يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: سەمى

«شىىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىغا ئىككى كەلىمە سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-7 19:06:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىغا ئىككى كەلىمە سۆز
ساۋۇتجان ئابدۇقادىر
ھەممىمىزگە مەلۇم ،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى دىيارىمزدىكى ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان «مۆتىۋەر»ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن رايونىمىزنىڭ،جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت،سەنئەت ،مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، رايونىمىز  ژۇرنالچىلىقىمىزنىڭ سەركىسىگە ئايلانماقتا. ئەلۋەتتە،ژۇرنالنىڭ نەتجىلىرىنى ئۇستاز ژۇرنالىسىت قۇربان مامۇت ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى بەگمەت يۈسۈپ قاتارلىق مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىرلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى رىقابەت ۋەزىيىتىدە ،ئەسەرلەرنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى ۋە تېخنىكىلىق ئۆتكەللەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ئارقىلىق ژۇرنالنىڭ  تەسىر كۈچىنى  يەنىمۇ كېڭەيتىش يالغۇز ئاپتور ۋە مۇھەررىرلەر ئوتتۇرىسىدىكى  مۇھىم مەسىلە بولۇپلا قالماستىن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلەپ –پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىشمۇ ژۇرنالچىلىقنىڭ تەرەققىياتىدىكى  تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالدى. تۆۋەندە مەن مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،  ژۇرنالنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىنى ئاساس قىلغان ھالدا ،بىر بۆلۈك تەكلىپ -پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1.        ماقالە –ئەسەرلەرنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىلىشىغا دىققەت قىلىنمىغان .بۇ سان ژۇرنالغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا، ئىملا خاتالىقلىرى بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز .مەسىلەن:
ئەسىلىي يېزىلىشى               توغرىسى                          بەت نومۇرى
توغرۇلۇق                      توغرىلىق                               11
شەكلى ئويغىنىش              شەكلىي ئويغىنىش                        14
كۆتۈرۈلىدۇ                    كۆتىرىلىدۇ                               15
تارتقۇ                         تاراتقۇ                                  18
ماركېس                      ماركس                                  30
ھاسىرىقى                    ھاسىرىشى                                50
يەم بوغۇز                   يەم –بوغۇز                               51
يۈگۈرۈيدىغان              يۈگىرىدىغان                                51
ئىنچىكىرەپ               ئىنچىكىلەپ                                 51
ئالدى كەينىدە           ئالدى-كەينىدە                              52
يولباشلاپ               يول باشلاپ                                  52
تەككەندۇ               تەگكەندۇ                                    52
قالدۇرغۇنۇمنىڭ         قالدۇرغىنىمنىڭ                                54
ئولاشقىنىدا             ئۇلاشقىنىدا                                   57
ژۇرنال-گېزىتلەردە       گېزىت-ژۇرناللاردا                            9
رۇسىيە                  روسىيە                                       9
سۇۋۇتتى                 سوۋۇتتى                                    51
ھېلى ھەم             ھېلىھەم                                       43
پاتىھە سۈرىسىنى        فاتىھە سۈرىسىنى                              56
ئەمەل ساھىپلىرى      ئەمەل  ساھىبلىرى                             52   
...
بۇنىڭدىن باشقا بۇ سان ژۇرنالدىكى ئەسەرلەردە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ،بولۇپمۇ «،»نىڭ جايىدا ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر .مەسىلەن:
«...بۈگۈن سېنىڭ پېشىڭگە سۇۋانسا ئەتە باشقا بىرىنىڭ ياندىقى بولۇپ كېتىدۇ.»
(53-بەت)
(«سۇۋانسا»دېگەن سۆزدىن كېيىن «،»قويۇلسا ،توغرا بولاتتى.)
«ئىدىيە يېڭىلانغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ كۆرمىش-ئەتمىشلىرىدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش ،يۈكسىلىش بولىدۇ دەپ،قارايمەن.»(44-بەت)
(«بولىدۇ»دېگەن سۆزدىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«ئەمما بۇقېتىم ۋاز كەچسەم ئوقۇش پۇرسىتىم يوق بولىدۇ.»
(44-بەت)
(«ئەمما،كەچسەم »دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇبالىغە قىلمايلا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،جۇڭگودا مۇنداق ‹مەدەنىيەت ئېگىزلىكى›ناھايىتى كۆپ.»(7-بەت)
(«ئۇنىڭ ئۈستىگە»دېگەن سۆزدىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«روشەنكى مۇنداق ئىجادىي ئىپتىدائىي ،بەدىئىي تەپەككۇر ۋە پەۋقۇلئاددە تەسەۋۋۇر شەكلى...»(5-بەت)
(«روشەنكى،ئىجادىي »دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلسا، توغرا بولاتتى.)
«1.ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى. 2.تارىخىي ئەھمىيىتى. 3.ئەسەرنىڭ تىلى.»(10-،11-بەتلەر)
(بۇ كىچىك ماۋزۇلارنىڭ ئاخىرىغا «.»قويۇش توغرا بولمىغان.)
«بالىلىقىمنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى ساڭا،سەندەك بالىلارغا دەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.بالىلىقىمدا ئوينىغان قىزىق ئويۇنلار ،بارات كېچىسى ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىغا باغلانغان ياغلىق قاپاقنى كۆيدۈرۈپ بارات توۋلىدۇق دەپ مەھەللىمۇ مەھەللە يۈگۈرۈپ ئاتقۇزغان تاڭلار ...»(27-بەت)
(«كۆيدۈرۈپ،دەپ»دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلسا، بارات توۋلىدۇق دېگەن سۆز قوش تىرناق«  »ئىچىگە ئېلىنسا ،توغرا بولاتتى.ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بىر ئابزاستا چېكىتلىك پەش ‹؛›ئىشلىتىلىدىغان خېلى كۆپ ئورۇنلار بولسىمۇ جايىدا ئىشلىتىلمىگەن. )
...
2.ئەسەر مەزمۇنلىرىدا گرامماتىكىلىق ،مەنتىقىلىق خاتالىقلار مەۋجۇت .مەسىلەن:
ئۇ ئەنە شۇ يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلار بىلەن ئۆزىنىڭ زېھنىي –قۇۋۋىتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىپ،ئانا يۇرتىنى مەدھىيەلەيدىغان گۈزەل شېئىرىي مىسرالارنى ،نەسىرلەرنى ،ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىدىغان تارىخىي ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشقا ئاتلانغان. (9-بەت)
(ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشمىغان)
ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك كاتتا ئەدىبكە ئايلىنىشى كىچىكىدىن تارتىپ ئىلىم يولىدا زېرىكمەي –تېرىكمەي ئۆگىنىشى ،ئىجتىھات قىلىشىنىڭ خاسىيىتىدىن دېسەك،ئېلىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ،ھەتتا خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت –ئېتىبارىنى قوزغىغان ،ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنى ئۇنىڭ بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئىلىمگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقى ،ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.(11-بەت)
(ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشمىغان)
«سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى»،«شىمالدىكى ئايال پادىشاھ »،«چىڭگىزخاننىڭ ئادەمگەرچىلىكى»،«بۇلاڭچىلىقتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولماس»...قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي،ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى ،مەملىكەتلىك 9-قېتىملىق «تۇلپار»مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ،ئەدىب،تەتقىقاتچى تۆمۈر ئەپەندى(مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى)
(كۆپ چېكىت قويۇلغانىكەن، «نۇرغۇن»سۆزىنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. «...قاتارلىق ئىلمىي،ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى » دەپ ئېلىش مۇۋاپىق)
«ئالتۇنرەڭ چىغىر ...» (49-بەت)
(ھېكايە ماۋزۇزۇسىنىڭ ئاخىرىغا كۆپ چېكىت (...)قويۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك )
ئەمما شۇ ھالدىمۇ مۇنۇ سۈر ھاڭگىسىغا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ يەم بوغۇزنى ئۆزى بېرىپ ،ئۆزى سۇغاردى.يول–سەپەردىن قايتقىنىدا ئۆزى يۇمىلىتىپ،ئۆزى سۇۋۇتتى.(51-بەت)
(ئادەتتە ،ئېشەككە نىسبەتەن «يۇمىلىتىش» سۆزىنى ئەمەس ،«ئېغىنىتىش»سۆزىنى ئىشلىتىش بىر قەدەر مۇۋاپىق.«ئەمما »،«چىشلەپ تۇرۇپ »دېگەن سۆزلەردىن كېيىن «،»قويۇلمىغان. )
«بىز مۇشۇ مەسىلىلەرگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرغان ۋە ئەقلىيەلىك بىلەن ئويلانغان چېغىمىزدا شۇنداق بىر نۇقتىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز:رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلىرىمىزنىڭ بىرقىسىم پىروگراممىلىرى مۇشۇ خىل مايىللىقنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا ، بىر تۈركۈم ساددا كىشىلىرىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش قاپقىنىغا دەسسىشىدە زەربىدارلىق رولىنى ئوينىماقتا»(17-بەت)
(«ئەقىل بىلەن ئويلانغان چېغىمىزدا ،بىر قىسىم رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى»دەپ ئېلىنسا تېخىمۇ ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولغان بولاتتى)
«‹ئىدگىن دەرياسىنىڭ ئەڭ قىرغىقىدا ›رومانىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشىدىكى سەۋەب ...»(7-بەت )
(تىل ئادىتىمىزدە «ئەڭ قىرغىقى» دەيدىغان گەپ يوق،«ئەڭ چېتى» دەيدىغان گەپ بار )
«ــ ساڭا تۇز بەرگەن ئاۋامغا يۈز كېلىشنى ئىستىگەن ئادەم بىر ئۆمۈر پاك ياشىغۇلۇق،بالام...»(54-بەت)
(بۇ جۈملىدىكى «ساڭا» دېگەن سۆز ئارتۇقچە بولۇپ قالغان)
«مەن تۆمۈرگە ئوخشاش ئەدىبلەرنىڭ ئىجتىھات يولى ۋە سالماققا ئىگە ئەدەبىي ،ئىلمىي تۆھپىلىرى ئۈستىدە ئاز-تولا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات يولىغا قەدەم تاشلىغان كەڭ ياشلىرىمىزنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلىشىغا ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى»ناملىق ۋەكىللىك ئەسىرىگە بېغىشلانغان بۇ يازمامنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم»
(8-بەت)
(قىسقىغىنە بىر ئابزاستا «ۋە»باغلىغۇچىسى بەش ئورۇندا ئىشلىتىلگەن،جۈملە قۇرۇلمىسىدا تەرجىمە تۈسى،دەبدەبىلىك تۈس قويۇق،«كەڭ ياشلىرىمىزنىڭ» دەيدىغان گەپ يوق، « ياشلىرىمىزنىڭ» دەپ ئېلىنسىلا كۇپايە.)
3.مۇقاۋىنىڭ 2-،3-بەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكىل جەھەتتىن لايىھىلىنىشى جەلپ قىلارلىق ئەمەس .«ئەتراپىمىزدىكى ئەدىبلەر»دېگەن سىتون ماۋزۇسى بولسۇن ؛ئەدىبلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى جەھەتتىكى كالېندار خاراكتىرلىك،ئەمەل ۋەزىپە،خاراكتېرلىك  بىلدۈرگۈلەر بولسۇن ،ژۇرنالنىڭ ئىلگىرىكى سانلىرىدەك يېقىشلىق بولمىغان . مېنىڭچە ، ژۇرنالدا نۇقۇل ھالدا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنى ئاساس قىلىپ تونۇشتۇرۇش مۇۋاپىق  ئەمەس.ئۇنىڭدىن باشقا شەخسلەرنىڭ سۈرىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش،ئارقا كۆرۈنۈش مەنزىرىگە ئېسىلىۋالماسلىق لازىم،دەپ قارايمەن .
4.ژۇرنالنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ (مۇندەرىجىنىڭ ئالدىدىكى بەت)لايىھىلىنىشىدە ئۆزگىچىلىك يوق.بۇ بەتتىكى ئۇچۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك مۇندەرىجە بېتىدە ۋە مۇقاۋىنىڭ 4- بېتىدە تەكرارلانغان. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ بەتنى ئىسراپ قىلغاننىڭ ئورنىغا «بەت بوسۇغىسى»شەكلىدە لايىھىلەش ،ياكى مەزمۇن بۆلىكىگە قوشۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك ،دەپ قارايمەن.
5.«تەپەككۇر كۆزى »سەھىپىسىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدا بىر ئاز چېكىنىش بار .شۇنىسى ئايانكى ،بۇسەھىپىنى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىنىڭ كوزۇر سەھىپىلىرىنىڭ بىرى،دەپ قاراشقا بولىدۇ.شۇنىڭدەك بۇسەھىپە يەنە مەزكۇر ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە  ئەمەس ،ئەسەرگە قارايدىغان پوزىتسىيىسىنى ئەڭ ياخشى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان بىر تەرىپى . بۇ سەھىپىدە بەزى ئاپتورلىرىمىزنىڭ ،بولۇپمۇ دېھقان ئاپتورلىرىمىزنىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ،تېتىملىق يازمىلىرى مەيدانغا چىقماقتا ،لېكىن شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا بىر قىسىم خام تۇغۇندا ،تەقلىدىي پىكىرلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.مەسىلەن :
نادانلار ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدرىنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ.
ۋاقىت قارىشى سۇس ئادەملەرنىڭ پۇشايمىنى كۆپ بولىدۇ.
قىز چىرايى بىلەن نازاكەتلىك ئەمەس،ئەخلاقى بىلەن نازاكەتلىك.
ئوغلۇم ،ئادەمگەرچىلىك بىلەن تەكلىپ قىلىنغان چايغا زەھەر بەرسىمۇ بارغىنكى،غەرەز ئارىلاشقان يەرگە ھالۋا بەرسىمۇ بېرىشقا ھەرگىز ئالدىرىما.
(«شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلى ،2014-يىلى 1-سان)
...
يۇقارقىلاردىن نە بىر مەزمۇن جەھەتتىكى يېڭىلىق ياكى خاسلىقنى ،نە بىر  ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكنى كۆرگىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇسەھىپىنى «ئاز بولسىمۇ، ساز بولۇش »ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاللاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
6.«ئەدەبىيات گۈلزارى »بېتىدە شېئىرىي ئەسەرلەرگە ئېتىبار بېرىلمىگەن.يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ،ژۇرنالدا شېئىرىي ئەسەرلەر ئانچە كۆپ كۆرۈنمەيدىغان بوپ قالدى،ئەينى يىللاردا شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەرشارى»، ئابدۇلباسىت ئابدۇراخماننىڭ «ئانا»ناملىق داستانلىرى مۇشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ ،ژۇرنالنىڭ نامىنى چىقارغانلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. نېمىلا بولمىسۇن،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»بىر ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولغانىكەن ،بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاممىباب ،نادىر شېئىرىي ئەسەرلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش  ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى،دەپ ئويلايمەن.
7.مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «خەلقچىللىق،ئىلمىيلىك،ئاممىبابلىق،ئوقۇشچانلىق»تىن ئىبارەت ژۇرنال چىقىرىش پرىنسىپىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئاۋام خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا ، ،ئۆرپ –ئادىتىگە، جۈملىدىن دىنىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار دىققەت سىرتىدا قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.مېنىڭچە، مۇشۇ مەزمۇندىكى ئىجادىي ئەسەرلەر ،تەرجىمە ئەسەرلەر  ۋە ياكى مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ژۇرنال مۇھەررىرى ،بولۇپمۇ بىر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتچىگە نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتتۇر.
     بىر ژۇرنالنىڭ پىشىپ يېتىلىشى مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ،ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنىڭ كۈچىيىشىدىن باشقا ، ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللاپ ،قۇۋۋەتلىشى ،ئاسراپ -قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يۇقارقىلار مېنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىنى كۆرۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم.ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
2014 -يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى   قەشقەر -ئاۋات

يۇقىرىقىلار يەنى قىزىل سىزىلغان جايلار بۇ يازمىدىكى ئىملا خاتالىقلىرى . ساۋۇتجان ئەپەندى ، بۇ پىكىرلەر ياخشى بولۇپتۇ . ئەمما سىز كونا ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرگەندەك قىلىسىز  . سىز مېنىڭچە،  ژۇرنالچىلىقنى ئانچە چوڭقۇر چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسز ؟ بەزى پىكىرلەر ياخشى ، يەنە بەزى پىكىرلەر تازا دېگەندەك ئەمەس . شۇڭا سىزمۇ داۋاملىق تىرىشىپ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى پىكىرلەرنى بېرىڭ . قولىڭىزنى چىڭ سىقىپ ئىنىڭىز : ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 19:17  


ۋاقتى: 2014-4-7 19:14:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 18:50
ئېلىجان، كۆزىڭىز كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتىدۇ، سىز  ...


ئۆز سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ___  مېنىڭچە بىر ئادەمنىڭ  مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.  تارال ئەپەندى ، سىزگە رەھمەت. بىرلىكتە تىرىشايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 19:14  


ۋاقتى: 2014-4-7 19:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەررىرنىڭ ساپاسى گېزىت-ژورناللارنىڭ مەزمۇن،ئىملا سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-4-7 20:39:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1. ئەمما سىز كونا ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرگەندەك قىلىسىز  .
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ۋاي ئاللا ماۋۇ گەپنى........... يەنە قاچانغىچە يېڭى ئىملا قائىدىسى، كونا ئىملا قائىدىسى دەپ  يۈرەمىز.......... ئىملا  قائىدىمىزنىڭ قاچانمۇ بىر تىكىشى توختا

ۋاقتى: 2014-4-7 21:57:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا ماۋۇ گەپنى........... يەنە قاچانغىچە يېڭى ئىملا قائىدىسى، كونا ئىملا قائىدىسى دەپ  يۈرەمىز.......... ئىملا  قائىدىمىزنىڭ قاچانمۇ بىر تىكىشى توختا



ئەڭ ئەقەللىيسى سىز ، بىز ئىسمىمىزنى توغرا ، ئۆلچەملىك يازالايدىغان ھالەتكە كەلگەندە تىكىشى توختىشى مۇمكىن . قالغان تەپسىلاتنى تىل -يېزىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقاتلارنى كۆپرەك كۆرسىڭىز ، ئوقۇسىڭىز ئاندىن تىكىشىنىڭ توختايدىغان چېكىنى تاپالايسىز ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 21:59  


ۋاقتى: 2014-4-8 00:44:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشكىلنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ بېيجىڭدىكى قىسقىغىنا بىر يىللىق  ئۆگىنىشىمنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن كەسىپداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىگە تىز ئىنكاس بىلدۈرەلمەي قاپتىمەن . دېمىسىمۇ تەھرىرلىك،كوررېكتورلۇق ،لايىھەلەش،بەت ياساش ،قىستۇرما سۈرەت ئىشلەش ،تارقىتىش...قاتارلىقلار كۆپ ئادەم ئىشلەيدىغان ،ئىشلىگەن كەسپىگە قاراپ ئايرىم ئۇنۋان ئالىدىغان مۇھىم خىزمەتلەر . ھەممىسى ئۆزئالدىغا  ئەستايىدىل،ئىنچىكە ئىشلەنمىسە بولمايدۇ.ئۇستازىمىز قۇربان مامۇت ،باش مۇھەررىرىمىز زۇنۇن باقى ،مۇئاۋىن باش مۇھەررىر  رىسالەت مۇھەممەت ،لايىھەلەش ئۇستىسى نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن ،بەتچىك تۇرسۇنئاي ...قاتارلىقلار نىڭ ۋاقتىدىكىدەك كۆپ ئادەم ئىشلەيدىغان ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن . سىلەرنىڭ سەمىمىي پىكرىڭلارغا كوپتىن كۆپ رەھمەت! ھەر يىلى ئۆزلىگىدىن مۇشتەرىي بولۇش شەكلى بىلەن ژۇرنىلىمىزنى قوللاۋاتقان ئون مىڭلىغان ئوقۇرمەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش مېنىڭ ۋە ئۆ ز خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى قىممەتلىك ۋاقتىدىن ئېشىنىپ ژۇرنىلىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىشلىشىپ بېرىۋاتقان خالىس كىشىلىرىمىزنىڭ بۇرچى. ھەر تەرەپنىڭ قوللىشىدا ژۇرنىلىمىز ياخشى چىقىدۇ، ھېچبولمىسا كەمچىلىكلىرى ئازلايدۇ.

ۋاقتى: 2014-4-8 09:37:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ سىزدەك بىر ئادەمنىڭ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا چىداپ تۇرۇپ ،غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› دىن ئىبارەت نوپوزلۇق ژۇرنالنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ كېلىۋاتقىنىغا بارىكاللا ! بۇنچىلىك خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.سىز ئۇستاز دەپ قاراۋاتقان قۇربان مامۇتنىڭ ۋاقتىدىمۇ ‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىخچاملاش › دېگەندەك ماۋزوسىدا لوگىكىلىق خاتالىق ، مەزمۇنىدا پىرىنسىپاللىق خاتالىق بار ‹ماقالە›لەرمۇ بېسىلىپ كەتكەن ئىدى . مانا ئەمدى ناھىيەلەردىمۇ ئەدەبى ژۇرناللار بارلىققا كېلىپ ‹ماقالە› ئاپتورىنىڭ تەشەببۇسىنىڭ ئەكسىچە ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. دېمەك ، تارىخ ئېقىنىنىڭ قاينام -تاشقىنىنى ھېچكىم توسۇۋالالمايدۇ.غەيرەت قىلىڭ ، ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ .  مۇناسىۋەتلىك  رەھبەرلەر  تەھرىر بۆلۈمىگە رەسمىي ئىشتاتلىق ئادەم سەپلەشنىمۇ ئويلىشىۋاتقاندۇ ، يىراقتا تۇرۇپ ئوقۇغاچ ژۇرنالنى توختاتماي مۇشۇنچىلىك چىقىرۋاتقىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قايىلمەن.

ۋاقتى: 2014-4-8 14:36:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

...ھممىدىن مۇھىمى تەھرىرات خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىدىغان كىشلەر ئىچىدە  زادى ئازتولا  بولسىمۇ ئىچىپ-چېكىدىغان ئىنساننى دەرھۇ  بۇ  ساھەدىن يوقاتمىسا  قەتئىي بولمايدۇ...!
چۈنكى بۇ ساھە پاكىز-ھالال ئىلىم خىزمىتى بولۇپ، ئازتولا  مىكىروپ ئارلىشىپ قالسىلا ھامان خامتالاش بولىدۇ،خالاس.
قۇربان مامۇت ئەپەندى  خۇددى خىزىر سۈپەت ئىنسان ئىدى...

ۋاقتى: 2014-4-8 15:14:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 14:36
...ھممىدىن مۇھىمى تەھرىرات خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىدىغا ...

سىزنىڭ ئەشەددىي ئىنكاسلىرىڭىزنى خېلى كۆرۈپ كۆنۈش ئالدىدا تۇرىمەن. سىز چېكىش دەپ تاماكا چېكىشنى كۆزدە تۇتىۋاتامسىز؟ مېنىڭچە بۇ ئۆلچەم زادىلا مۇمكىن ئەمەس، يەنە كېلىپ مەن بۇ ئاتالمىش ئۆلچەمنى ھەرقانداق مۇھەررىر ياكى يازغۇچىغا قويۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن. تاماكا چېكىشنى قوللىمايمىز، لېكىن زادى تاماكا چەكمىسۇن دېسەك ئەر مۇھەررىرلەرنىڭ يېرىمى تەھرىراتتىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ. گەپنىڭ سەتىنى دېگەندىمۇ يېرىمدىن كۆپرەك ئەر مۇھەررىر ئىچىدۇ ھەم چېكىدۇ. ئۆتكەندە مەلۇم بىر ئەدەبىي ژۇرنالدا مۇنداق بىر گەپنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە: خېلى داڭلىق يازغۇچىمىز پالانچى ھاراقكەش، پالانچى بەڭگى ئىدى. يازغۇچىلار تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا ئاقمىغان تەلەپنى قويمايلى.

ۋاقتى: 2014-4-8 15:14:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرار بولۇپ كېتىپتۇ، شۇڭا ئۆچۈرۈلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-9 12:19  


ۋاقتى: 2014-4-8 23:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق،تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭىزگە،خىزمىتىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن بەگمەت ئاكا .
سىزنىڭ سەمىمىيىلىك بىلەن
(شىنجاڭ مەدەنىيىتى )ژورنىلى نامىدىن تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە قۇلاق سالغىنىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ ژورنال ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىپادە بىلدۈرگىنىڭىزنى قوللايمىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شوپۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-8 23:18  


ۋاقتى: 2014-4-10 10:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت ئاچچىق،مېۋىسى تاتلىق.

ۋاقتى: 2014-4-10 17:14:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، بەگمەت يۈسۈپ ئاكىمىزمۇ جىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدىكى يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققان سەگەك ئوقۇرمەنلەر بۇنى چوقۇم ھېس قىلالايدۇ. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا بەگمەت يۈسۈپ ئاكىنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقىدا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ قەلب داستىخىنىمىزغا سۇنۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.تىلىۋالدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 17:18  


ۋاقتى: 2014-4-10 18:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ، مېنىڭچە بەگمەت چوقۇم ياخشى قىلىپ كېتەلەيدۇ ، بىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

ۋاقتى: 2014-4-10 19:25:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
23-قەۋەتتىكى  ‹ئىمام› نىڭ دىندىن خەۋىرى بارمىدۇ؟ قۇربان مامۇت كىم ،خىزىر ئەلەيھىسسالام كىم؟ گەپنى جايىدا قىلايلى.                     كەسپى ئوقۇتقۇچىمىش، خەتنىمۇ توغرا يازالمايدىغان  ‹قوڭ› غۇراقچىمۇ  نېمەئۇ؟! باھالاپ ،بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ كېتىشلىرى باركەن تېخى......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش