كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 5

«تارىم» ۋە زوردۇن سابىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2332
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تارىم» ۋە زوردۇن سابىر


ئەكبەر قادىر


    ئەدەبىي ژورناللار بىلەن يازغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى مۇناسىۋەت ئەمەس. بىر ژورنال ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سۈپەتلىك ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان   ئەدىپلەر بولمىسا بولمايدۇ. يازغۇچىلار ئۈچۈن، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلىدىغان ژورنال بولمىسا بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن «تارىم» بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلىش زۆرۈردۇر.

    بىرىنچى: زوردۇن سابىر تۇنجى ئەسىرىنى «تارىم»دا ئىلان قىلغان.

   زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولغان «ئاق ئۈرۈك» «يالغۇز بۇلاق» «مىسكىن قىز» قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرىنى «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1961-يىللىق 10-سانىدا «ئۈچ شېئىر» دىگەن ماۋزۇدا ئىلان قىلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن شۇڭا بىز زوردۇن سابىرنى تۇنجى ئەسىرىنى «تارىم» دا ئىلان قىلغان يازغۇچى دەيمىز.    تۇنجى ئەسىرىنى «تارىم» دا ئىلان قىلالىغان ئەدىپلەر كەم ئۇچرايدۇ. مەن بۇ ھەقتە ئىنىقراق ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەقسىتىدە  1985-يىلى رازىيە ئىمىن تۈزگەن «تارىم ژورنىلىنىڭ بىبلوگىرافىيەسى (1985-1951)» ،ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ« يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت» ناملىق كىتاۋى، كىرىمجان ئابدۇرىھىم تۈزگەن «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى لوغىتى» ۋە «تارىم ۋە مەن»، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنى شۇنىڭدەك «تارىم» ژورنىلىدا ئىلان قىلىنىۋاتقان سۆھبەت خاتىرىلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم، نەتىجىدە شۇ نەرسە ئىنىق بولدىكى زۇنۇن قادىر، ئەخمەت زىيائى، نىمشېھىت، تېيىپجان ئىليىف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابلىز نازىرى، تۇردى سامساق قاتارلىق پىشىۋا ئەدىبلىرىمىز ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئازاتلىقتىن بۇرۇن باشلىغان بولغاچقا، ئۇلار تۇنجى ئەسىرىنى شۇ چاغلاردا « شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلاردا  ياكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئىلان قىلىپتۇ.ئازاتلىقتىن كىيىن يەنى 1951-يىلى «تارىم » ژورنىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغاندىن كىيىن  قولىغا قەلەم ئالغان ئەدىبلىرىمىزدىن ئابدۇكىرىم خوجا، مەھەممەتجان سادىق، رەخىم قاسىم، قەييۇم تۇردى، ئىمىن ئەخمىدى، بۇغدا ئابدۇللا، قۇربان بارات، مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق پىشقەدەم ئەدىبلىرىمىز بولسۇن ياكى1960-يىللاردىن كىيىن قولىغا قەلەم ئالغان ئوسمانجان ساۋۇت، مۇھەممەت ئىمىن، جالالىدىن بەھرام،مەمتىمىن ھوشۇر، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم قاتارلىق ئەدىبلىرىمىز بولسۇن ياكى 1980-يىللاردىن كىيىن قولىغا قەلەم ئالغان خالىدە ئىسرائىل، ئەختەم ئۆمەر، قاتارلىقلار بولسۇن ھەم يەنە ياشلاردىن ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىقلارغىچە ھېچقايسىسىنىڭ تۇنجى ئەسىرى «تارىم» دا ئىلان قىلىنمىغان. بۇ ئەدىبلىرىمىز تۇنجى ئەسەرلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان رايۇنلاردىكى مەتبۇئاتلاردا ياكى «تارىم» دىن باشقا مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىش ئارقىلىق ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن.

   ئەدىبلىرىمىزدىن زوردۇن سابىردىن قالسا ئەخەت تۇردى بىلەن مۇھەممەت باغراشلا تۇنجى ئەسرىنى «تارىم» دا ئىلان قىلغان. ئەخەت تۇردى ئۆزىنىڭ تۇنجى ھېكايىسى «گۈرۈچ» نى «تارىم» نىڭ 1958-يىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلغان. مۇھەممەت باغراش تۇنجى ئەسىرى «سەبداش» نى «تارىم» نىڭ 1980-يىللىق 12-سانىدا ئىلان قىلغان. دېمەك «تارىم» ژورنىلى نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن داڭلىق ئەدىبلىرىمىز ئىچىدە زوردۇن سابىر، ئەخەت تۇردى، مۇھەممەت باغراش قاتارلىق ئۈچ يازغۇچىلا تۇنجى ئەسىرىنى «تارىم» دا ئىلان قىلالىغان. بۇ ھەقىقەتەن تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇۋاپىققىيەت!

      تۇنجى ئەسىرىنى «تارىم» دا ئىلان قىلىش بىلەن ئۆز ئىجادىيتىنى باشلاش گەرچە شۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئىستىقبالىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمىسىمۇ ئەمما ئۇ بىزگە مۇنداق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ: «تارىم» نىڭ نۇپۇزى يۇقىرى، ئەسەر تاللاشتىكى ئۆلچىمى قاتتىق، بەدىئى ئىقتىدارى، ئىجادىيەت تالانتى يۇقىرى بولغان شۇنداقلا تەربىيلىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە بولغان ئاپتۇرلارلا «تارىم» ئەسەر ئىلان قىلالايدۇ.

يۇقارقى ئۈچ نەپەر يازغۇچىمىزنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق ئۇلار دەسلەپكى قولىغان قەلەم ئالغان مەزگىللەردىلا يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى تۇنجى ئەسىرىنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن ئىزچىل يۇقىرى ئۆرلەپ ئىجادىيەت قوشۇنىمىزنىڭ تايانچىلىرىغا ئايلانغان. بەدىئى تالانتى ۋە قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئېشىپ ئەدەبىياتتىكى ئورنى تەدرىجى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

« تارىم» مەدەنيەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن 1966-يىلنىڭ 4- سانىدىن كىيىن نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قىلىپ 1974- يىلى 1-ساندىن باشلاپ قايتا نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.مۇشۇئارلىقتا كۆپلىگەن شائىر- يازغۇچىلىرىمىز «تارىم» دا ئەسەر ئىلان قىلىشتىن مەھرۇم قالدى بولۇپمۇ يىڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغانلار بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرىنى «تارىم» دا ئىلان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. زوردۇن سابىر دەل شۇنداق مەھرۇم قالغانلارنىڭ بىرسى. ئۇ پروزا ئىجادىيىتنى 1972-يىلى باشلىغان. تۇنجى ھېكايىسى «تاغ كەينىگە ئۆتكۈچە» نى 1972-يىلى يېزىپ چىققان. «تارىم»دا ئىلان قىلىش ئىمكانىيتى بولمىغان ئاشۇ شارائىتتا ئاۋال «ئىلى گېزىتى» دە كىيىن يەنە «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىلان قىلدى. ناۋادا ئاشۇيىللاردا «تارىم» بار بولغان بولسا زوردۇن سابىر بۇ تۇنجى ھېكايىسىنىمۇ بەلكىم «تارىم» دا ئىلان قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

     «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت» ناملىق كىتابتىن مەلۇم بولۇشىچە زوردۇن سابىر تۇنجى شېئىرىنى «تارىم» دا ئىلان قىلغاندىن كىيىن تىزلا پروزىغا ئۆتۈپ تۇنجى ھېكايىسى «ئانا يۇرت» نى يىزىپ 1962-يىلى «تارىم» غا ئەۋەتىپ بەرگەن لىكىن بۇ ھېكايىدە قومۇش ئورۇپ سېتىپ باي بولىدىغان ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەچكە ئەينى ۋاقىتنىڭ سىياسىيسىغا ماس كەلمەي ئىلان قىلىنمىغان. شۇندىن كىيىن تۈرلۈك ئىجتىمائى ھەركەتلەر ۋە مەدەنيەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن زوردۇن سابىر يىڭىلا باشلىغان ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان. پەقەت 1972-يىلغا كەلگەندىلا قايتىدىن قولىغا قەلەم ئىلىپ «تاغ كەينىگە ئۆتكۈچە» ناملىق ھېكايىسىنى يىزىپ چىققان. يۇقاقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە  كىلىشكە بولىدۇكى زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەتكە كىرىپ كىلىشى «تارىم» ژورنىلى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق جەرياندۇر.

    ئىككىنچى: زوردۇن سابىرنىڭ مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلىنىشىدا «تارىم» مۇھىم رول ئوينىغان.

  زوردۇن سابىر «تارىم» ئەسلىگە كەلگۈچە بولغان ئەشۇ يىللاردا «گۆھەرنىڭ بەختى»، «ئونىنچى سىنىپنى ئەمدى تۈگەتتىم» ، «سەھەرچى» قاتارلىق بىر مۇنچە ھېكايىلەرنى يىزىپ گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىدە ئىلان قىلىپ تۇردى. 1974- يىلى «تارىم» ئەسلىگە كىلىشى بىلەنلا ئۇ «باھار بوۋاينىڭ كۈنلىرى» نەملىق ھېكايىسىنى يىزىپ «تارىم» نىڭ 1975- يىللىق 6-سانىدا ئىلان قىلدى. شۇنىڭدىن  كىيىن زوردۇن سابىر «كومبايىن»، «تۆھپە» ، «يىقىلماس بايراق»، «دولان ياشلىرى» قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم ھېكايىلەرنى يىزىپ «تارىم» نىڭ 1975- يىلدىن 1979-يىلغىچە بولغان سانلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ نامى تىزلا چىقتى.

   «تارىم» دا ئەسەر ئىلان قىلىش ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگە نىسبەتەن ئىيتقاندا ئىجادىيەتتە يۇقىرى پەللىگە قاراپ قەدەم ئالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى سانىلىدۇ. ھەرقانداق بىر شائىر ياكى يازغۇچى «تارىم» دا ئەسەر ئىلان قىلىش ئارقلىق ئۆزىنى سىناپ باقىدۇ ھەم نام چىقىرىشنى ئويلايدۇ. «تارىم» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدىبلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا خۇددى جۇڭگۇ ئەدەبىيات سەھنىسىدىكى «خەلق ئەدەبىياتى»، «شېئىرىيەت» ژورناللرىغا ئوخشاش تەسىرگە ۋە ئابرويغا ئىگە.زوردۇن سابىرنىڭ «تارىم» دا ئەسەر ئىلان قىلىشى دەل ئۇنڭ ئقتىدارىنى نامايەن قىلىپ ئىجادىيەتتىكى تەسىرىنى، نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتەردى. نەتىجىدە زوردۇن سابىر ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ئالغا بىسىپ 1980-يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن داڭلىق يازغۇچىغا ئايلاندى. ئۇ مۇشۇ يىللاردا «تارىم» دا «قەرىزدار»، «خوشنىلار» ، «ئايدىڭ كېچە»، «ئىھ توپىلىق يول»، «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»، «تارىم سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ» قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرى بىلەن «سۈبھى»، «ئارچا ياپرىقى» قاتارلىق پوۋسىتلىرىنى ئىلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچى، سىرتىغىمۇ بىراقلا تونۇلدى ھەتتا ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچى، دەپ تەرىپلەندى.

  زوردۇن سابىرنىڭ «تارىم» غا ئەسەر ئەۋەتىشىدە بەلگىلىك پىرىنسىپى ۋە قارىشى بار ئىدى. ئۇ بەدىئى سەۋيىسىدە يىڭىلىق يارىتالىغان، يىزا تېمىسىدا يىزىلغان ، دەۋىرچانلىقى كۈچلۈك بولغان شۇنىڭدەك ئىجتىمائى ئۈنۈمگە ئىگە دەپ قارىغان ئەسەرلىرىنى «تارىم»دا ئىلان قىلغان. بۇنىڭدىن زوردۇن سابىرنىڭ «تارىم» نىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات ـ سەنئىتىدە يىتەكلەش رولىنى ئوينايدىغان خارەكتىرىگە تولۇق ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

  ئومومەن زوردۇن سابىر ئۆز ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى قەدىمىنى «تارىم» دىن باشلىدى. كىيىن «تارىم» ئارقىلىق مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلاندى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زوردۇن سابىر «تارىم» نىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى، نوپۇزىنىڭ ئېشىشى، تەسىرچانلىقىنىڭ كېڭىيىشىگىمۇ ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.




idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 800
تۆھپە : 20
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:03:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ئەكبەر قادىرنىڭ بۇ ماقالىسى ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ! ئۇستازىم قولىڭىزىدىكى قەلەمنى تاشلىۋەتمەڭ!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  558
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 256
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر يازغۇچىمىز زۇردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ  !

ھايات - مەڭگۈلۈك ناخشا ، ئەمما  ئۇنىڭ مۇقۇم نوتىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن ئاھاڭى بولمايدۇ .

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نەتىجىسى مەڭگۇ ئۇنتۇلمايدۇ

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:56:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تالانتى ۋە بەدىئىي دىتى ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىدى.ئۇ زۇنۇن قادىرىدىن كىيىن ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا يەنە بىر يېڭى پەللە ياراتقان يازغۇچى.پىروزىچىلىقىمىز ھازىرمۇ زوردىن سابىر ياراتقان پەللىدىن ( «ئانا يۇرت»تا ياراتقان تارىخى رومانچىلىق پەللىسىدىن ) ھالقىپ كەتكىنى يوق.زوردۇن سابىر « ئىزدىنىش » ئارقىلىق مەرىپەت قىزغىنلىقىنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغان.زىل-زىلە قوزغىغان .زوردۇن سابىردەك بايراقدار يازغۇچىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەدەبىياتىمىز ۋە خەلقىمىز ئوخشاشلا تەشنا!

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:56:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىىڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش