ئىگىسى: نازىنە.ب

نازىنە باتۇر روزى: دادامنى ئەسلەپ(ئەسلىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-18 22:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 23:50
بەك ياخشى چىقىپتۇ.

رەھمەت سىزگە ئاكا، شۇنداقتىمۇ يەنە تۈزىتىپ ، يەنە ئازراق كېڭەيتمىسەم بولمايدۇ، يەنە بەزى مەزمۇنلار كەم قالغاننى ھېس قىلدىم.

ۋاقتى: 2014-4-19 23:16:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم نازىنە  دادىڭىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ھەقىقى بىر يازغۇچى بولۇپ چىقىشىڭىزغا تېلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 23:49:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mungdax يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 23:16
سىڭلىم نازىنە  دادىڭىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ھەقىقى بىر ياز ...

سىزگە كۆپ رەھمەت ئاكا، مەن چوقۇم تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2014-4-27 21:43:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنە   قىزىم   _    ئەسىرىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن  ئوقۇپ  چىقتىم ..  كۆڭلۈم  يېرىم بۇلۇپ  يىغلىدىم ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ،  مىنىڭمۇ   دادام توقسۇدا،  مەن  كورلىدا   سوق يۈزىنىمۇ  كۈرەلمەي  ، يىغلاپ ئېلىشىپ
قالغىلى تاسلا قالغانتىم .بۇلتۇر ، بۇيىل يەنە كەينى _ كەيندىن  ئاچام ، ئاكام  ئۈلەپ كەتتى ،  مۇشۇ تورغا  چىقسام  ، غەم _ قايغۇنى  ئازىراق  تۈگۈتىدىكەن ، تورغا  چىقىڭ
  كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭ،  دادىڭىز ۋە  يازغۇچى جالالىدىن بەھرام، ..... قاتارلىق  بىر قانچە يازغۇچىلار   بىزنىڭ  يېڭىشەردىكى  ئۆيگە  بارغانتى ، دادىڭىزنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ بارساق  يەكەنگە كىتىپتىكەنسىلەر ، سىڭلىم  مىنى ئىزلەپ  كىلىڭ، ئەگەر كەلمىسىڭىز مەن ئىزلەپ باراي ، تېلىفۇن  نۇمۇرىڭىزنى  قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ، مەن
6 _ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى رۆشەنگۈل زىياۋدۇننىڭ ئاچىسى  _ ئئايشەم سادىر بۇلىمەن   مەن يېڭىشەر  مەركىزى مەكتەپتە ئىشلىگەن . ھازىرقى ئۈيۈم  1_ ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدىكى  قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۈنىدا ،كۈرۈشۈپ تۇرايلى.
        تېلىفۇن : .18099965554 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 21:50  


ۋاقتى: 2014-4-28 02:58:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سېنى ساقلاپ تۇرغىلى نەۋاخ...؟

(ساۋاقدىشىم باتۇر روزى ۋاپاتىنىڭ 7يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


ۋاي ئېسىت...!
يەنە ساقلاپ ئولتۇردۇم سېنى...
«نەۋرۇز ئېشى»ئېچىۋالسۇن دەپ.
نەيزە بويى ئۆرلىدى قۇياش،
تېخىغىچە....
كۆرسەتمىدىڭ سەن،
«نەۋرۇز ئەھلى»گە،
نۇر تامچىغان بىر جۇپ كۆزۈڭنى...!
يا...ئاڭلاتمىدىڭ،
بۇلبۇل ئوخشاش خۇش ئاۋازىڭنى...!
باللىرىمنى ئېلىپ كېلىمەن...
سېنى دائىم زىرىكتۈرىمەن...
دېگەنلىرىڭ نەلەرگە كەتتى...؟
ئوماق قىزىڭنى يەنە كۆرەرمەن دەپ،
يوللىرىڭغا بولدۇم ئىنتىزار.
مانا....
ئىشىك ئالدىدا،
نەۋرۇزلۇق سۇنۇپ...
دۇتتار راسلاپ،
سازىمنى سازلاپ،
ئىشىكىم ئوچۇق...
ئۇمىد بىلەن...!
سېنى ساقلاپ تۇرىمەن...!
*********************
سەن كىلەلمىسەڭمۇ،
ئىزلىرىڭنى،
باسقان قىزىڭنىڭ،
ئۇن-تېۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن...!



2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-28 13:24:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 02:58
سېنى ساقلاپ تۇرغىلى نەۋاخ...؟

(ساۋاقدىشىم باتۇر روزى ۋ ...

بۇژغۇن دادامنىڭ شېئىرىدىن دىلىم سۆيۈندى، دادامنى ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت،

ۋاقتى: 2014-4-29 12:54:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىزىم....جاپالىق ئىزدىنىش-ئادەمنى تاۋلايدۇ،يولىنى ۋە يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ...
سىزگە ئالدى بىلەن سالامەتلىك يار بولسۇن....!

ۋاقتى: 2014-4-29 17:43:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئەدەبىيات ئاشىناسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باتۇر روزى ئەپەندىگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار ئىدى . ئۇ يازغان خېلى كۆپ ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزگىچە روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىپ كەلگەن ئىدىم . توغرا دەيسىز نازىنە ، دادىڭىز قاملاشقان بوي بەستىگە مۇناسىپ ھالدا ئەقىل - پاراسەتتىمۇ تەڭ يېتىلگەن ھەقىقى ئىنسانلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى . گەرچە سىز ۋە بىز ئۇنىڭدىن ۋاقىسىز ئايرىلىپ قالغان بولساقمۇ ، دادىڭىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئىجاد مېۋىللرى ئۇنىڭ روھىغا مەڭگۈ سايە تاشلايدۇ .  ئەزىز ھاياتىنى ئۇلۇغ ئىشلارغا بېغىشلاپ . دۇنيانىڭ خۇۋلىقىنى كۆرمەي كېتىپ قالغان ئەزىزلىرىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى !

ۋاقتى: 2014-5-8 14:43:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ


باھاردىكى مىسكىنلىك

(باللادا)
(ئاكا دوستۇم، تالانتلىق شائىر باتۇر روزىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)

باش باھار سىرغىپ شېخىدىن  بىر چېچەك،
بوغدا ئانام چىگدى  باشقا ئاق لېچەك.

نەرە تارتتى تەڭرىتاغ :‹‹-شائىر قېنى؟!››
ئازدى تارىم يولىدىن، چىقتى جېنى!

ئىلىنىڭ دولقۇنلىرى قالدى قېتىپ،
ئالتاينىڭ يايلاقلىرى  دەرتكە پېتىپ...

قۇمۇلنىڭ گۈل يۈزىدىن ئۆچۈپ ئاپتاپ،
يۈرىكى پۇچىلاندى بولۇپ زەرداب...

ئىدىقۇت بىھۇشلۇقتا بوپ ھازىدار،
تولغىنىپ غەزەپ بىلەن يالقۇن چاچار!


ئوغلىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتىن،
باش ئەگىم  ھازا ئاچتى  نادامەتتىن.

ئۇزاتتى  يۇرتقا ئۇنىڭ  مېيىتىنى،
ھەمراھ قىپ  بىر زەبەردەست يىگىتىنى* ...

ئاھ، يېتىپ كەلگىنىدە بۇ شۇم خەۋەر،
قالدى تاڭ  كىچىكلەردىن چوڭغا  قەدەر...

كۈتۈشتى  دوقمۇشلاردا ئەللەر رەت-رەت،
تەلمۈرۈپ دىدارىغا،  يۈرىكى دەرت...

تېنىقى توختىغاندەك قەدىم يەكەن،
سۈكۈتتە  قېتىپ قالدى گويا ھەر تەن...

(بىتاقەت بۇ پەيتلەرگە ئاجىز قەلەم،
تەسۋىرگە سۆز  تاپالماي چەكتى ئەلەم!

كىتابخان شاھىد تۇرۇپ ھەتتا مەنمۇ،
‹‹ـ شائىرمەن!›› -دېگىنىمدىن مىڭ بىر ئەپۇ!)

كەلگەندە ئانا يۇرتقا، ۋاھ، ھەسرىتا!
چېكىگە يەتتى پىغان، قايغۇ-ھازا...

شۇ قەدەر ئازاب بولدى دىدارلىشىش...
ئاسانمۇ  ياش تۆكۈشۈپ، قۇچاقلىشىش؟!

يىرتىلغان يۈرەكلەرنىڭ نىداسىغا،
مۇمكىنمۇ چىداپ  تۇرماق پىراقىغا؟!

قۇم پۈركۈپ كائىناتقا تەكلىماكان!
مۇقام يۇرت ئاسمىنىنى  باستى تۇمان!

تۇتالماي كۆز يېشىنى ئاھ، زەرەپشان،
مۇڭلاندى  شۈنچە ھالسىز ھەم خىيالچان!

بويىدىن ئۆتكىنىدە ھازا ئەھلى،
بوزلىدى:‹‹- بۈگۈن ئىكەن ئۆلۈم پەسلى!››

ئاھ، يۇرتنىڭ ئىچى-تېشى كەتتى تەۋرەپ،
بارچە جان  چىمدۇ** تامان ئاقتى دەۋرەپ!

دېيىشىپ  مويسىپىتلار سىلاپ ساقال:
‹‹ـ كۆرمىگەن بۇنداق  ھەيۋەت قوشۇن مىسال!››

مومايلار ئېسەدىشىپ نەۋرىسىگە،
سۆزلەيتتى شۈنچە دەرتلىك بىر قىسىسە...

بۇ كاتتا نامايىشقا بىر زات، قاراپ
‹‹-كىمكىنە؟!››- ئاڭقىرماستىن قالدى  سوراپ .

‹‹ـ باتۇر!››-دەپ كەلدى سادا جىرالاردىن،
غۇلىدى تاشلار ئىدىر-قىيالاردىن!

ناۋاسى توختاپ كاچۇڭ*** باغلىرىنىڭ،
ئىگىلىپ بېشى چىمدۇ تاغلىرىنىڭ.

كۆككە تۇتاش چوققىدىن بېرىپ ئورۇن،
دېگەندە:‹‹- كەلدىڭ ئوغلۇم بەكمۇ بۇرۇن!››

دوست تۇرماق، ھەتتا زار-زار يىغلاپ رەقىپ،
تىلىدى ئاڭا جەننەت دىلدىن تەھقىق!

كېلىشتى ماتىمىگە ئەللەر توپ-توپ،
ھەسرەتلىك نادامەتتە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ!

زىمىنغا بىنا بولۇپ بۇ قەبرىستان،
كۆرمىگەن بەلكىم مۇنچە كۆپ نامازخان.

يېرىلدى تاشتىن پۈتكەن باغرى چاك-چاك،
ئوغلىغا مېھرى بىلەن ئاچتى قۇچاق.

پۈركۈنۈپ ئالتۇن بويى ئاق لىباسقا،
گىگانىت بىر تەن كىردى يەر ئاستىغا...

ئېزىلىپ  يۈرەك-باغرى  يورۇڭقاشنىڭ****،
سەزگۈسى ئويغىنىپ ھەر تاغۇ-تاشنىڭ!

ئاھ ،ئوتلۇق قايغۇ بىلەن يوللاپ سالام،
دېدى:‹‹-خەير يات ، قەبرەڭدە ئەزىز بالام!››

بىرلىشىپ تاغلار بىلەن كەتتى  لەھەت،
بىر نۇرلۇق چولپان كۆچتى كۆكتىن ئەبەت...

(قېنى كىم مۇستەسنادۇر  بۇ قىسمەتتىن؟
پۈتۈلگەن جاھان كېلىش ۋە كەتمەكتىن...

ئەجەلنىڭ نۆۋىتىنى تۇتار ساقى،
ئەمەسقۇ ھېچ كىشىگە جاھان باقى...)

تەرىپى بولغىنىدا تۇشمۇ- تۇشتىن،
يۇرت خەلقى بىلدى ئۇنى يېڭىباشتىن.

تىزلىنىپ شائىرىنىڭ قەبرىسىگە،
گۈل تىزدى ئېھتىرامدا  دەستە-دەستە.

ھەر چىمدىم تۇپرىقىنى دەپ يادىكار،
پۈتۈشتى يۈرىكىگە ئوتلۇق تۇمار.

ھىدلىشىپ  ئىزلىرىنى قېنىپ-قېنىپ،
شىۋىرلار:‹‹- ئۇ كېلىدۇ چوقۇم يېنىپ...››

ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەس ئەسلا،
قەلبىدە تۈمەن سوئال، چىگىش غەۋغا:

‹‹-نەۋائى چاقىرتقاندۇ قىلىپ ئىززەت،
كەل، ئوغلۇم  قۇرايلى دەپ، شېرىن سۆھبەت!

شاھ مەشرەپ قىلىپ بەلكىم كۆپ ئىلتىجا،
دېگەندۇ:-سېغىندىم ،ئاھ، ئەي ئۆز سىما!

ھۆر-غىلمان ئاشىق ئەسلى ئەشئارىغا،
مۇستەغرەق چالغان مۇسقى-دۇتارىغا!

لازىمدۇر كۈيچى بۇلبۇل يا جەننەتكە،
ئابىدە كېرەك بولدى يا سەنئەتكە!

نەزمىگە كېرەك شائىر  - يىتۈك سەرۋاز،
ئەڭ يۈكسەك  چوققىلارغا بۈيۈك پەرۋاز!

لېكىن، ئۇ ئاتا ئىدى زەپ مېھرىبان،
ئىشقىدا پەرزەنتىنىڭ يېلىنجىغان.

ئانا قۇش  بالىسىنى باققان كەبئى،
لېۋىدىن سۇ ئىچەتتى بىر جۈپ سەبئى.

-ۋا دەرخ! ئەمدى   تېخى قىرىق بىر ياش،
ئەزرائىل،ئازدىڭمۇ سەن ئەي، باغرى تاش!؟››

غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بوپ ئەزرائىل،
دېدىكى:‹‹-ئاغزىڭغا تاش! نادان شائىر!

ئىشت مەندىن بىر كەلىمە كەچمىش بايان،
زەر گۇمان قىلساڭ تىلىم  چاقسۇن چايان!

بىلىمەن، ئۇ سەنئەتتە يەكتا گۈلتاج،
ھە، شۇڭا خەلقى ئاڭا ئىدى مۇھتاج!

بىراۋلار سامان يىغسا ئېڭىزىدىن،
دۇر سۈزگەن ئۇ ئىجادنىڭ دېڭىزىدىن!

ئىزىدىن گۈل ئېچىلغان پورەك-پورەك،
سۆيۈنگەن ھېممىتىدىن ھەر ئوت يۈرەك!

مۇستەسنا ئىدى شۆھرەت تاماسىدىن،
جاھاننىڭ يىرگىنىشلىك غەۋغاسىدىن!

بىلەمسەن، ئايدىڭلىرى ئايسىز ئۆتكەن*****،
بۇردا نان تاپسا ھەتتا چايسىز ئۆتكەن...

توقۇغان تاغىرىنى ئېگىك نۇردىن،******
قۇياشنىڭ كۆكسىدىكى كۆپ-كۆك مۇزدىن...

تاسقىلىپ ھەر بىر تۇيغۇ-- شۈنچە تېتىم!
تەپەككۇر غەلۋىرىدىن مىڭ بىر قېتىم!

شېئىر بوپ چاقناپ ئەقىل  گىرۋىكىدىن،
ئۆتەتتى پىلسىراتنىڭ كۆۋرۈكىدىن*.******

ساماۋىي كۆكتە بولۇپ نۇرلۇق ئەختەر،
تىكلىگەن ھەر يۈرەكتە بۈيۈك ھەيكەل!

تۇرمۇشنىڭ مەنزىلىدە گاھى بوران،
يولىنى توسقاندىمۇ يارداڭ-داۋان.

بەزمىگەن ئۈمت، ئىشەنچ، جاسارەتتىن،
ئۆمرىگە رەڭ بەرگەن پەم-پاراسەتتىن!

ھاياتقا باققان باشنى ئېگىز تۇتۇپ،
مەيدىگە گاڭگۇڭلارچە مۇشتلاپ تۇرۇپ...

مىڭ ئەپسۇس، يۈز يىلدىمۇ بولماس زاھىر،
ئۇنىڭدەك ئەقلى تېرەن،زېرەك شائىر!

بىلىنەر  قەدرى يىللار ئۆتكەنسىرى،
زارىقىپ: «-كېلەرمۇ؟»- دەپ كۈتكەنسىرى.

ئاسانمۇ جان نەرقىگە  شائىر بولۇش،
بۇلبۇل بوپ چاڭىلدىماق؟! ھۈرسە ھوقۇش!

قاپلاپتۇ  دىلىڭلارنى غەپلەت-تۇمان،
ئۆتتۈڭلار ھەتتا ئۇندىن قىلىپ گۇمان!

سەھەردە  قۇرىماستىن كۆزنىڭ يېشى،
ئاتماس ھە، نائەھەلىلەر  تۆھمەت تېشى؟!

سەنلەردىن كۆردى قېنى، قاچان خوۋلۇق؟!
قىسمىتى- يەكلىنىشتە ئازاب، خورلۇق!

بوغۇلۇپ قەھرى بىلەن كەلدى چىداپ،
‹‹ـزەيلىدى *******،جان زەيلىدى! ››- قىلدى خىتاپ!

دەرىخا، شۇنداق تۇرسا پانىي جاھان،
ئوغلۇمغا قانداق چىداي، يۈرىكىم قان؟!

دەرتلەردىن  بولۇپ تۇرسا دىل جاراھەت،
ئېيتقىنچۇ،  قانداق قىلاي ئەي ،ھاماقەت؟!

يېرىلدى چىدىماستىن سەبرى قاچام،
ئاخىرى دېدىم مانا: ‹‹-كەلگىن بالام!››

بىلسۇن دەپ ھەر كىم يەنە ئاھ، قەدرىنى،
قالدۇردۇم شائىرى يوق بىر قەبرىنى...

ئېپكەتتىم مەئىۋانىڭ كۆرىكىگە،
تۇپراقنى دەپنە قىلدىم يۈرىكىگە!

بولدى بەس! توقۇپ يۈرمە سەن ھېكايەت،
بىلسەڭ  ئۇ تەڭرى پۈتكەن بىر رىۋايەت...››

ئىزاھلار


*مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ  مېيىتىنى شائىر  ئەيبۇ ياقۇپ، ئاتاقلىق بالىلار شائىرى ئابلېكىم ھەسەن ئۈرۈمچىدىن كورلىغا،  مەرھۇمنىڭ  يېقىن دوستى، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، شائىر ئەسقەر ياسىن كورلىدىن يەكەنگە مەخسۇس  ماشىنا بىلەن  ئېلىپ كەلگەنىدى.
**چىمدۇ-مەرھۇم باتۇر روزى  تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تاغلىق  كەنتنىڭ نامى
***كاچۇڭ_مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ئانا يۇرتى. يەكەن ناھىيىسىگە  قاراشلىق تاغلىق يېزا.
****مەرھۇم ۋاپات بولۇشى بىلەنلا  خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇمى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى تەزىيە تېلىگراممىسى ئەۋەتكەن ئىدى.
*****مەرھۇمنىڭ ‹‹ئايسىز ئايدىڭ›› ناملىق مەشھۇر شىئېرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
*****مەرھۇمنىڭ ئىلگىرى  ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››(ھازىرقى ‹‹قەشقەر›› ژۇرنىلى) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ، زور تەسىر قوزغىغان ‹‹ ئېگىك نۇردىن توقۇلغان تاغار ›› ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ.
*******مەرھۇمنىڭ ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر›› ناملىق بىئوگرافىك رومانى كۆزدە تۇتىلىدۇ.
********مەرھۇمنىڭ‹‹زەيلىدى ››ناملىق نادىر  شېئىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ.بۇ شېئىر ئىجات قىلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلق ئىچىگە تارقاپ،  ئاھاڭغا سېلىنغان.

2007-يىل3-ئاي27-كۈنى.يەكەن



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-8 17:50:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 14:43
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ



ئەلتۇغ ئاكامنىڭ مەرسىيە شېئىرىنى ئوقۇپ دادامنى تېخىمۇ سېغىندىم،،،،،

ۋاقتى: 2014-5-8 23:40:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالانتلىق شائىر، ئەلگە سازاۋەر يازغۇچى باتۇر رۇزى تاغامنى مەن باشلانغۇچتا ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ‹‹پۇلسىراتتىن ئۆتكەنلەر›› ناملىق رومانى ئارقىلىق تۇنۇغان ئىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىىتىم قوزغالغان ئىدى. كىيىن باشقا ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن باتۇر رۇزى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن بىردىنبىر قەلەمگە تايىنىپ ئەدەبىياتنى ئاساسى كەسىپ يەنى چىقىش يۇلى قىلىپ  تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتسىمۇ ئۇ ئەدەبىياتقا بارغانسىرى كىرىشىپ ياشاۋاتىدۇ دىگەنلەرنى ئاڭلىدىم. مىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم كۈچلۈك بولغاچقا  شۇندىن كىيىن باتۇر تاغامغا بولغان ھۆرمىتىم بارغانسىرى ئاشقان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتسىمۇ ئەدەبىياتنى چىقىش يۇلى قىلىشى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىدى . ئۇنى نەزىرىمدە ، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان  بىر دىنبىر ئەدىپ دەپ بىلەتتىم. ئەمىلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ىېلى زور بوپتۇ.  باتۇر تاغام ئارىمىزدىن تۇيۇقسىزلا كەتتى ئەمما ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات! نازىنە خانقىز بسىزنىڭ دادىڭىز توغرۇلۇق يازغان ئەسلىمىڭىز بەك بەلەن بوپتۇ  سىزنىڭ تالانتىڭىزدىن سۈيۈندۈم. مەن سىزنىڭ، دادىڭىزنى ئىزىنى بېسىپ مېڭىشىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۇمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-12-20 01:07:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمىڭىزنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم

ۋاقتى: 2015-3-18 12:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنە يازمىلىرىڭىزدىن سۆيۈندىم، دادىڭىزنىڭ ئىزىنى باسقىنىڭىزدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم! غەيرەتلىك، ئۈمۈدۋار ياشاڭ!

ۋاقتى: 2015-3-18 17:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمە مەتبۇئات يۈزى كۆرسە بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بولغىدەك

ۋاقتى: 2015-4-1 11:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا، تېخىمۇ تىرىشىڭ! دادىڭىز چوقۇم سىزدىن پەخىرلىنىدۇ! ئۈمۈدۋار ياشاڭ،،،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش