جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 30|ئىنكاس: 0

لوپنۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 15:36:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            لوپنۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى

                             ق
قارا ساقاقنى* ئوناغاندا * ، ( بېلىق )، ( ئويلىغاندا )
مانجاچى* ياتماس . (بېلىقچى )
ئۇزۇن پۇتنۇ * ئوناغاندا  ، ( غاز - ئۆردەك )
ئىشقاچى* ياتماس .  ( ئوۋچى ، شىكارچى )

قولۇڭ سىنسا يەڭ ئىچىدە ،
باشىڭ سىنسا بۆك ئىچىدە .

قىرىق يىلدا بىر ئېشەك ئويۇنى .

قۇم يەر - شۇم يەر ،
ساغىز يەر - ماغىز يەر

قىشكۈنۈ ئازۇق ئال ،
ياز كۈنۈ ئېگىن ئال .

قىزىمغا بەردىم قىغاقچە ،
بالامغا بەردىم ئوغاقچە .

قارىنداشتىن قارنىم ياخشى .

قەرزىدار بولاي دېسەڭ ،
ئۇنى ئالىپ بۇنى سات .
بەئەجەل ئۆلەي دېسەڭ ،
ئەسكى تام تۈۋىدە يات .

قوڭۇمدا ئىشتانىم يوق ، ئاتىم ماجان بۈۋى .

                      ك
كۆردۈم تۇتۇلدۇم ،
كۆرمەدىم قۇتۇلدۇم .

كۆمەكلىك * ئىتنىڭ قۇرۇغۇ ئۆرە . (ئۇرۇغ - تۇغقان )

كۆز بىلەن كۆرگەندىن ،
قۇلاقتا ئاڭلاغان يالغان .
كۆز بىلەن قۇلاق ئاراسىدا ،
بىر شاپالاق يەر قالغان .

كاجنى بازار ئوڭشايدۇ .

كۆرسەم ھالىم يوق ،
كۆرمەسەم كارىم يوق .

كارۋاننىڭ يولى بىر ، رىسقىسى باشقا .

كېلىننى كەلگەندە كۆرۈڭ ،
يېلىننى سالغاندا كۆرۈڭ .

كەلمەك ئىرادە ، يانماق ئىجازەت .

كۈرۈك ئوتۇننىڭ ئۇچىنى ئال ،
تۇغماس خاتۇننىڭ كۈچىنى ئال .

كىچىك بالانى ئىشقا يۇمشاساڭ * ، (بۇيرىساڭ)
ئارقاسىدىن ئۆزۈڭ بار .

              م
ماقۇلغا جاۋاپ يوق .

موللا يوقتا موللا مەن ،
موللا باردا يولدا مەن .

موللا قۇرئادىمۇ يېڭىلىدۇ * . ( ئازىدۇ )

موللا تولا يەردە قوي ھارام .


مەنبەئە : خەلقنىڭ
  خاتىرەمدىن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش