كۆرۈش: 227|ئىنكاس: 2

ئەدەبىي تىلنىڭ پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 00:42:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تىلنىڭ پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا   
      

- يازغۇچى نورى مۇھەممەد توختى بىلەن سۆھبەت



مۇھەممەت چاۋار



ھۆرمەتلىك نورىمۇھەممەد :

سىزنىڭ مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئەدەبىي تىلنىڭ پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا يازغان خېتىڭىزدىن چەكسىز سۆيۇندۇم.كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى بۇخەت بىر يازغۇچىنىڭ ئىستىتېىك  ئىجادىيەت قارىشىنى ئىپادىلەپلا قالماسدىن ،بەلكى ئۇ بىزنى يەنە ئىجادى خاسلىقنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.خۇددى سىز ئىيتقاندەك،ئەدەبىيات ئالدى بىلەن تىل سەنئىتىدۇر.ئەدەبىياتتىكى ھەممە نەرسە ئىيتايلۇق،تۇيغۇ،ھېسسىيات،تەسەۋۋۇر،ئىدىدىيە،ئوبراز،ئىرادە،ۋە خاراكتىرنىڭ بارلىقى تىل ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.تىلسىز ئەدەبىياتنىڭ بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.ئەدەبىياتنىڭ ھەممە سىرى تىل مۇھىتى بىلەن ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۈشۈرۈنغان بولىدۇ.ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ مۇشۇ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئەڭ سەزگۈر رۇھىيىتى بىلەن سۆزلىشىدۇ.

مەشھۇر جەمئيەتشۇناس ئالۋىن.توفلىرئىيتقاندەك،بىلىم،بايلىق ۋە ھۆقۇق قوشۇلۇپ تەڭداشسىز كۈچ ھېساپلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە (ئالۋىن.توفلىر«كۈچنىڭ يۆتكىلىشى»ناملىق ئەسىرىدىن)بىز بىر ئۆمۇر نامرات تۇرۇپمۇ سەۋدايىلارچە مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيۋاتقان،ئەدەبىيات دۇنياسىنىڭ ئەشۇ ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنسەك ئارتۇق كەتمەس،ئورۇنسىز بولماس.شۇ ۋەجىدىن سىزدەك ئۆز خەلقىنىڭ تۇرمۇش تىلىنى بەدىئىي ئىجادىيىتىنىڭ گۈزەللىك ۋاستىسى قىلىپ،تەكرار كۈچەيتمە سۆز جۈملىرى بىلەن سۇبىكىتنىڭ ئىستىتېىك ھېسسىياتىنى كونكىت سەنئەت گۈزەللىكگە كۆتۇرۇپ،ئۈنۈم قازىنىۋاتقان يازغۇچىنى بەدىئىي تىلنىڭ پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئىلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئوبىكتى دەپ ھېساپلىدىم.خېتىڭىزدە ئىيتىلغاندەك يازغۇچى،شائىرلار ئىجادىيەتكە كىرىشكەندەئەنئەنىۋى ئادەت كۈچى يېتىشتۈرگەن،ئالدىن بەلگىلەنگەن ھەرقانداق قائىدە-يۈسۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.بۇ يەردە ئۇ بىلىسىزكى،بىر ياراتقۇچى ئىلاھ سۈپىتىدە ھەممە نەرسىنى يېڭىۋاشتىن يارىتىدۇ،باشقىدىن تۇغىدۇ.ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئەركىن ئىلكىدە بولىدۇ.بۇ ئەركىنلىك ئالىمىنىڭ ھەربىر قەسىرىدەيۈز بەرگەن كارامەتلەر تامامەن تىلدىن ئىبارەت خىسلەتلىك پەرىشتىنىڭ خاسىيىتىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن مۇئەييەن شارائىتتا تىلنىڭ گۈزەل بولۇش – بولماسلىقى پۈتكۈل بەدىئى ئىجادىيەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.

سىزگە ئايانكى،يازغۇچى،شائىرلار تەرىپىدىن رۇياپقا چىقىرىلغان بارلىق ئەدەبى ئەسەرلەر كەم –كۈتىسىز تىل بىلەن ئىجادىيەت رۇھىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى،ئۇ فىزىكىلىق،فزولۇگىيىلىك،پىسخىك ۋە مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ.ئەدەبىيات ئىپادىلىگەن مۇھىت – تەبىئىي مۇھىت(فىزىكىلىق زامان ،ماكان) ۋە پىسخىك مۇھىت(پىسخىك زامان،ماكان)دىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن تەشكىل تاپىدۇ.بەدىئى مۇھىت فىزىكىلىق زامان ،ماكاننىڭ پىسخىك زامان ،ماكاندىكى ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر.

ئىنساننىڭ ھېسسىياتى تەڭداشسىزكۈچ.بەدىئى ئەدەبىياتتا ھېسسىيات پەقەت تىل ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ.بۇ يەردە تىل ئىددىيە،ئوبراز،تۇيغۇ،ھېسسىيات،تەسەۋۋۇر ۋە ئىرادىنىڭ يورۇتقۇچىسى.

ئەدەبىيات گۈزەللىككە مەنسۇپ.شۇنداقلا ئۇ سەنئەتكە مەنسۇپ.ئۇ گۈزەللىك چىنلىق،ياخشىلىقنىڭ جارچىسى.سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى ئۆزلىرى ئىپادە قىلغان غايە،كەيپىيات ۋە بەدىئىي مۇھىتنى ھەمىشە بوياق، لاي،ھەرىكەت،قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ.بۇ«سەنئەت تىللىرى»بىۋاستە تەسىرچانلىققا ئېگە بولىدۇ.ھالبۇكى،ئەدەبىيات شۇ مىللەتكە ئورتاق بولغان تىل ئارقىلىق ۋاستىلىك ھالدا ئاشۇ سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز،ئاشكارا ۋە يۈشۈرۈن،ئېنىق ۋە ئېنىقسىز ئوبىېكتىپ ۋە سۇبىكېتىپ مەۋجۇتلۇقنى ئىپادىلەيدۇ.

شۇڭا،ئەدەبىياتنى چۈشۈنۈشتە ھەممىدىن ئاۋال تىلنىڭ پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشۈنۈشكە توغراكېلىدۇ.بۇ يەردە ئىيتىلىۋاتقان پىسخىك تىل تىلشۇناسلىق مەنىسىدىكى تىل بولماستىن ،ھەقىقى ئۆز مەنىسىدىكى ئەدەبىي تىلدۇر.بۇخىل ئەدەبىي تىل يازغۇچى ۋە شائىرلار نىڭ بەدەئىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدىكى ئەركىن ھالدا قوللىنىلغان،جانلىق،ھاياتىي كۈچكە ئېگەقائىدىسىز،ئۆزگىرىشچان،كۈچلۈك ئىندۇۋىداللىققا ئېگە تىل بولۇپ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئۇئىجاد قىلىنىۋاتقان تىلدۇر.شۆبىھىسىزكى مۇئەييەن مەنىدىن ئىيتقاندا، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ تىلى تىلشۇناسلارنىڭ تىلىغا نىسبىتەن «دۈشمەنلىك تۇيغۇسى»غا ئىگە.ئۇ كۈلەلەيدىغان، يىغلىيالايدىغان،ئۇخلىيالايدىغان،ئويغىنالايدىغان،گاھ تاتلىق،گاھ ئاچچىق،دەرياغا چۆكسە ئاقالايدىغان، كۆككە چىقسا چاقنىيالايدىغان،سۈزۈك ئاسماندا يامغۇرغا،قارلىق دالىداگۈلخانغا ئايلىنالايدىغان تىلدۇر.ئۇ تىلشۇناسلار نەزىرىدىكى تىلدەك قۇرۇق ئۇستىخان ئەمەس.

بەدىئىي ئەسەرلەردىكى تىل ئالدى بىلەن پىسخىك تىلدۇر.ئۇ كۈچلۈك كەيپىيات ئىچىدىكى ئوبرازغا ۋە ئوبراز ئىچىدىكى ھېسسىياتقا ئىگە تىلدۇر.

سىزنىڭ «قوشتاغدىكى مۇشائىرە»ناملىق ھېكايىڭىزنى ئىجادىيىتىڭىزدىكى بىر مۇۋاپىقىيەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا،سىزنىڭ بۇ ھېكايىدىكى ئاساسى مۇۋاپىقىيىتىڭىز نېمە؟توغرىسىنى ئىيتقاندا ئۇ سىزنىڭ ئىستىتېك مۇھىتدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىڭىز بىلەن ھېسسىياتىڭىزغا ماسلاشقان گۈزەل ،رەڭدار،جانلىق،كونكىرىت تۇيغۇغا ئىگە تىلنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن ئىبارەت.

ھېكايىڭىز مۇنداق باشلىنىدۇ:

بۇنىڭدىن توقسان يىل مۇقەددەم،گۈمىدىن ـ قوشتاققا چىقىدىغان تاغ يولىدا بىر پارچە ئاق بۇلۇت ئاستا – ئاستا تاغقا ئۆرلەپ كېلىۋاتاتتى.يىراقتىكى قىردىن قاراپ تۇرغان چىرايىنى قاراياغلىق بىلەن نىقاپلىۋالغان يوچۇن ئادەمگە ئاق بۇلۇت بۇشلۇقتا ئۈزۈپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۇندى.ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ،جەنۇپتا سوزۇلۇپ ياتقان تاغچوققىلىرىغا نەزەر سالدى.ئۇ ياقتا توپ – توپ ئاق بۇلۇتلار گويا ھاردۇق ئېلىۋاتقاندەك تاغ چوققىلىرىغا قونۇپ ئولتۇراتتى.يوچۇن ئادەم يەنە شىمالغا بۇرۇلدى.ئاق بۇلۇت ئۇنىڭغا قاراپ سوزولۇپ كېلەتتى...

...يوچۇن ئادەم قاردەك ئاق ئاتلارنى،ئاق شايى يەكتەكلەرگە ئورالغان گەۋدىلەرنى ئىلغا قىلدى.ئۇلارنىڭ سەللىلىرىمۇ قاردەك ئاق ئىدى.«راستىنلا ئاق بۇلۇت،پاكىز،غوبارسىز ئاق بۇلۇت» ئىكەن دەپ ئويلىدى ئۇ.

بىر پارچە سۈرەت،راستىنلا بىر پارچە شېئىر.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ يەردە سىز كىتاپخانغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ھەممە ئۇچۇرنى تولۇق يەتكۈزگەنسىز.ھەممە نەرسە ئېنىق،لىكىن ھېچنېمە ئېنىق ئەمەس.«ئاق بۇلۇتلۇق سەپ نېمىنى چۈشۈندۈرىدۇ؟بۇ يەردە سىز نېمە دېمەكچىسىز؟ئېنىق ئەمەس.كىتاپخان بۇنىڭدىن نېمىلەرنى چۈشىنىدۇ؟ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ.بۇ ئىستىتېك ھېسسىياتتىكى ئېنىقسىزلىق.بىراق،ھېكايىڭىزدىكى بۇ مەنزىرە ئىنتايىن رۇشەن،گويا بىر پارچە شېئىرى ھېسسىياتقا تويۇنغان سۈرەتنىڭ ئۆزى.سىز بۇمەنزىرىنى نېمىشقا باشقىچە يازماي،مۇشۇنداق يازدىڭىز؟باشقىچە يېزىشقىمۇ بولاتتىغۇ؟ياق ئۇنى باشقىچە يازغان بولسىڭىززىنھار بولمايتتىقويۇق شېئىرى ھېسسىياتقا تولغان كەيپىياتنى مۇشۇنداق يازماي يەنە قانداق يازغۇلۇق؟شائىرانە تۇيغۇ شائىرانە ھېسسىياتىڭىز مانا مۇشۇ «كۆۋرۇك»ئارقىلىق«مۇشائىرە»سورۇنىغاتوسالغۇسىز يېتىپ بارىدۇ.بۇ يەردە سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ئىنتايىن ئېنىق.بۇ ئىستىتېك ھېسسىياتتىكى ئېنىقلىقلىق.ئۇنىڭدىن سىرىت،بۇمەنزىرىدىكى«تاغ يولى»،«يىراقتىكى قىر»،«تاغ چوققىسى»،«يوچۇن ئادەم»بۇ ئېنقسىز.لىكىن «قاراياغلىق»،«ئاق بۇلۇت»،«ئاق ئات»،«ئاق شايى يەكتەك»،«ئاق سەللە»ئېنىق.يەنە شۇنىڭدەكبۇلارنى يېخىمۇ ئىلگىرلەپ،قاتلاملىق ئىستىتېك چۈشەنچىلىرى بويىچە تەكرار قاتلاپ چۈشەنسەك،ئوخشاشلا ئېنىقلىقلىق بىلەن ئېنىقسىزلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولىمىز.ئەمەلىيەتتە بۇ تەسۋىردىكى ئەدەبىي تىلىڭىزنىڭ يىرىمى تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەشكە،يىرىمى سىزنىڭ پىسخىك ھېسسىياتىڭىزنى تەسۋىرلەشكە مۇجەسسەملەنگەن بولسىمۇ،ماھىيەتتە ئۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ ھېسسىياتقا تويۇنغان مەنىۋى مۇھىتىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.يەنە ئىيتايلۇق،بۇ ھېكايىنى قەغەزگە چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ ئىستىتېىك ھېسسىياتىڭىزبۇرۇن قوزغالغانمۇ ياكى قايسى سۆزلەردىن قايسى جۈملىلەرنى تۈزۈپ،ھازىرقىدەك تىل مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئىستىكى بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ؟ شۆبىھىسىزكى،سىزنىڭ يۈشۈرۈن ئاڭ قاتلىمىڭىزدائالدى بىلەن «مۇشائىرە»يېزىشتىن ئىبارەت ھېسسىيات ۋە كەيپىيات پەيدا بولىدۇ.قەلەمنى قولىڭىزغا ئالغاندا بولساسىزنىڭ بۇخىل ھېسسىياتىڭىز سىز ئىپادىلەۋاتقان تىلغا ئايلىنىپ،ئۇنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چۆكۇپ،ئاق قەغەزدە پەقەت يېزىقتىن ئىبارەت بەدىئىي بەلگىلا قالىدۇ.كىتاپخان ياكى ئۆزىڭىز بۇ ھېكايىنى قايتا ئوقۇغاندىن كېيىن كۆرۇش ۋە ئاڭلاش سەزگۈسى پەيدا قىلغان قايتا تەسەۋۋۇردىن سىزنىڭ ئەسلىدىكى ھېسسىياتىڭىز تىل مۇھىتىدا قايتا ئىجادىي تەسەۋۋۇرغا قوشۇلۇپ،باشقىدىن نامايان بولىدۇيۇقىرىقى تەسۋىردە سىزنىڭ روھى ھالىتىڭىز توختاۋسىز ھەرىكەتتە بولۇپ،تەبىئى بۇلۇت جىملىقتا،پىسخك بۇلۇت ھەرىكەتتە تۇرىدۇ.نەتىجىدە جىملىق تەگلىك سۈپىتىدە ھەرىكەت مۇھىتىنى تېخىمۇيارقىن گەۋدىلەندۈرىدۇ.قاردەك ئاق ئات،ئاق شايى يەكتەك،ئاق سەللە،ئاق بۇلۇت ھەممىسى سىزنىڭ مۇئەييەن ئىجادىيەت مۇھىتىدىكى كەيپىياتىڭىز ۋە ھېسسىياتىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان پىسخىك مۇئەييەنلىك. رۇشەنكى، يازغۇچىنىڭ مەلۇم مۇددىئا ئاساسىدىكى تىل پائالىيىتى مۇئەييەن ئىستىتېك سىما ۋە كەيپىياتقا ئىگە بولىدۇ.بۇخىل كەيپىيات قانچە ئۆتكۇر بولسا ئۇنىڭدىكى پىسخىك ئوبرازمۇ شۇنچىلىك مول ۋە رەڭدار بولىدۇ.بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئاساسى يازغۇچىنىڭ رۇھىيەت تەجرىبىسىدىن ئىبارەت.بۇ تامامەن تۇيغۇغا باغلىق جەريان بولۇپ، ئەگەر يازغۇچى ئۆزرۇھى سەزگۈسىدەمۇشۇنداق مۇھىتنى،كەيپىياتنى ھېس قىلالىسا،ئۇ ھالدا،جەزمەن مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر چىنلىقىغا ئىگە بەدىئىي مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.

سىز خېتىڭىزدە كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك،«بىز قانچىلىك گۈزەل ۋە مۇۋاپىق سۆزلەرنى تاللىيالىساق،بىزنىڭ سېڭدۈرمەكچى بولغان ھېسسىياتىمىز ۋە ئەسەردە ھاسىل قىلماقچى بولغان كەيپىياتىمىز شۇنچە يارقىن ئىپادىلىنىدۇ».بەدىئىي ئىجادىيەتتە تىل بىلەن ھېسسىيات چەمبەرچەس بىرلىككە كەلگەن،تىل ھېسسىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.ئەسەردىكى ھېسسىيات،كەيپىيات پەقەت تىل ئارقىلىقلا سىرتىغا تەپچىپ تۇرىدۇ. ھېسسىياتسىز تىل بىلەن تەسىرلىك ئەسەر يېزىش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا، ئەدەبىي ئەسەر تىل بىلەن تىكلەنگەن ئىدراكى ئابىدە دېيىلىدۇ.

ئۇنداقتايازغۇچى،شائىرلار بەدىئىي ئىجادىيەتتەتىل پائالىيىتىنى قانداق تەشكىللەيدۇ؟قانداق تىل قوللىنىشى كېرەك؟مەن ئەدەبىي تىلنىڭ ئېغىز تىلىغا مايىل بولىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،تارىخدىن بۇيانشۆھرەت قازانغان نادىر ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكئېغىز تىلىغا مايىل بولۇپ،ئىستىتېك زوقلىنىش شارائىتىدازور قىزىقىش ۋە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە .بۇئەسەرلەرنىڭ كۆپۇنچىلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئېغىز تىلى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ،بەزىلىرى ھەتتابىۋاستە ئاۋام خەلقنىڭ«ھېكايە -قىسسە»لىرى  ئاساسىدا رەتلىنىپۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن.بىز ئەدەبىي تىلنىڭ خەلق تىلىغا مايىل بولۇشىدەك پىسخىك خۇسۇسىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگىنىمىزدە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مىللەتنىڭ ئېتنىك مەدەنىيەت ئاساسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىزئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئادەم مۇئەييەن ئېتنىك مەدەنىيەتكە مەنسۇپ.ئۇنىڭ ياشاش ئادىتى،پىكىر قىش ئۇسۇلى،ھېسسىياتلىنىش جەريانىنىڭ ھەممىسىئېتنىك مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت قۇرۇلمىسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئەمەس.كىشىلەر قانداق تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ياشىغان بولسا تەبىئىي ھالدا شۇنداق خاراكتىر يېتىلدۈرىدۇ.دېھقاننىڭ سۆدىگەردەك،تۆمۇرچىنىڭ ياغاچچىدەك،خوجايىننىڭ قۇلدەك،شاھنىڭ گادايدەك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.شەخسىنىڭ ھايات ئېتنىكىسى مۇقەررەريۈسۈندا ئۇنىڭ ئائىلە ئېتنىكىسى،دىن ئېتنىكىسى،جۇغراپىيىلىك مۇھىىت،مىللى ھايات،ۋە ئۇنىڭ پىسخىك ساھەسىدىكىشەكلەن ماددىي ئېتنىكىسى،شەكىلسىز رۇھى ھالەت ئېتنىكىسى ھەم ئېغىزتىلى ئېتنىكىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.ئادەتتە ئېتنىڭ مەدەنىيەت يېزىق بىلەن قىلىپلاشمىغان يېزىقسىز تۇرمۇش قائىدىسى.بېلىنىسكى مۇنداق دەيدۇ:«ئۆرپ –ئادەت بىرخىل مۇقەددەس، دەخلسىز،مۇھىت بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىن باشقا ھەرقانداق ھوقۇققا باش ئەگمەيدىغان نەرسىدۇر. («بېلىنىسكى:«ئەدەبىيات خىياللىرى»دىن).

مىللەتنىڭ ئېغىز تىلى ئېتنىك مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.ئۇنىڭ ئەدەبىي تىل بىلەن بولغان پەرقىنىڭ چىگرىسى تېخىچە ئېنىق بىكىتىلگىنى يوق.نېمىنىڭ ئېغىز تىلى،نېمىنىڭ ئەدەبى تىل ئىكەنلىكى توغرىسىداداۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغراكېلىدۇ.مەن ئېغىز تىلىنى كەڭ ئاۋام خەلقنىڭ كۈندىلىك ئالاقىدا دايىم قوللىنىدىغان تۇرمۇش تىلى دەپ قارايمەن.

قاراڭ تۈتى ھېكايىسىنى باشلىدى:

بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشى بارئىكەن.ئۇ دايىم يەر ئاغدۇرۇپ،دېھقانچىلىق قىلىدىكەن.قۇمنى تاسقاپ،ئالتۇن ئايرىيدىكەن.باشقىلار رىسقىنى ئاسماندىن تىلىسە،ئۇ يەردىن تاپىدىكەن.ئۇنىڭ كۈنى تۇپراقنى تاسقاش بىلەن ئۆتىدىكەن.بىر كۈنى ئۇ دېھقان تۇپراقتىن بىر گۆھەر تېپىۋاپتۇ.ئۇ گۆھەر خۇددى قۇياشدەك پارقىراپ تۇرىدىكەن.دېھقان گۆھەرنى تېپىۋالغىنىغا ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ.قىممىتىنى بىلىش ئۇچۇن گۆھەرپۇرۇشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.گۆھەر پۇرۇش ئىلگىرى مۇنداق گۆھەرنى كۆرۇپ باقمىغىنى ئۇچۇن قىممىتىنى بىلەلمەپتۇ.

ـــ بۇگۆھەر ئىنتايىن قىممەت باھالىق گۆھەر ئىكەن.باھاسىنى مەن بىر نەرسە دېيەلمىگۇدەكمەن.سەن بۇ گۆھەرنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئىلىپ بارغىن،پادىشاھنىڭ ئەتراپىدىكىلەرئۇنىڭ قىممىتىنى بىلىشى مۇمكىن. پادىشاھ سېنىڭ گۆھىرىڭ ھەققىگە نۇرغۇن ئالتۇنلارنى بېرىپ،سېنى گادايلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ- دەپتۇ.

دېھقان گۆھەر پۇرۇشتىن بۇسۆزلەرنى ئاڭلاپ،پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا يول ئاپتۇ.يولدا ئۇنىڭغا تۆت كىشى ھامراھ بولۇپتۇ.كەچ كىرگەندە،ئۇلار بىر دەرەخنىڭ قېشىدا ئۇخلاپ قېلىشىپتۇ.بۇ چاغدا ھەمراھلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ گۆھىرىنى ئوغرىلىۋاپتۇ.كىش ناچار ئادەملەر بىلەن ھەمراھ بولسا ھامان ئۇنىڭ كاساپىتىگە ئۇچرايدۇ.غەپلەتتە قالغان كىشىلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ....(«تۈتىنامە»دىن ) .

بۇ يەردە قاتمال ،جانسىز سۆزلەر يوق.كۆرۈپلا بىلىۋالغىلى،ئاڭلاپلا چۈشۈنىۋالغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىكى ساددا گۈزەللىك ناھايتى زور بەدىئىي ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇپ،زاماندىن –زامانلارغا تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنداقتا بۇ ئەدەبىي تىلمۇ ياكى ئېغىز تىلىمۇ؟بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى قەيەردە؟ھۆكۇم قىلىشقا بولىدىكى ئۇ ئېغىز تىلى ھەم ئەدەبىي تىل.توغرىسىنى ئىيتقاندا،ئۇ خەلق تىلىغا مايىللاشقان ئەدەبىي تىلدۇر.ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىدىن زۇنۇن قادىرى،تۇردى سامساق،زوردۇن سابىر،ئەختەم ئۆمەر،مۇھەممەد باغراش،ئەخەت تۇردى قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىكى ئەدەبىي تىلدىن نېمە پەرقى بار؟تىشۇناسلار «خەلق تىلىنى پىششىقلاپ ئىشلىمەستىن ئەدەبىي تىلغا كىرگۈزگىلى بولمايدۇ»دەوپ قارايدۇ.ئۇنداق بولسا بىز ئەدەبىياتتا نېمىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىدۇق،پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلى مەنىسىدىن قارىغاندا خام ماتىرىيالغا ئىش قوشۇپ، شەكىل جەھەتتە ئۆزگەرگەن يېڭىچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش دېگەنلىك بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىز خەلق تىلىدىن پايدىلىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىمىزدا،يېڭىچە ھېچنېمە ئىشلەپچىقارمىدۇق.بەلكى ئۆز ھېسسىيتىمىز ۋە كەيپىياتىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن ،خەلقنىڭ ئېغىز تىلىدىكى سۆزلەرنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ،بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ مەقسىدىگە ماس كېلىدىغان تىل مۇھىتىنى شەكىللەندۇردۇق.ئۇقۇم جەھەتتىن بۇ پىششىقلاپ ئىشلەش بولماستىن ،قايتىدىن بىرىكتۈرۈش دېيىلىدۇ.سىزنىڭ «ئالتۇن»ناملىق ھېكايىڭىزدىكى مۇنۇ دىئالوگنى كۆرۇپ باقايلى!

ـ سەلەي تۆگىچىنى  ئالتۇن تېپىۋاپتۇ دېيىشىدىغۇ...

ـ مەن ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم ،مۇشتۇمدەك كېلىدىكەن.

ـ نەدىن تېپىۋاپتۇ؟

ـ يوقاپ كەتكەن تۆگىسىنى ئىزدەپ بارغاندا «كوزا پۇچۇقلۇ»دىن ئۇچراپتۇ.كونىلارنىڭ ئىيتىشىچە بۇ چۆلدە «غايىپ خەزىنە »بارمىش.

ـ ھەي،كۆرمەمسەن ئۇنى،ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىغا پۇلاڭشىتىپ ئېسىپ قويۇپتۇ.كۆتۇرۇپ دەڭسەپ كۆردۇم كەم ئەمەس بىر جىڭ كېلىدىكەن...

ـ ھو،ئەخمەق...

سىز بۇ دىئالۇگلارنى پۈتۈنلەي خەلقنىڭ ئېغىز تىلى ئاساسىدا يازغانسىز.بۇ ئېغىز تىلى ئەدەبىي تىل ھېساپلىنامدۇ؟سىز بۇ يەردە نېمىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىدىڭىز؟ئەمەلىيەتتە سىز ھېچنېمىنى پىششىقلاپ ئىشلىمىگەنسىز.سىزنىڭ بۇ يەردىكى ئىجادى ئەمگىكىڭىز پەقەت بەدىئىي ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئېھتىياجىدىن خەلقنىڭ ئېغىز تىلىدا ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان تۇرلۈك سۆزلەرنى سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز بۇيىچە قايتىدىن بىرىكتۈرىدۇ.

شۇنداق،ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىشلىتىلگەن ئېغىز تىلى كۈندىلىك تۇرمۇشتادائىم قوللىنىلىدىغان تەبىئى، غەيرىي رەسمى تىلدۇر.ئېتنىك مەنبەگە تەۋە بۇ تىلنى كىشىلەر تۇرمۇشتا كۈندەنەچچە مىڭ قىتىم سۆزلەپ،نەچچە مىڭ قىتىم تەكرارلايدۇ. ئۇنى مەنسەپدارمۇ، سودىگەرمۇ،دېھقانمۇ،باققالمۇ،ئوقۇتقۇچىمۇ،ئوقۇغۇچىمۇ،دوختۇرمۇ، ساتراشمۇ،يىگىتمۇ،قىزمۇ،بوۋايمۇ،مومايمۇ،خوجايىمۇ،مالايمۇئۆزى خالىغانچە،نېمىدە ئېھتىياجلىق بولساشۇنىڭدا ئىشلىتىدۇ.ئۇنى شۇمىللەت ئادەملىرىنىڭ ئالاقىسىدا تەرجىمە قىلىشنىڭمۇ،ئىزاھلاشنىڭمۇ  ھاجىتى يوق.ئەگەر بۇخىل تىل ئەدەبىي ئەسەرلەردە قوللىنىلسا،كىتاپخانلارغا شۇ ھامان كەيپىياتتا يېقىنلىق،سۆھبەتتە راۋانلىق،ھېسسىياتتا چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.ھېچكىم – ھېچكىمدىن سورىماستىنلايازغۇچى،شائىرلار ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق يەتكۈزگەن بەدىئىي ئۇچۇردىن بىمالال،رازىمەنلىك بىلەن بەھىرلىنەلەيدۇ.

«مەسۇم تۇمۇچۇققا بەش تۈپ سەگۈ تېرەك تەقسىم بولدى.يەنە كېلىپ قاندىغىنى دەڭ،ئون بەش يىللىق ـكۈن نۇرىنى توختاۋسىز ئون بەش يىل سۈمۈرۈپ،ئاسمانغا قاراپ توختاۋسىز ئون بەش يىل ئۆسكەن ھەقىقى قارا سەگۈ.

سىزنىڭ «بەش تۈپ سەگۈ تېرەك»ناملىق ھېكايىڭىزدىكى بۇ تىلدىن سىزنىڭ پىسخىك تىلىڭىزنىڭ نېگىزلىك خۇسۇسىيەتلىرى كۆرۇنمەمدۇ؟سىز ئون بەش يىللىق تېرەك دەپ يازسىڭىز بولاتتىغۇ؟يەنە نېمىشقا ئۈچ قىتىم تەكرارلايسىز؟ئەسەرنى قىسقا يېزىش كېرەك ئىدىغۇ؟ياق.بۇنىڭغا سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز يول قويمايدۇ.مۇبادا سىزبۇ جۈملىنى «ئون بەش يىللىق تېرەك دەپلا يازغان بولسىڭىز،ئۆز ھېسسىياتىڭىزغا ئاسىلىق قىلغان بولاتتىڭىزبىزمۇ ھېكايىدىن بۈگۈنكىدەك لەززەت ئالمىغان بولاتتۇق.سىز ھەقىقىتەن كۆڭۈلدىكىدەك تەكرارلىغان ئىكەنسىز.

ئېغىز تىلى ئەدەبىي ئەسەرلەردە بىرسۇناژلارنىڭ دىئالوگلىرىدىن سىرىت يەنە مەنزىرە تەسۋىرى، پىرسۇناژ تەسۋىرى،رۇھى ھالەت تەسۋىرلىرىدىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ.شۇنىڭدەك ئەدەبىياتتىكى ئوبراز چانلىق،تەسىرچانلىق، ئاھاڭدارلىق، ئىجاتچانلىق ئېغىز تىلىنىڭ ئۆزىدىكى ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.خۇددى سىز خېتىڭىزدە ئىيتقاندەك:ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئېغىزچە تىلنى كۆپ قوللىنىش سەۋەبىدىن ئۆز سۈپىتىدىن مەھرۇم بولىشى مۇمكىن ئەمەس.

ھۆرمەتلىك نۇرىمۇھەممەد:كۆرسىتىپ ئۆتۇش زۇرۇركى،ئۇزاقتىن بۇيان،ئەدەبىيات نەزىرىيە تەتقىقاتىدا، كىشىلەر ھەدېسە ئەدەبىي تىلنى شەكىل كاتىگۇرىيسىگە كىرگۈزۇپ، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھاراق بىلەن بوتۇلكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشۇتۇپ قويىۋاتىدۇ.مۇشۇ مەنتىقە بويىچە بولغاندا،تەبىئىكى ھېسسىيات ئالتۇن ،تىل جانسىز ساندۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە،تەييار ئالتۇن،تەييار ساندۇققا ھەرقانداق ۋاقىت،ھەرقانداق جايداھېچقانداق جەۋرى – جاپاسىزلا قاچىلىنىدۇ.بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك گەپ.بۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئىستىتېكا ساھەسىدىكى يېڭى بىر تەتقات نەتىجىسىنى قەيىت قىلىشنى زۇرۇر تاپتىم.

سەنئەتتىكى« شەكىل» «ھەرگىزمۇ مەزمۇننىڭ بىرخىل نوقۇل ھالدىكى« قاچىسى» ئەمەس.يەنى ھەرگىزمۇ ھاراق قاچىلايدىغان بوتۇلكا ئەمەس.سەنئەتتە مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتى ھاراقنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بىلەن ھاراقنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلىنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر.ياكى بوتۇلكىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بىلەن بوتۇلكىنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.مۇشۇ مەنىدىن ئىيتقاندا،مەزمۇننىڭ ئۆزى شەكىل،شەكىلنىڭ ئۆزى مەزمۇندۇر.سەنئەتكە نىسبىتەن ئىيتقاندا،سەنئەتنىڭ ئىستتېك شەكلى ئىستىتېك تەجرىبىنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلى بولۇپ،ئۇ بىرخىل ئىستىتېك تەجرىبە «قۇرۇلما»سىدۇر.مۇشۇ قۇرۇلمىغا تايىنىپ سەنئەتكارنىڭ ئاشۇ ئېنىقسىز،چۇۋالچاق،تەرتىپسىز تەجرىبىسى ئېنىق،تەرتىپلىك ئىچكى ھاياتقا تولۇپ تاشقان تەجرىبە گەۋدىسىگە ئايلىنىدۇ.مۇشۇ قۇرۇلمىغا تايىنىپ،سەنئەتكارنىڭ ئاشۇ گۇڭگا،تۇرغۇنسىز،تۇتۇش قىيىن بولغان ھېسسىيات تەجرىبىسى نامىنى ئاتىغىلى بولىدىغان، يەتكۈزگىلى بولىدىغان ھېسسىيات ئەندىزىسى بولۇپ تۇراقلىشىدۇ.

بۇ دەل بىزنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىمىزنىڭ ئومۇمى يەكۈنى ئەمەسمۇ؟

ئەدەبىي تىل يازغۇچى .شائىرلارنىڭ قانىتى.مۇبادا مۇشۇ قانات«تىرىك» بولسىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ «تىنىچلىق كەپتىرى»كۆك ئاسماندا مەڭگۈ ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ.

خەيرىيات،ماڭا مەدەت بەرگەيسىز.



                          1998-يىلى4-ئاي،خوتەن


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 971
تۆھپە : 4
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 15:54:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ يىزىقچىلىق كۆز قارىشى ئېنىق، ئاددىي ئوخشىتىشلار بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلىنىپتۇ. يازغۇچىمىزنىڭ ‹ شەھلا كۆز›، ‹ قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا›، ‹ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ›   ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ تەسىراتى ھازىرغىچە يوقىغىنى يوق. مۆھتىرەم يازغۇچىمىزغا، ساقلىق، بەرىكەت يار بولسۇن.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇن

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1215
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3085
تۆھپە : 1
توردا: 543
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 15:18:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ماقالە ئەدەبىياتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە ياتىدىغان موھىم مەسلىنى دەلىللىگەن ماقالىكەن شۇڭا بەھرلىۋالدىم.شۇنداقلا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماقالە ئىكەن شۇڭا ھەمبەھرلىۋالدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش