ئاتىڭىزنىڭ روھىنىمۇ ئەمىن تاپقۇزىدۇ بەلكىم.

ۋاقتى: 2014-4-18 12:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     سالام نازىنە !
     دادىڭىز ھەققىدىكى ئەسلىمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ،ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز . سىزدىن سۆيۈندۈم ! مەكتەپدېشىم باتۇر روزىنىنىڭ ئىزىنى باسالىغۇدەك سىزدەك «باتۇر» قىزى بولغىنىدىن شەخسەن مەنمۇ سىزگە قايىل بولدۇم . يازمىلىرىڭىزنى تولۇق كۆرۈپ كەلدىم ، تىرىشسىڭىز چوقۇپ نەتىجىسىنى كۆرىسىز . غەيرەت قىلىڭ !

ۋاقتى: 2014-4-18 12:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم شائىرىمىز باتۇر رۇزى بىلەن ئاۋاتتا ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك چاغلار ئېسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ

ۋاقتى: 2014-4-18 13:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇچ قەلىمىڭىز  داۋاملىق يالتىراپ تۇرسۇن...!

ۋاقتى: 2014-4-18 15:08:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم ھەجەپ بىر قىسما بولۇپ قالدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش