جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 16

چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر-بەرقى بىلەن سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر

ئىرادە ۋە نىشان: -ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى بىلەن سۆھبەت



DSCN0045.jpg

خاتىرلىگۈچى :  ئابدۇمىجىت مۇھەممەد


  رىياسەتچى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سورۇنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەزىز مېھمانلار، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېلۋىزور كۆرگىچىلەر، چىن يۈرەكتىن-چىن سۆز پروگراممىمىزنى ياختۇرۇپ كۆرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
   بىز بۇ قېتىملىق پروگرامىمىزدا ئىرادە ۋە نىشان دېگەن تېمىدا سۆھبەتلەشمەكچى، شۇڭا بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزغا، شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتوتىنىڭ لىكتورى، ئوقۇتقۇچى ئابلەھەت ئابدۇرېشىت بەرقى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلدۇق، قېنى قىزغىن قارشى ئالايلى.
   پروگراممىمىزغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆرۈرمەنلىرىمىز بەلكىم دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن،ئابلەھەت ئەپەندى بىزنىڭ بۇندىن ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىملىق پروگراممىزغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان، لېكىن بۇ قېتىمقى پروگرامىمىزدا بىز ئىجتىمائىي تىمىلاردا ئەمەس، سىزنىڭ ئۆزىڭىز باشتىن كەرچۈرگەن بىر مەيدان بىر قېتىملىق ئىرادە جېڭى توغرۇلۇق پاراڭلىشىمىز.
   رىياسەتچى: بۈگۈنكى ھىسياتىڭىز باشقا چاغلارغا قارىغاندا سەل باشقىچىغۇ دەيمەن؟
   بەرقى: ئىلگىرىكى پروگراممىلاردا ھەمراھلىرىم بار ئىدى، بۇ پروگراممىدا يالغۇز چىقىپ قالدىم.
   رىياسەتچى: ئازراق جىددىيلىشىۋاتامسىز؟
   بەرقى: ياق جىددىيلەشمىدىم.


داۋامى بار.....


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:18:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچى: ئۇنداق بولسا سۆھبېتىمىزنى باشلاپ كەتسەك، سىز بىلەن پاراڭلىشى جەريانىدىمۇ ئويلىنىپ قالدىم، نىشان ۋە ئىرادە توغرۇلۇق گەپ بولسا ئالدى بىلەن بىزدە ئىرادە بولىشى كېرەكمۇ ياكى نىشاننى ئىنىق قىلىۋېلىپ ئاندىن ئىرادىنى تىكلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئاۋال قايسىنى قىلىشىمىز كېرەك؟
  بەرقى: بۇ مەسىلىگە قارىتا كېسىپ ئېيتىدىغان گېپىم، ئاۋال نىشان بولىشى كېرەك، چۈنكى نىشان بولماي تۇرۇپ ئىرادە تىكلىۋالساق، بۇ ئىرادە نىمە ئۈچۈن تىكلەندى، نەگە بېرىش ئۈچۈن تىكلەنگەنلىكىنى ئېنىق بولمىغان ئىرادە بولۇپ قالىدۇ. ناۋادا بىز  نىشاننى بېكىتىۋالساق  ئىرادە بوشراق بولۇپ قالسىمۇ، بىزنىڭ نىشانىمىز ئېنىق بولغاچقا ھېرىپ قالغاندا توختاپ قېلىپ ئەتىسى ھاردۇقىمىز چىققاندىن كېيىن يەنە مېڭىپ نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.لېكىن بىزدە نىشان بولمىسا نەگە بارىمىز، نىمە ئىش قىلىمىز ھېچقايسىسى ئېنىق بولمىغاچقا، بىز بېشى يوق چىۋىنگە ئوخشاش، بىر دائىرىدە پىقىراپ، بارغان يېرىمىز ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن، بىر ئادەمنىڭ دۆڭ كۆۋرۈككە بارىمەن دەيدىغان نىشانى بولسا، چۇقۇم شۇ نىشان بويىچە قايسى يول بىلەن ماڭىمەن، قايسى ماشىنىغا چىقىمەن دېگەنلەرنى كاللىسىدا ئانالىز قىلىپ شۇ تەرەپكە قاراپ سىلجىيدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ شۇ تەرەپكە بېرىش نىيىتى بولمىسا، نىشانى بولمىسا ئۇنىڭ دۆڭ كۆۋرۈككە بارالىشى ناتايىن.
   رىياسەتچى: ئالدى بىلەن نىشان ئېنىق بولىشى كېرەككەن شۇنداقمۇ؟ سىزنىڭ شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىر مەيدان ئىرادە جېڭى» دېگەن ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم، ئەڭ دەسلەپتە سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى يېتىلدۈرگەن نىشانىڭىز خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئىكەن، لېكىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىش جەريانىدا سىز دىققەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن مۇئەللىمدىن بىر قېتىم تاياق يەپتىكەنسىز شۇنداقمۇ؟
   بەرقى: كىچىك ۋاختىمدىن باشلاپ ئاز تاياق يەپ چوڭ بولغاچقا، باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا تۇنجى قېتىم خەنزۇتىلى دەرستە،   سورىغان بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمىسەم ئوقۇتقۇچى سۈپۈرگىدىن ئاجرىتىۋالغان تاياق بىلەن كاللامغا بىزنى ئۇرغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككى كۈن مەكتەپكە بارمايمەن دەپ قېچىپ يۈردۈم، لېكىن ئانام مىنىڭ  سىنىپ مۇدىرىم ئىدى.شۇڭا مەكتەپتىن قاچاي دىسەم ئۆيدىن قىچىپ كەتسەم بولىدىكەن، شۇڭا ئاخىرى يەنە مەكتەپكە كىرىشكە مەجبۇر بولدۇم، لېكىن ئىككىنچى قېتىم يەنە تاياق يەپ قالماسلىق ئۈچۈن مەن قايتىدىن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.شۇڭا بۇنى بىر ئىرادە دېيىشتىن كۆرە تاياق يىيىشتىن، ئىزا ئاڭلاشتىن قورقۇش تۈپەيلى ئۆگىنىش قىلىش دېسەكمۇ بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:19  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچى: لېكىن شۇ بىر قېتىملىق تاياق يىيىش سىزنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپتىكەن شۇنداقمۇ؟
   بەرقى: مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قايتا تاياق يىمەسلىك ئۈچۈن باشقا بالىلارغا ئوخشاش نورمال ئۈگەندىم، لېكىن ئىمتىھان بېرىپ بولۇپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەتتىم. مەن تاكى ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا ئىزچىل خەنزۇتىلى ئۆگەندىم، سىنىپ بويىچە نەتىجەم ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى، لېكىن شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا كېلىپ قاراپ باقسام، خەنزۇ تىلى سەۋىيەم سىنىپتىكى 30بالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىكەن.   مەن ئىلگىرى ياخشى ئۆگەندىم دېگەن، لېكىن ئۇ مەن ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۆلچىمى ئىكەن، لېكىن تېخىمۇ بەك ياخشى ئۆگەنگەن ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ قاراپ باقسام، ئاساسەن ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن.
   رىياسەتچى: ئاساسلىقى يازغۇچى بولۇش ئارزۇيىڭىز بار ئىكەن، شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپتىكەنسىز، ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ خەنزۇتىلى جەھەتتە ھەقىقەتەن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن خەنزۇتىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنمىسەم بولمايدىكەن دېگەن ئويغا كەپتىكەنسىز، ھازىر داۋاملىق تۈردە ئانا تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋېتىپسىز، مىنىڭ قارىشىمدا يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەكمۇ؟
  بەرقى: مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا كاللامغا تۇيۇقسىز يازغۇچى بولۇش دېگەن بىر ئوي پەيدا بولدى، لېكىن مىنىڭ كاللامدا يازغۇچى بولۇش دېگەن ئاڭنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان نەرسە  شۇكى ،مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە  بىر مەشىق ئەسىرىم تويۇقسىزلار خوتەن« يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ قالدى. لېكىن مەن بۇنى ئېلان قىلىنىپ قالار دېگەن ئويدا ئەمەس بەلكى مەن بۇ ئەسەرنى ياخشى يازدىم،ژورنالدىكىلەر كۆرۈپ باقسا دەپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ئەۋەتكەن، كېيىن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىم، ئارىدىن 4ئاي ئۆتكەن ۋاقىتتا بىر بالا ماۋۇ ژورنالدا ئىسمىڭىز تۇرىدۇ دىدى، قارىسام مىنىڭ ئىسمىم شۇ، ئەسەرمۇ شۇ،  بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتىم، مەن بۇ خوشاللىق بىلەن ئوچىرىغانلىكى ئادەمگە بۇ ژورنالنى كۆرسىتىپ يۈردۈم، ئارلىقتا تويۇقسىز قەلەم ھەققى كېلىپ قالدى.
رىياسەتچى: قانچە پۇل كەلگەنتى؟
بەرقى: ئاز بولسىمۇ 10كوي كەلگەن، ئۇ ۋاقىتتا  5موچەنگە بىر تەخسە لەغمەن، 4،  5 موچەنگە ياخشى كىتاب سېتىۋالغىلى بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن 10كوينى ئېلىپ چىقىپ ئۇزۇندىن بويان سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن لېكىن پۇلۇم يوق ئالالمىغان كىتابلار نىڭ  ھەممىنى سېتىۋالدىم. كېيىن  -ھە بۇمۇ بىر ياخشى ياشاش ئۇسۇلى ئىكەن ،يازغۇچى بولۇش خىزمەتكە چىقىپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا مەلۇم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىش ئىكەن دەپ تېخىمۇ بەك قىزىقتىم.  ئەسەرلىرىممۇ ئېلان قىلىنىپ تۇردى، قەلەم ھەققىنىمۇ ئېلىپ تۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىم سەن تەبئىي پەندە ئوقۇ دىسە  ا ئونىماي شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم.   ئالى مەكتەپتە مەن ئىرىشمەكچى بولغان بەزى بىر مەنبە ۋە بىلىملەرنىڭ   بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ماتېرىياللاردا كۆپ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى دەۋردە مودا بولغان گۇڭگا شېئىر قىزغىنلىقى  مېنى  گۇڭگا شېئىرغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئادەم بىرخىل چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلىدىغاندەك ياكى مەن چۈشىنەلمەيدىغان گەپلەرنى قىلىدىغاندەك تۇيغۇغا  كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن   كاللامدا مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنى  زادى بىر چۈشىنىپ بېقىش ئويى پەيدا بولدى، لېكىن يەنە   ئىرادىسىزلىكىم تۈپەيلى بىرەر يىلدىن كېيىن ئۆگەنسەممۇ بولار دەپ ئويلاپ يۈردۈم،  ئارلىقتا   يېقىلىپ چۈشۈش سەۋەبىدىن  پۇت سۆڭىكىمگە مەلۇم دەرىجىدە دەز كەتتى. تىببىي ئۇنۋېرستىت دوختۇرخانىسى تىزىمغىچە گىپىسكە ئېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ھەركەت قىلالمايدىغان بولدۇم. ئوقۇتقۇچىلىرىم يۇرتۇڭغا كېتىپ ئارام ئال دېدى،  يۇرتۇمغا مېڭىشتىن ئېلگىرى   ساۋاقداشلىرىمغا   ماڭا خەنزۇتىلى كىتابتىن بىرنى ئەكەپ بەر دەپ تاپىلىدىم.  ساۋاقدىشىم ماڭا بىر پارچە رومان ئەكەپ بەردى. ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ،  1990-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى مەن يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققان ۋە ئويدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا سىرتقا چىقالمىغاندىن كېيىن، خەنزۇچە ئۆگىنىشنى باشلاي دەپ كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. مىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق تىل ئۆگىنىش بولدى.
   مەن غايە زور ئىرادە بىلەن كىتابنى ئاچسام بىرىنچى بېتىدە مەن تۇنۇيدىغان خەنزۇچە خەتلەر 40پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن،مەن كۈندە بىر بەت، بىر بەت ئۈگەندىم،تونۇمايدىغان خەتلەرنى لوغەتتىن ئىزدەپ خاتىرە قالدۇردۇم ئۇ كىتاب تەخمىنەن 230نەچچە بەتلىك كىتاب ئىدى، تەخمىنەن 20 كۈن بولغان ۋاقىتتا، 50بەتكە يېقىن ئوقۇپ بولدۇم، سۈرئىتىممۇ سەل تېزلەشتى ھەم  سەل چۈشەنگەندەك بولدۇم.8-ئاينىڭ 20-كۈنى كىتابنى تولۇق ئوقۇپ بولدۇم.بىز 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بولۇش كېرەك بولغاچقا ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدىم، ئۇ چاغدا ئاپتۇبۇس ئۈرۈمچىگە 5كۈندە كېلەتتى، مەكتەپكىمۇ كەلدىم، ئەشۇ كىتابنى ئىككىنچى قېتىم ئوقۇشقا  باشلىدىم، بۇ قېتىم بىر ئايدا قايتا ئوقۇپ بولدۇم. دەل شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بۇ كىتابقا بولغان چۈشەنچىم تەخمىنەن 80پىرسەنتكە كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن خوشاللىقتا 3-قېتىم ئوقۇدۇم، بۇ قېتىم 10نەچچە كۈندە ئوقۇپ بولدۇم. شۇ ۋاقىتتا بىزگە خەنزۇتلدىن ئاساس دېگەن كىتابنى ئۆتەتتى،   قارىسام بۇ كىتابتا  مەن بىلمەيدىغان خەتلەر قالماپتۇ.  سىنىپتىكى خەنزۇ تىلىدا  قالاق بىر ئوقۇغۇچىدىن سىنىپتىكى تۇنىيدىغان خەت سانى ئەڭ كۆپ، كىتابنى ياخشى  ئوقۇپ چۈشىنىدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا ئايلاندىم، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىمۇ، مىنىڭ قۇلىقىم خەنزۇچە ئاڭلىيالمايدۇ، ئېغىزىم خەنزۇچە سۆزلىمەيدۇ، ئەمما بىردىن بىر ئالاھىدىلىكىم خەتنى ئوقۇپ تونىيالايمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىلگىرى بىر كىتابنى ئوقۇسام ئىلگىرىكى 40پىرسەنت چۈشىنىدىغان ھالەتتىن 80 ، 90پىرسەنت چۈشىنىدىغان ھالەتكە ئۆزگەردىم، بۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. 1990-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ 1992-يىلى يازغىچە بولغان ئارلىقتا، مەن سىفەن داشۆنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ خەنزۇچە بۆلىمىدىن دىن ھەر ھەپتىسى  چەتئەل ئەدەبىياتى ،بولۇپمۇ مودېرنىزىمغا ئائىت 3، 4 پارچە كىتاب ئاچىقىپ ئىزچىل 2يىل ئوقۇدۇم، مەن كىتابتىن بېشىمنى كۆتەرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، مەندە بىر خىل غەلبە قىلىش خوشاللىقى پەيدا بولدى، بۇ غەلبە خوشاللىقى مىنى تېخىمۇ بەك تېرىشىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى، مەنمۇ خەنزۇچە ئۆگەنگىنىمنىڭ پايدىسىنى  كۆردۈم. كاللامدا مودېرنىزىم ئەمەس ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرمۇ خېلى زور دەرىجىدە ئايدىڭلىشىپ قالغان ئىدى.
ھازىر مىنىڭ ئۆيىمدىكى كىتابلىرىمنى 100پىرسەنت دېسەك تەخمىنەن 70پىرسەنتتى خەنزۇچە، 20پىرسەنتتى ئۇيغۇرچە 10پىرسەنت كىتاب ئۆزىم بىلىدىغان بىر نەچچە خىل تىلدىكى كىتابلار بار. مەن شۇ جەرياندا مۇشۇ كىتابلاردىن غايەت زور بىلىم ئالدىم دېسەم بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:21  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچى: سىز ئىنگلىزتىلىنى 30ياشتىن ئاشقاندىراق باشلاپتىكەنسىز، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندى كېيىن، سىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولىۋاتسىڭىز نۇرغۇنلىغان ياشلار سىزگە ھەۋەس قىلىدۇ، بولدى مەن مۇئەللىم بولغاندىكىن يەنە ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەپ قارايدۇ،
سىز نىمە ئۈچۈن يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يەنە ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىپ ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
بەرقى: مەن 20ياش ۋاقىتلىرىمدا   كىتاب ئارقىلىق بېلىش ۋە باشقىلاردىن ئاڭلاش ئارقىلىق بېلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى شەكىلدە ئۆزۈمنىڭ بىلىمىنى تولۇقلايتتىم. كېيىن تويۇقسىز بىرسى ماڭا، مەلۇم ياشقا كىرىش ئارقىلىقمۇ  ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ھىس قىلغىلى ،بىلگىلى بولمايدىغان مەلۇم ئىشلارنى ھىس  قىلغىلى،بىلگىلى  بولىدۇ، 30ياشقا كىرگەندە ، 30ياشقا چۇشلۇق نەرسىنى ھېس قىلالايسەن، 40ياشقا كىرگەندە  ، 40ياشقا چۇشلۇق نەرسىنى ھېس قىلالايسەن دېگەن،   مەن باشتا بۇگەپكە ئىشەنمىگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:23  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رىياسەتچى: ئۇنداقتا سىز 30ياشقا كىرگەندە نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
   بەرقى: مەن 30ياشقا كىرگەن تۇرۇپ قاراپ باقسام، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يېشى ئادەمگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدىكەن،30 ياشقا كىرگەندە ھەقىقەتەن  ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىلگىرى ھاياتىمغا  نەزەر سېلىپ يەكۈنلەپ باقتىم.  30 ياشتىن  ئىلگىرىكى ھاياتىم، نىسپەتەن تىرىشچانلىق بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، 30ياشتىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر نەچچە خىل ئىشنى قىلىپ بېقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ نىشان بېكىتتىم. بۇ نىشانلارنىڭ ئىچىدە   ئىنگلىز تىلىنى 40ياشقىچە تىرىشىپ ئۆگىنىپ  بۇ تىلدا  ماتېرىيال كۆرەلەيدىغان ،سۆزلىشەلەيدىغان بولسام،   دۇنيانى كۆزىتىش نوقتام يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈلسە دېگەن پىلانمۇ بار ئىدى. 30ياشتىن كېيىن شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى، ۋاقىت يىتىشمەسلىك قاتارلىق ئامىللار  بىلەن ئىنگىلىز تىلىنى بەزى ئۆگىنىپ بەزى تاشلىۋېتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالىمدىن ئۆزىم رازى، 40ياشقا يېقىنلاپ قالغان بولساممۇ، ئىنگلىزچە كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىپ ئۆزىمنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىققۇدەك ھالغا يەتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:24  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:25:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رىياسەتچى: بىزدە بىر تىلنى ئارتۇق ئۆگەنسەڭ سىنىڭ دۇنياغا بولغان تونۇشۇڭ، چۈشەنچەڭ، تەپەككۇرۇڭ شۈنچە كىڭىيىدۇ، ئېچىلىدۇ دېگەن بىر گەپ بار. شۇنىڭغا ئوخشاش بىز تىل ئۆگىنىشكە قانچە ئەھمىيەت بەرسەك ئۆزىمىزنىڭ بىلىم دائىرىمىز شۇنچە كېڭىيىپ بارىدۇ، مىنىڭچە سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىڭىز شۇنداق يۇقىرى ئىكەن، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ياشلار تىل ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ، ھەم قايسى تىل ئاسان بولسا شۇ تىلنى ئۆگىنىۋالساق دەپ، ئامال بار شۇنىڭغا قارايدۇ، سىزمۇ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ياپۇنچە ئاساس ئۆخشايدۇ، دەپ. ياپۇنچىگە قىزىقىپ بېقىپتىكەنسىز ھە؟
     بەرقى: ئەشۇ چاغلاردا مەكتەپكە بىر پارچە ئېلان چاپلىنىپتۇ، ئەشۇ ئىلاندا ياپۇن تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۇيغۇرتىلى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاش باشقا تىللارغا قارىغاندا ئۆگەنمەك ئاسان دېگەن مەزمۇنلار بار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن كاللامدا، خەنزۇتىلى ئۆگىنىپ بەك زېرىكىپ كەتكەن بولغاچقا، تەس خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ قىينىلىپ يۈرگىچە، ماۋۇ ئاسان ياپۇن تىلىنى ئۆگىنىپ بىر تىل بىلىدىغان بولۇپ يۈرمەيلىمۇ، دەپ،سىنىپتىكى 30بالىدىن تەخمىنەن 20نەچچە بالا شۇ كۇرۇسقا قاتناشتۇق،   ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قاراپ باقسام، ياپۇن تىلى مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن. ئىچىدە خەنزۇچە خەت ناھايىتى كۆپ ئىكەن، شۇڭا مەن خەنزۇچە ئۆگەنمەي تۇرۇپ ياپۇنچە ئۆگىنەلمەيدىغانلىقىمنى ھەم شۇ دەۋردە ماڭا ئەڭ لازىم بولىدىغىنى يەنىلا خەنزۇتىلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۇرۇستىن چىقىپ كەتتىم. بىر ئاغىنەم شۇ چاغدا چاخچاق قىلىپ بۇ ئاغىنەم ياپۇنىيەگە بارىمەن دەپ بوخەي دېڭىزىدىن قايتىپ كەلدى دېگەنتى، لېكىن مەن بوخەي دېڭىزىدىن قايتىپ كەلگەن بىلەن قالغان 20نەچچە ساۋاقدىشىمنىڭ ھەممىسى ياپۇنىيەگە بارماي يېنىپ چىقتى، داۋاملاشتۇرالمىدى. ئەمىلىيەتتە، ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ھەممە  ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدا چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بولىدىكەن، بۇ قىزغىنلىق بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئىچدە «ب د ت» نىڭ خىزمەت تىلىنىڭ ھەمىسىنى ئۆگىنىپ باققان ھالەتنى شەكىللەندۇرگەن ئىدى. مەسىلەن: ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىپ بېقىپ زېرىكسە فىرانسۇزچە ئۆگىنىپ، بىكارغا ئەرەب تىلى ئۆگىتىدىكەن دىسە ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ بېقىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلارنى بىر يەرگە يىغساق، ب د ت نىڭ بەش خىل خىزمەت تىلىدا ياخشىمۇسىز، خەيىر-خوش دېگەننى دىيەلەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:25  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رىياسەتچى: قانداقلا ئىش قىلمايلى؛ مەيلى تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلاردا بولسۇن يەنىلا ئىرادە بولۇش كېرەك ئىكەن، ئىرادە بولغاندىمۇ سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىزگە قاراپ باقسام ئىرادىڭىز سەل كۈچىيىپ، سەل ئاجىزلاپ بىرىپتۇ، خۇددى تاشپاقىغا ئوخشاش توختاپ، توختاپ يەنە ئاخرى ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىغا يېتىپتىكەنسىز ھە؟
    بەرقى: ئىرادە دېگەن مەسىلىگە كەلسەك مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئىرادىلىك ئادەمگە ھەۋەس قىلاتتىم، ئەمما ئۆزۈم ئىرادىلىك ئەمەستىم.
   رىياسەتچى: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە قانداق ئادەم ئىرادىلىك بولىدۇ؟
        بەرقى: بىر ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئاخىرىغىچە ئېلىپ چىقالايدىغان ئادەم ئىرادىلىك بولىدىكەن، ماڭا ئوخشاش ئارلاپ توختاپ قېلىپ، يەنە دەۋاملاشتۇرىدىغان ئادەملەر  سەل ئىرادىسىز ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:27  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچى: قاراپ باقسام سىز، «مۇشۇ مىنىڭ ئۆمۈرلىك نىشانىم» دەپ بىرلا نىشانغا ئېسىلىۋالمايدىكەنسىز، مىنىڭچە سىزنىڭ ئۆگىنىش دائىرىڭىزنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ نىشانىڭىز يوقىرىلاپ ،يېراقلاپ ماڭىدىكەن شۇنداقمۇ؟
  بەرقى: مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مەن يەتمەكچى بولغان بىر نەچچە نىشاننى بەلگىلىدىم، بۇ مىنىڭ غايەم بولۇپلا قالمىسۇن دەپ ئويلاپ مەن بۇنىڭغا كونكىرت پىلان بېكىتتىم. مەسىلەن: مەن پالانى ئىشنى قىلماقچى، بۇنى قاچان قىلىمەن 10يىلدا قىلىپ بولالامدىم ياكى 20يىلدىمۇ، ئۇنداق بولسا 10يىلدا قىلىپ بولىمەن دىسەم، دەسلەپكى ئىككى يىلدا نىمە ئىش قىلىمەن كېيىنكى يىلدا نىمە ئىش قىلىمەن دەپ، بۇ 10يىلنىمۇ مەن بىر نەچچە پارچىگە بۆلدۈم، بۇ پارچىلارنىمۇ كونكىرت بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئاشۇ 10يىللىق پىلانغا يېتىش ئۈچۈن بۈگۈن مەن نىمە ئىش قىلىمەن دەپ،   ئېنىق نىشانلارنى بېكىتتىم، نىشان بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن كاللامدا ئۆزۈمگە بېرىپ قويغان ۋەدە بار، يەتمەكچى بولغان نىشان بار، شۇنىڭ بىلەن ئىرادىمۇ غىدىقلىنىپ تۇرىدىكەن، بەزى چاغلاردا قېيىپ كېتىپ 4 ، 5 كۈن ئويناپ كېتىپ قالىدىغان،  نىشاننى ئۇنتۇپ قالىدىغان  ئىش بولۇپ قالىدىكەن، لېكىن ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىزمۇ يەنە «توختا منىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىم بار» دەپ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەيدىكەنسىز، ئەڭ ئاخىرىدا دېگەن نىشانغا يېتەلمىسىڭىزمۇ شۇنىڭغا خېلى يېقىلاپ قالىدىكەنسىز، شۇ جەرياندىمۇ ئادەم نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشىپ قالىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:29  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:29:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رىياسەتچى: ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمدى شۇ دەرس مۇنبىرىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقالاپ قېلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆگىنىش كېرەك شۇنداقمۇ؟
     بەرقى: بۇ گىپىڭىز توغرا، لېكىن بىر ئوقۇتقۇچى دەرس مۇنبىرىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالىمەن دەپ تىرىشسا ساقلاپ قالالمايدۇ. نىمە ئۈچۈن دېگەندە ئۇنىڭ نىشانى بەك ئاددى، دەرس دەرس مۇنبىرىدىكى ئورنىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن دېگەن ئادەم ئاللىقاچان شۇ ئورنىنى ساقلاپ قالالمىغان بولىدۇ. لېكىن مىنىڭ نىشانىم سەل يۇقىرى، مەن ھەرگىز مەكتەپتىكى دەرس مۇنبىرىدىكى ئورنۇمنى ساقلاپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك يۇقىرى نىشانلار بار. مەن ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىمەن، بەلكىم مەن ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدىكى ئەڭ قېرى ئاسپىرانت بولسام كېرەك، لېكىن مىنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشۇمدا  ئىككى سەۋەب بار.
    بىرىنچىسى: مەن ئۆزۈمگە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنى، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىمەن دەيدىغان ھاياتلىق شەكلىنى تاللىۋالغان، مەن مۇشۇنىڭغا مايىل.
    ئىككىنچىسى: 20يىل نەچچە ياش ۋاقتىمدا غەربلىك بىر تەتقىقاتچىنىڭ- ئادەم كاللىسىنى قانچا ئىشلەتسە كاللىسى شۇنچە سەگەك ياش تۇرىدۇ، كىم كاللىسىنى ئىشلەتمىسە شۇ ئادەم شۇ ئاسان قېرىپ كېتىدۇ دېگەن، شۇڭا مەن تېخىمۇ بەك ياش تۇرۇش قېرىپ كەتمەسلىك، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ساق تەپەككۇرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كاللامنى توختىماي ئىشلىتىش كېرەككەن، ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلى- يېڭى ئۆتكەللەرنى ئالدىن تۈزۈتۈپ جەڭ ئېلان قىلىپ كاللىمىزنى بىلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك ئىكەن.
شىنجاڭ داشۆدىكى ئوقۇشۇم بەلكىم ئالتە يەتتە  يىلدا تۆگىشى مۇمكىن، ئۆزىمنىڭ كەسىپىگە ئائىت جۇڭگودا بار ئوقۇش تورىنىڭ ئەڭ يوقىرى دىپلوملىرىنى ئېلىپ بولغىچە ئوقىماقچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:31  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:31:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رىياسەتچى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارى بولسۇن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن تەپەككۇر جەھەتتە سەل پىشىپ يېتىلمىگەن، لېكىن يېڭىلىققا داۋاملىق ئىنتىلىپ تۇرىدىغان مەزگىل بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە نىشاننى سەل ئېنىق قىلىۋالمىسا قېيىپ كېتىدىغان ياكى ئىرادىنىڭ بوشلىقى تۈپەيلىدىن نىشان، غايە تەسەۋۋۇرنىڭ ئورنىدىلا قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە قانداق قىلىشى كېرەك؟
    بەرقى: بۇ سۇئالنى ناھايىتى ياخشى سورىدىڭىز، مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى 15يىل بولدى، بۇ جەرياندا بالىلار بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ مۇڭدىشىپ  تۇرىمەن، مۇشۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم نەرسەم- ئوقۇغۇچىلاردا غايە ناھايىتى ياخشى، لېكىن نىشان يوق، ئۇلار ئۇلۇغ ئىشلارغا غايە قىلىپ قويۇپ بۇنى نىشان سۈپىتىدە بەلگىلىۋالماي، غايە سۈپىتىدە ساقلايدۇ.  نىشان بارمۇ؟ دىسە، بار دەيدۇ-دە غايىسىنىڭ نىمىلىكىنى دەپ بېرىدۇ. ئۇنداق بولسا نىشانغا قاچان يەتمەكچى؟ قانداق يەتمەكچى دەپ سورىسىڭىز ھەمىمىسى دودۇقلاپ تۇرىدۇ. 18ياشقا كىرىپ ئالىي مەكتەپكە كىلىپ، سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا  ھاياتىغا نىسبەتەن بىر ئىنىق نىشان شەكىللەنمىسە بۇ نىمە بولغىنى دەپ ئويلىسام. بۇ تولۇق ئوتتۇرىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئىكەن، ئۇ تولۇقسىزنى مەنبە قىلغان ئىكەن،  ئېنىق دېسەك ئاتا-ئانىلاردا   غايە تەربىيىسى بېرىش مېتودى يوق بولۇش  بىلەن بىرگە نىشان بېكىتىپ بېرىدىغان تۈزۈم يوق ئىكەن. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز كىچىك ۋاختىمىزدىن باشلاپ بىزدە بىرخىل غايىنىڭ بولىشىغا ناھايىتى كۈچەيدىكەن، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا دوختۇر بولىمەن، ئۇچقۇچى بولىمەن دىسە ۋاي- بالام ئۇچقۇچى بولىمەن دېدى، دوختۇر بولىمەن دېدى دەپ شۇنداق خوش بولۇپ كېتىدىكەن، لېكىن بالىسىغا دوختۇر بولۇش ئۈچۈن مۇنداق ئىش قىلىش كېرەك، ئۇچقۇچى بولۇش ئۈچۈن مۇنداق ئىش قىلىش كېرەك، مۇنداق يوللارنى بسىش كېرەك دېگەنلەرنى تەكىتلەپ،بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مېڭىش كېرەك بولغان يوللارنى ئىزچىل ئىسىگە سېلىپ تۇرمايدىكەن، بەزى چاغدا ئىسىگە سالغاننىڭ نىمە پايدىسى دەپ ئويلايدىكەن، كىچىك بالىلارمۇ مەن ئۇچقۇچى بولىمەن، دوختۇر بولىمەن دىسەم ئاتا-ئانام خوش بولىدىكەن دەپ جەمىيەتنى ئۆزىنى خوش قىلىپ،شۇ گەپلەرنى تولا دەپ  دوختۇر بولۇش، ئۇچقۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق يوللارنى مېڭىش كېرەك مەسىلىلەرنى ئويلىمايدىكەن. شۇڭا مىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەكلىپىم-  كىچىك بالىلاردا غايە يىتىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئاشۇ غايىگە قانداق يىتىش ،غايىنى نىشان قىلىپ ئۇنىڭغا  قانداق يىتىشجەريانىنى ئۆگىتىش كېرەك.   كىچىك بالىلار قارىماققا مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھېس قىلالمايدىغاندەك كۈرۈنىدۇ، لېكىن بىز بۇ توغرۇلۇق بالىلارغا سۆزلەۋەرسەك، پىكىرلىشىۋەرسەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ ئاددى تىللار بىلەن نىشان بەگىلەشنىڭ ئۇسۇلۇنى  ھەر بىر ئىشىنىڭ كونكىرىت قەدەم باسقۇچلىرىنى ئۇلارغا ئۈگەتسەك ،بالا بىر قانچە يىل ئىچىدە غايە بولىشى مۇھىم  ئىش ئىكەن ،لېكىن غايە بولۇپلا قالماي يەنە نىشان بولمىسا بولمايدىكەن، نىشان بولۇپ كونكىرىت پىلان بولمىسا بولمايدىكەن، پىلان بولۇپ ئىرادە بولمىسا تېخىمۇ بولمايدىكەن دېگەندەك بىر قاتار ئۇقۇملارنى ئېگىلىۋالالايدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىش قىلمىقى، ئىرادە، نىشان تىكلىمىكى، ناھايىتى ئاسان بولىدۇ. مەسىلەن: مەن ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە يېزىقچىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن دەرس بېرىمەن، دەرس بەرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان بالىلارغا بەزى يوللارنى كۆرسىتىمەن، بەزى بالىلار مىنىڭ بۇ ئۈگۈنۈش يوللىرىمنى  قوبۇل قىلغانلىقى، نىشان بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.  مەن ئويلايمەن، ئەينى دەۋردە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا  مىنىڭ  ئېنىق نىشانىم بولغان بولسا، نىشاننى پىلانغا ئايلاندۇرالغان بولسام، مەن ئەينى دەۋرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋەتكىلى بولاركەندۇق.  سىز بايام سۆزلەپ ئۆتكەندەك بەزى ئىشلارنى قىلدىم، مەلۇم دەرىجىدە جامائەتنىڭ ئىتراپ قىلىشىغىمۇ ئېرىشتىم، لېكىن، ئەينى دەۋردە مەن ئېنىق نىشان، ئېنىق پىلان، ئاندىن ئۇنى يۈرگۈزىدىغان ئىلمىي جەريان بولغان بولسا مىنىڭ بۇ نەتىجىلىرىم نەچچە ھەسسە قاتلانغان بولاتتىكەنتۇق. مەن بۇنى 30ياشقا كىرگەندە ھېس قىلدىم، لېكىن 60 ياشقا كىرگەندە مەن ماۋۇ ئىشلارنى قىلماپتىمەن، مانداق ئىشلار تۈپەيلى ماۋۇ ئىشلار كەم قاپتۇ دەپ كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈم ھازىردىن نىشانلىق ۋە پىلانلىق ياشاشقا باشلىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:32  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچى: لېكىن ھازىر سۆزلىرىڭىزدىن ھېس قىلدىم، ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىل ھاياتىڭىز شۇ نىشان، غايىلىرىڭىزنى ئېنىق بەلگىلىۋالمىغىنىڭىزغا ئۈكۈنىدىكەنسىز ھە؟
     بەرقى: ھەئە، شۇڭا مىنىڭ ئويۇم سىز مىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن سىز ئاۋال مەكتەپنىڭ پىروگراممىسى نىمە، سىزنى نەگە ئاپارماقچى، بۇنى بىلىۋالغاندىن كېيىن سىز مۇشىنىڭغا ماس ھالدا ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىقىڭ، پىلاننى تۈزگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە غايىنى پىلان دەرىجىسىگە كۈتىرىۋالماي، پىلاننىڭ جەمىيەت تەرىپىدىن كارغا كەلمەيدىغانلىقى ۋە ياكى بۇ پىلاننىڭ ئىلمىي پىلان بولمىغانلىقىنى ھېس قىلساق، يەنە قايتا پىلان تۈزسەك بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز بۇ پىلاننى تۈزۈپ بولۇپتىمەن، لېكىن سىناپ باقاي دەپ قالساق، زىيان تارتىدىغىنى يەنە ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:33  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:34:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماشىبىن: مەلۇم بىر ماتېرىيالدا كۆرىشىمچە، دۇنياغا داڭلىق خارۋارت ئۇنۋېرستېتى نىشان توغرىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش، سىتاستىكا ئېلىپ بارغان، ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇقىم ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى بار ئوقۇغۇچىلار، 10پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانى بولغان، خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم نىشانى بولمىغان، 20يىلدىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا نىشانى قانچە مۇقىم ئەمەلى نىشانى ئۈچۈن تىرىشالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى شۇنچە يوقىرى بولغان. قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولغان، دېمەك بۇ يەردە بىزگە ئىنتايىن مۇھىم بولىۋاتقان بىر نەرسە بايام ئابلەت مۇئەللىم دەپ ئۆتكەندەك ئۆزۈمىزگە ماس كېلىدىغان ئېنىق بىر نىشانىنى بەلگىلىۋېلىش، ئاندىن ئاشۇ نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەش تولىمۇ مۇھىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:35  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تاماشىبىن: تىرىشچانلىق ۋە ئىرادە ئۈستىدە گەپ بولغاندا، مەن چن كۆڭلۈمدىن سۈيىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ روھىنى سېغىنىدىغان بىر ئادام بار، ئۇ بولسىمۇ 11-ئەسىردە ياشغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك تىلشۇناس مەھمۇد بوۋىمىزدۇر. نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسە دىگەندە، مەھمۇد بوۋىمىز، ئەرەب خەلقى بىلەن تۈرك خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە توسقۇنلۇق بولىۋاتقان تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر لوغەت تۈزۈشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان. ۋە دەشتى چۆللەرنى كېزىپ داۋانلار ئېشىپ، ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈرك خەلقى  پەخىرلەنگۈدەك «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن ئىبارەت قامۇس خاراكتىرلىك ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. سەن نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دەيسەن دېگەندە، مەھمۇد بوۋىمىز مۇشۇ جەرياندا بىزگە، بولۇپمۇ ياشلارغا ئىرادە دېگەن قانداق بولىدۇ، نىشاننى قانداق تىكلەش كېرەك، قانداق قىلغاندا مۇستەقىل ئىشلىيەلەيسەن، قانداق قىلساڭ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايسەن دېگەندەك بىر چاقىرقنى يەتكۈزۈپ بەرگەن دەپ ئويلايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:36  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھمان: مەسىلەن: بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن نىمە كەم دېگەندە، غايە ۋە نىشان ئىنتايىن كەم. مەن بەزىدە ئوقۇش پۈتتۈرش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپ قالىمەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نىمە ئىش قىلماقچى، نىمە ئىش قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟ دەپ سورىغان ۋاقتىمدا ئۇلار ئوقمايمىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر گەپ بولار دەيدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كېيىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭكى نىمە ئىش قىلماقچى، جەمىيەتكە زادى قانداق بىر ئادەم بولماقچى دېگەنلەر توغرىلىق ئويلىنىپ باقمىغان تۇرسا ئۇلارنىڭ كىلەچىكى نىمە بولماقچى؟ شۇڭا  بۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك ئىش. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:37  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 595
تۆھپە : 114
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچى: بۈگۈنكى سۆھبېتىمىزدە شۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلەلەيمىزكى، مەيلى بىز قانداق نىشاننى تۇرغۇزمايلى، بۇنىشاننى تۇرغۇزغاندىن كېيىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىشىمىز كېرەك، ھەمدە كۈچلۈك ئىرادە تىكلىگەندىلا ئاندىن ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشانىمىزغا يېتەلەيمىز.
شۇڭا بىز بارلىق ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانغا يىتىش ئۈچۈن، ھازىرقى ھەربىر مىنۇتنى ئوبدان، چىڭ تۇتۇشنى «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماي»ھەرقانداق ۋاقتىمىزنى تىرىشچانلىق بىلەن، ئەجىر مىھنەت بىلەن ئۆتكۈزىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، جاپا چەككەندىلا ئاندىن ھالاۋىتىنى كۆرەلەيمىز، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈگەندىلا، پارلاق ئەتىگە ئېرىشەلەيمىز.


بۈگۈنكى پىروگراممىمىز تۈگىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:38  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش