جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 6

كېندىك ئۇسۇلىغا يانداشقان خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 93
تۆھپە : 2
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 01:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىندىك ئۇسۇلىغا يانداشقان خىياللار

گۈزەلنۇر مۇتەللىپ

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانداق ئىش ئىكىن بىزنىڭ سەھنىللىرىمىزدە ،توي-تۆكۈنلىرىمىزدە قانداقتۇر بىر خىل يېڭىچە ئۇسۇللار ئوينىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ قېتىممۇ ئىدارىمىزدا بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسگە قاتناشتۇق. ئارلىقتا رىياسەتچىنىڭ ياڭراق ئاۋازدا  ئېلان قىلىشى بىلەن ئۇماق بىر ئۇيغۇر قىزى سەھنىدە پەيدا بولدى. قىزنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى. لېكىن ئۇنىڭ كىيىۋالغان ئۇسۇل كىيىمى ئادەمنىڭ كۆڭلنى بىئارام قىلاتتى.قىزچاق ھەربىر قېتىم قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ چۆگىلىگەندە ئۇنىڭ كېنىدىكى بىلەن قوساق قىسمنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئېچىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قارىغانچە كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇللار سەھنىلەردە بارغانسېرى كۆپىيىپ ،قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۇيغۇر ئۇسىلى ھەققىدە خاتا چۈشەنچىگە ئىگە قىلماقتا. نامى چىقىمىغان بۇ ئەرتىسلىرمىز بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تونۇتماقچى بولۇشماقتا. ئويلاپ باقايلى بىزنىڭ تونۇلغان داڭلىق ئۇسۇل ئەرتىسلىمىزدىن رەيھانگۈل ئابلىز،تۇرسۇنئاي ئىبراھىم ، دىلنار ئابدۇللا ،ئامانگۈل سىدىق.....بۇلار قاچان سەھنىدە بۇنداق شەكلىدىكى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ كىندىك ئۇسۇلى ئويناب باققان پەقەت شۇلارلا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلىمىزغا ھەققىي ۋەكىللىك قىلالايتتى. شۇڭا بىز ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دۇنياغا ئۆزىنى جۈمىلىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇتقان ئىدى. ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  بىز ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى يۇيماقچى بولىۋاتىمىز. كېنىدىك ئۇسۇلى ئەسلى ئەرەپلەرنىڭ شۇنداقلا ھىندىلارنىڭ ئۇسۇلى ئىدى. بىزنىڭ ئەقىلىسىز ياشلىرمىز پەقەت نام چىقىرىشنىلا ئويلاب شۇنچە كۆركەم ،نەپىس ئۇسۇل كىيىملىىرنى تاشلاپ قويۇپ ،ھەممە يەرى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ كوچا-كويلاردا ئۇسۇل ئويناپ ،ھەققىي ئۇيغۇر ئۇسۇلغا داغ تەككۈزمەكتە.ھەتتا بەزىلەر بۇنى تېخى زامانىۋېلىشىىش دەپ ئاتىماقتا.ھېچ بىلمىدىم بۇ قانداق زامانىۋېلىشىش، قانداق  ئېچىۋېتىش .توغرا زاماننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققياتى بىزنى زامانىۋېلىششقا،غەرىبنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى ئۈگۈنىشكە چاقىرماقتا.ئەمما بۇ دىگەنىلىك ھەرگىزمۇ پۈتۈن بەدەننى ئېچىۋېتىش دىگەنلىك ئەمەستە. ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل كىيىملىمىز بىلەن ئوينالغان ئۇسۇل ناھايىتى لەرزان چىقار ئىدى.ئەمما يېرىمى يوق بۇ كىيملەر بىزنىڭ ئۇسۇلىمىزنى بۇلغىماقتا. نامى چىقىمىغان بۇ ئەرتىسلىرمىز بۇ نوقتىنى چۈشەنمەي يۈرمەكتە. مەن ئويلايمەن ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ نامى چىقمايدۇ. بىلمىدىم. بۇ قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ. ئەجىبا ئىدىيىسى بىلەن تېنى قوشۇپ ئېچىۋېتىلگەن بۇ قىزلار كەلگۈسىدە ئانا بولماسمۇ؟ بۇنداق قىزلارنىڭ تەربىيىسدە قانداق بالىلار يېتىلىپ چىقار؟ ئۇلار 12 مۇقامنىڭ نىمە ئۈچۈن دۇنياغا  تونۇلغانلىقىنى بىلسە ئىدى. ئۆزلىرىنى ، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداشنى بىلگەن بولاتتى.





Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  558
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 158
تۆھپە : 2
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 11:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز  ،  بۇنداق غەيرى ئەھۋاللار  بىزنىڭ  سەنئىتىمىزدىكى مىللىي خاسلىقىمىزغا  نوقسان  يەتكۈزمەكتە !  ماقالىڭىزدە  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان  موھىم  بىر  مەسىلىنى  ئىنكاس  قىپسىز  .  قەلىمىڭىزگە ھەشقاللا !

ھايات - مەڭگۈلۈك ناخشا ، ئەمما  ئۇنىڭ مۇقۇم نوتىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن ئاھاڭى بولمايدۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 135
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 20:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايانلارنى ئوقۇپ ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەدئەلى زۇنۇننىڭ مۇنۇ رۇبائىيسى ئېسىمگە كەلدى:

نىپىزلىك-زىننىتى يۈزنىڭ،ئەمەس ئۇ داپ ۋە يا ناغرا،
تەققەززا ئەيلىگەي شەرم-ھايا كىندىك بىلەن ساغرا.
ئېچىلسا كىندىكىڭ،مەيدەڭ،بۆلەكچە تەۋرىسە ساغراڭ،
ئىزادىن بولدى ئەت-جانىم تۇنۇر قوينىدىكى زاغرا.
________مۇھەممەدئەلى زۇنۇن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 93
تۆھپە : 2
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەدئەلى زۇنۇننىڭ بۇ رۇبائىسى ھەجەپمۇ ياخشى يېزىلىپتىكەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 984
تۆھپە : 1
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېلىپتىن چىقىش ئەدەبىياتتىمۇ،يۇقۇردا دېيىلگەندەك ئۇسۇل سەنئىتىدىمۇ بولىۋاتىدۇ.ھامىنى ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىق رەسمى گال سىقىشىدىغان ھالەتكە يەتمەي قالمايدۇ. بۇ  مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ روھىمىزدىكى قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كەلگۈسىدە ئەۋلادلىرىمىز بايقىغاندا يېڭى مەنىدىكى گۆھەر-مىللى ئەنئەنىنى ئاختۇرۇش،قېزىشقا باشلايدۇ....دېگەنلىك.ھازىرچە،يوقاتمىغۇچە قەدرى بولمايدۇ دەپ......مىللى مەدەنىيەتنىڭ يوقسىزلىقى،كەمبىغەللىكىنى تارتىپ باقمىدى......ئۆزىنىڭ گۆھىرىنى ئۆزى تاشلىۋېتىشنىڭ قەدرى كەلگۈسىدە بەكمۇ ئۆتۈلىدۇ....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 317
تۆھپە : 1
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 09:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىگىدەك بىر مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ ماقالىدىن سۆيۈندۈم .
مەنمۇ بىر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان  پائاليەتتە ياش بىر سەنەت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ، ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلار يىغىلغان بۇ سورۇندا قىلچە تەپ تاتماي مۇشۇنداق ئۇسۇل ئوينىغىنىنى كۆرۈپ تولىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلغان ئىدىم.
گەرچە ئەن- ئەنە كۇنىلىقتەك تۇيۇلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدا مىللى خاسلىقىمىزنىڭ بېباھا خىسلەتلىرى جەملەنگەن. ئۇ گويا بىر يىلتىز ، يېڭىلىق بولسا ئەنە شۇ قەدىمى شاخنىڭ غولىدىن كۆكلەپ ئېچىلغان زامانىۋى چېچەك خالاس. شۇڭا ئەن- ئەنىگە پەشۋا ئېتىپ ھەممىنى ئىنكار قىلىش پۇزۇتسىيەسىدە بولۇش، خامۇشلىق سۈيىنى ئىچىپ، ئەقلى قۇرۇتلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىشى دەپ قارايمەن.

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 93
تۆھپە : 2
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپچىلىكنىڭ ماقالەمنى ياقتۇرغانلىقىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.ماقالەمدىكى ئاشۇ ياشلىرىمىز قاچانمۇ ئۆز ئەسلىنى تېپىۋالار؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش