جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1034 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 14

ئابدۇلھەمىد ياسىن پىروزا ئەسەرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىگدە قىسمىتى

(ھېكايە)

ئابدۇلھەمىد ياسىن

− جىگدە دېگەن ناھايىتى ئولۇغ دەرەخ قىزىم،-دەيتتى ئاتا ھارۋىدا ئاللىقانداق تاتلىق خىياللار بىلەن ئولتۇرغان قىزىغا قاراپ قويۇپ،- ئۇ ئەزەلدىن خانغىمۇ يارىغان، تازغىمۇ يارىغان. كونىلار ئۇنى يوپۇرمىقى كۆمۈش ، مېۋىسى ئالتۇن دەپ تەرىپلەپ كەلگەن. ئۇنى قۇمغا تىكسەڭمۇ، شورغا كۆمۈپ قويساڭمۇ ياشىرىۋېرىدۇ. سۇسىز تۆمۈردەك قېتىپ كەتكەن شورلۇقتا ھېچقانداق دەرەخ كۆكلىمىسە جىگدە باراخسان كۆكلەپ مېۋە بېرەلەيدۇ. باشقا دەرەخلەرنى قەلەمچە قىلمىسا يېتىشتۈرگىلى بولمىسا ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ قويساڭمۇ ئۈنىۋېرىدۇ...

− پاھوي، سۆزلەپلا كەتتىڭغۇ دادا، سەن بۇلارنى ماڭا تالاي قېتىم دەپ بولغان. باشقا پاراڭلارنى قىلىپ ئولتۇرساڭچۇ؟ ماڭا ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى بەك قىممەت ئېلىۋەتتىڭمىكىن دەيمەن.

− قانچە قىممەت بولسىمۇ مەيلى قىزىم. بۇمۇ ئاشۇ جىگدىنىڭ خاسىيىتىدىن ئەمەسمۇ؟

− راست دەيسەن دادا، جىگدە كۆچەتلىرىنى ساتقاندىن كېيىن ئەمدى بىزنىڭمۇ پۇلىمىز بار بولدى. ئەمدى ئۆيىمىزنى ئوڭشىساق، ئاندىن...

− ئاندىن سېنىڭ بېشىڭنى ئوڭشاپ تالالىق قىلىۋالسام قىزىم...

− ۋاي بولدى دادا، ئۆينى سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال سېنىڭ بېشىڭنى ئوڭشاپ، بىرسىنى ماڭا ئاپا قىلىپ بىرىپ بولۇپ ئاندىن ...

− يوق گەپنى قىلمىغىنە، ئادەمنى نېمىنداق خىجىل قىلىدۇ ماۋۇ بالا.

− ئەمدى دەيمەن دادا، سەنمۇ مېنى چوڭ قىلغۇچە جاپا تارتتىڭ، شۇنچە قاتتىق كۈنلەردىن ئۆتۈپ ئەمدى بىزنىڭمۇ پۇلىمىز بار بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توي دېگەندە ئاپىسى بولمىسا بولمايدۇ- دە.

− ئۇنى دېسەڭ بالام كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ. ئاناڭدىن كىچىك قېلىپ، يالغۇز بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلماق ئاسانغا چۈشمىدى سېنى. ئۆينىڭ چەتلىكى، خەقلەرنىڭ مەسخىرە- تاپىلىرى... ئەمما بالام ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا سېنى تالالىق قىلىۋالسام باشقا ئارمىنىم قالمايدۇ. ئەمدى ئاناڭ يوق، بەزى گەپلەرنى ساڭا دېمەك تېخى تەس. دېيىشىپ قويغان يەر يوقتۇ...

− ۋىييەي نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن دادا. ئەمما ساڭا دېسەم، مەن كىمگە ماقۇل دېسەم شۇنىڭغا بېرىسەن، سەن ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ...

− نېمىلەرنى دەيدىغانسەن، مۇشۇ ئۆمرۈمگىچە باشقىلار مېنى ياقتۇرمايلا كەلدى. مەن ياقتۇرمايدىغان كىمكەن ئۇ، بۇ ئىشتا قىزىم، سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب، بولدىمۇ؟

قىزى گەپ قىلماي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى. شۇتاپ ئاتا بالا ئىككەيلەننى بىر خوشاللىق چىرماپ تۇراتتى. مانا تال- بوستانلىق مەھەللىدىن ئۆتۈپ بولغىلىمۇ خېلى بولدى. بوز مىدە ئالدىرىماي قەدەم سالاتتى. بوۋايمۇ ئىشەكنى ئالدىرىتىپ تاياق چۆرۈشتىن قالغان، شۇتاپتا خىيالغا چۈشۈپ كەتكەنلەر بوۋاي بىلەن قىزىلا ئەمەس مونۇ ئىشەكمۇ مۇڭلىنىپ قالغاندەك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى مەھەللىدىن ئۈزۈكراق بولغاچقا، تېخىچە ئۇلارنىڭ يالغۇز جىگدىسى كۆرۈنمەيتتى.

«يۈزى قېلىن، ئەجەپ ئەلچى ئەۋەتەي دېمەيدا»، دەيتتى ئىچىدە قىز. ئوزايىدىن ئەللىك ياشتىن ئاشقان، ئەمما جاپادىن ئالدىغا ئېڭىشىپ قالغان مونۇ دۈمچەك بوۋاينىڭ يالغۇز قىزى بەختاجىخان شۇتاپتا ئاللىقانداق خىياللارغا غەرق بولغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا مەھەللىنىڭ ئايىغىدا، يەنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يېقىن دۆڭلۈكتە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش سورۇنى كەلدى. بۇ سورۇندا مۇشۇ مەھەللىلىك سادىر ئىسىملىك يىگىت ھەممىدىن زور چىقتى. سادىر يۈزلىرى چوقۇر، تۈرمىدە يېتىپ چىققان قارام يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ قارا ئۆڭى، بۇرتۇپ چىققان بىلەكلىرى يىگىتلىك جاسارىتىگە تولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بەختاجىخان شۇ قېتىم خەقلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئاشۇ سادىر ئىسىملىك يىگىتكە قاراپلا قالدى. كىشىلەر سادىرنىڭ ئاستىدا قالغان مەھەللىنىڭ نوچى يىگىتلىرىگە ھەسسىنەي دېيىشىپ قالدى. چۈنكى مۇشۇ ئاياغ مەھەللىدە ھېچكىم ئاشۇ سادىر ۋە ئۇنىڭ قارام شىرىكلىرىنى ياقتۇرمايتتى. ئۇلارنىڭ زورلۇق- زۇمبۇلۇقىنى، نەرسە- كېرەكلىرىنى ئوغرىلايدىغان، ھەتتا ئوچۇقتىن- ئوچۇق بولايدىغان قاراملىقلىرىنى تولا كۆرگەن، ئۇلارنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان بولغاچقىمۇ ئۇلارنىڭ چېلىشتا يىقىلىشىنىلا ئەمەس، بۇ مەھەللىدىنمۇ غايىپ بولىشىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىشىپ قالاتتى. شۇ قېتىمقى مەھەللىۋى چېلىشىشتىن كېيىن ئاللىقاچان رەسىدە بولۇپ قالغان بەختاجىخان ھەمىشە ئاشۇ قارىمۇتۇق سادىرنى خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم كەنت قوروسىدا كىنو قويۇلدى. دادىسىنى مىڭ تەستە ئۇنۇتۇپ كىنوغا ئېلىپ كەلگەن بەختاجىخان يېنىدا تۇرۇپ كىنو كورىۋاتقان سادىرنى كۆرۈپ ھاياجاندىن ئۈنلۈك تىنىشقىمۇ پېتىنالماي قالدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل سەزگۈلىرى سادىرنىڭ ھەركىتىدە ئىدى. دادىسى ئۆزىدەك قېرىلار قاتارىغا كەتكەن بولغاچقا بەختاجىخان ئاغىنىلىرى بىلەن نوقۇشۇپ ئولتۇرغان سادىرنىڭ ئۆزىگە بىرەر قېتىم قارىشىنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلىپ قالغان ئىدى. دەل شۇ پەيتتە توك كەتتى. كىشىلەر چۇرقىرىشىپ بىر- بىرسىنى ئىتتىرىشكە باشلىدى. سادىرنىمۇ ئاغىنىلىرى ئىتتىردى بولغاي، سادىر بەختاجىخاننىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى. بەختاجىخان ئوتلۇق بىر ھارارەتتىن مەستخۇش بولۇپ تۇرغىنىدا يەنە سادىر ئۇنىڭ نازۇك كۆكسىنى يۇمشاققىنا تۇتۇپ قويدى. بۇ ئوتلۇق ئالقان يەنە بەختاجىخاننى بىر قىسما قىلىپ قويدى. شۇ چاغدا توكمۇ ياندى. ئەمدى سادىرمۇ پات- پات بەختاجىخانغا قاراپ قوياتتى.

شۇ ئىشتىن كېيىن بەختاجىخان تېخىمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى. ئاشۇ قېتىمقى ئىشنى ئويلىسىلا ئۇنىڭ سادىرنى سېغىنىشى تېخىمۇ ئەۋجگە چىقاتتى. ئۇنى كۆرۈۋېلىشنى ئىستەپ، دادىسىدىن يىراق بىر تۇققىنىنى يوقلاپ كېلىشنى سوراپ مەھەللىگە پات- پات بارىدىغان بولۇپ قالدى. بىرنەچچە قېتىم ئۇلار ئۇچرىشىپمۇ قالدى. ئۇچراشقاندا ھەر ئىككەيلەن كەينىگە قاراپ- قاراپ كېتىپ قېلىشاتتى. بەختاجىخان سادىرنىڭ ھەربىر قارىشىنى كۆرگەندە خۇددى يۈرىكى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك قاتتىق سېلىپ كېتەتتى. بەختاجىخاننىڭ خىيالىدا يەنە دادىسىنىڭ جىگدە ھەققىدە ئېيتقانلىرىمۇ جۇلالىنىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇمۇ جىگدىگە ئامراق. بولۇپمۇ ئەتىيازنىڭ ئاخىرلىرى ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ سېلىنغان قېرى جىگدىلەرنىڭ تۈۋىدىن كېتەلمەيتتى. جاھاندا جىگدە چېچىكىنىڭ ھىدىدىن خۇشبۇي ھىد بار دېيىلسە بەختاجىخان بۇنىڭغا چىنپۈتمەيتتى. گۈپۈلدەپ خۇشبۇي پۇرايدىغان جىگدە چېچىكى ئۇنىڭغا ئاللىقانداق ھوزۇرلۇق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلاتتى. بۇ خۇش ھىد تاكى ياز ئاخىرلىرىغىچە ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىن تارقالمايتتى. ئەمما ھازىر پەقەت شۇ بىر تۈپلا جىگدە قالدى.

ئادەملەرمۇ قىزىق، دەرەخلەرنىڭ ھەممىنى كېسىۋەتتى. بەختاجىخاننىڭ ئويىدا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئەمەس، پەقەت قىلغىلى ئىش تاپالمىغان، ئاللىقانداق يېڭىلىق باھانىسىدا ئۆسۈشنى ئويلىغان يەرلىكتىكى قاپاقباشلارنىڭ ئىسلاھ قىلىمىز دەپ تاپقان ئىشى ئىدى. شۇڭا بورۇن ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسىدىغان سەگۈ تېرەك، قاپاق تېرەكلەر مەھەللىدە ھازىر قالمىدى. ئاللىقانداق ئوي، ھويلا- ئارام ئۆزگەرتەرمىش. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىمۇ تۆت كونا قاتارىدا يوقىتىلماي قالغان كونا دەرەخلەرمۇ بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشتە ئامان قالمىدى. قانداقلا بىر يېڭى سىياسەت كەلسە ئۇنىڭ دەردىنى ئادەملەر بىلەن دەرەخلەر تەڭ تارتىش، يارالمىشتىن بىر قىسمەت ئوخشايدۇ، مەھەللە تاپ- تاقىرلا بولۇپ قالدى. ھەتتا ئۇلار مەھەللىدىن خېلىلا ئۈزۈك بولغان مونۇ قاسىماخۇننىڭ ئۆيىگىمۇ پالتا- ھەرىلەرنى كۆتىرىپ يېتىپ كېلىشتى. كېسە- كەس بىلەن ھەممە جىگدىلەرنى كېسىپ بىرلا جىگدە قالغاندا قاسىماخۇن بىلەن ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بەختاجىخان جىگدىنى قۇچاقلىۋېلىپ كەستۈرگىلى ئۇنىمىدى. قاسىماخۇن ئۈنلۈك توۋلىدى: پالتا كۆتۈرگەن نادانلار يوقىلىش، جېنىم كادىر بالام، مۇشۇ بىر تۈپ جىگدەم ئامان قالسۇن، جىگدە دېگەن ئەسلى خانغىمۇ ياراپتىكەن، بۇ جىگدە ھېچقانداق يەرگە سايە سالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ مېۋىسى چوڭ، ئۇچات جىگدە ئىدى، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان يېزىدىن كەلگەن ياش كادىر بالا، بوۋايغا گەپ يىگۈزەلمەسلىكتىن قورقتىمۇ، ياكى باھالاشنى بۇ چەتكە كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىمۇ بېشىنى ماقۇلغا لىڭشىتتى ۋە ئادەملەرنى باشلاپ كېتىپ قالدى. شۇ ئىش بولۇپ كېلەركى يىلدىن باشلاپ يەرلەر قورغاقلىشىشقا باشلىدى. بوران ئۇچۇپ، يەر- جاھان ھەمىشە توپا رەڭگىدە بولۇپ قالدى. بۇران چىقمىغان كۈنلىرى توپا ياغاتتى. تولا كۈنلەردە بوران چىقىپ، ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلايتتى. شۇ مەزگىلدە ئەزەلدىن مۇھتاجلىقتا ئۆتۈپ چاپىنى تىزىدىن ئاشمىغان، مەھەللىنىڭ قەرز ھېسابىدا ئىسمى ئۆچمەيدىغان قاسىماخۇن ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر ئېتىز يەرگە غەلۋىر جىگدىنى ئەپ چىقىپ تېرىپ قويدى. جىگدىلەر ئاز كۈن ئۆتمەيلا سوقتا ئۆسۈشكە باشلىدى. شۇ مەزگىلدىمۇ كاللىسى ئوڭدىن بىرسى بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىغا جىگدە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى. جىگدە بولمىسا بولمايدىغانلىقى، كۆپلەپ جىگدە سېلىپ، بوراننى توسۇش بەلبېغى ياسىمىغاندا قورغاقلىشىش ۋە قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىۋا، جىگدە كۆچىتى ئىزدەش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەمما جىگدە كۆچىتىنى نەدىن تاپىسەن؟ كۆچەت تۈگۈل جىگدىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان، بورۇنقى ئاغزىغا بىرنى سالسا قوۋزى لىق تولىدىغان ئۇچات جىگدىلەرنى ئۇچرىتىش چۈشكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۈچەتنى تېخىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ- دە، ئەمما كىشىلەر قاسىماخۇننىڭ كۆچەتلىرىنى كۆرۈپ قېلىشتى. تېرىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان جىگدىنىڭ كۆچەتلىرى ئادەمنىڭ بويىدىن ئېگىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇنى ئاڭلىغان كەنت باشلىقىنىڭ موتوسىنىڭ سەت ئاۋازى ھەركۈنى دېگۈدەك قاسىماخۇننىڭ شادا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن كېتەلمىدى.

-پۈتۈن قەرزلىرىڭنى كوتىۋىرەتتۇق قاسىماخۇن، جىگدىنى كەنتە ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلا.

- ياق.

- قەرزنى كۆتىرىۋەتكەننىڭ سىرتىدا مىڭ سوم بېرىمىز كەنتكە...

-ياق. ھەممىسى ئۆزەمگە لازىم.

- ئىككى مىڭ سوم...

- ياق..

- ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى قاسىماخۇن، يەنە بىر- بىرسىمىزگە ئەسقاتارمىز. بوپتۇ. بەش مىڭنى بەردۇق.

- بوپتۇ، ئەمما بۇندىن كېيىن قەرز دەپ كەلمەيسىلەر، بەش مىڭنى ساق سانايسىلەر، يەنە ماڭا يۈز تۈپ قويۇپ قويىسىلەر.

- ماقۇل قاسىماخۇن، سېلىمۇ پەيتنى تۇتۇشنى بىلىدىكەنسىلە. مانا بەش مىڭنى ئېلىپ كەلگەن سانىۋېلىڭلا.

قاسىماخۇن پۇلنى ساناپ بولغىچە مەھەللىدىكى بىر مۇنچە كىشىلەر كۆچەتلەرنى قومۇرۇشقا باشلىدى. قاسىماخۇن ساناپ يۈزنى ئېلىپ قالدى. ئەمما ئەسكى تېمىنىڭ كەينىدە باشقىلارنىڭ «كەنت باشلىقىمۇ يامان ئەدەمكەن. ماۋۇ قاسىمۇخۇن دېگەن گادايغا بەش مىڭ كوينى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، بۇ بەش مىڭ تۈپ كۆچەتنى ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا دانىسىنى ئۈچ سومدىن ئون بەشمىڭغا قويۇپتۇ دېسە» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدى. بۇنى ئاڭلاپ قاسىماخۇن بىلەن بەختاجىخاننىڭ يۈرىكى ئېچىشقاندەك بولدىيۇ، مەيلىلا دەۋەتتى. شۇنىڭدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپ، بۇ چەتتىكى ئۆي يەنە قايناشقا باشلىدى. چۈنكى ئەمدى قاسىماخۇن يۈز تۈپ كۆچەتنى ئۆينىڭ ئەتراپىغا سالغان كۈننىڭ ئەتىسى ھەممىسىنى ئوغرىلاپ كېتىشكەن بولسىمۇ، قاسىماخۇن يەنە مەيلى دەپ، ئۆيىدىكى تۆت تاغار جىگدىنىڭ ھەممىسىنى سۇغا باستى. ئەمدى تېرىسام بولىدۇ دېگەن يېرىگە كەلگەندە ھەممىسىنى بەش مو يېرىگە تېرىپ ئۈستىدىن سۇ قويىۋەتتى. بىر ئايدىن كېيىن جىگدىلەر ئۈنۈپ بىر غېرىچ بولغاندىكى كارامەتنى كۆرۈڭ. كەنت باشلىقى يەنە ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دەمدۇ، يوغان قورساق بىر ئادەمنى باشلاپ كېلىپ قاسىماخۇننى ئولتۇرغىلى قويمىدى. ئوتتۇز مىڭ، قىرىق مىڭ، ئەللىك مىڭ، ئەللىك مىڭغا چىققاندا ئەمدى كەنت باشلىقى قاسىماخۇنغا يالۋۇرۇشتىن تەھدىت سېلىشقا ئۆتتى. ئەزەلدىن غەۋغادىن قېچىپ كۆنۈپ قالغان قاسىماخۇنغا كەنت باشلىقى ۋە ھېلىقى يوغان قورساقنىڭ تەھدىتى تەسىر قىلدىمۇ ياكى ئەمدى باھاسىغا چىقتى دەپ قارىدىمۇ كۆچەتلەرنى ئەللىك مىڭغا بېرىۋەتتى. ئۇلار بۇ قېتىممۇ ئەللىك مىڭ يۈەن پۇلنى نەقلا قاسىماخۇنغا تۇتقۇزۇپ، ئالدىن تەييار قىلغان ھۆججەتكە قاسىماخۇننىڭ قولىنى باستۇردى ۋە تىزلا كېتىپ قېلىشتى. بۇ گەپمۇ بىر دەمدىلا ھەممىنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ كەتكەن، تېرىغىلى بىر تالمۇ جىگدە تاپالمىغان كىشىلەر بۇرۇنقى سوقتا- سوقتا ئۆسىدىغان، مەرۋايىتتەك پارقىرايدىغان جىگدىلىرىنى ئويلاپ پۇشايماندا ياقىسىنى چىشلىمەكتە ئىدى.

مانا ئەتىگەن قاسىماخۇن نەچچە قات ئورالغان پۇللىرىنى ئۆيدىمۇ قويماي ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بەھەيۋەت ئۆسكەن ئاشۇ بىر تۈپ جىگدە دەرىخىنىڭ پورىغا چىڭ تىقىۋەتتى. ئاندىن ئېلىپ قالغان مىڭ يۈەن پۇلنى يانچۇقىغا پۇختىلاپ سالدى ۋە قىزىنى ئېلىپ بازارغا كىردى. ئۇلار بازاردىن كۆزىگە ئۇز كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسىنى ئالدى. بولۇپمۇ قاسىماخۇن قىزىنىڭ كۆزى قانداق كېيىمگە چۈشسە تالاشمايلا سودا قىلىپ شۇ كېيىمنى ئېلىپ بەردى. ئاندىن بىر ئاز گۆش ئېلىپ بازاردىن يانغان ئىدى.

بەختاجىخان ئۆيگە كېلىپلا ئاۋال گۆشلەرنى قازانغا سېلىۋەتتى. ئاندىن قوي- كالىلارغا ھەلەپ بېرىپ بولۇپ، ئۆيدە مۈگدەپ ئولتۇرغان دادىسىنى باشقا ئۆيگە چىقىرىۋەتتى-دە، يېڭى ئالغان كېيىملىرىنى بىر- بىرلەپ كىيىپ بېقىشقا تۇتۇندى...

شۇ كېچىسى بەختاجىخان چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇنىڭ سادىر بىلەن تويى بولغىدەك، ئەمما توي بولىۋاتقاندا قاتتىق بوران چىقىپ دادىسىنى ئۇچۇرتۇپ كەتكۈدەك...

ئۇ ئۇيقۇلۇقتا شۇنداق چۈشلەرنى كۆرىۋاتقاندا كېچە قاراڭغۇلۇقىدا بىر مۇدھىش پىلان ئورۇندىلىۋاتاتتى. ئۈچ قارا گەۋدە ئۈن چىقارماي قاسىماخۇننىڭ شادا دەرۋازىسىدىن ئاتلاپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى. قومۇش چەللىلىك ھويلىدا يېتىپ ئۇخلاۋاتقان قاسىماخۇننىڭ خورىكى دەم توختاپ قالسىمۇ بىر ھازادىن كېيىن بوغۇلۇپ يەنە خارتىلدايتتى. ئۈچەيلەن پىلان بويىچە تىۋىش چىقارماي قاسىماخۇنغا يېقىنلاشتى ۋە بىرسى قاسىماخۇننىڭ ئاغزى- بۇرنىنى، يەنە ئىككەيلەن ئۇنىڭ پۇت- قولىنى دەست كۆتۈرگىنىچە ھويلىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

-     ئۇكىلىرىم، بۇ نېمە قىلىق،- ئۆيدىن خېلىلا يىراق بىر يەردە ماتاپ باغلىۋېتىلگەن قاسىماخۇن يەردە يېتىپ ئېغىر تىناتتى. ئۇ ئۆزىنى باغلىغانلارنى تونۇپ قالدى.

-     سادىر ئۇكام، مەن سېنى تونۇپ قالدىم، مەن داداڭ بىلەن يېقىن ئۆتكەن. نېمىشقا مېنى يەر بىلەن تەڭ قىلىپ باغلاپ بۇنچە خار قىلىسەن.

-     خاپا بولما ئاكا،- سادىرنىڭ ئۈنىمۇ بوغۇلۇپ چىقاتتى،- مېنىڭمۇ بۇنداق قىلىش نېيىتىم يوقتى. ئەمما مۇھتاجلىق ئادەمنى ھەر كويغا سالىدىكەن. نەق گەپ، پۇلنى چىقار.

-     قايسى پۇلنى، ئەستا، جىگدە ساتقان پۇلنىمۇ، مەن ئۇنى...

-     تىلىڭنى چاينىما ئاكا، چىقارمايدىغان بولساڭ، ئاۋۇ قىزىڭنى تىرىك كۆمىۋېتىمىز. ئاڭلىدىڭمۇ؟

-     نېمە؟ ئەستا، كۈن ئالغىلى قويمامسىلەر ئادەمنى...

-     تېز بول ئاكا، پۇل نەدە؟

قاسىماخۇن ئەمدى تالاشقاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن پۇلنىڭ بار جايىنى ئېيتىپ بېرىشنى قارار قىلدى. چۈنكى مۇنۇلار قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغان قارام نېمىلەر ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بەختاجىخاننىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ تەھدىت سېلىۋاتاتتى. نېمە ئامال، ئاۋۇ قىزى بىلەن ئۆزىنى ئامان قويسا بولدى ئەمەسمۇ؟

-     ئۇكام سادىراخۇن، بوپتۇ، پۇلنى سېلەرگە بېرەي. ئەمما قىزىم بىلەن ماڭا چېقىلماسلىققا ۋەدە بېرىڭلار. پۇلنى ئېلىپ ھەم بۇ يەردىمۇ تۇرماي يىراققا كېتىڭلار.

-     بىزگە ئىش ئۆگىتىپ كەتكىنىنى بۇ قېرىنىڭ، ئەلۋەتتە يىراققا كېتىمىز. كېيىن قولىمىز ئۇزىراپ قالسا پۇلۇڭنىمۇ قايتۇرامدۇق تېخى، تىز بول. پۇل نەدە.

-     جىگدىنىڭ، ھويلىدىكى جىگدىنىڭ پورىدا.

-     سەن مۇسا، بۇيەردە قاراپ تۇر، مەخەت ئىككىمىز بېرىپ، پۇلنى ئېلىپ كېلەيلى.

ئۈچەيلەن بوۋاينى ئاشۇ يەرگە باغلاقلىق پېتى تاشلاپ قويۇپ پۇلنى ئېلىپ ماڭدى. ئەمما شۇنچە كۆپ پۇلغا ئەجەپمۇ ئاسان ئېرىشكەن ئۇچەيلەننىڭ قەدىمى بىردىنلا ئاستىلاپ قالدى. بوۋاينى ئەتە خەقلەر قۇتقۇزىۋالىدۇ. ئەمما ئۆيىدىكى ھېلىقى قىزى ئويغىنىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا قۇمچاق، تازا رېسىدە بولغان ئوماق قىزى، بىر جانان ئۆيدە يالغۇز ياتىدۇ ئەمەسمۇ؟

-     شۇنداق قىلايلىچۇ ئاكا، قىزىنىمۇ باغلاپ، قىلغۇلۇقىمىزنى قىلىپ ئاندىن ماڭايلى. تېخى تۈن ئوزۇن، ئاللىقاچان كېتىۋالىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە ئۆگۈنمۇ، ھەتتا بىرەر ھەپتىگىچىمۇ بۇيەرگە مەھەللىدىكىلەر كەلمەيدۇ.

-     ياق، بۇنداق قىلمايلى.

-     ماقۇل دېگىنە سادىر ئاكا، بىرىنچى نۆۋەت سېنىڭ...

ئۇلار بىر ھازا دېلىغۇل بولۇشتى. ئاندىن سادىرنىڭ بىردىنلا ئارقىسىغا بورۇلۇشىغا قالغان ئىككىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

بەختاجىخان كۆرگەن چۈشىدىن قورقۇپ ئويغىنىپ كېتەيلا دەپ تۇرغاندا تويۇقسىز ئۈستىگە قوپال ھەم ئېغىر بىر گەۋدە تاشلاندى. بەختاجىخان دەسلىپىدە بۇ گەۋدىنىڭ زورلىقىدىن تىنالمىغان بولسا، ئەمدى تولۇق ھېس قىلدىكى بۇ سادىر ئىدى. ئۇ سادىرنىڭ پۇرىقىدىنلا ئۇنى تونىيالايتتى. بۇ چاغدا سادىر ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بەختاجىخان توختىماي تېپچەكلەيتتى. ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ، بىر قولىنى بوشىتىۋالدى. ئاندىن ئۈستىدە يەنە بەختاجىخاننىڭ كىيىملىرى بىلەن ھەپىلىشىۋەتقان سادىرنىڭ يۈزىگە بىرنى تۈكۈردى ۋە:

-     تۈفىي، سېنىڭ يىگىت بولۇپ قالغىنىڭغا، ساڭا كۆيۈپ يۈرگىنىمگە...-،دېدى بوغۇق ئاۋازدا.

پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇرغان سادىر بەختاجىخاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بوشاپ كەتتى. ئۇ بەختاجىخانغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. گەرچە بۇ ئىككى گەۋدە بىر- بىرىنى كۆرمىسىمۇ شۇ تاپتا ھەر ئىككىلىسىنىڭ قەلبى ئۆزلۈكسىز غەليان كۆتۈرمەكتە ئىدى. سادىر ئاستاغىنە بەختاجىخاننى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ:

-     بەختاجىخان، راست ماڭا كۆيەمسەن؟،- نىھايەت جىملىقنى بۇزۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى. بەختاجىخان زۇۋان سۈرمىدى.

-     راست گېپىڭنى ئېيىت بەختاجىخان، ماڭا كۆيەمسەن؟

ئەمدى بەختاجىخاننىڭ ۋۇجۇدىدا جان دېگەن نەرسىنىڭ ئەسىرى قالمىدى. يېرىم يالىڭاچ ھالدا ئولتۇرغان بەختاجىخان ئاخىرى سادىرنىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ قالدى ۋە:

-     راست سادىر، جېنىم، مەن ساڭا كۆيىمەن. بەك... بەكمۇ كۆيىمەن-، دېدى پىچىرلىغاندەك ئاستا ئاۋازدا. ئۆي ئىچىنى يەنە جىملىق قاپلىدى. بەختاجىخان بىردىن چۆچىگەندەك بولۇپ:

-     سادىر تىز چىقىپ كەت. دادام تالادا بار-،دېدى جىددى ئاھاڭدا. –داداڭ يوق بەختاجىخان، مەن كەلسەم داداڭ يوقكەن. شۇڭا يېنىڭغا كىرگەن.

-     نەگە كەتكەندۇ؟

-     تاڭەي-، سادىر ئۇنىڭغا يالغان ئېيتتى.

-     كۈندۈزى كەلسەڭ بولمامتى ساراڭ.

-     داداڭ بار تۇرسا.

-     تېخى كۈندۈزى دادام ئۆيدە تۇرمايدۇ.

-     راستمۇ؟

-     سېنى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە مەھەللىگە بارغىنىمنى بىلەمسەن ساراڭ.

بۇنى ئاڭلىغان سادىرنىڭ ۋۇجۇدى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئاندىن ئاستىلا بەختاجىخاننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،

-     مەن ھېس قىلغان، بەختاجىخان، مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما ئۆزەمگە ئىشىنەلمەي كەپتىكەنمەن.

-     چېلىشتا ھەممىنى يەڭگەن تۇرساڭ. يەنە شۇنچە يۈرەكسىز بولامسەن.

-     ياق، بەختاجىخان. ئەمدى مەن يۈرەكسىز ئەمەس.

-      نېمىشقا بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچى ئەۋەتمەيسەن؟

-     مەن... مەن ئەۋەتەي دېگەن لېكىن داداڭنىڭ ئۇنىماسلىقىدىن قورقۇپ...

-     مەن دادامنى ئۇنىتىپ بولغان...

-     نېمە ئاھ جېنىم... بەختاجىخان. مەن نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم، مەنمۇ ساڭا كۆيىمەن. ئەمما... ئەمما ساڭا دېسەم بەختاجىخان مەن ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويدۇم.

-     قانچە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولساڭمۇ دادام مەن ئۈچۈن سېنى كەچۈرىۋېتىدۇ. جېنىم مەن سېىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ساڭا بىر ئۆمۈر ۋاپادار بولىمەن. سادىر، يىگىتتەك بول. ئەلچى كىرگۈز. ماقۇلمۇ؟

بەختاجىخان شۇ سۆزلەرنى دېگەندىن كېيىن سادىرنى ھىدلاپ جىمىپ قالدى. شۇتاپ نېمىشقىدۇر سادىرنىڭ نەپسى توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالغان، يۈرىكىنىڭ سوقىشى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئۇ توساتتىن ئورنىدىن دەست تۇردى ۋە ئۆزىگە خىتاپ قىلغاندەك پەس ئاۋازدا:

-     ماقۇل، بەختاجىخان، مەن ئەلچى كىرگۈزەي...

-     توختا سادىر، توقايلىقتىن كېچىدە يالغۇز ماڭساڭ بولمايتتى...

بەختاجىخاننىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ئىشىك گۈپ قىلىپ يېپىلدى...

كېچە قاراڭغۇلۇقىدا سادىر ئىككى ھەمراھىنى چاقىردى.

-     قانداق ئاكا، ئىش ئوڭۇشلۇق بولغاندۇ، بەك ھايال قالدىڭ جۇمۇ، ئەمدى مەن كىرەيمىكى.

-     ياق، كىرىشكە بولمايدۇ. بەختاجىخاننى ئالىمەن. ئۇنى ئەمرىمگە ئالىمەن.

-     ساراڭ بولدۇڭمۇ، نەدىكى تېجمەل گاداينىڭ سەت قىزىنى ئالىمەن دېمىسەڭمۇ، شەھەرگە كىرسەك ساڭا قىزلار تولىغۇ. جۆيلۈمىگىنە، ئەمدى مەن كىرەي.

-     توختا مەخەت. مەن بىر قارارغا كەلدىم. ئەزەلدىن ئىككىڭلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ كەلگەن، بىز ھېچنىمىمىزنى بىر- بىرسىمىزدىن ئاياپ باقمىغان. بۇ قېتىممۇ بىر نۆۋەت گېپىمنى ئاڭلاڭلار. ئەزەلدىن مېنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ، دەيتتىم. ئۇ مېنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىكەن. سىلەرگە دېسەم مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. بولدى ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن. ئەمدى باشقىلارنىڭ مېنى ياراتماسلىقىدىن، قاسىم ئاكامنىڭ ئۇنى ماڭا بەرمەسلىكىدىن قورقمايمەن. ماڭا بەختاجىخاننىڭ مۇھەببىتىلا كۇپايە.

-     مانتا كۆرمىگەن ھابدال قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۈ دېگەندەك بىر ئىشقۇ بۇ. كاللاڭنى سىلكىۋەت ئاكا، بۈگۈنلا كۇلىغا مېڭىپ كېتىدىغاننى دېيىشكەنىدۇققۇ. ئاشۇ پەس...

مەخەتنىڭ ئېغىزىدىن شۇ سۆز چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىغا سادىرنىڭ قاتتىق بىر شاپىلىقى كېلىپ تەگدى.

-     ئۇنى پەس دېمە، قەلبىدە مۇھەببەت بار ئادەم ھەرگىز پەس ئەمەس، ئۇقتۇڭمۇ؟

شۇ تاپتا ئۇ ئىككەيلەن ھەسىرەپ ئېغىر تىناتتى.

-     پوق يەپسەن سادىر،- باياتىن بىرى جىم تۇرغان مۇسا بىردىن ۋارقىرىۋەتتى،- بىزنىمۇ ئانىمىز يىگىت دەپ تۇققان، سەن قىلىدىغان قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ، بىزنى شوۋىكەش كۆرۈپ قالدىڭمۇ، ئەمدى نۆۋەت مېنىڭ...

ئۇ شۇنداق دەپلا گۈس- گۈس دەسسەپ ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. غەزىپىنى ئاران بېسىپ تۇرغان سادىر ئىككى سەكرەپ بېرىپ ئۇنى بىر تېپىك بىلەن دۇم سېلىۋەتتى. ئاڭغىچە يىتىپ كەلگەن مەخەتمۇ سادىرنى چاپۇتلاپلا يېقىتتى ۋە ئورنىدىن تۇرغان مۇسا بىلەن ئىككىسى ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدى. قاتتىق جىدەل باشلىنىپ كەتتى. يالغۇز سادىر ئۇلارغا تېتىيالايتتى. ئەمما ئۇ ئىككىسىمۇ قارام نېمىلەر بولغاچقا جىدەل ھەدىگەندە بېسىقمايۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا زاڭىقىغا قاتتىق بىر تېپىك يىگەن مۇسا ئورنىدىن تۇردى، ئەمما ئۇنىڭ قولىدا بىر پىچاق سوغۇق يالتىرايتتى. سادىرنىڭ دۈمبىلىرى كۆيۈشكەندەك بولدى ۋە قاراپلا مۇسانىڭ ئۆزىگە پىچاق سالغىنىنى بىلىپ ئۇمۇ يېنىدىن پىچىقىنى ئېلىپلا مۇسانىڭ كۆكرىكىنى چەنلەپ تىقىۋەتتى. ئاڭغىچە يەنە بىر دۇلىسى ھەرە چاققاندەك ئېچىشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا مەخەتمۇ پىچاق سېلىۋەتكەن ئىدى. سادىر پىچاقنى تەتۈرسىگە سىقىمدىدى ۋە كەينىدىن يېتىپ كەلگەن مەخەتنىڭ ئۆلەر يېرىگە قارىتىپ پىچىقىنى سېپىغىچە پاتۇرىۋەتتى. مەخەتمۇ قاتتىق بىر ۋارقىراپ يىقىلدى. سادىر ئىككىسىگە سوغۇق بىر قاراپ قويۇپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ چامدىدى. ئەمما ئىككى قەدەم ماڭمايلا يەرگە يىقىلدى. ئەتراپتا قانغا بويالغان يۈز كويلۇق باغلام- باغلام پۇللار چېچىلىپ ياتاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىقىغا بەختاجىخاننىڭ ‹‹سادىر!›› دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى غۇۋا ئاڭلانماقتا ئىدى. سادىر بەختاجىخاننىڭ شۇ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاجايىپ شىرىن بىر بەخت تۇيغۇسىدا كۈلدى. ئەمما ئۇنىڭ كۈلكىسى مېيىقىدا قېتىپ قالغان ئىدى...



بۇ ئەسەر «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.



جىن ھەققىدە ھېكايە


(ھېكايە)


ئابدۇلھەمىد ياسىن



مېنىڭ ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆپرەك جىن ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلايتتۇق. ئۇنىڭ جىن ھەققىدە ئەڭ قىزىشىپ ھېكايە سۆزلەيدىغان يېرى توي-تۆكۈن بولغان ئۆينىڭ قازان بېشى بولۇپ، ئۇ ئۇستا ئاشپەز، بۇ مەھەللىدە ئۇ ئەتمىگەن توي پولوسىنى ھېچكىمنىڭ يېگۈسى كەلمەيتتى. سەۋزە-گۈرۈچ ھەركىمنىڭكىدە بار ئەمما پولونى ئۇنىڭدەك ئوخشىتىپ ئېتىدىغان قول ھېچكىمدە يوق. مايلىرى تېمىپ تۇرغان، زىرە، كاۋاۋىچىن، زەپە قوشۇپ ساپ-سېرىق سارغايتىپ ئېتىلگەن پولونى يېگەنلەردىن ماختىمايدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئۇ ئاشۇ ھىكايىلىرىنى دەل پولو دەم يىگەن، ئۆزىمۇ سەل ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا سۆزلەيتتى. دېگەندەك شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەتراپىغا مەھەللىمىزدىكى گەپخۇمارلارنىڭ ھەممىسى يىغىلاتتى. ئەلۋەتتە بىزمۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بېشىمىزنى چىقىرىپ گەپ ئوغۇرلاشقا تۇراتتۇق. شۇنداق سورۇنلاردا ئۇ ئەركەك-چىشى جىنلارنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلىرىنى سۆزلىگىلى تۇرسا بىردە ھاڭۋېقىپ، بىردە سۈر بېسىپ تۇرۇپ ئاڭلايتتۇق. ئەگەر كەچلىرى سىرتقا چىقىپ قالغۇدەك بولساق ئۇنىڭ ئاشۇ جىنلىرى يادىمىزغا يەتسىلا  نۇرغۇن بەدبەشرە چىرايلار كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولاتتى-دە، قايەرلەردىندۇ كۆرۈنمەس بىر قول سوزۇلۇپ كېلىۋاتقاندەك بولۇپ قورقۇپ جان-پېنىمىز چىقىپ كېتەتتى.

ئۇ ئوتتۇز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ئۆيلەنمىگەن، ئەمما ناھايىتى سۆزمەن، مەھەللىدىكىلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا تۈۋىدە پىشىپ قالغان چوغۇندەكنىڭ بىرسى ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ بويى پاكار، چىرايى سېرىق، كۆزلىرى مولۇننىڭكىدەك پارقىراپلا تۇىدىغان ئەپتى دالدىدا ئاپتاپ كۆرەلمەي قورۇلۇپ قالغان زىرائەتكە ئوخشايتتى. پولونى ئاشۇنداق ئوخشىتىپ ئېتىشنى نەدىن ئۆگىنىۋالغىنىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ گەپ باشلىسىلا جىن ھەققىدىكى ئەپسانىلەردىن باشلايدىغىنىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ‹‹تۇرسۇن جىن›› دېگەن سۆز قېتىلىپ قالغان. شۇنداق، ئەسلى بىر چىرايلىق ‹‹تۇرسۇنجان››دېگەن ئىسىم، ‹‹تۇرسۇن جىن››غا ئۆزگىرىپ قالغانىدى، ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەندەك، جىن ھەققىدىكى ئاجايىپ ئەپسانىلىرىنى توي-مەرىكىلەردىكى قازان بېشىدىلا ئەمەس، دوڭغاق جىگدە تۈۋىدە، قېرى ئۈجمە يېنىدىكى توك تۈگمىنى يېنىدا، مەيلى بىزدەك ئۇششاق بالىلارغا بولسۇن مەيلى چوڭلارغا بولسۇن قىزىشقان ھالدا سۆزلەۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىتاتتۇق.

-رەھمىتى بوۋام-، دەپ سۆزىنى باشلايتتى ئۇ،-ئالامەت ئوقۇمۇشلۇق ئادەم ئىكەندۇق. دىندىمۇ-پەندىمۇ كۆپ ئوقۇغان، جاھان ئىشلىرىدىن خەۋەردار مۇنەججىم ئادەم ئىكەن. ھەرقانداق سەركەش جىنلارغا نوقتا-يۈگەن سالالايدىكەن. بىركۈنى مەسچىتتە قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرسا، ناھايىتى بەدبەشرە بىر جىن ‹‹تاراق-تاراق-تاراق›› مېڭىپ مەسچىتكە كىرىپ كەپتۇ،-ئۇ ‹‹تاراق-تاراق››دېگەن سۆزنى قەستەن ئۇرغۇلۇق ھالەتتە ئۇزاق ئېيتاتتى. بۇ چاغدا قورققىنىمىزدىن تەبىئىكى ئۈنىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ كېتەتتى،- رەھمەتلىك بوۋىمىز قۇرئاننىڭ دەل جىنلارغا توقۇم سالىدىغان يېرىنى ئوقۇشقا باشلاپتىكەن ھېلىقى جىننى سۈر بېسىپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كېتىپتۇ. بوۋام شۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇ جىننى قىل ئارقان قىلىپ باغلىۋاپتۇ. جىن يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. بوۋام بولسا ‹‹مېنىڭ يەتمىش ئىككى ئۇرۇق-ئەۋلادىمغىچە ئاپىتىڭنى سالماسلىققا قەسەميات قىلساڭ قويۇپ بېرىمەن›› دەپ شەرت قويۇپتۇ. ھېلىقى جىن ئاللا-توۋا قىچقىرىپ قەسەمياد قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىپتۇ.

-تۇرسۇنكا قىل ئارقان قىلىپ باغلاش دېگەن نېمە؟

-سوئال سوراشنىلا بىلىدىكەنسەن ئۇكا، قىل ئارقان دېگەن...ئاھاي بىكار گەپنى قويۇپ ئەمدى ماۋۇنى ئاڭلا، رەھمىتى بوۋام يەنە بىر قېتىم ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر جىننى تۇتىۋاپتۇ. ئۇنى قانداق تۇتىۋاپتۇ دېمەمسەن؟ ھېلىقى ئالۋاستى تۈڭلۈكتىن ئاستا سوزۇلۇپ چۈشكەن پەيتى ئىكەن، بوۋام چاققانلىق بىلەن ھېلىقى ئالۋاستىنىڭ چېچىدىن ئازراق كېسىۋىلىپ دەرھاللا قۇرئاننىڭ ئارىسىغا سېلىۋاپتۇ. ئالۋاستىنىڭ چېچىنى كېسىپ قۇرئاننىڭ ئارىسىغا سېلىۋالسا قانداق بولىدىغىنىنى بىلىشمەيسىلەردە، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بىچارە ئالۋاستىنىڭ جېنىغا ۋاي! يا جېنى چىقماي يا قېنى ئاقماي خەقكە ئاشكارە بولۇپ شەرمىساز بولىدىغان گەپكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالۋاستى كۈندە كەچتە بوۋامنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ ‹‹ئاكىچىكا تەڭگەمنى بېرىڭ!›› دەپ ۋارقىرايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ توۋلىغىنىنى مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم ئاڭلايدىكەن. بوۋام ئۇنىمۇ يەتمىش ئىككى ئەۋلادىغىچە چېقىلماسلىققا ئەھدە ئېلىپ ئاندىن قويىۋەتكەن ئىكەن...

شۇنداق قىلىپ ئۇ سۆزىنى ئاشۇنداق پەخىرلىك ھېسىياتتا ئاخىرلاشتۇراتتى. بىزلەرگە سۆزلەپ بېرىدىغىنى مۇشۇنداق جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ھېكايىلىرى بولسا ياشلار ھەم چوڭلارغا تولىراق، ئەركەك جىننىڭ ئايال كىشىگە قانداق ئاپەت سالغانلىقى، چىشى جىننىڭ ئەلەرنى قانداق ئازدۇرىدىغانلىقى، نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ چىشى جىندىن خوتۇنى بارلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى. بىزمۇ ئۇنىڭ ئەركەك-چىشى جىن ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشقا ئامراق ئىدۇق. بۇنداقلىرى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك ھەم قىزىقارلىق بولاتتى. ‹‹ئەركەك جىندىن ئېرى بارلار، چىشى جىندىن خوتۇنى بارلار كىشىلەرگە سىرىنى ئېيتىپ قويسىلا سۈرىتى ئىتقا ياكى چوشقىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن ياكى غايىپ بولۇپ كېتىدىكەن، چىشى جىندىن خوتۇنى بارلار ھەرگىزمۇ خوتۇنىنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ سالسا بولمايدىكەن. چۈنكى چىشى جىننىڭ دۈمبىسى يوق بولۇپ، قورۇق ئىسكىلىتلا باركەن، شۇڭا دۈمبىسىنى سىلىغان ھامان چىشى جىن خوتۇنى غايىپ بولۇپ كېتىپ، ئۆزىمۇ ئېلىشىپ قالىدىكەن›› دېگەندەك قورقۇنچلۇق گەپلەرنى يەنە ئەر-ئاياللاردا بولىدىغان ئاللىقانداق مەخپىي گەپلەرنى پەس ئاۋازدا سۆزلىسە ئۈنىمىزنى ئىچىمىزگە تىنىپ ھەممىنى قويماي ئاڭلىماق بولاتتۇق. تېخى چوڭلار ئۇنىڭدىن ‹‹ئەركەك جىن تەگسە قانداق قىلىش كېرەك؟ كاپىر جىن ئەسكىمۇ، موسۇلمان جىنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاپىتىدىن قانداق ساقلىنىش لازىم؟›› دېگەندەك بىزلەرگە ئىنىقسىز بولغان سوئاللارنى سورايتتى. شۇنداقلا ئۇنى توي ئۇزىتىش توغرىسىدىكى مەسلىھەتلىرى بىلەنلا ئەمەس ئاللىقانداق جىن توغرىسىدىكى ئىشلار بىلەنمۇ ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلاتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭكىگە ساقايماس كېسەللەر ھەققىدە مەسلىھەت ئالغىلى كېلىپ تۇرىدىغانلىغىنى بىلەتتۇق.  يەنە بەزىلەر ‹‹تۇرسۇن جىن››نىڭ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ئېيتىپ يۈرىدىغان ‹‹بىر جىنغا ئاجايىپ كۆيۈكمەن›› دېگەن سۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ‹‹جىندىن خوتۇنى بارمىش›› دېگەندەك گەپلەرنىمۇ تېپىشقانىدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەر بىلەن پەرۋايى يوق ھالدا چىشى جىنلارنىڭ خۇلقى توغرىسىدا سۆزلەپلا يۈرەتتى، ھەتتا مەھەللىمىزدىكى بەزى ئاياللار قاتارىدا ھەدەمنىمۇ جىنغا ئوخشىتىپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ قالغىنىمدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچمۇ بولۇپ قالغانىدىم. ئۇ مەھەللىمىزدە توي پولوسىنى ئېتىشتە گۈل كەلتۈرىۋىتىدىغانلىغى بىلەن ھۆرمەت، ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. شۇنداق بولغاچقا پولونىڭ ئوخشاپ كەتكىنى ئۇنىڭ ئۇششاق سۆز ئىكەنلىكىدەك ئەيىبىنى ئاللىقاچان يېپىپ كېتەتتى.

ئۇنى كۆرسەملا كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار توغۇلاتتى. بىردە شۈبھە باسقان، بىردە قىزىقسىنغان ھالەتتە ئۇنىڭ پارقىراپلا تۇرىدىغان مولۇنسىمان كۆزلىرىگە تىكىلگىنىمچە تۇرۇپلا قالاتتىم. ئەمما ئائىلىمىزدىكىلەر نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدى. ئۇنىڭ گېپى چىقسىلا:

-جىن چاپلاشقان يىتىم ئوغلاق!-، دەپ تىللايتتى دادامنىڭ نېمىگىدۇ سەپرايى ئۆرلەپ، يەنە ئاناممۇ دادامنىڭ قاپىقىغا قاراپ ‹‹تۇرسۇن جىن››نىڭ ئەسكىلىكلىرىنى داستىخانغا يېيىپ قارىلاشقا باشلايتتى. ئەمما ھەممىنىڭ كۆزى بىر بۇلۇڭدا ئۈنسىز ئولتۇرغان ھەدەم بەختاجىخاندا بولۇپ، تۇرسۇن جىنغا دېيىلگەن گەپلەرنى ئەتەي ئۇنىڭغا تەگسۇن دېگەندەك دارىتمىلاۋاتقانلىغى بىلىنىپلا تۇراتتى. ھەدەمنىڭ نېمە گۇناھى بارلىغىنى بىلمەيمەن، ئەمما ھەممىسى ھەدەمگە دوق قىلاتتى. بىچارە ھەدەم يەرگە قاراپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ سۈزۈك ئاق چىرايىغا خوپ ياراشقان قارا قاشلىرى تۈرۈلۈپ، نېمىگىدۇر نارازى بولغاندەك باتناپ ئولتۇراتتى. شۇ كۈنلەردە دېمىسىمۇ تۇرسۇن جىن بىزنىڭ ئۆينى ئەگىپ كېتەلمەيتتى. بىر قېتىم ‹‹ئاچىڭىزنى چاقىرىپ قويسىڭىز›› دەپ بىر كوي تەڭلىگىنىدە بىر كوينى ئېلىپ ئارقامغا يېنىپلا يەردىن بىر داڭگالنى ئېلىپ ‹‹مانا ئاچام›› دەپ ئۇنىڭغا ئاتقانىدىم. ئۇ بولسا داڭگا تەككەن مۆرىسىنى قېقىشتۇرۇپ تۇرۇپلا قالغانىدى. بىر كۈنى يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇ ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.

-ھېلىقى جىن سارىڭى دەلتە ھەممە يەردە بىزنىڭ بەختاجىخانغا ‹‹جىن ئاپىتىنى سالماي قويمايدۇ››، دەپ سۆزلەپ يۈرگىدەك، يەنە ئۆينىڭ قېشىدا كۆرسەم پاچىقىنى چېقىۋەتمەيدىغان بولسام...-،دېدى دادام تېرىكىپ.

-ھاما، دادىسى، مەن قورقۇپ قالدىم، ئۇ راستىنلا جىننىڭ ئەھلىدىن بولۇپ بىرتاللا قىزىمىزغا بىر ئىش بولۇپ قالسا چاتاق بولىدۇ. جىن ئاپىتىنى سالغان ئادەمنى ھەرقانچە ئۇستا دوختۇرمۇ ساقايتالمايدىكەن. ئاشۇ بالىنىڭ ھۆنىرىمۇ يامان ئەمەس، قىزىمىزنى...-،ئانامنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا دادامنىڭ گۈركىرىگىنى ئاڭلاندى.

-قانداق ناكەس خوتۇن-سەن، قىزىنى بۇزغان ئانىسى-دەپ، ئاشۇنىڭ ئەتكەن پولوسى ئەرزىپ كەتتىما؟ بىر كۈن كەچكىچە پولو دۈملىسە ئاخشىمى تۈزۈك ھەق بەرمەي قۇرۇق رەھمەت بىلەن بىر داستىخان پولونى يۆگەپ بەرسە خوش-خوش دەپ كېتىدىغان دەلتىگە بېرىدىغان قىزىم يوق-مېنىڭ. ئۇنىڭ ئاشۇ ئېلىشاڭغۇ گەپلىرىدىن باشقا نېمىسى بار، نېمىسى بىلەن قىزىمىزغا ياخشى كۈن كۆرسىتىدۇ؟ بىر باي ئاكىسى بار ئەمما ئۇ ئاكىسى بۇ ساراڭغا قارىمايدىكەن، ئاتا-ئانىسى يوق يىتىمەككە قىز بېرىدىغانغا كاللام ئىششىپ قالمىدى مېنىڭ!

-بوپتۇ دادىسى، مەن...مەن... بۆگۈنگىچە سىزىقلىرىدىن چىققان ئەمەس، ماڭا قىزىنى بۇزغان دەپ تۆھمەت قىلساڭلا بولمايدۇ-،ئانامنىڭ ئۆكسۈش ئارىلاش شۇ سۆزلىرىدىن كېيىن يەنە دادامنىڭ گۈركىرىگىنى ئاڭلاندى.

-ئەزەلدىن تەگلىك، تۇتسا سېپىمىز بار، چاقىرسا قاسىمباي دەپ ھەممىنىڭ ئېغىزىغا بىر كېلىدىغان نامىمىز بار ئادەم بىز. قىزىمىزمۇ ئايدەك يۈزى، گۈلدەك ھۆسنى بار بالا بولدى. نەدىكى بىر ئالاجوقا، سەت پەتەككنىڭ قىلىقلىرىغا تەسىرلىنىپ كەتمەڭلا ماقىما، ئۇنىڭسىزمۇ ئولتۇرۇپ قالمايدۇ.

شۇ سۆزدىن كېيىن ئۆيدىكى ئاۋاز ئانامنىڭ بوش ئۆكسۈشلىرى ئىچىدە جىمىپ قالدى. ئەمما مەن ئۆينىڭ كەينىدىكى قوناقلىقتا، يار بويىدىكى قومۇشلۇقتا ئاچام بىلەن ‹‹تۇرسۇن جىن››نى بىر نەچچە قېتىم ئۇچرىتىپ قالدىم ھەم بۇنى دادامغا ئېيتىپ قويۇشنى ئويلىدىميۇ، دادامنىڭ ئاچچىقىدا، ماڭا بەكلا كۆيىنىدىغان ھەدەمگە قاتتىق تېگىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ ئېيتمىدىم. شۇندىن باشلاپ ‹‹تۇرسۇن جىن››غا بولغان ئۆچلۈكۈممۇ ئارتىپ باردى. بورۇن تۇرسۇنجان ئاكام دېسەم كېيىن قەستەن ‹‹تۇرسۇن جىن››، ‹‹تۇرسۇن پاپا››، دەيدىغان بولىۋالدىم. ھەدەمگىمۇ ئوچۇق چىراي ئاچمىدىم. ھەدەممۇ مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ جىممىدە تۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. خەقلەرنىڭ ئېغىزىدىكى گەپلەر ئاۋۇپ قالغان چېغى ئۆيدىكىلەرمۇ ھەدەمنى تېخىمۇ چىڭ باشقۇرىدىغان، ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ گەپلەر بىلەن دارتمىلاپ ھەدەمنى تالىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممىدىن يامىنى ئاكام ھەدىسىلا تۇرسۇن جىننى ئۇرىدىغاننىڭ گېپىنى قىلاتتى. ھەتتا بىر قېتىم كۆل بويىدا قاتتىق ئۇرىۋىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئاخۇنۇم ئاتايىن بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ:

-مۇسۇلمانچىلىقتا كىشىنىڭ كىشىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ، تۇرسۇن ئاخۇن بىزنىڭ ئالدىمىزدا چوڭ بولغان، ئىچىدە ئالىسى يوق بالا، قىزلىرىنى بەرمىسىلىمۇ مەيلى، ئەمما ئۇنى يىتىمكەن دەپ بوزەك قىلىپ ئۇرۇپ-سوقسىلا ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەيدۇ-،دەپ قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇ مۆتىۋەرگە گەپ ياندۇرغىلى بولاتتىمۇ، ئىمام ئاخۇنۇم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دادام ئاكامغا گۈركىرەپ ئىشنى تۈگەتكەن بولدى. شۇندىن كېيىن تۇرسۇن جىن بىر مەھەل ئاغرىپ يېتىپ قالدى. قىزىق ئىش. شۇ مەزگىلدە ئاچاممۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. خەقلەرنىڭ ئېغىزىدا ‹‹تۇرسۇن جىن›› بىلەن ئاچامنىڭلا گېپى ئىدى.

-بەختاجىخان ئايدەك چىرايلىق، ئېگىز بويى مەجنۇنتالدىن خۇي ئالغاندەك كېلىشكەن بىر قىز تۇرۇپ، بويى ئىڭىكىگە كەلمەيدىغان ئاشۇ پىندەكنىڭ نەرىنى يارىتىپ قالدىكىنە؟-، دېيىشەتتى مەھەللىمىزنىڭ يىگىتلىرى.

-تۇسۇن دېگەن جىن سارىڭىمۇ ئۆز خىلىنى تاپسا بولىدۇ-،دەپ تۇمشۇقىنى ئۇشلىشاتتى قىزلار.

-كۆيۈك دېگەن شۇنداق سەۋدا، ئۇز-سەت، ئېگىز-پاكار دەپ ئايرىمايدۇ. باي-گادايغا تېخىمۇ قارىمايدۇ، ھەي ي! خودايىم بەختىنى بەرسۇن-،دىيىشەتتى مومايلار ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرۇپ.

ئىشقىلىپ ھەممە ئادەم ئاچام بىلەن ‹‹تۇرسۇن جىن››نىڭ غېمىدە قالغاندەكلا ئىدى. بۇ ۋاقىتتا دادام تېخىمۇ بەك سەپرا بولۇپ كەتتى. ھەدىسىلا ئانامغا ۋارقىرايدىغان، بىگۇناھ ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ھەدەمنى قارغايدىغان بولىۋالدى. ھەتتا خېلى چوڭۇپ قالغان بولساممۇ قۇچىغىغا ئېلىۋىلىپ ‹‹قانىتىم، بۈركۈتۈم، شەيتان ساقام›› دەپ ئەركىلىتىپ كېتىدىغان ماڭىمۇ قارىمايدىغان بولىۋالدى. ھەممە ئادەم بىزنىڭ ئائىلىمىزگە نەپرەتلىنىپ قاراۋاتقاندەك، ‹‹تۇرسۇن جىن››نىڭ ئاجىزلىغىغا، بىچارىلىكىگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ جىنلارغا قانداق نوقتا سالغانلىغى، قەيەرگە قايسى چەتئەلدىن كەلگەن جىننىڭ ئۇۋىلاپ قالغانلىغى توغرىسىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىيالماي، جىن چېپىلىپ قالغانلار مەسلىھەت ئېلىپ، داۋالىنالماي، يەنە توي-مەرىكە قىلىدىغانلار پولو ئېتىدىغان ئادەم تاپالماي بىزنى قارغايدىغان بولىۋالغانىدى.

ئوزۇن ئۆتمەي تۇرسۇن جىنمۇ ساقايدى. ئەمدى ئۇ جىن ھەققىدە ئوزاق سۆزلىمەيدىغان، بۇرۇنقىدىنمۇ ئۇرۇقلاپ، گەپ-سۆزلىرىمۇ بۇرۇنقىدىن ئازلاپ كەمسۆز ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى. ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى، بىركۈنى مەكتەپتىن كېلىۋاتسام بىزنىڭ كوچىغا بۇرۇلىدىغان تېرەكلىك يولدا يالغۇز تۇرغان تۇرسۇن جىننىڭ ماڭا ئۇزاق قاراپ كەتكىنى ئىدى. شۇ چاغدا شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىمكى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىز ھالدىكى مولۇننىڭكىدەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغان كۆزلىرى شۇنداق سىرلىق بولۇپ، ئۇ خۇددى ھېلىلا جىنغا ئايلىنىپ كېلىپ مېنى بېسىۋالىدىغاندەك، ئۇنىڭ ئاشۇ جىمجىتلىقى ئىچىگە ئۆزى سۆزلەيدىغان نۇرغۇن سىرلىق نەرسىلەر مۇجەسسەملەشكەندەك تېنىم شۈركىنىپ كەتكەن ئىدى.

شۇ ئىشتىن بىرنەچچە كۈن كېيىن ئۇنى بىر ئېغىر كېسەل بىلەن ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى كېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. بۇ ھەقتىمۇ خەقلەرنىڭ ئېغىزىدا گەپ كۆپ ئىدى.

-سۈيدۈك يولى تارىيىش كېسىلى ئىمىش.

-تىزدىن داۋالانمىسا ھاياتى تۈگىشەر ئىمىش.

-بىچارە ئۆزىنىڭ يىققان ئازغىنە پۇلىنى ئېلىپ ماڭسا ئاكىسى شۇنچە مالدار ، پۇللۇق ئادەم تۇرۇپ قاراپ تۇرغانمىش...

-دوختۇرخانىغا ئالغۇزۇپتۇ، لېكىن پۇل يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەھۋالى خەتەرلىك ئىمىش...

بۇ گەپلەر خۇددى كۈزدىكى سوغۇق شامالدەك مەھەللىمىزنىڭ بۇ مىھرى ئىسسىق يىگىتى توغرىلىق يامان خەۋەرلەرنى تارىتىپ كۆڭۈللەرنى غەش قىلاتتى. شۇ سۆزلەر بولۇپ ئوزاق ئۆتمەيلا يەنە بىر پارتلاتقۇچ خاراكتىردىكى خەۋەر دەل بىزنىڭ ئۆيدىن تارقالدى.

-بەختاجىخان قېنى؟-،بۇ دادامنىڭ ئاۋازى ئىدى.

-ئاباياتىن بارتى، نەگىمۇ كەتكەندۇ بۇ بالا، شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ پەيدا بولمىغىنىنى...-،بۇ ئانامنىڭ ھەم ئىلاجسىز ھەم رەللە بولغان ھالدا ئېيتقان سۆزى ئىدى.

-ھەممىڭ ئۆيدىن چىقىپ دەرھال ئىزدەش!-، دادامنىڭ گۆركىرىشى بىزنى ئورنىمىزدىن چاچراپ تۇرغۇزىۋەتتى. دادامنىڭ گېپى بىزلەرگە ھەربىي بۇيرۇق. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز سىرتقا چىقىپ ئىزدەشكە باشلىدۇق. گەرچە قاراڭغۇ چۈشۈپ تۈن پەردىسى ھەممە ياققا يېيىلىپ بولغان بولسىمۇ ئۇچرىغانلا كىشىدىن سورىدۇق، ھەدەمنىڭ ئېتىنى قىچقىرىپ توۋلىدۇق. دېمەك ھەدەمنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى بىردەمدىلا پۈتۈن مەھەللە بىلىپ بولدى. ئەمما ئىشنىڭ چوڭى ئۆيگە يېنىپ كەلگىنىمىزدە چىقتى. دادام ‹‹ئەللىك مىڭ كوي پۇلنىڭ چېكى يوق تۇرىدۇ›› دەپ ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ يەرنى تېپىپ ئاچچىقلاپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇددى ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك ھەممىمىزگە قارا قۇيۇق ۋارقىراشقا باشلىدى.

-ھەممىڭ تۇزكور! ھەممىڭ نانقېپى! ۋۇ بۇزۇقلار! سەندەك قىزىم يوق! ۋۇ تۇزكور!!

دادامنىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن تىللىشىنى ئەمەلىيەتتە يولسىز دېگىلىمۇ بولمايتتى. چۈنكى بىزنىڭ ئۆي مال-چارۋىلىرىمىز تولا، يېرىمىزمۇ كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادامنىڭ ناۋاتچىلىق ھۆنىرى بىلەن كۈنىمىز قىسلماي ئۆتىدىغان ھاللىق ئائىلە ئىدۇق. شۇنداق چوڭ ئائىلىنىڭ چىقىمىمۇ كۆپ بولىدۇ-دە، مەن دادامنىڭ ئۇ پۇلنى بىر ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن بەك تەستە يىققانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدىكى بارلىق ھېسابنى ئاچام تۇتاتتى. دادام كىرگەن كىرىمنىڭ ھەممىنى، پۇلنىڭ چېكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئاچامغا تۇتقۇزاتتى. پات-پات دادامنىڭ ھېساب سۈرۈشتە قىلغىنىنى، ئاچامنىڭ بىر-بىرلەپ خەجلەنگەن پۇلنىڭ ئورنىنى چىقىرىپ بېرىۋاتقىنىنى كۆرەتتۇق.. ئەلۋەتتە پۇلنىڭ چېكىنى ئاچامدىن باشقىسى ئالمايدۇ-دە، دادام تۇرۇپ تېخىمۇ رەللە بولۇپ ئاكامغا ۋارقىرىدى.

-چوقۇم ھېلىقى جىن چېپىلغان ساراڭنىڭ يېنىغا ماڭدى. سەن دەرھاللا موتونى مىن-دە، شەھەرگە كىرىپ بېكەتكە بار. ئەگەر بار بولسا چېچىدىن تۇتۇپ موتوغا باغلاپ ئېلىپ چىق!

ئاكام كىرىپ كەتتى. ئەمما ھەدەمنى ئېلىپ چىقالىشىدىن ئۈمىد ئاز ئىدى. چۈنكى ئاچامنىڭ ئەتىگەنلا بىز مەكتەپكە، داداملار خامانغا كەتكەندە چىقىپ كەتكىنى ئىنىق بولدى. بۇ چاققا ئاللىقاچان پۇلنى ئېلىپ، بارىدىغان يېرىگە يۈرۈپ كەتكەن بولىدۇ-دە.

دېگەندەك ئاكام قۇرۇق قول چىقتى. ئاچامنىڭ زادى ‹‹تۇرسۇن جىن››نىڭ كەينىدىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقا يەرگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىدى.

شۇ ئىشتىن كېيىن دادام تۈگىشىپلا كەتتى. يۈزۈم تۆكۈلدى، دەپ جامائەتكىمۇ ئارىلاشمايدىغان، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى چوڭ ئاكامغا، ھۆنەرنى كىچىك ئاكامغا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزى مال-بېقىپلا ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇنقى سەپرالىقىمۇ قالمىغان، ناھايىتى كەمسۆز، ئېغىل بىلەن ئۆي ئارىلىقىدىلا يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. ئانام بولسا تېخىمۇ جۈدەپ كەتتى. ئۇمۇ دادامنى قانداق ئىشقا بۇيرۇيتتىكى دەپ ئارقىسىدىنلا يۈرىدىغان، دادام قويلارغا گەپ قىلىپ كەتسە ئۇنىڭغا يىراقتىن قاراپ يىغلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.

شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەنمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆي ئىشلىرىغا قاراشقاچ باشقا ئىش بولمىغاچقا دادام بىلەن قوي بېقىپ ئۆتمەكتە ئىدىم.  ھەدەمنىڭ نە خەت نە خەۋىرى بولمىدى. ئۇنىڭ-بۇنىڭ ئېغىزىدا ‹‹تۇرسۇن جىن››نىڭ كېسەلدىن ساقىيىپ ئۈرۈمچىدە ئاشخانا ئاچقانلىقىنى، ئاشخانىسىنىڭ ئالامەت روناق تېپىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئەمما راست-يالغانلىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدەمنىڭ ئاشۇ ئاشخانىدا بار ياكى يوقلىغىنى تېخىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. نەچچە قېتىم سەپرالىقتا دادامنى كىيىپلا چىققان چوڭ ئاكام:

-ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ئاشۇ جىنكەشنى تېپىپ ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ، بەختەكنى ياندۇرۇپ كېلىمەن-،دەپ چالۋاقىدى. ئەمما دادام سوغۇقلۇق بىلەن:

-بولدى قىل، ئاشۇ پۇل بىلەن ئادەم بولىۋالسۇن، ئۇنى كۆرەر كۆزۈم يوق-،دەپ جىمىقتۇرىۋەتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۆيىمىزدە بەختاجىخان ھەدەمنىڭ گەپلىرى جىمىقتىيۇ، مېنىڭ خىيالىمدىن تۇرسۇن جىننىڭ خىيالغا پاتقان ھالەتتىكى ماڭا تىكىلگەن ئورا كۆزلىرى نېرى كەتمىدى ھەم ئۇ سۆزلىگەن ئەركەك ۋە چىشى جىننىڭ چېپىلغۇلىرى ئېسىمگە كېلىۋىلىپ تەگسىز ۋە مەۋھۇم خىياللارغا غەرق بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. بەختاجىخان ھەدەمنىڭ مېنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۆيدىكى ھەممەيلەندىن كۆڭلى قالغاندىمۇ، مەن ئاشۇ ھەدەمگە ئۆچ بولۇپ كەتكەندىمۇ ماڭا ئەڭ خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان پەرىزات ۋە شاھزادە توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقى يادىمغا يەتسىلا مېنى يىغا ئورىۋىلىپ بوغىزىمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالاتتىم.  گەرچە ئۆيدە ھەدەم ۋە تۇرسۇن جىن ھەققىدىكى گەپلەر تۈگىگەن بولسىمۇ مەھەللىدە ئۇلار ھەققىدىكى گەپلەر يەنىلا ئېقىپ يۈرەتتى.

-تۇرسۇن جىن ھازىر تۇرسۇنجان لوبەنگە ئايلىنىپ كېتىپتىمىش.

-ئاشخانىسىغا ‹‹تۇرسۇنجان پولوخانىسى›› دەپ نام قويۇپ ئاشخانىنى ئىككى قىلىۋاپتىمىش.

-ئېگىز بىنادا ئولتۇرار ئىمىش، ئىسىل ماشىنىسى بارمىش...

كىشىلەر ئۇ ۋە ھەدەم ھەققىدە تولىمۇ ھەۋەسلەنگەن ھالدا سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھەمىشە ئەركەك ۋە چىشى جىنلار ھەققىدە سۆزلەيدىغان گەپلىرىنى ئەمدى كىشىلەر ئانچە تىلغا ئالمايتتى.

-بالا، بەك ئوڭلۇق، قولىنىڭ ئاجايىپ تەمى بارئىدى-،دېيىشەتتى چوڭلار.

- ئەركەك چىشى جىن-ئالۋاستىلار ھەققىدىكى ھېكايىلىرى ئەڭ يامان ئىدى-، دېيىشەتتى ياشلار.

ئىشنى قىلىپ ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى پات-پاتلا يېڭىلىنىپ تۇراتتى. بەزىلەر ئەتەي بالىلىرىغا ‹‹تۇرسۇن جىنغا مۇنداق بىر جىن يولۇقۇپتىكەن...›› دەپ سۆزلەپ بېرىپ كەپسىزلەرنى سۈر باستۇرۇپ قوياتتى.

بىر كۈنى مەن ھويلىدا ناۋاتلارنى خىلغا ئايرىپ چوكىلىرىنى بىر يانغا، تاپانلىرىنى (قازاننىڭ ھۇلىدا قىيام بولىدىغانلىرى) بىر يانغا ئايرىپ قەغەز يەششىككە قاچىلاۋاتاتتىم، دادام بولسا ناۋاتخانىدا ئىدى. تويۇقسىز بىر ماشىنا دەرۋازىمىز ئالدىدا سىگنال بېرىپ توختىغاندەك قىلدى. مەن چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم. دەرۋازا ئالدىدا سىرلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان قاپقارا بىر ‹‹سانتانا›› ماركىلىق كىچىك ماشىنا تۇراتتى. ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكى ئېچىلىپ مەسە-كالاچ كىيگەن، ئاپئاق ساقال-بۇرۇتلىرى بىلەن ئاجايىپ سالاپەتلىك كۆرىنىدىغان مەھەللىمىزدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىمام ئاخۇنۇم چۈشۈپ كەلدى. ئارقىدىنلا رول تەرەپتىكى ئىشىك ئېچىلىپ، چىرايلىق كاستۇم-بورۇلكا دىقماق بويىغا بەكلا ياراشقان، بادام دوپپىسىنى بېشىغا ئەپچىلگىنە قوندۇرىۋالغان ‹‹تۇرسۇن جىن›› ياق، تۇرسۇنجان چۈشۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ئورا كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ، چىرايىدىن سەمىمىيلىك، تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. ئارقىدىنلا كەينى ئىشىك ئېچىلىپ قولىدا نەچچە بوپا كۆتىرىۋالغان بەختاجىخان ھەدەم چۈشۈپ كەلدى ۋە:

-جېنىم ئۇكام!-،دېگىنىچە ماڭا ئېتىلىپ كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە -، ئۇز ئۇكام، سېنى بەك سېغىندىم-،دېدى. مەن دەماللىققا سەل مەڭدەپ قالدىم، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئامانلىق سورىغاچ قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى ئالدىم. مېنىڭمۇ يۈرىكىم سېلىپ خوشاللىقتىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم. ئاڭغىچە ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلاپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يۈگرەپ چىقىپ كېلىشتى. خوشنىلارمۇ يىغىلدى.

-ئازماسلىق ياراتقۇچىغا خاس، ئىنسان دېگەن ئېزىپ قالىدۇ،-دەپ گەپ باشلىدى ئىمام ئاخۇنۇم خولۇم خوشنىلار ئۇزاپ، ئۆي بىر ئاز سىلىككەندە دادامغا قاراپ،-ئەمدى مونۇ تۇرسۇناخۇن مۇشۇ مەھەللىمىزدە ئۆسكەن ئىمانلىق بالا ئىدى. قىزلىرىمۇ ھايالىق، پاكىزە چوڭ بولغان. ئۇلار بىر قېتىم ئېزىپ، ئۆزلىرىدىن بىسۇراق ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئۆزلىرىنى خاپا قىلىپ قويغان ئىدى. ئەمدى بولار ئۆزى بۇ ۋاقىتقىچە سىرتلاردا جەبرىلەردە بولغان بولسىمۇ شەرىئەتتىن چىقماي، ھازىرغىچە ئۆزىنى پاك تۇتۇپ قېرىنداشلارچە ئۆتۈپ كەپتۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە ئاخشام كەلگەن ئىكەن. كۆرگەن كۈنلىرى ۋە تارتقان ئەرزىيەتلىرىنى ماڭا بىر-بىر بايان ئەيلىدى. تۇرسۇناخۇن بالام كىسەللىك ئازابىدىن تولا، موھتاجلىق دەردىدە تۇرغاندا قىزلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىپتۇ. دوختۇرخانىدىن مىڭ بىر مۇشەققەتتە چىقىپ، پۇلنىڭ بىر قىسمىنى تۆگىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا شۇنداقلا كېلەلمەي مۇساپىرلىقتا چۆرگىلەپ ئاخىرى بىر كىچىك ئاشخانا ئېچىپ خۇدانىڭ ئىنايىتى ۋە كەرەمى بىلەن ئاشخانىسى ئېقىش تېپىپ ھازىر ئۇنى كېڭەيتىپ ھەتتا ئىككى قىلىپ راۋاج تېپىپتۇ. مېنىڭ ئەڭ خوش بولغىنىم بۇلار ئۆزى بورۇنمۇ خوداگۈي بالىلار ئىدى. ھازىرمۇ ئىنسابى بىلەن ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەي، ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا گۇناھىمىزنى تىلەپ ھالال نىكاھلىنىپ ئاندىن ئەر-خوتۇن بولىمىز دەپ ئەھدە قىلىشقانىكەن، مانا ئەمدىلىكتە گۇناھىنى تىلەپ ئالدىلىرىغا كەپتۇ. ئەمدى مۈمكىن بولسا ئۆزلىرىمۇ ئىمانلىق ئادەم، بۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويساق، بېشىنى جۈپلەپ پەرزنى ئادا قىلساق، دېگەن ئوي بىلەن بۇلارنى باشلاپ  كەلگەنىدىم،-دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى ئىمام ئاخۇنۇم دادامغا ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزدا.

دادام بىردەم گەپ قىلماي تۇردى، ئاندىن ئالدى بىلەن ئىمامنى ‹‹مەزەگە باقسىلا›› دېدى. ئايۋاننى چۆرىدەپ ئۆرە تۇرغان پۈتۈن ئۆيدىكىلەر دادامنىڭ بىرنېمە دېيىشىنى كۈتۈپ ئۈنىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ تۇراتتى. بىر ھازادىن كېيىن دادام  ئويچان ھالدا:

- ئىمام ئاخۇنۇم ئۆزلىرى، يۇرتنىڭ مۆتىۋىرى، سىلىنىڭ گەپلىرىگە ئېنىڭ-مېنىڭ دىيەلمەيمىز، لېكىن ئويلاپ باقسىلا، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولامدۇ؟، سېلىنىڭ باشلىرىغا مۇشۇ كۈن كەلسە قانداق قىلاتتىلە؟

دادامنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن ئۆينى خۇددى گورىستان جىمجىتلىقى قاپلىدى. ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ يېنىدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان تۇرسۇنجاننىڭ بېشى تېخىمۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى.

-ئەمدى سلىنىڭ سۆزلىرىمۇ بەرھەق. مېنىڭ بېشىمغا مۇشۇنداق كۈن كەلسىمۇ زەردەم ئۆرلەيدۇ، غورۇرۇمغا ئېغىر كېلىدۇ، لېكىن ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، بۇ بالىلار گۇناھىنى تونۇپ مۇشۇنداق بوينىنى ئېگىپ تۇرسا، ئەمدى قانداق قىلىمىز، ياراتقان ئىگىسىمۇ تۆۋبە قىلغۇچىلارغا ئاسان يول بېرىدۇ-ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئەمدى، سىلى يەنە تاش چىشلەپ تۇرسىلا ياخشى بولماسمىكىن،-ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن دادام دەرھاللا:

-بۇ دېگەنلىرىمىغۇ راست،-دېدى ۋە ئويچان ھالدا تۇرۇپ قالدى. دادامنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىدىن ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ھەقىقەتەنمۇ ئامالسىز قالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. دېمىسىمۇ ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ھەدەمنىڭ ھالاكىتىدىن دېرەك بېرىدىغانلىغىنى دادام ئەلۋەتتە بېلىدۇ-دە، شۇ چاغدا بىردىن تۇرسۇنجان بېشىنى كۆتۈردى ۋە دادامغا سەمىمىيلىك بىلەن تىكىلىپ:

-مەن بۇ دونياغا ئاپرىدە بولۇپ ئوزۇن ئۆتمەي ئاتا-ئانامدىن قالغانىكەنمەن قاسىماخۇنكا، شۇندىن بېرى بىر تەڭرىدىن باشقا ئىنسان بالىسىنىڭ شەپقىتىنى كۆرمىگەن ئىدىم. خودايىم سىلىنىڭ قىزلىرىنى ماڭا يولۇقتۇرۇپ ئىنسانلار ئارىسىدا ئىنسانغا كۆيىنىدىغانلارنىڭمۇ بارلىغىنى ماڭا تونۇتتى. مەن جان ھەلقۇمدا ياتقاندا ئاللىقاچان ھاياتتىن ئۈمۈدىمنى ئۈزگەن، چۈنكى ئۇچاغدا ماڭا مەدەت بېرىدىغان ھېچكىمىم يوق ئىدى ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم. دەل شۇ چاغدا بەختاجىخان ئۈمىد شامى ئېلىپ كېلىپ ھايات يولۇمغا مىھرى-شەپقەتتىن نۇر بەردى. دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ ئامان-ئېسەن چىققاندىن كېيىن يەنە ماڭا يول كۆرسىتىپ پولوخانا ئاچتۇق. خۇدا بىر مۇھتاجلىقتا قويغان بەندىسىنى ئەزىز قىلماي قويمايدىكەن. قىلغان ئەجرىمىز مېۋە بېرىپ پولوخانا تېزلا ئېقىش تاپتى. ئەسلىدە كىچىكتى ھازىر چوڭايدى ھەم كۆپەيدى. ئابروي تاپتى. ھازىر ئۈرۈمچىدە مۇقىم ئولتۇرىقىم ھەم ئورنۇم بار بولدى. شۇڭا ئۆزلىرىگە يۈز مىڭ يۈەن پۇل ھەم مەن ھەيدەپ كەلگەن ماشىنىنى سوۋغا سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدىم، يەنە ئەڭ مۇھىمى يۈزۈم يورۇق ھالدا ئېيتالايمەنكى ئىككىمىز پاك ئۆتتۇق. ئىلگىرى ۋاقتىدا كېلىپ گۇناھىمىزنى تونۇماي كىچىكلىك قىپتىكەنمىز، مانا ھازىر ئالدىلىرىدا قول باغلاپ تۇرۇپتىمىز. ئەمدى ھەرقانداق جازا بەرسىلە بىز رازى!

تۇرسۇنجاننىڭ سۆزلىرىدىن ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىشتى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم، ھازىر ئۇنىڭ ئەپتى ئوزايى سالاپەتلىك بولۇپلا قالماستىن سۆزلەشلىرىمۇ بورۇنقى جىن ھەققىدە سالىدىغان پاراڭلىرىدىن كۆپ ئۆزگەرگەن مىجەزىمۇ سىپايىلىشىپ، سۆزلىرىگە يەنە ئازراق ‹‹دەيدۇ››چە قوشۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ دادامنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر سۆزنى قىلىپ سالغانلىغىنى بايقاپ قالدىم. ئەسلى تۇرسۇنجان دادامغا پۇلنىڭ گېپىنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى دادام غورۇرىنىڭ ئالدىدا پۇلنى ھېچنىمىگە ھېساب قىلمايدىغانلاردىن ئىدى. دەرۋەقە دادام سەل قايناپ قالدى.

-مېنى پۇلنى چوڭ بىلىدۇ دەپ قالغان ئوخشىماملا، سىلىنىڭچە مەن قىزىنى ساتىدىغان، بالىلىرىغا بەرگەن پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ئالىدىغان جەزخوركەنمەندە؟

دادامنىڭ سۆزىدىن قېيداش ھەم بىر ئاز يېقىنلىقنى پەملىگەن تۇرسۇنجان دەرھاللا:

-ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالمىغايلا دادا،-دېدى مۇلايىم ئاھاڭدا،-بۇ ئەسلى ئۆزلىرىنىڭ پۇللىرى، مېنى ئوغۇللىرى قاتارىغا قوشۇۋېلىشنى خالىسىلا ئەلۋەتتە بۇ ماڭا سېلىپ بەرگەن دەسمايىلىرى، دەسمايە دېگەن پايدىنى ئەگەشتۈرىدۇ-ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ قايتۇرغىنىم سىلىنىڭ ئۆز ھەقلىرى-،دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئىچىمدە ‹‹بارىكاللا›› دەۋەتتىم...

مانا مېنىڭ ئۈرۈمچىگە چىققىنىمغىمۇ ئىككى يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا دەسلىۋىدە ھەدەم تۇرغان ئاشخانىدا تۇرۇپ ئاشخانىنىڭ ئىش تەرتىپلىرىنى ياخشى ئىگەللىدىم. ئاندىن تۇرسۇنجان ئاكامنىڭ (ئەمدى ئاكام دېمىسەم بولمايدىغان يېرىگە يەتكەنلىكىنى ھىس قىلغانسىز؟) ئۈچىنچى ئاشخانىسىنى باشقۇرىدىغانغا مۇشۇ ئاشخانىغا كەلدىم.

ئەينى ۋاقىتتا ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ كۈچىشى، تۇرسۇنجان ئاكامنىڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقى بىلەن ھەدەم ئىككىسىنىڭ تويى مەھەللىمىزدە ناھايىتى چوڭ ئۆتكۈزۈلدى. تويدىن كېيىن ھەدەمنىڭ دادامغا يالۋۇرىشى، تۇرسۇنجان ئاكامنىڭ:

-ئاشخانا دېگەنگە چوقۇم ئۆز ئائىلىسىدىن بىر ئادەم باشقۇرغۇچى بولمىسا ئوڭدا قالىدىغان گەپكەن دادا، بۇ ئىنىمىزنى ماڭا تاپشۇرسىلا، ھازىر بەختاجىخان بىلەن مېنىڭ قولۇمدا بىردىن پولوخانا بار، يەنە بىر يەرگە ئېچىش جىددى زۆرۈر بولىۋاتىدۇ، ئۇ ئاشۇ يەرنى باشقۇرۇپ بەرسە-،دېدى. دادام قىيمىغان ھالدا مەن تەرەپكە قارىدى. ئاللىقاچان شوپۇرلۇق ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ قولىغا كىنىشكا ئالغان، ھازىر قارا سانتانانىڭ ئېگىسى بولۇپ قالغان ئىككىنچى ئاكام:

-بولدى، بارسۇن دادا، كۆزۈڭ قىيمايدىغىنىنى بىلىمەن. چۈنكى ئۇ دېگەن ئۆز ئوغلۇڭ، ئەمما ئۇمۇ جاھان كۆرىشى، جاھاندارچىلىقنى ئۆگىنىشى كېرەكتە!-،دەپ دادام بىلەن چېقىشتى. دادام ئاكامغا ھومىيىپ قاراپ قويغاندىن كېيىن تۇرسۇنجان ئاكامغا قاراپ بېشىنى ماقۇللۇق ئىشارىسىگە لىڭشىتتى. شۇندىن بويان ئۆزەم باشقا بىر دونياغا كېلىپ قالغاندەك مەھەللەمدىن چىقىپ بۇ مەركىزىي شەھەرنىڭ قوينىغا زوق بىلەن كىرىپ كەلدىم. ھازىر قىلىدىغان ئىشىم، تۇرسۇنجان ئاكامدىن بىر قوللۇق ھۆنەر ئۈگەنگەن ئۇستاملارنىڭ ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلغاچ يوقنى تېپىش، سۈپەتنى ۋە تازىلىقنى ئەڭ چىڭ تۇتقان ھالدا تاماقنىڭ تەمىگە ئەڭ يوقىرى ئۆلچەم قويۇش. گۆش بېسىپ مايلىق ئېتىلىدىغان خان پولوسى، بەتتە پولو، ئاش پولو، ئەنجان پولوسى، قىيما پولو قاتارلىق ئون نەچچە خىل پولونىڭ خۇرۇچلىرىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە سۈپەتلىك تەييالاش. بۇيەردە مېنىڭ ئەڭ تەسىرلەنگىنىم، نەچچە قېتىم خېرىدارلار بىلەن تۇرسۇنجان ئاكام ئوتتۇرىسىدىكى مونۇ پاراڭ بولدى.

-تۇرسۇنجان ئۇكام، پولويىڭىز بۇ شەھەرگە پەيدا بولغاندىن بېرى بۇ شەھەرمۇ ماڭا بۆلەكچە زوق بەخش ئېتىدىغان بولۇپ كەتتى. مۇشۇ دىتىڭىز بىلەن پولوخانىدا يەنە باشقا تاماقلارنى چىقىرىپ باقسىڭىز بولماسمۇ؟-،دېسە تۇرسۇنجان ئاكام، ‹‹مولۇن كۆز››لىرىدىن نۇر ياغدۇرۇپ تەبەسسۇم بىلەن:

-قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز ئاكا، مۇشۇ پولو ئېتىشتىن قولۇمنى بوشىتالىسام مېنىڭمۇ بۇ شەھەرنىڭ پەيزىنى بىر سۈرگۈم بار-،دەيتتى چاقچاق ئارىلاش، باشقا خېرىدارلارمۇ:

-توغرا، تۇرسۇنجان ئۇكام مۇشۇ پولو دېگەننى تازا قىيامىغا يەتكۈزۈپ ئېتىدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە ئەتسىمۇ تۈگەپلا تۇرىدۇ. شۇڭا يەنىلا مۇشۇ بىر ئىشنى راۋاجلاندۇرغىنى، پولونىڭ ھەممە تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ھەم ئېچىپ، مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۈقنى تولدۇرغىنى تۈزۈك، پولو بىزنىڭ ئوزاق تارىخقا ئىگە يىمەكلىكىمىز، ئۇنى راۋرۇس ئەتسە، ئەتكەن ئادەمگە يۈز ئاتا قىلىدۇ، ئۇكام، بىزنىڭ مەھەللە تىلۋېزىيە ئىستانسسى تەرەپتە، شۇ يەردىمۇ بىر پولوخانا ئاچقان بولسىڭىز، بۇنچە يولنى بېسىپ بۇيەرگە كېلىپ يۈرمەسكەنمىز-،دېسە تۇرسۇنجان ئاكام يەنە كۈلۈمسىرەپ:

-بومۇ بولۇپ قالار ئاكا،-دەپ قوياتتى. ئىشنى قىلىپ تۇرسۇنجان ئاكام جاھاندارچىلىقنىڭ ئېپىنى تېپىۋالغان ئىدى. شۇڭىمۇ ھازىر ئۈچ يەردە چوڭ پولوخانا، ئېگىز بىنادا ئازادە ئۆيى، بانكىدا خېلى كۆپ پۇلى ھەم ئاشخانىغا چاپىدىغان، ئۆزى ھەيدەيدىغان ئىككى ماشىنىسى بار. تېخى پېقىرغىمۇ ئۆي ئېلىپ بېرىمەن، ئۆزەم ئۆيلەيمەن دەۋاتىدۇ. ئاچام بىلەنمۇ شۇنداق ئىناق. داداممۇ بۇ قايناق شەھەرگە ئىككى قېتىم كېلىپ بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەتتى، ئۇ بۇ يەردىكى چاغدا ھەركۈنى ماڭا ئاتىلىق مېھرى بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ، بىر گەپنى دەيدىغاندەك تۇرۇپ كېتەتتى. ئەمما دېيەلمەيتتى. مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى پەملىيەلەيتتىم، ئۇ مېنى قايتىپ كېتەيلى دېمەكچى، ئەمما دېمەيتتى. ئاخىرى ئۇ تۇرسۇنجان ئاكامنىڭ ساياھەت قىلدۇرۇشلىرىدىن رازى بولغان، بىزلەردىن خاتىرجەم بولغان ھالدا كېتىپ قالدى. مەنمۇ پات-پات بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرشقا ۋەدە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدۇم.

ئاخىرىدا بۇ ‹‹جىنكەش›› ئاكامنىڭ مەن بىلىپ قالغان ‹‹جىن›› توغرىسىدىكى مەخپىيىتىنىمۇ سىلەرگە دەۋېتەي.

مېنىڭغۇ ئەزەلدىن مەخپىي گەپ تىڭشايدىغان ئادىتىم يوقتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭكىدە قونۇپ قالغان بىر ئاخشىمى ئاچام بىلەن تۇرسۇنجان ئاكام ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر قولىقىمغا كىرىپ قالدى.

-چىشى جىن شۇنداق يامان ئىكەنكى....

-قۇرسىقىمدىكى بالىمىزنى ئويلاڭ، جىن-ئالۋاستى ھەققىدە سۆزلەپ مېنى قورقۇتسىڭىزغۇ مەيلى، ئەمما بالىمىز جىنلىرىڭىزنىڭ گېپىنى تولا ئاڭلاۋېرىپ قورقۇنچاق ئادەم بولۇپ قالمىسۇن.

-ھېچنىمە بولمايدۇ، مېنىڭ ئەۋلادىمغا ھەرقانداق چىشى ۋە ئەركەك جىن ئاپىتىنى سالالمايدۇ، رەھمىتى بوۋام...

-ھەي، بالىلىق بولغىلىۋاتىمىز، راست گېپىڭىزنى ئېيتىڭە، بۇرۇن جىن ھەققىدە سىز بەك كۆپ سۆزلىگەچكە سىزنى جىندىن خوتۇنى بار، جىننىڭ ئەھلى، دېگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايتتىم. بۇلار قانداق گەپ.

-ھەي ئەخمەق خوتۇن، بۇلارنى سورىمىساڭ ياخشى بولاتتى، ئەر كىشىنىڭ سىرىنى خوتۇن كىشى بىلىپ قالسا ياخشى بولمايدۇ.

تۇرسۇنجان ئاكام راستىنلا ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق غارايىپ سىرلىرى باردەك سۆزىنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەدەم:

-ئېيتىپ بەرمىسىڭىز مەن سىزگە قانداق ئىشىنەلەيمەن-،دېدى.

-بوپتۇ، ئېيتىپ بېرەي، ئۆزەڭ چىڭ تۇرىۋالدىڭ-خوتۇن، خەير، ماڭىمۇ قىلدىڭ، ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ.

تۇرسۇنجان ئاكام ئەمدى راستنلا چۆچەكلەردىكىدەك سۆزىنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇردى. ھەدەم بولسا دەرھاللا:

-بولدى، ئۇنداق بولسا ئېيتماڭ، مەن بالىمىزنىڭ ئاتىسىز قېلىشىنى خالىمايمەن-،دېدى. يان ئۆيدە پۈتۈن سەزگۇ كىلىتكىلىرىمنى ئىشقا سېلىپ، زادى ئۇنىڭ سىرىنى بىر ئۇقايچۇ، دەپ گەپ تىڭشاۋاتقان مەن ھەدەمنىڭ بىر قولىدا تۇرسۇنجان ئاكامنىڭ ئېغىزىنى توسىۋلغىنىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. بىردىن تۇرسۇنجان ئاكام قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

-ھا-ھا-ھاھ، ئەخمەق خوتۇن، جىن دېگەننى كۆرۈش ھوقۇقى بىزدە يوق تۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن نېمە ئالاقەم بولسۇن. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىر سەۋدالىقى بولىدۇ. بولۇپمۇ قاتتىق ئاشىقلىق ئوت-پىراقىغا گىرىپتار بولغان ھەرقانداق بىر مەشۇق ئۆز ئىشقىنى بىرەر ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، بەزىلەر ھاراق ئىچىۋېلىپ، خۇدىنى بىلمىگۈدەك ھالغا كېلىپ ئاشىقلىق سەۋدالىقىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بەزىلەر سازچى، ناخشىچىغا، يازغۇچى-شائىرغا ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، ئۆز سۆيگۈسىنى يالقۇنلۇق ناخشا-موزىكا، شېئىرلىرىغا سىڭدۈرىدۇ. ماڭىمۇ ئاشىقلىقنىڭ جىنى چاپلاشقان، دەرھەقىقەت مېنىڭ قۇرسىقىمغا كىرىۋالغان جىن سەن ئىدىڭ. مېنى جىن ھەققىدە ئاللىقانداق رىۋايەتلەرنى سۆزلەتكەن، ئەركەك-چىشى جىن ھەققىدە توختىماي يېڭىدىن-يېڭى ھېكايىلەرنى توقۇشۇمغا سەۋەبچى بولغان چىشى جىنمۇ سەن ئېدىڭ-خوتۇن!

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ خىجالەتچىلىكتە بوينلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتكەن بولساممۇ ئۇلارنىڭ بەختىدىن سۆيۈندىم، ئىككىنچى باشقىلارنىڭ مەخپىي گېپىنى ئاڭلاپ قېلىشتىن پاناھ تىلىدىم...

تۇرسۇنجان ئاكامنىڭ ئاشۇ سۆزىدىن ئەڭ مۇھىمى ھەيرانلىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى، ئاشىقلىق ھېكايىسىنىڭ بۇنچە جەلىپكار بولىدىغانلىغىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئاھ خودا! مېنىڭ يېشىممۇ ئۇلغىيىپ، قىزلارنى كۆرسەم نەپسىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالدى، ماڭا كىمنىمۇ مەشۇق قىلىپ بېرەرسەن، مەندەك سەبىيلىكىدىن ئۇزاپ كېتەلمىگەن بەندەڭگە ئاشىقلىقنى ئىپادىلەشنىڭ قايسى خىل تۈرىنى، قايسى خىل يولىنى نېسىپ قىلىدىغانسەن؟


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 176
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:31:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تىل ئىشلىتىشى مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇرمەنمۇ يازغۇچىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە بىرخىل مەسئۇلىيەتنى كۈتىدىكەن.
شۇڭا ئابدۇلھەمىد ياسىننىڭ بۇ ئۇزۇن سەپەرلەردە تېخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  93
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 111
تۆھپە : 9
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:20:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەل چىقارغاقنىڭ ھېكايسىىچۇ؟ ‹‹يېڭى قاشتىشى›› دىكى؟!!

شىنجاڭ يەكەندىن: تۇراپ نۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 973
تۆھپە : 1
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:55:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئابدۇل ھەمىد ياسىننىڭ « ئىككىنچى باھاردا ئېچىلغان گۈل» ناملىق ئەسىرىنىمۇ ئوقىغان ئىدىم.يۇقۇرقى ئەسەرلىرىنىمۇ كۆردۈم.مەن ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىدە بىر خىل ئىزچىللىقنىڭ بارلىقىنى يەنى تىل جەھەتتە شئىرىي تىلغا ئوخشاش تاۋلانغان،پىششىق بولۇش ھەم ئۆزگىچە بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقىدىم.ئاپتورنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خېلى ئىزدەنگەنلىكى،تىلنى پىشرۇش مەشىقىنى خېلى ئېلىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.ئابدۇل ھەمىدنىڭ ھىكايىلىرى گەرچە سان جەھەتتە كۆپ بولمىسىمۇ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ئاشكارە نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ.
     ئىزچىل سان قوغلىشىپ ،ئەسەرنىڭ سۈپىتى بىلەن ھېساپلىشىپ كەتمەيدىغان ياش قەلەمكەشلەرگە نىسبەتەن ئابدۇل ھەمىدنىڭ ئەسەرگە يۇقۇرى ئۆلچەم قويىدىغان ئالەھىدىلىكى بىر ئۆرنەكتۇر.ھازىر مۇنبەر بولغانلىقى ئەسەرنى تىز يوللاش ۋە تىز ئىلان قىلىشقا ئىمكان ياراتتى.بۇ خالىغانچە يېزىش ۋە يوللاش زۈرۈر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئەسەرنى چوقۇم سۈپەت تەلىپىگە يەتكۈزۈش ناھايىتى موھىم....ھازىر تور كەڭ ئىمكانىيەت ياراتقان بولسىمۇ بىر قىسىم مەشقلەر-ئەسەر ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يازمىلارمۇ ئېلان قىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.ئەسەرنىڭ سۈپىتى،مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتى........نى ئويلاشمۇ موھىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 473
تۆھپە : 3
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام مۇئەللىم! يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىز!


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  764
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 28
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 19:35:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابئابدۇلھەمىد ياسىننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيتىگە بەرىكەت، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايە «تارىم» ژورنىلىدا «جىگدىلەر چېچەكلىگەندە» دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنغان. ئوتكەندە مەن ئۆزەم يازغىنىم بويىچە يەنى «ئىككىنچى پەسىلدە ئېچىلغان گۈل» دەپ  مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم. شۇڭا ئىككىسىنى بىر ئەسەر دەپ تونۇغايسىلەر.

جىگدىلەر چېچەكلىگەندە

(ھېكايە)

ئابدۇلھەمىد ياسىن



سەھرانىڭ ھاۋاسى ئادەملىرىنىڭ قەلبىدەكلا ساپ، تۇپرىقى كىشىلىرىنىڭ جاسارىتىدەكلا ھىممەتلىك. مانا ئاق ئۆستەڭ كەنتىدە نەچچە يىلدىن بېرى بىزنىڭكىگە ئوخشاش پىتلىنىپ قالغان ئائىلىلەر خېلى ئاۋۇپ قالدى. گەرچە ھازىر ئاسمانغا بوي سوزغان قاپاقتېرەك، قارا تېرەك، ئاق سەگۈ، قارا سەگۈ، جىگدە دەرەخلىرىنى كېسىپ قانداقتۇ، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرىمىز دەپ مەھەللىنىڭ پەيكارىنى ئۇچۇرۇپ تاز چىراي قىلىۋېتىشكەن بولسىمۇ، مەھەللە كونا يولىغا يېڭىدىن ئېلىنغان ئاسفالت يول، يول ياقىسىغا ئورنىتىلغان سىمونت تۈۋرۈكلۈك ستولبىلار مەھەللىنىڭ قىياپىتىگە بۆلەكچە ھۆسن قوشقان، يەنە يول ياقىسىغا قاتار سېلىنغان قارا تېرەك نوتىلىرى، ئىلگىرىكى نوچى ئۆسكەن بوۋىلىرىمىزغا تىزلا يېتىشىۋالىمىزغۇ، دېگەندەك ئالدىراپ كۆككە بوي سوزۇشماقتا.

مەھەللىدە ئۆزگىرىش شۇنچە كۆپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىمۇ.

بۆگۈن كېچە ئىككى ياش تەمبەت ئۇيقۇغا كۆز يۇمۇپ باقمىدى. ئۇنىڭ بىر دەل مەن. ھەئە، كېچە قەتئىي كىرپىك قاقمىدىم، ئۇخلىمىغانلارنىڭ يەنە بىرى ئۇ، سارەم بولسا كېرەك. بۆگۈن بىزنىڭ تويىمىز بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ياق، ئەسلى توي كېچىسى دېگەن خوشاللىقنىڭ، يىگىتلىك پەيزىنى سۈرۈپ، قىزلىق لاتاپىتىنى نامايەن قىلىدىغان، شىرىن دەملەر ئىچىدە ئادەم قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ سەزمەيدىغان، ئۆمرىدە ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كېچە بولغان بولاتتى. ئەمما شۇ تاپتا بۇ كېچە مەن ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەكلا ئازابلىق بىر كېچە بولدى. ياسىداق ھوجرىغا ئىككى ئورۇن سېلىنغان، بىر ئورۇن ئۆينىڭ غەرپ تەرىپىگە يېقىن قىلىپ، يەنە بىرى شەرق تەرىپىگە يېقىن قىلىپ. قەلبلەرمۇ ئىككى قۇتۇب. ھەئە، ماۋۇ شەرق تەرەپتىكى ئورۇندا ياتقان ئابلەت ئىسىملىك يىگىت، تازا قۇرامىغا يەتكەن ئەركەك دەل مەن بولىمەن. كېچىدىن بېرى پەقەت خىياللا سۈردۈم. گاھ ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، گاھى ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللى بېرىپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم. ئۆينىڭ ئاۋۇ بۈرجىكىدە بولسىمۇ بىر ئۆيدە باشقا بىر جىنىس بىلەن بىرگە يېتىۋاتقىنىم ئۈچۈن ۋۇجۇدۇم قىزىشىپ، نەپىسىم ئىتتىكلەپ كېتەتتى، ئەلەم بىلەن ئاچچىق تولغىناتتىم. بۇنداق قىينالغۇچە نەچچە يۇمىلاپ يېنىغىلا بارماي ئەخمەق، دېدىڭىزما؟ ئالدىرىماي تۇرمامسىز، مەنمۇ تازا بىجىرىم ئەركەك، ئەمما...

بۇ ئاق ئۆستەڭ كەنتى ئەنئەنە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئاقساقاللارنىڭ گېپىنى ھېچكىم يىرىمايدىغان، چوڭلارنىڭ، پىشقەدەملەرنىڭ گېپىنى گەپ قىلىدىغان كەنت ئىدى. كىمدىكى چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى چىگىدىغان ئىشنى قىلىپ قويىدىكەن، كەنتتە شۇ ئادەم ئېتىباردىن، ھۆرمەت ئىناۋەتتىن بىراقلا چۈشۈپ كېتەتتى. شۇڭلاشقىمۇ  باي ، نامرات بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئائىلىسىدە مونەكشىپ قالغان قېرى بوۋاي، مومىيى بار ئائىلىلەر ئالاھىدە ئابرويلۇق، گېپى ئۆتكۈن، نوپۇزلۇق ئائىلە سانىلاتتى. قېرىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، كۆكلەشنىڭ ، ئەۋلادلىرىنىڭ گۈللەپ – ياشنىشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىناتتى. قېرىلارنى خورلايدىغان ئىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بولمەيدىغان ئىشنىڭ بولىشى تەسەۋۋۇرغىمۇ سىغمايتتى. يۈز ياشتىن ھالقىغانلارنىڭ ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىشى مانا دەل شۇنداق ئەقىدە ئىخلاسنىڭ مەھسۇلى دېسەك خاتا بولمايدۇ- ئەلۋەتتە. يېقىندا ھۆكۈمەتمۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، بىزنىڭ مەھەللىنى ئۆمۈر چولپانلىرى ئەڭ جىق دەپ يۈزدىن ھالقىغان بوۋاي، مومايلارنى يىغىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، غىزالىنىش ئادىتى قاتارلىقلارنى سوراپ بىر نېمىلەرنى يازدى، قېرىلارغا موكاپات بۇيۇملىرىنى تارقاتتى. ئۇلار شۇنىلا تەكشۈردى. ئەمەلىيەتتە بۇ كەنتتە قېرىلارنىڭ گېپىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆتىدىغانلىقىنى، قېرىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بۇلارنىڭ قانچىلىك پەخىر ھېسابلايدىغىنىنى تەكشۈرمىدى، شۇڭا ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى مىڭ تەكشۈرگەن بىلەن ئوزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرىنى بىلەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. توغرا ، ئۇلار قېرىلارنىڭ ئۆگۈتلىرىگە ئەڭ قولاق سالىدىغانلاردىن ئىدى. <<ئاقساقالسىز يۇرتتا تۇرما>> <<قېرىسىز يۇرت قارغىشلىق يۇرت>> مانا بۇ ئۇلارنىڭ پەلىسەپىسى. شۇڭلاشقىمۇ ئاق ئۆستەڭ دېسە ئىناقلىق، قۇۋناقلىق ئىچىدە گۈللەپ ياشناۋاتقان بىر گۈلزارلىق كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغاندەك بېلىنەتتى.

بىزنىڭ ئائىلىمىزمۇ بىر تەۋەررۈك بوۋىمىزنىڭ بارلىقى بىلەن ئالاھىدە ئىناۋەت، ھۆرمەت تاپقان ئائىلە سانىلاتتى. داۋۇت  سوپى ئىسىملىك، مەھەللىدىكى قېرىلارنىڭ دىلكىشى، ھەركىمگە توغرا نەسىھەت قىلىپ يۈز تاپقان، بۇ بوۋامنىڭ تېمەنلىكى ئەقلىنىڭ تازا، يۈزلىرىنىڭ بوۋاقنىڭ يۈزىدەك قىزىرىپ تۇرىدىغان، قەدەملىرى دەمبەس، ئىش- ئەمگەك قىلمىسا پۇت- قولى قىمشىپ تۇرالمايدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنى يەتمىش- سەكسەنلەردە بارمىكى دەپ گۇمان قىلماڭ، ياش ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ يېشى بىردە 108 بىردە 107 چىقاتتى. ئاتمىشلاردىن ھالقىغان داداممۇ تېخى ئەللىك ياشلىق بەردەم ئەرلەردەك، ئوغۇللىرى كېلىنلىرىمۇ شۇنداق جۇشقۇن ، ھاياتى كۈچكە تولغان بىر ئائىلە ئىدى.

داۋۇت سوپى بوۋام كەڭرى يەكتىكىنى كېيىپ، ئاق چۈنچە بۆكىنى بېشىغا قوندۇرىۋېلىپ، پارقىراپ تۇرىدىغان قونچىلىق ئۆتىكىنى غىرىسلىتىپ مەھەللىدىن ئۆتىدىغان بولسا ھەممىسى ھۆرمەت بىلەن بېشىنى ئېگىپ چوڭقۇر سالام قىلىشاتتى. ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ، كىرىپ قالغۇدەك بولسا بېشى ئاسمانغا تاقاشقىدەك خوشال بولۇپ مېھمان قىلاتتى. ئېتىز ئىشىنىڭ قاتىلاڭ مەزگىلى كۆينەكچان بولىۋېلىپ كەتمەننى قولىغا ئېلىۋېلىشلىرى تېخى!

مەن- ئابلەت مانا مۇشۇ ئىناق ئىجىل ئائىلىنىڭ كەنجى ئوغلى. بوي بەستىم ئۆسكىلەڭ، قاش- كۆزلىرىم چىرايلىق، بۇنداق دېسەم بىرىنچى ئەخمەقكەن، ئۆزىنى ماختاۋاتىدۇ دەپ قالماڭ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك يەرلىرىمنى ئېيتىشقا ھەققىم بار. ئەمما مېنىڭ بىر ئەيىبىم بار. ئۇ بولسىمۇ مەن تۇغما كېكەچ. شۇقەدەر قاملاشقان سۇبات، سۈزۈك، ئاق چىراينى بەرگەن ئىگىسى مېنى تىلدىن قىسقان ئىدى. گەپ قىلسام تولۇق كېكەچلەيتتىم. چىرايىمغا، قاپقارا قاشلىرىم ئاستىدىكى قوي كۆزلەرنىڭ چاقنىشىغا، سۈزۈك يۈزلىرىمگە خۇيمۇ ياراشقان مايسا بۇرۇتلىرىمغا قاراپ مېنى بۇنداق ئەيىبى بار دەپ خىيالىڭىزغا كەلمەيدۇ. ئەمما گەپ قىلسام، دېمىمنى ئىچىگە يۇتۇپ گەپنى نەچچە تەكرارلاپ، نەچچە دۇدۇقلاپ بولۇپ ئاندىن ناھايىتى تەستە چىقارغىنىمغا قاراپ ئىختىيارسىز توۋا، دەپ قالىسىز. گاھى دېمىم بىر ئىچىمگە چۈشۈپ كەتسە نەچچە توتوتلىساممۇ ئىچىمدىن گەپ چىققىلى ئۇنىمايدۇ. ئېغىزىمدىن شۇ گەپ چىقىپ بولغىچە ماڭا قاراپ تۇرغان سەۋرىسىز كىشىلەر ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالىدۇ. مەن ئىلگىرى مۇشۇ ئەيىبىم بىلەن ئۆزۈمنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرەتتىم. بالىلىقىمدا مەكتەپتە، يولدا، مەھەللىدە، قوي باقىدىغان شورلۇقتا ھەممە بالىلار مەندەك «گاچا»نى مەسخىرە قىلاتتى. مېنىڭ كېكەچلىكىمنى دوراپ راسا كۈلەتتى. بۇ ماڭا شۇنداق ئەلەم بولاتتىكى گاھى ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتەتتىم. توۋا، سېرىق تۈك ماڭقىلار راۋرۇس گەپ قىلالايدىكەن، مەن نېمىشقا گەپ قىلالمايدىغاندىمەن، دېگەننى ئويلىسام ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى.

مەن بىر ئىشنى ئۇنتۇمايمەن، توغرا ، ئۇنتۇيالمايمەن. تولۇقسىزنىڭ ئاخىرقى يىلى. بىركۈنى سىنىپتىكى بالىلار مېنى دوراشتا بەسلىشىپ بەكلا ھەددىدىن ئاشتى. ئۈنلۈك ھالدا دېمىنى ئىچىگە تارتىشىپ، مېنى دوراپ گەپنى سىرتىغا چىقارماي، نەچچە كېكەچلەپ، چىراينى نەچچە ياڭزا قىلىشىپ، بەس- بەس بىلەن دوراپ چۇقىرىشىپ سىنىپنى بېشىغا كىيدى. بىر چاغدا ئۆگىنىش باشلىقى سارەم، ھازىرقى ھوجرىنىڭ يەنە بىر قۇتۇبىدا ياتقان قىز ۋارقىراپ ھەممىنى جىملىدىيۇ، مەن ئەلەمگە چىدىماي ھۆكىرەپ يىغلىغىنىمچە سىنىپنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتتىم. سىنىپنىڭ سوغۇق تېمىغا يۆلىنىپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقىنىمدا يەنە مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى ئىسسىق بىر قول سۈرتتى. بۇ دەل ئەنە ئاۋۇ يەردە يەلكىسىنى سىلكىتىپ يىغلاپ ياتقان كېلىن، ئەينى چاغدىكى ئۆگىنىش باشلىقىمىز سارەمنىڭ قولى ئىدى. ئۇ يەنە شۇ چاغدا <<بۇ سېنىڭ ئەيىبىڭمىتى، يىغلىما، قەددىڭنى تىك تۇت، ئوغۇل بالىدەك بول>> دەپ بەزلىگەنىدى. بالىلىقىمدىكى بۇنداق ئەسلىمىلەر ناھايىتى كۆپ. شۇنداق، شۇندىن بويان سىنىپتا كىمدە كىم مېنى دورىسا ياكى بوزەك قىلغۇدەك بولسا سارەم شۇنى تىللاپ پۇسكايتىۋېتەتتى. سارەمنىڭ بۇ ياردەملىرى مېنىڭ قەلبىمنى ئىسسىق قىلىپ قويدى.  سارەم بەك ئىچى كۈچلۈك، ھازىر جاۋاب قىز بولغاچقا سىنىپتىكى كەپسىزلەرنىڭ ئۇنى ماڭا چاپلاپ قىلغان چاقچاقلىرىغىمۇ لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ ئۆزىگە قىلچە گەپ كەلتۈرمەيتتى.

بىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى مېنى ۋە سارەمنى ناھىيىدىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تىزىملاپ قويۇپتۇ. سارەمنى دەرىستە ياخشى، توپىغا كۆمۈلۈپ قالمىسۇن، مېنى مېيىپ، ھۆنەر ئىگەللىسۇن دەپ. شۇندىن كېيىن سارەم ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە مەھەللىنىڭ بېشىدىكى ئۆستەڭ بۇيىدا ياغاچ كۆۋرۈككە يۆلىنىپ مېنى ساقلايدىغان بولدى. مەن دادام چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ئېلىپ بەرگەن پارقىراق ۋەلىسپىتىمنى مېنىپ كۆۋرۈك بېشىغا كېلەتتىمدە، سارەمنى مىنگەشتۈرۈپ قومۇشلۇقلار ئارىسىدىكى تاشتەك قېتىپ كەتكەن مەھەللىنىڭ شورلۇق يولىدا ناھىيە تامان يۈرۈپ كېتەتتۇق. ئۇ چاغدىكى پاراڭلىرىمىز ھەمىشە كەسپىمىز ھەققىدە بولاتتى. مەن ئاشپەزلىك، ئۇ دوختۇرلۇق. راستىنى دېگەندە سېستىرالىق. كېيىنچە ئۆيدىكىلەر، ئاشپەزلىك دېگەننى ئايال كىشى قىلمامدۇ، سەنمۇ دوختۇرلۇقنى ئۆگەن، دەپ تولا بېشىمنى ئاغرىتقاچقا، ئىچىمدىكىنى دىسەم سارەمگە كۆنۈپ قالغاچقا ھەدەپ مۇئەللىملەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ يۈرۈپ مەنمۇ دوختۇرلۇققا چىقىۋالدىم. سارەم بەكلا تىرىشچان بولۇپ، بىمارلارغا ئوكۇل ئۇرۇشتىن تارتىپ دورىلارنى تونۇش، ئوكۇللارنى تەڭشەشقىچە تىزلا ئۆگۈنۈپ بولدى. مەنمۇ يامان  ئەمەس ئۆگەندىميۇ سارەمگە يېتىشەلمەيتتىم. بىز ئاندا ساندا نەزەرىيە سۆزلەپ قويۇپ قالغان ۋاقىتتا مەكتەپ ئىگىلىكىدە ئاچقان دوختۇرخانىدا چېپىپ يۈرۈپ ئىشلەيتتۇق.  سارەمنى بەكلا ھۆرمەيتلەيتتىم. سارەممۇ مېنى ئايايتتى. بىز خۇددى مېھرىبان ھەدە بىلەن تارتىنچاق ئىنىگە ئوخشايتتۇق. بىزلەرنىڭ بۇ بىر يىللىق ئوقۇشىمىز تۆگىمەي تۇرۇپلا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر سارەمگە چاي ئەكىردى. ياق، ماڭا ئەمەس كەنتنىڭ تىراكتورىنى ھايدەيدىغان ئاكامغا دەپ چاي ئەكىرگەنىدى. باياتىن مەن بىلەن بىر ھوجرىدا ياتقىنىڭنى دەۋەتاتتىڭغۇ دەمسىز، ھاي، ئوقۇرمەن دېگەن سەۋرىچان بولىدىغان، ئۆپكىڭىزنى بېسىپ ئاخىرىغا قولاق سالمامسىز. شۇنداق قىلىپ سارەم يەڭگەم بولىدىغان بولدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەخلاقلىقلىقى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلاتتى. ئەمدى بىزنىڭ ئۆيگە كىرمەكچى بولغىنىدىن راستىنلا شادلاندىم. ئوقۇشمۇ ئوزۇنغا قالماي تۆگىدى. ئۆيدىكىلەر ئۆگەنگەننى يەپ بولمىغىن دەپ ماڭا كىچىك بىر شىپاخانا ئېچىپ بەردى. بۇ يېقىن ئەتراپتا بۇنداق شىپاخانا بولمىغاچقا، كەنت دوقمۇشىدىكى ئىككى ئېغىزلىق شىپاخانامغا ھەدىگەندىلا خېرىدارلار كۆنۈپ كەتتى. تويدىن كېيىن سارەممۇ كېلىپ شىپاخانامدا ئىشلەشكە باشلىدى. ھە راست، ئاكام ئابدۇللا بىلەن سارەم توي قىلىپ ھە دېگەندىلا ئامراق ئەر- خوتۇنلاردىن بولۇپ كەتتى. سارەم بەكلا ئوڭلۇق بولغاچقا، ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق چىقتى. ئوزۇن يىل ئۆي تۇتقان ئا    يالدەك ھەممىنى جايى- جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ ئۆينى گۈلدەك قىلىۋەتتى. بىكار بولسىلا شىپاخانامغا كېلىپ ئايال بىمارلارنىڭ كىسىلىنى كۆرۈپ ئوزۇن ئۆتمەيلا داڭقى چىقىپ كەتتى. بۇ ئاياللار كېسىلى ھەدەپ كۆپىيىۋاتقان ۋاقت بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سارەم ئوقۇغاندىمۇ شۇ ھەقتە كۆپرەك ئىزدەنگەن بولغاچقا زادى مۇشۇ ئاياللار كېسىلىنى داۋالاشتا ئېپى بار ئىدى. داۋۇت سوپى بوۋاممۇ، بۇ كېلىنىمنى خودايىم بەردى. نەۋرەم ئابدۇللانىڭ پىشانىسى ئوڭ، مۇشۇ نەۋرەم بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندىن بېرى ئۆيىمىز باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كەتتى، دەپ سارەمنى توختىماي ماختايتتى. شىپاخانىنىڭ بىر ئېغىزىدا دورىلار بولسىمۇ كەلگەنلەرنىڭ كۆپلىكىدە كارۋات قويۇلغان ئۆي يېتىشمەي، دورا قويۇلغان دۇكاندىمۇ ئۇكۇل ئۇردۇرىدىغانلار كۆپ ئىدى. ئەمدى بۇ تىنىم تاپماس يەڭگەم ماڭا ھەمىشە بىر گەپنى دەيدىغان بولىۋالدى. ئۇ بولسىمۇ، ئابلەت، سەن ئوقۇساڭ بولاتتى. مەنغۇ ئەمدى ئوقۇيالمايمەن، سەن بولساڭمۇ چوڭراق يەردە سىستىمىلىق تىببىي ئىلىم تەربىيسى ئالساڭ ياخشى بولاتتى، دەيدىغان بولىۋالدى. ئۇ مۇشۇ گەپنى ئارا كۈندە ئالتە قېتىم تەكرارلاۋېرىپ مېنىڭمۇ ئوقۇش قىزغىنلىقىمنى قوزغاپ قويدى. ئۆيدىكىلەرگە دەپ مەن ئاقتۇرالمىغان گەپنى ئۇ بىردەمدىلا ئاقتۇراتتى. داداممۇ، ئاپاممۇ ئەمدى بۇنى ئۆيلەيمىز دەپ ئۇنىمىسا داۋۇت سوپى بوۋامنى بىردەمدىلا قايىل قىلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋام دادامغا، بالا ئوقۇسۇن، چالا دوختۇر ئادەم ئۆلتۈرەر دەپتىكەن، ھازىر ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ كۆزى كور، سارەمخان بالام ئوقۇش چىقىمى مەندىن دەپ، ئابلەت بالامنى ئوقۇتۇشقا شۇنچە كۈچ چىقىرىۋاتقان ، تىرىشىۋاتقان يەردە بىز تاش چىشلەپ تۇرىۋالمايلى، بوۋامنىڭ گېپىنى ئۆيدىكىلەر يىرالىسۇنمۇ، شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ چوڭلار مائارىپ بويىچە تەربىيلەيدىغان ئىككى يىللىق كۇرسىغا تىزىملىنىپ، مۇنتىزىم ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۆيدىكىلەر خوشال ئۇزىتىپ قېلىشتى. ئاشۇ يەڭگەم ئايمۇ- ئاي خەرجىمنى كەم قىلماي چىقارتىپ تۇردى. ھەتتا كۆپرەك ئۆگەن دەپ نەسىھەت قىلىش بىلەن بىرگە ماتېرىيال ئالارسەن دەپ ئارتۇق پۇل سالاتتى. مەنمۇ ئۆيدىكىلەردىن شىپاخانىنىڭ بەكلا روناق تېپىپ كەتكىنىنى، سارەمنىڭ قايتىدىن يەنە تۆت ئېغىز ئۆي سېلىپ، تۆت- بەش شاگىرت قوبۇل قىلغىنىنى، ھازىر بىزنىڭ يېزىدىنلا ئەمەس، بەشقا يېزىلاردىنمۇ تۈركۈملەپ ئاياللارنىڭ كېلىپ داۋالىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، خىراجىتىنىڭمۇ يامان ئەمەسلىكىنى دەپ بېرەتتى. ئارىدا يەنە سارەمنىڭ بىر ئوغۇل تۇغقانلىقىنىمۇ ئېيتىپ بېرىشتى. ئاكامنىڭ بۇ ئوغلىنى يىراق شەھەردە تۇرۇپ غايىبانە مۇبارەكلىدىم. ئۆگۈنۈش بېسىمىم ئېغىر بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا كۈنلىرىم كىتاب ئىچىدىلا ئۆتەتتى. ئەسلىدىمۇ خەنزۇچىدا ئاجىز بولغان مەن ئەمدى باشقىلاردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق تىرىشىشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېكەچلىكىمنى بىلىسىلەر، دەرىسخانىدا قول كۆتۈرۈپ راۋان جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم. ئىمتىھاندا يوقىرى نومۇر ئالاتتىميۇ، دەرىسخانىدا جىمغۇر ئىدىم. كېكەچلىكىمنى ھەممەيلەن بىلسىمۇ مىجەزىم ئوڭلۇق، ئارتۇق قىلىقىم يوق، ھەممىگە يېقىشلىق مۇئامىلە قىلغاچقىمۇ ياكى چوڭ شەھەر دېگەن شۇنداق بولامدۇ، ھازىرغىچە ھېچكىم مېنى بورۇنقىدەك كېكەچ دەپ زاڭلىق قىلمىدى. راستىنى دېمىسەم بولمايدۇ. شۇ مەزگىلدە خوشنا ناھىيىلىك بىر قىز بىلەن ئارىمىزدا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالدى. مىھرىنىسا ئىسىملىك بۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، خىيالىمدا ھەمىشە ئۇنى بۇرۇنقى ساۋاقدىشىم، ھازىرقى يەڭگەم سارەم بىلەن سېلىشتۇراتتىم. سارەم بۇغداي ئۆڭ، تەبىئىي چىرايلىق، ياغلىق ئارتىپ يۈرىدىغان، ھەممىگە خۇش مۇئامىلە قىلىدىغان قىز، <<ھازىر چىرايلىق ھەم مېھرىبان ئانا>> ئىدى. مىھرىنىسا بولسا بۇلۇق چاچلىرىنى قويىۋەتكەن، تولىمۇ خىجىلچان، ئاق يۈزلىرى دەممۇ- دەم قىزىرىپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. بىز دائىم بىللە ئۆگىنىش قىلىپ يۈرگەچكە ئاخىرى يەنە دائىم بىللە ئۆگىنىش قىلمىساق بولمايدىغان يەرگە يېتىپ قالغان ئىدۇق. ئۆگىنىش قىلىدىغان قارا ياغاچ تۈۋىگە كېچىكىپ كەلسەم كۆزلىرى نېمىنىدۇر ئىزدەيتتى، كەلگىنىمنى كۆرگەندە بولسا كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئاخىرقى مەۋسۇم بىر خوشاللىق يەنە بىر ئېغىر قايغۇ ھاياتىمغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. خوشاللىق مەن مېھرىنىساغا بىز بىللە ئۆگىنىۋېتىپ مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلدىم. ھەيرانمەن، ھەردائىم كېكەچلەيدىغان تىلىم شۇ چاغدا <<سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مېھرىڭىزگە نائىل بولالارمەنمۇ مېھرىنىسا>> دېگەن گەپنى ھېچ كېكەچلىمەي دېگەن ئىدىم. كېيىن ئويلىسام ئۇنىڭغا كىتاپ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ خۇددى كىتابتىن ئوقۇپ بېرىۋاتقاندەك دىگەن شۇ گەپلىرىمنى زادى كېكەچلىمەي تۇرۇپ دەپتىمەن. ئۇ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بەكلا جىمىپ كەتتى. گەپ- سۆزسىز تۇرۇپ كېتىپ، بىردىنلا كىتابنى يۈزىگە ياپقىنىچە ياتىقىغا كىرىپ كەتتى. ئەتىسى ئۇنىڭدىن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدىم. خەتتە، ماڭا چاي ئىچۈرىلىپ بولغان، لېكىن مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ھەتتا ئۆلگىدەك ياخشى كۆرىمەن، سىزسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بىز ئاجىزكەنمىز قانداق قىلىمەن، دەپتۇ. مەن ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بىر نەچچە كۈن ساراڭدەك بولۇپ قالدىم. ئاخىرى ئىككىلىمىز بىر- بىرسىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاندىن كېيىن نېمىشقا تىرىشمايمىز، مەنمۇ بىجىرىم بىر ئەركەكقۇ، كىچىككىنە قۇشقاچ جېنىدا ئەركى، مۇھەببىتى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغۇ، دېگەننى ئويلاپ ئۇنىڭغا جاۋاب خەت يازدىم، خېتىمدە ئويلىغانلىرىمنى، ئىرادەمنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىدىم. ئەتىسى ئۇ ئۆگىنىش قىلىدىغان يەرگە قوياشتەك پارلاپ خۇشال ھالدا چىقىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭمۇ جاسارەتكە تولغانلىقىنى ئۇياتچانلىق بىلەن ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم تاغدەك ئۆسۈپ تۇرغان شۇ پەيتلەردە، شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئاكام ئابدۇللا قاتناش ھادىسىسىدە تۈگەپ كېتىپتۇ!. دەرھال خىيالىمغا ئاكامغا قەۋەتلا ئامراق بولغان ئانام، ئۇنىڭ تېخى دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ئوغلى، يەنە ھەر دائىم مەن تەرەپتە تۇرۇپ، مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان، بىر قوللۇق ئۆزى ئوقۇتۇۋاتقان يەڭگەم سارەم كەلدى. بولۇپمۇ ئانام ئاكامغا بەك ئامراق ئىدى. سارەمنىڭمۇ قانداق بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى ئويلىسام ئىچىم سىيرىلاتتى. يوۋاش، كېچە- كۈندۈز كەنت تىراكتۇرىنىڭ جاپاسىدىن ئاجرىيالمايدىغان ئاكامنىڭ ئاخىرى ئاشۇ تىراكتۇرىنى دەپ  ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولاتتى. نە ئامال، قايتاي دېسەم ئىمتاھان يېقىنلاپ قېلىۋاتقان، قايتماي دېسەم جان- جىگەر قېرىندىشىم ئۇزاۋاتقان، ئاخىرى ئۆيدىكىلەرنىڭ، بولدى قايتمىغىن، ئۆتكەن ئىش كەتتى، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ. ئىمتاھانىڭنى ياخشى بېرىپ ئوقۇشۇڭنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇر. دېگەن جۇرۇقىنى تاپشۇرىۋالدىم. بۇ ئەلۋەتتە يەنە ئەقىللىق يەڭگەمنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. مىھرىنىسامۇ قارىلىق كىيىمى كېيىپ، قايغۇمغا قايغۇ بولۇپ، ماڭا غايەت زور مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشمۇ تۆگىدى. مىھرىنىسا بىلەن بىر- بىرسىمىزگە تاغدەك ۋەدىلەرنى بېرىپ قىيماسلىق ئىلكىدە ئايرىلىشتۇق. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئىختىيارسىز ئىككى – ئۈچ كۈن ھازا ئاچتىم. ئانام بىچارە تۆگىشىپلا كېتىپتۇ. ئابدۇللا ئاكامغا ھەممىمىزدىن ئامراق ئانام ھەمىشە ئاكامغا بىزدىن ئوغۇرلۇق قىيمىلىق كۆمەچ كۆمۈپ يىگۈزەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئىچ ئاغرىقتىن تولا يىغلاپ ، كۆزلىرى قىزىل، مەڭىز سۇڭەكلىرى چىقىپ قاپتۇ. سارەمنىڭمۇ چىرايى سارغىيىپ، چىرايلىق يۈزلىرى بىرئاز سولغاندەك، كىچىككىنە لەۋلىرى ئۆمچىيىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. يەنە تېخى ئاكامنىڭ ئوماق ئوغلىنى دېمەيسىلەر، مېنى كۆرۈپ ماڭا چاپلىشىپلا ئالدى. يېقىملىق گۇڭراپ قۇچىقىمدىن كىملا ئالىمەن دېسە ئۇنىماي يىغلاپ ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، مەھەللىدە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. كىشىلەرنىڭ تامدا قوپۇرۇلغان ئۆيلىرى چېقىلىپ، ئورنىغا پىششىق قىشتىن گۈللۈك كاھىش چاپلاپ، ئاپئاق ئاقارتىلغان ئۆيلىرى مەھەللىنى بىر ئاپتۇ. يول ياقىسىدىكى قارا تېرەك كۆچەتلىرى دەرەخ بولۇشقا ئالدىراپ كۆك پوتلىسىنى تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ. مېنى ھەممىدىن خوشال قىلغىنى كىچىككىنە شىپاخانامنىڭ ئورنىغا خېلى كۆلەملەشكەن شىپاخانا قۇرۇلۇپ، نامىنى تېخى مېنىڭ نامىم بىلەن <<ئابلەتجان شىپاخانىسى>> دەپ ۋېۋىسكا ئېسىپ، تەييار قىلىپ قويۇپتۇ. ئون نەچچە ئېغىزلىق ياتاقتا ئاساسەن ئاياللار كېسەللىكلىرى بىلەن داۋالىنىدىغانلار تولۇپ تۇراتتى. مەن كەلگەندىن كېيىن ئوزاق ئۆتمەيلا ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ، دۇختۇرخانىمىزنى رەسمىي ئەنگە ئالغۇزدۇق. خۇشاللىنارلىق يېرى، يېزىدىنمۇ بىزنى قوللاپ، كىنىشكا ، رەسمىيەتلىرىمىزنى ھەل قىلىشىپ بەرگەننىڭ ئۈستىگە، بىرمۇنچە ئۈسكىنىلەرنى ھەقسىز تەقدىم قىلدى ۋە دېھقانلار داۋالىنىش كىنىشكىسىغا داۋالانسا بولىدىغان ئورۇن قىلىپ تەستىقلاپ بەردى. بۇ چوڭ خۇشاللىق ئىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە يەردە مېنىڭ يەنى بۇ كېكەچ دوختۇرنىڭ دوختۇرخانىسى توغرىلىق گەپ بولۇپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا مېنىڭ ئۇنچە كۆپ ھەسسەم يوق، مېنى ھەم ھېچكىم تونۇپ كەتمەيتتى. يەڭگەم سارەم بولسا بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئاتاقلىق ئاياللار كېسەللىكلىرى دۇختۇرى، يېزا باشلىقىنىڭ ئايالىنى ئوپراتسىيە قىلماي ئوڭۇشلۇق تۇغدۇرغان، مۇئاۋىن يېزا باشلىقنىڭ ئايالىنىڭ جاھىل ئاياللار كېسىلىنى شىپاھلىق قولى بىلەن داۋالاپ ساقايتقان مۇشۇ ئەجرىلىرى بىلەن يېزىنىڭ بىرمۇنچە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن شىپاگەرگە ئايلانغان ئىدى. مەنمۇ ھەيران قالدىم، يەڭگەمنىڭ قولى بەكمۇ يىنىڭ ئىدى، ساقايمىغان جاھىل ئاياللار كېسىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلسىلا يوۋاشلاپ كېتەتتى، ئۇ دورا ئۇكۇللار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى شەربەت- مەجۇنلەرنى قانداق بىرلەشتۈرىۋالدىكىن تاڭ، ئۇنىڭ دورىلىرى ھۆكۈمەت تەستىقلىغان ئوكۇللار قاتارىدا مومامنىڭ سەكسەن خالتىسىمۇ بار بولۇپ، بىردە ھوردىتىپ، بىردە شەربەت ئىچۈرۈپ، بىردە ئۇكۇل سېلىپ كېسەللەرنى تىزلا ساقايتالايتتى. ئوقۇغان بولسا ئىش باركەن ئەسلىدە، دەپ قالدىم ئۇنىڭ ئامال چارىلىرىگە قاراپ. دوختۇرخانىنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىمىز دەپ ھەش- پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. سىرتتىن قارىماققا دوختۇرخانىنىڭ ئىشلىرى بىلەن چېپىپ يۈرۈپ، ھېلى ئۇ كېنىشكىنى ھەل قىلىمەن، ھېلى بۇ سايماننى كەلتۈرىمەن دەپ چېپىپ يۈرگەندەك قىلغىنىم بىلەن ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا ، راستىنلا ناھايىتى چوڭ ، ناھايىتى قاتتىق ئىككى قۇرام تاشنىڭ ئارىسىدا قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىرى ئۆيدىكىلەر بولۇپمۇ داۋۇت سوپى بوۋام ئەكبەرجاننى (ئاكامنىڭ بالىسى) يېتىم قىلمايمىز، سارەم بىلەن توي قىلىسەن، دەپ قىستايتتى، مەن ئۇلارغا ئەلۋەتتە ئوچۇق – ئاشكارە قارشىلىق قىلالمايمەندە، شۇڭا ئۇ ئىش، بۇ ئىش دەپ ئۇلارنىڭ گېپىگە قولاق يۇپۇراتتىم. يەنە بىرسى مېھرىنىساغا بەرگەن چوڭ- چوڭ ۋەدىلىرىم ۋەدە پېتى قېلىۋاتاتتى. ئارىدا خەت يېزىشىپ تۇردۇق، ئەمما يوقلاپ بارالمىدىم. يۈرىكىم تەڭقىسلىقتا سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئىش ھازىرچە سارەمدىن مەخپىي تۇتۇلغان ئىدى. كېيىنچە ئۇمۇ ئۇقتى ۋە جېنىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى. مەن ھېچنىمە دېيەلمەيتتىم. ماقۇل توي قىلاي دېسەم، مەن ئەزەلدىن سارەمنى ئۆز يەڭگەم، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى دەپ بىلەتتىم، يەنە مېھرىنىسامۇ بار ئىدى. ئەمما توي قىلمايمەن دەي دېسەم بىرسى چوڭلارنى قاتتىق رەنجىتىپ قوياتتىم. بولۇپمۇ بۇ ئىشتا چىڭ تۇرغان داۋۇت سوپى بوۋامنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالمىسام مېنىڭ بۇ يۇرتتىكى تىرىكچىلىكىم شۇنىڭ بىلەن تۈگەيتتى. بوۋىسىنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالماپتۇ، ئاقساقالنى خورلاپتۇ، دېگەن گەپ چىقىپ قالغۇدەك بولسا ھەممە ماڭا نەپرەتلىنەتتى، تۈكۈرۈپ ماڭاتتى. يەنە سارەم قانداق ئويلىنىپ قالىدۇ، مېنى ياراتماپتۇ، دېمەمدۇ، شۇڭا مەن ئەڭ قىستالدىم، قىنالدىم خالاس.

تەقدىر- قىسمەتتە شۇنداقمۇ بىلمىدىم، بىركۈنى مېھرىنىسادىن خەت كەلدى. خەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ كېلەر ھەپتە تويى بولماقچى ئىكەنلىكىنى، مېنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى يازغانىكەن. خەتنى كۆرۈپ، بېشىمغا بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. مەن تېخى نېمە بولسا بولسۇن، يىگىت دېگەن ۋەدىسىدە تۇرىشى كېرەك، كىلەر ھەپتە ئۇنى يوقلاپ بارىمەن دەپ ئۆزەمگە ئەھدە قىلغان ئىدىم. ئەمدى دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى. بۇ دەل سارەمنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ قارارىغا قاتتىق قارشىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلى ئىدى. بىردىنلا ئۇمۇ بوشاپ قالدى. ئۇقسام ئۇنىمۇ چوڭلار ئىككى ياندىن ئىسكەنجىگە ئاپتۇ. بىزنىڭ ئۆيدىكى بىر «تەۋەررۈك» ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى بوۋام دىمەتلىك، ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر موماي بۇ ئىشتا بىرلىشىۋاپتۇ. كىمگىلا گەپ قىلسا غىڭ قىلماي لەببەي دەيدىغان بۇ ئىككەيلەن گىپىنى بىر قىلىۋالسا كىممۇ ئۇلارغا ياق دىيەلىسۇن.

ئەمدى بىلگەنسىز، مانا شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تويۇم بولۇپ قالدى. تويۇم بولغاندىمۇ، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ھۆرمەتلىك، كۆيۈمچان «يەڭگەم» بىلەن دېمەمسىز، قانچە قىلساممۇ بۇ ئىدىيەمدىن ھەرگىز ئۆتمەيتتى. ھەئە، بۇنى مەندەك چوڭ شەھەردە ئوقۇغان، ئەخلاق بىلەن ھايانى ھاياتىغا ئەڭ زۆرۈر ئۆلچەم قىلىپ كەلگەن بىر زىيالىي تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالامدۇ دەيسىز، ئەمما نېمە ئامال، بىز يەنىلا بىر ئۆينىڭ ئادىمى، بىر ئۆيدىكى ئىككى تامنىڭ ئادىمى بولۇپ قالدۇق. سارەمگە يېقىنلىشىش تۈگۈل تىكىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتىم. نەزىرىمدە ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ ھۆرمەتلىك يەڭگەم ئىدى.  ئەكبەرجان مېنى ئۆز دادام دەپ بىلەتتى. سارەم بولمىسا كارى يوق، مەن بىردەم يېنىدا بولمىسام قەغىشلىكى تۇتۇپ يىغلىغىنى يىغلىغان ئىدى. شەھەرگە كىرسەممۇ تىزلا يېنىپ چىقمىسام ئىش چاتاق، مېنى ئىزدەپ ئالەمنى مالەم قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئەھۋال يەنىلا بورۇنقىدەك ئىدى. ياق، بۇرۇنقىدەك ئەمەسكەن، ھازىر سارەم كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلىگەن كۈنلىرى ئۇيقۇم قاچاتتى. ئۆينىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ئورۇن سېلىنمىغاندىن كېيىن كۆڭلۈم خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئاستا چىقىپ ئۇنىڭ مۈگدەش ئىچىدە بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقىنىنى كۆرۈپ كىرەتتىم. نەچچە قېتىم شۇنداق چاغدا سارەم مېنى كۆرۈپ قالدى. سارەمنىڭمۇ مەن يوق چاغلاردا تىت-تىت بولۇپ كېتىدىغىنىنى بايقاپ قالدىم. يەنە مەھەللىمۇ ئۆزگەردى، قۇم- بوراننى توسۇيمىز دەپ، ئىلگىرى ئۆزلىرى قومۇرىۋەتكەن جىگدىلەرنى كىشىلەر يەنە ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، جىگدە چېچىكىنىڭ سېھىرگە باي خۇشپۇرىقى يەنە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىپ ئاللىقانداق خىياللار قوينىغا تارتىشقا باشلىدى. سەگۈ تېرەكلەر يوغىناپ لىم بولغىدەك بولدى. تەتۈر سۆگتلەرنىڭ نوتىلىرى چاچلىرىنى چۇۋىۋەتكەن جۇۋاندەك يېيىلىپ يەرگە تەككۈدەك بولدى. ھە راست، دوختۇرخانىمىز يەنە خېلىلا تەرەققىي قىلىپ، تەجرىبىلىك دوختۇرلاردىن ئىككى ئۈچنى، سېستىرالاردىنمۇ بەش ئوننى كۆپەيتتۇق، تېخى سارەم زورلاپ يۈرۈپ كىچىك ماشىنىدىن بىرنى ئالدىم.

شۇنداق ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يەنە بىر ئىزتىراپلىق كېچە باشلاندى. ھوجرىنىڭ بىر تەرىپىدە مەن، يەنە بىر تەرىپىدە سارەم. دۇنيانىڭ بىر قۇتۇبىدا مەن يەنە بىر قۇتۇبىدا سارەم.

-بىز ئاجرىشىپ كەتسەك ئابلەت.

سارەمنىڭ يىغا ئارىلاش تويۇقسىز ئېيتقان بۇ گېپىدىن خۇددى بىرسى كاللامغا توقماق بىلەن ئۇرغاندەك چۆچۈپ كەتتىم. كېچە قاراڭغۇلۇقىدا  سارەم ياتقان ئورۇنغا قارىدىم، غۇۋا ئاي نۇرىدا ئۇنىڭ يەنىلا يەلكىسىنى تىترىتىپ يىغلاۋاتقىنىنى كۆردۈم. بىر ھازادىن كېيىن نىھايەت ئېغىز ئاچتىم.

-             نې..نې... نېمىش...قا؟

ئۇ يىغلاپ ئىسەدىگىنىچە بىردەم تۇردى ۋە ئاندىن:

-ئابلەت، مەن ئۆزەمنى ئويلاپ شۇنداق دېمىدىم، سېنى ئويلىدىم، سېنىڭ ياشلىق باھارىڭ، ئۆمرۈڭ بۇنداق ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ.

ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ جىمىپ كەتتىم. قەلبىمگە قول سېلىپ باقتىم، راستىنى سۆزلىسەم، ئاكا قازا قىلىپ ئۈچ يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە سارەم يېنىمدا تۇرسىمۇ ئۇنى سېغىنىدىغان، كۆرگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. راست، مەن بارا- بارا بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا ئاشىقلىقىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئۇنى شۇنداق ھۆرمەت قىلاتتىميۇ، ئۇنى خوتۇنۇم ئەمەس، يەڭگەم دەپ بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭسىز ئۆتىدىغان كۈنلەرنى تەسەۋۋرۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. ماڭا ئايان ئۇنىڭمۇ مېنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. سىرىتتىكىلەر نەچچە يىلدىن بېرى بىزنىڭ يوقارقىدەك ئۆتىۋاتقىنىمىزنى نەدىن بىلسۇن، ئەمدى ئۇلار بىزنى بالىلىق بولمىدىڭلار، دەپ قىستاشقا باشلىغان ئىدى. چوڭلارنىڭ شۇنداق سۆزىنى ھەر قېتىم ئاڭلىسام، شۇ ئىشنىمۇ شۇلار باشقۇرامدىكىنە دەپ جىلە بولاتتىميۇ، نېمىگىدۇر ئالدىراپ قالاتتىم. سارەممۇ قاتتىق ئازاپلىناتتى، بۇنى مەن ئۇنىڭ ھەر كېچە يىغلايدىغىنىدىن بىلەتتىم. بىر قېتىم ماشىنام بىر يوغان كېسەككە ئۈسۈپ قولۇم بېغىشىدىنلا چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ سارەم شۇنداق پاي- پىتەك بولۇپ كەتتىكى ئىككى- ئۈچ كۈن قويغان تۇتقىنىنىمۇ بىلمەي يۈردى. ماشىنا ئېلىڭ دېگەنگە تويغۇزامسەن، قاراپ ھەيدىسەڭ بولمامدۇ، بىر نېمە بولۇپ قالساڭ بىز قانداق قىلىمىز؟ ئۇ شۇگەپنى قىلغاندا ئىختىيارسىز بۇرنۇم ئېچىشقاندەك بولۇپ كۆزۈمنىلا ئەمەس پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى يىغا قاپلىۋالغان ، ئۇنىڭ مېنى نەقەدەر چوڭقۇر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم . ئۇنىڭ شۇ گېپى يادىمغا يېتىشى بىلەن يەنە ئۇنىڭغا:

-             مە...مەن بول...مىسام...ئە...كبەرجان قانداق قىلىدۇ؟،- دەپ سورىدىم.

-             ئاھ، خۇدا ئۇ ساڭا ئۆلگىدەك ئامراق.

ئۇ شۇنداق دەپ جىمىپ كەتتى ۋە يەنە بىر ھازادىن كېيىن:

-    مەن بىلىمەن ئابلەت، سەن ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئەر، سەنسىز ياشاش مەن ئۈچۈن يوقىلىش بىلەن تەڭ. ئەمما مەن ئۆزەمنى ئويلىسام بولمايدۇ. مەن بىلىمەن سىنىڭ مۇھەببىتىڭ بار. ئىسمى مېھرىنىسا، سەن ئەمدى شۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىشىڭ كېرەك.

-             سەن قانداق بىلگەن؟

-             مېنىڭ بىر دوستۇم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغان. شۇ دەپ بېرەتتى.

-             ئۇنىڭ توي قىلغىنىنىمۇ دەپ بەرمىدىمۇ؟

-             ھە؟! ئۇ توي قىلدىمۇ؟

-             ئاللىقاچان بالىسىمۇ بولۇپ بولغاندۇ.

-    مۇنداق دە، ئەمما ئابلەت، سەنمۇ مېنى يەڭگەم دەپ بەك ھۆرمەت قىلىسەن، مەنمۇ سېنى ئىنىمدەك كۆرىمەن. بىز بۇ توساقتىن ھالقىپ ئۆتەلمەيمىز. شۇڭا سېنى بەختسىز قىلىپ قويسام بولمايدۇ. مەن بۇ گەپنى كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن ساڭا ئېيتتىم. ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن. مومامغا يەنە داۋۇت سوپى چوڭ دادامغا ئەھۋالنى ئۆزەم ئېيتىمەن. ئايرىلىپ كېتەيلى، ئەكبەرجاننى كۆرۈپ تۇرارسەن، بىزنى تاشلىۋەتمەسسەن...

سارەم شۇنداق دېدى-دە، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئەمدى يەنە سوغۇق كۆرپىگە بېشىمنى قويۇپ يېتىشىمغا ئورۇن قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئورنۇمدىن دەست تۇردۇم ۋە نەچچە يىلدىن بېرى بېسىپ باقمىغان، بېسىشنى خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان تۆت قەدەم مۇساپىنى ئىككىلەنمەي بېسىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇنىڭ يىغلاۋاتقان كۆزلىرىنى كىچىك ۋاقتىمدا مېنىڭ يىغلاڭغۇ كۆزۈمنى  سۈرتكەندەكلا سۈرتتۈم، ئازابتىن تىتراپ تۇرغان مۆرىلىرىنى قاماللاپ تۇتتۇم ۋە ئۇنىڭغا دادىللىق بىلەن قاراپ:

-مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟،- دەپ سورىدىم. ئۇ ئىختىيارسىز بېشىنى باغرىمغا قويدى ۋە يەنە ئېسەدىگەن ھالدا:

-سېنى قانداقمۇ ياخشى كۆرمەي، بىلمەمسەن ئابلەت، سېنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرىمەن،- دېدى. بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆز ئىدى. مەنمۇ ئۇنى باغرىمغا چىڭڭىدە باستىم ۋە:

- ئەمىسە بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ قالماپتىغۇ، بىلسەڭ مەنمۇ ساڭا چىن ئاشىق، يېتەرلىك بولدى. بۇندىن كېيىن سېنىڭ بۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭدىن ئەمدى ياش ئالمايمەن-، دېدىم. نەچچە يىلدىن بېرى يېتىرقاش ئىچىدە ئۆتكەن، ئىككىمىز كىرسەكلا جىمجىتلىقتىن گۆرىستانلىققا ئايلىنىدىغان بۇ ھوجرا ئەمدى بىردىنلا ئىللىپ كېتىۋاتاتتى. بىز بۆگۈنمۇ ئۇخلىمىدۇق. كەچمىشلەرنى سۆزلەشتۇق، گاھ كۈلۈشتۇق گاھى يىغلاشتۇق. كېيىن ئاستا بېرىپ دېرىزىنى ئېچىۋەتتىم. جىگدە چېچىكىنىڭ خۇش پۇرىقى، بەختىمىزگە، خۇشاللىقىمىزغا جور بولماقچىدەك ھۇجرىمىزغا لىق تولدى.



مەزكۇر ھېكايە «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالۋان سىيماسى ۋە غولجا تەسىراتلىرى



ئابدۇلھەمىد ياسىن


(سەپەر ھاسىلاتلىرى)



بىز تۆت دوست، تۆت جەنوپلۇق ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ غولجا ساياھىتىگە ئاتلانماقچى بولدۇق. گەرچە ساياھەت قىلىش بىزگە ئومۇملاشمىغان، بىزنىڭ قارىشىمىزدا ساياھەت دېگەن باي زەردارلار، پۇلىنى ئىشلىتىدىغان يەر تاپالمىغان ئاقنانچىلار قىلىدىغان ئىش- دېگەندەك ئۇقۇملارنى بېرىدىغان بولسىمۇ، بىزنىڭمۇ چەت ئەللىكلەرنى بىر <<دوراپ باققۇمىز» كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەردار بولمىساقمۇ ئاشۇ مېھرى ئاتەش جاي- غۇلجا ئوزۇن تەييارلىق قىلىپ ئاندىن بارىدىغان يەرمۇ ئەمەس. توغرا، بىزدىنمۇ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەت قىلىشنىڭ پايدىسى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ قالدى. ھەر – ھەر يەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىدىغان، بىر قېتىم ساياھەت قىلىپ كەلسە ئىككى ئۈچ يىل، ھەتتا بىر ئۆمۈر شۇنىڭ لەززىتى بىلەن ئۆتىدىغان ئادەملىرىمىز خېلى بار. ئەمما نەگىلا بارسۇن، بېرىپ، كۆرۈپ كەلگەنلەر ئالاھىدە ساياھەتنامە يېزىپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىدىن تاتلىق قىلغان ئېغىزى بىلەن مەتبۇئاتلاردىمۇ ماختىنىپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيتى بارمۇ؟ ئامرىكىغا بارغانلار، ياپونغا بارغانلار، ھەجگە بارغانلارغۇ يازسۇن، ئەمدى ئىشۇ غولجىغا بارغاننىمۇ دەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى بارمۇ دەپ قېلىشىڭىز مۈمكىن. ئەمما بىزنىڭ ئويىمىزدا بۇنى ساياھەت دېگەندىن كۆرە قەلەمگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئادەمنى زىيارەت قىلىش، ئۇنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى، بىر ئۆمۈر تۇتۇپ ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنى بىلىپ بېقىش مەخسىدىدە ئاتلاندۇق دېسەك توغرا بولار، ھەئە، مۇشۇ ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان باھادىرانە ئىشلىرىغا بولغان قەرزدارلىق تۇيغۇسى قولىمىزغا قەلەم ئالغۇزدى. (بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ھازىرلا ئاشكارىلىۋەتسەك بولمىغۇدەك)،  ئۇ ئادەم باشلىغان ئىشىنىڭ راۋاجىنى كۆرۈپ بېقىش ھەمدە جەنوپ بىلەن شىمالنىڭ ئادەمگە سىرلىق تۈس بېرىدىغان تەرەپلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇش بىزنى بۇ مېھىرلىك ماكانغا ئوتتەك تارتتى. مېڭىشتىن ئاۋال ئارىمىزدىن بىرەيلەننى ئۆزىمىزگە <<باشلىق>> قىلىپ سايلىۋالدۇق. گەرچە ھەممىمىز باشلىقنى كۆرۈپ تۇرۇشقا ئانچە تەشنا ئادەملەردىن بولمىساقمۇ، باشلىقلارنىڭ تولىلىقىدا باشلىقسىز بىر يەر بولسا دېگەننى ئارزۇ قىلىپ قالىدىغان خىيالپەرەسلەردىن بولساقمۇ، ئۆتكەنكىلەرنىڭ <<ئۈچ ئادەم بىرگە سەپەرگە چىقسا بىرىنى ئۆزلىرىگە باشلىق سايلىۋېلىشى كېرەك>> دېگەن ئۈگۈتى كاللىمىزدا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بولغاچقا بۇ سەپەرگىمۇ بىرىمىزنى بىزنى ئانچە- مۇنچە باشقۇرۇپ تۇرىدىغانغا سايلىۋالدۇق. دېمىسىمۇ <<باشلىقى يوق ئىشخانىلار>> (ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرىدىكى مىسرادىن ئۈزۈندە) ئازادە بولسىمۇ، رەتسىز، قالايمىقان، قوماندانسىز جەڭگە كىرگەن قوشۇندەك مەغلۇپلۇق، باشسىز يىلاننىڭ ئىشى خەيرلىك بولمىغىنىدەك نەتىجىسىز ئىش بولمىسۇن، دېدۇق. شۇڭا گەرچە ھېچقايسىمىز بۇرۇن ئىلىخو تەرەپكە ئۆتۈپ باقمىغان بولساقمۇ بىرەيلەننى باش قىلىۋالدۇق.

باشلىقنى بەك توغرا تاللاپتىكەنمىز. ئۇ مېڭىشتىن ئىلگىرى بىزگە، ئىلىخوغا بارغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭكىدە قونمايمىز، ھەتتا بىز زىيارەت ئوبىكتى قىلىپ تاللىۋالغان ئادەممۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بىز ئۇيەرگە خەقنى ئاۋارە قىلىپ، ئۆزىمىزنى يۈك قىلغىلى بارمايمىز، دېدى. بۇنىڭغا بىردەك قوشۇلدۇق. چۈنكى جاھاندا بېزەڭ، باشقىلارنىڭ ئارامىغا خىيانەت قىلىدىغان مېھماندىنمۇ سەترەك ئادەم بولمىسا كېرەك...

خەيرىيەت كارۋاتلىق ئاپتوبۇسقا ئەپلىك جايلىشىپ، ئاخىرى سەپىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالدۇق. ھەممىمىزدە بىرخىل ھاياجان، ئىزتىراپنىڭ شەپىسى بار ئىدى. چۈنكى ئوخشاش پىكىردىكى، تەسەۋۋۇرى جەنۇپتىن ئىلى تەرەپكە ھالقىشقا ئۇلگۈرمىگەن ئاغىنىلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ئانا يۇرتى بولغان غولجىغا قاراپ يول ئالغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا ھاياجانلىنىشقا يېتەرلىك ئىدى. بىراق بىزنىڭ ۋاقتنى مۆلچەرلىشىمىز تولىمۇ خاتا بولۇپ قاپتۇ. ئەسلى غولجا – ئۈرۇمچى ئارىلىقى يەتتە- سەككىز يۈز كېلومىتىر كېلىدىغان بولغاندىن كېيىن يەتتە – سەككىز سائەتتە بېرىپ بولىمىز دەپ ئويلاپتۇق. نەدىكىنى، جەنوپنىڭ يولىدەك كۆيۈك تاغلاردىن ئۆتسىلا غۇيۇلداپ ئاتتەك چاپىدىغان ئىش يوقكەن بۇ يولدا. ماشىنا كۆپىنچە ھاللاردا خەتەرلىك تاغ يوللىرىدا كېسەل كالىدەك پۇشۇلداپ تولىمۇ ئاستا ماڭىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بارارشىمىزدا كېچىدە مېڭىپ قېلىپ سايرامنىمۇ كۆرەلمىدۇق. ھەتتا غولجا شەھرىگىمۇ تاڭ يۇرۇيدىغان مەھەلدە چۈشۈپ قالدۇق. بۇ چاغدا بىرەر مېھمانخانا تېپىپ ياتايلى دېسەك، چوڭلارنىڭ <<قان- يىرىڭ ئىچىدە ياتقاندەك بولىسەن>> دېگەن ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. ئاخىرى ھاجەتلەرنىڭ قىستىشى ھەم مۇقەددەس بۇرۇچلارنى ئورۇنلىۋەتكەندىن كېيىن تاڭ سەھەرنىڭ پاكىزە ھاۋاسىدا ئاۋال شەھەرنى پىيادە مېڭىپ بىر ئايلىنىپ بېقىشنى قارار قىلدۇق. پىيادە مېڭىشىمىزنىڭ بىرىنچى بىكىتى بولغان بەيتۇللا مەدرىسىنىڭ ئالدىدا ئۇزاق تۇرۇپ قالدۇق. يېڭىلا سېلىنغان ھەيۋەتلىك مەسچىدنىڭ ئالدىدا بىلال نازىمى ئولتۇرىدىغان راۋاق ئۆز ئەينى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، گەرچە بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان بولساقمۇ، شۇ راۋاقنىڭ ئۈستىدە ھازىرمۇ موللا بىلال نازىمى پەي قەلىمىنى سىياھقا چىلاپ ئويچان ھالدا ئولتۇرغاندەك تۇيۇلۇپ، قەلبىمىز ئىسسىققىنا بولۇپ قالدى. ئوقۇغان كىتابلىرىمىزدا « سادىر پالۋان قازانچىدىن ئاتلىق ھالدا نازىمى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كىرىپ كېلەتتى» دېگەن يەرلەر بار بولغاچقا، قازانچىنى مەدرىسەنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، تۆت مۇساپىر يىنىك سومكىلىرىمىزنى مورىمىزگە ئارتقىنىمىزچە شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. دەسلىپىدىلا پەرىزىمىز توپ- توغرا چىقىنىنى قاراڭ، دېگەندەك بىردەمدىلا قازانچى مەھەللىسىنىڭ مەھەللە ئېغىزىغا كېلىپ قالدۇق. بۇ چاغدا ئالەم خېلى ئوبدان سۈزۈلۈپ، ئۇپۇق يۈزى ئاقىرىپ بولغان، غولجىنىڭ نەم ھاۋاسى بىلەن گۈزەل- كوچا كويلىرى ئادەمنى روھلاندۇرىۋېتىدىغان ھالەتكە كەلگەنىدى. بىر- ئىككى قېتىم رەسىمگە تارتسىلا توكى تۈگەپ تۇرىدىغان ئاپاراتىمىز بىلەن قازانچى مەھەللىسىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ھەيۋەتلىك دەرۋازىسى ئالدىدا رەسىمگە چۈشتۇق. ئاندىن يازغۇچى ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى، ھېسام ئاكا ماڭىدىغان تاشلەپكە، خەنزۇ بازىرىمۇ مۇشۇ ئەتراپتا بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ياندىكى كوچا بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق. دېگەندەك ماڭلىيىغا تاشلەپكې دەپ يېزىلغان، دوپپا تۇماق بازارلىرى، ماللىرىنى يېيپ ئېچىشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن بەكلا قاينايدىغانلىقى بىلىنىپلا تۇرىدىغان، ھازىر تېخى ئادەملىرى شالاڭ بازاردىن ئۆتۈپ خەنزۇ بازىرىغا كىرىپ كەلدۇق. تۆت كوچا دوقمۇشىدىن سەللا مېڭىپ بىر ئاشخانىدىن چىقىۋاتقان، «بەك ئوخشايدۇ، ئۈچ سوملۇق گۆش پولو!»، دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ناشتا قىلمىغىنىمىز ئېسىمىزگە كەلدى ۋە پولو بىلەن ناشتا قىلىۋالدۇق. ئۈچ سوم، خېلىلا جېق گۆش توغراپ بېسىلغان پولو. نېمە دېگەن ئەرزانچىلىق. ئوخشىغان تاماقنى يەپ، يېيىش ھوزۇرىنىڭ لەززىتىنى ئاشقازان ۋە نەپسىمىز ئوبدانلا سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەردە تاماقنىڭ، شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكىدىن ئەرزانلىقىنى ھېس قىلدۇق. گۆشنىڭ باھاسىنى سورىساق، كىلوسى ئونبەش كوي، دېدى. مۇشۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ خوتەندە قوي گۆشىنىڭ كېلوسى قىرىق كويغا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. باھادىكى بۇ قەدەر چوڭ پەرق بىزنى ئويغا سېلىپ قويدى. قۇرساق تويغاندىن كېيىن يەنە چوڭ  كوچىغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئەمدىلا خەلق مەيدانى تەرەپكە كېلىپ تۇرىشىمىزغا يامغۇر دېگەن يېغىپ كەتمەسمۇ، بايامقى تاڭ سەھەرنىڭ جەلپكار ھاۋاسى بىردىنلا سوغۇق ھاۋاغا ئۆزگىرىپ، تەنلەرنى قورۇشقا، يامغۇر ئۈستى – بېشىمىزنى ھۆل قىلىشقا باشلىدى. شۇندىلا بىز دالدا بولىدىغان يەر ئىزلەپ پىتراشقا باشلىدۇق. ئەمما قويۇق دەرەخلەر ئېگىز بىنالار بىلەن قورشالغان بۇ شەھەردىن بىزگە تەۋە جايدىن، پاناھ بولىدىغان يەردىن بىرەرسى كۆرۈنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇندىلا بىر بىنانىڭ ئالدىدىكى پىشايۋانغا يۈگرەپ كېلىۋالدۇق. تۆت مۇساپىر بۇ چاغدا ھەقىقەتەن بىچارە ھالغا كېلىپ قالغان ئىدۇق. كىرىدىغان ئۆي، تۇرىدىغان جاي بار ۋاقىتتا بىلىنمىگەن مۇساپىرچىلىق، مۇساپىرچلىقنىڭ ئېغىرچىلىقلىرى بىزگە ئۆزىنى تۇنىتىۋاتاتتى. ئاخىرى يانچۇقلىرىمىزدىن يانفۇنلىرىمىزنى ئېلىشتۇق ۋە ساۋاقداشلارنىڭ،  قېرىنداشلارنىڭ نومۇرىنى ئىزلىشىپ تېلىفۇننى قولاققا يېقىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىردەمدىن كېيىن، «كېلىپلا تېلىفۇن قىلماي» دېگەندەك كايىش ئارىلاش تەكلىپلەر بىلەن خېرىدارلىق بولۇپ كەتتۇق. ئاڭلىغىنىمىز بىلەن كۆرگىنىمىز بىر يەردىن چىقتىكى، غولجىلىقلار بەكلا مېھماندوست كېلىدىكەن. ئەمدىلا بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭكىگە كىرىشنى كېيىنگە قويۇپ، شائىر ئەبلەت ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇرىشىمىزغا يازغۇچى تۇرسۇن ياسىننىڭ قىزى رەيھان  قايتا- قايتا تېلفۇن قىلىپ، دادىسىنىڭ ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى ئالدىراتقىلى تۇردى. ئامالسىز بىزنىڭ كەلگىنىمىزگە بەكلا خوشال بولۇپ كەتكەن ئاپئاق چاچلىق شوخ بوۋاي، تالانلىق شائىر ئابلەت ئابدۇللا بىلەن ۋاقىتلىق خوشلىشىپ، تۇرسۇن ياسىننىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى ھەقىقىي غولجا ئۇيغۇرلىرىغا خاس، ياسىداق ئۆيىگە كىرىپ كەلدۇق. بىز باشتا قەيت قىلغىنىمىزدەك بىزنىڭ غولجىغا كېلىشىمىزگە سەۋەبچى بولغان، زىيارەت قىلىپ، دىدارلاشماقچى بولغان ئادەم، ئۆز ئۆمرىنى سادىر پالۋاننىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى يېزىش ئارقىلىق يورۇتۇش، پالۋاننىڭ ۋاپاتىدىن خاتىرە ساراي ياساپ، ئەۋلادلارغا ئۆلمەس بىر ئابىدە تىكلەش يولىدا بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئادەم - تۇرسۇن ياسىن ئىدى. دەسلىپىدىلا سۈرلۈك كۆرىنىدىغان بوۋاي بىزنى ناھايىتى خۇشچىراي قارشى ئالدى.  ئۇنىڭ بىزنىڭ كېلىشىمىزدىن خەۋىرى بولغاچقا ئاشۇ دىلكەش قىزى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا ئىشلەيدىغان كىيوغلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۆنۈگۈنلا بىزگە مېھمانخانا ئۇقۇشۇپ قويغانىكەن. بىز كېچىكىپ كەلگەندىن كېيىن خەۋىرىمىزنى ئۇقالماي تىت – تىت بولۇپ تۇرغان ئىكەن. شۇڭا بىزنى كۆرۈپ خۇشھاللىق بىلەن ئالدىمىزغا داستىخان سالدى. ئۇنىڭ قامەتلىك بەستى، تۇنجى كۆرۈشتىلا قەيسەر خاراكتىرىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان سۈرلۈك قىياپىتى، مېھمانلىرىغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولىدىغان ئىلتىپاتلىرى ھەممىمىزگە بىر ئۆمۈر ئەستلىك بولۇپ قالدى، تەمكىن ۋە مەغرۇرانە قىياپىتى چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى قوزغىدى. قىزغىن سالام – سەھەت، ئەھۋال سورىششلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان غىزالىنىشتىن كېيىن ئۇ بىزلەرنى بېرىشقا ماشىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۆزى سادىر پالۋان خاتىرە سارىيى جايلاشقان غولجا ناھىيىسىنىڭ جىلىليۈز بازىرىغا ئالدىن يۈرۈپ كەتتى. بىز ئۇنىڭ بايامقى دىلكەش قىزى، بېيجىڭدا رەسساملىق بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان، ھازىر تەتىل بولغاچقا ئۆيىگە كەلگەن، ئىلى چاقچاقچىلىرى قاتارىدا ئورنى بار ھازىر جاۋاپ چاقچاقچى ئوغلى ۋە كىيوغلىنىڭ ھەمراھلىقىدا سادىر پالۋان خاتېرە سارىيىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ماشىنىدىن كىرىۋاتقان يامغۇردىن كېيىنكى نەمخوش ئىللىق ھاۋادىن تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىپ، يېشىللىققا پۈركەنگەن بۇ گۈزەل دىيارغا تويماي قاراپ كېتىپ باراتتۇق. بۇنداق ياز كۈنلىرىدە يامغۇر ئورنىغا توختىماي توپا يېغىپ تۇرىدىغان، قورغاقچىلىقنىڭ تەھدىتى ئاستىدىكى خوتەن بىلەن ھەممە ياقتىن يېشىللىقنىڭ گۈزەللىكى، نەمخۇشلۇقنىڭ تەننى راھەتلەندۈرىدىغان ھاۋاسى بىزگە ئۆزىنىڭ روشەن پەرقىنى ھېس قىلدۇرۇپ كېتىپ باراتتى. ئاخىرى دەل – دەرەخلىرى باراخسان ئۆسكەن چوڭ يول بويىدىكى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى بولغان سادىر پالۋان خاتىرە ئورنىغا يېتىپ كەلدۇق. ئاۋۋال سادىر پالۋاننىڭ ئىش پائالىيەتلىرى، قەھرىمانلىقلىرى تونۇشتۇرىلىدىغان، داڭلىق رەسساملارنىڭ سىزىشى بىلەن پۈتۈپ چىققان سادىر پالۋاننىڭ ھەرخىل ھالەتلەردىكى رەسىملىرى، سادىر پالۋاننىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرى، غولجىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بەزى مەدەنىيەت ئىزنالىرى قويۇلغان ئۆي، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇرسۇن ياسىن بىلەن چۈشكەن رەسىملىرى، بېغىشلىمىلىرى قويۇلغان خانىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولۇپ، قەبرە تەرەپكە يول ئالدۇق. يول بويىدىكى كارىدوردا سادىر پالۋاننىڭ قوشاقلىرى قاتار ئېسىلغان بولۇپ، خۇددى ئۇنى ئوقۇپ ماڭغان ئادەم، بۇ قوشاقلارنى سادىر پالۋان ھازىرمۇ توۋلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۇرۈپ قويىدىكەن. دوئادىن كېيىن قەبرە ئالدىدا ئۇزاق سۈكۈتتە تۇرۇپ كەتتۇق. مانا كۆز ئالدىمىزدا ئۇيغۇرنىڭ، قەھرىمانلىقنىڭ، غەلىبىنىڭ سىموۋلى بولغان سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ ھال ئادەمگە خۇددى سادىر پالۋان  قەبرىدىن ئات سېلىپ چىقىپ كېلىدىغاندەك، ياكى << سادىر يىتىم قالغان بەش بالىسىنى ئىزدەپ >> (بۇ مىسرا ئادىل تۇنىيازنىڭ) چىقىپ كېلىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قەبرە ئالدىدىن روھىمىز سىلكىنگەن ھالدا ئايرىلدۇق. بۇ يەردە يەنە يازغۇچى تۇرسۇن ياسىننىڭ قىزغىن ھالدىكى مېھمان قىلىشلىرى ئىچىدە قەرىزدارلىق تۇيغۇسىغا لىققىدە بوغۇلۇپ، يەنە مۆھتىرەم يازغۇچىنىڭ شەخسىي ماشىنىسدا سادىر ئۆڭكۈرىنى ئىزدەپ ئاق ئۆزەن تاغلىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. «بۇرۇن بۇ تاغلارنى ياپ – يېشىللىق ئوراپ تۇراتتى. بۇ يىل كىشىلەرنىڭ ئىنسابى كۆتۈرۈلۈپ كەتتىمۇ ياكى خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ قالدىمۇ، تاغلاردا يىلللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قورغاقچىلىق يۈز بىرىپ، تاغلار مانا مۇشۇنداق ئالا بولۇپ قالدى» دېدى تۇرسۇنكامنىڭ ئوغلى ...     قىزىقچلىق بىلەن. گەرچە بۇ تاغلار بىزنىڭ يۇرتنىڭ گىياھ ئۈنمەس قاقاس تاغلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئانچە- مۇنچە كۆكىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، دېگەندەك ئەتراپتىن ئوت تەپتى يېنىپ تۇراتتى. سادىر ئۆڭكۈرىگە يېتىپ كەلگىنىمىزدە كۈن خېلىلا ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۆڭكۈر يىراقتىن تاغنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا قارىيىپ كۆرىنەتتى. بىرھازا مېڭىپ ئۆڭكۈر يېنىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە كۆردۇقكى سادىردەك <<سادىر>>لارلا ئەقىل ھەم كۈچىنى ئىشلىتىپ ئاشۇ ئۆڭكۈرگە چىقمىسا باشقىلار تىك تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇ ئۆڭكۈرگە قارىسىمۇ قورققۇسى كېلەتتى. سادىر پالۋانغا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىقىمىز قىيامىغا يېتىپ تۇرغان ئاشۇ پەيتتە يامغۇر شۇ قەدەر قاتتىق قويىۋەتتىكى، قايتىپ كېلىشكە پۈتۈنلەي ئامالسز قېلىپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان، تۇرسۇن ياسىننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ياسىغان ئارامگاھىدا كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە قونمايمىز دېگەن ۋەدىمىزگە خىلاپ ھالدا تۇنجى كۈنىلا قونۇپ قالدۇق. چوڭ ئوغۇلمۇ ناھايىتى مېھماندوست بولۇپ، بىزنى ياخشى كۈتىۋالدى. بىز ئەتىلەتىن تۇرسۇنكامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن سادىر پالۋاننىڭ قىسسىلىرىنى ئاڭلىغىلى بولارمۇ؟ سادىر سۈپەت بۇ كىشىنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتلىرىنىمۇ ئاڭلاپ كۆڭۈل ئۆيلىرىمىز تەقەززا قىلغان مەخسەتلەرگە يېتلەرمىزمۇ، دېگەندەك خىياللار بىلەن يېتىپ قېلىشتۇق. ئەتىسى تاڭ سەھەردە تاغ يولى بىلەن غولجا ناھىيىسىگە قاراپ پىيادە مېڭىپ كەتتۇق. تاغ يولىنى بۇنداق مېڭىپ تۈگىتىشكە كۆزىمىز ئىلمىگەندىن كېيىن، ئارقىمىزدىن يېتىپ كەلگەن بىر ئۈچ چاقلىق چوڭ موتسىكلىتنى كىرا قىلىپ يۈرۈپ كەتتۇق.

چۈشتىن كېيىن دېگەندەك پالۋان سۈپەت بۇ يازغۇچىنى زىيارەت قىلىش مەخسىدىگە يەتتۇق. ھەممىمىز ھەممە ئەزايىمىزنى قولاققا ئايلاندۇرۇپ، مېدىئالىرىمىزنىڭ ئۈنئالغۇلىرىنى ئېچىپ قويۇپ مويسىپىتنىڭ گەپلىرىنى تولۇق خاتېرە قالدۇرىۋېلىشقا تىرىشتۇق. مونۇ تەپسىلاتلار دەسلەپكى خاتېرە سۈپىتىدە بىزگە ئايان بولدى.

ئەل سۆيگەن يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن 1942- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى غۇلجا شەھەر قازانچى مەھەللىسىدە تامچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1949- يىلدىن 1956- يىلغىچە غۇلجا شەھەر ئايخان ئانا مەكتىپى، تائالىيە مەكتىپى ۋە ئىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1956- يىلى شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1959- يىلى 9- ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1962- يىلدىن باشلاپ، غۇلجا شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1979- يىلى غۇلجا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تارمىقىدىكى ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خاتېرە سارىيىغا مەسئۇل بولغان. 1985- يىلدىن باشلاپ، ئىلى تەزكىرە ئىشخانىسى، غۇلجا شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرىدە ئىشلىگەن. 1989- يىلى غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1993- يىلدىن ئېتىبارەن غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، غۇلجا شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

تۇرسۇن ياسىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1956- يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى» ژوىرنىلىنىڭ 10- سانىدا ئېلان قىلىنغان «خۇشلۇقۇم شۇنچە» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، تارىخىي ئۇچېرىكلىرى ئېلان قىلىنغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 80- يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ تارىخىي تېمىدا يازغان «سادىر پالۋان»، «سادىر پالۋان ھەققىدە ھېكايە» ۋە ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدە يازغان «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەسلىمىسى»، «ئەخمەتجان قاسىمى» «موغۇلىستان قوياشى» قاتارلىق رومان، ھېكايە توپلىمى، ئەسلىمە كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.  ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى تۇرسۇن ياسىندىن ئىبارەت بۇ ئوربىتا ئەتراپىغا جايلاشقان توققۇز پەرزەنتنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇقەدەر قابىل بالىلاردىن بولۇپ چىقىشى تۇرسۇن ياسىننىڭ تىرىشچان، ئىجتىھادلىق خاراكتىرىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ بۇ قەھرىلىك ئاتىنىڭ ھەربىر گېپىنى ھەربىي بۇيرۇق قاتارىدا كۆرۈپ شەرتسىز ئورۇنلايدىغان، تۇرسۇن ياسىننىڭمۇ قۇشتەك مېھرىبانلىق بىلەن بالىلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىش روھىي خۇددى ئەسلى ئەينى جاسارەتلىك ئۇيغۇر ئاتىلىرىنىڭ روھىنى ئەسلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، تۇرسۇن ياسىننىڭ <<مەن ئاتا- ئانام ئۈچۈن قەبرە قاتۇرالمىدىم، ئەمما پالۋىنىم ئۈچۈن ھاياتىمنى ئاتىدىم>> دېگەن بۇ سۆزىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالىمىز. شۇڭا ئۇنىڭغا << سىزنىڭ ئىش- ئىزلىرىڭىز ئۆچمەيدۇ. پالۋان روھى سىزنىڭ روھىڭىز، سىزنىڭ روھىڭىز پالۋان روھى، سادىر پالۋانغا قۇربان بېرىش روھىڭىز، ئىزدىنىشلىرىڭىز بەكلا ئەتراپلىق بوپتۇ. سادىر پالۋاننى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۇنى سىزسىز تەتقىق قىلالمايدۇ>> دېدۇق تەسىرلەنگەن ھالدا.

يازغۇچى تۇرسۇن ياسىننىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە شۇ مويسىپىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى خاتىرە سارىيى، موزىي قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلدۇق. بىركۈن ئىز- دېرەكسىز غولجا شەھرىدىن يوقاپ كېتىپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلدۇق. بەزى جايلاردا ئىچىمىزنى بىر خوشلۇق، بىر مۇھەببەت چۇلغىۋالسا بەزى يەرلەردە چىۋىن يەۋالغاندەك كۆڭۈللىرىمىزنى غەشلىك قاپلىۋالغان يەرلەرمۇ بولدى. ئەمما ئاشۇ تۇرسۇن ياسىن ئاكىنىڭ ئۆيىدىكى سۆھبەت، ئۇ كىشىنىڭ خاراكتىرى ۋە ئېلان قىلىنغان ۋە تېخى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر بىزلەردە ئۇنتۇلماس تەسىرلەرنى قالدۇردى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەي.ئۇيغۇر.خوتەن



ئابدۇلھەمىد ياسىن



1.ئايرودۇرۇمدا



   نېمىسىنى ئېيتىسىز، مەن ئۆزەم يىراق سەھرادىن كەلـگەن بولغاچقا، تەپەككۇر ئۇسۇلۇم ۋە ئادەتلىرىمدە سەھرا پۇرىقى بولماي نېمە بولماقچىدى! سەھرادىكى ئاشۇ ساددا ئويلىرىم، غايىۋى خىياللىرىم، يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان كەچمىشلىرىم بىلەن دونيا سانائىتى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ئۆرنەكلىردىن بىرى بولمىش بۇ شەھەرگە توككىدە چۈشۈپ قالسام، قىزىق-قىزىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى، ساددا ئويۇمنى ھەيرانلىق ۋە ئىزتىراپنىڭ قايمۇقتۇرىشى، قاياققىلا قارىسىڭىز سەنئەت پۇرىغى چىقىپ تۇرىغان كوچىلىرى، سەمىمىيەت بىلەن تويۇنغان تۇرمۇش ئادىتى، مەن ۋە مەنداشلاردىكى بوشلۇقلارنى ئايان قىلىپ ئۆزىنىڭ سېھرىي ھىكمەت بىلەن تولغان چوڭقۇر بەھرىگە سۆرەيدىغانلىقى  تۇرغانلا گەپتە، بۇنىڭ مىسالى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئايرودۇرۇمدا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي:

    <<نىكاھنى مەن بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيۈمگە بارماي نەگە بارىدۇ؟>> دېگەندەك، بېلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مېنى ئالماي ماڭمايدۇ، دەپ ئويلىدىممۇ، ياكى ئايرودۇرۇمغا ئۇزىتىپ چىققىلى ھېچكىمىم يوق غېرىپلىقتا غەپلەت بېسىپ قالدىمۇ، ئايروپىلانغا ئالتە مىنۇت كېچىكىپ قاپتىمەن. ئايرودۇرۇمدا تۇرۇپلا قالدىم. كاساپەت مېنى ئالماي ئۇچۇپ كېتىۋېرىپتۇ ئەمەسمۇ، ئامالسىز ئۈچ كۈن كېچىكىپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا تىزىملىتىپ قويۇپ يېنىپ كەلدىم. بۇنى ئۇققان ئاپتونۇم رايۇنلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ <<كىچىكىپ قالدىڭىز، تېز يولغا چىقىڭ>> دېگەن بۇيرۇقى، نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن، ئابلىز مەمتىمىن قاتارلىق ئىككى دوستۇمنىڭ <<سەن بۆگۈنمۇ ماڭالمىغۇدەكسەن، ئەمدى بىرگە چىقىپ ئوزۇتۇپ قويىمىز>> دەپ سەمىمىي ياردەم قىلىشى بىلەن ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاپ، ئاخىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم، كۆك قەھرىگە كۆتۈرۈلۈپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرىگىمنى تۇتقان ھالدا تۆت سائەت ئۇچۇپ شەھرى شاڭخەي ئايرودۇرۇمىغا چۈشتۇق. ماڭا ئوخشاشلا كېچىككەن بىر سەپەردىشىمغا يۈك-تاقلارنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئەڭ يامان بۇيرۇقلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا يۈگۈردۇم. ھاجەت راۋا بولغاندىن كېيىن قولۇمنى يۇيۇش ئۈچۈن جۆمەكنىڭ يېنىغا كەلدىم، كەلدىميۇ، ھاڭ-تاڭ بولۇپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى پاك-پاكىزە قول يۇيۇش دېسىنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ تۇرغان پارقىراق تۆمۈر شىلانكىنىڭ نە بۇرايدىغان يېرى، نە سۇنى چۈشۈرىدىغان بىرەر بۇرمىسى كۆرۈنمەيتتى. جۆمەكنى تۇتۇپ سىلكىپ باقتىم، قايرىپ، بۇراپ باقتىم ئەمما بىر تېمىممۇ سۇ چۈشمەيدۇ. قانداق ئىش بولغىيدى بۇ، دەپ خۇددى ئۆگزىدىكى پىچانغا بويى يەتمىگەن كالىدەك گۆشىيىپ تۇرۇپ قالدىم. دەل شۇچاغدا مېنى كۈزىتىپ تۇرغانمۇ، ساقاللىق بىر چەتئەللىك كېلىپ قولىنى ھېلىقى جۈمەكنىڭ ئاغزىغا تەڭلىۋىدى، جۆمەكتىن سۈزۈك سۇ چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھېلىقى چەتئەللىك ماڭا قايرىلىپ كۈلدى ۋە مۆرىسى بىلەن كۆزىنى تەڭلا قىسىپ بىر نېمىلەرنى دەپ كالدىرلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى.  ئوزايىمچە ئۇ <<ئەپتىڭ بىزگە ئوخشايدىكەنۇ، نەدە ياشاۋاتقان بەدىۋى سەن>> دېدىغۇ دەيمەن. مەنمۇ ئەقىل تېپىپ ئىتتىكلا جۆمەكنىڭ ئاغزىغا قولۇمنى ئاپىرىۋىدىم، كاساپەت مېنىڭ قولۇمنىمۇ تونۇيدىكەن بولمىسا، شۇ جاھان كۆرمىگەننىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ ئىشىدە.

بۇ مەن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىشلارنىڭ بىرسى خالاس. ئەمما مەن بۇ يازمامدا مەن يولۇققان ئوڭايسىزلىقلارنى يازماقچى، ئۆزەمنىڭ كالۋالىغىنى تەشۋىق قىلماقچى ئەمەسمەن. ئۆزەمنىڭ تەپەككۇرۇم بويىچە مۇشۇ ۋاقىتقىچە كۆزەتكەن دۇنيا بىلەن، ھازىر مەن دەسسەپ تۇرىۋاتقان تۇپراقتىكىلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەردە ھېس قىلغان بوشلۇقلارنى ۋە تەسىراتلىرىمنى خاتىرىلىمەكچىمەن.



2. ئەسسالام-شاڭخەي



    سەھرادىن كېلىپ ۋەز ئېيتىۋاتقان، شاڭخەيدە ئۇيغۇرلانىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان سەن كىمۇ؟، دەپ ئويلاپ قالغان بولىشىڭلار مۈمكىن، مەن نوپۇسىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ سالمىغىنى ئىگەللەيدىغان كۆك نامرات دېھقاننىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان، يىراق ناھىيىنىڭ ئەڭ چەت يېزىسىدىن كەلگەن بىر <<سولتەك ئەپەندى>>. شاڭخەيگە كېلىپ بەش ئاي ئوقۇش شەرىپىگە قانداق ئېرىشىپ قالغانلىغىم بەلكى بىر تاساددىپىيلىق بولسا كېرەك. دەسلىۋىدە مەتبۇئاتنىڭ بۈرجەكلىرىدە ئېلان قىلىنىپ قالىدىغان پارچە-پۇرات يازمىلىرىمغا قاراپ مېنى تىزىملاپ سالدى بولغاي، كېيىن رەسمىي ئاشۇ بارىدۇ، ئورنىغا باشقىلارنى ئەۋەتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، دەپ بىر پارچە <<قىزىل باشلىق تۈگۈنەك>> يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامالسىز يول كىرايىمنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ يولغا سېلىشتى. مەن بۇيەرگە كەلگەندىن كېيىن كۆردۈمكى، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى مەكتەپ، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەڭ ئىقتىساسلىق خادىملاردىن بولۇپ ئۇيغۇر-قازاق يىگىرمە نەچچەيلەنلا كەلگەن ئىكەنمىز.

ياتىغىمىز ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قولىمىزغا مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدىغانغا كارتا بېرىلدى. شۇندىن كېيىن ئىشلار ئىزىغا چۈشۈپ كەتتى. كۈندە ئالتە سائەت فروفىسسور، دوكتورلارنىڭ يېڭى دەرىسلىك، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ھەققىدىكى لىكسىيەلىرىنى ئاڭلايمىز، يېڭى مەزمۇنلاردىن بولۇپمۇ مائارىپ تۈزۈمى ۋە تۈزۈلمىسىدىن گاھى ھەيرانلىق ئىلكىدە، گاھى بەس-مۇنازىرە ئىچىدە خاتىرە قالدۇرىمىز. ئەمما تاماق...ھەي ئەڭ ياخشىسى يېيىش ئۈچۈنلا كەلمىگەندىكىن تاماق توغرىسىدا سۆزلىمەيلا قوياي، ھېلىمۇ بىر يەرگە كەلسەكلا تاماقنىڭ گېپى.



3. شاڭخەي مائارىپىدىن مەكتەپلىرىمىزگە نەزەر



    ئەمدى مائارىپىمىزدىكى ئۆزەم ھىس قىلغان پەرقلەر ۋە تەسىراتلىرىمنى بايان قىلىشقا ئۆتەي.

مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالدى بىلەن مائارىپىمىز ھەققىدە تەخىرسىز ئويلارغا سالغان مەزمۇنلارنى بايان قىلماي بولمىغۇدەك. شاڭخەيلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىي تۇرمۇشىنى ئەلۋەتتە يەنە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ شاڭخەيدىكى مەكتەپلەردە كۆرگىنىم ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن، غەمسىز ئۆگۈنۈش مۇھىتىنىڭ بارلىغى بولدى. (ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەلۋەتتە ئۆگەنگۈچىدە) مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ يوقۇرى بولىدىغانلىغى مەكتەپ مۇھىتىدىنلا ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. مەكتەپلەر خۇددى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەنگەن، رەڭگارەڭ كىيىم كىيگۈزۈپ قويۇلغان بوۋاقتەك بەكلا چىرايلىق تۈستە ئىكەن. يول بويىدىكى سېدىلەر ھەرۋاقىت ھەرخىل سىياق، ھەرخىل تۈستە شەكىلگە كىرگۈزۈلۈپ چىرايلىق ياسىلىپ تۇرغان بولغاچقىمۇ سەنئەت پۇرىغى، گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرىپ تۇرىدىكەن. مەكتەپكە كۆيۈنۈش، مەكتەپنى ئاسراش، مۇھىتنى قوغداش ئېڭى ھەممەيلەننىڭ يۈرىگىگە ئورناپ كەتكەن چېغى، ھەممىسى بۇ مەكتەپ ئاتلىق <<ئانا>> سىغا بەكلا مىھرىبان ئىكەن. كۆلدە ئويناپ پىلتىڭلاپ تۇرىدىغان ھەرخىل رەڭدىكى ئالتۇن بېلىقلار، ياپ-يېشىل، پاك-پاكىزە چىملىقلار، چاقچۇق يوللار، رەتلىك، ئازادە چىرايلىق كېيىنگەن ئوقۇغۇچىلار، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوشۇققىچە توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يوللىرى، توپىدا ئېغىناپ، كىيىملىرىگە قارىغۇسىز بولۇپ كەتسىمۇ پەرۋاسىز ئويناپ يۈرىدىغان بالىلار، قۇرتلاپ كۆكىرىپ تۇرىدىغان سۇ سېپىش كۆلچەكلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇما بولۇپ تۇيىلىدىكەن. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ھەم بىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىغىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان بىر ئىش:

   بىر كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن شاڭخەي  قاتناش ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئىككىنچى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە دەرس ئاڭلاشقا باردۇق. دەرىس باشلاشتىن بورۇن مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم بۆگۈنكى دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمىزنى دەرس ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويىشىمىزنى ئېيتتى. دەرس ئوقۇتقۇچىسى سىنىپقا كېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئىھتىرام بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن تەبىئى بىر تۈستە باشلىنىپ كەتتى. مەن يېڭى دەرىسلىك ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى خېلى تەتقىق قىلغان بولغاچقا نەزەرىمدىكى بۇ سائەتلىك دەرىستىمۇ دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان، ئېلىكتىرلىك ۋاستىلەردىن كۆپلەپ پايدىلىنىدىغان، شەكىلۋازلىق بىلەن تولغان بىر دەرس بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم. گەرچە ئۆزەم ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىشى كېرەك دېگەننى تەكىتلىگۇچى بولساممۇ، بۇ ئويۇمدىن سەل گۇمانلىناتتىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى ئاساسىي ئورۇندا تۇردى، دەپ ئاساسىي نەزەرىيىلەر تاشلىنىپ قېلىپ، قوشۇمچە مەزمۇنلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكرارغا سېلىپلا دەرسنى بولدى قىلىدىغان، دەرسنىڭ ئالدىدا دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئوقۇتۇش نىشانىغا يېتەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. ئەمما بۇ سائەتلىك دەرس ئۇنداق بولمىدى. ھەمدە گۇمانىمدىكىدەك بۇ ئوقۇتقۇچى ھەممە ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىۋەتمىدى، ئەمما ئوقۇغۇچىلار دەرىسخانىنى ئۆزىنىڭ ئازادە بىر پائالىيەت سورۇنى دەپ بىلىدىغان چېغى، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئولتۇردى. ئېلىكتىرلىك ۋاستىلاردىنمۇ ئەركىن پايدىلىنىلدى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئۆزى نەق مەيداندا مەشغۇلات ئېلىپ باردى. ئەڭ قايىل قىلىدىغان يېرى دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىغا، دۇنيا قارىشىغا ئۆزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. ئوقۇتقۇچى شۇقەدەر ھېسياتلىق بايانلارنى سۆزلىدىكى، دەرسنىڭ نەچچە يېرىدە ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياش ئەگىدى. ئوقۇتقۇچى خۇددى بىر ئاتاقلىق سەنئەتكاردەك تېكىستىنى شۇنداق ھىسياتلىق ئىنتۇناتسىيە بىلەن گاھ جاراڭلىق، گاھى ئاران ئاڭلىغىلى بولغىدەك ھالدا سەنئەتلىك بىر تۈستە ئوقۇدى، ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ ئۆگۈنۈشتە تارتقان جاپالىرىنى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتكۈدەك بايان قىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ سالمىغى يىغلاپ سېلىشتى. سىنىپ كەيپىياتى چىۋىن ئۇچسىمۇ ئاڭلانغۇدەك جىمجىت بولۇپ، پەقەتلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاجايىپ يۇقۇرى ناتىقلىق تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى. دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىختىيارسىز يانچۇقلىرىدىن قول ياغلىقلىرىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. باش قەھرىماننىڭ تارتقان جاپالىرىغا لايىق زور نەتىجە قازانغانلىغى سۆزلەنگەندە بولسا سىنىپ ئىچىدىكى كەيپىيات بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۇپ، ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. دەرس ئاخىرىدىكى سوئاللارغىمۇ ئوقۇغۇچىلار جانلىق كەيپىيات ئىچىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتى. ئوقۇتقۇچى قانداقتۇر ئولۇغ قانۇنىيەتلەرنى بايان قىلىپ، يادلاشقا تاپشۇرۇق بەرمىدى، جاپا تارتىپ ئۆگەنسە ئاشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىىدىغانلىغى ھەققىدىمۇ ئاغزىغا كۆپۈك كەلتۈرۈپ سۆزلەپ يۈرمىدى. ئەمما ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسىياتىغا توختاۋسىز بۆسۈپ كىرىپ دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق ئېيتىپ بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دونيا قارىشىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىپ بولغان ئىدى. دېمەك دەرس كۈتكەن ئۈنۈمنى يەنى نىشاننى تولۇق ئورۇنلىدى. يەنى بىز نەزەرىيەدە ھەمىشە سۆزلەيدىغان، ھىسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىنى ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈپ بولغان ئىدى. مۇشۇ دەقىق كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ئۆلۈك، مىخانىكىغا ئايلىنىپ كەتكەن قائىدە-تېرمىنلارنى ئېزىپ، سۆزلەپ كېتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىنىڭ كايىپ بىر بولۇپ كېتىشى بىلەن پەرۋايى يوق ھالدا ئالدىدىكى قىزلارنىڭ چېچىنى تارتىپ ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كېلىۋالدى.  

   دەرىس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىدىن سىز شائىرمۇ ياكى سەنئەتكارمۇ دەپ شۇنداق سورىغۇم كەلدى. ئەمما بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى ئۇ شائىرمۇ، سەنئەتكارمۇ ئەمەس بەلكى مۇنبەردىكى بىر مۇتەخەسس ئىدى. يەنە ئۇنىڭدىن دەرىسخانىدا بىلىم بېرىشتە قائىدىنى بىلدۈرۈش مۇھىممۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسياتىغا ھۇجۇم قىلىش مۇھىممۇ دەپ سورىغۇم كەلدى. ئەمما سورىمىدىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بۇنىڭ جاۋابىنى ماڭا بېرىپ بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازۇك بولغان ھېسسىي دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك بۆسۈپ كىرەلىگەندىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىغىنى، قۇرۇق قائىدىلەرنىڭ، قۇرۇق نەزەرىيە تۈسىدە ھىچقانداق ئىنكاسسىز ھالدا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش بۇلا ئەمەس. دەرس ئاخىرىدا بىلدۇقكى قولىمىزغا تارقىتىپ بېرىلگەن ماتىرىيال ئەسلى دەرىسلىكتىكى مەلۇم بىر تېكىست بولماستىن مۇئەللىم ئۆزى لايىھەلىگەن تېما ئىكەن! يەنىي ئەسلى تېكىستتە شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان، يەتمەكچى بولغان نىشانى ئوخشاش بولغان بىر تېكىست بار ئىكەن. ئەمما ئوقۇتقۇچى ئۇ تېكىستنى ئىشلەتمەستىن شاڭخەيلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى تونۇيدىغان بىر يازغۇچىنىڭ تەسىرلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى دەرسلىك قىلىپ لايىھەلىگەن ئىكەن. بۇ لايىھەدە تەسۋىرلىنىۋاتقان شەخس ئوقۇغۇچىلار ياشاۋاتقان جايدا، ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا يېقىن بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ دەرستە ئاشۇنداق زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانلىغىغا شەكلەنمىدىم. شۇنداقلا بىزنىڭ دەرىسخانىلىرىمىزدىكى ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشنى يادىمغا ئېلىپ قالدىم.

بىر قېتىملىق تويۇقسىز ئېلىپ بېرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوچۇق دەرس ئاڭلاش پائالىيتىدە بىر ئوقۇتقۇچى لېنىننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ۋازىنى سۇندۇرۇپ قويغانلىغى سۆزلىنىدىغان دەرسنى ئۆتمەكچى بولغان. دەرس داۋامىدا بىر ئوقۇغۇچى، مۇئەللىم، ۋازا دېگەن نېمە؟، دەپ سورىغان، ئوقۇتقۇچى دەماللىققا جاۋاپ بېرەلمەي يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، سەن دەپ باقە، ئاۋۇ كالۋا ۋازىنىڭ نېمىلىگىنىمۇ بىلمەيدىكەن، دەپ سورىغان. ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپلا <<ۋازا دېگەن تەشتەك>> دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئوقۇتقۇچى بۇنى ئاڭلاپ <<ئاڭلاشتىڭمۇ>> دەپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا يەنە بىر ئوقۇغۇچى، مۇئەللىم، ۋازىنى كىم چاقتى؟، دەپ سورىسا قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن بۇ ياش ئوقۇتقۇچى: تەشتەكنى چاققان ئوقۇغۇچى دەرھال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل، مەن تېپىۋالىدىغان بولسام-ھە! دەپ ۋارقىرىغان. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەر ئىختىيارسىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ھەمدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا خېلىلا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىغىنى تونۇپ يەتكەن. دېمەك ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئۆزى دەرسلىك لايىھەلەش تۈگۈل دەرس مەزمۇنىنىمۇ تۈزۈكرەك كۆرمەيلا دەرسخانىغا كىرىپ كەلگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاخىرى <<چۇرۇق بىلەن خامپىغا سەكرىگەن>>. بۇ يېزا ئاساسىي قاتلام مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس. ھازىر پۈتۈن جوڭگۈ مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەتتا شاڭخەينىڭ پروفىسسورلىرى بىزگە، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتىمىز دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. دېمەك ئۇلارمۇ تېخى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ئەندىزىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دېگەن گەپ. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە كىم نەزەرىيەۋى گەپلەرگە ئۇستا بولسا، كىم جەلپ قىلارلىقراق گەپ قىلالىسا شۇنىڭ دېگىنى بويىچە يېڭى دەرسلىككە كىرىپ كېلىۋاتىمىز. ئىلمىي مۇدىرلىرىمىز <<يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى بويىچە دەرسىنى مۇنداق...مۇنداق...تەييارلاپ، مۇنداق ئۆتىسىلەر>> دەپ ئاللىقاچان بىزگە قېلىپ ھازىرلاپ بىرىپ بولدى. دېمەك بىز يېڭى دەرسلىكنى يولغا قويۇپ بولدۇق. ئەمما باشقا پەنلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ئەدەبىيات پېنى نوقتىسىدىن ئالغاندا بورۇن ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلارنى باشقا پەنلەرگە قارىغاندا جەلپ قىلالايدىغان دەرس ئىدى. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كىتاپتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى رىئاللىقتىكى ھىسىياتقا ئىگە تېرىك پەنگە ئايلاندۇرىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى. بىز ئەمدى كىتاپتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى ئەمەس رىئاللىقتىكى تىرىك پائالىيەتلەرگە ئەدەبىي نوقتىدىن باھا بېرەلەيدىغان، رىئال شەيئىلەر ئارقىلىق ھىسيات تەربىيسى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسسىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا ئۆزلۈكسىز تەسىر ئۆتكۈزىدىغان بولىشىمىز كېرەك ئىدى.  كىتاپتىكى مەۋھۇم تېمىلارغا بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، ئاشۇ ئۈنۈمنى قازىنىش ئۈچۈن نەزەرىمىزنى مەكتەپنىڭ رىشاتكىسىدىن ئېلىپ چقىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تېمىلارنى لايىھەلەپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان، تېخىمۇ ھىسسىي ھەم رىئال بولغان ئەدەبىياتقا باشلاپ كىرىشىمىز، ئۇلارنىڭ نازۇك بولغان دۇنيا قارىشىنى گۈزەل شەيئىلەر ۋاستىسى ئارقىلىق گۈزەللىك ئالىمىگە باشلاپ كىرىشىمىز كېرەك ئىدى...



4.دەرسخانىدا



    بىر كۈنى دەرسخانىدا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۈنۋانىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرسلىك ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ دوسكىدا بىر رەسىمنى كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپاراتىدىن پايدىلىنىپ كۆرسەتتى. ھېلىقى رەسىمگە قىزىل گىلاستۈك تاقىغان بىر ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرۇپ قولىنى شىلتىۋاتقان، ئوقۇتقۇچى تۆت پۇتلۇق بولۇپ يېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش سىزىلغان ئىدى. ئوقۇتقۇچى بۇ رەسىمنى كۆرسىتىپ سىلەر بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرۈپ باققانمۇ، دەپ سورىدى. بىز گاڭگىراپ قېلىشتۇق. باشقىلار دەرھاللا <<كۆرمىگەن>> دەپ ئىنكاس بىلدۈرۈشتى. ئەمما بىردىن كۆز ئالدىمغا گەرچە 21-ئەسىردىن ھالقىپ ئۇچۇر دەۋرىدە كېتىۋاتقان بولساقمۇ سىنىپلىرىمىزغا ئوقۇغۇچى كەلتۈرەلمەي تارتىدىغان جاپالىرىمىز، گەرچە بۇ باشقىلارغا كونا تېما بولسىمۇ، بىزگە <<مەڭگۈلۈك تېما>> بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش مەسىلىسى ياندىشىپ كېلىۋالدى.

-تۈپ سانىڭ ئەللىك ئۈچ، بۈگۈن كەلگىنى يەتتە، ئەتە كېلىدىغان باھالاشقا ئۈلگۈرۈپ سىنىپىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېسبىتى ٪98گە يەتمەيدىغان بولسا كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتلەشتۈرۈپ مائاشىڭنى كولايمىز.- مۇدىرلىرىمىزنىڭ  سېمىز قوۋزىنى كۆپتۈرۈپ مانا مۇشۇنداق گۈركىرەشلىرى يادىمغا يېتىشى ھامان ئىختىيارسىزلا :

-رەسىمدىكىدەك ھالەت بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا بار- دەۋەتتىم. سۆزۈمنى تەپسىلى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ۋە كۇرسانتلار مەن سۆزلىگەن ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇرىغا پەقەتلا سىغدۇرالمىدى. قايسى بىر ناھىيىدىن كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچى:

-سىلەرنىڭ مەكتەپلەردە ئىككى ئاساسەن قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلمامدۇ، دېۋىدى ئىتتىكلا:

-ئىككى ئاساسەننىڭ باھالىشى كەلگەن كۈنى ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى يۈز ئون پىرسەنت بولىدۇ،- دېدىم. دەرۋەقە بىزنىڭ رايونلىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە تۇراقلىشىشى باشنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مەسىلىگە ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئوقۇتقۇچىلار ھەركۈنى يىغىپمۇ ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن يېزا مەسئۇللىرى بىز ئەكىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىمىز، دەپ كەنت باشلىقلىرىنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلدى. بۇنىڭ بىر ئاز ئۈنۈمى بولدى. چۈنكى شادا پاچاق ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان بىلەن بوقا گەدەن مەھەللە باشلىغىنىڭ سۆزىنى دېھقانلار بەكرەك ئاڭلايدۇ ئەمەسمۇ، ئەمما بۇمۇ ئوزۇنغا بارمىدى. مەكتەپكە كەلمىگەنلەردىن جەرىمانە ئېلىندى. ئىشنى قىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ بۇ ئىشقا كۆپ كۈچىدى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئاساسلىق ئىشى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى يىغىشلا ئەمەستە، شۇنىڭ بىلەن دىھقان بالىلىرى: ئوقۇتقۇچىلار، كەنت كادىرلىرى كۈچىسىلا كېلىدىغان، بولمىسا كەلمەيدىغان رىزىنكە مىجەزنى يېتىلدۈرىۋالدى.

    باشقىلار بۇ ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئېچىنىپ كېتىشتى. راستىنى ئېيتقاندا شاڭخەيلىكلەر بۇنداقمۇ ئىشنىڭ بارلىغىنى تەسەۋۇرىغىمۇ سىغدۇرالمىدى، ھەتتا شىنجاڭدىن كەلگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەيران قېلىشتى. ئەمما ئەھۋال راستىنلا شۇنداق ئىدى. گەرچە  كېتىۋاتقىنىمىز 21-ئەسىر بولسىمۇ.

    ئەسلى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ رەسىمنى سىزىشتىكى مەخسىدى باشقا ئىكەن، ئەمما شۇ سائەتلىك دەرىس ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەنلا ئۆتۈپ كەتتى.

   كۈنىگە ئالتە سائەت، گاھى كۈنلىرى سەككىز سائەت دەرس ئاڭلاش ھەممىمىزگە سەل ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئاڭلاۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى، قەلبىمىزدە ئۆزگىچە ئۆركەش ياسايدىغان گەپلەر بولغاچقا دەرس ئاڭلاۋېتىپ ھاياجانغا چۆمۈپ كېتىمىز. مانا بۈگۈنمۇ شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى، دوكتور ئاسپىرانىتلىرىنىڭ يېتەكچىسى شىې مۇئەللىم سۆزلەۋاتىدۇ:

-ئېلىمىزدە ھازىر خەنزۇ تىلى بىلەن ئېنگىلىز تىلىدىن ئىبارەت قوش تىل ئۆگۈنۈش يولغا قويىلىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىجابىي تەسىرگە ئىگە. مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا ئالمىشىپ، تەرەققىياتقا نۇرغۇن ياخشى پۇرسەت ۋە شارائىتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىم تاكامۇللىشىدۇ. ئەمما بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ. يەنىي بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە تارىخىمىز ھازىر، مەيدانغا كەلگىنىگە ئارانلا بەش يۈز يىل بولغان ئىنگىلىز تىلى مەدەنىيىتىنىڭ خىرىسىدا يەكسان بولۇپ، غەرپ مەدەنىيتى ۋە غەرپ مەدەنىيىتىگە قۇل بولغان ئەللەرگە ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. چۈنكى تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ھازىر بىزدە ئىنگىلىز تىلىغا چوقۇنۇش بەك ئېغىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ بىلىمنى ئاساس قىلماي، مەيلى ئۇنۋان ئېلىش بولسۇن، مەيلى يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش بولسۇن ھەرقايسى ھالقا، ھەرقايسى ئۆتكەللەردە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېنگىلىز تىلىنىلا ئەمەس غەرپ مەدەنىيتىنىمۇ ئەلا بىلىدىغان زەيپانە كىشىلەر ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ، خۇددى يولداش ماۋزېدۇڭ ئېيتقاندەك مۇشۇندا شارائىتتا <<بەزىلەرنىڭ بۇرنىغا يوناننىڭ ئۇسۇرىقىمۇ ناھايىتى خۇش پۇرايدىغان بولۇپ كەتتى>>. توغرا، ماۋزېدۇڭنى ئالايلى، ئۇ خەنزۇتىلىدىن باشقا ھىچقانداق تىل بىلمەيتتى. ئەمما ئۇ دونيا ئېتراپ قىلغان بىر سىياسىي، ھەربىي ئالىم. دانا بىر يولباشچى، ئولۇغ داھىي. ئۇ ئانا تىلىدىن باشقا تىل بىلمىگەن شارائىتتىمۇ شۇنداق زور نەتىجە يارىتالىغان. بۇنداقلار تارىختا كۆپ. ئەمما بۇ ھىچقانداق چەت تىل بىلمىسەڭمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.  ناۋادا ماۋزېدۇڭمۇ باشقا مەدەنىي تىللارنى بىلگەن بولسا يات مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرگەن ھەتتا ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق بولمىغانمۇ بولارىدى... شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئەمەلىيەتتە  تىل دېگەن بىر ۋاستە، كۆۋرۈك. ھەرگىزمۇ مەخسەت ئەمەس. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك قاراڭغۇ ئۆيگە بىر دەرىزىنى ئارتۇق ئاچقان بىلەن باراۋەر، قاراڭغۇ ئۆي دېگەنگە قانچە كۆپ دەرىزە ئاچساڭ شۇنچە يورۇق بولىدۇ. ئەمما بىز دەرىزىنى ئېچىش بىلەنلا قالماي، ئاشۇ دەرىزىدىن پايدىلىنالايدىغان كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىمىز، دەرىزىدىن كىرىدىغان ساپ ھاۋادىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە بۇلغانغان نەرسىلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلىيەلەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرىشىمىز، ھەتتا ئۆي قانچە يورۇق بولسىمۇ بىكىنىۋالماستىن، سىرتقا چىقىپ تاشقىي مۇھىتنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۈزىتەلەيدىغان، سىرتقا چىقتىم دەپ، يات مەدەنىيەتنى ماختاپ ئانا مەدەنىيىتىمىزنى خارلىمايدىغان بەلكى ئۇنى قوغدايدىغان ئەركەكلەرچە غورۇر تۇيغۇسى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. ...

فىروپىسسورنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىيالغا چۆكۈپ قالدىم...



5.شاڭخەيدىكى شەرق گۆھىرىنىڭ كۆزىدىن يۇرتقا نەزەر



    بىز بۇيەرگە كەلگەنلەر ئاز بولغاچقىمۇ ياكى شۇنداق پىلان بارمۇ، پائالىيەتلىرىمىز ناھايىتى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مانا بۈگۈن <<جوڭگۇنىڭ كۆزى>> دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنىۋاتقان جوڭگۈدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا شەرق گۈھىرىگە چىقىپ كېتىۋاتىمىز، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ھەرخىل ئېرىقتىكى، ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر بۇ يەرنى ناھايىتى ئاۋاتلاشتۈرىۋەتكەنىدى. شەرق گۆھىرىنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈچ يۈز نەچچە مېتىر ئېگىزدىكى كومزىكىگە(بۆلمىسىگە) چىقىپ شاڭخەينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى، تىنچقىنا لۆمشىپ ئېقىۋاتقان خۇاڭ پۇجىياڭ دەرياسىنى تاماشا قىلدۇق. مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى خۇاڭ پۇجىياڭ دەرياسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىمۇ، شەرق گۈھىرى ئىچىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەللىكلەرمۇ ئەمەس بەلكى بۇ يەرگە كەلگەن مېھمانلار ئىچىدىكى بالىلارنىڭ كۆپلىگى بولدى. مەيلى چەتئەللىكلەر بولسۇن، مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك بالىلىرىنى يېتىلىۋالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالغا پەن-تېخنىكا سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىنىمىزدىمۇ كۆپرەك دىققەت قىلغان ئىدىم. پەن-تېخنىكا سارىيىغا كەلگەنلەرمۇ بالىلىرىغا كۆپرەك بىر نەرسە كۆرسىتىش، ئۆگىتىشنى مەخسەت قىلغان چېغى، ئۆزى پائالىيەت قىلمىسا قىلماي، بالىلىرىغا راكىتا، ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تەجرىبە خاراكترىلىق نەرسىلەرنى قول سېلىپ قىلغۇزۇپ كېتىۋاتاتتى. مانا شەرق گۈھىرىنىڭ مېھمانلىرى ئىچىدىمۇ كىچىك مېھمانلارنىڭ نېسبىتى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ بىزلەرنىڭ بىر يەرگە ساياھەتكە بارماقچى بولساق:

-بالىلارنى ئايرىم ئاپارغان ياخشى، تۈزۈكرەك ئوينىغىلى قويماي خاپا سالىدۇ. ھەممىمىز جېدەلخورلىرىمىزنى ئۆيدە قويۇپ ماڭىمىز،-دەيدىغان قاراشلىرىمىز، بىچارە بالىلارنىڭ ئۆي مەھبۇسى بولۇپ بويۇن قىسىپ قالىدىغانلىغى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.

     يەنە تۇرۇپ شۇنداق خىيالچان، غېرىپ بولۇپ قالدىم، غايىسى ئولۇغۋار، ئېتىقادى قۇرۇق بىر جامائەنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقاندەك بولۇپ تولىمۇ سىقىلدىم ۋە بۇ سىقىلىشلىرىمنى مۇنداق مىسرالارغا جەم قىلدىم:



تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

جۈر بولدى شاماللار ماڭا ئۈن قېتىپ.

قۇشقاچلار ھەيرانە كەتتى چۇرۇقلاپ،

ياپراقلار باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ.



تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

تاڭ قالدى خۇاڭ فۇجىياڭ خىيالغا پېتىپ.

تەنھا مەن بىر ئولۇغ ھىكمەتلەر ئارا،

يۈرىگىم يىغلايدۇ، باغرىم چاك ئېتىپ.



تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

كۈلدى ئاي ئاق سۈتتەك نۇرىنى چېچىپ.

قارىدى بىردىنلا كۆرگەندەك مېنى،

شەرىقنىڭ گۈھىرى (1) كۆزىنى ئېچىپ.



تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

يۈرمەكتە ئادەملەر قولاقنى ئېتىپ.

جۈر ئەمەس ھېچكىشى نىدالىرىمغا،

مۇناجات ئوقۇدى دېڭىز ئۈن قېتىپ!



6.ئاشخانا ۋە ئاپتوبۇستا



    روھىمنى قاتتىق غېرىپلىق بېسىۋالغان ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئىچىدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا يالغۇز كىرىپ قالدىم. (باشقىلار بازار ئارىلىغىلى چىقىپ كەتكەن) تاماقنى كەلتۈرۈپ قويۇپ (ئەلۋەتتە ھەرۋاقلىغىمىزغا گۈرۈچ تامىغى)، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. ئاشخانىنىڭ ئىچىدە لىققىدە ئادەم. ئەمما ھەممىسىنىڭ زۇۋانى باشقا، ساپ ئۇيغۇرچە كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن قايناپ تۇرىدىغان قايناق ئاشخانىلار، قاراپ ئولتۇرغۇدەك ئوخشايدىغان لەغمەنلەر قەيەردە قالدىكىن. شۇ خىياللار بىلەن نېمە بولغىنىنى بىلمىدىم، ئاش سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن چىنە قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. (بۇيەردە چاي ئورنىغا ئاش سۈيى بېرىدىكەن) تاراققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن كۆينىكىم، ئىشتانلىرىمغا تۆكۈلگەن ئاش سۈيى مېنى بەكلا ئوسال ئەھۋالغا قويدى. پالاكەتلىگىمنى قارا، ئىتتىك ئەتراپىمغا قارىدىم. توۋا دەيمەن، جىممىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان شۇنچە كۆپ ئادەم، پۈتۈن تاماقخانىنى بىر ئېلىپ تاراقلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ماڭا قاراپمۇ قويماپتۇ دېسە، ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن، بىر چاغدا ئاشپەز ئۇستاملاردىن بىرى پاكىزە لۈڭگىدىن بىرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن خىجالەت ئارىلاش ئۈستىۋېشىمنى سۈرتۈپ رەھمەت ئېيتتىم. ئەگەر يۇرتتا مۇشۇنداق ئەھۋال بولغان بولسا ئەتراپىمدىكىلەر دوستلىرىم بولغان تەقدىردىمۇ قىقاس سېلىپ كۈلگەن، ھاماقەتلىكىمنى يەتكىچە مازاق قىلغان بولارىدى. تونۇمايدىغانلارمۇ مېنى سۈرۈشتە قىلىپ، قانداق كالامپاي بىرنېمە بۇ دەپ ئۈستۈمدىن گەپ تاپارىدى.

    مەن بۇلارنى بىلىمنىڭ ئەخلاققا ئايلىنىشى دەپ قارىدىم. ئۇلار زىيادە ئەخلاقلىق ھەم تەرتىپلىك ئىكەنكى، ئاممىۋىي سورۇنلار ئادەم شالاڭ يەردىكىدىن جىمجىت، كوچىلارنىڭ پاكىزلىغىدىن قولۇڭدىكى كەمپىت قەغىزىنى ئەخلەت ساندۇقى ئۇچرىمىغۇچە ساقلاپ يۈرۈشكە مەجبۇرسەن، گەرچە ھىچكىم دېققەت قىلمىسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلاشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. ئەمما مەن ئاشۇ ئەخلاقتىن بىر ئاز گۇمان قىلىپمۇ قالدىم. چۈنكى شۇقەدەر ئەخلاقلىق شاڭخەيلىكلەر ئارىسىدىمۇ كىشى كۆرمىـگەندە كوچىغىلا كىچىك تاھارەت قىلىپ قويىدىغان، يەر ئاستى پويىز ئىستانسىلىرىدا ئولتۇرغان تىلەمچىلەرگە قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىدىغان، ئاپتوبۇستا ياشانغان، ئاجىز كىشىلەرگە ئورۇن بەرمەيدىغان، چوڭ كوچىلاردا بالىكونلىرىغا خادا تېڭىپ كۇسار-مايكىلىرىنى يۇيۇپ ئېسىپ قويىدىغان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدىم. كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىكنىڭ بىر ئورنى مۇشۇ شاڭخەي تۇرسا، شۇ ۋاقىتتىمۇ مۇشۇنداق قىلارمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلىپ قالدىم. يەنە شاڭخەيلىكلەردىكى ئەخلاقنى ماددىلاشقان ئەخلاقلىقكەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. جەمىئىيەت شۇقەدەر كۈچلۈك ماددىلاشقان تۇرسا ئادەملەرنىڭ قەلبى ماددىلاشماي قالارمىدى؟ توغرا، مەن ئەخلاقنىڭ ھەقىقىي يىلتىزى بىلىم دېگەن قاراشتىن گۇمانلىنىمەن. چۈنكى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق خەلقلەرنى ئاللىقانداق شاپائەتلەر باھانىسىدا ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىۋاتقان ئامرىكىلىقلارنى كىم بىلىملىك ئەمەس دەيدۇ؟...

    بىر كۈنى ئاپتوبۇستا ناھايىتى قېرىپ كەتكەن بىر كىشىگە ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. ئەمما ئىنىق كۆردۈمكى يەنىلا ئۆتكۈر ھالدىكى گۇمانىي نەزەرلەردىن ساقىت بولالمىدىم.  يېنىمدىكى ساۋاقدىشىم، بىزلەر كوچىدا ۋەلىسپىتتىن يېقىلىپ چۈشكەن ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىپ بېرىپلا ئۇنى يۆلەيمىز، ئەمما شاڭخەيدە يىقىلىپ چۈشكەن ئادەم قاراپ قويۇپ ئاسانلىقچە يۆلىمەيدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن، ئاشۇ كىشىنى يۆلىسە كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىبەتنى ئويلايدۇ. ئەگەر ئۆزى قىلغان ئاشۇ ياردەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي ھەم باشقا جەھەتتە بالا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىغىغا كۆزى يەتسە ئاندىن يۆلەيدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئاشۇنى قۇتقۇزۇش ئېڭىلا بولىدۇ، ئاقىبەتنى ئويلىمايمىز، دېدى. بۇ توغرا ئېيتىلغان گەپتەك قىلاتتى. بۇ يەرگە كېلىپ ئاچچىقىم كەلگەن يېرى، كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقسام كۆپلىگەن شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئالۋاستىنى كۆرگەندەك سومكىلىرىنى قولىغا ئېلىپ چىڭ قۇچاقلىغىنىچە مەندىن بەدەر قاچىدىغانلىغى بولدى. بۇ ئەھۋالغا قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەردە ئۇيغۇرلارنى خۇددى سېگانلاردەك ھەممىسىنى ئوغرى دەپ قارايدۇ دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ئەمەلىيەتتە راست گەپلەركەن. شۇڭا كوچىدا ماڭسام، خۇددى بىرى مېنى تۇتىۋېلىپلا <<ئوغرى!>> دەپ جار سالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپمۇ قالدىم. ھەي، ئوبرازىمىزنى نېمە قىلىۋالدۇق-ھە!...



7.بۇ مەكتەپتىكى تەنھا ئوقۇغۇچى.



    شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىدەك چوڭ بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە موسۇلمان ئاشخانىسىدا بىزدىن باشقا بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرەلمىدۇق. چېكىسىگە مۇسۇلمان ئاشخانىسى دەپ يېزىلغان ئاشخانىنىڭ ئىچىگە ھەربىر كىرگىنىمدە بىرەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇچرىتىپ قالىمەنغۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالاتتىم. ئەمما ئۇيغۇر سىياق بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتالمايتتىم. ئەمما بىر كۈنى ئاشخانىغا كىرىپ كېلىشىمگىلا ئېگىز بوي، يارىشىملىق مايسا بۇرۇت قويىۋالغان تىپىك ئۇيغۇر چىراي بىر يىگىت ئالدىمدا قولىنى سوزۇپ كۈلۈمىسرەپ تۇرىدۇ. ھاياجېنىمنى تەستە بېسىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ،  پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەنۋەر ئىسىملىك بۇ يىگىت دەرۋەقە مۇشۇ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.

    ئۇيغۇرغا بولغان مۇھتاجلىق ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ بىلەن خۇددى قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان، ھال-مۇڭ بولىشىدىغان قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ ئوچۇق-يۇرۇق، مەردانە خاراكتىرىگە قاراپ، بىرەر زەردارنىڭ بالىسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن، كىچىككىنە بېشىغا چۈشكەن ھايات دوقاللىقلىرىدىكى ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا ئىختىيارسىز بۇ ئىرادىلىك يىگىتكە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.

ئۇ ئەسلى مەن ئويلىغاندەك زەردار ئائىلىسىدە ئەمەس بەلكى ئاقسۇدىكى ئاددى بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغانىكەن. ئېسىنى بىلسىلا ئانىسى ئۇنى-بۇنى ئېلىپ-سېتىش بىلەن ناھايىتى جاپالىق ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بۇ ئائىلىنى بېقىپ كەلگەنىكەن. ئەنۋەر مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇپ ھەممە بالىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپتۇ. ئاشۇنداق ئەقىللىق بىر بالا ئاپىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىغا چىداپ تۇرالىسۇنمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەنۋەر مەكتىۋىدىن يانسىلا گازىر-پۇرچاققا ئوخشاش ئۇششاق نەرسىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان كىچىك ئوقەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قىلىپ باقمىغان <<تىجارىتى>> قالماپتۇ. مەكتىپىدە ئۇنى ساۋاقداشلىرى <<شەرق سودىگىرى>> دەپ زاڭلىق قىلسىمۇ، تىجارەتتە قانچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئاپىسىنىڭ جاپالىرىنى ئويلىسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئىشلەپ كېتىدىكەن. ئەمما ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۆيدىكىلىرىنى خاتىرجەم قىلىدىغان يىرى ئۇ يەنىلا دەرىستە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ ھەمىشە مۇكاپات ئېلىپ مېڭىپتۇ. مۇشۇ ئادەت ئۇنىڭغا مۇشۇ شاڭخەيگىچە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەنۋەردىن <<ئوقۇش بىلەن ئىشلەش بىر-بىرىگە توسقۇنلۇق قىلمامدۇ؟>> دەپ سورىسام، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، باشقىلار ئەلۋەتتە شۇنداق ئويلايدۇ. ئەمما مەن ئۆگەنگەندە قاتتىق بېرىلىپ ئۆگىنەتتىم، ئىشلەشنى بولسا دەم ئېلىش دەپ بىلەتتىم. چۈنكى بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ، كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ، جاپالىق ئىشلىگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىسىز، يەنى پايدا قالغان پۇل ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ بىرخىل ھۇزۇر بەخىش ئېتىدۇ. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتەلىگىنىمنى ئويلىسام ئەلۋەتتە ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە بىرخىل بەخت ھېس قىلىمەندە، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىنى ئويلاپ ئولتۇرسىڭىز ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز  بولىدۇ. ئەمما ۋىجدانغا خىلاپ ئىش بولمىسىلا ئەنسىرەشنىڭ، باشقىلارنىڭ بىرنېمە دېيىشىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھالال ئەمگەك ھەرگىزمۇ نومۇسلۇق ئەمەس. سىز ئىشلەپ باقمىغان بولسىڭىز بۇ خىل تۇيغۇنى ھېس قىلالمايسىز، ئەلۋەتتە.

   توغرا، بىز قىلغان ئازراق ئىشىمىز بىلەن ھال ئېيتىشقا، ۋايساشقا ئۇستا، بىر ئىشقا ھەممە ھاياتىي كۈچىمىز بىلەن بېرىلمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر <<قىلىغىلى ئىش يوق، تەرەت قىلغىلى ئارام يوق>> ئۆتۈپ كېتىمىز.

-كىچىك ۋاقتىمدىلا يېتىلگەن ئاشۇ مىجەز مېنىڭ بۇ يەردىمۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىرتەرەپتىن ئىشلىشىمگە تۈرتكە بولدى، شۇڭا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى باكلىق سۇ توشۇيمەن يەنە يېقىندا كۈتۈپخانىدىن ئىش تاپتىم، ئەمدى ئانچە ئوزۇنغا بارمايلا بانكىنىڭ قەرزىنى قايتۇرىۋىتەرمەن دېگەن ئۈمىدىم بار، دېدى ئۇ جۇشقۇن ۋە خوشال بىر قىياپەتتە. توغرا دەرىستە ياخشى ئوقۇغانلار ئەگەر، مەن ئەلاچى بولۇپ ئوقۇدۇم، مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئىش، دەپ بىلسىمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھاللىق ئائىلىلەرنىڭ <<بەگزادە>>لىرىگە يارىشىدۇ. ئەنۋەرگىمۇ يارىشىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋىلايەت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتۈپتۇ. يەنە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان مۇشۇ پىداگوگىكا ئۈنۋىرسىتىتىغا ئۆتۈپتۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۆزىدىن پەخىرلەنسە، باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك <<ئەمدى پىلسىراتتىن ئۆتۈپ بولدۇق، ئوينىساق بولىدۇ>> دەپ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ئويناش دەۋرانى دەپ بىلسە بولىدۇ. ئەمما ئەنۋەر ئۇنداق قىلماپتۇ. چۈنكى شۇنداق قىلسا ئۆزىنىڭ ئاشۇ جاپاكەش ۋە مىھرىبان ئانىسىغا قىلىدىغانلىغىنى، ئۆيىدىكىلىرىنى سىقىپ، گاڭسا-جىڭسا قىلىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئادەمىيلىكىنىمۇ پايخان قىلىدىغانلىغىنى ئۇ چۈشىنىپ يېتىپتۇ. شۇنداق، ئەقىل دېگەن ھەقىقەتنى چۈشىنىشتە ئەسقاتمىسا ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇپتۇ-يۇ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە زور ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەپتۇ. ئوقۇمايمەن، دەپمۇ بېقىپتۇ. ئەمما <<مەيلى، قانچە قىينچىلىق بولسىمۇ چىداپ چوقۇم ئوقۇتىمەن>> دەپتۇ، جاپاكەش، قەيسەر ئانا. خولۇم-خوشنا، ئەل-يۇرتمۇ قاراپ تۇرماپتۇ. ھۆكۈمەتمۇ ياردەم قىلىپتۇ. ئەمما ساڭزا يېگىلى ھەمىشە ھېيت بولىۋەرمىگىنىدەك، بۇ ياردەملەرمۇ ھەمىشە بولىۋەرمەپتۇ. ئەقىللىق ئەنۋەر يەنە ئۆيدىكىلەرگە ئارتۇق يۈك چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئاپتۇ. ئۇنى جاسارەتكە تولدۇرۇپ ئىچىنى ئىسسىق قىلىدىغان بىر ئىش، ئەلە-مەلىدىكىلەر سەي-كۆكتات ئالماقچى بولسا ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەچكە ھەممىسى دېگۈدەك ئانىسىدىن ئالىدىكەن. شۇنىڭغا ئانىسىنىڭ سودىسىمۇ ياخشىكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقان ئەنۋەر كەلگۈسىدە چوقۇم يۇرتى ئۈچۈن كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلاۋېتىپتۇ. ياخشى نەتىجە چوقۇم ئىرادىلىكلەرنىڭ قولىدا. ئەنۋەرنىڭ ئىشەنچ بىلەن تولغان كۆزلىرى بۇنىڭ يىراق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ھازىر ئەنۋەر ئىنىستىتوت بويىچە بىرىنچى بولالمىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇپ كېلىۋېتىپتۇ. شۇنچە يىراق يۇرتتىن كېلىپ، ئىستىمال ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغان بۇ شەھەردە، بايلارنىڭ بالىلىرىلا ئوقۇيالايدىغان مۇشۇنداق بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتتا ئۆزى يالغۇز مۇشۇنداق تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇشنىڭ ئۆزىنى مۆجىزە دېمەي تۇرالايمىزمۇ؟ ھەممە تەرەپتىن مەڭسىتمەسلىك نەزەرىدە قاراپ تۇرغان كۆزلەر ئارىسىدا تىرىشچانلىق بىلەن ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ئوقۇۋاتقان بۇ يىگىتكە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالايمىزمۇ؟ يۇرتىمىزدىن يىلدا بەش مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولسىلا ھەقلىق ئوقۇيدۇ. بەلكىم تۇرمۇش سەۋىيەسى ئەنۋەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغان بالىلارمۇ كۆپتۇر، ئەمما ھەممىسى ئاشۇنداق ئىرادە بىلەن ئوقۇپ ھەم ئىشلەپ كېتەرلەرمۇ؟

     ياشاپ كەت، ئىرادىلىك يىگىت. چوقۇم نەتىجە قازېنىشقا تىرىشقىن! ئەتراپىڭدىكىلەرمۇ بىلىپ قالسۇن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇھتاجلىقتا قالدىم، دەپلا خەقلەرنىڭ يانچۇقىغا قولىنى ئوزاتمايدىغانلارنىڭ،  ھالال تەرى بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ، مۇشۇنداق نوقتىلىق يەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ، يەنە كېلىپ ئەڭ ياخشى ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۈپ قوي. بولسا ئۆز كەسپىڭدە نەتىجە قازىنىپ ئۆزەڭنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىڭنى، ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى ھەممىگە بىلدۈرۈپ قوي.



8.نەمۇنىلىك ساقچى ئىستىلى



    شاڭخەي شەھرىدە ساقچىلارنىڭ ئوبراز قورۇلۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ھەممىلا جايدا قىزغىن ۋە ئىللىق مۇئامىلە بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. نېمىشقىكىن ئەزەلدىن ساقچى دېسە كۆز ئالدىمغا ئەپتى بەكلا سۈرلۈك، ھەيۋە بىلەنلا جان باقىدىغان، ئاللىقانداق جىنايەت بىلەن بىر كىملەرنى تۇتىۋالسا قاتتىق ئۇرىۋېتىدىغان، (يوۋاشلارنى تازا سېلىپ، ئازراق بىرنېمە سۈڭگۈتىۋەتكەننى قانات ئاستىغا ئالىدىغان نائەھلىلەر) كېلەتتى. (ئەلۋەتتە بۇنداقلار، ساقچىلارغا نومۇس كەلتۈرىدىغان ئايرىم ساندىكى ساقچىلار) بۇ يەردە مەيلى مەكتەپ، دوختۇرخانىلارا ئىشلەۋاتقان ساقچىلار بولسۇن، مەيلى بازاردىكى ساقچىلار بولسۇن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ يول كۆرسىتىۋاتقان ساقچىلارنىلا كۆردۈم. چەت ناھىيە، يېزىلاردىكى بەزى ساقچىلارنىڭ قوپاللىغىنى، سەۋىيەسىز ھالدا پالتىنىڭ بىسىنى ئىشلىتەلمەي، چۇلدىسىنى ئىشلىتىدىغانلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگەن بولغاچقا، بەلكى ئاشۇ ۋەقەنىڭ شاھىدى بولۇپ قالمىغان بولسام، بۇ يازمامدا ساقچى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش خىيالىممۇ يوق ئىدى.

     بىر كۈنى ئەمدىلا دەرستىن تارقاپ دەرۋازا ئالدىغا كېلىشىمىزگىلا بىر كىشىنىڭ بىر ساقچىنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرىۋاتقانلىغىنى، ھېلىقى ساقچىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىغىنى، باشقا ساقچىلارنىڭ ئۇ كىشىنى توسۇپ بولالماي قالغانلىغىنى كۆرۈپ قالدۇق.

-ھە-كۆرۈپ قويدۇق، شاڭخەي دېگەن بۇ يەردە ساقچىنىمۇ ئۇرىدىكەن، ساقچى بولسىمۇ ئاتىمىز-، دېدى غولجىلىق ساۋاقدىشىمىز قايسى بىر ئېتوتتىكى جۈملىنى تەكرارلاپ. توغرا ھەممىمىزنىڭ خىيالىدا ساقچى دېگەن ئادەم ئۇراتتى، تاياق يېمەيتتى. ئەمما غولجىلىق بۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ بۇ چاقچىقىدىن ساقچىلارمۇ تاياق يېيىشى كېرەك دېگەن مەنا چىقمايتتى، بەلكى ئاۋۇ ساقچىنىڭ ماجرادىن ئەتەي ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقىنىغا مەسلىكى كېلىپ شۇنداق دېگەنىدى. شىنجاڭدىكى بىكارلىق ئويۇن كۆرىدىغان ئادىتىمىز بويىچە دەرھال ئۇلارنىڭ جېدىلى بولىۋاتقان يەرگە ئولاشتۇق. ئەسلىدە ساقچى ئۇ ئادەمنىڭ كىنىشكىسىز قاتناش ھەيدەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تەربىيە قىلسا ھېلىقى كىشىنىڭ تەتۈرلۈك قىلىپ، قەستەن جېدەل قىلىپ، ساقچىنى قوغلىغىنى ئىكەن. ھېلىقى ئۆكتەم كىشى ساقچىنى ئۇرغاننىڭ ئۈستىگە توختىماي ۋارقىراپ داۋراڭ سالاتتى. بىردەمدىن كېيىن بۇ يەرگە بىر مۇنچە ساقچىلار يىغىلىپ كەتتى. ئەمدى ھېلىقى كىشى قاتتىق تاياق يەپ كېتىدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. ئەمما ساقچىلار ئۇ كىشى بىلەن ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك سۆزلەشتى. بىز ئەدەپسىزلىك بولۇپ قالمىسۇن دېگەندەك يېقىن بارمىدۇق. ئەمما ئاخىرى قانداق بولىدۇ دەپ قاراپ تۇردۇق. ئاخىرىدا ئۆكتەم كىشى ھېلىقى ساقچىنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دېدى ھەم قولىنى سىقتى. چوقۇم كەچۈرۈم سورىدى، دەپ ئويلىدۇق. دېگەندەك ساقچىلار تىزلا تارقاپ كەتتى. ھېلىقى كىشىمۇ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش، بەردىمۇ، ياكى باشقا جازا بېرەمدۇ، بۇنى بىلمىدۇق. ماڭغاچ بۇ ئەھۋالنى تازا تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالماي، ھەي يۇرتنىڭ ساقچىلىرى بولىدىغان بولسا ھېلىقىدەك ئۆكتەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويار بولغىيدى، بۇ يەردە گەپ بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلالايدىكەن يەنە كېلىپ ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدىكەن، دېيىشتۇق. بۇ سۆزىمىزدە بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ ساقچىلىرى ئەسكى دېگەن مەنا چىقمايتتى. ئەمما ساقچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ، ھەقىقىي ساقچىلىق ئىستىلىنىڭ، مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا بېرىپ ياتىدىغان مۇھىم ئىش ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. بىر ساقچى يازغۇچى ئەدەبىي يازمىسىدا، <<بىر چوكان بالىسىغا، بالام خاپا سالما، ئاۋۇ ساقچىنى كۆردۈڭمۇ، دېگەنىدى ھېلىقى بالا دەرھاللا جىم بولۇپ قالدى، بۇنى كۆرۈپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم>> دەپ يازغانىكەن. ساقچى ئەلۋەتتە ئەسكى ئادەملەرنى تۇتىدۇ. ياخشى ئادەملەرنى قوغدايدۇ. ئەمما تارىخىمىزدا ئوزاق ۋاقىت بىكىنمە ھالەتتە ياشىغان، قۇللۇققا دۈملەنگەن روھىمىز بىزنى قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدىغان قىلىپ قويغان. شۇڭا بىزدە گۇناھ بولمىسىمۇ قورقىمىز، ئۆزىمىزدىن ئازراق كۈچلۈكلەرگە خوشامەت قىلىمىز...

دەرۋەقە ئەگەر ساقچىلار كېلىپلا ھېلىقى كىشىنى ئۇرۇپ كەتكەن بولسا ئاشۇ كىشىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس بىر داغ قالار بولغىيدى. ئەمما گۇناھ ئاشۇ كىشىدە بولسىمۇ ساقچىلار، سېنىڭ قىلغىنىڭغا، دەپ ئۇنىڭغىمۇ قوپاللىق قىلماستىن، ئۆز قىلمىشىنىڭ بولمىغۇر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇردى. ئىلمىي بىر تەرتىپ بويىچە مەسلىنى تىنچ ھەل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەيلى يول سورايدىغان ئىش بولسۇن، مەيلى باشقا ئىھتىياجلىرىمىز بولسا دەرھاللا ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ياردەم سورايدىغان بولدۇق. ساقچىلارمۇ قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى.



9.پارچە پۇرات تىز سىزمىلار



   گۈزەل خاڭجۇنىڭ ياپ-يېشىللىق قاپلىغان كوچىلىرىدا سەيلە قىلىپ كېتىۋاتىمىز، يوپۇرغا ناھىيسىدىن كەلگەن شائىر قېيۇم تۇر كېتىپ بېرىپ،

شاڭخەيدە ئوقۇدۇق، داڭ شياۋدا يېتىپ،

بالىنى سېغىندۇق، ئانىسىنى قېتىپ.

دەپ شېئىر ئوقۇغىلى تۇرىۋىدى، ھەممەيلەن بارىكاللا ئېيتىپ كېتىشتۇق. بۇ شېئىر ھەممىمىزنىڭ ئاچقان يېرىگە بارغان ئىدى. خاڭجۇنىڭ يېشىلچىلىق قاپلىغان تاغ ۋە ئورمانلىقلىرىغا قاراپ يۇرتىمىزنىڭ كۆيۈك تاغلىرى يادىمغا يەتسە، ئورمانلىقلىرىدىكى تىكەنلىك كىرپە، ئاغمىخانلارغا قاراپ، بۇرۇن بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا مۇشۇنداق تىكەنلىك كىرپىلەرنى قوغلاپ، ئاغمىخانلارنى تۇتۇپ باغلاپ ئوينىغانلىرىمىز يادىمغا يېتىپ خىيالغا پېتىپ قالدىم. بۇ يەردە تىكەنلىك كىرپىلەر ئەركىن ئېغىناپ، ئاغمىخانلارمۇ گاھ چۆپلۈك، گاھ دەرەخ شاخلىرىدا ئەركىن يايلاپ يۈرىدىكەن. ھازىر بورۇنقىدەك ئاشۇ تىكەنلىك كىرپە، ئاغمىخانلارنى يۇرتىمىزدا كۆرەلمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق، شۇڭا ھۆكۈمەت مۇشۇ ھايۋانلارنى نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزگەنمىدۇ، دەيدىغان ئەندىشەم يوققا چىقتى. يېتەكچى مۇئەللىم، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك شارائىتى ياخشى، شۇڭا ھەرقانداق ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئادىتىگە ماس كېلىدۇ، دېدى. دېمىسىمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بۇ يەردە گويا يېشىل تاغ، يېشىل ئورمان، يېشىل سۇلار بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك ئىدى. كىچىكىمدىن <<سۇ بويىدا>>نى كۆپ ئوقۇپ، كۆڭلى-كۆكسى شۇقەدەر كەڭرى پالۋانلاردىن تەسىرلەنگەن بولسام، مانا ھازىر ئۇلار ياشىغان گۈزەل مۇھىتتا تۇرىۋاتقاندەك ھىسياتتا بولۇۋاتاتتىم. بۇ يەرگە كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن. ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن، يات تىللاردا كالدىرلىشىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھىر ئېلىپ كېتىۋاتقان چەتئەللىكلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ ئۆزلىرىگە بىزە ئوخشاپ كېتىدىغان بىزلەرگە يېقىملىق جىلمىيىپ قويۇپ كېتىپ قېلىشىدىكەن. كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر ئىش، چەت ئەللىكلەر قاراپمۇ قويمايدىكەنۇ، بىزدىن بارغانلار ئارىسىدا، ھەرخىل بەلگە تاشلارغا تەڭگە تاشلاپ، بۇتخانىلاردا داڭ ئۇرۇپ ئوغۇل پەرزەنت تىلىگەنلەرمۇ بولدى. مەن بۇلارغا قاراپ قالغان چەت ئەللىكلەرگە دىققەت قىلدىم. ئۇلار، غەرپلىكلەر ئارىسىدىمۇ بۇددىستلار بار ئوخشايدۇ، دەپ قالدىمىكىن. (ئۇلار بىزنى غەرپلىك دەپ ئويلايدىكەن)

   ئەپسۇس، بىلىمدىن، ئەھكام ۋە ئەخلاق دېگەندەك چوڭ تېمىلاردىن چۈشۈپ كېتىدىغان، ئۈستىدە <<清真>> دېگەن خېتى بولمىسا ھېچنېمە يىگىلى ئۇنىمايدىغان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۇچۈن ئېتىقاد دېگەن، نېمىنى قىبلە قىلىپ، قاياققا قاراپ مېڭىش دېگەن ئاڭ يوقمىدۇ؟ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى دوراش شۇنچە پەرۋاسىز قارايدىغان ئىشمىدۇ؟ ھەي، <<بىلىملىك>> نارىسىدىلىرىمىز...

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يەر مەيدانى شىنجاڭدىن يۈز ھەسسە كىچىك بولسىمۇ نوپۇسى شىنجاڭنىڭكىدىن ئازراق كەم شاڭخەي شەھرىدە 20مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىكەن (تولۇقسىز مەلۇمات). كۆرمىگەنلەر بىلمەيدۇ، كۆرگەنلەرمۇ ھەرخىل باھا بېرىدۇ. مەن كۆرگەن شاڭخەي ۋە خاڭجۇدىكى كوچىلاردا كاۋاپ سېتىۋاتقان، كۆكۋاش پىشۇرۇپ، تاۋۇز تىلىپ سېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئۇلار شەھەر قۇرۇلۇشىنى قوغدىغۇچىلار ۋە سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرىدىن  قېچىپ يۈرۈپ كاۋاپچىلىق ياكى باققاللىق قىلىدىكەن. قىلىدىغان تىجارىتىنىڭ دائىرىسى تار ھەم بازارلىق ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كىچىككىنە ئورۇننى شاڭخەيلىكلەردىن بەكراق شىنجاڭلىقلار ئۆز-ئارا تالىشىپ جىدەل بولۇپ تۇرىدىكەن. ئاشخانا ئاچقانلارمۇ بار بولۇپ بازىرى خېلى ياخشىكەنۇ، بەزىدە خۇيزۇلار ئاچقان كىچىك ئاشپۇزۇللارچىلىكمۇ ئاقمايدىكەن. مەن بۇ يەردە باشقىلارنىڭ تەسۋىرىدىكى: <<پويىز ئىستانسىلىرىدا يۇرتلىرىغا قايتالماي گاڭسا-جىڭسا بولۇپ ئاق چېكىپ يېتىپ كەتكەن، تىرامۋاي ۋە يەر ئاستى پويىزلىرىدا باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار>>دىن بىرىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. شۇنداق قىلىدىغانلار بولىشى مۈمكىن. ئەمما ئۇنداقلارنى كۆرمىگەچكە ئۇلار ئازساندا بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم.  بۇنى كاۋاپچىلىق قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالا ئىسپاتلاپ بەردى. ئىلگىرى ئاڭلىغان، كۆرۈنۈشتە كاۋاپچىلىق قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاق ساتىدۇ، دېگەن گەپلەر يادىمغا يېتىپ دەسلەپتە ئۇنىڭغا ئېرەن قىلماي ماڭدىم. ئەمما ئۇ مېنى كۆرۈپلا يۈگرەپ دېگۈدەك كېلىپ قىزغىن  ئەھۋاللاشتى. ئۆزى خوتەنلىك يىگىتكەن. بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن تېخىمۇ ھاياجانغا چۆمۈپ كەتتى. مەنمۇ يۇرتلۇقۇمنى كۆرۈپ مەھەللەمگە كېلىپ قالغاندەكلا تەسىراتقا كېلىپ قالدىم. ئۇنىڭ پاراڭ قىلىپ بىرىشىچە <<بورۇن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى بەك ھۆرمەتلەيتتىكەندۇق، لېكىن ھازىر ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى راستىنلا ياخشى ئەمەس. ئەمما شاڭخەيدە قانۇن-تۈزۈم بەك چىڭ، قانۇنسىزلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر بالىلار بەك ئاز، بولسىمۇ تىزلا تۇتۇلۇپ قالىدۇ>>. ئۇ يەنە <<مەن مۇشۇ پويىز ئىستانسىىسىدا كاۋاپچىلىق قىلىمەن. ئەمما تولىراق كىنو ئىشلەيدىغانلارغا رول ئېلىشىپ بېرىمەن. بۇنىڭ كىرىمى خېلىلا ياخشى، ئۇلارمۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ رولى بولسىلا مەن قاتارلىق بىر نەچچىمىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئۇيغۇر ئۇچرىسا بەك قېچىپ كەتمەڭلار>> دېدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، باشتا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن تولا ئىھتىيات قىلغىنىمغا سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.

    ئاھ، ئۇيغۇرلۇرۇم، سىلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر شارائىت، مۇشۇنداق بىر شەھەردە مەۋجۇتلۇق ئىزدەۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى خەقنىڭ يانچۇقىدىكى پۇللارغا چەن سوقماي، نامىمىزنى بۇلغىماي، ھالال ئىش قىلىدىغان بولساڭلار، قانداقلا ئىش بولمىسۇن مۇشۇنداق ئىقتىسادىي ئۇمۇرتقىغا ئايلانغان، ئىستىمالغا بولغان ئىھتىياج كۈچلۈك بولغان شەھەردە ئەجرىڭلارنىڭ يەردە قالمايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن...

شاڭخەيدە دوختۇرخانىلار كۆپ ھەم كەسپىي سەۋىيەسىمۇ ياخشىكەن. بىراق كېسەل كۆرسىتىش ئانچە ئوڭاي ئەمەسكەن. قايسىلا دوختۇرخانىغا بارساڭ ئوزۇن ئۆچرەتتە تۇرىدىكەنسەن. يەنە مۇتەخەسسىس دوختۇرلارغا كۆرۈنۈشنىڭ باھاسى زىيادە قىممەت بولىدىكەن. گاھى داۋالاش تۈرلىرىنىڭ پۇلىمۇ كىشىنى چۈچۈتكىدەك كۆپ بولىدىكەن. بۇ يەرگە كېلىپ پېقىر مۇئەللىپنىڭ بۆرىكىمدىكى تاش قوزغىلىپ بەك بىئارام قىلدى. ئەمما بىر-ئىككى ئايدەك ۋاقىت پەقەت تەكشۈرۈشكىلا كېتىپ تازا قىينالدىم. ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ <<بۆھران>>غا دۇچ كەلدىميۇ، شىنجاڭدىن بارغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمى ۋە ئىلھامىدا بۇ ئۆتكەلدىنمۇ خاتىرجەم ئۆتىۋالدىم. ھەتتا بۇ يەردىكى خەنزۇ مۇئەللىمىم مېنى ئۆزى ئەكىلىپ، تونۇشلىرىغا كۆرىسىتىپ دېگۈدەك نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئەمما داۋالىنىشىم، ھەي... ئەڭ ياخشىسى ئۆزەم ھەققىدە توختالماي، ئۆزى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىگەن موللىنىڭ نۇتقى ئەڭ بىمەنە چىقىدۇ-غۇ؟ ئىشنى قىلىپ، شاڭخەينىڭ داۋالىنىش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بەكلا قىممەتچىلىك ھەم قىستاڭچىلىق ئىچىدە بولغاچقا داۋالىنىش قىيىن بولىدىكەن.



10.شاڭخەي بىلەن خوتەن



    تۇرۇپ شاڭخەي بىلەن خوتەننى سېلىشتۇرغۇم كېلىپ قالدى. بەلكى خىيالىمدا ئېگىز بىلەن پەسنى سېلىشتۇرغاندا تۇرىۋاتقان ئورنىمىزنى ئىنىق ھىس قىلىپ، ئېگىزگە ئىنتىلىدىغان بولارمىز، دەپ ئويلىغاندىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپرىلنىڭ مەلۇم كۈنى سېلىشتۇرمىسام بولمايدىغان، شاڭخەي شەھرىدە، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە غولغۇلا قوزغىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ كۈنى تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىققا ئىمتاھان بىرىپ ئۆتەلمىگەن بىر قىز بىنانىڭ 15-قەۋىتىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالماقچى بولغان، ئەمما قىزنىڭ تەلىيىگە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى قۇتقۇزىۋالغان ئىكەن. مەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئوقۇتقۇچىدىن ئاڭلاپ مۇنداق بىر سېلىشتۇرما كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.

بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بورۇن خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ 12 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى كىتاپ پۇلىنى تاپشۇرالماي ئۆزىنى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىپ ئۆلىۋالغان. شاڭخەيدىكى قىز يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولالمىغاچقا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغان. خوتەندىكى بالا مۇھتاجلىقنىڭ زۇلمىغا چىدىماي ئۆلىۋالغان. ئەگەر شاڭخەيلىك قىز ئۆتەلىگەن بولسا ئۇنىڭغا ماددىي كاپالەت توسالغۇ بولماسلىغى مۈمكىن ئىدى. ئەمما خوتەنلىك بالا مەنىۋى تەشنالىقنى ئويلاشقا ماددىي كاپالەت يار بەرمەيلا ئۇدۇنياغا كېتىپ قالغان. بىرسى مەنىۋىي ئىھتىياج، يەنە بىرسى ماددىي تەلەپنىڭ زورى بىلەن ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئوخشاش بىر يولنى تاللىغان. يەنە بىر ئوخشاش يېرى، ھەر ئىككىسى نومۇس كۈچىدىن شۇ يولنى تاللىغان. دېمەك نومۇس تۇيغۇسى ھەرئىككىلىسىدىلا مەۋجۇت. ئەمما شاڭخەيلىك قىزنى باشقىلار قۇتقۇزىۋالغان، يەنە جەمئىيەت قوينىغا ئالغان. خوتەنلىك بالىنى بولسا قۇتقۇزىۋالىدىغان ھىچكىم چىقمىغان. شاڭخەيلىك قىزنىڭ ۋەقەسى شاڭخەي شەھرىنى زىلزىلىگە سالغان، پۈتۈن جەمئىيەت بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. ئەمما خوتەنلىك بالىنىڭ ئاشۇ پاجىئەسى يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ قەلىمى ئاستىدا يورۇقلۇققا چىقمىغان بولسا بەلكى ھېچكىم ئاشۇنداق بىر بالىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە سەۋەپ (ئەمەلىيەتتە مۇھتاجلىقتىكى، ئاچلىقتىكى كىشى ئۈچۈن بىر بۇردا نانمۇ چوڭ ئىش، چوڭ سەۋەپ) جېنىنى ئالغانلىغىنى بىلەلمەيلا قالغان بولارىدۇق. پىسخولوگىيە دەرسى ئۆتىدىغان مۇئەللىمىمىز خوتەندە يۈز بەرگەن ئاشۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇنى <<ھەممسى پىسخىكا ئاجىزلىغى، پىسخىكىدىكى كېسەللىك، شاڭخەيدە بۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلار كۆپ. ئۈچ يىل بۇرۇن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بىر پەندىن ئۆتەلمىگەنلىگىدىن نومۇس قىلىپ 8-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغان>> دەپ ئىزاھلىدى. ئەمما مەن خوتەن ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئىشنى پىسخىكا ئاجىزلىغى دەپلا شەرھىيلەشكە ئانچە قوشۇلالمىدىم...

    شاڭخەي شەھرىدە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنىڭ، يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلارنىڭ بەكلا قەدرى بولىدىكەن. ئۇنداق زىيالىيلارمۇ ئۆزىدىن، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە يوقۇرى ئورۇنغا ئىگە بولالىغانلىغىدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىپ ئۆتىدىكەن. توغرا، ئۇلار شۇنداق پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. ئەمما خوتەندىچۇ؟ داڭلىق داشۆدە ئوقۇساڭمۇ، يوقۇرى ئوقۇش تارىخى ھازىرلاپ، بېشىڭغا يوغان سەللە ئوراپ كەلسەڭمۇ ئوخشاش، تېخى بەزىلەرنىڭ كەسپى خوتەنگە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بەرىبىر يەرلىك خاقانلارنىڭ بىر پىچكىسىغا ئايلىنىسەن. ئۆزەڭدىن نەچچە ھەسسە بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئۆتىسەن، ئەگەر سەن شۇلارنىڭ ئېغىر ھالدىكى بىيروكراتلىق قاپلىغان چويۇن كاللىسىغا ماسلىشىپ، توكۇرنىڭ شەھرىدە بىر پۇتنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندەك، ساراڭنىڭ يېنىدا ئالا-جوقا سۆزلىگەندەك، ئاشۇلار نېمە دېسە خوش دەپ تىچ ئۆتسەڭ نېنىڭنى يەيسەن. ئەمما ئۆگەنگەن بىلىمىڭگە ئىشىنىپ كېتىپ شۇنداق باش كۆتىرىمەن دەيدىكەنسەن، ئۈستۈڭدە مەندىن ئېشىپ كېتەرمۇ؟ دەپ ساڭا تىكىلىپ تۇرغان بىرنەچچە بېغىر كۆز قاراپ تۇرغان بولغاچقا، ئۆزەڭمۇ ئۇقمىغان ھالدا ئىككى پۇتۇڭ بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ، بىر ئۆمۈر ھىچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ئۆتۈپ كېتىشىڭ مۈمكىن.

نېمىشقا شۇنداق دەيسەن؟ دەپ ئويلايدىغانلارنى مەن خوتەننى چۈشەنمەيدىغانلار دەپ قارايمەن. چۈنكى خوتەندىكى بۇ رىئال ئەھۋال خوتەننى چۈشىنىدىغانلارغا سىر ئەمەس. داشۆدە ئېلىپ قالايلى، دېسىمۇ ياق، مەن ئاشۇ ھەمىشە توپا يېغىپ تۇرىدىغان ئانا يۇرتۇم خوتەنگە قايتىمەن. ئاشۇ يەرنى گۈللەندۈرىمەن، دەپ قايتىپ كەلگەن نۇرغۇن ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ھازىر قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز. مېنىڭ بۇ ھەق گەپلەرنى سۆزلىشىمدىن مەخسەت يەنىلا سوتسىيالىستىك ۋەتەن ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان خوتەن ئۈچۈن. مىسالى خوتەندىكى ئاشۇنداق رىئال ئەھۋالنى ئوڭايراق ئىزاھلىشىم ئۈچۈن تۆۋەندىكى بايانغا قولاق سېلىڭ.

    چەتئەلدە بىر ئالىم ئىكىسپىدىتسىيە بىلەن ئافرىقا قۇرۇقلىقىدا كېتىۋېتىپ، ئورمانلىقتىكى بىر قەبىلىنىڭ كېسەل، ئاجىز كىشىلەرنى يەۋىتىدىغانلىغىنى بايقاپ قالغان ھەم بۇھالەتنى ئۆزگەرتىش مەخسىدىدە بىر بالىنى ئېلىپ كېتىپ ئوقۇتقان، ھەتتا ئالىي مائارىپ تەربىيسىگىچە  ئوقۇتۇپ، ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىكى يامان ئادەتنى ئۆزگەرت، دەپ يۇرتىغا ئاپىرىپ قويغان. ئەپسۇسكى بىر يىلدىن كېيىن كەلسە ئۇ زىيالىينى تاپالمىغان. سۈرۈشتۈرسە، قەبىلىدىكىلەر ھېلىقى زىيالىينى يەۋەتكەنىكەن. توغرا، ئۇ زىيالىينىڭ  ئۆگەنگەنلىرى يۇرتىغا پەقەت ماس كەلمىگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمى ئارقىلىق يۇرتىغا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىگەن، شۇنداقلا قەبىلىدىكىلەرگە ئازراقمۇ تەسىر ئۆتكۈزەلمىگەن. شۇڭلاشقا قەبىلىدىكىلەر بۇ <<كارغا يارىماس>>نى يەۋەتكەن. مەن خوتەن ۋە خوتەنلىكلەرنى شۇلارغا ئوخشىتىمەن. ئەمما شۇ نەرسە ئايان بولىشى كېرەككى مەن خوتەننى ئۇنچىلا بەدىۋىلەرنى ماكانى دېمەكچى ئەمەس. ھەم خوتەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئەمما خوتەنگە يىلدا دىگۈدەك ناھايىتى ئىقتىدارلىق، يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر <<يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىمەن>> دەپ كېلىدۇ. ئەمما تۆت-بەش يىلدىن كېيىن قارىساڭ ئۇنىڭ ئاشۇ غايىسى، ئاشۇ بىلىمىدىن ئەسەرمۇ يوق، بارچە خوتەنلىكتەك بارىغا رازى بولۇپ، كۆرگەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ، سېرىقتال تۇرمۇشىدىن قىلچە غەيرىيلىك ھىس قىلماي بولىشىچە ياشاۋاتقانلار كۆپ. شۇنداق ئەينى ۋاقىتتا ياش تۇرۇپلا نەتىجە قازانغان، ئاشۇ نەتىجىلىرىمنى خوتەندە جارىي قىلدۇرىمەن، دەپ كېلىپ ئاقىۋەتتە <<يىيىلىپ كەتكەن>>لەردىن نەچچىنى ساناپ بەرگىلى بولىدۇ. ئاددىيسى يېزىدىكى بىر مەكتەپكە ناھايىتى ئىقتىدارلىق بىر ئوقۇتقۇچى كەلسە، ئىككى-ئۈچ يىلغا بارمايلا ئاشۇ ئوقۇتقۇچى دەسلىۋىدە خېلى كۈچەپ ئىشلەپ باقىدۇ-يۇ، ئاتالمىش چوڭاملارنىڭ، مەندىن ئېشىپ كېتەرمۇ دېگەندەك نەزەر بىلەن قىلىۋاتقان دۈشمەنلىكلىرىدىن تېڭىرقاپ، تېخى كەسىپتە بىرەر نەتىجە قازانمايلا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاشلا ساددا، توپا چىراي بولۇپ كېتىدۇ. باشقا كەسىپلەرمۇ ئوخشاش. ھەتتا چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەردىنمۇ نەچچە يىل ئىشلىگەنلەرنىڭ سىياقىدىن چەتئەلگە بارغانلىقنىڭ ئىزناسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.

    شاڭخەيدە كەسپىي قابىلىيتى يوقۇرى كىشىلەرنىڭ نەتىجە يارىتىش پۇرسىتى كۆپ بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار تىگىشلىك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغاننىڭ ئۈستىگە، كېرەكلىك مۇھىت ۋە شارائىتلارمۇ تەل ئىكەن. شۇڭا ئۇلاردا بىرخىل تىرىشچانلىق، جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن. توغرا، دوختۇرخانىغا ئەڭ ئۇستا، قابىلىيەتلىك دوختۇر باشلىق بولىدۇ. توپنى ئەڭ ياخشى ئوينايدىغان كىشى ئاخىرى تېرىنىر بولىدۇ. ئەمما ئېتراپ قىلىش كېرەككى خوتەندە ئۇنداق ئەمەس. مائارىپقا سېمۇنىت زاۋۇتىدىن ئۆسۈپ كەلگەن كىشى باشلىق بولسىمۇ مۇئەللىملەرنى راۋرۇس باشقۇرىۋېتىدۇ، يېزا ئېگىلىكىگە سېلسارلىقتىن چىققان ئادەممۇ مەسئۇل بولالايدۇ. باشلىق بولغانلارنىڭ ئېغىزىدىن راسا بەدبۇي، سەت تىللار بىلەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلار چىقالىسا، بىزگە <<يەنجۇسىڭ>> (تەتقىقاتچى) كېرەك ئەمەس، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرسىمۇ ئوتتۇز-قىرىق بالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسا بولدى، دېگەندەك <<سەۋىيەلىك>> نوتۇقلارنى سۆزلىيەلىسە بولدى. شۇڭا خوتەنگە كەلگەن ئىرادىلىك زىيالىيمۇ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن <<يېيىلىپ>> كېتىدۇ ياكى خوتەندىن ئۆزىنى تارتىپ بىراقلا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. ئەمدى ئاشۇ ئىقتىدارلىقلارنى خوتەنگە ھىچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىدى، <<يېيىلىپ كېتىشكە ھەقلىق>> دەيلىمۇ؟ ئۇنداق بولۇشنىڭ نىگىزلىك سەۋەبى زادى يوقۇرى ئوقۇش تارىخى ھازىرلاپ يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىمەن دەپ كەلگەنلەرنىڭ بېلى بوشلىقىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇلارنىڭمۇ مەلۇم مەسئۇلىيتى بار، يەنى ئۇلار توغرا بولغان پىكىرىنى ھەممىلا يەردە سۆزلەپ ئۆزىگە دۈشمەن تاپماي، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ۋايساپلا يۈرمەي، يۇرتقا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى جار سالماستىن ئۈن-تىنسىز ھالدا جاپاغا چىداپ ئىشلىشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پايدىلىق نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش جەھەتلەردە ئوڭۇشسىز شارائىتتىمۇ نەتىجە قازىنالايدىغان جاسارەتنى ھازىرلىشى كېرەك. شۇندىلا بىلىمنى، تېخنىكىنى  ئاساس قىلغان كىشىلەر توپى بارلىققا كېلىدۇ، ئۇلار بىر توپ بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن ئاسان يېيىلىپ كەتمەيدۇ. ئاقىبەت يەنە شۇنداق زىيالىلاردىن ئەمەلدارلار قاتلىمى ھازىرلىنىدۇ-دە، ئىشلارنى ئىلمىيلىك ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان مەدەنىيەت تەرتىپى ئورنىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئوزۇنغا بارمايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.

    ئىزدىنەيلى، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئىش ھەممىمىزنىڭ زىممىسىدە بار. بۇرۇندىن ئانچە ئۆتكۈر ئەمەس دەپ قارىلىپ كەلگەن مەن ئەمدى بۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەي. بولمىسا يەنە ئويلاۋەرسەم، ئويلىغاننىڭ ھەممىسىنى ئېيتىۋەرسەم مەنمۇ ئىقتىدارلىق ئەمما يەۋىتىلىدىغانلار قاتارىدا، دەپ سانىلىپ <<يېيىلىپ>> كەتمەي يەنە.

    شاڭخەيدە ھەممە ئادەم قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىكەن. ۋاقىتقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن. ئىقتىدارلىقلار قەدىرلىنىدىكەن. يەنە ئىش ھەققى مەسىلىسىدە پىروفىسسور ئوقۇتقۇچىلار بىزگە <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ئىش ھەققىنىڭ دەخلىسىز ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇنىڭغا قالايمىقان چېقىلىش ھوقۇقى يوقلىقى>>نى ئېيتقاندا ھەممەيلەن چۈرقىرىشىپ كەتتۇق. چۈنكى ھازىر گەرچە مائاشنى كاسسىرنىڭ قولىدىن ئەمەس، بانكىدىن ئالىدىغان بولساقمۇ تەدبىر بەلگۈلىگۈچى <<ئالىيلىرى>>نىڭ ئىنسابى بىلەن بەس كەلگۈسىز باھانىلەر دۆۋىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان پۇللا قولىمىزغا تېگىدۇ. مائاشقا كەلگەندە بىچارە قەلەم، ئىستارە موللىنىڭ دېگىنىنىلا يازىدۇ. جەدۋەلدىكى مائاشنى ساق ئېلىپ باققىنىمىزنى ئەسلىيەلمەيمىز، ھازىر مائاشنى ساق تارقىتىشنى ئەمەلىيەلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت زۈرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. مالىيە ئىدارىلىرى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرىۋاتىدۇ. ئەمما ئاشۇ ئۇستا باشلىقلىرىمىز قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش، تەپتىش قىلىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ يەنە مائاشىمىزنى تۇتىۋىرەلەيدۇ. چۈنكى گەپ ئېيتىلىشتا، ھەممىسى بىز ئۈچۈن، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ناھايىتى <<پايدىلىق>> بولغان <<ئورۇنلۇق>> زۈرۈر سەۋەپلەر. يەنە تېخى ئېيتىلىشتا ئىختىيارىي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەجبۇرىي بولىدىغان ئاتالمىش ئىئانىلىرىمىزمۇ بىچارە ئاۋاق مائاشىمىزنى شۈمۈپ تاشلىۋەتكەن كەمپۈتكە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. شۇلارنى دېگىنىمىزدە پىروفىسسورنىڭ كۆزلىرى چوڭ ئېچىلىپ، <<مۇنداق ئىشمۇ بارمۇ، بىزنىڭ مائاشىمىزدىن شۇنداق قىلىدىغان بولسا ئەرز قىلىمىز>>، دېدى. شۇنداق، قانۇن بولغان ئىكەن ئەرز قىلىش كېرەك. بولمىسا ئۇ قانۇننىڭ تازىلىق قەغىزىدىن نېمە پەرقى بولسۇن. ئەمما ھەي... بىزمۇ ئەرز قىلساق بولارمۇ؟ ئەرزىمىز ناھىيەنىڭ سىرتىغا ئۆتمەيلا يىگىنىمىز ئاش بولماي قالىدىغان ئەھۋاللارنى نېمە دېسەم بولار...ئاخىرىنى دېمەي، خوتەندە تېخى ماۋۇ ئاۋام ئۈچۈن ھەق گەپ قىپتىكەن دەيدىغان ئىش يوق. پالاكەتكە ئۇچرىغان ھامان، تېخى يېقىنلىرىمىز ئارىسىدىن، تۆت كىشلىك گوروھتىن مىراس قالغان، راست شۇنداقتى، بۇ زادى ئوسۇرغاقتى، دەپ يالا چاپلايدىغان ئىشلار كۆپ، ئەمما يەنە دېمەي بولمايدۇكى-ھەممىمىز قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلساق بولاتتى. قانۇن ئۈچۈن ھەق گەپ قىلساق بولاتتى. بىرسى ئۈجمە ئېغىتسا باشقىلار ئاستىدا يېتىپ ئۈجمە يىيىشنى ئويلىماي، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ قانۇنى ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىشتىن ئېرىنمىسەك بولاتتى...

   ئەسلى مۇشۇ تېمىنى سېلىشتۇرماي دېگەن، ئەمما قەلبىمگە تەسىر قىلغاننى قەلىمىم ئاشكارىلىۋەتمىسە ئۇنىمايدىغان خۇيۇم بۇنىڭغىمۇ يول قويمايدىغان چېغى.

شاڭخەيلىكلەرمۇ ھاراق ئىچىدىكەن. ئەمما ھاراق ۋاستە بولسا بولىدىكەنۇ ھەرگىزمۇ مەخسەت ئەمەسكەن. توۋا، بىزنىڭ شاڭخەيلىكلەردىن ھىچنېمىمىز ئارتۇق بولمىسىمۇ ھەرھالدا ئىچەلەيدىغان بىر <<ئالاھىدىلىكىمىز>> بولسىمۇ يۇقىرىكەن. چۈنكى مەن ئۆزىمىزنى بىلىم جەھەتتە ئۇلارغا سېلىشتۇرۇشقا قەتئىي پېتىنالمىدىم. تەرەققىيات جەھەتتە سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەسكەن. ئەمما مۇشۇ كۆتىرەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىمىز ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىكەن. ئۇلار نەچچە رومكا ئىچسىلا قەتئىي ئىچكىلى ئۇنىمايدىكەن. ئەمما بىز شىنجاڭدىكى ئاشۇ تەۋەررۈك ھۈنىرىمىزنى ئارتۇقچىلىق دەپ بىلدۇقمۇ، شاڭخەيلىكلەر مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ نەگىلا بارساق قانچىلىك كۆپ كۆتىرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈردۇق. يەنە تېخى ئاھانەتلىك زورلاشلار، قولاق مىدىرلىغىچە بولدى قىلمايدىغان قىلىغىمىزنى سۆرەپ يۈردۇق. قانچىمىزنى سورۇندىن يۈدۈپ دېگۈدەك ئېلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئۇلار بىزگە سورۇن تەشكىللەپ بىرىشتىنمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇشتى. ئەمما بۇنىڭدىن خاپا بولۇپ كەتمىدۇق. ھەركۈنى ئىچىپ تۇرمىساق، نورمىمىز توشمايدىغاندەك، يوقلىمىغا نۆل چۈشۈپ قالىدىغاندەك ھەرگىزمۇ كۈن ئۆتكۈزىۋەتمىدۇق. ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىي يازغان بىر ماقالىدىكى، شىنجاڭدىكى ئىچىلىدىغان ھاراقنىڭ سىتاستىكىسغا كەم قالمىسۇن دېدۇقمۇ ساقاللىق نارىسىدىلەردە بولىدىغان بۇ <<گاڭگۇڭ>>لىغىمىزنى تاشلىيالمىدۇق. بۇنداق ئەھۋال بىزگە قانچىلىك پالاكەتلەرنى، ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلمىگەن؟ يەنە نەگە ئاپىراركىن. <<نوچىلىق، پوچىلىق قىينايدۇ جاننى>> (روزى سايىت). بارچە مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزىنى تونۇش شوئارغا ئايلىنىپ كەتكەن مۇشۇ دەۋىردە ئۆزىمىزنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى، قانداق قىلىش، قاياققا مېڭىش كېرەكلىكىنى ھامان تونۇپ يېتىمىز، ئەمما سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولىۋاتىدۇ...





Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 236
تۆھپە : 10
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 21:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى بىريەرگە يىغىپ قويغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ تىنىقى


ھېكايە





نېمىسىنى ئېيتىسىز؟ بىر ئاتا، بىر ئانىدىن بولغان ئىككى ئوغۇل، ئەمما ئىككى قۇتۇپ، ئىككى دونيا. ئۇلار يېزا بويىچە ئەڭ چوڭ باي-ئابلەت باينىڭ ئوغۇللىرى، ئابلەت باي يېزا تەۋەسىدە باي-زەردارلىقى بىلەن ئابروي ئىناۋەتكە ئىگە. شۇنداقلا ئۇنىڭ داچىسىمان ھويلا-قوروسى، كاتتا ئىمارەتلەر بىلەن ئالاھەزەل بەش-ئالتە مو يەرگە جايلاشقان روزىغارىغا ھەممە ھەۋەس ھەم ھەسەت قىلاتتى. چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلسىڭىز دەرۋازىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان خۇددى ئىدارىلەرنىڭ نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە ئوخشايدىغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي، چوڭ ئوغۇل روزى قارىنىڭ، ئابلەت باينىڭ زامانىۋى ئۇسلۇپتا سېلىنغان چوڭ قوراسىغا ئۇدۇل بارىدىغان گۈللۈك خىش ياتقۇزۇلغان يول، يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا ھەرخىل رەڭدە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەر، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ھەرقايسى ئۇستىخانىلار، سول نېرىقى تەرىپىدە ئېگىز ياڭاقلىق ئۇنىڭ كەينىدە كەڭرى كەتكەن قوتان. قوتان تەرەپكە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان خىزمەتكارلارنىڭ ياتاق ئۆيى. ئۇدۇلدا ئابلەت باينىڭ ھەشەمەتلىك قورا جايى، يان تەرىپى يەنە چىرايلىق ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆي. بۇ كىچىك ئوغۇل لىتپنىڭ. ئۆينىڭ كەينى چوڭ يولغىچىلىك سوزۇلغان، ھەممە داڭلىق مېۋىلەر تېپىلىدىغان كەڭرى باغ. بۇ روزىغار ئابلەت باينىڭ بىر ئۆمۈر تاپقان-تىككەنلىرى جەملەنگەن ماكان. ئوغۇللارنىڭ ئاكىسى شۇقەدەر كەم سۆز، ھېچكىمگە چىش يېرىپ ئۈندىمەيدىغان مۆمىن بەندە. بويى دىقماق، كەڭ يۈزلۈك، يۈزىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ساقال-بورۇت ئوراپ تۇرغان، قارىماققا 30 ياشتىن ھالقىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئۇچىسىدىن ئىش كىيىمى چۈشمەيدىغان تىپىك يېزا يىگىتى. ئۇ ئائىلىنىڭ ھەممە يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا بۇيرۇلۇپ بارچە ئېغىر-يىنىك ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاڭلايدىغنى دەشنام، تىل-ئاھانەت، دادىسىنىڭ ‹‹بوش، كالۋا، ساراڭ، گاچا›› دېگەندەك ئېغىزغا ئالغۇسىز ھالدىكى ھاقارەتلەشلىرى، ئۆزگىلەرنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقلىرى، پىشانىسىگە پولات تامغىدەك بېسىلىپ كەتكەن سوغۇق مۇئامىلە. ئىنىسى لىتىپ بولسا ئالا-بولىماچ كىيىملەرنى كىيىپ، چاچلىرىنى ئوزۇن ئۆستۈرۈپ، يېزىدىكى بىر مۇنچە ئالاقاناتلارنى كەينىگە سېلىپ يۈرىدىغان ‹‹نوچى››. ئۇ ئابلەت باينىڭ ئەركە ‹‹شاھزادىسى››، قىلغىنى قىلغان، ئەتكىنى ئەتكەن، چۈنكى ئۇ چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، گەپ قىلىپ سالساڭ جىدەل تېرىغىلى ئارانلا تۇرىدۇ. نەدە ئويۇن-تاماشا، ئۇرۇش-جىدەل بولسا شۇ يەردە يۈرىدۇ، چوڭلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئالدىغا كەلگەننى چىشلەپ، كەينىگە كەلگەننى تېپىدىغان بەد قىلىق بىر ‹‹ئىشەك››. كىيگەن كىيىملىرى ھەرقانداق شەھەرلىكنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان، ئۆزىنى پەرداز قىلىپلا يۈرىدىغان ئاق بالىخان. باي ئۈچۈن بايلىق نېسىۋىسىنى ئازادە بەرگەن خۇدايىم ئاشۇ بايلىقلىرىنى جىمىقتۇرۇپ قويىدىغان ئاشۇنداق بىر بالىنىمۇ بىرگە بەرگەن چېغى، دادىسىنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پەقەت ئاشۇلا بۇزۇپ-چاچاتتى. قانچە پۇل خەجلىسىمۇ، قانچە قاخشاتسىمۇ بىرەر بالا تېپىپ بەرمىسىلا شۇنىڭغا خوشال بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا گۈركىرەپ پۇل سورىسا خوش دەپ تۇراتتى. ئابلەت باي كىچىكىدىن ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يول تاپقان، چوڭۇپ ساقالغا ئاق ئارىلىغاندىمۇ چار بازارلاردا كاۋاپ ساتقاچ يەنە تاڭشىر چىقىرىش، ماتاڭچىلىق قاتارلىق ھەرقانداق تىجارەتنى قولدىن بەرمەيدىغان، بىر پۇلنى ئىككى قىلغىلى بولىدىغان ھەرقانداق كامار بولسا كىرىپ باقىدىغان، شۇنىڭغا يارىشا يەتكىچە روزىغارغا ئىگە، مال-دۇنياغا تىنىپ كەتكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا دۇنيانىڭ ئاستىدا قالغان ئادەم، بىرلا يامان يېرى ئۇنىڭ ئېغىزى پالاكەت. شاگىرتلار بولامدۇ، ئايال-ئۇششاقلىرى بولامدۇ بەكلا بېزەپ تىل بىلەن ھاقارەتلەيدۇ. ئازراقلا ئىشنى بۇزۇپ قويغانلار ئەمدى تىل-ئاھانەتكە ئۆلدۈم دېسە بولىۋىرىدۇ. ‹‹ھۇ گۆش كاللا يوپەندى›› مانا بۇ ئۇنىڭ تىللاشلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى، ئەۋجىگە چىققاندا بولسا ‹‹ئىشەكنى ئېمىپ چوڭ بولغانمىدىڭ ئابدال›› دەپ قاتتىق تىل سالىدۇ. پاكار بويلىرى سىلكىنىپ، ئىنچىكە پاچاقلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ. توختىتىپ ئالغىلى بولمايدۇ. توختىتىمەن دېگەن ئادەممۇ تىل ئىشتىۋالىدۇ. ئايالى ماختۇمخان بولسا ئېرىدىن ئۆتە كۆكەرمە ئايال. خولۇم-خوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن تەپ تارتىدۇ. ئېتىزلىققا سۇ تۇتار چاغدا ئابلەت باي ماختۇمخاننى چىقارغۇدەك بولسا ئابلەت باينىڭ يەرلىرى سۇغا قېنىپ بولمىغىچە ماختۇمخاننىڭ جاۋۇلداشلىرىدىن قورقۇپ ھېچكىم يەرلىرىگە سۇ ئالالمايدۇ. باشتا ئېيتقىنىمىزدەك ئوغۇللارنىڭ بىرسى ئىشتىن باش ئالالمايدىيۇ، يەنە تىل-ئاھانەتكە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ، بېشىنى يەردىن ئۈستۈن قىلالمايدۇ. بىرسى ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ ئاتا-ئانىسىنى زار-زار قاخشىتىدۇ-يۇ، يەنە ئاتا-ئانا خوش دەپ تۇرىدۇ، خالىغىنىنى قىلىدۇ. مەيلى ئابلەت باي بولسۇن مەيلى ماختۇمخان بولسۇن كىچىك ئوغۇل لىتىپ بار يەردە غىڭ قىلالمايدۇ. چۈنكى  ئابلەت باي قۇرۇق چېچىلغان بىلەن لىتىپ ئۇنداق ئەمەس، ئاچچىقى كەلسە ئۆيدە چاقمىغان ھېچنىمە قالمايدۇ. سەتلىمىگەن ھېچكىم قالمايدۇ. شۇڭا ھەممىسى ئۇنىڭ پەيلىدىن ئەيمىنىدۇ. ئابلەت بايمۇ نېمىگىدۇر غۇدىراپ قويۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن نېرى كېتىدۇ. ئاغزىدىن قورقىدۇ. ئەمما چوڭ ئوغۇل روزى قارىنى ئۆيدىكى شاگىرتلار، خىزمەتكارلارمۇ تىللايدۇ. ‹‹ۋۇ گۆلەش ئوغرى، ماڭە قويلارغا سۇ بەر›› دەپ ۋارقىرىيالايدۇ.
مانا روزى قارى ئىشتىن قولى سەل بوشاپ دالان ئۆيدە بىر بۇزۇق رادىيوغا قاراپ ئولتۇرىدۇ. ‹‹نېمىشقا چىقمايدىغاندۇ بۇ بىرمە، توختىغا، رادىيونىڭ ئىچىدىكى ئاياللار ئۆلۈپ، ئەرلىرىنى يەر يۇتتىمىكىن، دەپ قويسام، ئۇ مېنى، ۋۇ كالۋا، ئۇنىڭ ئىچىگە قانداقمۇ ئادەم پاتسۇن؟، دەيدۇ، ئۆزى كالۋا، ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم يوقلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن. مۇنداقلا دەپ قويسام، بۇ جانۋار، ئالمىخان دېگەن ناخشىنى ئېيتقىلى تۇرسا جان ياشىرىپ كېتەتتى-دە››، ئۇ شۇ خىيال بىلەن ئۆزى بىلىدىغان ‹‹ئالمىخان›› دېگەن ناخشىغا غىڭشىشقا باشلىدى. ‹‹ئالمىخانەي ئالمىخانەي، قايسى باغنىڭ گۈلى سەنەي، سەرسانە بولدۇم ئىشقىڭدا، ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرىسەنەي...شۇندىن كېيىنلا، يادىغا دەسلەپكى خوتۇنى ئالمىخان كېلىۋالدى. ئۇ چاغلاردا لىتىپمۇ تېخى كىچىك، روزى قارىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان چاغلار ئىدى، تۇنجى ئالغان، ئۆزى ئورۇق، سېرىق چىراي، ئەمما كۆزلىرى خۇمارلىققىنا، ئوڭ مەڭزىدىكى خالى زەپ ياراشقان ئايالى ئالمىخان بولسا ئۇنىڭغا بەكلا كۆيىنەتتى. خۇددى كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك پەپىلەيتتى. روزى قارىنىڭ يوۋاشلىقى، زىھنىنىڭ تازا ئۆتكۈر ئەمەسلىكىنى قىلچە ئەيىپ ئالمايلا قالماستىن، ھەر ئىشتا ئۇنى ئاقلايتتى. ‹‹دادام ئاناملار تولا دۈشكەلەپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغان›› دەپ ھەممە ئەيىپنى ئابلەت بايلارغا ئارتىپ روزى قارىنى قىلچە ئەيىپلىمەيتتى. يەنە تېخى كېچىدە ھېلىقى ئىش بولغىدەك بولسا ‹‹تاتلىقىم، ئامرىقىم›› دەپ روزى قارىنى سۆيۈپ كېتەتتى. ھالىغا يېتەتتى. ئۆيدە ئىش قىلىدىغان ئەخمەت، ئوسمان قاتارلىقلار روزى قارىنى تىللىسا ئۇلارغىمۇ ۋارقىراپ تىللىغانغا تويغۇزۇپ پۇسكايتىپ قوياتتى. ھەممىسى ئۇنى گومۇشتىن-گومۇشقا سېلىپ تىللىسىمۇ، ئالمىخان ئۇنى ئەقىللىق، چىچەن، بەگزادەم، دەپ پەپىلەيتتى. ئادەم يوق يەردە تاتلىق سۆيۈپ قوياتتى. دەشنام ئاڭلاپ يىغلىسا، تىل ئىشتىپ جىمجىت بولۇپ قالسا شۇنداق پاي-پېتەك بولاتتىكى روزى قارىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، ئازادە كەيپىياتقا چۈممىگۈچە ئارام ئالمايتتى.  مېكيان چۆجىلىرىگە كۆيۈنگەندەك روزى قارىنى ھەرۋاقىت ھىمايە قىلاتتى. شۇنداق، ئالمىخان ئۆيدىكىلەرنىڭ زۇلۇم-زۇلمەتلىرىدىنمۇ ئۇنى قوغدايتتىيۇ، بەزىدە قوغداپ بولالماي، ماختۇمخاننىڭ تىللاشلىرىغا چىدىيالماي ھوجرىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلاپ كېتەتتى. بۇنداق چاغدا روزى قارى ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ بىللە يىغلاپ كېتەتتى. ئەمما ئالمىخاننى ئانىسى تىللاپ، دۈشكەلىسە گەپ قىلالماي كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قاراپلا تۇراتتى.
ئىش دەل ئالمىخاننىڭ قورسىغى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ، چىرايىغا ئوبدانلا داغ چۈشكەندە باشلاندى. ماختۇمخان بۇ كېلىننىڭ ئۆزىگە زادى ‹‹ئەل›› بولمايدىغانلىغىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئابلەت بايغا چېقىشتۇرۇشقا باشلىدى. ئابلەت بايمۇ ماختۇمخاننىڭ، بالىنى بۇ جادىگەر ئوقۇتىۋاپتۇ، ئاشۇ مەزلۇمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدۇ، بىزدىن كېيىن قالسا قانداق قىلىدۇ، يەنە تېخى قۇرسىقى پومپىيىپ قاپتۇ. بۇنداق كېلىننى ھازىر كۆزدىن يوقاتمىساق كېيىن بېشىمىزغا بالا بولمىسۇن›› دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئەقلى يوقمىكىن، دېسە ھەممە ئىشنى جايىدا قىلالايدىغان، بارمىكىن دېسە كىچىك بالىلاردەك قىلىقلارنى قىلىدىغان، بويى دىقماق، ئۆزىدەك كوسا بولماستىن ساقال-بۇرۇتىنى ھەپتىدە بىر قىرىپ تۇرمىسا يۈزلىرى تۈكنىڭ ئارىسىدا قالىدىغان، بىراق مىجەزى تېخى كىچىكلىكىدىن قالمىغان روزى قارى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە لاي ئويناپ يۈرىدىغان سېرىق چىراي، ئۇرۇق كېلىنى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ماختۇمخاننىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىنىنى چاقىرتىپ كەلدى ۋەئالدىدا قول باغلاپ تۇرغان كېلىنىگە قاراپ ئويلانمايلا:
-سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بىزگە تېگىل بولدى. ئەمدى ئۆيىڭىزگە كېتىڭ. بالا تۇغۇلسا خالىسىڭىز بىزگە بېرەرسىز، بەرمىسىڭىز باقارسىز-،دېدى. ئالمىخان دەسلەپ بىر ئاز مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىيۇ، بىر ئازدىن كېيىن چىرايى ئۆڭۈپ:
-نېمىشقا بۇنداق دەيلا؟-،دەپ سورىدى. ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئۆزىنى سوراقلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ئابلەت باي قوپاللىق بىلەن:
-ھازىرغىچە مەن بىر ئىش قىلسام بىركىم نېمە ئىشلىقىنى سورىمىغان. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بىلىڭ. ئۆيىمىزدە تۇز يېدىڭىز، ئارتۇق گەپ قىلماي، مانا ما بەش يۈز يۈەننى خىراجەت قىلارسىز-،دېدى. شۇ سۆز بىلەن ئالمىخان گەپ قىلمىدى. ئابلەت باي تەڭلىگەن پۇلغا قاراپمۇ قويماي ھوجرا ئۆيىگە يۈگرەپ كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن روزى قارىمۇ مېڭىۋىدى، ئانسى:
-ھەي روزەك توختا، نەگە بارىسەن؟ ئاۋۇ ھۇ يۈندە پۇرۇچنىڭ قىلىقىنى، پۇل بەرسە قارىماي كېتىپ بارىدا، يامانلىغان ئابدالنىڭ خورجۇنىغا زىيان. ماڭە بېرىپ قويلارغا سۇ بەر-دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن روزى قارى يىغلىغان پېتى ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئايالىغا شۇنچە ئىچى ئاغرىغان، كەينىدىن كىرىپ بىللە قانغۇدەك يىغلىۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدى. دادىسىنىڭ ئالمىخانغا توۋلىغىنىغا ئىچى ئاغرىپ، كۆزى ئارقىسىدا بولسىمۇ، بېرىپ ماللارنى سۇغاردى. ئۇ دادىسىنىڭ ئالمىخاننى ھەيدىۋەتكىنىنى ئويلىمىغانىدى. بايامقى سۆزلەرنىڭمۇ شۇنداق مەنە بېرىدىغانلىغىنى بىلىپ ئۈلگۈرمىگەن، ئەمما كۆڭلى ئۆيگەن، ئالمىخاننىڭ چىرايىغا قاراپ يۈرىكى ئېغىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ، ماللارغا ئوت-پاسار تاشلاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ھوجرىغا كىرسە ئۆيدىن بوران ئۇچۇپ تۇراتتى. ئالمىخان دەرد بولۇپ قالغاندا ئېسىلىپ يىغلايدىغان كونا چامادان ھاڭقىراي ئوچۇق تۇراتتى. روزى قارى يۈگرىگەن پېتى ئانسىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:
-ئانا، ئالمىخان يوق تۇرىدۇ، بىر يەرگە كەتتىما؟-،دەپ سورىدى.
-ھەئە كەتتى. ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. ئەمدى ساڭا باشقا خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز، ئوماق بالام، باشقا چىرايلىق، ئۇز خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز-،ئانىسىنىڭ شۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا روزى قارى ئالمىخاندىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدى ۋە:
-ياق، مەن ئالمىخاندىن باشقا خوتۇن ئالمايمەن. ئالمىخاننى ئالىمەن. ئالمىخاننى...-،دەپ يىغلاشقا باشلىدى. روزى قارىنىڭ كىچىك بالىلاردەك تىپچەكلەۋاتقان ئەپتىگە قاراپ سەپرايى ئۆرلىگەن ماختۇمخان قولىغا سۈپۈرگىنى ئالدى-دە، روزى قارىنى قوغلىغان پېتى:
-ۋۇ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ساراڭ. جادىگەر خوتۇننىڭ ئوتى تۇتىۋالغان دېۋەڭ. سەندەك بىۋاپا،  گاچىنى ئىگەكىم، بۆگۈن ئۇرۇپ ساراڭلىقىڭنى يېشىۋەتمەيدىغان بولسام-،دەپ ۋارقىراپ قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇشقا باشلىدى.
مانا شۇ ئىشلار بولغىلىمۇ يەتتە-سەككىز يىل بولۇپ كەتتى. ئۆيدىكى كىچىككىنە لىتىپ ھەممەيلەنگە گېپىنى ئۆتكۈزىدىغان ئۇششۇق بالىدىن، بوي تارتىپ يا دادىسىدەك پىندەك ئەمەس، يا ئانىسىدەك پاكار ئەمەس، تەمبەل، بەستلىك، ئۇرۇشقاق، قارام يىگىتكە ئايلاندى. دادىسىمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە چېچىلغاق، سەپرا مىجەز بولۇپ كەتتى. ماختۇمخانمۇ ئۇچرىغانلا ئىشلەمچىگە زەھىرىنى سانچىيدىغان، لىتىپنىڭ دەردىدىلا ئۆتىدىغان كوت-كوت كەمپىرگە ئايلاندى. بىرلا شۇ روزى قارى ئۆزگەرمىدى. ياق، ئۇمۇ ئۆزگەردى. بۇرۇنقى چۆچەكخومار، گەپ ئاڭلاشقا ئامراق بالا مىجەز يىگىتتىن ھازىر باشقىلارنىڭ پاراڭلىرىغا تەمبەت ئارىلاشمايدىغان، ئۈنسىزلا يۈرىدىغان، گەپ سورىمىسا گەپ قىلمايدىغان، گەپ سورىسىمۇ بىر ھازا قاراپ تۇرىۋېتىپ ئاندىن پەلىپەتىش بىرنېمىلەرنى دەيدىغان كالا مىجەز ئادەمگە ئايلاندى. ئەمما ئۇنىڭ ئىشچانلىقى، ئۆيدىكى ئايىقى چىقماس ئىشلارنى بىجاندىل قىلىش، تەئەددى بىلەن ئېيتىلىدىغان بۇيرۇقلارنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ دائىملىق بۇرچى ئىدى. ئۇنى تونۇمايدىغانلار ناھايىتى سالماق ئادەم بوپتۇ، دېيىشەر، ئەمما تونۇيدىغانلار ئۇنى ساراڭ قېتىش، ھەتتا راست ساراڭ قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايتتى. ئۆز ئىشىنى قىلاتتى. تامىقىنى يەپ ئۇخلاش، ئەتىگەن قوپۇپ يەنە ئىش قىلىشنىلا بىلەتتى. ئابلەت باي باشقىلارنىڭ، چوپچوڭ ئوغلىنى ئۆيلىمىدى، دېگەندەك تەنە مەسخىرىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن روزى قارىنى ئون نەچچە قېتىم ئۆيلەپ بولدى. ئەمما كىرگەن كېلىنلەر ئوزاق تۇرسا بىرنەچچە ئاي، قىسقىسى بىر نەچچە كۈنلا تۇرۇپ روزى قارى ھەققىدە ‹‹ساراڭكەن، ئادەمگە يېقىن كەلمەيدىكەن، ئالمىخان دېگەن ناخشىغا غىڭشىشنىلا بىلىدىكەن. يېقىن بارسا قېچىپ كېتىدىكەن›› دېگەندەك بىر تالاي قىزىق گەپلەرنى مەلىدىكىلەرگە ھېكايە قىلىپ قالدۇرۇپ بۇ ئائىلىدىن ئۈن-تىنسىز كېتىپ قېلىشاتتى.
ئەمما ھېچكىم روزى قارىنى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىمايتتى. مەختۇمخانلار تېخىمۇ شۇنداق. روزى قارى ئەتىدىن كەچكىچە، ‹‹ئالمىخاننىڭ دېڭى بار، ئوڭ قېشىدا مېڭى بار...›› دېگەن ناخشىغا توۋلىغىنى توۋلىغان ئىدى. ئەمما بۇمۇ ئۇنىڭ گۇناھى ھېسابلىناتتى. يېڭى كىرگەن خوتۇنلىرى روزى قارىنىڭ ئالمىخانغا غىڭشىپ ئولتۇرغان تۇرقىغا قاراپ ئۇھ تارتىپ ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەتتى. روزى قارى بولسا جىمجىت ئىدى. خۇددى ئۇنىڭ پۈتۈن سەزگۈلىرى ئاللىقاچان ئۆلگەندەك، ئاشۇ ئالمىخان بىلەن بىللە كەتكەندەك ئىدى. مانا ھازىرقى ئايالى قەمەر ئۇنى تېخىمۇ چۈشەنمەيتتى. چۈشىنىشنىمۇ خالىمايتتى. روزى قارى قەمەرنىڭ زاڭلىق ئارىلاش كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايىغا قارىسىلا سەپرايى ئۆرلەپ ئالمىخاننى يادىغا ئالاتتى.  روزى قارى ئاشۇ قېتىم ئالمىخاندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن نەچچە قېتىم ئوغرىلىق ئالمىخانلارنىڭ مەھەللىسىگە باردى. بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلۇپ، بۇ جەمەتكە كېلىشكە نېسىپ بولمىغان ئوغلىنى كۆردى. بېرىپ ئوغلىنى قۇچىقىغا ئالغۇسى، باغرىغا باسقۇسى كەلدى. ئالمىخاننىمۇ يىراقتىن كۆردى. ھەتتا بىر قېتىم كېچىدە ئالمىخان ئۆينىڭ ئالدىغا چىققىنىدا ئۇنى كۆرۈپ ئالدىغا باردى. ئالمىخان قاراڭغۇ كېچىدە پەيدا بولغان بۇ قارا گەۋدىنى كۆرۈپ ‹‹ئانا›› دەپ توۋلاپ سالدىيۇ، ئۇنىڭ روزى قارى ئىكەنلىكىنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتتى. روزى قارىمۇ ئالمىخاننى قۇچاقلاپ باغرى ئېزىلگەن ھالدا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئەمما ئالمىخان روزى قارىنى پەپىلەپ قويۇپ تىزلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. روزى قارى شۇندىن كېيىن ئالمىخاننى كۆرەلمىدى. ئىشلەمچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئەرگە تېگىپتىمىش. شۇنىڭدىن كېيىن روزى قارى ئالمىخانلارنىڭ مەھەللىسىگە ئىككىنچى بارمىدى. باشقىلارغا گەپ قىلىشىمۇ تەمبەت تۆگىدى.
ھازىر ئۇ قەمەر ئىسىملىك بۇ خوتۇنىغا قارىمايتتى ھەم نېمىشقىدۇر ئىچ-ئىچىدىن ئۆچلۈك قىلىدۇ، ئۇنىڭ خىيالىدىن ھامان ئالمىخاننىڭ مىھرىبان، سۈيۈملۈك سىيماسى كەتمەيدۇ. قەمەر نېمە ئىش قىلدى؟ نېمە ئىش قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. ئۇ روزى قارىغا گەپ قىلمىسا، يېقىن كەلمىسە روزى قارى شۇنىڭغا خوش. بۇ ئۆيدە بىردىن-بىر ئوزۇنراق تۇرۇپ قالغان خوتۇنىمۇ شۇ قەمەر، ئۇ باشقىلارغا ئېرىنىڭ گەپلىرىنى سۆزلەپ يۈرمەيتتى. كەچلىرى ئۆيدىن چىقىپ كەتسىمۇ تىنىپ قويمايدىغان روزى قارىدىن ئۇنىڭ خوشال بولغىنىنى ياكى خاپا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ ماختۇمخانغىمۇ ئوبدانلا ھەمقام بولاتتى. شۇڭا ماختۇمخانمۇ ئۇنىڭغا ئامراق. ئەمما لىتىپ ئۇنداق ئەمەس. قەمەرنى كۆرسە قۇيقا چېچى تىك تۇراتتى. ‹‹ئۆزەڭنى بىلىپ يۈر. بولمىسا مۇشتۇمۇم ئادەم تونىمايدۇ›› دەپ ھۆركىرەيتتى.
ھازىر روزى قارىنىڭ بالىسى مەكتەپ يېشىغا توشقان بولغاچقا مەكتەپكە باراتتى. شۇڭا روزى قارى ھەركۈنى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى باغ ئىچىدىن سىرتتىكى چوڭ يولدا مەكتەپكە بارىدىغان بالىلارغا قاراپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. يولدىن بىرەر يۈز بالا بىرگە ماڭسىمۇ ئۇ بالىسىنى دەرھال تونىۋالاتتى. ئۇنىڭ بالىسى سېرىققا مايىل، يۈزلىرى دۈگلەك، شوخ بالا ئىدى. يۈزلىرى، قاش-كۆزلىرى روزى قارىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. روزى قارى باغنىڭ ئىچىدە بالىلارغا ئەگىشىپ ماڭاتتى ھەم بالىلارنىڭ بولۇپمۇ تۇردى قارى ئىسىملىك بالىسىنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تۇراتتى ۋە بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەچ ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى. مەكتەپتىن قايتىشنىڭ قاراسى بولغان ھامان يەنە ئاستاغىنا باغقا كىرىۋالاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ‹‹نەگە كەتتىڭ›› تىللاپ-سىلكىشلەشلىرىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەيتتى.  ئەمما بىر كۈنى ئەتىگەندە بالىلارنىڭ قارىسىنى يىتكۈزۈپ ئاندىن كىرىپ كېتەي دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇشىغا كىچىكلىكىگە باقماي بورۇت قويىۋالغان، چاچلىرىنى ئوزۇن ئۆستۈرىۋالغان لىتىپ چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى. روزى قارىنىڭ يۈرىكى‹‹قارت›› قىلىپ قالدى. ئۇ ئاتا-ئانىسىدىنمۇ بەكراق لىتىپتىن قورقاتتى. چۈنكى ئاتا-ئانىسىمۇ لىتىپتىن قورقىدۇ-دە، يەنە كېلىپ بىرنەچچە قېتىم لىتىپ، يۈزۈمنى چۈشۈردۈڭ، سەن نېمانچە يوۋاشسەن، دەپ روزى قارىنى قاتتىق ئۇرىۋەتتى. شۇڭا روزى قارى لىتىپنى كۆرسىلا ئەگىپ ئۆتەتتى. چىرايىغا بويۇن كۆرۈپ قارىمايتتى. ھازىرمۇ لىتىپنى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتىيۇ، بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ بولۇپ كەينىگە قاراپ لىتىپنىڭ يەنە ئورنىدا تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئەنسىزلىككە چۈشكەن ھالدا ئىتتىك كېتىپ قالدى.  
بۆگۈن چىڭقى چۈش. ئەتراپ جىمجىت. ھەممە ئادەم چۈشلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندەك ياكى دۇنيا ئايلىنىشتىن توختاپ قالغاندەك ئىدى. بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىدىغنىغا تېخى خېلى ۋاقىت بار. روزى قارى ھوجرىسىدا يەرگە قاراپ جىممىدە ئولتۇراتتى. بىردىن ئىشىك زەردە بىلەن تاراقلاپ ئېچىلىپ لىتىپ كىرىپ كەلدى. روزى قارى ئىتتىك لىتىپنىڭ چىرايىغا قارىدى. لىتىپنىڭ مەستلىكى بىلىنىپ تۇرغان تۇرقىدىن يەنە چاتاق تېرىيدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. لىتىپ ئەلپازىنى بۇزغان ھالدا:
-ھوي لەقۋا، خوتۇنۇڭ قېنى؟!-،دەپ ۋارقىرىدى.
-قايسى خوتۇن...-،قاتتىق قورقۇپ كەتكەن روزى قارىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
-سېنىڭ قانچە خوتۇنۇڭ بارتى. يۈرە ئەبگا-، لىتىپ روزى قارىنىڭ ياقىسىدىن تۇتتى ۋە ۋارقىراپ يىغلىغان پېتى ئارقىسىغا تىرەجەپ تۇرىۋالغان روزى قارىنى سۆرەپ دېگۈدەك ئىشلەمچىلەر ياتىدىغان ياتاقنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئاڭغىچە غەۋغانى ئاڭلاپ ماختۇمخان بىلەن ئابلەت بايمۇ چىقىپ كەلدى.
-قارا، ۋۇ مەدىكار گاچا، يۇمشاق باش ساراڭ. خوتۇنۇڭ ماۋۇ توختى دېگەن يالاڭتۆش بىلەن بىرگە ياتسا، سەن ياتىقىڭدا چاترىقىڭغا قاراپ ئولتۇردۇڭمۇ؟-،دەپ ۋارقىراپ قولىنى روزى قارىنىڭ بۇرنىغا نوقۇدى. روزى قارى ياقىسىنى چىڭ تۇتىۋالغان لىتىپنىڭ قولىدىن بېشىنى بۇرىغاچ توختىلارنىڭ ياتىقىغا قارىدى. ياتاق، سىرتىدىن قۇلۇپلانغان ئىدى. ئاڭغىچە ماختۇمخان:
-ۋاي جېنىم بالام، نېمە ئىش بولدى؟ ئاكاڭنىڭ ياقىسىنى قويىۋەت-،دەپ لىتىپنىڭ قولىغا ئېسىلىپ يالۋۇردى. لىتىپ بىرلا سىلكىپ قولىنى قويىۋەتكەنىدى، روزى قارى پاخال دۆۋىسىگە ئوڭدىسىغا چۈشتى. ئاندىن لىتىپ يۈگرىگىنىچە بېرىپ ئىشىكنى زەرب بىلەن تېپىپ ئاچتى. ھەممەيلەن بىرلا ئېغىز ياتاقتا لاغىلداپ تىترەپ ئۆرە تۇرغان توختى بىلەن قەمەرنى كۆردى. ئەمدى لىتىپ ھەقىقى غالجىرلاشقان ئىدى. ئۇ بېرىپلا قەمەرنىڭ قۇرسىقىغا بىرنى تېپىپ ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋەتتى. ئاندىن ئورۇق توختىنى قاماللاپ تۇتۇپ كۆتۈرگىنىچە تالاغا ئاچىقىپ يەرگە ئاتتى ۋە ئودۇل كەلگەن يېرىگە دەسسەشكە باشلىدى. مەختۇمخان بىلەن ئابلەت باي لىتىپنى تۇتۇپ بولالماي ئاۋارە ئىدى.
-جېنىم بالام،-دەپ يالۋۇراتتى ئابلەت باي،-ئەسكىلەرنىڭ قېنى بىلەن قولۇڭنى بۇلغىۋالساڭ، تۈرمىدە يېتىپ كېتىسەن، ئۇنداق قىلما. سەنمۇ لامزەللە ئىت، يېتىۋەرمەي ئورنۇڭدىن تۇرۇپ قاچ، كۆزۈمدىن يوقال، ئىككىنچى كۆرۈنگۈچى بولما.
توختى، ئابلەت باينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، لىتىپنىڭ قولىغا ئابلەت باي بىلەن ماختۇمخان ئېسىلىۋالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆمىلەپ قاچتى. ماختۇمخان يۈگرىگەن پېتى ياتاققا كىرىپ، تېخىچە ئىنجىقلاپ ياتقان قەمەرنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى ۋە:
-يوقال پاسكىنا، ئىتتىك جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھېلى بۇ يەردە ئۆلۈم ۋەقەسى چىقىدۇ-،دەپ چالۋاقىدى. ئاندىن ئابلەت باي لىتىپنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەمەرنى قاچۇرىۋەتتى. مەستلىكتىن يېشىلەلمەي كەيپى يەنىمۇ ئۆرلىگەن لىتىپ دادىسىنىڭ قولىنى سىلكىپ قېقىۋەتتى، ئاندىن تېخىچە ئوڭدىسىغا يېتىپ بولىۋاتقان ئەھۋاللارغا ھاڭۋاقتىلىق بىلەن قاراپ تۇرغان روزى قارىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:
-سەن كالۋا نېمىشقىمۇ ئادەم بولۇپ قالغان!،-دەپ ۋارقىراپ ئۇنى نەچچىنى دەسسىۋەتتى.  روزى قارى يەنە يىغلاشقا باشلىدى. لىتىپنىڭ ئاچچىقى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ تۇرغان ئورنىدا بىر پىرقىرىۋەتتى ۋە ئاتا-ئانىسىغا قاراپ:
-ھەرقايسىڭمۇ ئادەم ئەمەس. بۇ كالۋانىڭ مۇشۇنداق لۆم-لۆم بولۇپ قېلىشىدا ھەرقايسىڭنىڭ مەسئۇلىيتى بار. مەن قايتىپ كېلىپ مارىلىسام بۇ ھوجرىدىن گۇڭۇرلاشقان ئاۋاز چىقتى. ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇپ، ما كالۋانىڭ يېنىغا كىرسەم چاترىقىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ، ھەرقايسىڭ نېمىنى بىلىشىسەن. سەنلەرنىڭ خودايىڭ پۇل. مەن.. مېنىڭ.. -دېگىنىچە دەلدەڭشىگەن پېتى چوڭ قورودىن چىقىپ كەتتى. ماختۇمخان بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئابلەت باي بولسا:
-ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىپ، يۈرگىچە ئۆلسە بولمامدۇ-ئېشەك تاپى. سەنمۇ ئادەم بولغاندىن كېيىن خوتۇنۇڭغا ئېگە بولساڭ بولماسمىدى-لەقۋا-،دەپ دەسلىپىدە غودۇڭشىدى، ئاندىن روزى قارىغا قاراپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
روزى قارى يەنە خوتۇنسىز قالدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى تىنجىپ، ئازادە بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمدى ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ ئالمىخاننى، بالىسىنى خىيال قىلالايتتى. ئەگەر قەمەر بولسا، نېمىنى ئويلايسەن؟ بېرى كەلمەمسەن-لەقۋا، دەپ جېنىنى چىقارغان بولاتتى. ئەمدى ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ يەنە ھەشەم قىلىپ، ئۆزىگە چىرايلىق كاستوملارنى كىيگۈزۈپ، خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز، دەپ ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى. كۈنلەر يەنە بىر قېلىپتا ئۆتمەكتە ئىدى. روزى قارىغا بىردىن-بىر ئۈمىد ۋە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىش باغقا چىقىپ ئوغلى تۇردى قارىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش ۋە قايتاشىدا ئۇلارغا كۆرۈنمەي ئۇزىتىپ قويۇش ئىدى. قالغان ۋاقىتتا يەنە كالىدەك ئىشلەيتتى. ئۆيگە يەنە يېڭى ئىشلەمچىلەر ئېلىپ كېلىندى. چۈنكى بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئېتىز ئىشلىرى ۋە قوي-كالىلىرىنى روزى قارى يالغۇز قىلىپ بولالمايتتى. روزى قارى باشقىلاردىن ئالمىخاننى ‹‹تۇغمىدىڭ›› دەپ ئېرى بەك خارلىغاچقا ئاجرىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدى. نەچچە ئالمىخانلارنىڭ مەھەللىسىگە بارماقچىمۇ بولدىيۇ، يەنە جۈرئەت قىلالمىدى. ئەمما قەلبىدە ئالمىخاننىڭ ئوتى بارغانچە ئۇلغىيىپ باراتتى. خۇددى ئەتىۋارلىق بىر نېمىسىنى يۈتتۈرىۋىتىپ يەنە خەۋىرىنى ئالغان ئادەمدەك ئىزتىراپقا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مانا بۆگۈن كەچمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھوجرا ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. بارايمۇ، دەپ ئويلايتتىيۇ، يەنە جۈرئەت قىلالمايتتى. بارماي دەيتتىيۇ لېكىن ئولتۇرغۇسى كەلمەيتتى. ئاخىرى ھارغاندەك بولۇپ سوپىنىڭ قىرىدا يەرگە قاراپ ئولتۇردى. دەل شۇ چاغدا يەر تېگىدىن ئاڭلانغاندەك تاكىلدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ زەن سېلىپ ئاڭلىۋىدى، ئىشىكنىڭ چىكىلگەن ئاۋازىدەك بىلىندى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆيگەندەك بولۇپ، تېزلا ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئېچىلىشىغىلا يوچۇن بىر گەۋدە روزى قارىنىڭ روخسىتىنى ئالمايلا كىرىپ كەلدى. ياتاق ئۆينىڭ ئېلىكتىر چىرىقىدا ھېلىقى گەۋدە چىرايىدىكى رومالىنى ئېلىۋەتتى. قورقۇمسىراپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان روزى قارى كۆز ئالدىدا ئۆزى بىر كۆرۈشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان، ئەمما قەلبىدىكى ئۈمىد شامى ئۆچەيلا دەپ قالغان، ئوڭ مەڭزىدە خالى بار چىريلىق ئالمىخاننىڭ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بىردەم مەڭدەپ قالدى ئاندىن:
-ئالمىخان...بۇ سىلىمۇ؟-،دېدى. ئالمىخان:
-ھەئە، روزاخۇن-، دەپ روزى قارىغا تەلمۈردى. روزى قارى ئاستا بېرىپ ئالمىخاننى قۇچاقلىدى. ئالمىخانمۇ ئۇنىڭغا چىرمىشىپلا كەتتى. شۇ دەقىق روزى قارىنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن، سەزگۈلىرى ئويغىنىپ، شادلىقتىن كۆزلىرى قىسىلىپ كەتكەن ئىدى. بىردىن ئۇ ئالمىخاننى سوپىدىكى سېلىپ قويغان ئورۇن تەرەپكە سۆرىدى. ئەمما ئالمىخان روزى قارىنى تاتلىققىنا بىرنى سۆيۈپ قويۇپ:
-روزاخۇن بۆگۈنچە چىداپ تۇرۇڭلا. ھەپتىلىك ئىددىتىم قالدى. ئاندىن كېيىن...-،دېدى. روزاخۇن ئالمىخاننىڭ چىرايىغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ ماقۇل بولدى ۋە ئۇنى قانماي سۆيۈپ كەتتى. بىر ھازادىن كېيىن ئالمىخان ئۇنىڭغا:
-روزاخۇن، سىلىگە دەيدىغان مۇھىم بىر گەپ بار. سىلىنىڭ ماڭا ۋاپادار بولۇپ ئۆتكەنلىكىڭلار ماڭا ئايان. خەقلەردىن ئاڭلىدىم، سېلى مېنى ياخشى كۆرىسىلە، مېنىڭ يۈرىكىممۇ تۇيىدۇ. خەقلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسىلى بار، دېگەن گېپى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. مەنمۇ سىلىنى بىركۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم، سىلى بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ياشىغۇم بار. ئەمدىكى گەپ بىز مۇشۇ يەردە بولىدىكەنمىز، ھەرگىز بىرگە بولالمايمىز، ئاناڭلا ماڭا ئۆچ، يەنە كېلىپ ھېلىقى ئىنىڭلىنىڭ پەيلى يامان. شۇڭا بۇيەردىن كەتسەك، قەيەرگە بارساق بىرجۇپ قولىمىز بىلەن ياخشى كۈنلەرگە ئولىشالايمىز. قانداق دەيسىلە؟-،دېدى. روزى قارى گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالغانىدى. ئالمىخان يەنە:
-مەن ئاتا-ئاناڭلىنىڭ مال-دۇنياسىغا زىنھار قىزىقمايمەن. شۇڭا كېتەيلى. ھازىر ھەممە خەق ئاقسۇغا پاختا تەرگىلى مېڭىشىۋاتىدۇ. كېلەر ھەپتىگە ئىشەنچىلىك ئىككى ئادەم تېپىڭلا، تاپالمىساڭلا مەن تاپىمەن. موللامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نىكاھ ئوقۇتىمىز-دە، شۇ كېچىسى مېڭىپ كېتىمىز. بولامدۇ؟-،ئالمىخان شۇ گەپلەرنى دەپ روزى قارىغا تەلمۈرۈپ قارىدى. روزاخۇن يەنە بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. ئەمما تېزلا ئالمىخاننىڭ ئىككى قولىنى تۇتۇپ:
-مېنى ئادەم قاتارىدا كۆرگەن ئايالىم، كۆيۈمچان غەمگۈزارىم سېلى ئالمىخان. مەن سېلىنىڭ گېپىڭلىنى ئاڭلايمەن. دېگىنىڭلىدەك قىلايلى. ئەمما لىتىپتىن قورقىمەن. ئۇ ھەمىشە مېنى ئۇرىدۇ-،دېدى.  
-ئەنسىرىمەڭلا، ئۇنىڭغا ئېيتمىساڭلىلا يىراققا كېتىۋالساق بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ.
-ماقۇل.
شۇندىن كېيىن روزى قارى ئۆز ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم يۈرەكلىكلىك بىلەن بىر قارارغا كەلدى ھەم ئىشنى ناھايىتى مەخپى تۇتۇپ، باشقىلارغا قىلچە چاندۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىلان بويىچە ئىش قىلىپ دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، شۇنداق، ئۇلار قاياققىدۇر كېتىپ قالدى. ئەمما بۇ خەۋەر مەھەللىگە چاقماق تېزلىكىدە تارقالدى. ھەممە ھەيران قېلىشتى. گەپمۇ كۆپ ئىدى.
-ئالمىخان بىلەن روزاخۇن بىرگە قېچىپ كېتىپتۇ.
-ئاڭلىدىڭلارمىكىن، روزى قارىنى ئالمىخان ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەزەلدىن يۇرتىمىزدا يىگىت قىزنى ئېلىپ قاچاتتى. بۇدۆرەم قىز يىگىتنى ئېلىپ قېچىپتۇ.
-ئەردەك چوكانكەن. ھېلىقى روزى قارىنى ئۆيىدىكىلەر بالىدەك ئەمەس مالايدەك كۆرەتتى.
-ئاقسۇغا چىقىپ كەتكەنمىش.
-روزى قارىدىمۇ كۆڭۇل باركەن-جومۇ، كېسىلى بار دەۋاتاتتى، ئەسلى ‹‹يۈرەك كېسىلى›› باركەن ئەمەسمۇ؟
-ھېلىقى لىتىپ قان، ئابرويىمىز تۆكۈلدى، ئالمىخاننى ئۆلتۈرىۋېتىمەن، دەپ يۈرگەنمىش.
بۇگەپلەر ئابلەت باينىڭ قولىقىغا كىرىپ قالغۇدەك بولسا ئۇمۇ ئاچچىقتىن ئۆتى يېرىلغۇدەك بولاتتى. ماختۇمخانغا:
-لامزەللە مەرەز، قايەرگىمۇ كەتكەندۇ، ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ..-،دېسە، ماختۇمخان:
-تۆت نىمكارنىڭ ئىشىنى قىلاتتى. ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز، ئاشۇ ئالمىخان دېگەن جىنلىق ئازدۇرغان نېمە، خودايىم جاجىسىنى بەرگەي ئۇ جىن ئۇۋىسىنىڭ-،دەپ قارغايتتى. ئەمما ئۇلار قارغاش ۋە غۇدىراش بىلەن ئۆتىدىكى سېرىق سۇنى بىكارلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. مەشەگىچە ئۆزگەردى.
شۇ كۈنلەردە لىتىپ بۆلەكچىلا بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ روزى قارىنىڭ ئىشىغا جۇدۇنى ئۆرلىدىيۇ، ئەمما ھېچنىمە دېمىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئۇمۇ ئۆزىنىڭ غېمى بىلەن قالغانىدى. دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بۇخەلچەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ كۆيۈكى ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويۇۋاتاتتى. ئەلۋەتتە بەزى نەرسىلەرگە پۇلغا، كۈچكە ھەتتا ساراڭلىققا تايىنىپ ئېرىشكىلى بولىشى مۈمكىن، ئەمما مۇھەببەتكە ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا يېزىدا ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ يۈرىدىغان بۇ يېزا نوچىسى ئەمدى بىردىنلا جىمىپ قالدى. ئەل-ئاغىنىلىرى بىلەنمۇ كەمدىن–كەم كۆرىشىدىغان، ھوجرا ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدى. يەنە پات-پات باغقا چىقىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ماختۇمخان يېنىغا كېلىپ:
-نېمە بولدى؟-،دەپ سورىسىمۇ:
-ئاھاي، بولدى قىلە،-دەپ گېپىنى سىلكىۋىتەتتى. بىركۈنى ئۇ باغدا تۇرۇپ ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاڭ-چوڭىنى ئاڭلاپ قالدى. ئاندىن تويۇقسىز ئاكىسىنىڭ ھەركۈنى باغدىن مەكتەپكە ماڭغان بالىسىنى كۆرىدىغىنىنى يادىغا ئېلىپ، ۋۇجۇدى سىلكىنىپ كەتتى. ئاندىن ‹‹ئاكام ئەسلى ساراڭ ئەمەسكەن. ئاشىقكەن. ئۇ ئالمىخان بىلەن قېچىپ توغرا قىپتۇ›› دەپ ئۈنلۈك توۋلىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى بىردىن يورىغاندەك بولۇپ، ئاكىسىنىڭ نېمىشقا مۆرىمەس بولۇپ قالغانلىقى، نېمىشقا ئالمىخان دېگەن ناخشىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىكەنلىكى، باشقا خوتۇنلىرىنى قىلچە ياقتۇرمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ‹‹ئەگەر ئاشىقلىق ئوتى مېنى بۇنچە جىمغور قىلىپ قويمىغان بولسا، بۇ ئاشىقلىق بالاسى مېنى دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن بەزدۈرمىگەن بولسا مەن ئاكامنى بىر ئۆمۈر چۈشىنەلمەي ئۆتەركەنمەن››. شۇ تاپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاكىسىنىڭ ئوبرازى روشەنلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەقلىنىڭ ئازراق كەمتۈك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ ئىنسانىي مۇھەببىتى بىلەن ئۇنى باپلىسام، بۇنى جۆندىسەم دەپ ئۆتىدىغان نۇرغۇن كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ باغدىكى چىتلاقنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئاكىسىنىڭ بالىسىنى ئىزدىدى. ئەنە، تۇردى قارى، يۈزلىرى، قاش-كۆزلىرى ئاكىسىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بۇدرۇققىنە بالا. ئۇ تۇردى قارىنى چاقىرماقچى بولدىيۇ، يەنە بىردىن تۇرۇپ قالدى. ئاندىن چىتلاقنى بويلاپ تۇردى قارىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ تاكى ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى. ئۇ ئەمدى ھەركۈنى باغقا كىرىپ ئاكىسىنىڭ بالىسىغا، پاك مۇھەببەتنىڭ ئابىدىسى بولغان بۇ غۇنچىگە قاراپ تويمايدىغان، ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. مانا بۆگۈنمۇ بالىلارنىڭ مەكتەپتىن كېلىدىغان چېغى بولدى. ئۇ يولغا زەن سېلىپ قاراپ تۇردى. سىرىتتىكى بالىلار لىتىپنى كۆرەلمەيتتى. تۇردى قارى لىتىپنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىشىگە ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك، ئەمما سېمىزرەك بىر بالا تۇردى قارىنى قەستەن ئۈسۈپ يىقىتىۋەتتى.  تۇردى قارى ئورنىدىن قوپماق بولىۋىدى ئۇ بالا يەنە كېلىپ تۇردى قارىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالدى. يەنە بىر توپ بالىلار ئۇلارنى ئورىۋېلىپ:
-تۇردى قارى قاسماق، ئاتا-ئانىسى يوق يېتىم ئوغلاق!-دەپ چۇرقىراشقىلى تۇردى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ غەزىپى چېكىگە ئۆرلىگەن لىتىپ چىتلاقنى بۆسۈپلا چىقىپ كەلدى ۋە تۇردى قارىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغان بالىنى ياقىسىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ تەستىكىگە ئىككىنى سېلىۋەتتى ۋە بالىلارغا:
-كىم يېتىم ئوغلاقكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بار، يەنە كېلىپ ھەرقايسىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاتا-ئانىسى بار. ئۇقۇشتۇڭمۇ،-دەپ ۋارقىرى ئاندىن ھېلىقى سىېمىز بالىغا:
-باشقىلارنى يەنە بوزەك قىلامسەن!-،دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ ھەممە بالىلار پىتراپ قېچىپ كېتىشتى. ھېلىقى بالىمۇ ‹‹ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، جان ئاكا مېنى قويىۋېتىڭ›› دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. ھەيران قالارلىق يېرى تۇردى قارى ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى قاقتى ئاندىن ئوقتەك كېلىپ ھېلىقى سىمىز بالىنى بىرنى ئۇردى. لىتىپ ئىچىدە ‹‹بارىكاللا، داداڭدەك مۆرىمەس بولۇپ قالما›› دېدى ۋە يەنە سوقۇشقاق چۆجە خورازدەك ھۆرپىيىپ تۇرغان تۇردى قارىنى تۇتىۋېلىپ:
-بولدى قىل، تەسلىم بولغان دۈشمەننى ئۇرمايمىز، ھۇ تەنتەك، مەن بىلەن ئۆيگە كىرەمسەن-،دېدى. تۇردى قارى لىتىپقا قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ماقۇللۇق ئىشارىسى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن چىرايىدىن تېخىچە ئاچچىقىدىن يانمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
لىتىپ تۇردى قارىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرغان ئۆيگە باشلاپ ئەكىردى. ئۆي ئىچىدە داستىخان سېلىنغان بولۇپ، داستىخاندا يېڭىلا قازاندىن سۈزۈۋېلىنغان گۆشلەردىن ھور ئۆرلەپ تۇراتتى.
-كەل بالام، چاقىرايلى دەپ تۇرغان، ۋاقتىدا كىرىپسەن،-دېدى ماختۇمخان ئاندىن لىتىپ يېتىلىۋالغان بالىنى كۆرۈپ،-ھوي كىمنىڭ بالىسى بۇ، ئەجەپ ئوماق بالىكىنا،-دېدى.
-سىلەرنىڭ بالاڭلار-،دېدى لىتىپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەيلا.
ئابلەت باي بىلەن ماختۇمخان بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
-ھەيران قېلىۋاتامسىلەر، مانا بۇ سىلەر بالاڭلار قاتارىدا كۆرمىگەن ئاكام روزى قارىنىڭ بالىسى تۇردى قارى. ئەمەلىيەتتە ئاكامنىڭ قانچىلىك ئولۇغ ئادەم ئىكەنلىكىنى سىلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيسىلەر، سىلەرنىڭ قارىشىڭلاردا ئۇ بىر مالاي. بۇندىن كېيىن تۇردى قارى مۇشۇ ئۆيدە تۇرىدۇ. سىلەر باقىسىلەر، كۆيۈنۈپ، قەدرىگە يېتىپ باقىسىلەر. ئۇقتۇڭلارمۇ. باقمايمىز دېسەڭلار مانا مەن باقىمەن.
لىتىپنىڭ سۆزىدىن ئابلەت باي گاڭگىراپ قالدى. ماختۇمخان بولسا لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ بالىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنى تەستە كۆتۈرۈپ قۇچىقىغا ئالدى. ئاندىن:
-ئەقلىڭگە بارىكاللا لىتىپ بالام، بۇ تۇردى قارىنى مانا مەن جان دەپ باقىمەن. ئەمەلىيەتتە داداڭ ئىككىمىزمۇ ئاكاڭغا ئۆچ ئەمەس. كىچىكىدىن ئۇنى شۇنداق قوپال سىلكىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمىز. ئەمما ئىچىمىزدە ئۇنىڭغا كۆيەتتۇق. ۋاي، بالام ھازىر قايەردە يۈرىدىغانسەن، نەلەردە خارلىق تارتىپ قالغانسەن.-،دەپ سۆزلىگەچ تۇردى قارىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-مە، ماۋۇ گۆشنى يېگىن بالام،-ئابلەت بايمۇ چوڭ بىر پارچە گۆشنى تۇردى قارىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئاندىن،-بىز باقايلى بالام، ئاكاڭنىڭ ئىشى يۈرىكىمىزنى مۇجىۋەتتى. مەن ھازىرلا بېرىپ ئالمىخانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بالىنى ئېلىپ كېلەي-دېدى شادلىق ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ.
-يەنە ئالمىخاننى ئۇ، بۇ دەپ ئەيىپلىگۇچى بولماڭلا، ئۇ سىلەردىن خېلىلا پاكىزە!-،لىتىپ شۇلارنى دەپ قويۇپ تۇرۇپلا قالغان ئاتا-ئانىسىغا قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى...

يېزىدىكى ‹‹رېستۇران›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چوڭ ئاشخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا قاراپ كېتىۋاتقان لىتىپنىڭ يۈرىكى تىپچەكلەيتتى. بۆگۈن بىر دوستى ئۇنىڭغا، بۇخەلچەم كۆرىشەيلى، دەيدۇ دەپ ئورنى، ۋاقتىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن لىتىپ قاتتىق ھەيران قالغانىدى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىگە چىراي ئاچماي كېلىۋاتقان بۇخەلچەمنىڭ تويۇقسىز چاقىرىتىشىدىن ئەنسىرىگەن ھالدا بۆلمىگە كىرىپ كەلدى. بۆلمىدە بۈخەلچەم يالغۇز چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. لىتىپ زورىغا تەمكىنلىك بىلەن قىز بىلەن سالاملىشىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.
-سىزنى بۇ يەرگە چاقىرتىشىمدىن ھەيران قالدىڭىز-ھە،-دېدى بۇخەلچەم چاچلىرىنى تۈزەپ قويۇپ كۆلۈمسىرىگەن ھالدا. لىتىپ تەمتىرەپ:
-توغرا، بىر ئاز ھەيران قالدىم-دېدى سەمىمىيلىك بىلەن. بۈخەلچەم چىرايلىق قوشۇملىرىغا سەل جىددى تۈس بەرگەن ھالدا:
-ئاغىنىڭىز ئاكىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ھېكايىسىغا قىزىقىپ قالدىم. يەنە سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى، ئاكىڭىزنىڭ بالىسىنى بېقىۋالغانلىقىڭىزنىمۇ ئاڭلىدىم. سىزدە شۇ قەدەر سەمىمى ئادىمىگەرچىلىك بولغان ئىكەن سىزگە ئىشەنمەي كىمگە ئىشىنەي. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىغۇم بار-،دېدى. لىتىپ سەل ھاياجانلاندى. ئۆزىدە يېتىلگەن مۇھەببەت بىخلىرىنىڭ ئۆزىنى مۇنداقمۇ بىر ھەقىقىي ئادىمىيلىك قاينىمىغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى، ۋىسال ئىشىكىنى ئېچىشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئۇ ئويلىمىغان ئىدى. ئۇ دەرھال تاماق بۇيرۇتتى ۋە چاي ئىچكەچ بۇخەلچەمگە ئاكىسىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
-ئۇلارنىڭ ھېكايىسى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. بولۇپمۇ ئاكىڭىزنىڭ ساداقىتى، ھەرقانداق خارلىققا قالسىمۇ، باشقىلارنىڭ ھاقارىتىگىمۇ پىسەنت قىلماي مۇھەببىتىنى پاكىزە ساقلىغانلىقى، يەنە ئالمىخاننىڭ شۇنچە جۈرئەتلىك ئىكەنلىكى. ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ. ئەمدى ئاكىڭىزنى تېپىپ ئۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇقنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ تېگىشلىك ئورنىغا ئېرىشتۈرىدىغان يەنە بىر ۋەزىپىڭىز بارغۇ، دەيمەن-،دېدى بۇخەلچەم لىتىپنىڭ سەمىمىي ئېيتقان ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ياشلانغان كۆزلىرىنى سۈرتۈپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. بىزنىڭ ئىشىمىزچۇ؟-،دېدى لىتىپ بۇخەلچەمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ. بۇخەلچەم ۋىللىدە قىزاردى ئاندىن:
-سىز ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاپ كەلگەندىن كېيىن ئويلىشىپ باقارمىز-،دېدى.
-ۋۇ شەيتان قىز، ئەمىسە گېپىمىز گەپ-ھە...

تارىمنىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان بۇ قاقاس شورلۇق يەردە تەرلەپ-پىشىپ پاختا تېرىۋاتقان بولسىمۇ روزى قارى بىلەن ئالمىخان ئىككەيلەن بەكلا روھلۇق كۆرىنەتتى. روزى قارى بېشىنى كۆتۈرۈپ بېلىنى رۇستلىدى ۋە  بىردىن نېرىقى قاشتا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان لىتىپنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئاندىن دەرھاللا ئالمىخانغا:
-قاراڭلا، لېتىپ كەپتۇ. ئەمدى قانداق قىلارمىز؟-،دېدى. ئالمىخان بېشىنى كۆتۈرۈپ قىرنىڭ بېشىدا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان لىتىپنى كۆردى ۋە روزى قارىنىڭ قولىقىغا پىچىرلاپ:
-قورقماڭلا، بۇ دېگەن خەقنىڭ يېرى، ئۇ بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ-،دېدى ۋە ئۆزى ئالدىدا لىتىپنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئەمما قىر بېشىغا بېرىپ كۆردىكى لتىپنىڭ چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولغانىدى. ئالمىخاننىڭ كەينىدە كېلىۋاتقان روزى قارى راستىنلا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانىدى. كاللىسىدا پەقەت ‹‹لىتىپ ئالمىخاننى ئۇرۇپ قالسا قانداق قىلارمەن›› دېگەننىلا ئويلايتتى. شۇ چاغدا لىتىپ بىردىن:
-ئاكا!-،دەپ ۋارقىرىغىنىچە يۈگرەپ كېلىپ روزى قارىنى قۇچاقلاپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى. بىرھازادىن كېيىن گاڭگىرىغىنىدىن نېمە قىلارىنى بېلەلمەي قالغان ئاكىسى ۋە ئالمىخانلارغا قاراپ:
-ئالمىخان ئاچا، ئاكا، بورۇن سىلەرنىڭ قەدرىڭلارنى بىلمەپتىكەنمەن، سىلەر ئەسلى مۇھەببەت ئەھلى ئىكەنسىلەر، دۇنيادا پاك مۇھەببەتكە ئىگە ئادەمدىن ئولۇغ كىشى يوق. بۇندىن كېيىن سىلەرگە ھېچكىم ئازار بېرەلمەيدۇ، ھېچكىم سىلەرنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ. قايتىپ كېتەيلى، دادام ئاناملارمۇ يولۇڭلارغا قاراپ تۇرىدۇ. تۇردى قارىمۇ بىزنىڭ ئۆيدە-،دېدى. بۇنى ئاڭلاپ روزى قارى بىلەن قۇرسىقى ئىككىلىك كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئالمىخان بىر-بىرىگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈشتى. بۇ ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ كۈلگەن ئەڭ شادىيانە كۈلكىسى ئىدى....



بۇ ھېكايە تۇرپان ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  620
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 21
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىگدە قىسمىتى ياخشى يېزىلغان ئەسەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمدىكى ئەقىلدارلار
(فىليەتون)
ئەتراپىمدا ماڭا <<كۆيۈنىدىغان>>، ماڭا نەسىھەت-ئۈگۈتلىرىنى ئايىمايدىغان ئەقىلدارلار بەكمۇ كۆپ. ئۇلارنى ھەمىشە مېنىڭ غېمىمدىلا يۈرۈپ <<ھېمىتشۇناس>> بولۇپ كەتتىمىكىن دەيمەن. ئەگەر راستىنلا ھېمىتشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيتى قۇرۇپ، مۇكاپات تەسىس قىلىپ قالسام، بۈيۈك بىر ئىش بولامدىكىن. ۋاي بولمىغۇدەك، جەمئىيەت دېگەننىڭ قارار، پروگراممىلىرى، بىر يۈرۈش پائالىيەت كۈن تەرتىپلىرى بولىدۇ، قىلىدىغان ئىشمۇ كۆپ. ئۇ چاغدا ئەتراپىمدىكى ئەقىلدارلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتسە، ئىش ئۇلارنىڭ بولۇپ كېتىشى، ھەتتا ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشى مېنى چەتكە سىغداپ چىقىرىۋىتىشى تۇرغانلا گەپتە.  
قىزىق گەپ قىلىدىغان ئاداشكەن-بۇ، نەدىمۇ قۇرۇق جەمئىيەتنى قۇرۇپ قويۇپ، ئىش بېسىۋالىدىغان ئىش بولسۇن دەپ ئويلاپ قالماڭ. ھازىر ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىپ بېقىڭكى، ئەمەلىي ئىشنىڭ يېنىدا ئادەم ئاز بولغان بىلەن ھەممە ئادەم قۇرۇق گەپنىڭ يېنىغا يىغىلىۋالدى. بورۇن بىرسى <<گەپ ئىنقىلاۋى>> دەپ بىر سۆزنى كۆتۈرۈپ چىقىۋىدىدى ئېرەنشىمىگەنىدىم، ئەمما ئەتراپىمدا قابىلىيەت، ئىقتىدارى <<كۆمۈلۈپ>> قېلىۋاتقان، گەپنى باشلايدىغان بولسا <<ۋاي نەدە قالغان بولغىيدىڭ>> دەپ قالغىدەك ئەقىلدارلار ئاۋۇپ قالغاندىن بېرى ئەمدى ئاشۇ يازمىنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئەمدى ئەسلى گەپكە كېلەيلى، مانا  بۆگۈن يىراق يۇرتقا ئېكىسكۇرسىيەگە چىققاندىمۇ ئاجايىپ ناتىق بىر كۆيۈمچان ئەقىلدارىم گەپ باشلىدى:
-ساڭا دېسەم ھېمىت ئۇكا، خوتۇن دېگەننى كۆندۈرۈشكە باغلىق، يامان ئۈگىتىپ قويدۇڭما، بولدى، ئۇ سېنىڭ ئۆيۈڭنى ئۆمۈرلۈك گۆرگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. ئۇنى ئېپبە، بۇنى كىيىمەن دېسە، خوش دەپلا تۇرساڭ ئالەمنى يەيمەن دەيدىغان خەق ئۇ. بىر چاغدا بىزنىڭ شەھەردە بىر كېچىدىلا توققۇز خوتۇن تالاق بولۇپ كەتتى، نېمىشقا دەمسەن، ئۇ چاغدا ئۆسكەن مائاشنىڭ قالدۇقى دەپ قوللىرىمىزغا خېلى تۇتامغا كەلگۈدەك پۇل تەگمىدىمۇ، شۇ چاغدا شەھەردە توققۇزمىڭ كويلۇق بىر پەلتۇ مودا بولىۋاتقانكەن، بىچارە خېنىملارمۇ شۇ پەلتۇنىڭ ئىشقى-پىراقىدا ئوت-كاۋاپ بولۇپ يۈرىۋاتقان چاغلار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن خوتۇن ئېرىغا ئۇقتۇرماي يەتمىگىنىگە قەرز قىلىپ شۇ پەلتۇنى ئېلىشىپتۇ، ئالغانغىمۇ تويۇپتۇ، ئۆيگە بارسا <<شاجاباڭ>> باشلىنىپ، يېگەن تايىغىنى ئاز دېگەندەك توققۇز خوتۇن ئۆيىدىن قوغلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى چاپاننىڭ ئىسمى <<تالاق پەلتۇ>> دەپ ئاتالغان، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ ئەر ئەسلىدىن تارتىپ ئاياللىرىنى تۈزۈك باشقۇرسا،ئاياللىرىمۇ ئۇنداق سەركەشلىشىپ كەتمەيتتى ئەمەسمۇ، مانا بىز دېگەن، قىلدىن قىيىق كەتسە دەرھاللا تۈزلەپ تۇرىمىز، ئاشۇ تالاق پەلتۇنىڭ ئىشى چىققاندىمۇ خوتۇنغا، سېلىمۇ بىرنى كېيەمسىلە، دەپ سورىسام، مەن سېلىنى كېيسەملا بولدى دەپ تۇرغان ئۇكا،ھا ھا-، ئەقىلدارىمنىڭ سۆزىگە مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم. ئەمما كەچتە ئۇنىڭ تېلىفۇندا ئايالىغا قىلغان مونۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئۇ سۆزىدە:
-پات ئارىدا قايتىدىكەنمىز، سۈزۈك ئامرىقىم، سېلى دېگەن مەرۋايىتنى تاپالىدىم، ئەمما پۇلى بىرەر تۈمەندىن ئاشىدىكەن، ھە، ماقۇل، ماقۇل سېلى بۇيرۇغان نەرسە قانچە قىممەت بولسىمۇ ئالماي بولامدا، خاتىرجەم بولۇڭلار-ھە.
ۋاي بىچارە ئەقىلدارىم، ئۇ شۇتاپتا ئايالىنى <<يىكتەك>> قىلىپ كۆندۈرىۋاتاتتى.
مانا يەنە بىر ئەقىلدارىمنىڭ سۆزىگە تېخىمۇ ئەقلىڭىز لال بولىدۇ.
-نېمىشقا غەرىپكە ساياھەتكە ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى بىردىن ئاتقا مېنىپ ماڭمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئات سېتىۋالغۇدەك پۇلى يوقمىدى؟ ئۇ دەۋىرلەردە ئات سېتىۋىلىشقا قانچىلىك پۇل كېتەتتى؟ تېخى بىرسى ئېغىر يۈكلەرنى كۆتىرىپ پىيادە مېڭىپ كېتىدۇ. دېمەك شۇ چاغدىمۇ دەرىجە پەرقى مەۋجۇت. كالۋا ئادەم ئەمەلدار بولسىمۇ ئەقىللىققا ئەپسۇن ئوقىيالايدۇ، ئاجىز بولسىمۇ كۈچلۈكنى ئىشلىتەلەيدۇ. ئۆزى ئات مېنىدۇكى باشقىلار مېنسە دەرىجە پەرقىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. ئەمما ھېمىت ئاداش، مەن سىلىگە ئېيتىپ قوياي، ئادەمىيلىكنى ھەرقانداق ئەمەلدىن ئۈستۈن بېلىش كېرەككى، ئۆسىمەن، دەپ ئىتتەك تۆت پۇتلۇق بولۇش ئۆلۈمدىن ئازابلىق ئىش. سېلىگە دېسەم، مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش باشلىققا خوشامەت قىلىش، سوغا-سالام، پارا بېرىش...
بۇ ئەقىلدارىمنىڭ سۆزلىرىگىمۇ كۈلۈپ كەتتىم. چۈنكى باشلىققا ئۇنىڭدەك كۈچۈكلىنىدىغان، ئۇنىڭدەك قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ ئۆتىدىغان ئىككىنچى بىر ئادەمنى كۆرمىگەنىدىم، (ئۇ كېيىن راستلا بۆلۈم باشلىقلىغىغا ئۆستى).
-بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت، بىزدە بار مەدەنىيەت خەزىنىلىرى ھېچ ئەلدە يوق. بۇلارنى بىزنىڭ مۇستەھكەم دىنى ئېتىقادىمىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار كاتتا ئالىم بولۇپلا قالماستىن زامانىسىنىڭ ئەللامە-ئۆلىمالىرى، شۇڭا سىز ھېمىت...
ۋاھ، ئەقىلدارلىرىم ئەمدى مەدەنىيەت، دىن بىلەن باغلاپ مېنى تەربىيىلەشكە ئۆتتى. ئەپسۇسكى بۇنىڭ بىر ھاراق سورۇنىدا دىيىلگەن گەپلەر ئىكەنلىگىنى ئەقلىڭىز قوبۇل قىلامدۇ؟
-غەيۋەت قىلىش دېگەن، ئۇكام-ھېمىتجان، خەقلەرنىڭ گۆشىنى يىگەن بىلەن ئوخشاش. مانا ئىدارىمىزدىكى ئەخمەت دېگەن ئەخمەقنىڭ تۈزۈك بىر ئىقتىدارىنىڭ تايىنى يوق، مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىپ يۈرۈپتۇ، قاراڭ.
-قاراڭ ئۇكام ھېمىتاخۇن، ياخشى ئىشلەۋاتىسىز، بىزمۇ ئىشلىگەن، ھازىرقى زاماندا ئەڭ ئىقتىدارلىق ئادەم ئەڭ كۆپ ئىشلەيدىغان، ماڭغان ئىشەككە تاياق سالىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا ھېرىپ قالىسىز، بوشراق شاپاشلاڭ، ماقۇلما.
-ئايال كىشى بولساممۇ ئېيتىپ قوياي، ھېمىت بايۋەتچە، دوست دېگەننى سادىقلىقىغا قاراپ تاللاش كېرەك، پاتىمەكنىڭ ئېرى بىلەن شۇنچە يېقىنلىشىپ كېتىشىڭىزدىكى مەخسىدىڭىز بىزگە ئايان. بىز كۆزىڭىزگە سىغمامدىمىز؟
-سىزگە دەپ قوياي ئۇكام، باشلىق سىزگە ئۆزىنى يېقىن تۇتىۋاتىدۇ، ئەمما بىلىپ قېلىڭكى، باشلىق دېگەن بىرسى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىقتىدارىغا چىدىماسلىقتىن يېقىنلىشىدۇ، يەنە بىرسى جايلاشقا پۇرسەت تېپىش ئۈچۈن ئەتەي يېقىنلىشىدۇ. مانا مېنى ئۇقمىغانلار خوشامەتچى دېيىشىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە زىنھار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مېڭىپمۇ قالمايمەن. ئىھتىيات قىلىڭ جۇما.
-ھىمىت ئاكا، مەندىن چوڭ بولسىڭىزمۇ ئېيتىپ قوياي، قول ئاستىڭىزدىكىلەرنى يامان ئۆگىتىپ قويماڭ، چىڭراق باشقۇرۇڭ، ئەمدى مەن بىرئاز ئويۇنچىراق، ئەمما گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن. ئېتىبار قىلارسىز.
-ئاڭلاڭ ھېمىت...
-بىلىپ قېلىڭ ھېمىت...
ۋاي بولدى، ئەقىلدارلىرىم، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئەقىل ئۆگىتىشتىن باشقا ئىشىڭلار يوقما، مېنىڭ ئورنۇمدا سىلەر ياشىۋەتكەن بولساڭلارمۇ بوپتىكەن! ئەمەلىيتىڭلار بىلەن ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدىغان ئۈگۈتلىرىڭلاردىن ئۆرگىلەي!
سىلەر ماڭا شۇنچە كۆپ نەسىھەت ئۈگۈتلەرنى بىلدۈردىڭلار. مەنمۇ گېپىڭلارغا لوقما سالماي سۈكۈت بىلەنلا ئۆتكۈزدۈم. ئەمدى جاۋابەن مەنمۇ بىر دانانىڭ باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتىكى پىرىنسىپىنى سىلەرگە دەپ بېرەي. بىر بالا توختىماي مىۋە يەيدىغان خۇينى ئۆگىنىپ قاپتۇ. ئاپىسى بۇنى تۈزىتىش مەخسىدىدە ھېلىقى دانانىڭ ئۆيىگە بالىسىنى ئېلىپ كەپتۇ. دانا ئايالغا ئەتىسى كېلىشنى ئېيتىپتۇ. ئەتىسى كەلسە دانا بالىغا سەمىمىيەت بىلەن، بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلمىغىن، دەپتۇ. دېگەندەك ھېلىقى گەپ ئۈنۈم بېرىپ بالا ئوغۇرلۇقچە مېۋە يېمەيدىغان بوپتۇ. ئايال ھەيران بولۇپ دانادىن سوراپتۇ.
-نېمىشقا باشتا كەلگەندىلا شۇنداق نەسىھەت قىلمايلا؟
-ئۇ كۈنى مەنمۇ مېۋە يېگەن ئىدىم.
مانا كۆرۈڭ، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى باشقىلارغا <<قىلما>> دېمەسلىك نەقەدەر زور سەمىمىيەت-ھە؟ شۇڭا ئەتراپىمدىكى ئۈگۈتچى-ئەقىلدارلىرىم، ياخشى كۆڭلۈڭلار ياخشى ئىشىڭلار ئارقىلىق ئىپادىلەنسۇن. شۇچاغدا مەن  سۆزلىمىسەڭلارمۇ سىلەر تەرەپتە تۇراي. ئەمما ھازىرقى جەمئىيتىمىزنىڭ ئۆزىگە نەزەر سالايلى ئۆزى ئەسكى ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ، ئاشۇ ئىشنى قىلما، دەيدىغان ئۈگۈتچىلەر ئاۋۇپ قېلىۋاتقان بۇ دەۋىردە ئەۋلادلارنىڭ ماڭقۇرتلىغىدىن ۋايساشنىڭ ئورنى بارمۇ؟
2007-يىل 10-ئىيۇن .  شەھرى شاڭخەي.
مەزكۇر ئەسەر <<يېڭى قاشتېشى>> ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەل ھەرىسى
(ھېكايە)
ئابدۇلھەمىد ياسىن
بىر سورۇندا كىم دېدى، بىرسى <<ئەمەل ھەرىسى دەپ بىر ھەرە بارمىش، ئۇنى ھوقۇق ھەرىسى دەپمۇ قويىدىكەن.  شۇ ھەرە چېقىۋالغان ئادەمگە ئەمەل شۇقەدەر تاتلىق بىلىنىدىكەنكى، ئۇ ئاشۇ >>ئەمەل<< ئاتلىق جانانىنىڭ ۋەسلىگە يەتمىگۈچە پىراقىدا ئوت-كاۋاپ بولۇپ ئۆتەر ئىمىش، بۇنداق ھەرە چېقىۋالغان ئادەم قانداق ۋاستە بولسا ئىككىلەنمەي قوللىنىپ، ئەمەل تۇلپارىغا مىنمىسە چىدىيالمايدىكەن، ھەتتا مىنەلمىسە ھەسرەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىكەن>> دېدى.  ھەسەل ھەرىسىنىڭ بارلىغىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن، ئەزەلدىن <<ئەمەل ھەرىسى>>نىڭ بارلىغىنى ئاڭلاپ باقمىغان ھەم كۆرمىگەن ئىكەنمىز. دەرۋەقە ھازىر ئادەملەرنى ئاشۇ خىل ھەرە چېقىۋالدىمۇ، ئەمەل تەماسىدا پىتراپ يۈرىيدىغانلار ئاۋۇپ قالدى.
مانا ئىدارىمىزدىكى ئەنۋەرجاننى ئالايلى، ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇپ، مۇشۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چىققان، قوش تىللىق، ئىدارىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا زامانغا لايىق، <<ئۆلچەملىك>> ئىقتىساس ئىگىسى ئىدى. بىرلا ئەيىبى سەل ئويۇنچى ھەم ھاراقخومار كىشى ئىدى. بۇ ئاغىنىمىز بىلەن بىر سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ قالغۇدەك بولساق، ئۇنىڭ ئىچكىرىدە ئىگەللىگەن بىلىمىدىن كۆپرەك، ئوينىغان ئويۇنلىرىنى سۆزلىگىلى سالاتتۇق. ئۇمۇ پاراڭ قىلىشقا ئېرىنمەيتتى. ئاندىن قىچىشقان يەرنى قاشلىغاندەك يېقىشلىق بىلىنىدىغان ئىدارىمىزدىكى ناتوغرا ئىستىللار،  قايسى باشلىقنىڭ بىسى كەسمەي، چۇلدۇسىدا مۇشتلايدىغانلىغى، قايسى باشلىقنىڭ خوتۇنى سىزغان سىزىقتىن چىقالمايدىغانلىقى، كىمنىڭ يەيدىغانلىقى توغرىلىق سۆزلىشىپ قالغۇدەك بولساق ئۇ بۇ توغرىسدا چېچىلىپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئىلمىي تەتقىقات توغرىلىق پاراڭ بولسىمۇ ھىچكىمگە گەپ بەرمەيتتى. ئاشۇنداق سورۇنلاردا  ئىچىۋالسا، كۆپراق قاينايدىغان تېمىسى باشلىقلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىلىمسىز خوشامەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنىشلىك قىلىقلىرى توغرىلىق بولاتتى. توغرا، << مەن خوشامەت دېگەن ئىللەتتىن، خوشامەتچىدىن ئەڭ يىرگىنىمەن>> دېگىنىنى كۆپ ئاڭلايتتۇق. بىزمۇ ئۇنىڭ يېڭى، ئولۇغۋار مەزمۇنغا ئىگە <<سەۋىيەلىك نوتۇق>>لىرىنى، خوشامەتچىلەر توغرىلىق قاتقان قوشاقلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. ئۇ يەنە ئىدارىمىزدىكى ئەھۋاللارنى، قايسى بىرىنىڭ
ئالتە ئادەمگە تۆت باشلىق،
ئەقىللىققا دۆت باشلىق،
ئوغۇل بالىغا كۆت باشلىق،
...................................
دېگەن قوشىغى بىلەن تەمسىل ئېلىپ كۈلدۈرۈپ، بەزى ناتوغرا ئىشلاردىن قالغان كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ يۈرەتتى.  ئىشنى قىلىپ بارىدىغان سورۇنى كۆپ بۇ ئادەم ئارىمىزدىكى بىزگە دەرتداش، سىرداش بولالايدىغان كىشى ئىدى.
نېمە بولغىنىنى بىلمىدۇق، بۇ ھالەت تويۇقسىزلا ئۆزگەردى. ئادەتتە ئىشقا كېچىكىپ كېلىپ، قاپىغىنى سېلىپلا ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىدىغان ئادەم، ئەتىگەن كېلىپ، سەھەر كەلگىنىمنى كۆرسۈن دېگەندەك ئىشخانا ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بىر نېمىلەرنى يېزىپ كېتىدىغان، باشلىق ئەتراپىدىكى گۇپپاڭچىلارغا شۇ قەدەر ئۆچ ئادەم گۇپپاڭچىلىق قىلىشتا باشقىلاردىن قىزغىنىپ تۇرۇپ قۇيرۇق شىپاڭلىتىدىغان، باشلىقلارنىڭ سايىسىدەكلا ئەگىشىپ يۈرۈپ كىچىككىنە بولسىمۇ ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا ئورۇنىدىغان بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ئىشتىن بالدۇرلا چۈشۈپ، ئاللىقانداق ئويۇنلىرىغا ئالدىراپ چاپىدىغان ئادەم ئەمدىلىكتە ئىش ۋاقتىدا باشلىقلارنىڭ ئىشخانىسدىن چىقمايدىغان، ئىشتىن چۈشكەندە ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە كەتسىمۇ ئۆزى قېلىپ، قانداقتۇر تېمىلار ئۈستىدە <<ئىزدىنىپ>> ئەتىسى ئۈنلۈك ئاۋازدا، كېچىچە ئۇخلىماي ئىشلەپتىمەن، ئۇخلىماي ئىشلىسىمۇ ئادەم ھېچنىمە بولمايدىكەن، ۋەزىپىنى كېچىلەپ ئورۇنلىساق بولغىدەك، دەپ قىتغورلۇق قىلىدىغان بولىۋالدى. يامان يېرى، قايسى بىرىمىز ئىدارىدىكى ھېلىقىدەك ئوچۇق دېيىشكىلى بولمايدىغان تاتلىق گەپلەرنى كىچىك سورۇنلىرىمىزدا دىيىشسەك، ئەتىسىلا باشلىق ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، <<ئۇكام، سىزنى خېلى ئۆز بىلىۋاتسام، مېنى مۇنداق...مۇنداق... قىلدى دەپ يۈرۈپسىزغۇ، مەن ئاشۇنداق قىلىدىغان ئادەممۇ، سىز ئۇنداق يامان گەپ تارقىتىدىغان ئادەم ئەمەستۇرسىز-ھە>> دەيدىغان بولىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىغىمىز كېلىپ ئەنۋەرجاننى ئارىمىزغا ئالمايدىغان بولدۇق. ئۇ بۇنى ھار ئالمىدى، سورۇنىمىز بارلىغىنى ئۇقۇپلا قالسا ھېچنىمە بولمىغاندەك كىرىپ ئولتۇرىۋەردى. ئەمما ئۇ كەلگەن سورۇندا يېگىنىمىز ئاش بولماي قالدى. ئېغىزىمىزدىن ھېلىقىدەك گەپ چىقىپ كەتسە ئەتىسى ئۆزىمىزنى باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرىدىغانلىغىمىز ئېنىقتە.
ھەممىمىز ئەنۋەرجاننىڭ بۇنچىلا تېز ئۆزگىرىپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالمىدۇق، ئۇنىڭ ئۆزگەرگەندىمۇ دەل ئۆزى بۇرۇن يىرگىنىدىغان <<غالچا>>غا ئۆزگەرگىنىگە ھەيران قېلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزدە باشقا بىر سورۇندا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق ھەسرىتىنى تۆكۈپ بەرگىنىنى ئاڭلىدۇق.
ئۇ <<مەن شۇنچە تىرىشىپ ئوقۇپ يۇقىرى سەۋىيە، ساپا ھازىرلىغان، خىزمەتلەردە ئاكتىپ ئىشلەپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساممۇ، باشلىقلار مېنى كۆزگە ئىلىپ قويماي، تاپىنىنى يالىغانلارنى كۆتىرىپ، مېنى  دۈشمەندەك كۆردى...>>دېگەنمىش، يەنە ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جەمىئىيەتتە بىلىم، ئىقتىدار، ساپا دېگەنلەرنىڭ ئەتىۋارى يوق، تىرىشىپ ئوقۇغىنىڭ پوققا ھىساپمىش. ھازىر قانچە بىلىملىك ئادەم شۇنچە جاپالىق ئىشلەيدىغان،  ئىشلىگەننى ھىچكىم كۆرمەيدىغان، بىلىملىك ئادەمنى ئۆچ كۆرىدىغان، نەتىجىسىگە ئىش ئۈستىدىكىلەر ئىگە بولىۋالىدىغان بولۇپ قالغانمىش. جاپا تارتمىسىمۇ، بىلىمى بولمىسىمۇ ئىسسىقچىلىق قىلىشنى بىلسىلا ھوقۇققا ئىگە بولغىلى، قولغا ھوقۇق ئالغاندىلا ئادەمدەك ياشىغىلى بولارمىش. بۇندىن كېيىن نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن قولىغا ھوقۇق ئېلىپ، ئەمەلدار بولۇشقا، ھەتتا ئۆسۈپ ئەڭ چوڭى بولۇشقا تىرىشار ئىمىش...
بىز ئاخىرى ئەنۋەرجاندىكى ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالدۇق. <<ھوقۇق ھەرىسى چېقىۋاپتۇ>> دېيىشتى يەنە ئارىمىزدىكى ياشقا چوڭلار. بىزگە ئەنۋەرجان خۇددى بۇرۇنقىدىن بىراقلا ئۆزگىرىپ يات ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىلىنىپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق ئىشلىرىمىزنى ئۇنىڭدىن قاتتىق مەخپىي تۇتىدىغان، سورۇن تۈزەيدىغان بولساق ئۇنىڭغا قەتئىي بىلدۈرمەيدىغان بولىۋالدۇق. ئەمما ئۇ بۇنىڭغا يەنىلا غېرىپسىنىپ قالمىدى. غېرىپسىنىپ قالمىدىلا ئەمەس چولىسى تەگمەيدىغان بولىۋالدى. چۈنكى ئەمدى ئۇ بىزنىڭ كەچلىك سورۇنلىرىمىزدىن ئۈزۈل-كېسىل ئىستىپا بېرىپ، باشلىقلارنىڭ سورۇنىغا كۆچىۋالدى. ئاڭلىساق، پۇراپ تېپىپ بولسىمۇ باشلىقلار ئولتۇرغان سورۇنلارغا كىرىۋېلىپ خالىس مۇلازىملىق قىلىۋېتىپتۇدەك. ئارىمىزدىن يوقالغىنىغا خوشال بولۇپ يۈرسەك ئەمدى ئۇ تېخىمۇ قاملاشمىغان قىلىقلارنى چىقارغىلى تۇردى.
ئىدارىغا قاق ئەتىگەندە كېلىپ، قولىغا بىر خاتىرىنى ئېلىۋېلىپ، ئىش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن-كەلمىگەنلەرنى يوقلىما قىلىدىغان، ئىشخانىلارغا كىرىپ ئۆزىچە <<ئاكا، ئىشخانىڭىزنىڭ تازىلىقى ياخشى ئەمەسكەن، تازىلىۋېتەرسىز-ھە>> دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تېخى ھىچقانداق ئەمەلگە ئولتۇرمىسىمۇ قىلىۋاتقان قىلىقلىرىغا قورسىغىمىز كۆپۈپ كېتىۋاتاتتى. ھەممىمىزنىڭ ئۇنىڭغا <<نېمە دەۋاتىسەنوي لالما، بىزنى ئىشقا جورىغىدەك بۆكىڭنىڭ نامى نېمە؟>> دەپ سورىغىمىز بار. ئەمما ئۇنىڭغا شۇلارنى دەپ قويۇپ، ئاللىقانداق <<جىنايەت>>لەر باھانىسىدا باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ قېلىپ سارغايغىمىز يوقتە. شۇنىڭ بىلەن قىلغان قىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ يۈرىۋەردۇق، ئۇنىڭ تىرىشچانلىغى ئۈنۈم بەردىمۇ-ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ، دېگەندەك، بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن دەم ئېلىشقا چىققان ئىشخانا مۇدىرىنىڭ بوش ئورنىغا ئەنۋەرجاننىڭ دەسسىگەنلىگى ئېلان قىلىندى.
گەپ دېگەن بىر يەردە تۇرمايدۇ، تۆمۈر ئىشتان بولسىمۇ ئوسۇرۇق سىرتقا تارايدۇ، دېگەندەك ئۇنىڭ-بۇنىڭكىدىكى كالتە-كۇسۇر ئولتۇرۇشلىرىمىزدا ئۇنىڭ باشلىققا نېمىلەرنى سۈڭگۈتكەنلىگى، قانداق شەرمەندە ئىسسقچىلىقلارنى قىلغانلىغى مانا مەن دەپ ئايان بولۇپ قالدى. بىزمۇ بۇنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ئاڭلىتىپ دېگۈدەك <<ئەنۋەر ئەمەل>>نى مازاق قىلىدىغان بولدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىمىز بىلەن نېمە پەرۋايى! ئۇ يەنىلا قۇملۇق كەسلەنچۈكىدەك كۈندە نەچچە خىل ئۆزگىرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
توغرا، ئۇ ئەمدى راستىنلا باشقىچە ئادەمگە ئايلاندى. باشلىق يوق يەردە ئۆزىچە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، بىزگە خالىغانچە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇ ئىش، بۇ ئىشلارغا بۇيرۇپ كېتىدىغان، يەنىمۇ چوڭراق ئەمەلگە ئۆسۈشنى خىيال قىلغان چېغى، باشلىققا ئىلگىركىدىن بەكرەك خوشامەت قىلىپ، پاي-پېتەك بولىدىغان، بىزلەرنى ئوسال قىلىپ ھەممە تۆھپىنى ئۆزىنىڭ قىلىشقا ئۇرىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئىشخانا مۇدىرلىغىغا ئولتۇرۇپ خېلى ۋاقىت بولغاندا نېمىنى ئويلىدى،  بىر سورۇن ھازىرلىغانىكەن ھەممىمىزنى چاقىردى. ئۇنىڭ سورۇنىغا گەرچە كۆڭلىمىز تارتمىسىمۇ ئامالسىز باردۇق. سورۇندا بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشلىقلىرىدىن باشقا يەنە بىز تونۇمايدىغان (چوڭ باشلىق ئوخشايدۇ) بىرنەچچە سامان قورساق، ئاپتاپ ماڭلايمۇ بار ئىدى. سورۇن بىر ئوبدان قىزىپ كېتىۋاتاتتى، يېگەن ئېغىز ئويۇلۇپتۇ دېگەندەك ھەممە ئەنۋەرجاننى بىر ئېغىزدىن ماختاپ قوياتتى. سورۇن ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان، ئەنۋەرجان كۈتكەن ئىش بولغانمۇ بولارىدى، بىراق بۇ سورۇن خۇددى ئوخشىغان پولونىڭ ئىچىدىن شېغىل چىقىپ قېلىپ، ئادەمنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرغاندەك ئەجەپ بىر تەڭقىسلىق، ئاھانەتلىك ئاخىرلاشتى. خۇددى غالىپ قەھرىماندەك بارغانچە گىدىيىپ كەتكەن ئەنۋەرجان سورۇندا ئۇ بەك ھايانلىنىپ كېتىپ كۆپ ئىچىپ قويغانمۇ قانداق، سۆزلەۋېتىپ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن ئۆزىنى ئەڭ تۆردە ئولتۇرغان باشلىقنىڭ باغرىغا ئاتماسمۇ، ئالە شەھەرنى، شۇ پەيتتە ئۇ ھەممە يېگەن-ئىچكەنلىرىنى باشلىنىڭ ئۈستىبېشىغا ياندۇرىۋەتكەنىدى...
شۇندىن كېيىن ئەنۋەر ئەمەل جىمىپ قالدى. ئىلگىركىدەك ھېچكىمگە قاپاق ئاچمايدىغان، باشلىقلارنىڭ ئىشخانىسىنىمۇ ئەگىمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەراست، باشلىقلار ئۇنىڭ بۆلۈم باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئەنۋەرجانغۇ بېسىقىپ قالدى. ئەمما ئەتراپىمىزغا قارىساق بۇنداق ھىرىسمەنلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. ھەتتا ئەمەلنىڭ ئىشقى-پىراقىدا ساراڭ بولاي دەپ قالغانلارمۇ كۆپ. بۇنىڭغا قاراپ بىز ئەمدى رەسمىي ئىشەندۇق. توۋا، <<ئەمەل ھەرىسى>> دېگەن يوق نەرسە ئەمەسكەن. بەزىلەرنى راستىنلا بۇ ھەرە چېقىۋالىدىكەن. چاققاندىمۇ بېشىنى قايدۇرغىدەك، ساراڭ بولغىدەك چاقىدىكەن. ئۇنىڭ ھەسەل ھەرىسىدىن پەرقى بەك چوڭكەن، ھەسەل ھەرىسى يىغقان گۈل شىرنىلىرىدىن ئېسىل ھەسەل بېرەتتى. ھەتتا بەزى كېسەل بولۇپ قالغانلار ئەتەي ھەسەل ھەرىسىگە ئۆزىنى چاققۇزسا ئاشۇ كېسەلنىڭ ساقىيدىغانلىغى تېبابەتتە ئىسپاتلانغان پاكىت ئىدى. ئەمما ئەمەل ھەرىسى چاقسا ئادەمنى قىپ-قىزىل ساراڭغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. ھەتتا ئادەملىگىدىنمۇ ئايرىپ تاشلايدىكەن. ئۇنىڭغا قارىغاندا سېرىق ئىشەك ھەرىسى ياخشىراق ئوخشايدۇ. سېرىق ئىشەك ھەرىسى قاش-قاپاقنى چېقىۋالسىمۇ، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئىششىقى ياناتتى. ھەرە چېقىۋالغىنىدىن ئاچچىقى كەلگەن ئادەم ھەرىنىڭ كۈنىكىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ ئەنتىنى ئالاتتى. ئەمەل ھەرىسى چېقىۋالغان ئادەمنىڭ ئىششىقى بىر ئۆمۈر يانمايدىكەن ھەم بۇ خىلدىكى ھەرە چېقىۋالغان ئادەم بۇ ھەرىگە ھەرگىزمۇ نەپرەتلەنمەيدىكەن بەلكى بىر ئۆمۈر ئاشىق بولىدىكەن-ئەمەسمۇ؟ قارىغاندا بۇ ھەرىنىڭ زەھىرى خىروئىندىنمۇ يامانكەن. شۇڭا بۇ ھەرىنىڭ كۈنىكىگىمۇ ئوت قويۇش، كۆيدۈرگەندىمۇ، يىلتىزىدىن تارتىپ كۆيدۈرۈش كېرەك ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممە ئادەمنى چېقىۋەرگىلى تۇرسا، ئادەم ئادەمنى يېمەيدۇ دېگىلى بولامدۇ؟!


2007-يىل 9-ئاپرىل .  شەھرى شاڭخەي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەببەت شامىلى

ھېكايە

ئۇنىڭ شوخلۇق يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىنىڭ بەزىدە تۇتۇلۇپ قالىدىغانلىغىنى كۆرۈپ قالاتتىم. سوزۇنچاق ئورۇق يۈزى ئوزۇن مەزگىللىك كېسەل ئاسارىتىدىن سارغىيىپ كەتكەن، قوۋۇزلىرى چىقىپ، يۈزلىرى تارمۇشتەك قېتىپ كەتكەن بولۇپ، كۈلسە تامام سارغايغان چىشلىرى، مانا مەن، دەپ چىقىپلا قالاتتى. «ھەي، ئاقسۇلۇقنى كاۋا دەيتتى، سەن ئىسكىلىتكىلا ئوخشايدىغان قانداق كاۋا- ھەي» دېسەم، «مەن خەمىكىدە قۇرۇپ قالغان كاۋا» دەپ يىغلىغاندەك كۈلەتتى. دوختۇرخانىدا ئوزۇن مەزگىل بىرگە ياتتۇق. ئەمدىلا 25ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ خۇددى تۇرمۇشتا پىشقان ئادەمدەك، كىشىگە ئاسانلىقچە سىر بەرمەيدىغان، دەرد-ھالىنى ئېيتمايدىغان مەخەت ئىسىملىك بۇ يىگىت بىلەن ئارىمىزدا خېلىلا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى. مىجەزىمىز ياخشى بولۇپ قالغان كۈنلەردە ئىككىمىز بىرگە بازار ئارىلايتتۇق. باغچىلارغا بېرىپ، مەركىزى شەھەرنىڭ ھەممە ھوزۇر-ھالاۋىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولاتتۇق. ھەراست، ئۇ توغرىلىق سۆزلەپ كېلىۋىتىپ دوستلىغىمىز ھەققىدىكى گەپكە چۈشۈپ كېتىپتىمەن. دوستۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى چىققان سىيىت ئاكىسىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار بەش ئوغۇل بولۇپ، مەخەت بالىلارنىڭ كەنجىسى، يەنە كېلىپ ئاكىلىرى بىلەن قانداش، باشقا ئانىدىن بولغان ئوغۇل ئىكەن. مېنى قىزىقتۇرغىنى مەخەتنىڭ شۇنچە سەمىمىي، ئوچوق-يورۇق، مەردانە خاراكتىرى بولسا، ھەيرتكە چۆمدۈرگىنى- شۇنچە كۆرۈمسىز، ئەبگا ئېگىنلەرنى كىيىۋالغان، ساقال-بورۇتى ئۆسۈك يۈرىدىغان، قارىماققا يوۋاش كۆرىنىدىغان ئاكىسىنىڭ ئۈچ يۈزمو كېلىدىغان يېرى، بانكىدا بىرەر مىليۇن پۇلى بار ئىكەنلىگى بولدى. مەخەتنىڭ يېرى ياكى مېلى يوق بولۇپ، چوڭ ئۆيدە ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن. ئۇنىڭغا «سۈيدۈك يولى تارىيىش» دېگەن بۇ مەرەز كېسەل قاچان چاپلاشتى- شۇندىن بېرى مەخەت زادى ئىلگىرى كېلەلمەپتۇ، يۇرتتا كۆرسەتمىگەن تىۋىبى، ئاپارمىغان دوختۇرخانا قالماپتۇ، ئاخىرى ئۇلار ئۇنى موشۇ يەرگە ئەكەلگەن ئىكەن.
دوختۇرخانا دېگەنمۇ ئاجايىپ بىر دونيا. بۇ يەرگە كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ كەچمىشلىرى، دەردلىرى تولا. بولۇپمۇ ھەر يۇرتتىن كەلگەن بىمارلار بىلەن پاراڭلىشىش سىزنى كۆپ ئۇقۇمغا، نورغۇن يېڭىلىقلارغا ئىگە قىلىدۇ، بۇ يەردە بىر-بىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ دەرد تۆكۈشۈپ ئولتۇرمىساق قىلغۇدەك نېمە ئىش بار دەيسىز؟ شۇڭا دوختۇرخانىدا، كېسەل ئىسكەنجىگە ئالغان مۇشۇنداق يامان چاغدا تونۇشقان دوستلۇق گاھى ساۋاقداشلىق مېھرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. سېستىرا ھىچقانداق ھېسيات ئىپادىسى بولمىغان سوغۇققانلىق بىلەن قولىمىزدىكى ئوكۇل يىڭنىسىنى سوغۇرىۋەتكەندىن كېيىنلا بىريەرگە كېلىپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. بىر-بىرىمىزنىڭ شىۋىسىنى دورىشىپ، ئويۇن چىقىرىپ قاقاھلاپ كۈلىشەتتۇق. ئاخىرىدا قولىمىزغا چىقىپ قالغان قارت بىلەن بولۇپ كېتىپ تاماق ۋاقتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتۇق. ئارىمىزدا راخمان كۆيۈك ئىسىملىك بىر بوۋاي بار بولۇپ، ئاجايىپ گەپدان، خوشچاقچاق كىشى ئىدى. ياشلىغىدىكى شوخلۇقلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك ئوينىغان ئويۇنلىرىنى سۆزلەپ كېتىدىغان بولسا يېنىدا بېقىنىنى چىمداپ تۇرىدىغان ئايالىمۇ ئۇنى سۆزىدىن توختىتالمايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئايالى چاقچاق ئارىلاش:
-شوڭىمۇ كېسەل يامان يېرىدىن ئالغان نېمە، بۇنىڭكى-،دەپ چىقىشاتتى. شۇ كۈنلەردە راخمان كۆيۈكنىڭ بۆرەك كېسىلى تۆزۈك ساقايمايلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئورنىغا يوچۇنلا بىر يېگىت كىرىپ ياتتى. بەش كىشلىك ياتاقتا ھازىر مەن، دوستۇم، ھېلىقى يېگىت ۋە بىر خەنزۇ يولداش يېتىۋاتاتتۇق. كۈن ئۆتكەنسىرى ئىچىمىز سىقىلىپ راخمان كۆيۈكنىڭ قەدرى ئۆتۈلگىلى تۇردى. نېمىشقا دېسىڭىز يېڭى كىرگەن ماۋۇ  يىگىت كىرگەندىن باشلاپ بىزگە سالام قىلمايلا كارۋاتقا چىقىپ خۇددى قېينانىسىدىن يامانلاپ قالغان كېلىندەك، ئارقىسىنى قىلىپلا ياتتى. ئۇنى باققىلى كەلگەن يەنە بىر سوغ تەلەت يىگىت بولسا بۇ سېمىز بودەكنىڭ مالىيىدەك ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى سۆزسىز ئىجرا قىلىپ ھەمىشە ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. بىز ئۇنىڭدىن گەپ چىقمايدىغانلىغىغا كۆزىمىز يېتىپ ئۆز پارىڭىمىزغا چۈشۈپ كەتتۇق. بىر چاغدا ھېلىقى يىگىت بىزگە قاراپ سەت ئالىيىپ تۇرۇپ:
-مەدەنىيەتسىز بىرنىمىلەركەنسىلەر، دوختۇرخانىغا داۋالانغىلى كەلگەندىن كېيىن جىم يېتىپ ئۇخلىساڭلار بولمامدۇ؟-دەپ زەردە قىلدى. بىزنىڭ ئۈنىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىششىپ چىققان قاپاقلىرىغا قاراپ «چېكىدىكەن>> دىدىم ئىچىمدە. سېيت بايۋەچچە ئۇنىڭغا گەپ قىلغىلى قوپىۋىدى، دوستۇم سوغۇققانلىق بىلەن ئاكىسىنى توختىتىپ قويدى. شۇندىن بېرى ياتاقنىڭ ئىچى شۇنداق سۆرۈن بولۇپ كەتتىكى ھەممىمىز ھېلىقى غورا قاپاققا ياتاقنى ئوڭچە قويۇپ بىرىپ سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان، باشقا ياتاقلارغا كىرىپ ئولتۇرىدىغان، ئۇنىڭغا قارىمايلا قويىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ، ئۇنىڭمۇ ئىچىنى پۇشۇرغان چېغى بىزدىن ئاندا-ساندا گەپ سوراپ قوياتتى. ئۇنىڭ سوئالىغا مۇناسىپ جاۋاپ بەرسەك يەنە بىردىن كۆتىنى كۆكۈيۈن چېقىۋالغاندەك بىزگە قوپال تېگىپ، خەلقارادىن چۈشۈپ كېتەتتى. بىردە ئۆزىنى، تاپاۋىتى، ئويۇنلىرىنى ماختاپ ئۇچۇرغىلى تۇرسا يەنە بىردە، ئۇيغۇر دىگەننى، دەپ ئۆزى ئۇيغۇر ئەمەستەك، ئۇيغۇر ئارپىسىنى خام ئورىغاندەك سۆزلەپ كېتەتتى. ئازراق سۆز قاتقۇدەك بولساق گۆلىيىپ بىزنى ئەدەپسىزگە چىقىرىپ ۋارقىرايتتى. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىچىمىز ئاچچىق بولۇپ قالاتتى.
-ئورۇستىن چۈشكەن نېمىمۇ ئۇ، چەت دۆلەتتىن كەلگەن بولسىمۇ چىقىشىپ كېتەلەيتتۇقيا، ئەجەپ بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ ئادەمگە شۇنداق قوپال تېگىدىغان نېمىكىنا، نېمىسىگە تايىنىپ شۇنداق نوچىلىق قىلىدۇ-ئۇ،- دەپ قايناشقا باشلىدى مەخەت بىركۈنى خوشنا ياتاقتا. ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ھەممەيلەن چۇرۇقلىشىپ كەتتۇق. ئۇنى ئاللىقاچان كۆزىتىپ ئۈلگۈرگەن خوشنا ياتاقتىكىلەرمۇ غەزەبلىنىپ:
-ئا يېنىدىكى ھەمىشە پۇتىنى تۇتۇپ ئولتۇرىدىغىنى قۇلىمۇ نېمە، ئۇنداق بولمىسا چوقۇم ياللىۋالغان مالىيىدەك قىلىدۇ.
-ئادەم يوق يەرگە ئاپىرىپ تازا سالىدىغان گۇيكەن ئۇ.
-كۈندۈزلىرىمۇ يېنىمدا ئادەم بار دىمەي، داپو ئاتقاندەك گۈمبۈلىتىپ ئوسۇرىشلىرىچۇ تېخى، بىزنىڭ مۇشۇ ياتاققىمۇ ئاڭلىنىدۇ-دەپ غەيۋىتىنى قىلىشىپ كەتتى.
شۇ ئارىدا بوش كارىۋاتتىن بىرىگە يەنە ئىككى يىگىت كىرىپ كەلدى. ئۇلار تىپىك جەنۇپلۇقلارچە ساددا ھەم ئوچۇق بولغاچقا بىز بىلەن ھەتتا كەينىنى قىلىپ ياتقان ئاۋۇ مەخلۇق بىلەنمۇ سەمىمى كۆرۈشۈپ ئۆز پارىڭىنى قىلغىلى تۇردى. ئەمما نېمىشقىدۇر ھېلىقى غۇرا قاپاق ئۇلارنىڭ گېپىنى بۆلمىدى. بىرچاغدا ئۇ يىڭى كىرگەنلەرگە قاراپ:
-سېلەر ئوقۇتقۇچىمۇ؟-دەپ سورىدى. ئۇلار دەرھاللا:
-شۇنداق بىز جەنۇپلۇق سولتەك ئەپەندىلەردىن. ما ئادىشىمىز تاش يىگەن بولغىمىيدىكى، بۆرىكىدە لىق تاش باركەن، شۇڭا ئەپكەلگەن-دەپ ئۈن قېتىشتى. توساتتىن يەنە ھېلىقى ئاداش ئاچچىقلانغان ھالدا:
-ھەرنېمە بولسا مەدەنىيەتلىكرەك كىشىلەر بىلەن بىرگە ياتقۇدەكمەن. مۇشۇ دېھقان خەق دېگەنلەرنى كۆرسەم، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ، مەينەتلىگىگە باقماي ۋاتىلداپلا تۇرغان-دەپ بىرمۇنچە غودۇڭشىدى. يىڭى كىرگەن مۇئەللىملەر ئۇنىڭدا سەپرا خىلىتىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدىمۇ، باشقا گەپ قىلمىدى. ئەمما دوستۇم مەخەت چىداپ تۇرالمىدى بولغاي:
-دىھقان سىزگە نېمە يامانلىق قىلدى. كىشىگە تۆزۈك سالامىڭىز يوق، ئۆزىڭىزنى بەك مەدەنىيەتلىك چاغلايدىغان ئوخشىمامسىز؟ كىشى بار-يوق دېمەي موزايدەك مۆقىرىتىپ ئوسۇرىدىكەنسىز. بومۇ مەدەنىيەت چېغى-دەۋەتتى. ھېلىقى شاققىدە بىز تەرەپكە ئۆرۈلدى ۋە:
-ھەرقايسىڭىزنىڭ ناشتىلىغىنى ئىت ئېپقاچمىغاندىن كېيىن ئىشىڭىزنى قىلىشىڭ. مېنىڭ كۆپرەك ئوسۇرىشىمنى دوختۇر تاپىلىغان. ماڭا ئىتى-پىتى دىيىشنى قويۇپ ئاۋۇ ئاكىڭىزنىڭ تۇرقىغا قارىڭە، مىليونىرمىش تېخى، كوچىغا چىقسا ھەممە ئادەم ئىچ ئاغرىتىپ سەدىقە بەرگۈدەك ئاۋارە. پۇل دېگەننى مانا بىزدەك تاپسا، بىزدەك خەشلىسە ئارمان قالمايدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئۇيغۇر دېگەننى...-دەپ ئېغزىدىن سېسىق ئېقىتىپ قويۇپ يەنە كەينىگە ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى. كۆزلىرى غەزەپتىن چاقناپ ئۇلار بىلەن تازا بىر ئېيتىشماقچى بولغان مەخەت بىلەن سېيىتباينى، پوققا چالما ئاتساڭ يۈزۈڭگە چاچرايدۇ، دەپ توختىتىپ قويدۇم. ئىش موشۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەي كۈنى دىگۈدەك موشۇنداق سۈركىلىشلەر بولۇپ تۇرىدىغان، ئادەم چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. ئالدىغا كەلسە چىشلەيدىغان، كەينىگە كەلسە تېپىدىغان دېگەن سۈپەتلەرنى مۇشۇنداقلارغا قوللانغان بولغىيمىدىكىن، ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا چىدىماي بۇ ياتاقتىن كۆچۈپ كېتىشنى ئويلاپمۇ قالدىم بىراق دوستۇمغا چىدىمايتتىم.
بىر كۈنى ياتاقتا مۇئەللىم، مەخەت سېيىتبايلا قالدۇق. قالغانلار سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدى.
-سىزگە قارىغىلى ئائىلىڭىزدىن بىرەرسى كەلمەي دوستىڭىز كەپتۇ-ھە؟-دەپ سورىدى مەخەت مۇئەللىمدىن. سېمىزرەك كەلگەن مۇئەللىم ئۈندىمەي بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن:
-نېمىسىنى ئېيتاي، ئايالىم تۇغۇتلۇق، ئائىلىمىزدە باشقا مۇۋاپىق ئادەم بولمىغاچقا قانداق قىلارمەن دەپ تۇرسام بۇ دوستۇم مەيدىسىگە مۇشتلاپ، مەن ئېلىپ چىقىمەن دېدى، چىققاندىن كېيىن دوختۇرغا ئۆزەم يىققان پۇلۇمنى ئۆتكۈزدۇق، قالغىنىغا دوستۇم ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پۇللىرىنى خەجلەپ مېنى بېقىۋاتىدۇ. بىز ئەپەندىلەردە قانچىلىك بىرنېمە بار دەيسىلەر؟ ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى قاچان قايتۇرۇپ بولىمەنكىن-دېدى ئۇھ تارتىپ. ئۇنىڭ دەردلىك تۇرقىغا قاراپ تەسەللى بەردىم. مەخەتنىڭ ئاكىسى سېيىتباي بېشىنى سالغىنىچە يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. شۇ ئەسنادا مۇڭغا پېتىپ ئولتۇرغان مەخەت ياتاقتىن ئىتتىكلا چىقىپ كەتتى. ئاڭغىچە ياتاققا ھېلىقى غورا قاپاق كىرىپ كەلدى. مەن سىرتقا چىقىپ قارىسام، مەخەت دوختۇرخانا ھويلىسىدىكى بىر تۈپ قارىغاي تۈۋىدە يەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىر قولى قارىغاي غولىدا ئىدى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىميۇ بىردىن توختاپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سىلكىنىپ تۇرغان گەۋدىسىدىن  يىغلاۋاتقاندەك ئىدى. ئويلاپ قالدىم. ھىچقانداق تۇققانچىلىق موناسىۋىتى يوق بىر مۇئەللىمنىڭ دوستىغا قىلغان ساداقەت، ۋاپادارلىغى مەخەتنىڭ يۈرىگىنى ئېزىۋاتامدىكىن؟ ياكى باشقا بىرەر ئىچكى ئازابى بارمىكىن؟ ئاخىرى ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئاستا قولۇمنى مۆرىسىگە قويدۇم. ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى. كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، ئۇرۇق يۈزلىرى ئەلەمدە تېخىمۇ تاتىرىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنى ئاستا تارتىپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ:
-ئاداش، ماڭا ئىشەنسەڭ ھەرقانداق ئازابىڭ بولسا ئېيتقىن، ئىچىڭ بوشاپ قالار-دىدىم. ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر پەس تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن:
-دەرد دېگەننى تاتىلىسا بولمايتتى. بوپتۇ، ئاكا-ئۇكىدەك بولۇپ قالدۇق ئېيتىپ بېرەي. كىچىكىمدە دادامدىن يېتىم قالغان ئىدىم. ئاكىلىرىمنىڭ ھەممىسى كاتتا بايلاردىن، ئىككى-ئۈچيۈز مودىن يېرى بار. ئەمما ئۇلار ئانام ۋە ماڭا قارىمايدۇ. كەنتىمىزدىن بىزگە قۇتقۇزۇش بېرىدۇ. ئاناممۇ كېسەلچان. ئۇنىڭ مەندىن باشقا ھېچنىمىسى يوق. قاچان مۇشۇ كېسەلگە پۇتلاشتىم شۇندىن بېرى يامان جىق قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتۇق. يۇرتتا داۋالاتمىغان يەر قالمىدى. ئانامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمايدۇ...،-گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ تېخىمۇ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى. مېنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىپ ئۆپكىدىدىم-يۇ، ئازراق يىغلىۋالسۇن دەپ گەپ قىلمىدىم. مەخەت بىردەملىك يىغىدىن كېيىن دېگەندەك چىرايى ئەسلىگە كەلدى. ئاندىن كېيىن يەنە پەس ئاۋازدا،-  مەھەللىدە بىر قىز بارتى، خۇدايىم ئىككىمىزنىڭ كۆڭۈل رىشتىمىزنى چېتىپتىكەن، بىر-بىرىمىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتۇق. بىر- بىرسىمىزگە چىڭ ۋەدىلەرنى بېرىپ، خۇپىيانە كۆرۈشۈپ يۈرەتتۇق. قاچان مۇشۇ كېسەلگە پۇتلاشتىم، شۇندىن بېرى مەن باشقا ئادەمگە ئايلىىنىپ قالدىم. ھەتتا  مەن ساقىيالمىغانسىرى ھاياتتىن ئۈمىتسىزلىنىپ كەتتىم. گۈلئاي ئىسىملىك ئۇ قىز ماڭا تەسەللى بېرەتتى. ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرەتتىم-يۇ، بۇ ئىشىمىز روياپقا چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ مېنى نېمىشقا شۇنچە ياخشى كۆرىدىغىنىنىمۇ بىلمەيتتىم. چۈنكى مەن بىر كۆك نامراتنىڭ بالىسى، ئۇ بولسا يۇرتىمىزدىكى داڭدار باينىڭ قىزى ئىدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭغا، ئايرىلىپ كېتەيلى، ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن. مېنىڭ سەۋەبىمدىن بەختسىز بولۇپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن، دېدىم. ئۇ بولسا بېشىنى كۆكسۈمگە قويۇپ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن، ماڭا بۇ ئوتنى ئىگىسى سالغان، سىز بولمىسىڭىز بۇ جاھاندا ياشىشىمنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئەتە مۇشۇ جايدا كۆرىشەيلى، دەپ باشقا گەپ قىلماي كېتىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا شۇ سۆزنى دەپ بولۇپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولغانىدى. ئەتىسى ھېلىقى جايغا، مەھەللە ئايىغىدىكى ئۆستەڭ بويىغا كەلدىم. گۈلئاي ئاللىقاچان بۇ يەرگە كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ، مانا بۇ ئون بەشمىڭ يۈەن پۇل، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىلا ئۈرۈمچىگە مېڭىڭ، مەن ئۈچۈن بولسىمۇ جەزمەن ساقىيىپ كېلىڭ، دېدى. مەن تۇرۇپلا قالدىم. ئاندىن ئۇنىڭغا، ياق، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالسام مېنى قانداقمۇ ئوغۇل بالا دېگىلى بولسۇن، دېدىم. ئۇ، بىلىمەن، سىزنىڭ غورۈرىڭىز ئۈستۈن، شۇڭىمۇ سىزگە بەك كۆيىمەن. ئەمما مېنى ئۇقمايدۇ دېمەڭ، قەرزىڭىز بەك كۆپ، ئاكىلىرىڭىزدا ۋاپا يوق. باشقىلارمۇ سىزگە ئەمدى قەرز بەرمەيدۇ. مەن بۇ پۇلنى ئاچامدىن ئارىيەت ئالدىم. كېيىن سىز ساقايغاندا قايتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ، دېدى ۋە يانغا قارىۋالدى. مەن ئۇنىڭ «ساقايغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ» دېگەن گېپىدىن بەكلا تەسىرلەندىم. دېمەك ئۇنىڭ كەلگۈسىگە، بىزنىڭ ھامان قوشۇلىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچى كامىل ئىدى. ئاخىرى باشقا گەپ تاپالماي ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدىم ۋە، ماقۇل، مەن داۋالىناي، سىز ئۈچۈن، مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ جەزمەن ساقىيىپ كېلەي، دېدىم. ئۆيگە كېلىپ ئانامغا ئەھۋالنى ئېيىتماي تۇرۇپلا كەنجى ئاكام سېيىتنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە، ئۈرۈمچىگە بېرىشىپ بەرسەڭ، ئازراق پۇل جۆندىگەنىدىم، دېدىم، ئۆزەڭ كۆرۈپ تۇرۇپسەن ئۇ يوۋاش، باغرى يۇمشاق ئادەم، باشقا ئاكىلىرىمغا قارىغاندا مىڭ ياخشى. شۇ بىرلا خوتۇنىدىن قورقىدىغان، خوتۇنىنىڭ سىزغان سىزىغىدىن چىقالمايدىغان يېرى بار. ئۈرۈمچىگە ماڭغاندىمۇ ئايالى ئارانلا ئۈچيۈز يۈەن تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ. ھازىر ئىككىلىمىز پۈتۈنلەي گۈلئاينىڭ پۇلىنى خەجلەۋاتىمىز. ئەر بولۇپ تۇرۇپ شۇقەدەر يامان كۈنگە قالغىنىمغا، بىر قىز بالىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يۈرگىنىمگە ئۆكۈنۈپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالمىغانىدىم ئاداش، بۇ دەردلەرنى ساڭا تۆكۈپ بىرىپ راستىنلا ئىچىم بوشاپ قالدى مانا.
مەخەت سۆزىنى تۈگىتىپ ئۇھ تارتتى.
-قايغۇرما ئاداش،-دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ-خۇدايىم مەخسىدىڭلارغا يەتكۈزەر. يەنە بىرەر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئوپراتسىيە قىلسا ساقىيىپ كېتىسەن. ھەراست ھېلىقى ئاكىلىرىڭ بۇ ياققا ماڭاردا ئازراقمۇ ياردەم قولىنى سۇنمىدىمۇ؟
-ئۇ گەپنى قويغىنە ئاداش. ماڭا بۇ يەرگە ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن، گۈلئاينىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىلا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ساڭا دېسەم مېنىڭ جېنىمنى خۇددى مۇشۇلارلا تۇتۇپ تۇرىۋاتقاندەك بېلىنىدۇ.
مەن ئۇنىڭ ئۇرۇقلۇقتىن ئىچىگە كىرىپ كەتكەن كۆز چاناقلىرىغا قاراپ چوڭقۇر ئۇھ تارتتىم. ئىنساننىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلمەيدۇ-ھە. مانا مېنىڭمۇ، بولدىلا ئۆزەم ھەققىدە گەپ ئاچمايلا قوياي...
مەخەت ئوپراتسىيەدىن ئوڭۇشلۇق چىقتى. دوختۇرلار ئۇنى مۇبارەكلەپ، ئوپراتسىيە تولۇق مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى، دېدى.
مەخەتلەر بۈگۈن- ئەتە ئىچىدە قايتىمىز دەپ تۇرغان بىر كۈنى ياتاقتا يەنە بىر تالاش-تارتىش بولۇپ ئۆتتى. مۇئەللىم ئۆزىگە ئىچ كېيىم سېتىۋالماقچى بولغانىكەن، ھېلىقى دوستى ئۇنىڭ پۇلىنى ئالغىلى ئۇنىماي ئۆزەم ئېلىپ بىرىمەن، دەپ تۇرىۋاپتۇ. مۇئەللىم ئۇنىمىغان چېغى، دوستى:
-پۇل دېگەننى نېمىشقا تاپىدۇ؟ مۇشۇنداق يەردە خەجلىمىگەن پۇلنى نەدە خەجلەيدۇ. پۇل دېگەننى ئىتقا تاشلاپ بەرسە يەمدۇ؟ بولدى، گەرچە باي بولمىساممۇ قەلبىم نامرات بولۇپ كەتكىنى يوق. ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلما،- دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە ياش ئەگىشكە باشلىدى. ياتاقتا بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغان سېيىتباينىڭ بېشى يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولغانىدى. بورۇنقىدەك ھەمىشە سېيىتبايغا، خوتۇنىدىن قورقىدىغان سايىماخۇن، تۆمۈر خوراز دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقچاق قىلىدىغان مىجەزىم بىلەن تاس قاپتىمەن يەنە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغىلى. ئۇنىڭ خىجىللىق پاتقىقىغىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان تۇرقىنى كۆرمىگەن بولسام ھازىرمۇ، ئاڭلىدىڭمۇ مېليونىر؟ ئاۋۇلارنىڭ ۋاپادارلىغىنى دەپ، گەپ قىلسىلا خىجىل بولۇپ قىزىرىپلا تۇرىدىغان، چاقچاققا تەگىمەيدىغان سىيىتباينى تازا بىر تەرلىتەركەنمەن. ئۇنىڭ بېشىنى سېلىپ تۇرغان تۇرقىغا، مەخەتنىڭ تورۇسقا قاراپ تۇرغاندىكى خىيالچان ھالىتىگە قاراپ ئۈندىمىدىم.
ئەمما مەن دىمىگەن گەپنى ھېلىقى غورا قاپاق:
-ئادەم دېگەن ئاشۇنداق بولىشى كېرەك. مونۇ سېيىت ماڭقا دېگەن ئاداشنى مىليونىر دەيدۇ تېخى، سىقىپ سۈينى يالاپ، خوتۇندىن قورقۇپ نىمە كۈن ساڭا ھوي. مۇشۇ بىچارە كېسەل ئۇكاڭنىڭ پۇلىنى خەجلىگىچە يىشۆيەن ئالدىغا چاپىنىڭنى سېلىپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ، ھەي-، دەپ ئېغىزىنى سېسىق قىلغىلى تۇردى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭغا مۇئەللىمدىن باشقىلىرىمىز گەپ قىلمىدۇق. مۇئەللىم:
-بولدى قىل يىگىت، ئۇنىڭمۇ بىرەر تىل قىسىلچىلىغى باردۇ-دەپ تۇرىشىغا ياتاقنىڭ تېلىفۇنى جىرىڭلاپ قالدى. سېيىتبايلا پەستە بولغاچقا ئۇ بېرىپ تېلىفۇننى ئالدى ۋە تېزلا مەخەتنى چاقىردى. مەن تېلىفۇننىڭ ھېلىقى گۈلئاي دىگەن قىزدىن كەلگىنىنى ھىس قىلىپ قىزىقچىلىق قىلىپ كارۋاتتىن چۈشتۈم ۋە مەخەتنىڭ قۇلىغىغا بوينۇمنى سۇندۇم.
-ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. ھازىر ئەھۋالىم ياخشى كارۋاتتىنمۇ چۈشتۈم، ئەتە- ئۆگۈن ئىچىدە قايتارمىزمىكىن، ۋاي توختاڭ، سىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى «يۈزى قېلىن» ئاغىنەم ھازىر گىپىمىزنى تىڭشاپ تۇرۇپتۇ. كېيىن كۆرىشەيلى-،دەپلا تېلىفۇننى قويىۋەتتى، ئاندىن مېنىڭ مۆرەمدىن ئىتتىرىپ تۇرۇپ- قېنىپ بىر كۆرۈشكىلى قويمىدىڭا-دەپ قويدى.
دېگەندەك ئوزۇن ئۆتمەي ئۇ قايتىپ كەتتى. بىز بىر-بىرسىمىزگە پەقەت ئادرىسىمىز ۋە تېلىفۇن نومۇرىمىزنىلا قالدۇرۇپ قويدۇق. ئۇلار كەتكەندىن كېيىنكى كۈنلەر شۇنداق زىرېكىشلىك تۇيۇلدىكى، ئۆيگىلا كەتكۈم كېلىپ كەتتى. تەلىيىمگە مەنمۇ ئوزۇنغا قالماي بۇ سوغۇق ماكان بىلەن خوشلىشىپ يۇرتقا قايتتىم.
يۇرتقا كېلىپ ئۆز ھەلەكچىلىكىمدە بولۇپ كەتتىم. ئەمما دۇختۇرخانىدا تونۇشقان ئاشۇ ئۇرۇق ئەمما ئوتلۇق ئاغىنەم مەخەت، راخمان كۆيۈك، سېيىتباي، ھېلىقى دىلكەش مۇئەللىم ئاغىنىلەر، ھەتتا ھېلىقى ئۇسۇرغاقنىمۇ شۇ قەدەر سېغىندىم، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بەكمۇ بىلگۈم كېلەتتى. بولۇپمۇ مەخەتنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى، ئازاب ۋە مۇھەببەتكە تولغان ھاياتى مېنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىمنى قوزغايتتى. ئۇنتۇغاقلىقىمنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئۇنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ھەردەم ئىزدەيتتىم. ئەمما تاپالماي ئىچىم پۇشاتتى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم، بىرەر كېچە مۇڭدىشىپ ياتقۇم كېلەتتى. ئاشۇ مەخەت دوستۇمنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى تاپسام، بۇيەرگە چىللىسام، مېھمان قىلىپ، تۇرمۇشتا شىكەستىلەنگەن قەلبىگە مەلھەم بەرسەم دېگەننى ھەمىشە ئويلايدىغان بولۇپ قالغان كۈنلەردە كەلگەن بىر قېتىملىق تېلىفۇن مېنى ئاجايىپ خوشال قىلىۋەتتى.
-مەن كېلەر ئايدا توي قىلىدىغان بولدۇم. تويغا چوقۇم كەلگىن-دېگەنىدى مەخەت تېلىفۇندا
-راستمۇ؟ تەپسىلىرەك دېگىنە، ھازىر ئەھۋالىڭ قانداق؟
-ساڭا دېسەم، يۇرتقا كەلگەندىن كېيىن سېيىت ئاكام باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇ كېلىپلا خوتۇنىنىڭ قولىدىكى بانكىنىڭ چەكلىرىنى يۇلۇپ ئاپتۇ. ئاندىن مېنىڭ ھەممە قەرزلىرىمنى ھەتتا گۈلئاينىڭ ئاچىسىغا بېرىدىغان قەرزلەرنىمۇ تۆلىۋەتتى. خۇدايىم ئىنساپ بەردىمىكىن، يەنە تېخى باشقا ئاكاملارمۇ ماڭا كۆيىنىدىغان بولۇپ كېتىشتى. ھەممىسى بىر بولۇپ ماڭا بىرەر يۈز مودەك يەر ئېلىپ بەردى. تېنىم ساق بولغاندىن كېيىن يازىچە تازا ئىشلەپتىمەن ئاداش. ھازىر مەنمۇ قەرز دېگەنلەردىن قۇتۇلدۇم، ئاكىلىرىمنىڭ پۇلىنى ئەينى قايتۇرۇپ بەرگەننىڭ سىرتىدا ئۆينى يېڭىلاپ سېلىۋالدىم. ھازىر ئاكاملار توينى ئەتىيازلىققا قىلاي دېگىنىمگە قارىماي گۈلئاينىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ توينىمۇ پۈتۈشتى. ھازىر بىز، ئانام، گۈلئايلار تولىمۇ خوشال. شۇڭا بۇ خوشاللىقتىن ئورتاق بەھىرلەنگىلى سەنمۇ چوقۇم كەلگىن.
-گۈلئاينىڭ ئۆيىدىكىلەر قوشۇلدىمۇ؟- دەپ سورىدىم ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى بىلگىنىم ئۈچۈن قىزىقسىنىپ:
- ئارىدا كۆپ ئىشلار بولدى، ئاداش، دەسلىپىدە ئاتا- ئانىسى جان- جەھلى بىلەن قارشى چىقتى. مۇھەببەتنىڭ ئازابىنىمۇ يەتكىچە تارتتىم. ئەمما ھېلىقى قىز، ئاتايىن مېنى داۋالىتىپ ساقايتىپ ئەكەلگەن ئاشۇ گۈلئايىمنىڭ ئىرادىسى يەنە ھەممىنى بوي سۇندۇردى، مۇنداقچە دېگەندە بىزنىڭ ئىشىمىزدا مۇھەببەت ھەممىنى يەڭدى. تېلفۇندا بۇلارنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاۋال كەلگىن، ئاندىن دەپ بەرمەيمەنمۇ؟
-ماقۇل، چوقۇم بارىمەن. چوقۇم بارىمەن، سىلەرنىڭ خوشاللىغىڭلار مېنىڭ، مۇھەببەتكە ئىنتىلگۈچى ھەممەيلەننىڭ بەختى...دېدىم.
شۇ تاپ ماڭا پۈتكۈل دۇنيا خۇددى مىھرى-مۇھەببەتكە ئورىلىپ كەتكەندەك ئاشۇ ئۇرۇق دوستۇم مەخەتكە مۇھەببەت ئاتا قىلغان تۇغقانلىرى ۋە ئۇنىڭ گۈلئايى مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ، مۇھەببەتنىڭ مانا شۇنداق سالقىن ۋە ئارامبەخىش شامىلى ھەممە يەردە باردىكىدەك تەسىرات بېرىۋاتاتتى...      

بۇ ھېكايە «يېڭى قاشتېشى»  ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش