جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 4

گۈزەل يۇرتۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 12:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  گۈزەل يۇرتۇم
   نەسىر

  ئەي گۈزەل يۇرتۇم لوپنۇر ! سەن قەلبىمدە تەڭداشسىز گۈزەلسەن . سېنىڭ گۈزەللىكىڭگە قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇزلار ھۆسىن بەرگەن .
  ئەي گۈزەل يۇرتۇم لوپنۇر ! سەن قەلبىمدە بىر ئۇلۇغ سەجدىگاھسەن . چۈنكى قوينۇڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىشچان دېھقانلار ، پاراسەتلىك باتۇر ئوغلانلار ئېتەك - ياقاڭغا جەننەت بىلەن رەڭداش سەر خىل گۈللەرنى چەككەن .
  بوينۇمدا ئېسىل زىننەت _ مېۋە - چىۋە ، ئاشلىقلىرىڭ گويا مەرۋايىتتەك جۇلالايدۇ . قوينۇڭدا ئاشىق - مەشۇق نەۋقىرانلىرىڭ توي ئوينايدۇ . شادلىق مۇقامىڭ ئېتىز - قىرلار ، پايانسىز كەڭ يايلاقلار ، دەل - دەرەخ ، گۈل - گىياھ ، توغراق ، يۇلغۇنلار ، ھەتتا چەت سەھرالىرىڭدا ياڭرايدۇ .ئىللىق قوينۇڭدا مېھرىبانلىق بىلەن ئۆستۈرگەن خەلقىڭنىڭ چېھرىدە ئۆملۈك - ئىتتىپاقلىقنىڭ ناۋاسى ياڭرايدۇ . سېنىڭ قەدىردان ئانىدەك مېھرىبانلىقىڭ ھەم قەلبىڭنىڭ پاكلىقى چەكسىز ئېتىزلاردىكى ئاپئاق پاختىنىڭ ئاقلىقىدا چاقنايدۇ . قاتار - قاتار كۆككە تاقاشقان ئىمارەتلىرىڭ تەرەققىياتنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە ئىللىق باغرىڭدا گەۋدىسىنى كېرىپ مەغرۇر تۇرىدۇ .
  ئەي گۈزەل يۇرتۇم لوپنۇر ! مەن سېنى ھەر بىر تىنىقىمدا ئۇلۇغلايمەن ، قەدىرلەيمەن . چۈنكى سەن مېنى ئىللىق قوينۇڭدا مېھرىڭنى بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانامسەن .
  پۈتۈن دۇنياغا ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ :
  - ئەي لوپنۇر ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ، ئاسايىشلىققا تولغان كەڭ قوينۇڭ ئۆز خەلقىڭنىڭ ئەمگەك تەرى بىلەن تېخىمۇ گۈللەنسۇن ، جۇلالانسۇن . پۈتۈن دۇنياغا تونۇلسۇن !!...

     مەنبەئە : خاتىرەمدىن .


  ئەسكەرتىش : بۇ نەسىر 2011- يىللىق ‹‹ لوپنۇردا نۇرۇز ›› پائالىيىتىدە ئوقۇلغان .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 432
تۆھپە : 17
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 12:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ئىپادىلەشكە تىلىمىز ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىدۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 647
تۆھپە : 18
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:56:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە مۇڭلۇق يېقىملىق،
لوپنۇر خەلىق ناخشىسى.
ئۆز يۇرتىنى كۇيلىگەن،
ياخشىلارنىڭ ياخشىسى.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  411
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 14:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن پائالىيەتلەردە ئوقۇشقا ماس كەلگۈدەك نەسىر ئىكەن...

سىرتىغا چىقىش ئىچىگە كىرىش ئۈچۈندۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  864
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 119
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جەۋلان ئەپەندىم،قارىسام بىر يۇرتلۇقكەنمىز.
كىشى ئۆز يۇرتىنى قانچە تەرىپلىسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.لوپنۇر ھەقىقەتەن شۇنداق تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان ئۆزگىچە گۈزەل جاي.
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەت تاپسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش