تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت
غىلاجىدىن ئوسمان
بۈركۈت بوۋاي
ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى تۇنجى ئۇچراشقان كىشىگە سىپايە كۆرۈنسىمۇ ، سىرلىق تەسىر بېرەتتى. نەزىرى ئۈستۈن، چۇس مۇجەز بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن ۋۇجۇدىدا ئۆزىگە مۇناسىپ خاسلىق ۋە بىر خىل غەيرى ئۆزگىچىلىك گەۋدىلىنىپ تۇراتتى .
ـ گەپنى نەدىن باشلايمىز ؟ ـ دېدى ئالىم سالام ـ سەھەتتىن كېيىن، قارچۇغىدەك قادىلىپ قاراپ
ـ نەدىن باشلسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .
مىرسۇلتان ئەپەندى تەييارلىۋالغان تېزىسنى ئوقۇغاندەك ، تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەپ، پارىڭىنى باشتىن باشلىدى . 1950 ـ يىللاردىن 2000 ـ يىللارغىچە بولغان يېرىم ئەسىرلىك دەۋر كۆز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك تىزىلىپ ئۆتۈپ ، ئالىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يوللىرى نامايەن بولدى .
ـ سەكسەنگە يېقىنلىشىپ قاپتىمەن ، ـ دەپ سۆزىنى يەكۈنلىدى ئالىم ، ـ خۇداغا شۈكۈر ، ھېلىمۇ پۇت ـ قولۇمدا ماغدۇر بار . ھازىر« تۈ*ركى تىللار دىۋانى » نى چوڭ فورماتلىق بىرلا توم قىلىپ قايتا نەشر قىلىشقا تەييارلىماقچى بولىۋاتىمىز ، لېكىن دىۋاننىڭ تۇنجى نەشرىگە قاتناشقان چوڭلارنىڭ بەزىلىرى كېتىپ قالدى ، بەزىلىرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . شۇڭا ، بۇ خىزمەتكە مېنىڭ ئازـ تولا ياردەم قىلىشىمغا توغرا كېلىۋاتىدۇ .
ـ مىرئەپەندى ، ھازىر مېنىڭ كۆز ئالدىمغا قونداقتا تەنھا ئولتۇرغان بىر قىران قارچۇغىنىڭ سىماسى كېلىپ تۇرىدۇ . سىزنى قارچۇغىدەك قىران بوۋاي دېسەم ، قانداق دەيسىز؟
ـ ئۇكام ، قىران قارچۇغىنىڭ زامانى ئۆتتى ،قېرى بۈركۈتنىڭ دەۋرى يەتتى . مېنى بۈركۈت بوۋاي دېسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .
ـ ئوبدان ، بۈركۈت بوۋاي !
چىرايلىق تىل
تىل ئالىمى مىرسۇلتان ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىيالېكتىنى بىر ئۆمۈر چوڭقۇرتەتقىق قىلغان،ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بېيىتىشتا تىنماي ئىزدىنىپ ، زور تۆھپە قوشقان كۆيۈمچان تىل پەرۋىشكارى .
ـ ئالىم ئۇستاز ،ئېيتىپ بېقىڭا ، ھازىر دۇنيادىكى تۇر*كى تىللار ئائىلىسىغا كىرىدىغان تىللارنىڭ سانى قانچە ؟
ـ تۇر*كى تىللار قوللىنىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، قوللانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئالتاي تىلى سېستىمىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . دۇنيادىكى تۈ*ركى تىللار ئائىلىسىدە 10 چوڭ تىل، 20 نەچچە كىچىك تىل بولۇپ ، جەمى 30 دىن ئارتۇق تىل بار .
ـ مۇشۇ تىللارنىڭ ئىچىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە جۈملە قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئالغاندا ، قايسى تىل ئەڭ چىرايلىق ؟.
ـ ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇر تىلى ئەڭ چىرايلىق ! ـ دېدى ئالىم ھىچبىر ئىككىلىنىپ تۇرماستىن .
ـ چىرايلىق ئۇيغۇر تىلى ئىچىدە چىرايلىق شىۋىمۇ بارمۇ ؟
ـ بار، ـ دېدى ئالىم كەسكىن رەۋىشتە ، ـ مەركىزى دىيالېكىتنىڭ بىر شىۋىسى بولغان قۇمۇل تىلى ـ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇمشاق تىل ، ئۇنى چىرايلىق شىۋە دېيىشكىمۇ بولىدۇ . چۈنكى «سىز» دېيىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى بەزى دىيالېكىتلاردا « سىلى » ، بەزى دىيالېكىتلاردا «ئۆزلىرى» دېيىلسە، قۇمۇل تىلىدا «ئۆزلىرىلە» دېيىلىپ ، ھۆرمەت ئۈستىگە ھۆرمەت مەنىسى ئۈستىلىدۇ .
ـ دېمەك ، ئۇيغۇر تىلى تۈ*ركى تىللارنىڭ مېغىزى بولسا ، قۇمۇل شىۋىسى مېغىز تىلنىڭ مېغىزى، چىرايلىق تىلنىڭ نېگىزى ئىكەن ـ دە !
ـ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ ،قۇمۇل تىلى ـ يۇمشاق ھەم ئەۋرىشىم تىل .
ئورنىنى تاپالمىغان ئاتالغۇ
لۇغەتشۇناس ئالىم ئەمدىلا قولىدىن چىققان « ئۇيغۇرچە ـ خەنزۇچە چوڭ لۇغەت » ھەققىدە توختىلىپ، بۇ لۇغەتنىڭ باش تەكشۈرگۈچىسى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدىكى بەزى تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە ھازىر بەزى ئېلان ۋە ۋىۋىسكىلاردا ياۋا سۆزلەرنىڭ كۆپىيىپ ، ئىلگىرى قوللانغانـ قوللانمىغان ئەرەپچە ـ پارسچە سۆزلەرنىڭ قارىسىغا قېزىپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىدىن خاۋاتىرلەندى . شۇنداقلا، ھازىر تەرجىمە ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان بەزى سۆز ـ ئاتالغۇلارنىڭ ئۆز ئورنىنى تاپالماي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى .
ـ مېنىڭچە ، ـ دېدى ئالىم جىددى قىياپەتتە ، ـ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆز ئورنى ـ ئۆز ئۈۋىسى بار . ئۇۋىسىدىن قاڭقىپ كەتكەن سۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ ، خەلق ئىستىمالىدىن قېپقالىدۇ . ھازىرتەرجىمە ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان « ئىناق » سۆزى زومۇ ـ زو ، كەلسە كەلمەس قوللىنىلىپ ، ھەممە ساھەگە يامىراپ كەتتى . بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە قايتىدىن قاتتىق ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ !
ـ مىرئەپەندى ، ـ دېدىم مەن باشقىلارنىڭمۇ بۇ ئاتالغۇغا ئىچى پۇشۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ ، ـ تارىم ژورنىلىنىڭ يېقىنقى بىر سانىدا چىققان ماقالىسىدا ، تەتقىقاتچى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى « ئىناق » دېگەن ئاتالغۇغا كۆڭلى ئۇنىماي، ئىسكوپكا ئىچىدە « ئۇيغۇن» دەپ ئىزاھ بەردى . ئەگەر بۇ ئاتالغۇ ئالدىڭىزغا كېلىپ قالسا ، سىز نىمە دەپ ئىزاھ بەرگەن بولاتتىڭىز؟
ـ مەن بۇ سۆزگە ئىزاھ بېرىپ ئولتۇرمايىتتىم ، كونتېكىسىتكە قاراپلا ، «ماس » ، « ماسلىق»، «ماسلاشماق» ، « ماس كەلمەك » دېگەن سۆزلەر بىلەن ئالىۋىرەتتىم . چۈنكى ،«ماس » سۆزى ئومۇمىي جانلىق ـ جانسىز شەيئىلەرگە قارىتا ، «ئىناق » سۆزى جانلىق ، ھېسىياتلىق نەرسىلەرگە قارىتا قوللىنىلىدۇ .
ـ توغرا ئېيىتتىڭىز! ـ دېدىم مەن خۇرسەن بولۇپ ، ـ سۆزىڭىزنىڭ جېنى بار، «ئىناق» ـ جانلىق ـ تېنى بار . ئۆز ئورنىنى تاپمىغان ئاتالغۇنىڭ غېمى بار !
ئوبراز شەھەر
دىيالېكىتشۇناس ئالىم مىرسۇلتان ئەپەندى گەپ ئارىلىقىدا ، ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر يىغىپ توپلىغان خوتەن ۋە لوپنور خەلق قوشاقلىرىدىن ئۆرنەكلەر كەلتۈردى .
مەن ئالىمنىڭ خوتەن شىۋىسىدا سۇدەك سۆزلەپ كەلتۈرۈۋاتقان مىساللىرىغا سۆيۈنگەن ھالدا قۇلاق سېلىپ ، بىر مەھەل قىزىقىپ قاراپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىمگە پۈكۈپ كەلگەن بىر سوئالنى سوراپ قالدىم ؛
ـ مىر ئەپەندى ، سىزنى ياغاچ قولاق تارانچىمىكىن دەپ يۈرسەم ، بىينى بىي دەيتقان خوتەنلىككەن دېيىشىدىغۇ ، راستمۇ ؟
ـ راس بولسا نېمىبوپتۇ ، يالغان بولسا نېمىبوپتۇ ؟ ـ دېدى ئالىم ئۇستاز كۈلۈمسىرەپ ، ـ غۇلجا شەھىرى ـ ئالتە شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يىغىنچاقلانغان ئوبراز شەھەر ، غۇلجىدا ئالتە شەھەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋەكىل بار. تارىختا غۇلجا شەھىرىگە نەلەردىن كىملەر كېلىپ ماكانلاشمىغان دەيسىز ؟ بوۋامدىن ئاڭلىشىمچە ، بوۋىلىرىمنىڭ بوۋىلىرى ئىلى دىيارىغا خوتەندىن كۆچۈپ چىققانىكەن .
ـ ئالىم ئۇستاز ، 1991 ـ يىلى ھەم 2004 ـ 2006 ـ يىللىرى سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك مول ئەجرىڭىزنىڭ مېۋىسى بولغان « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىتلىرى » ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكتى » ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى» ناملىق توملىرىڭىز نەشردىن چىقىپ ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى . بۇ ئىلمىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا دەۋر بۆلگۈچ تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . مۇشۇ كىتاپلىرىڭىزنىڭ تەتقىق قىلىنىش ، يېزىلىش جەريانلىرى ھەققىدە ئازـ تولا چۈشەنچە بېرىپ كەتكەن بولسىڭىز .
ـ ئۇكام ، مەن ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ۋەكىل خاراكتېرلىك جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئارىلىدىم . بۇ خىزمەت ئەللىكىنچى يىللاردىن باشلىنىپ ، ئىككى مىڭىنچى يىللارغىچە داۋاملاشتى دېسەممۇ بولىدۇ .
ـ ئۇنداقتا، دىيالېكىتلاردىن نېمىلەرنى تەكشۈرۈپ ، نېمىلەرنى توپلىدىڭىز ؟
ـ دىيالېكىتلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى تەكشۈرۈلۈشى ـ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ، فونېتىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ، ئەدىبىي تىلدىن پەرقلىق سۆزلىرى تەكشۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭدىكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئۈلگىلەر، مەسىلەن قوشاقلار، چۆچەكلەر ، تىل ئۆمەنلەش ( تىل كۆندۈرۈش ) ، ماقال ـ تەمسىللەر، تېپىشماقلار ، لاپ سۆزلەر يىغىپ توپلاندى .
ـ مىر ئەپەندى ، ھەر قايسى دىيالېكىتلاردىن توپلىغان خەلق قوشاقلىرىدىن يەنە بىرقانچە نەمۇنىلەر كەلتۈرۈپ باقامسىز ؟
ـ بولىدۇ . خوتەن ۋە لوپنور خەلق قوشاقلىرىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ باقايلى .
خوتەن قوشاقلىرى
ـ قېنى ئەمىسە ، بوۋىلىرىڭىزنىڭ بوۋىلىرى توۋلىغان قوشاقلاردىن ئازـ تولا مىساللار كەلتۈرۈپ باققان بولسىڭىز!
ـ ئوبدان . باشتا خوتەن خەلق قوشاقلىرىدىن كېلەيلى . ئۇنىڭ بىر مىسراسى يەتتە بوغۇمدىن ، بىر كۇبلىتى تۆت مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ . مەسىلەن ؛
ئۆتۈكەم مايماققا كەتتى ،
سىم بېخىنىڭ دەدىگە .
ئون جېنىمنىڭ بىيسى يوق ،
سەن خېنىمنىڭ دەدىگە .
قاشنى قاشقا ئۇلۇسا ،
دەيياغا كەۋرۈك بولغۇدەي .
بىزنى كۆيدۈرگەن خېنىم
دەۋزەققە تۈگرۈك بولغۇدەي .
ئۆزى كەلسۇن دەممىتۇ ،
سۆزى كەلسۇن دەممىتۇ ؟
قارىقاش دەيياسىدا ،
ئېقىپ ئۆلسۇن دەممىتۇ ؟
پىيالمنىڭ يولى يوق ،
يول سالارنىڭ ئورنى يوق .
كەسە كەسۇن ، كەمىسە يوق ،
مەن بايانىڭ ئورنى يوق !
قېيناتام ئوبدان گاداي ،
ھاپاش ئېتىپ باققۇم كېتۇ .
قىزىنى قوشاپ بەمىسە ،
چىشلىرىنى چاققۇم كېتۇ .
لوپنور قوشاقلىرى
ـ مىر ئەپەندى ، ئەمدى لوپنور قوشاقلىرى ھەققىدە توختىلىپ كەتكەن بولسىڭىز .
ـ لوپنور رايونىدا باشقا ئۇيغۇر رايونلىرىغا قارىغاندا قوشاق ۋە قوشاقچىلىق بەك تەرەققى قىلغان . لوپنورلىقلارنىڭ قوشاق قوشالمايدىغىنى يوق دېسىمۇ بولىدۇ . لوپنور قوشاقلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىككى خىل بولىدۇ . بىرىنچى خىلى ، بىر مىسراسى يەتتە بوغۇمدىن ، بىر كۇبلىتى ئالتە مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ . ئىككىنچى خىلى ، بىر مىسراسى ئون بىر بوغۇمدىن ، بىر كۇبلىتى تۆت مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ . مەسىلەن ؛
بۇغداينى ئاراسىغا ،
زاغۇن ئىلەنىپ كەتكەن .
مېنىڭ بىلەن سېنىڭدەك ،
كىم مۇرادىغا يەتكەن ؟
ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۈ ،
سىرلاپ يۇغۇرۇپ ئەتكەن .
كەتمەن چاپىپ ئاغرىپ مېنى قوللۇرۇم ،
ئوناپ ياتسام يېشىلەدۇ بويلۇرۇم .
بىر بارىپ جامالىڭڭى كۆرۆي دېسەم ،
قىزىل گۈلۈم ، ئىراق كېلىپ يوللۇرۇڭ .
خۇدا بۇرۇپ مىڭ بالىققى ئالارمەن ،
ئايىت قىلىپ مەن ئۆيۈمگە يانارمەن .
قارا شەرنى ئەگىپ چۈرۈلۈپ كەلدىم ،
خار كۆرۈنسەم ئەمدى نەرگە بارارمەن ؟
ـ رەھمەت ، بۈركۈت بوۋاي ! تېنىڭىزسالامەت بولغاي ، كۆرگىنىڭىز ھالاۋەت بولغاي !
مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن
مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zeperi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-24 10:35