يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2664|ئىنكاس: 35

«شىىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىغا ئىككى كەلىمە سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«شىىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىغا ئىككى كەلىمە سۆز
ساۋۇتجان ئابدۇقادىر
ھەممىمىزگە مەلۇم ،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى دىيارىمزدىكى ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان «مۆتىۋەر»ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن رايونىمىزنىڭ،جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت،سەنئەت ،مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، رايونىمىز  ژۇرنالچىلىقىمىزنىڭ سەركىسىگە ئايلانماقتا. ئەلۋەتتە،ژۇرنالنىڭ نەتجىلىرىنى ئۇستاز ژۇرنالىسىت قۇربان مامۇت ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى بەگمەت يۈسۈپ قاتارلىق مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىرلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى رىقابەت ۋەزىيىتىدە ،ئەسەرلەرنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى ۋە تېخنىكىلىق ئۆتكەللەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ئارقىلىق ژۇرنالنىڭ  تەسىر كۈچىنى  يەنىمۇ كېڭەيتىش يالغۇز ئاپتور ۋە مۇھەررىرلەر ئوتتۇرىسىدىكى  مۇھىم مەسىلە بولۇپلا قالماستىن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلەپ –پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىشمۇ ژۇرنالچىلىقنىڭ تەرەققىياتىدىكى  تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالدى. تۆۋەندە مەن مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،  ژۇرنالنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىنى ئاساس قىلغان ھالدا ،بىر بۆلۈك تەكلىپ -پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1.        ماقالە –ئەسەرلەرنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىلىشىغا دىققەت قىلىنمىغان .بۇ سان ژۇرنالغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا، ئىملا خاتالىقلىرى بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز .مەسىلەن:
ئەسىلىي يېزىلىشى               توغرىسى                          بەت نومۇرى
توغرۇلۇق                       توغرىلىق                               11
شەكلى ئويغىنىش              شەكلىي ئويغىنىش                        14
كۆتۈرۈلىدۇ                    كۆتىرىلىدۇ                               15
تارتقۇ                         تاراتقۇ                                  18
ماركېس                      ماركس                                  30
ھاسىرىقى                    ھاسىرىشى                                50
يەم بوغۇز                   يەم –بوغۇز                               51
يۈگۈرۈيدىغان              يۈگىرىدىغان                                51
ئىنچىكىرەپ               ئىنچىكىلەپ                                 51
ئالدى كەينىدە           ئالدى-كەينىدە                              52
يولباشلاپ               يول باشلاپ                                  52
تەككەندۇ               تەگكەندۇ                                    52
قالدۇرغۇنۇمنىڭ         قالدۇرغىنىمنىڭ                                54
ئولاشقىنىدا             ئۇلاشقىنىدا                                   57
ژۇرنال-گېزىتلەردە       گېزىت-ژۇرناللاردا                            9
رۇسىيە                  روسىيە                                       9
سۇۋۇتتى                 سوۋۇتتى                                    51
ھېلى ھەم             ھېلىھەم                                       43
پاتىھە سۈرىسىنى        فاتىھە سۈرىسىنى                              56
ئەمەل ساھىپلىرى      ئەمەل  ساھىبلىرى                             52   
...
بۇنىڭدىن باشقا بۇ سان ژۇرنالدىكى ئەسەرلەردە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ،بولۇپمۇ «،»نىڭ جايىدا ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر .مەسىلەن:
«...بۈگۈن سېنىڭ پېشىڭگە سۇۋانسا ئەتە باشقا بىرىنىڭ ياندىقى بولۇپ كېتىدۇ.»
(53-بەت)
(«سۇۋانسا»دېگەن سۆزدىن كېيىن «،»قويۇلسا ،توغرا بولاتتى.)
«ئىدىيە يېڭىلانغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ كۆرمىش-ئەتمىشلىرىدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش ،يۈكسىلىش بولىدۇ دەپ،قارايمەن.»(44-بەت)
(«بولىدۇ»دېگەن سۆزدىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«ئەمما بۇقېتىم ۋاز كەچسەم ئوقۇش پۇرسىتىم يوق بولىدۇ.»
(44-بەت)
(«ئەمما،كەچسەم »دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇبالىغە قىلمايلا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،جۇڭگودا مۇنداق ‹مەدەنىيەت ئېگىزلىكى›ناھايىتى كۆپ.»(7-بەت)
(«ئۇنىڭ ئۈستىگە»دېگەن سۆزدىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«روشەنكى مۇنداق ئىجادىي ئىپتىدائىي ،بەدىئىي تەپەككۇر ۋە پەۋقۇلئاددە تەسەۋۋۇر شەكلى...»(5-بەت)
(«روشەنكى،ئىجادىي »دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«1.ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى. 2.تارىخىي ئەھمىيىتى. 3.ئەسەرنىڭ تىلى.»(10-،11-بەتلەر)
(بۇ كىچىك ماۋزۇلارنىڭ ئاخىرىغا «.»قويۇش توغرا بولمىغان.)
«بالىلىقىمنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى ساڭا،سەندەك بالىلارغا دەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.بالىلىقىمدا ئوينىغان قىزىق ئويۇنلار ،بارات كېچىسى ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىغا باغلانغان ياغلىق قاپاقنى كۆيدۈرۈپ بارات توۋلىدۇق دەپ مەھەللىمۇ مەھەللە يۈگۈرۈپ ئاتقۇزغان تاڭلار ...»(27-بەت)
(«كۆيدۈرۈپ،دەپ»دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلسا، بارات توۋلىدۇق دېگەن سۆز قوش تىرناق«  »ئىچىگە ئېلىنسا ،توغرا بولاتتى.ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بىر ئابزاستا چېكىتلىك پەش ‹؛›ئىشلىتىلىدىغان خېلى كۆپ ئورۇنلار بولسىمۇ جايىدا ئىشلىتىلمىگەن. )
...
2.ئەسەر مەزمۇنلىرىدا گرامماتىكىلىق ،مەنتىقىلىق خاتالىقلار مەۋجۇت .مەسىلەن:
ئۇ ئەنە شۇ يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلار بىلەن ئۆزىنىڭ زېھنىي –قۇۋۋىتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىپ،ئانا يۇرتىنى مەدھىيەلەيدىغان گۈزەل شېئىرىي مىسرالارنى ،نەسىرلەرنى ،ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىدىغان تارىخىي ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشقا ئاتلانغان. (9-بەت)
(ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشمىغان)
ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك كاتتا ئەدىبكە ئايلىنىشى كىچىكىدىن تارتىپ ئىلىم يولىدا زېرىكمەي –تېرىكمەي ئۆگىنىشى ،ئىجتىھات قىلىشىنىڭ خاسىيىتىدىن دېسەك،ئېلىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ،ھەتتا خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت –ئېتىبارىنى قوزغىغان ،ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنى ئۇنىڭ بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئىلىمگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقى ،ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.(11-بەت)
(ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشمىغان)
«سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى»،«شىمالدىكى ئايال پادىشاھ »،«چىڭگىزخاننىڭ ئادەمگەرچىلىكى»،«بۇلاڭچىلىقتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولماس»...قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي،ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى ،مەملىكەتلىك 9-قېتىملىق «تۇلپار»مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ،ئەدىب،تەتقىقاتچى تۆمۈر ئەپەندى(مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى)
(كۆپ چېكىت قويۇلغانىكەن، «نۇرغۇن»سۆزىنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. «...قاتارلىق ئىلمىي،ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى » دەپ ئېلىش مۇۋاپىق)
«ئالتۇنرەڭ چىغىر ...» (49-بەت)
(ھېكايە ماۋزۇزۇسىنىڭ ئاخىرىغا كۆپ چېكىت (...)قويۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك )
ئەمما شۇ ھالدىمۇ مۇنۇ سۈر ھاڭگىسىغا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ يەم بوغۇزنى ئۆزى بېرىپ ،ئۆزى سۇغاردى.يول–سەپەردىن قايتقىنىدا ئۆزى يۇمىلىتىپ،ئۆزى سۇۋۇتتى.(51-بەت)
(ئادەتتە ،ئېشەككە نىسبەتەن «يۇمىلىتىش» سۆزىنى ئەمەس ،«ئېغىنىتىش»سۆزىنى ئىشلىتىش بىر قەدەر مۇۋاپىق.«ئەمما »،«چىشلەپ تۇرۇپ »دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلمىغان. )
«بىز مۇشۇ مەسىلىلەرگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرغان ۋە ئەقلىيەلىك بىلەن ئويلانغان چېغىمىزدا شۇنداق بىر نۇقتىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز:رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلىرىمىزنىڭ بىرقىسىم پىروگراممىلىرى مۇشۇ خىل مايىللىقنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا ، بىر تۈركۈم ساددا كىشىلىرىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش قاپقىنىغا دەسسىشىدە زەربىدارلىق رولىنى ئوينىماقتا»(17-بەت)
(«ئەقىل بىلەن ئويلانغان چېغىمىزدا ،بىر قىسىم رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى»دەپ ئېلىنسا تېخىمۇ ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولغان بولاتتى)
«‹ئىدگىن دەرياسىنىڭ ئەڭ قىرغىقىدا ›رومانىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشىدىكى سەۋەب ...»(7-بەت )
(تىل ئادىتىمىزدە «ئەڭ قىرغىقى» دەيدىغان گەپ يوق،«ئەڭ چېتى» دەيدىغان گەپ بار )
«ــ ساڭا تۇز بەرگەن ئاۋامغا يۈز كېلىشنى ئىستىگەن ئادەم بىر ئۆمۈر پاك ياشىغۇلۇق،بالام...»(54-بەت)
(بۇ جۈملىدىكى «ساڭا» دېگەن سۆز ئارتۇقچە بولۇپ قالغان)
«مەن تۆمۈرگە ئوخشاش ئەدىبلەرنىڭ ئىجتىھات يولى ۋە سالماققا ئىگە ئەدەبىي ،ئىلمىي تۆھپىلىرى ئۈستىدە ئاز-تولا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات يولىغا قەدەم تاشلىغان كەڭ ياشلىرىمىزنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلىشىغا ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى»ناملىق ۋەكىللىك ئەسىرىگە بېغىشلانغان بۇ يازمامنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم»
(8-بەت)
(قىسقىغىنە بىر ئابزاستا «ۋە»باغلىغۇچىسى بەش ئورۇندا ئىشلىتىلگەن،جۈملە قۇرۇلمىسىدا تەرجىمە تۈسى،دەبدەبىلىك تۈس قويۇق،«كەڭ ياشلىرىمىزنىڭ» دەيدىغان گەپ يوق، « ياشلىرىمىزنىڭ» دەپ ئېلىنسىلا كۇپايە.)
3.مۇقاۋىنىڭ 2-،3-بەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكىل جەھەتتىن لايىھىلىنىشى جەلپ قىلارلىق ئەمەس .«ئەتراپىمىزدىكى ئەدىبلەر»دېگەن سىتون ماۋزۇسى بولسۇن ؛ئەدىبلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى جەھەتتىكى كالېندار خاراكتىرلىك،ئەمەل ۋەزىپە،خاراكتېرلىك  بىلدۈرگۈلەر بولسۇن ،ژۇرنالنىڭ ئىلگىرىكى سانلىرىدەك يېقىشلىق بولمىغان . مېنىڭچە ، ژۇرنالدا نۇقۇل ھالدا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنى ئاساس قىلىپ تونۇشتۇرۇش مۇۋاپىق  ئەمەس.ئۇنىڭدىن باشقا شەخسلەرنىڭ سۈرىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش،ئارقا كۆرۈنۈش مەنزىرىگە ئېسىلىۋالماسلىق لازىم،دەپ قارايمەن .
4.ژۇرنالنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ (مۇندەرىجىنىڭ ئالدىدىكى بەت)لايىھىلىنىشىدە ئۆزگىچىلىك يوق.بۇ بەتتىكى ئۇچۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك مۇندەرىجە بېتىدە ۋە مۇقاۋىنىڭ 4- بېتىدە تەكرارلانغان. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ بەتنى ئىسراپ قىلغاننىڭ ئورنىغا «بەت بوسۇغىسى»شەكلىدە لايىھىلەش ،ياكى مەزمۇن بۆلىكىگە قوشۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك ،دەپ قارايمەن.
5.«تەپەككۇر كۆزى »سەھىپىسىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدا بىر ئاز چېكىنىش بار .شۇنىسى ئايانكى ،بۇسەھىپىنى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىنىڭ كوزۇر سەھىپىلىرىنىڭ بىرى،دەپ قاراشقا بولىدۇ.شۇنىڭدەك بۇسەھىپە يەنە مەزكۇر ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە  ئەمەس ،ئەسەرگە قارايدىغان پوزىتسىيىسىنى ئەڭ ياخشى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان بىر تەرىپى . بۇ سەھىپىدە بەزى ئاپتورلىرىمىزنىڭ ،بولۇپمۇ دېھقان ئاپتورلىرىمىزنىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ،تېتىملىق يازمىلىرى مەيدانغا چىقماقتا ،لېكىن شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا بىر قىسىم خام تۇغۇندا ،تەقلىدىي پىكىرلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.مەسىلەن :
نادانلار ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدرىنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ.
ۋاقىت قارىشى سۇس ئادەملەرنىڭ پۇشايمىنى كۆپ بولىدۇ.
قىز چىرايى بىلەن نازاكەتلىك ئەمەس،ئەخلاقى بىلەن نازاكەتلىك.
ئوغلۇم ،ئادەمگەرچىلىك بىلەن تەكلىپ قىلىنغان چايغا زەھەر بەرسىمۇ بارغىنكى،غەرەز ئارىلاشقان يەرگە ھالۋا بەرسىمۇ بېرىشقا ھەرگىز ئالدىرىما.
(«شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلى ،2014-يىلى 1-سان)
...
يۇقارقىلاردىن نە بىر مەزمۇن جەھەتتىكى يېڭىلىق ياكى خاسلىقنى ،نە بىر  ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكنى كۆرگىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇسەھىپىنى «ئاز بولسىمۇ، ساز بولۇش »ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاللاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
6.«ئەدەبىيات گۈلزارى »بېتىدە شېئىرىي ئەسەرلەرگە ئېتىبار بېرىلمىگەن.يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ،ژۇرنالدا شېئىرىي ئەسەرلەر ئانچە كۆپ كۆرۈنمەيدىغان بوپ قالدى،ئەينى يىللاردا شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەرشارى»، ئابدۇلباسىت ئابدۇراخماننىڭ «ئانا»ناملىق داستانلىرى مۇشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ ،ژۇرنالنىڭ نامىنى چىقارغانلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. نېمىلا بولمىسۇن،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»بىر ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولغانىكەن ،بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاممىباب ،نادىر شېئىرىي ئەسەرلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش  ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى،دەپ ئويلايمەن.
7.مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «خەلقچىللىق،ئىلمىيلىك،ئاممىبابلىق،ئوقۇشچانلىق»تىن ئىبارەت ژۇرنال چىقىرىش پرىنسىپىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئاۋام خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا ، ،ئۆرپ –ئادىتىگە، جۈملىدىن دىنىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار دىققەت سىرتىدا قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.مېنىڭچە، مۇشۇ مەزمۇندىكى ئىجادىي ئەسەرلەر ،تەرجىمە ئەسەرلەر  ۋە ياكى مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ژۇرنال مۇھەررىرى ،بولۇپمۇ بىر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتچىگە نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتتۇر.
     بىر ژۇرنالنىڭ پىشىپ يېتىلىشى مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ،ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنىڭ كۈچىيىشىدىن باشقا ، ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللاپ ،قۇۋۋەتلىشى ،ئاسراپ -قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يۇقارقىلار مېنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىنى كۆرۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم.ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
2014 -يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى   قەشقەر -ئاۋات


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-6 21:30:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەستايىدىللىقىڭىزدىن، ئەدەبىياتىمىزغا كۆيۈنگىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-4-6 22:10:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ژۇرنالغا خېلى ئەتراپلىق دېئاگنوز قويۇپسىز. دەرۋەقە، سىز دېگەن نۇقسانلار ساقلىنىپتۇ. بىر ئىشنى مۇكەممەل قىلىش تولىمۇ قىيىن. ئەمما «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دە ئىملا مەسىلىلىرى كۆرۈلسە، بولۇپمۇ, بۇنداق كۆپ كۆرۈلسە ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن، بۇ، مەدەنىيىتىمىزنى تىل-يېزىقىمىز ئارقىلىق تارقىتىدىغان ژۇرنال.  ئىككىنچىدىن، تەۋەررۈك ئانا تىلمىزدا بار-يوقى ئوتتۇز ئىككىلا ھەرىپ بار...
  ئەيىپ-نۇقسانى يوق شەيئى بولمايدۇ. ئۇنى كۆرسىتىپ بەرسە خوشال بولىدىغانلارمۇ، قاتتىق رەنجىيدىغانلار بار.  ئۆتكەندە، خېلى نوپۇزلۇق بىر ژۇرنال ھەققىدىمۇ مەزكۇر مۇنبەردە شۇنداق ئىش بولغانىدى. «رەنجىمەس دانا كىشى ھەتتا مۇلازىم تىللىسا»...دېگەنىدى مۇھەممەت رېھىم ئاكا. بەزىلەرنىڭ «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپسەن، ژۇرنالغىلا يوللىساڭ بولمىدىمۇ...» دېيىشلىرى ئېنىق. «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» بولغاچقا، ئورتاق پىكىر ئارقىلىق ژۇرنالنى ياخشى چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ بۇ پىكىرلىرىڭىزنىڭ.

ۋاقتى: 2014-4-6 22:11:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ناھايتى  ئېسىل  تەكلىپ  بولوپتۇ ،ئىنتايىن سۆيۈندۇم!

ۋاقتى: 2014-4-6 22:47:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنال ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىق، تەنقىدلىرىڭىزگە، تىرىشچانلىقىڭىزغا، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا...... قەلىمىڭىز، روھىيىتىڭىز تېخىمۇ نۇرلۇق بولغاي. سالامەت بولۇڭ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Apirinchur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 00:46  


ۋاقتى: 2014-4-6 22:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۆز قارچۇغىدەك ياخشى ژورنال،شۇڭا يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ ياخشى قىلىپسىز.

ۋاقتى: 2014-4-6 23:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ .

ۋاقتى: 2014-4-6 23:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا ما كارامەتنى كۆرۈڭ ئەمدى........... بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك........ تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ!!!!! پىكىر ـ تەكلىپلەر ياخشى بوپتۇ. بىراق. ژۇرنال ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانلارنىمۇ ئويلىمسىاق بولمايدۇ.
ئەستايىدىللىقىڭىزغا، مەسئۇلىيەتچانلىقىڭىزغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-4-6 23:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ژۇرنالنىڭ ئىستىقبالى ئەقلى سەگەك ئوقۇرمەن(ئاپتۇرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نىڭ (ئىجابىي،سەلبىي نوقتىدىن) مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
توردىشىمىز ساۋۇتجان ئابدۇقادىرنىڭ  «قەنئەلگەك»تە ئايرىغان يوقارقى مەسىلىلەر قىسمەن تەھرىر-مۇھەررىرلەر؛يازغۇچى-قەلەمكەشلەرمۇ ئېتىبار قىلىپ كېتەلمەيدىغان(بىلىش-بىلمەسلىك نوقتىسىدىن) ئىنچىكە،زىل مەسىلىلەردۇر (‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى› ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان،ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇنىۋېرىسال،ئەدەبىي ژۇرناللاردىكى؛يازغۇچى-قەلەمكەشلەرنىڭ بىرىنچى قول يازمىلىرىدىكى ئاز بولمىغان ئىملا ،سۆز- جۇملە خاتالىقلىرى ئالدىدا سۈكۈتلۈك ئىزتىراپ چەككەنلىرىمىز بۇ سۆزىمىزگە دەلىلدۇر).
بالىلىرىمىزغا يېزىقىمىزدىن تەلىم بېرىۋاتقان قىسمەن  ئوقۇتقۇچىلاردىكى؛يېزىقىمىزدا چىقىدىغان گېزىت-ژۇرنال،كىتاپ مەسئۇل مۇھەررىرلىرى (كوررېكتورلۇق ئۆتكىلىنى بېكىتىشمۇ مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ زىممىسىدە) دىكى؛مېدىئا-تاراتقۇلارنىڭ تىل(يېزىق)ىدىكى قۇبۇلىمىزغا سۇنۇلىۋاتقان نوقسان-خاھىشلار تىل(يېزىق) ساۋاتسىزلىقى ھالىتىدە ئايان بولماقتا.
بۇنىڭغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىش-بىلىش بىلەن بىلمەسلىكنىڭ چىگرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ قويدۇ،ئەلۋەتتە.
توردىشىمىز ساۋۇتجان ئابدۇقادىرنىڭ بۇ نوقتىدىكى ئىنچىكە تەھلىللىرى ھەممىمىزنى سەگەك بولۇشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە؛ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭمۇ ئۆز بۇرچىغا سادىق بولۇشتەك كەسىپ روھىنىڭ ئويغىنىشىغا «جۇشقۇن قان» ئاتا قىلىدۇ،دېگەن ئۈمىدتە مەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-6 23:37  


باھا سۆز

بەر ھەق  ۋاقتى: 2015-1-18 01:40 PM
ۋاقتى: 2014-4-7 11:35:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردىن قۇربان مامۇت ئاكىدەك ئەستايىدىل مۇھەررىرلەرنىڭ يەنە چىقىشى ناتايىن.
قۇربان مامۇت ئاكا دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن بۇ ژورنالدا ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ماقالىدىن قانچىسى ئېلان قىلىندى؟!
بىزنى ئويغا سالىدىغان مەسىلىلەر خېلىلا كۆپ!!!

ۋاقتى: 2014-4-7 14:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىل ئەتراپلىق بوپتۇ،بەگمەت يۈسۈپ تۈزۈتۈپ كېتەر سەھۋەنلىكلەرنى…

ۋاقتى: 2014-4-7 16:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋۇتجاننىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىدا ئېچىنىش ۋە كۆيۈمچانلىق بار. دېمىسىمۇ بىزگە ساپالىق مۇھەررىر، كوررېكتورلار كېرەك! نۆۋەتتە، رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىمۇ ھەپتىلىك، ئايلىق گېزىتلەر چىقىرىلىپ، بىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىمىزنى بېيىتماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما، بۇ گېزىتلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئانچە يوق، ساپلا ئاۋام چەشەنمەيدىغان تەشۋىقات خەۋەرلىرى... دېمەك، بۇنداق ئورۇنلاردا كەسىپنى سۆيىدىغان، بۇ كەسىپتىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بارلار ساناقلىقلا!
ساۋۇتجان، سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدىمۇ ئانچە-مۇنچە ئىملا ۋە گىرامماتىكا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپتۇ، مەسىلەن:
رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى _ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى
لايىھىلەش _لايىھەلەش
نېمىلا بولمىسۇن _ نېمىلا بولسۇن
شېئىرىي ئەسەرلەر _ شېئىرلار
قوللاپ، قۇۋۋەتلىشى _ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى

بوپ قالدى_ بولۇپ قالدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 16:36  


ۋاقتى: 2014-4-7 18:25:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويلۇپتۇ،ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشايلى، لىكىن بۇنداق ئەھۋاللار  ھەممەمىزدە ئوخشىمىغان ئاساستا تىپىلىدۇ ،ھىچكىم قەستەن قىلمايدۇ، ئەمما خاتالىقتىن ساقلانماق تەس ، مەن بۇ ژورنالنىڭ دائىملىق ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپۈتۈم  بىلەن  تەھرىر بۆلۈمدىكى جاپاكەش ئۇستازلارغا ۋە دوستلارغا سەمىيمى سالام يوللايمەن ،جاپا تارتتىڭلا  ! تەھرىرلىك بىرخىل مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك،مەسئۇلىيتى كۈچلۈك خىزمەت ،بارچە ئەلنىڭ كۆزى مۇشۇ ژورنالدا  مەن سىلەرگە رەھمەت ئەيتىش بىلەن بىرگە تىخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن،سالامەت بولۇڭلار

ۋاقتى: 2014-4-7 18:30:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 16:35
ساۋۇتجاننىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىدا ئېچىنىش ۋە كۆيۈمچانلى ...

ساۋۇتجاننىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىدا (پىكىرلىرىدە )ئېچىنىش ۋە كۆيۈمچانلىق بار. دېمىسىمۇ بىزگە ساپالىق مۇھەررىر، كوررېكتورلار كېرەك! نۆۋەتتە، رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىمۇ ھەپتىلىك، ئايلىق گېزىتلەر چىقىرىلىپ، بىزنىڭ مەنىۋىي(مەنىۋى ) تۇرمۇشىمىزنى بېيىتماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما، بۇ گېزىتلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئانچە يوق، ساپلا ئاۋام چەشەنمەيدىغان(چۈشەنمەيدىغان ) تەشۋىقات خەۋەرلىرى... دېمەك، بۇنداق ئورۇنلاردا كەسىپنى سۆيىدىغان، بۇ كەسىپتىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بارلار ساناقلىقلا!
ساۋۇتجان، سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدىمۇ ئانچە-مۇنچە ئىملا ۋە گىرامماتىكا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپتۇ، مەسىلەن:
رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى _
رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى
لايىھىلەش _لايىھەلەش
نېمىلا بولمىسۇن _ نېمىلا بولسۇن
شېئىرىي ئەسەرلەر _ شېئىرلار
قوللاپ، قۇۋۋەتلىشى _ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى
بوپ قالدى_ بولۇپ قالدى


ساۋۇتجان ۋە تارال ئەپەندى ، سىلەرنىڭ بۇ سەمىمىيىتىڭلاردىن سۆيۈندۈم . ساۋۇتجاننىڭمۇ يازمىسىدا ئانچە -مۇنچە يەردە ئەمەس بەلكى خېلى كۆپ يەردە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپتۇ . تارال ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىدىمۇ ھەم ئىملا خاتالىقى(قىزىل رەڭدە بوياپ قويدۇم ) بار .
سىلەر   بۇ مەسىلىلەرنى  بايقىيالىغان يەردە ئۆزۈڭلارنىڭكىنىمۇ تۈزىتىپ كېتەلەيسىلەر . بۇنىڭغا مېنىڭ ئىشەنچىم كامىل .
سەمىمىي تەۋسىيە :بىز چوقۇم باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۆرسەتكەندە ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق كۆرسەتسەك ياكى يېتەكلىسەك ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2014-4-7 18:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 18:30
ساۋۇتجاننىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىدا (پىكىرلىرىدە )ئېچىنىش ...


ئېلىجان، كۆزىڭىز كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتىدۇ، سىز كەسىپ ئەھلى بولغاندىكىن، باشقىلارنى كۆپرەك يېتەكلەڭ.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 18:51  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش