جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 67|ئىنكاس: 3

راھىلە روزى : شەھەر ۋە ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1177
تۆھپە : 140
توردا: 278
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                               شەھەر ۋە ئايال

              (خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىدىكى شەھەر ئاياللىرى تېمىسى ھەققىدە)  

                                                    راھىلە روزى  



شەھەر ۋە ئايال يىقىنىقى يىللاردىكى پروزا ئىجادىيىتىنىڭ بىر قىزىق نۇقتىسى. شەھەر تەرەققى قىلىدۇ، ئاياللار ئۆسۈپ يىتىلىدۇ، شەھەر ۋە ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ، گەرچە شەھەر مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن لايىھلەنمىگەن بولسىمۇ، لىكىن، شەھەرنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئاياللارنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن چەكسىز مۇمكىنچىلىك ۋە بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. جەمئىيەتنىڭ شەھەرلىشىش سۇرئىتىنىڭ تىزلىشىشى تەبىئى ھالدا ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆزگىرىش ۋە داۋالغۇش ئىلىپ كەلدى.

« شەھەر دىگەن نىمە؟ رەت-رەت ئىگىز بىنامۇ؟ قىزىل، يىشىل چىراق، رىستۇران، دىسكوخانىىلارنىڭ توپىمۇ؟ ھەيۋەتلىك تۇرلۇك ماللار سودا مەركەزلىرى، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ۋە تۈگىمەس كوچا ئاپتۇۋۇزلىرىمۇ ۋە ياكى ھەرخىل يىغىلىش ۋە يىغىنلارمۇ؟ ..... بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت شەھەرنىڭ سىرىتقى قىياپىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. لىكىن شەھەرلىشىش پەقەت بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئومۇملىشىشى ئەمەس، بەلكى، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق يىزا ئىگىلىك تارىخىغا ئىگە بۈگۈنكى جوڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگرى-توقاي، مۇرەككەپ ھەم تولىمۇ ئۇزۇن جەريان ھىساپلىنىدۇ. بۇ جەرياندا شەھەرلىشىش شامىلىنى ئەڭ دەسلەپ ھىس قىلغان ۋە ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتكىنى بەلكىم ئاياللار بولسا كېرەك » (1).  ئوخشاشلا، شەھەر ۋە ئاياللار تېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەكىس ئېتىشى ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئىزچىل ياندىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەزكۈر تېمىدا يىزىلغان ئەسەرلەر خېلى كۆپ ھەم ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ. جۇملىدىن يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ بۇ تېمىدىكى ئەسەرلىرىنى بىر قەدەر ۋەكىللىك خارەكتېرگە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ مەزكۈر تېمىدىكى ئەسەرلىرى شەخسەن يازغۇچىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىدىمۇ سالماقلىق ئورۇن ئىگەللەيدۇ. خالىدە ئىسرائىل ئاياللارغا خاس نازۇك ھەم ئىنچىكە ، يازغۇچىلارغا خاس ئۆتكۈر ھەم چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلەن شەھەرلىشىش شامىلى كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوينىدا ئۆز قىممىتى ۋە ئورنىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر شەھەر ئاياللىرىنىڭ رەڭگارەڭ ئوبرازىنى ياراتتى.

1.       ئايالنىڭ ئىستىماللىشىشى

    ئىستىمالنىڭ كۆپخىللىشىشى- ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان شەھەر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. يۈكسەك دەرىجىدە ئىستىماللاشقان شەھەردىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ماددىيلىشىشى ۋە ئىستىمال خاراكتېرىنى ئىلىشى ئايالنىڭمۇ ئىستىماللىشىشىنى كەلتۇرۈپ چىقارماقتا . بۇ خىل مۇناسىۋەتتە ئەرلەر  ئاياللارنىڭ ئىستىمالىغا ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئىستىمالىغا ئايلانماقتا . جىنىسلار ئارىسىدىكى بۇ خىل ئىستىمال مۇناسىۋىتى كىشىلەرنىڭ شەھەردە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ۋە ئۆز ئارزۇ – غايىلىرىنى، شەخسى مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خاھىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مەۋجۈت بولىدۇ . ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەبىئى ھىسسىياتتىن ، ماددى مەقسەتكە كۆچكەن .  

بۇ خىل خاراكتىرى ئۆزگەرگەن مۇناسىۋەت، «ماھىيەتتە، پۇل، ھوقۇق بىلەن ماددا ، ئىستىمال بۇيۇمى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئايلاندى . ئايالنىڭ بەدىنى بىر خىل ئىستىمال بۇيۇمى، بۇ خىل مۇناسىۋەتتە ھوقۇق ۋە پۇلغا ئىگە بولۇش ، ماددا ۋە جىنىسقا ئېرىششىتىكى ئىستىمال ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتۇر» (2).

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «رەڭدار قۇيۇن» پوۋىسىتىدىكى، تەلئەت جۈيجاينىڭ ئىشخانا تازىلىقىغا ئابدۇللا تەرىپىدىن مەلۇم مەقسەتلەر بىلەن قويۇلغان ئايال- مەستۇرە ئىستىماللاشقان شەھەر تۇرمۇشىدىكى ئىستىمال بۇيۇمىغا ئايلانغان ئايالدۇر . ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياسىز بەدىنى تۈپەيلى تەلئەتنىڭ ئاڭسىز تەپەككۇرىنى غىدىقلايدۇ . ھىكايە ئۇنىڭ مەستۇرە تەرىپىدىن غىدىقلانغان يۇشۇرۇن پىسخىك ئۆزگىرىشنى بويلاپ راۋاجلىنىدۇ . بۇ جەريان، مەستۇرە، تەلئەتنىڭ ئانىسى، رەشىدە، ئايالى، ۋە قىزى قاتارلىق ئۆز ئەتراپىدىكى ئوخشىمىغان سالاھىيەتتىكى قىز ئاياللار ئارىسىدا دەۋرىيلىنىدۇ . مەستۇرە ئۇنىڭ تۇرمۇش مىزانىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، ئۇنى ئابدۇللانىڭ ھۇقۇق قارانىيىتى تۇپەيلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جىنسى ئىستىمالغا مەقسەتلىك باشلايدۇ . ئۇنىڭ ئەخلاق دائىرىسىدىن چىقماي كەلگەن تۇرمۇش مىزانىنى ئاستىن-ئۈستۇن قىلىپ تاشلايدۇ .

«....رەنا بىلەن توي قىلغۇچە ئايال جىنىسقا كۆز قىرىنى سالمىدى ، توي قىلغاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامىنى پۇتۇن كۇچى بىلەن قوغدىدى، ۋۇجۇدىدىن بالىلىق ۋاقىتلىرىنىڭ قەبىھ چۈشكە ئوخشايدىغان كۆڭۈلسىز خاتىرىلىرىنى يوقىتىشقا ، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشقا ئۇرۇندى. بىراق، تۈنۈگۈن ئەتتىگەن ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىستىھكامىنى بىردىنلا ۋەيران قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ھەم نەپىرەت، تەقەززالىق ھەم قورقۇنۇچقا ئوخشاش بىر سىزىم باش كۆتۈردى» (« شەيتان ئەينىكى »).

مەستۇرە- تەلئەتنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزى بىلىدىغان بارلىق ئاياللار ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشىغا  سەۋەپ بولىدۇ ، ئۇ ئالدى بىلەن مەستۇرەنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆز ئانىسىنى كۆرىدۇ (تەلئەتنىڭ ئانىسىمۇ ياشاش ئىھتىياجى ئۇچۇن جىنسى ئىستىمالغا ئايلانغان ئايال) ، رەشىدە ھەققىدە قايتا تونۇشقا كىلىدۇ ، ئۆز ئايالىنىمۇ چۈشىنىپ باقمىغاندەك ھىس قىلىدۇ . ئۇ بىر ئايال ئارقىلىق ئىككىنچى بىر ئايالنى چۇشەنمەكچى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئايال ھەققىدىكى تونۇشى تۇرمۇش ھەققىدىكى چۇشەنچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ئۇنىڭ چۈشىنىشكە ئىنتىلىدىغان ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئايال ئۇنىڭ نەزىرىدە مۇنداق تەڭلىمە ھاسىل قىلىدۇ:

ئايال=شەيتان ئەينىكى=ئۆزگىرىشچان ، سىرلىق ، سۆيۈملۈك ۋە گۈزەل= تۇرمۇش .

ئەمەلىيەتتە ، مەستۇرەدىن ئىبارەت بىر ئايالنىڭ پەيدا بولۇشى، تەلئەتنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن تىخى نامەلۇم ، چۈشىنىكسىز  تەرەپلىرىگە ، ئۆز تەبىئىتىگە ، قەلبىگە يۇشۇرۇنغان جاراھىتىگە ئاشكارا يۇزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە تەپەككۇرىگە ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۆزى  ۋە تۇرمۇشقا بولغان چۇشەنچىسى مەستۇرەگە بولغان چۈشەنچىسىنى چۆرىدەيدۇ . ئۇنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى بۇ خىلدىكى ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ خارەكتېرىنى ۋە ئۆزگىرىشىنى بەلگىلەيدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا يازغۇچىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىكى جىنىسلار مۇناسىۋىتى شەخىسنىڭ شەھەردىكى ئورنى، غەلبىسى ۋە مەغلۇبىيىتىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ .

«رەڭدار قۇيۇن» دىكى ئايشەم ئۆزىنىڭ شەھەرگە ۋە شەھەردىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭدار تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك ئىنتىلىشى ۋە ئېرىنىڭ ھوقۇق تەمەسى تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ماددىيلاشقان ۋە ئارزۇ – ھەۋەسلەشكەن شەھەردە ئارقا – ئارقىدىن ئىستىمال قورالىغا ئايلىنىدۇ . ئايشەمنىڭ ئېرى ئەخمەت شەھەردىكى مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ، يۇقىرىغا يامىشىش ئۈچۈن ئايالىنى ۋاستە قىلىدۇ .

يازغۇچىنىڭ «تىمتاس شەھەر» پوۋسىتىدىكى باش پىرسوناژ«مەن»، تاسادىپىي سەۋەپ تۇپەيلى چوڭ ھوقۇقدارنىڭ ساختا «تۇغقان» نىغا ئايلىنىش بىلەنلا ، گويا ئۇنىڭمۇ ھوقوق-مەرتىۋىسى بىردىنلا ئۆسۈشكە باشلايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ دەسلەپ خيالىغا كىلىدىغىنى ئىدارىسىدىكى ياش ، گۈزەل تۇل ئايال .

  «ئىدارىمىزدە ياش، گۈزەل بىر تۇل ئايال بار ئىدى . ئىلگىرى ھەر قىتىم ئايالىمدىن دەشنام يىگەن چاغلىرىمدا ئۇنى ئويلايتتىم ، ئاخشىمى ئۇنى ئويلاپ يىتىپ ئاجايىپ چۇشلەرنى كۆرەتتىم . ئىدارىدە بولسا ئۇ ماڭا كۆز قىرىنىمۇ سىلىپ قويمايتتى . كىشىلەر ئۇنى نەزىرى ئۈستۈن، نام – ئەمىلىڭ بولمىسا ئۇنى ئىندەككە كەلتۇرەلمەيسەن ، دېيىشەتتى . بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىۋىدىم، ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ «كەچ سائەت ئوندا باغچىنىڭ ئارقىسىدىكى كوچىدا ئۇچىرىشايلى» دېدى . شۇ ھامان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم . ئاخشىمى ئۇ دىگەن يەرگىمۇ بارمىدىم . ھازىر ئۇ مىنى كۆرسە يىراقتىنلا ئاققۇنىڭكىدەك ئۇزۇن بوينىنى سوزۇپ قاراپ كىتىدۇ» (تىمتاس شەھەر»).

دىمەك ،  ھوقۇق - مەرتىۋە ئەرنىڭ ئايالنىڭ نەزىرىدىكى پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇپ ، ئىككى ئارىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىدۇ.

2. شەھەر زىيالى ئاياللىرىنىڭ پىسخىك قاتلىمى

شەھەر زىيالىي ئاياللىرى- ئۇيغۇر شەھەر جەمىيتىدىكى كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان بىر قاتلام . ئۇلار بۆگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر جەمىيتىگە تەۋە قاتلام بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . ئۇلار ئالىي مائارىپ تەربىيسى ئالغان، ئىدىيە ۋە خارەكتىر جەھەتتە، ئىقتىسادى جەھەتتە مۇستەقىللەشكەن. لېكىن ئۇلار كىلىپ چىقىش جەھەتتىن يەنىلا نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى مەدەنيەت يىلتىزىغا ئىگە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئاياللار قاتلىمىغا تەۋە بولغانلىقتىن ئۇلار كۆپىنچە ئىككى خىل سالاھىيەت ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ئىچىدە ياشايدۇ.

ئۇلار زامانىۋىلىق ئىچىدە، ئۆز-ئۆزىنى تولۇقلايدۇ، ئۆز قىممىتىنى يارىتىش ۋە جەمىيەتكە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەنئەنىۋىيلىك ئىچىدە بولسا، ئۇلارنىڭ زامانىۋىلىقتىكى ئۆزلۈكى بوغۇلۇشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق سالاھىتى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ئالدى بىلەن ئائىلىدە ئەكىس ئېتىدۇ. چۈنكى، ئائىلە جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قارىشى- چوڭقۇر ئەنئەنىۋىي ئىجتىمائىي ئەخلاق قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ خىل ئائىلە قارىشىدا، نىكاھ مۇھەببەتتىنمۇ ئۈستۈن تورىدۇ. ئايال- ئائىلىگە بارلىقىنى بېغىشلىغۇچى. ئەنئەنىۋى ئائىلە مۇھىتىدىكى ئايال سىرتقى دۇنيانى ئەزەلدىن ئەرنىڭ كۆرۈش نوقتىسى بويىچە كۆرۈپ كەلگەن. ئەمما، شەھەر ۋە تەرەقىيات ئۇيغۇر زىيالىي ئاياللىرىغا ئۆزى ھەمدە ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ئۆزىنىڭ كۆرۈش نوقتىسى بويىچە قاراشنى ئۆگەتتى. نەتىجىدە، قوش سالاھىيەت ئىچىدە ياشاۋاتقان شەھەر زىيالىي ئاياللىرىنىڭ ئائىلە، جەمىيەت ئالدىدا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە زىددىيەتلىك ھالەت كۆرۈلدى.

خالىدە ئىسرائىل ئۆزىمۇ شۇ خىل ئىجتىمائىي قاتلامغا تەۋە زىيالى ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ جەھەتتە بىۋاستە ھېس- تۇيغۇغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىنىق. ئۇنىڭ «ئوربىتا»، «ھاڭغېرت كۆلى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بۆگۈنكى ئۇيغۇر زىيالى ئاياللار قاتلىمىنىڭ مەلۇم كەسمە يۈزى ئەكىس ئېتىدۇ.«ئوربىتا»دىكى ئاسىيە، نىكاھتا بەخىتسىز بولغان نۇرغۇن ئازاپلىق كەچۈرمىشلەرگە ئىگە ئايال. ئۇ، سەھرادىكى نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان بىردىن- بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. مۇھەببەتسىز نىكاھ تۇرمۇشى، ئۇنىڭغا غايەت زور جىسمانى ۋە روھى ئازاپ ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇ پەقەت مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا ياشايدۇ.ئائىلىدە ئۇنىڭ ھەقىقىي ئاياللىق سالاھىتى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئاسىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە نەپرىتى تۈپەيلىدىن يوقالغان.  ئۇنىڭدا بارى پەقەت ئانىلىق سالاھىيەت. بۇ ئۇنىڭ بىردىن- بىر ئاياللىق ماھىيتى ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيتىگە ئايلانغان، شۇنداقلا بۇ خىل بىرلىككە كەلگەن ئائىلىۋى ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيەت مۇھىتى ئاسىيەنىڭ كىچىك «ئوربىتا »سىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ «ئوربىتا»دا، ئاۋال ئابلىكىمنىڭ ئاسىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكى، كېيىن ئۇنىڭ ئاسىيەگە بولغان ۋاپاسىزلىقى، ئۇلار توي قىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاسىيەگە زەربە بولۇپ تورىدۇ.بۇ خىل تۇرمۇش، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا كىچىكىدىن تارتىپ ئانىسى ئارقىلىق سىڭگەن ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرى، ئاسىيەدە شۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنۈش، بەخىتسىزلىك ۋە ئازاپ ئىچىدە تورۇپ، بەخىت، ئەركىنلىكتىن قورقۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.ۋاھەلەنكى، ئاسىيە قېنى ھەم گۆشى بولغان تىرىك ئادەم، مەيلى ئۇ قانچىلىك چىداملىق بىلەن بەخىتسىز تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرسۇن، ئۇ ئۆزىدىكى ئادىمى خۇسۇسىيەتنى ئۈزۈل- كېسىل باستۇرىۋېتەلمەيدۇ. بۇ خىل ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئېھتىياجى، ئىچكى دۇنيانىڭ ئىنتىلىشى شەكىلدە دائىم ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ ئۇنىڭدەك نورمال ھەم ئالىي مەلۇماتلىق ئايال ئۈچۈن ساقلىنىش تولىمۇ تەس بولغان بىر خىل ھالەت. ئاسىيە ئۆزىدە كۆرۈلگەن يۇقىرقىدەك ساقلىنىش مۇمكىن بولمىغان زىددىيەتلىك پىسخىك ھالەت تۈپەيلىدىن روھى جەھەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك جىددىيلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشايدۇ. ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈندە تاپشۇرۋالىدىغان نامسىز تۇغۇلغان كۈن كارتىسى ئاسىيەنىڭ ئازابلىق قەلبىنى يىلدا بىر قېتىم ئىللىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىدىكى تۇنجى مۇھەببىتىنى ئەسلىتىدۇ. لېكىن، ئاسىيە ھەر قېتىم ئاتكىرىتكىنى تاپشۇرۋالغان ھامانلا ئۇنى خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يېرتىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ. ئۇ ئۆز رايىغا خىلاپ بۇ خىل ھەركەت ئارقىلىق، ئۆز سۇبىكتىنىڭ ئۇبىكتىپ رىئاللىق ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ.

ئاسىيە يولدىشى ئابلىكىمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ۋاپاسىزلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بىرىنچى قېتىم ئۆز خاھىشىغا يول قويۇپ ئۆيگە قايتمايدۇ ھەم شۇ كۈنى كىچىك ئاشپۇزۇلدا تاسادىبىي ئۇچرىشىپ قالغان ناتۇنۇش ئەر ئاسىيەدە بىر خىل تۇنۇشلۇق تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ. ئاسىيە روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن چارچىغان ئاجىزلىقىدا، ئۆزى بىلەن ھېلىقى ناتۇنۇش ئەر ئوتتۇرسىدا ئارلىق ئىنتايىن يېقىندەك، ھەر ئىككىسىدە  ئورتاق كەچۈرمىش ۋە ھېسيات مەۋجۇتتەك ھېس قىلىدۇ. ناتۇنۇش ئەرنىڭ يېنىدا ماڭغاندا بولسا، ئۆزىنى بىخەتەر ھەتتا بىر خىل بەخىتلىك سېزىدۇ.لېكىن، دەل شۇپەيىتتە، ناتۇنۇش ئەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارلىقنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىنى ئۇقتۇرغان ھامان، ئۇ، ئىختىيارسىز ھالدا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كىلىدۇ ۋە بۇ ئەر بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق مۇناسىۋەتنى رەت قىلىدۇ.

«ئۇ يەنە بىر نىمىلەرنى دېمەكچىدەك يەرگە قاراپ بىر پەس تۇردى-دە، بىردىنلا يانغا بۇرۇلۇپ تىز- تىز مېڭىپ كەتتى. ئۇنىڭ سەل مۈكچەيگەن قەددى كوچىنىڭ دوقمۇشىدا غاييىپ بولغانغا قەدەر ھەسرەت ئىچىدە قاراپ تۇردۇم. تازا بىر يىغلىغۇم كەلدى. ئىنسان ئۆزى تەشنا بولغان مۇھەببەتنى كىشىلەر ئارىسىدىن تاپالماسمۇ؟ ئېغىر ھسياتلار ئىلكىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن يەنە بىر قېتىم سورىدىم ». («ئوربىتا ») .

ئاسىيە گەرچە كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ نىمىلەرگىدۇر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئەمەلىي ھەركىتىدە ئۆز-ئۆزىگە يۈزلىنەلمەيدۇ. يەنىلا ئۆزىنى ئۆزىنىڭ «ئوربىتا»سى ئىچىگە قايتۇرۇپ كىلىدۇ . چۈنكى ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئوربىتا ئىچىدە ياشاپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئانىسى، مومىسىمۇ مۇشۇنداق ئوربىتادا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلار ھەتتا بۇ ئوربىتادا ئۆزلىرى بەھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۆزلىرى ئۈچۈن نىملەرنى قىلىش لازىملىقىنى ئويلاپمۇ باقماي ياشىغان.

ئاسىيە- يولدىشى ئابلىكىمنىڭ راستىنلا تالاغا قاراپ يۈرگەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن بۇ ئىشقا تولىمۇ سۇغۇققان پوزىتسىيەدە بولىدۇ. ئۇنى ئەيىپلىمەيدۇ، ئۇ ئۆزىدە يولدىشىنى ئەيىپلىگۈدەك سەۋەپ يوق دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇنڭ يولدىشىنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئوتى قايتىدىن يالقۇنجاشقا باشلىغان. « قەلبى مۇھەببەت بىلەن تولغان كىشىنى قانداقمۇ ئەيىپلىگىلى بولسۇن » («ئوربىتا »).

ئاسىيە يولدىشىنى نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتكە ئېرىشىش ھوقۇقى بار دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئاسىيە ئۇنىڭغا مۇھەببەت بېرەلمىدى. لېكىن ئاسىيە ئۆزىمۇ بۇ بەختسىز نىكاھنىڭ بىر ئىشتىراكچىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئەجىبا، ئابلىكىم ئاسىيەگە مۇھەببەت بېرەلىدىمۇ؟ ياق .ئاسىيە مۇھەببەتنى بىلەلمەيدىغان، ھېس قىلالمايدىغان ئايالمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىدىيە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قاتلىمى ئىچىدىكى ئائىلىدىكى ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوخشىمايدىغان ئورنى ۋە ئۆز - ئۆزىگە بولغان تەلىپىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئاسىيەنىڭ « ئوربىتا » سى ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ - كىچىك ئوربىتىلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ شەخسى ھېسىياتى بىر بولسا ھېچقانداق قىممىتى يوق، بىر بولسا بىر خىل جىنايەت. مەيلى ئائىلىدە مۇھەببەت بولسۇن - بولمىسۇن، ئايال يەنىلا خىلمۇ-خىل مەجبۇرىيەت تۈپەيلى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر. بۇ خىلدىكى « ئوربىتا » لار ئىچىدە ئايالنىڭمۇ ئۆزى ئۈچۈن ياشاش، ئۆز تۇرمۇشىنى تاللاش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدىغانلار ناھايىتى ئاز. شۇ تۈپەيلى ئايالنىڭ تايىنىدىغىنى پەقەتلا سەۋرى -  تاقەت.

« مەن قاپقاراڭغۇ تورۇسقا قاراپ يېتىپ، تارتقان ھەممە خورلۇقۇمنىڭ دەردىنى كۆزۈمدىن ئالىمەن. مۇنداق چاغلاردا گويا مېھرىبان، جاپاكەش ئانام يېنىمغا كەلگەندەك، چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ، سەۋرى قىل قىزىم، ئۇلار دىگەن ئەر خەق، بىز بولساق خوتۇن كىشى... بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى سەۋرى - تاقەت. سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ... دەۋەتقانلىقىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن. شۇنداق، خوتۇن كىشىنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگىنى سەۋرى - تاقەت. سەۋرى - قانائەتچان خوتۇن كىشى بەخت-سائادەتلىك بولىدۇ، ھەر قېتىم ئانام ئاچچىقىنى يامان دادامدىن تاياق تەپ ئورنىدىن تۇرالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغاندا، چوڭ ئاناممۇ بۇ سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى » («ئوربىتا »).

ئاسىيەنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئانىسىنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈنۈشتە ناھايىتى چوڭ پەرق بولغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە تەقدىرىدە ھېچقانداق پەرقنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىمىز. ئەممەلىيەتتە ئۇلار ئارىسىدا يەنىلا ماھىيەتلىك پەرق مەۋجۇت. دەل مۇشۇنداق پەرق ئاسىيەنىڭ خاتىرىسىنى يوقۇتۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ زىيالىلىق سالاھىيىتى ئۇنى ھەرۋاقىت ئۆزلۈك ۋە تەقدىر ھەققىدە ئويلىنىشقا پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى روھى دۇنياسىدا ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ سىڭگەن ئەنئەنىۋى قاراشلىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇشىدۇ. نەتىجىدە ئاسىيە ئۇزاق مۇددەت بوغۇلۇش، روھىنىڭ ئاۋازسىز ۋە شەكىلسىز بىر كۈچ تەرىپىدىن قىستىشى نەتىجىسىدە روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بىراقلا پارتىلايدۇ، يەنى خاتىرىسىنى يوقىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خاتىرىسىنى يوقۇتۇش ئۇنىڭ ئازابلىق تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىكى ئاڭلىق تاللىشى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ئاسىيە خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەكسىچە ئۆز ئۆتمۈشىنى ئەسلەشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭدا بىر خىل ئۆتمۈشتىن قورقۇش پېسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.

ئەسەردە ئاسىيەنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە قارىماستىن ئۆزىنى توختىماستىن ئوربىتا ئىچىگە سۆرىشى ۋە ئۆزىنىڭ بەختسىز، بىچارە نىكاھىنى چىدامچانلىق بىلەن ساقلىشى قارىماققا ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىدىن ھەردائىم ئۈستۈن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئاقىۋەت ئاسىيەنىڭ خاتىرىسىنى يوقۇتۇشى بىلەن بۇ خىل ئۈستۈنلۈكمۇ، ئاسىيەنىڭ سەۋرى - تاقىتى  ۋە قۇربانلىقلىرىمۇ بىردىنلا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ.

« ھاڭغېرت كۆلى » يازغۇچىنىڭ يەنە بىر ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى. ئەسەردىكى زۆھرە مۇھەببەتتىن سۇ ئىچمىگەن كۆڭلىنى كەسىپكە بېغىشلىغان بىر زىيالى ئايال. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئەگرى - توقاي يوللىرىدا ئۆز مۇھەببىتىنى يوقىتىدۇ. كېيىنچە تەقدىرگە تەن بېرىپ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئەرگە ياتلىق بولىدۇ. گەرچە ئۇ يولدىشىدىن مىننەتدار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھەرقانچە قىلىپمۇ مۇھەببەت بېرەلمەيدۇ. ئەخمەتنىڭ مۇھەببىتى ئالدىدا ئۆزىنى ئەيىپلىك سانايدۇ ۋە بۇ خىل تۇرمۇشتا ئۆزىنى زورلاپ ياشايدۇ. ئۇ ئېغىر روھى بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدە ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلاش يولىنى تاللايدۇ ۋە تىرىشىپ كەسىپتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەسىپتە ئىلگىرلىشىگە قارشى ھالدا تۇرمۇشتا ئارقا - ئارقىدىن زەربە ۋە نۇرغۇن سوغۇقچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بەلكىم ئۇ ھەممىگە چىداپ ئۆتۈپ كەتكەنمۇ بولار ئىدى. ئەمما دەل شۇ كۈنلەردە ئۇ ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يوقاتقان تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىدۇ. قەلبىدە ئۇزۇن يىل ساقلانغان مۇھەببەت ئاخىرى زۆھرەنى ئائىلە، جەمئىيەت، ئەخلاق ۋە قائىدە- يوسۇن قاتارلىق رامكىلارنى تاشلاپ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ.

« دېمەك شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى قەلبىمدە تۇنجۇقۇپ كەلگەن ھېسسىيات بىردىنلا يوغان ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى سۇدەك شىددەت بىلەن ۋۇجۇدۇمنى قايتا ئىگەللىگەنىدى . ئەمدى ئۇنى توسۇشقا مەن قادىر ئەمەس ئىدىم . كېيىنكى ئىشلارنى تامامەن تەقدىرىمگە ، قىسمەتكە تاشلىدىم . مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە ئۆزۈمنى ، ئۆز بەختىمنى ھېسابقا ئالمىغانىدىم ، ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي قۇربان قىلىۋەرگەنىدىم . ئەمدى ئېشىپ قالغان ئازغىنە بەختىمنى ، ۋەيرانە مۇھەببىتىمنى يەنە قۇربان قىلىۋېتىشكە چىدىمىدىم ، زادىلا چىدىمىدىم . گويا سۇغا غەرق بولۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئادەم ئاخېرىقى بىر تال ياغاچقا جېنىنىڭ بارىچە يېپىشقاندەك ، مەنمۇ ئۇنىڭغا مەھكەم يىپىشتىم »(«ھاڭغېرت كۆلى ») .

نەتىجىدە يۈسۈپكە قەلبىنى ئىزھار قىلىپ يازغان خېتى ئەخمەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى بىلەن ئۇنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى كىشىلەر نەزەرىدىكى ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە تىكلىگەن ياخشى ئاياللىق ئوبرازى بىراقلا تۆكۈلىدۇ. ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنى چەتكە قاقىدۇ، ھەممىدىن ئېغىرى شۇكى، زۆھرە زور ئىشەنچ باغلاپ، ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئىزدەپ بارغان يۈسۈپ ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتمۈشنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن زۆھرە ئۆلىۋىلىش يولىنى تاللىماقچى بولىدۇ، ئەمما ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ئۇنىڭغا يەنە بىر يېڭى ھاياتلىق يولى بېغىشلايدۇ.

ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت زۆھرەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىدىكى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ھەرگىزمۇ بىردىنبىر سەۋەپ ئەمەس، بەلكى بۇ زۆھرەنىڭ ئۇزۇن يىللار بۇرۇختۇرما بولغان روھى دۇنياسىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشىدۇر. مۇھەببەت زۆھرە ئۈچۈن نوقۇل ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىيات مۇناسىۋىتىگىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ياشاش يولىنى تاللاش ھوقۇقىغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ قەلبىدە مۇھەببەتنى قايتا ھېس قىلىش بىلەن تەڭ ئۆز خاراكتىرى ھەم ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىت ئۈستىدىن جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ غايەت زور چىدام ۋە غەيرەت شۇ تۈپەيلى يۈز بېرىدىغان بارلىق كۆڭۈلسىزلىك ۋە بېسىمغا بىر ئۆزى يالغۇز يۈزلىنىدۇ. ئۇ پۈتۈنلەي تەنھا ۋە يار- يۆلەكسىز قالغاندا چۈشكۈنلىشىدۇ. ئەمما ئۇ ئاخىرقى دەقىقىلەردە ئۆز ھاياتىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

« ... ئاھ ، ھاياتلىق نېمىدېگەن ياخشى ، ئۇنىڭ ئىنسانغا بەخىش ئەتكەن تۇيغۇلىرى نەقەدەر قىممەتلىك . ئىگىرى ئاشۇ بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە قانداقمۇ ياشىغاندىمەن ؟ ھايات ماڭا ئاتا قىلغان بارلىق پاك تۇيغۇلىرىمنى ، پاك جىسمىمنى قانداقلارچە بىھۇدە نابۇت قىلغاندىمەن ؟ » ( « ھاڭغېرت كۆلى »).

ئۇنداق بولمىغاندا زۆھرە ئۆزىنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كېيىن ھاڭغېرت كۆلىگە ئۆزىنى تاشلىغان پېتى ئارقىغا يانمىغان، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ھاياتقا چىش تىرنىقى بىلەن يېپىشقان يەنە بىر زۆھرە پەيدا بولمىغان بولاتتى.

ئەخمەت زۆھرەگە ئوخشاش كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان زىيالى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇ زۆھرەنى ياخشى كۆرىدۇ. زۆھرەنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىغا ياردەم قىلىدۇ. لېكىن زۆھرە راستىنلا ئۇتۇق قازانغاندا بولسا، ئۇ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەخمەتنىڭ نەزەرىدە ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئائىلىنىڭ ئاساسى. ئەخمەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى ئۇنىڭ زۆھرەگە بولغان مۇھەببىتى بېقىندۇرۇشنى شەرت قىلغان ئەنئەنىۋى مۇھەببەت. شۇڭا ئۇ توي قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى قىيىنچىلىقلاردا قالغان يار- يۆلەكسىز ھەممە ئىشتا ئەخمەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغان زۆھرەنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئىنى- سىڭىللىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ. ئەمما زۆھرە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يىراقلىشىشقا باشلايدۇ. زۆھرە كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ مۇستەقىللىقنى قولغا ئالغان، ئەخمەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايانمايدىغان بولغاندا، ئەخمەت بىردىنلا چىداشلىق بېرەلمەيدۇ- دە، زۆھرەنى قەستەن ئازابلاشقا باشلايدۇ، نومۇسسىزلارچە خورلايدۇ.

ئاسىيە بىلەن زۆھرە دۇچ كەلگەن رىئاللىق شەكىل جەھەتتىن ئوخشىمىسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش. ھەر ئىككى ئايالنىڭ روھى دۇنياسىدا قاتتىق سىقىلىش ۋە بۇرۇختۇملۇقتىن پەيدا بولغان ئازابلىق جاراھەت مەۋجۇت. پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز- ئۆزىگە يۈزلەنگەن ۋاقىتتىكى تاللاش يولى ئوخشىمايدۇ. ئاسىيە ئازابلىق رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، يەنى خاتىرىسىنى يوقۇتۇش يولىنى تاللىغان بولسا، زۆھرە ئۇنىڭغا قارىغاندا ئۈزۈل- كېسىلرەك بولغان، ئۆزىنىڭ ياشاش يولىنى ئۆزى تاللاش يولىغا ماڭدى. ھالبۇكى بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈتكەن مۇھەببەتتىنمۇ، ئائىلە ۋە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىدىنمۇ ئايرىلدى. يۈكسەك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان بىر جەمئىيەتتە، ئۆزى تاللىغان يولدا ماڭغىنى ئۈچۈن يەككە- يېگانە قالدى. مانا بۇ زۆھرەنىڭ مۇھەببەت تراگىدىيىسىدىنمۇ ئارتۇق تراگىدىيە.

ئەمەلىيەتتە، يازغۇچى ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئەتكەن بۇ  خىل تىراگىدىيە ۋە پېرسۇناژلاردىكى زىددىيەتلىك ھالەتلەر دەل يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت سۇبىكتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

يازغۇچى ئەنئەنىۋى ئەخلاق، مۇھەببەت ۋە ئائىلە قارىشى كۈچلۈك بولغان جەنۇبى شىنجاڭ مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ قارىشىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىنىڭ ساقلانغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئۇنىڭ ئايال پېرسۇناژلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئارتۇقچىلىقلارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن باشقىلار ئۈچۈن قىلغىنى، ئويلىغىنى كۆپ. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئائىلىسى، يولدىشى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ياشايدۇ. ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. يازغۇچى بۇ خىل ھېسىيات ۋە بۇ خىل تۇرمۇشقا بەك پىششىق. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يازغۇچى قوبۇل قىلغان ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ۋە ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن شەھەر تۇرمۇشى ئۇنىڭغا ياخشى تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەربىيىلىنىش مۇھىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ماھىيىتىنى ئويغىتىدىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدىغانلىقىنى تونۇتتى. گەرچە ئاياللاردىكى بۇ خىل يۈزلىنىشلەر ئۇلاردا تېخى ئۆز- ئۆزىگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئاڭلىق ھالدىكى بىۋاستە ئەقلى ئىزدىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئەڭ ئىپتىدائىي باسقۇچنى بولسىمۇ بېسىپ ئۆتتى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ئاز- تولا پەرقلەندى. مۇھىمى بۇ ئايال ئوبرازلار ئاياللارنىڭ قىممىتىنى، ئىقتىسادى مۇستەقىللىقى ۋە ئىجتىمائىي تۆھپىسى بىلەنلا شەكلەن جەھەتتىن بېكىتىش قارىشى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاياللاردىكى پىكىر مۇستەقىللىقى يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆز قىممىتى ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسى تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. چۈنكى ئىنسان ئەزەلدىن ئۆز مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى بولۇپ كەلگەن ، ئىنساننىڭ ئۆز ماھىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ئاشكارىلايدىغانلىقى بىر ئېنىق ھەقىقەت ئەلۋەتتە .





ئىزاھاتلار:

    (1) چېن شاۋلەن : « ئەدەبىياتتىكى پارىژ ۋە شاڭخەي » ، گۇاڭشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستىتى نەشىرىياتى ، 2006- يىل خەنزۇچە نەشىرى ،20- بەت .

(2) يې يوڭشېڭ، لىيۇگۈيرۇڭ ، «يۇشۇرۇن ئوخشىتىش نەزىرىدىكى ئەر، ئايال جىنس پەرىقىگە ئىگە بايان شەكلى » ، شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتى ئىلمىي ژورنىلى ،  2006- يىللىق 3- سان (خەنزۇچە)   .




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ياخشى چىقىپتۇ. ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇنجى ماقالىسىنى ئوقۇپ شۇنچە خۇشال بولدۇم. داۋاملىق ئىزدىنىڭ! ئوقۇشىڭىز غەلبىلىك تاماملانغاي!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 6
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ ئىلمىلىكى چوڭقۇر، كۆز قاراشلىرى جايىدا شەرھىلەنگەن ، يېڭىلىقى بار ماقالە بولۇپتۇ،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنى ئۆزگىچە بىر نوقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىپتۇ.

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش