بولمىدى
(مىھرىبانىم دادام تىلىدىن)
‹پەرىزات سەئىدىن›
يەتمىش ياز، يەتمىش قىش، راھەت باھارى بولمىدى،
كەتكىنى كۆپ، كەلگىنى ئاز، جانىم ئارامى بولمىدى.
چىن ۋاپا ئەقىدىنى دىلغا پۈكتۈم ھەر زامان ،
نە قىلاي ئېرىشكىنىم كۆڭۈلگە غەمخان بولمىدى.
پۇتلىشىپ يۈردۈم قەدەمدە نامەرىد، كۆڭلى قارا،
شۇل كىشى ئاراسىدا ئازراقمۇ ھۆرمەت بولمىدى.
ھەر سەپەر بولدۇم مۇساپىر، كۆرگىنىم ئاندىن يامان،
تاللىغان ھەمشىرىلەرمۇ ماڭا ھەمراھ بولمىدى.
كۈنلىرىم يىللار بويى ئۆتتى تەنھا كۆلبىدە ،
نە ئۈچۈن يالغۇزلۇقۇمدا ماڭا ھەمراھ بولمىدى.
ئەي! تۇرمۇش، سۆزلە يەنە، تەنھالىقىم چېكى قايان،
نەچچە ئون يىل غېرىبلىقىم ئاڭا داۋا بولمىدى.
ھېيىت ھەم بايراممۇ كەلدى، ئۆي لېكىن يالغۇز سوغۇق،
مەن غېرىبقا ئۇشبۇ كۈندە ھېچبىر خۇشاللىق بولمىدى.
ئۆزگە دەيدۇ: بالا غېمى،ئۆينىڭ غېمى، كۆپنىڭ غېمى،
مەيلىتى شۇ غەمدە قالسام، ماڭا شۇ ھال بولمىدى.
سۆزلىگىن كەچمىشلىرىڭنى، ئال سەئىد قولغا قەلەم،
ئېيتىۋال كۆز يۇمغىچە، ئەمدى يازماي بولمىدى.
ئاڭلىغىن قېرىندىشىم، مەن بىلەن كەتسۇن بۇ غەم،
نە قىلاي تەقدىرگە تەن ھەم ئەمدى بەرمەي بولمىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 23:31