بۇ مىسرالار ئەسلى ھەم ھەسىرەتلىك ھەم مۇزىكىدار، ھەم نەفىس، ھەم ئاھاڭدار ئىدى.
ئەركىن، دوستۇم ئادىل تۇنيازنىڭ شېئىرلىرىغا مەنمۇ سىزدەك قاراشتا ئىدىم. گەرچە گەپ خىمېنېزنىڭ شېئىرلىرى ئۈستىدە كېتىپ بارغان بولسىمۇ مەن ئادىلنىڭ شېئىرلىرىمۇ سىز خىمېنېزنىڭ شېئىرلىرىنى سۈپەتلىگەنگە ئوخشاش سۈپەتلەشكە بولىدۇ دەپ قارايمەن. يۇقۇرقى بىر جۈملىدە مېنىڭ كۆڭلىمدىكى سۆزنى ئېيتىپسىز.قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە ئادىلنىڭ شېئىرلىرى ھەم ئەۋىرشىم، ھەم يۇمشاقلىقى بىلەنمۇ مېنىڭ دىققىتىمگە ئالاھىدە سازاۋەر. دوستىمىز ھازىر نىمە قىلىۋاتىدىكىن ئۇزۇن بولدى كۆرۈشەلمىگىلى...
مەن خىمېنېز توغىرىسدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىردا ئۇچراشقان بولساممۇ،ئانا تىلىمىزدىكى تەرجىمە شېئىرلارنى كەمدىن كەم ئۇچراتقان ئىدىم.بۇ بوشلۇقنى سىز تولدۇرۇپسىز مانا، سىزگە تەشەككۈر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-8 14:49
|